بىر سوم پىلانى

ماڭا نىسبەتەن ئەڭ ئىشەنچىلىك ھەم ئەڭ مەنىلىك ئىئانە جەمئىيتى دەل ”بىر سوم پىلانى“ دۇر. تۆۋەندىكىسى مۇشۇ پىلاننى قۇرغۇچى ئەيساجاننىڭ يىقىنقى خۇلاسىسى، كۆرۈپ بىقىڭلار. تىخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ بۇ پىلانغا كۆڭۈل بۆلىشىنى، قوللىشىنى، ھەم تەشۋىق قىلىشلىرىنى تېلەيمەن. تەپسىلاتلىرىغا، پائالىيەتلىرىگە قىزىقساڭلار، تۆۋەندىكى ئادرىستا بار:

http://bbs.izdinix.com/showForum.aspx?ForumID=94&Forumname=بىر%20سوم%20پىلانى%20مەخسۇس%20سەھىپىسى

 

بىر سوم پىلانىنىڭ 7-يىللىق خۇلاسىسى

ئەيساجان

ﺋﻪﺳﺴﺎﻻﻣﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻜﯘﻡ  ﮬﯚﺭﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ﺩﻭﺳﯩﺘﻠﯩﺮﯨﻢ  ،“ ﺑﯩﺮ ﺳﻮﻡ ﭘﯩﻼﻧﻰ“ ﻣﯧﮭﺮﯨﺒﺎﻧﻠﯩﻖ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﺵ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﺘﯩﻨﯩﯔ   ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺧﻪﻳﯩﺮ -ﺳﺎﺧﺎﯞﻩﺕ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﺵ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ   ﮬﻪﺭ ﻳﯩﻠﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻛﯜﻧﯩﺪﻩ ﺗﻮﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﭗ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺳﺎﺧﺎﯞﻩﺗﭽﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﯞﻩ ﺷﯘ ﻗﺎﺗﺎﺭﻯ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﻮﺭ ﺋﻪﮬﻠﯩﮕﻪ ﺧﯘﻻﺳﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﮕﻪ ﺋﺎﻟﺘﻪ  ﻳﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘﭘﺘﯩﻜﻪﻥ ،ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘ ﻳﯧﯖﻰ ﻳﯩﻞ ﺩﻩﻗﯩﻘﯩﻠﯩﺮﻯ، ﺳﯩﺰﻟﻪﺭﮔﻪ ﺑﯘ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ 7-ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺧﯘﻻﺳﻪ ﺑﻪﺭﻣﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭘﺘﯩﻤﻪﻥ .
2011-ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺷﻘﺎﻥ ﭘﯘﻝ :6547.86 ﺳﻮﻡ (ﺋﺎﻟﺘﻪ ﻣﯩﯔ ﺑﻪﺵ ﻳﯜﺯ ﻗﯩﺮﯨﻖ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺳﻮﻡ ﺳﻪﻛﺴﻪﻥ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺗﯩﻴﯩﻦ
)

ﺑﯘ  ﻳﯩﻞ ﻳﯩﻐﯩﻠﻐﺎﻥ ﭘﯘﻝ :30797.8 ﺳﻮﻡ (ﺋﻮﺗﺘﯘﺯﻣﯩﯔ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻳﯜﺯ ﺗﻮﻗﺴﺎﻥ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺳﻮﻡ ﺳﻪﻛﺴﻪﻥ ﺗﯩﻴﯩﻦ )

ﺑﯘ ﻳﯩﻠﻘﻰ ﺟﻪﻣﯩﺌﯩﻲ ﺟﯘﻏﻼﻧﻤﺎ ﭘﯘﻝ :

30797.8+6547.86=   37345.66 ﺳﻮﻡ (ﺋﻮﺗﺘﯘﺯ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻣﯩﯔ ﺋﯜﭺ ﻳﯜﺯ ﻗﯩﺮﯨﻖ ﺑﻪﺵ ﺳﻮﻡ ﺋﺎﺗﻤﯩﺶ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺗﯩﻴﯩﻦ )

