ئۆزۈم ھەققىدە

…By Allah! I long to escape the prison of my ego and lose myself in the mountains and the desert…Rumi

CV (English version below)

تەرجىمىھال

قۇربانجان بارات، ئىلى ۋىلايىتى موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى خونىخەي يېزىسىدا تۇغۇلغان. 87-يىلدىن 93-يىلىغىچە كەنتلىك باشلانغۇچتا، 93-يىلدىن 99-يىلغىچە ناھىيىلىك ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇغان. 99-يىلى بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنىپ، 99-يىلدىن 2001-يىلغىچە شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەييارلىقتا ئوقۇغان. 2001-يىلدىن 2005-يىلىغىچە بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تۆۋەن ئېنېرگىيە يادرو فىزىكا ئىنستىتۇتىدا ماتېرىيال فىزىكا كەسپىدە باكلاۋىرلىقتا ئوقۇغان. 2005-يىلدىن 2007-يىلىغىچە گېرمانىيە ئۇلم شەھىرىدىكى ئۇلم ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئالاھىدە ماتېرىيال ماگىستىر پروگراممىسىدا نانو ماتېرىيال يۆنىلىشىدە ئوقۇغان. ”تۆمۈر-پلاتىن (FePt) قېتىشما نانوزەررىچىلىرىنىڭ قورۇلما پارامېتىئېرلىرىنىڭ ئوكسىدلىنىشقا بولغان تەسىرى*“ تېمىسىدىكى ماگىستىرلىق ماقالەم ئەلا بولۇپ باھالانغان. ئوقۇشنى ياخشى نەتىجىدە تاماملاپ، 2008-يىلىدىن 2013-يىلغىچە شۇ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ مىكرو ۋە نانوماتېرىئال ئىنستىتۇتىدا ”ئانتى (قارشى)-ماگنىتلىق نىكېل-مانگان ۋە ئىرىدىئۇم-مانگان نىپىز قاتلىمىسىغا كۆمۈلگەن نىكېل ۋە كوبالىت نانوزەررىچىلىرىنىڭ ئالمىشىش تەسىرى“** تېمىسىدا دوكتورلۇقتا ئوقۇغان. دوكتورلۇقنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملىغاندىن كېيىن، 2014 يىلى 2-ئايدىن باشلاپ ئەنگلىيە يورك شەھىرىدىكى يورك ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتور ئاشتىلىق تەتقىقات خىزمىتىمنى باشلىدىم. ھازىرقى تەتقىقاتىم يېرىم مېتال خۇسۇسىيىتىكى ھويىسلېر نېپىز پەردىلىرىنىڭ كىرىستال تۈزۈلۈشى ۋە ماگنىتلىق ھەم ئېلېكترلىق خۇسۇسىيەتلىرى ھەققىدە.

مۇكاپاتلار ۋە قىسمەن نەتىجىلەر:
2000-يىلى:
ئىككىنچى دەرىجىلىك ئوقۇش مۇكاپات پۇلى، شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى
2004-يىلى:
CET-6 79 : نومۇر (تولۇق نومۇر 100)
توفېل ئىمتىھانى 583 نومۇر (تولۇق نومۇر 667)
باكلاۋىرلىق ئوتتۇراچە نەتىجە: 72.6
2005-يىلدىن 2007-يىلغىچە:
DAAD ئوقۇش مۇكاپات پۇلى
2007-يىلى:
ماگىستىرلىق نەتىجە 2.3. (1-2 ئەلا، 2-3 ياخشى، 3-4 لاياقەتلىك، 5 لاياقەتسىز)، ماقالەمگە بىرىلگەن نەتىجە 1.5 (ئەلا).
2011-يىلى:
گېرمانىيىدىكى بىر قېتىملىق يىللىق ئىلمى يىغىنىدا دوكتۇر ئوقۇغۇچىلار تۈرىدە 1-دەرىجىلىك مۇكاپات.
ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تارقاتقان ”چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان ئەلا نەتىجىلىك شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش مۇكاپات پۇلى“.

