بلوگىم ھەققىدە

”ئاخشاملىرى چىقىپ تالاغا،
قەلبىمنى پاك ھىسقا ئورايمەن.
مەغرىپ تامان ئۇچقان شامالنى،
ھۇزۇرلىنىپ ئۇزاق پۇرايمەن،
شەبنەم تامغان كىرىپىكلەر ئارا،
مېھرىم بىلەن ئايغا قارايمەن.
ئاسمىنىڭنى كەزگەن شۇ ئايدىن،
تۇپرىقڭنى سۆيگەن شامالدىن،
ئاھ ۋەتىنىم سېنى سورايمەن !!!!“             —-نامەلۇم ئاپتور

   

ھىسابتا بۇ مىنىڭ ئۈچىنچى بلوگىم بولۇپ قالدى. ئەڭ دەسلەپتە Blogger سۇپىسىدىن باشلىغان، كىيىن ۋەتەندە ئىچىلماس بولۇپ قاپتۇ دەپ، بلوگباسقا كۆچتۈم. كىيىنچە بلوگباسنى ئېلانغا توشتۇرۋەتتى، شۇنىڭ بىلەن چىدىماي بۇ بوشلۇققا ئۈزەم نام ئىلىپ ۋوردپرەس ئاساسىدا قۇرۋالدىم (ۋوردپرەس سۇپىسىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ كىلۋاتقان قېرىنداشلارغا سەممى رەھمىتىم بار!!!).

بۇ بلوگ ئۇسلۇبىنى ۋوردپرەس ئۆزى تەمىنلىگەن Twenty Ten ئۇسلۇبى ئاساسىدا ئۆزگەرتىپ چىقتىم. ئۈستۈدىكى رەسىمنى ۋەتەندىكى دەم ئىلىشىمدا مەھەللىدە تۇرۇپ تارتقان سۈرەتلەردىن تاللاپ Gimp دېتالىدا بىرلەشتۈرۈپ ياسىۋالدىم. ئوڭ تەرەپتىكىسى خان تەڭرى چوققىسى (7010 مىتېر ئىگىز). سول ياندىكى رەسىم كانىۋاي كۆڭلەككە چۈشۈرۈلگەن نەقىشنى Inkscape دېتالىدا ياساپ قوشۇپ قويدۇم. ئامال بار ئاددى ئىشلىدىم، سەۋەب، ئاددى بولغاندا بەتنىڭ ئېچىلىش سۈرئىتى تىزىراق بولىدۇ.

بلوگ ئىسمى ئاچىنۇق، بۇ ئىلى دەريا ۋادىسىدىكى ئانا-تەرەپ جەمەتىمىزنىڭ بۇرۇن ياشىغان يۇرت نامى. oghuzkb بولسا توردىكى ئىسمىم. بۇ نامنى ئەڭ دەسلەپتە Allempires.com دا قوللانغان، 2005-يىلدىن باشلاپ ئىشلىتىپ كىلىۋاتىمەن.

 

بۇ بلوگدىكى يازمىلارنى مەنبەنى ئەسكەرتىپ كۆچۈرسىڭىز بولىدۇ.

بۇ بلوگ ئىككىلىك كودى:

kod

kod

 

بلوگىم ھەققىدە ئۈچۈن 6 ئىنكاس بار

  1. ئارال 52 مۇنداق يازغان:

    رەھمەت سىزگە ئىلىم -پەنگە دائىر ئەڭ يېڭى ئۇچۈر بىلەن تەمىىنلەپ تۇرغىنىڭىزغا، نانومىتىر تېخنىكىسىغا
    ئائىت ھېلقى ماقالىڭىز مىنىڭ چوڭ بىر باش قېتىنچىلىقىمنى ھەل قىلغان ئىدى. يۇقارقى ماقا لىڭىزمۇ شۇنداق
    ئىسىل ئىكەن…..مەن دائىم يوقلاپ تۇرىمەن بۇيەرنى …

    • ئاچىنۇق مۇنداق يازغان:

      سىزگىمۇ ھەم رەھمەت. پۈتتۈرۈش ماقالەمنى يىزىۋاتقاچقا بىر مەزگىل كۆپ يازالمايمەن، كىينچە تىخىمۇ كۆپ يىزىشقا تىرىشىمەن!

  2. ئەلىلەر-ز مۇنداق يازغان:

    مەن غولجىدا ئوقىۋاتقان بىر تولۇق ئۇتتۇرا ئوقۇغۇچىسى. مىنىڭ شۇنداق گىرمانىيەگە يەنى مىيۇنخىنغا چىقىپ ئۇقۇغۇم بار،يامان يېرى ئانا تىلىم ۋە خەنزۇچىدىن باشقا تىلنى بىلمەيمەن ئىنگىلىسچىنىنىڭ دەسلەپكى ئوقۇش باسقۇچىدا . مىنىڭ گىرمانىيەگە قىززىقىشىم سىزنىڭكىگە ئوخشاپ قالىدۇ مەنمۇ ناتسىسلارنىڭ كىنولىرىغا قىززىقىمەن. گىرمانىيەدىكى نەۋرە ئۇكىلىرىم كەلگەندە گىرمانىيە توغۇرلۇق سوراپ زىرىكتۈر ۋىتىمەن،ماڭا يول كورسەتكەن بولسىڭىز مەن گىرمانىيەدە كۇۋانت فىزىكىسى ئۈگەنمەكچى ئىدىم .

    • ئاچىنۇق مۇنداق يازغان:

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىنىم! مەن پات-ئارىدا ۋەتەڭە دەم ئىلىشقا قايتىمەن، غۇلجىدا بىر نەچچە كۈن تۇرۇشۇم مۇمكىن. خالىسىڭىز ئېلخەت ئادرىسىمغا تېلىفون نومرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ، مەن غۇلجىغا بارغىنىمدا سىزگە تېلىفون قىلاي. مەسلىھەتىمنى كۆرۈشكەندە دېسەم تېخىمۇ ياخشى بولۇشى مۇمكىن.

  3. سارۋان مۇنداق يازغان:

    بىلوگ ئېچىپ تېما يازمايدىغان ئەدەمنى شۇ….

    مىھمان قىغۇم كەپ كىتىدۇ. «ئۇنداق قىلماي بىر نەرسە يېزىپ تۇرۇڭ» دەپ. ؛)

    • ئاچىنۇق مۇنداق يازغان:

      ماندا ئىلھام بەرسەڭلار يۈز قىزىرىپ قالىدىكەن. ئۇيقۇچىلىقتا يېزىپ تاشلىدىم بىرنىملەرنى. كۆپ رەھمەت :)

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong> <img src="" alt="" class="" width="" height="">

https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_bye.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_good.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_negative.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_scratch.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wacko.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yahoo.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cool.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_heart.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_rose.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_smile.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_whistle3.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yes.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cry.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_mail.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_sad.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_unsure.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wink.gif