ﺋﻪﻣﺪﻯ 2012-ﻳﯩﻠﯩﺪﺍ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﻣﯧﮭﺮﯨﺒﺎﻧﻠﯩﻖ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﺋﯚﺗﯩﻤﻪﻥ :
ﺑﯧﻴﺠﯩﯔ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯘﻧﯟﯦﺮﯦﺴﺘﯧﺘﯩﺪﺍ ﺋﺎﻳﻠﯩﻘﻰ 300 ﺳﻮﻣﺪﯨﻦ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺋﯧﻠﯩﭗ  ﺑﻪﺵ ﻳﯩﻞ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ ﻗﯩﺰ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﯛﭖ ﻏﯘﻟﺠﯩﺪﺍ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻜﻪ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﻰ .
ﺷﯩﺌﻪﻥ ﭼﻪﺗﺌﻪﻝ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺘﯘﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﭗ ﮬﻪﺭ ﺋﺎﻳﻠﯩﻘﻰ 500 ﺳﻮﻡ ﭘﯘﻝ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﻠﻤﻪﻛﺘﻪ  ،ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺋﻮﺑﯩﻜﯩﺘﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﺘﯩﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ  ﺑﻪﺵ ﻧﻪﭘﻪﺭ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺑﻮﺭﺗﺎﻻﺩﯨﻜﻰ ﺩﻭﺳﯩﺖ ﺑﯘﺭﺍﺩﻩﺭﻟﻪﺭ  ﭘﯩﻼﻧﯩﻤﯩﺰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻧﯩﺸﺎﻧﻠﯩﻖ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﻮﺳﻤﺎﻧﺠﺎﻥ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﻳﯩﮕﯩﺖ .
ﺑﯘ ﻳﯩﻞ -9ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺗﻮﺭﺩﺍ ﻣﯘﺭﺍﺟﻪﺗﻨﺎﻣﻪ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﻗﯘﺭﻟﯘﺵ ﺑﯩﻨﺎﻛﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﻪﻛﺘﯩﯟﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﭘﯘﻟﯩﻨﻰ ﺗﯚﻟﯩﻴﻪﻟﻤﻪﻱ ﺋﻮﻗﯘﺷﺘﯩﻦ ﭼﯧﻜﯩﻨﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ  ﺑﯩﺮ ﺧﻮﺗﻪﻧﻠﯩﻚ ﻗﯩﺰﻏﺎ 4000 ﺳﻮﻡ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﭘﯘﻟﯩﻨﻰ ﺗﯚﻟﻪﭖ ﺑﻪﺭﺩﯗﻕ ،ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﻩ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﺎﻻﻗﯩﺪﺭ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺑﯘ ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﭘﯘﻟﯩﻨﻰ ﮬﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻪﺭﻣﻪﻛﺘﻪ ،ﮬﻪﺭ ﺋﺎﻳﻠﯩﻘﻰ ﻳﻪﺗﻤﯩﮕﯩﻨﯩﮕﻪ ﻣﻪﻥ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﻤﻪﻥ(ﺗﯧﺨﻰ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﭗ ﺑﺎﻗﻤﯩﺪﯨﻢ )

ﺗﻮﺭﺩﺍﺷﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﺗﻪﻛﻠﯩﯟﻯ ﯞﻩ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺳﺎﺧﺎﯞﻩﺕ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺧﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻨﯩﭗ  ﺗﻮﺭ ﻳﯜﺯﯨﺪﻩ  ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﯜﭼﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻧﺎﻡ ﺷﻪﺭﯨﭙﯩﻨﻰ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﺍ ﺋﻪﻳﻠﯩﻤﻪﻳﻤﻪﻥ ،ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺑﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻏﺎ ﺗﻮﺭﺩﺍ ﭺ ﭺ ﻣﯘﯕﺪﺍﺷﻘﯘﺳﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﺳﻮﻡ ﭘﯩﻼﻧﻰ ﺋﺎﻟﺒﻮﻣﻰ ،ﮬﯧﺴﺎﺑﺎﺕ ﺧﺎﺗﯩﺮﻩ ﺩﻩﭘﺘﯩﺮﻯ ،ﺋﯩﺌﺎﻧﻪ ﺩﻩﭘﺘﯩﺮﻯ  ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﻓﻮﺗﻮ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﯩﻨﻰ  ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻤﻪﻥ(ﻛﯚﺭﯛﭘﻼ ﻗﺎﻟﻐﺎﻳﻜﻰ ،ﺗﻮﺭﺩﺍ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﭗ ﻳﯜﺭﻣﯩﮕﻪﻱ ،ﻏﻮﺭﻭﺭ ﺑﯩﺒﺎﮬﺎ ) ،ﺑﻮﺭﺗﺎﻻ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﻣﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ،ﻣﻪﻥ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﺎﺟﯩﺮﯨﺘﯩﭗ  ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﯩﻤﻪﻥ .
1.   بورتالا ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﺳﻤﺎﻧﺠﺎﻥ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﺑﯩﻤﺎﺭ ﻳﯩﮕﯩﺘﻨﯩﯔ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻛﻪﭼﯜﺭﯛﺷﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﻮﺭﺗﺎﻻﺩﯨﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﭼﺎﻳﺪﯨﻜﻰ ﻗﯩﺰﻻﺭ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺳﺎﺧﺎﯞﻩﺗﭽﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻧﯩﺸﺎﻧﻠﯩﻖ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﮬﻪﺭ ﺋﺎﻳﻠﯩﻘﻰ ﺋﯘﻥ ،ﻣﺎﻱ ،ﮔﯜﺭﯛﭺ ،ﻛﯚﻣﯜﺭ،ﯞﻩ ﺳﯜﺕ ﻛﺎﻟﯩﺴﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻨﻰ ﻗﺎﻣﺪﯨﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﭘﯘﻝ 5060 ﺳﻮﻡ . ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺋﻪﻣﮕﻪﻙ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ ﻳﻮﻕ ﺑﯘ ﺑﺎﻻ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﻪﮬﻪﻟﯩﺪﻩ ﺳﯜﺕ ﺳﯧﺘﯩﭗ ﺷﯘ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺗﯚﺕ ﺟﺎﻧﻨﻰ ﺑﯧﻘﯩﭗ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻛﻪﭼﯜﺭﻣﻪﻛﺘﻪ .
2.  بورتالا ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﯩﻚ 6-ئوتتۇرا ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻜﻰ ﻗﯩﺰ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﻪﯞﺳﯜﻣﻠﯜﻙ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﭘﯘﻟﯩﻐﺎ 400 ﺳﻮﻡ ﭘﯘﻝ ﺑﯧﺮﯨﻠﺪﻯ .
3.    ﺑﻮﺭﺗﺎﻻ ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﯩﻚ 2-ئوتتۇرا ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻜﻰ  ﻗﯩﺰ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﻪﯞﺳﯜﻣﻠﯜﻙ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﭘﯘﻟﯩﻐﺎ 400 ﺳﻮﻡ ﭘﯘﻝ ﺑﯧﺮﯨﻠﺪﻯ .
4.  توردا ﻣﯘﺭﺍﺟﻪﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺋﯜﭺ ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﻣﻪﯞﻓﯘﺋﻪﮔﻪ ﺗﻮﺭﺩﺍﺷﻼﺭ ﮬﺎﯞﺍﻟﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ 100 ﺳﻮﻡ ﭘﯘﻝ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﺪﻯ .
5.  بورتالا ﺷﻪﮬﻪﺭ ﭼﯩﻨﺪﯨﻞ ﻳﯧﺰﺍ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﻪﯞﺳﯜﻡ 600 ﺳﻮﻡ ﭘﯘﻝ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﻠﺪﻯ .
6.   ﺷﯩﺌﻪﻥ ﭼﻪﺗﺌﻪﻝ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺘﯘﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﯩﺰﻏﺎ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺸﯩﺶ ﭘﯘﻟﻰ ،ﮬﻪﺭ ﺋﺎﻳﻠﯩﻖ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﭘﯘﻟﻰ ﯞﻩ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﭘﯘﻟﯩﻐﺎ 13110 ﺳﻮﻡ ﭘﯘﻝ ﺧﯩﺮﺍﺟﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ .
7.   بۇ ﻳﯩﻞ ﻣﺎﺭﺕ ﺋﺎﻳﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﺭﺗﺎﻻﺩﯨﻜﻰ ﺗﻮﺭﺩﺍﺷﻼﺭ ﻳﯩﻐﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻮﺭﺗﺎﻻ ﺑﻪﺷﯩﻨﭽﻰ ﺩﯨﯟﺯﯨﻴﻪ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﺴﯩﺪﺍ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺷﻮﺟﯘﯕﭙﺎﯓ ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﻛﻪﻧﯩﺘﻠﯩﻚ ﻳﻮﻗﺴﯘﻝ ﺑﯩﻤﺎﺭ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﯦﮭﯩﻤﻐﺎ ﻧﯩﺸﺎﻧﻠﯩﻖ ﻳﯩﻐﯩﻠﻐﺎﻥ 1000 ﺳﻮﻡ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ .
8.   بورتالادىكى ﺩﻭﺳﯩﺘﻠﯩﺮﯨﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯩﻨﺪﯨﻞ ﻳﯧﺰﺍ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﻣﻪﻛﺘﯩﯟﯨﺪﻩ ﻧﻮﺭﯗﺯ ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﯩﻨﻰ ﺗﻪﺑﺮﯨﻜﻠﻪﺵ  ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﻗﺎﻧﺎﺕ ﻳﺎﻳﺪﯗﺭﯗﭖ ﺑﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻜﻰ ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻰ ﺑﺎﺭ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻏﺎ 1300 ﺳﻮﻡ ﭘﯘﻝ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ .
9.   ئىزدىنىش  ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻗﯩﺰﻏﺎ ﺗﻮﺭﺩﺍﺷﻼﺭ ﻧﯩﺸﺎﻧﻠﯩﻖ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ 1000 ﺳﻮﻡ ﭘﯘﻟﻨﻰ   ﺗﻮﺭﺩﯨﺸﯩﻤﯩﺰ ”ﮔﯘﺩﻻﻙ“ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﺩﯛﻡ .
10.    ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﺑﯩﻨﺎﻛﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﻪﻛﺘﯩﯟﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻰ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﻰ ﺋﻮﻗﯘﺷﺘﯩﻦ ﭼﯧﻜﯩﻨﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺧﻮﺗﻪﻧﻠﯩﻚ ﺳﯩﺘﯘﺩﯨﻨﯩﺖ ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ  ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﺪﻩ ﻣﯘﺭﺍﺟﻪﺗﻨﺎﻣﻪ ﻳﯧﺰﯨﭗ 4000 ﺳﻮﻡ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﭘﯘﻟﯩﻨﻰ ﺭﺍﺳﻼﭖ ﺑﻪﺭﺩﯗﻕ .ﯞﻩ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺑﯘ ﻗﯩﺰﻏﺎ ﮬﻪﺭ ﺋﺎﻳﻠﯩﻘﻰ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﭘﯘﻟﻰ ﻳﯩﻐﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ،ﻳﻪﺗﻤﯩﮕﯩﻨﯩﮕﻪ ﺑﯩﺮ ﺳﻮﻡ ﻏﻪﻟﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﯗﻕ .
11.   بۇ ﻳﯩﻠﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﮬﻪﭘﺘﯩﺴﻰ  ﺑﻮﺭﺗﺎﻻ ﺗﻮﻙ ﺋﯩﺪﺭﯨﺴﻰ ﺗﻪﯞﻩﺳﯩﺪﻩ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻕ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﻯ ”ﺑﯩﺮ ﺳﻮﻡ ﭘﯩﻼﻧﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻕ ﺑﻪﺩﻩﻝ ﭘﯘﻟﻰ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﭖ ،ﻧﺎﻣﯩﺮﺍﺗﻼﺭﻏﺎ  ﺋﯩﻠﻠﯩﻘﻠﯩﻖ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﺵ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﺩﯗﻕ ،200ﻧﻪﭘﻪﺭ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻕ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﭗ ﺟﻪﻣﯩﺌﯩﻲ 6272.5ﺳﻮﻡ ﭘﯘﻝ ﻳﯩﻐﯩﻠﺪﻯ ،ﺑﯘ ﭘﯘﻟﺪﯨﻦ  2400 ﺳﻮﻡ ﻧﻪﻕ ﭘﯘﻝ ،2400 ﺳﻮﻣﻐﺎ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺗﻮﻧﻨﺎ ﻛﯚﻣﯜﺭ ،834.8ﻳﯜﻩﻧﻠﯩﻚ ﺋﯘﻥ ﻣﺎﻱ ﮔﯜﺭﯛﭺ ﺋﯧﻠﯩﭗ 5634.8ﺳﻮﻡ ﭘﯘﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ  ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ،ﺑﯩﺮ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﻼﭖ ﺋﯩﻠﻠﯩﻘﻠﯩﻖ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﺩﯗﻕ .

ﺑﯘﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﺎﻧﻜﺎ ﻛﺎﺭﺗﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﺋﯘﭼﯘﺭﻯ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﯩﺘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ 36 ﺳﻮﻡ ،ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﮬﻪﻗﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ 10 ﺳﻮﻡ ،ﺗﻮﺭﺩﺍﺷﻼﺭ ﻛﺎﺭﺗﯩﻐﺎ ﺋﻪﯞﻩﺗﻜﻪﻥ  ﭘﯘﻟﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺰﺩﯨﻦ ﺗﯘﺗﯘﻟﻐﺎﻥ ﺭﻩﺳﻤﯩﻴﻪﺕ ﮬﻪﻗﻘﻰ 25.5 ﺳﻮﻡ .

 

ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ 2012-ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﭼﯩﻘﯩﻢ :

32676.3ﺳﻮﻡ(ﺋﻮﺗﺘﯘﺯ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯩﯔ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﻳﯜﺯ ﻳﻪﺗﻤﯩﺶ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺳﻮﻡ ﺋﻮﺗﺘﯘﺯ ﺗﯩﻴﯩﻦ )

ﺑﯘ ﻳﯩﻠﻘﻰ ﻛﯩﺮﯨﻢ  37345.66 ﺩﯨﻦ ﺑﯘ  ﻳﯩﻠﻘﻰ ﭼﯩﻘﯩﻢ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﭘﯘﻟﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﯟﻩﺗﺴﻪﻙ 2013-يىلىغا ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﯩﻨﻰ :

37345.66     -    32676.3=4669.36
ﮬﺎﺯﯨﺮ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﭘﯘﻝ ﺟﻪﻣﯩﺌﯩﻲ ﺗﯚﺕ ﻣﯩﯔ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﻳﯜﺯ ﺋﺎﺗﻤﯩﺶ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺳﻮﻡ ﺋﻮﺗﺘﯘﺯ  ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺗﯩﻴﯩﻦ

 