2012-يىلى:
گېرمانىيە ئۇلم ئۇنىۋېرسىتېتى چەتئەللىك مۇنەۋۋەر دوكتۇر ئوقۇغۇچىلارغا بىرىلگەن ئوقۇش مۇكاپات پۇلى
2014-يىلى:
دوكتۇرلۇق ئوقۇشۇمغا بىرىلگەن خۇلاسە باھا: ”sehr gut“ (ئالاھىدە ياخشى/ ئەلا)

English version:

Place of Birth: Mong’ghulküre, Xinjiang Uyghur Autonomous Region, P. R. China

Work

2014 ~ present, Research Associate, Department of Physics, University of York, UK

Education

2008 ~ 2013, Dr.-Ing. , Nanomaterials, Ulm University, Germany

Nov. 2005 ~ Dec. 2007, M. Sc. in Nanomaterials, Ulm University, Germany

Sep. 2001 ~ Jun. 2005, B. Sc. in Material Physics, Beijing Normal University, China

Academic projects

Doctoral: Exchange coupling of Co and Ni nanoparticles to NiMn and IrMn films
Superisor: Prof. Dr. Ulrich Herr, Institute of Micro and Nanomaterials, Ulm University
Work involves: preparation of metal nanoparticles via inert gas condensation method, magnetron sputtering deposition, thermal deposition, ion etching, annealing; SEM, AFM, XRD/XRR, VSM, MOKE, MFM, XPS, PEEM and STXM characterizations.

Master’s Project: Influence of structural parameters on the oxidation behavior of FePt nanoparticles
Supervisor: Prof. Dr. Paul Ziemann, Institute of Solid State Physics, Ulm University
Work includes: preparation of metal nanoparticles via inverse micellar approach, plasma etching, annealing; XPS, XMCD, AFM characterizations.

Bachelor’s Project:. A New Method of Testing LED (part of National Semiconductor Lightning Project)
Supervisor: Prof. Dr. Dejun Han, Institute of Low Energy Nuclear Physics, Beijing Normal University

Awards

Best presentation (PhD student category), Statusworkshop 2011, Kompetenznetz Funktionelle Nanostrukturen,Badherrenalb, Germany, 2011

Scholarship for the Outstanding Xinjiang Students Studying Abroad, Department of Education of Xinjiang Uyghur Autonomous Region, 2011

ئۆزۈم ھەققىدە ئۈچۈن 41 ئىنكاس بار

  1. بىلنۇر مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم!بلوگىڭىزدىكى ئەسەرلەرنى كۆرۈپ بەكمۇ خۇرسەن بولدۇم،نۇرغۇن ياخشى ئەسەرلەر بار ئىكەن ، لېكىن بلوگ ئۇسلۇبى سەل ماسلاشماي قاپتۇ ، ئەگەر تېخنىكا جەھەتتىن قىينىلۋاتقان بولسىڭىز ، مەن ياردەملىشەي قېرىندېشىم!مۇشۇنداق خەلقىمىزگە نەپ يەتكۈزۋاتقان بلوگلار راۋاج تاپسۇن!

    • ئاچىنۇق مۇنداق يازغان:

      ۋائەلەيكۇم ئەسسالام!
      رەھمەت~~~
      بلوگ ئۇسلۇبىنى قانداق ماسلاشماپتۇ دەيسىز؟ نورمالسىزلىق بارمىكەن؟
      ئۇسلۇبقا كەلسەك، ئاددى، ئىخچام بولۇشىنى ياقتۇرىمەن. شۇنداقتىمۇ ئالدىراشلىقتىن لايھىلىگىدەك ۋاقتىم يوق بولىۋاتىدۇ. ئەگەر سىزنىڭ مۇۋاپىق لايھىلىرىڭىز بولسا، ئەلبەتتە قارشى ئالىمەن:)
      سالاملار بىلەن