ﺑﯩﺮ ﺳﻮﻡ  ﭘﯩﻼﻧﻰ ﻛﯚﺯﻧﻰ ﻳﯘﻣﯘﭖ ﺋﺎﭼﻘﯘﭼﻪ 7ﻳﯩﻠﻨﻰ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﺋﯚﺗﯜﭖ 8-يىلىغا ﻗﻪﺩﻩﻡ ﻗﻮﻳﺪﻯ ،ﺑﯘ  ﻣﯧﮭﺮﯨﺒﺎﻧﻠﯩﻖ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﺯﯛﻟﻤﻪﻱ ﺩﺍﯞﺍﻡ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭘﯘﻝ ﻣﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ  ﻣﺎﯕﺎ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﭗ ﺋﯩﺌﺎﻧﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﮬﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﺘﯩﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺳﺎﺧﺎﯞﻩﺗﭽﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻲ ﺋﯧﮭﺘﯩﺮﺍﻡ ،ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼﺵ ﺋﺎﺳﺎﻥ ،ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺩﺍﯞﺍﻡ ﺋﻪﺗﺘﯜﺭﻣﻪﻙ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺗﻪﺱ ،ﺑﯘ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﻣﻪﻥ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯚﺭﻧﻪﻙ ﻳﻮﻕ ، ﻗﯩﺰﻏﯩﻨﻠﯩﻘﻘﺎ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﭙﻼ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ ،ﻟﯩﻜﯩﻦ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺋﯘ ﮬﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺳﻮﻡ ﭘﯩﻼﻧﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﻯ .ﻧﺎﯞﺍﺩﺍ ﻣﯩﯖﻠﯩﻐﺎﻥ 1ﺳﻮﻣﻼﺭﻧﻰ ﺋﯧﺮﯨﻨﻤﻪﻱ ﻳﻮﻟﻼﭖ ﺑﻪﺭﻣﯩﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﯕﻼﺭ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻣﻪﻥ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻳﻮﻟﺪﺍ ﭼﯧﻜﯩﻨﯩﺸﯩﻢ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﯩﺪﻯ ،ﻟﯩﻜﯩﻦ ﻣﺎﯕﺎ ﺳﯩﻠﻪﺭ ﻳﺎﺭ ﻳﯚﻟﻪﻙ ﺑﻮﻟﺪﯗﯕﻼﺭ ،ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻲ ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭﻧﻰ ،ﻗﻮﻟﻼﺵ ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻠﻪﺷﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﻳﯩﻤﺎﻱ ﻣﻪﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﺪﯨﯖﻼﺭ ،1ﺳﻮﻡ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﭽﻪ ﺋﻪﻣﻪﺱ ، ﺑﯩﺮ ﺳﻮﻡ ﭘﯩﻼﻧﯩﻨﯩﯔ 10 ﻳﺎﺷﻘﺎ ،20 ﻳﺎﺷﻘﺎ ،ﮬﻪﺗﺘﺎﻛﻰ 100ﻳﺎﺷﻼﺭﻏﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ  ﮬﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﺋﯜﺯﯛﻟﯜﭖ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ ﺩﺍﯞﺍﻡ ﺋﯧﺘﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ  ﮬﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﭽﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ،ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻴﯩﺘﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﺋﻪﻟﺒﻪﺗﺘﻪ ،ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻣﯩﯖﻠﯩﻐﺎﻥ ،ﻳﯜﺯﻣﯩﯖﻠﯩﻐﺎﻥ ﻳﺎﻧﭽﯘﻗﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺳﻮﻣﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ  ﻛﯧﺴﻪﻝ ﻛﺎﺭﯞﯨﺘﯩﺪﺍ ﺋﯩﯖﺮﺍﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺗﺎﻻﻳﻠﯩﻐﺎﻥ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ، ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﺩﻩ ﻛﯜﻧﻠﯜﻛﻰ 3ﯞﺍﻕ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻧﺎﻥ ﻏﺎﺟﺎﭖ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﯩﯖﻠﯩﻐﺎﻥ ﺳﯩﺘﯘﺩﯨﻨﯩﺘﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﻩﻟﻪﻳﻤﯩﺰ .ﺷﯘﯕﺎ ﺩﻩﻳﻤﻪﻧﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺳﻮﻡ ﭘﯩﻼﻧﯩﻨﯩﯔ ﺧﺎﺳﯩﻴﯩﺘﻰ    ﮬﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﭘﯘﻟﻨﯩﯔ ﺋﺎﺯ ﻛﯚﭘﻠﯜﻛﯩﺪﻩ ﺋﻪﻣﻪﺱ ….ﺑﯘﻧﻰ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯧﺘﻪﻟﻪﻳﺪﯗ  ﺋﻪﻟﺒﻪﺗﺘﻪ …
ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﯨﺸﯩﻢ :ﺗﻮﺭﻻﺭﺩﺍ ﻣﯘﺭﺍﺟﻪﺗﻨﺎﻣﯩﻠﻪﺭ ﺳﺎﻣﺎﻧﺪﻩﻙ ﻳﯜﺭﯛﭘﺘﯘ ،ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮﺳﯩﮕﻪ ﭘﯘﻝ ﺳﺎﻟﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﺎﻧﻜﯩﻐﺎ ﻣﯧﯖﯩﺶ ﭘﯩﻼﻧﯩﯖﯩﺰ ﺑﺎﺭﻳﯘ ،ﺋﯘ ﺋﯩﺶ ،ﺑﯘ ﺋﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﻧﻜﺎ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻦ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺴﯩﺰ ،ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﭘﯘﻟﻨﻰ ﻏﺎﭼﭽﯩﺪﻩ ﺋﺎﻏﺪﯗﺭﯨﯟﻩﺗﻜﯩﯖﯩﺰ ﺑﺎﺭﻳﯘ ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺋﯘﻧﺘﯘﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ ،ﻳﺎﻕ ،ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﯨﺸﯩﻢ ﻳﺎﻕ ،ﻛﺎﺭﺗﯩﺪﯨﻦ ﻛﺎﺭﺗﯩﻐﺎ ﭘﯘﻝ ﺋﺎﻏﺪﯗﺭﯗﺷﻘﺎ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﯞﻩ ﭘﻪﻗﻪﺕ 1ﻣﯩﻨﯘﺗﻼ  ﯞﺍﻗﯩﺖ ﻛﯧﺘﻪﺭ ،ﻛﺎﺭﺗﯩﯖﯩﺰﺩﺍ  ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﻳﯩﻠﻐﺎ  ﺋﯧﺸﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﻮﻧﺴﻮﻡ ﭘﯘﻟﻨﻰ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻣﯘﺭﺍﺟﻪﺗﻨﺎﻣﻪ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﯓ ، ﻗﻮﻟﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﻛﻪﻟﺴﻪ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﻮﺭ ﺋﻪﮬﻠﻰ ﻣﯘﺷﯘ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﯩﻨﻪﻳﻠﻰ ،ﺑﯩﺮ ﺳﻮﻡ ﺋﺎﺯ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،100 ﺳﻮﻡ ﻛﯚﭖ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﻟﯩﻜﯩﻦ  ﺗﻪﺷﻨﺎﻟﯩﻘﺘﺎ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﺷﯘ ﺑﯩﭽﺎﺭﯨﻠﻪﺭﮔﻪ ﺷﯘ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺳﻮﻡ ﭘﯘﻝ ﮬﯧﭻ ﺩﺍﻝ ﺑﻮﻻﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﻟﯩﻜﯩﻦ  ﭘﯘﻝ  ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﺋﯘﭼﯘﺭﻻﺭ ﻧﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﺷﯘ ﺑﯩﭽﺎﺭﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﻰ ﺋﺎﯞﯗﭖ ﻗﯧﻠﯩﺸﻰ ، ﺳﯚﻳﯜﻧﯜﭖ ﻗﯧﻠﯩﺸﻰ ﺋﯧﮭﺘﯩﻤﺎﻝ ،ﺷﯘﯕﺎ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ ﮬﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﻳﻠﻰ !
ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺳﯚﺯﯛﻡ ﺷﯘﻛﻰ ،ﻳﻪﻧﻪ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﺗﯩﺮﯨﺸﺎﻳﻠﻰ ،ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ،ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻣﯩﻨﻨﻪﺗﺴﯩﺰ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ 1ﺳﻮﻡ ﭘﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺟﯘﻏﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺳﻮﻡ ﭘﯩﻼﻧﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺭﺍﯞﺍﺝ ﺗﺎﭘﺴﯘﻥ ،ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯚﭖ ﺳﯩﺘﯘﺩﯨﻨﯩﺘﻼﺭ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻡ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﯛﭖ ﻳﺎﺭﺍﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ  ،ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯚﭖ ﮬﺎﺟﻪﺗﻤﻪﻧﻠﻪﺭ ﻧﯩﯔ ﮬﺎﺟﯩﺘﻰ ﺭﺍﯞﺍ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ،ﻛﯚﯕﯜﻝ ﻛﯚﯕﯜﻟﺪﯨﻦ ﺳﯘ ﺋﯩﭽﺴﯘﻥ ،ﺩﯗﻧﻴﺎ ﻣﯧﮭﺮﻯ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻜﻪ ﺗﻮﻟﺴﯘﻥ ،ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻴﻪﺕ ،ﺋﯩﻨﺎﻗﻠﯩﻖ ﮔﯜﻟﻠﯩﺮﻯ ﭘﻮﺭﻩﻙ ﺋﺎﭼﺴﯘﻥ …….
ﺑﯩﺮ ﺳﻮﻡ ﭘﯩﻼﻧﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﯩﮕﯜﭼﯩﺴﻰ :ﺋﻪﻳﺴﺎﺟﺎﻥ ﻧﯩﺰﺍﻣﯩﺪﯨﻦ ،ﺗﻮﺭ ﺗﻪﺧﻪﻟﻠﯘﺳﻰ ﯞﺍﭘﺎﺩﺍﺭﯨﻢ912
ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﯧﻠﯩﻜﺘﯩﺮ ﺗﻮﺭﻯ ﺑﻮﺭﺗﺎﻻ ﺗﻮﻙ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﭽﯩﺴﻰ
ﻳﺎﻧﻔﻮﻥ ﻧﻮﻣﯘﺭﻯ 13565777257:
ﭺ ﭺ ﻧﻮﻣﯘﺭﻯ 365199404
2012-يىللىق ﺧﯘﻻﺳﻪ ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﻣﺎﻡ ﺑﻮﻟﺪﻯ .
ﺷﻪﮪــــــــﺭﻯ بــــــــــورتالا

بىر سوم پىلانى ئۈچۈن 3 ئىنكاس بار

  1. ئەسقەر مۇنداق يازغان:

    ئالامەت ياخشى ئىش بوپتۇ بۇ،مەنمۇ ئەزا بولسام بولغۇدەك…..باشقا دوسلۇرۇمنىمۇ بۇ يەرگە دەۋەت قىلسام بولغۇدەك.

  2. ئابلىمىت مەمەت مۇنداق يازغان:

    بەك ياخشىكەن،كارتا نۇمۇرى قاتارلىقلارنى يىزىپ قۇيۇڭ.كۈڭۈلدە ئويلايدىغانلار كۆپ ،قولسىلىپ قىلىشقا تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى باردە! شۇ كىشىلەرگە كۈڭلىنى بىلدۈرۋالغىلى يول ئىچىپ بېرىپسىز.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong> <img src="" alt="" class="" width="" height="">

https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_bye.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_good.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_negative.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_scratch.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wacko.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yahoo.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cool.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_heart.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_rose.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_smile.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_whistle3.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yes.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cry.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_mail.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_sad.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_unsure.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wink.gif