    • بەگمۇراد مۇنداق يازغان:

      بەلكىم ئۇسلۇب جەھەتىىن تىخىمۇ رەڭدار قىلىشنى دەۋاتقان بۇلىشى مۇمكىن ، ئەمما ماڭا بەكلا تۇنۇش بۇپ قالدى بۇ بىكەت يىڭى تىمىلارنى قاچان چىقىدىغاندۇ دەپ جىق كىرىپ بەزىدە قۇرۇقمۇ قايتىمەن . ئەمما شۇنداق بولغىنى ياخشى ھى ھى ھى …..دائىم يىڭى يازما بۇلىۋەرسىمۇ چۇقۇم پاخال مەزمۇن بۇلۇپ قىلىش مۇمكىن. ئەمما بىلوگ دىگەننىڭ نىمىلىكىنى مۇشۇ بىلگدىن بىلدىم دىسەممۇ بۇلىدۇ. http://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_rose.gifhttp://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_good.gif

      • ئاچىنۇق مۇنداق يازغان:

        رەھمەت ئىنىم، لېكىن بەزىدە ئويلاپ قالىمەن، ئازىراق جاھانغا ماسلاشتۇرايمۇ ياكى جاھىللىق قىلىپ ئاددى ئۇسلۇبتا كىتىۋىرەيمۇ دەپ. بەرىبىر بۇ كۈنلەردە ئوڭشىغۇدەك ۋاقىت يوق. كېيىن بىر قاراپ باقارمەن.

  2. aloor024 مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم دوكتور قۇربانجان ، سىزنى تەبرىكلەيمەن!
    ماقالىڭىز «مىللىتىمىز كىملىكىنى بۇلغىماقچى بولىۋاتقان يەنە بىر شۇمبۇيا – ئۇيغۇر خىرىستئانلار» نى كۆكلەم تورىغا يوللىغاندىن كېيىن يېزىلغان ئىنكاسلاردىن سىزنىڭ بۇ بىلوگىڭىزنىڭ بارلىقىنى ئۇقتۇم ۋە خوش بولدۇم.
    ئىنشا ئاللاھ ، بۇندىن كېيىن تېخىمۇ ھال-مۇڭ بوپتۇرامىز.
    ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام

    • ئاچىنۇق مۇنداق يازغان:

      ۋائەلەكۇم ئەسسالام ئاكا! رەھمەت سىزگە. لىكىن دوكتۇر دەپ ئاتاپ سەل خىجىل قىلىپ قويدىڭىز، ئۈنۋاننى تىخى ئالمىدىم، ماقالەم تىخى ئەمدىلەتىن پۈتتى. دۇئا قىلىپ تۇراسىز دىسسىرتاتسىيەدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈشۈم ئۈچۈن:)

  3. يۇرتۇم مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم !
    ئاۋۋال تېنىڭىزگە سالامەتلىك ، ئۈگىنىشىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن . كۆپتىن بېرى سىزنى غايىۋى تونۇۋاتساممۇ ،بلوگىڭىزغا زىيارەتچى سۈپىتىدە كىرىپ تۇرساممۇ ئەزەلدىن ئىنكاس قالدۇرۇپ چىقىپ كەتمەپتىكەنمەن . بۈگۈن ئىنكاس قالدۇرۇشۇمدىكى ئاساسلىق سەۋەب ئىزدىنىشكە يازغان ئاللاھىم ،مېنى ئىنسانىيلىققا يېقىنلاشتۇرغايلا ناملىق ئەسىرىڭىزنى كۆكلەمگە يوللامدىكىن نىيەتتۇر . ئەگەر ۋاقتىڭىز بولمىسا ئۆزۈم ئاپتورىنى ئەسكەرتىپ يوللاپ قوساممۇ بولاتتى .سانسارانىڭ يازغانلىرىغا جاۋاب قىلىپ يازغان ئۇ ماقالىڭىز بەك تەسىر قىپتىكەن ئىتىراپ قىلسام . چۈنكى ئاللاھ يولىدا شۇنداق ئىزدىنىۋاتساق ،شۇنچە قۇربانلىقلارنى بىرىۋاتساق ئاللىقانداقتۇر بىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ ماتىريالىزىم بىلەن توشۇپ كەتكەن ئىدىيىسىنى بازارغا سالغىنى بەك نېرۋامغا تېگىپ كەتكەن ئاشۇ چاغدا . ئەمما ئىزدىنىشتا قىزلارنىڭ كۈچلۈكرەك كۆز قاراشتا بىر نەرسە يېزىشلىرى كۆپىنچە ھالدا يەنە بېرىپ ئايپاتەم مەسىلىسىگە تاقىلىدۇ . جىنىس پەرقنى كۈچلۈك ئايرىيدىغان ئۇ تور بەتتە قىزلارنىڭ ئېغىر بېسىق بولغىنى ، مۇستەقىل كۆز قاراشلىرىنى ئوچۇق ئىپادىلەپ كەتمىگىنى ئەۋزەل بولغاچقا جىم ئولتۇرۋالغان ۋە سۈكۈتتە تۇرىۋېلىشىم جېنىمغا ئۆتكەن ئىدى .قانداقلا بولمىسۇن شۇ چاغدا سىز پەيدا بولغان ،ئۇ ماقالىڭىز بىلەن تېگىشلىك جاۋابىنى بەرگەنتىڭىز . ۋاي كاشكى بولغان بولسا ساپسىرىق ناۋات بىلەن دەملەنگەن چاي سۇنىۋالاتتىم دەپ ئارزۇ قىپتىكەتكەنتىم .
    …..
    جېق سۆزلەپ قويدۇم .
    تېنىڭىزگە ساقلىق تىلەيمەن .
    تەن ساقلىق زور بايلىق

    • ئاچىنۇق مۇنداق يازغان:

      ۋائەلەيكۇم ئەسسالام سىڭلىم!
      ياقتۇرغىنىڭىزدىن بەكلا مەمنۇن بولدۇم. بۇ ھەم ماڭا ئىلھام بولغۇسى، ئاللاھ خالىسا داۋامىنى يىزىشنى ئويلىشىۋاتىمەن ئىشلىرىم ئازىيىپ سەل بىكار بولغاندا. يارىغان ماقالىلەرنى يوللاۋىرىڭ، ئەكسىنچە خوش بولىمەن. بەزىدە كىشىلەر بەك جىق ئاڭلاپ كەتتۇق مۇشۇنداق تەربىيەلەرنى دەپ كايىپ قويۇشىدۇ. لىكىن ھامان يىتىلۋاتقان، تىخى بىشىدىن كۆپ ئىش ئۆتمىگەن ياش ۋە ئۆسمۈرلەر يول كۆرسىتىشكە، پىكىر قىلىشقا مۇھتاج بولىدۇ. ھەم كۆپنى بىلدى دىگەن ئادەملەرمۇ ئەسكەرتىلىپ تۇرمىغاندا ئۆزىنىڭ مۇسۇلمانلىقىنىمۇ ئۇنتۇپ قالىدىغان ئىشلار بولىدىكەن. شۇڭلاشقىمۇ ھەر جۈمەدە چوقۇم مەسجىتكە بىرىپ خۇتبە ئاڭلايمىز، شۇنداق قىلىپ ئىمانىمىزنى رىمۇنىتلاپ، مۇستەھكەملەپ تۇرىمىز. شۇڭا ئويلاپ باقسام يىزىش ئارتۇقلۇق قىلمايدىكەن.

  4. قاشتىشى مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، ئىلخەت ئادىرسىڭىزنى قالدۇرغان بولسىڭىز، نانو تەخنىكىسى توغۇرلۇق سىزدىن دورايدىغان سوئالىم بار ئىدى، رەھمەت!

  5. بىلگار مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاچىنۇق ئەپەندى ، قانداق ئەھۋالىڭىز ؟
    مەن ۋەتەندىكى قېرىندىشىڭىز ، بەكتۇر تورىدىكى بىلگار بولىمەن .
    سىزگە مەسلىھەت سالىدىغان بىر ئىش بىلەن ئېلخەت يوللىدىم ، قاراپ باققان بولسىڭىز .

  6. niyazdixan مۇنداق يازغان:

    كەسپىڭىز نانو ماتېرىيال تېخنىكىسىكەندە. ئۇيغۇرچە نانو ماتېرىياللارنى تونۇشتۇرۇلغان ئوقۇشلۇقلار يوقنىڭ ئورنىدا. نانو تېخنىكىسىنى تونۇشتۇرۇپ قىسقىچە بىر پەننىي ئومۇملاشتۇرۇش ئوقۇشلۇقى يېزىشنى ئويلىشىپ باقمىدىڭىزمۇ؟

  7. ئىدىقۇت مۇنداق يازغان:

    ئەسسالام -ئەلەيكۇم !! قۇربانجان ئاكا(شۇنداق دەپ ئاتىشىمغا رۇخسەت قىلىڭ).بۈگۈن تور ئارىلاۋىتىپ تۇيۇقسىز سىزنىڭ بىلوگىڭزنى ئۇچرىتىپ قالدىم ،تېمىلېرىڭىز تۇلىمۇ مەزمۇنلۇق ،تېتىملىق ئىكەن!شۇلارنى كۆرۈپ تولىمۇ سۆيۈندۈم ،نۇرغۇن تور بىلىملېرىگە ئىگە بۇلىۋالدىم ،رەخمەت سىزگە ،سىلەردەك كىشىلىرىمىز بولغاچقا نۇرغۇنلىغان ياشلېرىمىز ئۆزىنى قايتىدىن تونۇغۇسى !!شەخسەن مەن ئۆزۈم.
    بۇنىڭدىن باشقايەنە سۇئاللىرىم بارتى ئىلخەت ئادرىسىڭىزغا يوللاپ قويسام ،ۋاقتىڭىز چىققاندا كۆرۈپ جاۋاپ بېرىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن!!
    ئاللادىن سىزگە ھەم سىزگە ئوخشاش ۋەتەن سىرتىدا ئۆز غايىلىرى ئۈچۈن ئىزدىنىۋاتقان قېرىىنداشلىرىمىزغا ئامان ئېسەنلىك تىلەيمەن!!

  8. قۇربان بارات مۇنداق يازغان:

    ياخشىمۇ سىز !
    مەن سىز بىلەن توردە ئايرىم پاراڭلىشاي دىگەن گېرمانىيەدە خېمىيە پەنلىرىدە ئاسپىراتلىقتا ئۇقۇش توغۇرلۇك (مەكتەپ تاﻻشتا قىيىنچىلىققا يۇلۇقتۇم ).مىنىڭ Skypeئادىرسىم nek809. باشقا ئاﻻقىلشىش ئادىرسىڭىز بولسا قالدۇرۇپ قۇيسىڭىز….

  9. ئەلفار مۇنداق يازغان:

    ھۆرمەتلىك تورداشلار :ماڭغا بويۇن ژۇلۇن زەخمىلەنگەنلەرنى داۋالاش توغۇرسىدىكى ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلار بولسا تەمىن ئەتسەڭلار ،گىرمانىيەدە بۇ تېخنىكا ئىلغار سەۋىيەگە يەتكەن دەيدۇ، شۇڭا چەت ئەلدىكى ۋەتەنداشلارنىڭ ياردەم قىلىپ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار بىلەن تەمىن ئېتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .

  10. Mr.President مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاغا، كەمىنە قازاقبەگدىن سىزگە ئويلۇق سالام، ئاللاھ خالىسا پات ئارىدا كۆرۈشۈپ قالىدىغاندەك قىلىمىز، سىزدىن كۆپ تەلىم ۋە بىلگى ئالغۇسىمەن ئىنشائاللاھ…

    • ئاچىنۇق مۇنداق يازغان:

      ۋائەلەيكۇم ئەسسالام ئىنىم! بەك ياخشى بولاتتى شۇنداق بولسا، كىلىدىغان ۋاقتىڭىزنى دەپ قويۇڭ، مەن شۇ بويىچە پىلان قىلىپ قويىمەن ئاللاھ خالىسا:)

  11. قادىر مۇنداق يازغان:

    ئەسسالام -ئەلەيكۇم !! قۇربانجان ئاكا(شۇنداق دەپ ئاتىشىمغا رۇخسەت قىلىڭ).بۈگۈن تور ئارىلاۋىتىپ تۇيۇقسىز سىزنىڭ بىلوگىڭزنى ئۇچرىتىپ قالدىم ،تېمىلېرىڭىز تۇلىمۇ مەزمۇنلۇق ،تېتىملىق ئىكەن!شۇلارنى كۆرۈپ تولىمۇ سۆيۈندۈم ،نۇرغۇن تور بىلىملېرىگە ئىگە بۇلىۋالدىم ،رەخمەت ، مەن بىلىۋالغانلارنى ئۆزۈم قۇرىۋالغان تور بىكەتلەرگە يوللاپ كەڭ تارقاتسام رۇخسەتمىكىن دەپ سورىشىم ئىدى، بەلكىم ئارىدىن يازمىلىرىڭىزغا سۇئال چۈشۈپ قالسا سىزنى مالال قىلىشقا مەجبۇر بولۇرمەن، رۇخسەتمۇ ؟

    • ئاچىنۇق مۇنداق يازغان:

      ۋائەلەيكۇم ئەسسالام ئىنىم! ياقتۇرغىنىڭىزدىن خوش بولدۇ. ئەلبەتتە، مەنبەنى ئەسكەرتىپ كۆچۈرسىڭىز بولىدۇ. سۇئاللا بولسا ھەم ئىمكانىمنىڭ يىتىشىچە جاۋاب بىرىشكە تىرىشىمەن.

  12. قەشقەرىم مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .مىنىڭ تولۇق كۇرۇسنى چەتئەلدە ئوقۇش ۋە ئۇرلەپ ئوقۇش ئارزۇيۇم ئېدى ،
    گىرمانىيەدە ئوقۇسام بولامۇ يائۇيەنىڭ چىقىمى بەككۆپ دەپ ئاڭلىدىم ، تولۇق كۇرۇسنى باشقا دۆلەتتە ئوقۇپ ماگىستىرلىق نى گىرمانىيەدە ئوقۇسام بولامۇ؟ سىز مۇۋاپىق بىرقەدەر ياخشى دەپ قارغان دۆلەت دىن مەسلەھەت بەرسىڭىز؟ ئاۋارە قىلدىم .

    مەن ھازىر تولۇق 2 يىللىقتا ئېژدىمدئې پەندە ئوقۇۋاتىمەن . ئىڭگىلىسچە 4 دەرجىنى ئالدىم. يەنىمۇ تىرشىۋاتىمەن. ئاخىردا ئېشلىرىڭىزغا ئۇتۇقلۇق تىنىڭىز سالامەت بولسۇن.

    uyghor@gmail。com

    • قەشقەرىم مۇنداق يازغان:

      ئالدىراش بوپ كەتكەن ئوخشىمامسىز؟http://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wink.gif

    • ئاچىنۇق مۇنداق يازغان:

      ۋائەلەيكۇم ئەسسالام ئىنىم،
      ئىجتىمائىي پەندە بولسىڭىز، مەسلىھەت بىرىش تەس بولىدۇ، ماڭا نىسبەتەن بۇ پۈتۈنلەي باشقا بىر ساھە. گىرماندا تولۇق كۇرس ئوقۇشنىڭ چىقىمى كۆپىرەك، ھەم ۋىزا ئىلىشمۇ تەس. تۈركىيە، فرانسىيە، مالايىسيە دىگەندەك دۆلەتلەر بەلكىم ياخشىراق بولۇشى مۇمكىن. كۆپرەك ئۇچۇر ئىگەللەڭ، بولوپمۇ ئىجتىمائى پەن ئوقۇغانلاردىن مەسلىھەت ئىلىڭ. سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن!

  13. ئوەۇز ئوگلى مۇنداق يازغان:

    ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ،ئاللاھتىن سىزگە سالامەتلىك ،ئوقۇشۇڭىغا ئۇتۇقلۇق تىلەيمەن ،مەن 46 ياش ،ئوگلۇم بۇ يىل تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 2- يىللىغىدا ئوقۇيدۇ،سورىسام كەسپ تاللاشتا بەك ئىككىلىنۋاتىدۇ ،تەرەققى تاپقان ئەللەردە ئوقۇتقۇم بار ئىدى ، قىممەتلىق ۋاقتىڭىزنى ئاجرىتىپ مەسلىھەت بېرەلەرسىزمۇ؟ تەببئى پەن.رەخمەت. maihesuti@163.com

    • ئاچىنۇق مۇنداق يازغان:

      ۋائەلەكۇم ئەسسالام! رەھمەت سىزگە! تەبئى پەنلەردە چەتئەلدە ئوقۇش مەنچىمۇ ئاقىلانە بىر تاللاش. بۇ يەردىكى ئەڭ مۇھىم نەرسە قىزىقىش. چۈنكى ئوقۇغانسىرى ئىشكىرلەيدىغان گەپ، ئۆز كەسپىگە مۇھاببىتى بولمىسا داۋاملاشتۇرۇش قىيىناراق بولىدۇ. مەنچە ئۆزىنىڭ قايسى پەندە ئاساسى پۇختا ھەم نەتىجىسى ياخشى بولسا شۇنى تاللىغىنى ياخشىمىكىن دەپ ئويلايمەن. ئەگەر ھەممىگە ئوخشاش قىزىقىمەن دىسە، مەن فىزىكا، بى’ئولوگىيە، كومپيۇتېر، خىمىيە پەنلىرىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

  14. كامىل مۇنداق يازغان:

    قۇربانجان ئاكا ياخشىمۇسىز ،مەن ئۆتكەن يىل تولۇق كۇرۇسنى پۇتتۇردۇم ،كەسپىم ئاپتوموبىل ئىنجىنىرلىقى ،گىرمانىيەگە بەك تەلپۇنىمەن ،ماگىستىرلىقتا ئوقۇش ئارزۇيۇممۇ بار ، گىرمانىيە گە چىقىپ ئوقۇسام قانداق شارائىتلانى ھازىرلىشىم كىرەك ، گىرمانچە ئۆگىنىپ چىقىشىم شەرتمۇ ؟ قانچىلىك ئىقتساد كىتىپ قالا؟؟ تۈركىيەگىمۇ ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىلتىماس قىلىپ قويدۇم ،ئىلتىسقا تەييارلىق قىلىۋاتىمەن …
    kemal@live.cn

    • ئاچىنۇق مۇنداق يازغان:

      ۋائەلەيكۇم ئەسسالام ئىنىم،

      مەن بۇ ھەقتە بۇرۇنقى بىر يازغىنىمدا تەپسىلى توختالغان ئىدىم. سىز ئالدى بىلەن شۇنى بىر ئوقۇپ كۆرۈڭ، يەنە سوئاللار بولسا ئاندىن سورارسىز.

      ئۇ تېمىنىڭ ئادرىسى بۇ:
      گېرمانيەدە ئوقۇش ھەققىدە
      http://achinuq.org/?p=106

  15. ھەنەفي مۇنداق يازغان:

    رەھمەت سىزگە

  16. askar مۇنداق يازغان:

    zora heytigizha mobarek bolsun.

  17. Leglek مۇنداق يازغان:

    ؟Achinuq” digen nime digen gep“

    • Leglek مۇنداق يازغان:

      Bildim:ئاچىنۇق بىر يۇرتنىڭ ئىسمى بولۇپ، ئەسلى ئارچا-نۇق ئىكەن. بۇ يۇرتتىن چىققانلارنىڭ ھەممىسىنى ھازىر ئاچىنۇقىلۇق دەپ ئاتىشىدۇ.http://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yahoo.gif

  18. ساياھەتنامە مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
    ماۋۇ بىلوگىڭىزنى تور ئارىلاۋېتىپ ئۇچرىتىپ قالغان ئىدىم، ئىچىدىكى بىر قانچە ساياھەتنامە يازمىڭىزنى سىزدىن بىر سوراق ساياھەت يانبىلوگىمغا كۆچۈرۈپ چاپلاپ قويدۇم، ئەگەر بۇنداق قىلىشقا بولمايدۇ دەپ قالسىڭىز مەن ھەممىنى ئۆچۈرىۋەتسەم بولىدۇ.
    ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇقلۇق ۋە تېنىڭىزگە سالامەتلىك تىلەپ…

  19. ساياھەتنامە مۇنداق يازغان:

    ساياھەت يانبىلوگىنىڭ ئادرېسىنى قالدۇرۇپ قويماپتىمەن، مانا يانبىلوگىمنىڭ ئادرېسى: http://sayahet.yanbilog.com/

  20. بىناۋا مۇنداق يازغان:

    سالام قۇربانجان! تور بېتىڭىزدىن قىممەتلىك ئۇچۇرلارنى كۆردۈم.
    تۈركىيەدە ئۇچراشقان يۇرتلۇق ھەدىڭىزدىن سالام!
    ئۆگۈنۈش-تەتقىقات نەتىجىلىرىڭىزنىڭ خۇشخەۋەرلىرى ئۈزۈلمىسۇن.

    • ئاچىنۇق مۇنداق يازغان:

      ئەسسالام سەلىمە ھەدە، سىزنى بۇ كۆلبەمگە قەدەم تەشرىپ قىلار دەپ ھىچ كۈتمىگەن ئىدىم. رەھمەت ئىلھام بەرگىنىڭىزگە، بەك خوش بولدۇم. تىرىشىپ كېتىۋاتىمەن ئېتىم ئورۇق بولسىمۇ :) ئىشلىرىڭىزغا تېخىمۇ كۆپ مۇۋەپپەقىيەت، تۇرمۇشىڭىزغا بەخت تىلەيمەن! يەنە كۆرۈشۈش تىلەكلىرى بىلەن…

  21. فارابى مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قۇربانجان ئاكا بۇ بىلوگنى ئېچىپ ياخشى قىپسىز مەن بەك ياقتۇردۇم ھازىر بۇ بىلوگ مەن ئۈچۈن بىر ئۈگنىش مۇھىتى بۇلۇپ قالدى ، رەھمەت سىزگە !

  22. tursunjan مۇنداق يازغان:

    aslamu alaykum ,kurbanjan aka ahwalengz yahximu ,exlerengz unguxlukmu ?
    aka
    ,man hazer 电子科技大学 ng tayyarlek da ukuwateman ,ming kalguseda ayrupilan laheyalax enjenire bulgum bar ede ,man tehe kasep talemidem ,torden ahturupmu kanaatlenarlek jawap tapalmedem,man talemakqe bulgan kasepla den ,材料科学与工程,机械化与自动化,计算机,自动化,电气工程与自动化,智能科学与工程,,生物医学工程 ,lar bar ekan ,
    kandak kasep lexemni taza belalmay kelwateman ,yul kursatsengz ,

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong> <img src="" alt="" class="" width="" height="">

https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_bye.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_good.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_negative.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_scratch.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wacko.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yahoo.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cool.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_heart.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_rose.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_smile.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_whistle3.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yes.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cry.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_mail.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_sad.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_unsure.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wink.gif