قۇرۇق پاراڭلاردىن يەنە يەتتە كىلو

قۇرۇق پاراڭلاردىن يەنە يەتتە كىلو

بەكلا ئوخشىمىغان تېمىلار بار، تاللاپ ئىلغاپ ئوقارسىلەر ئوقۇپ چىدايدىغانلار

مۇندەرىجىسى:
1. مانچېستېردا پۇتبول كۆرۈش
2. كۋانت فىزىكىسى ھەققىدە ئاجايىباتلار
3. كۈن تۇتۇلۇشمۇ قىززىق ئەسلى
4. خەلقارا غەيۋەت
5. شەخسى پو گەپلەر
6. كەلگۈسىدىكى قىزىقارلىق ئىشقا ئىشىش پۈتۈنلەي مۇمكىن بولغان تەسەۋۋۇرلار
7. 2014 تىكى نوچى كىنولار

1. ئېڭگىلانددا مۇسابىقە كۆرۈش

پەقەت بېيجىڭدىكى ئالىي مەكتەپ ھاياتىمدا تۇنجى قىتىم تېلىۋزوردىن پۇتبۇل مۇسابىقە كۆرۈشكە مۇۋەپپەق بولۇپتىمەن. شۇ چاغدىلا ئىنگىلاند ئالاھىدە بىرلەشمىسىگە ئامراق بولۇپ قالغانتىم. باشقا بىرلەشمىلەرگە قارىغاندا، ئىنگىلاند كۇلۇبلىرىدىكى پۇتبولچىلارنىڭ ئۆزىنى ئۇرۇپ ئوينىشى، ھەرىكەتلىرىنىڭ قوپال بولۇشى، ھەممىدىن مۇھىمى رىتىمىنىڭ تىزلىكى مېنى بەكلا جەلىب قىلۋالغان ئىدى. ھىسابتا ئۆزەمنىڭ پۇتبۇل ئوينىشىمۇ شۇنداقىراق ئىدى. بىر قىتىم ھەتتا بىر يولداشنىڭ پۇتىنى سۇندۇرۇپمۇ قويغان ئىدىم… كىچىكىمدە تولا تام سوقۇپ زىچلىشىپ كەتكەن ئۇستىخان بولسا كېرەك، مۇنداقلا تېگىپ كەتكەنگە سونۇپ كەتسە بولىدۇ قىززىق، ئۆزى كېلىپ سوقۇلغىنى تېخى.

ئۇ چاغلاردا ئالىكس فېرگىسۇن تېرنىر ئىدى. ئۇ ئادەمنىڭ ئاچچىقى كەلگەندىكى قىپقىزىل يۈزلىرىنى كۆرسەم ئامراقلىقىم كىلەتتى. پۇتبۇل دېگەن شۇنداق ھىسسىيات بىلەن ئوينىلىشى ھەم باشقۇرلۇشى كېرەكتە. خۇددى ھازىرقى ديېخو سىمېئونې ياكى ژۇزي مورىڭۇدەك. ئەلقىسسە، شۇنىڭ بىلەن بۇ كاماندىغا ئامراق بولۇپ قالدىم. ئۇ چاغلاردا ھىچقاچان بىر كۈنلەردە نەق مەيدان مۇسابىقە كۆرەرمەن دەپ ئويلاپ باققانمۇ يوق ھازىر خاتىرلىيەلمەيمەن. شۈكرىلەر بولسۇن، بۇ يەرگە كەلگەندىن بېرى ئىككى قېتىم پۇرسەت چىقتى ھازىرغىچە. ئۆزەمچە بۇ مەۋسۈملۈك ئەزا بولىۋالدىم (بىلەت ئالماق تەسكەن بولمىسا). تۇنجى مەيدان مۇسابىقەم مانچېستىر بىلەن چېلزىنىڭ مۇسابىقىسى، ئىككىنچى مەيدان نيۇۋكاسىل بولدى. كونا ترەففورد برىتانىيەدىكى ئەڭ چوڭ پۇتبۇل مەيدانى بولۇپ، 75 مىڭ ئادەم سىغىدىكەن. ھەيران قالارلىقى، ھەر قىتىمقى مۇسابىقىدە بۇ مەيدان ئاساسەن لىق تولىدىكەن، يەنى چوقۇم 70 مىڭنىڭ يۇقۇرسىدا. بېلىتىمۇ شۇنداق قىممەت بولمىسا. كىشىلەرنىڭ قاتتىق پىكرى بار، ئامما بۇ ئەھۋال ھىچ ئۆزگىرىدىغاندەك ئەمەس. تېخى يېقىندىلا دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە 5 مىليارد فوند-ستېرلىڭلىق توختام ئىمزالىدى، ئاساسلىقى تېلىۋېزوردا تارقىتىلىش ھەققى، ئاز پۇلمۇ بۇ.

نەق مەيدان مۇسابىقىنىڭ بىر يەرلىرى يەنىلا تېلىۋېزوردا ئولتۇرۇپ كۆرگەنگە يەتمەيدىكەن. ئالاھىدە يېرى شۇ، مەيداندىكى ئاتموسفىرا. مەستانىلەرنىڭ رىتىملىق قوشاقلىرى (كۆپىنچىسى سەت گەپلەر بولىسىمۇ ناخشىدەك ئېيتىشىدۇ)، چاۋاكلىرى، ھۇۋلاشلىرى. توپ كىرگەندىكى ھاياجان، مەنمۇ ئۆزەمنى تۇتالماي شىمپانزىدەك سەكرەپ كەتتىم دېسە

بىر قارىماققا بەزى ئادەملەر پۇتبۇل ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى بەكىرەك شۇ باھانىدە ئاغىنە-بۇرادەرلىرى بىلەن مۇسابىقىدىن كېيىنكى جەم بولۇشۇپ، ئىچىشكەچ مۇسابىقى ھەققىدە لاپ ئېيتىش بولسا كېرەك (باشقا يەنە نىمە تېما بار دەيسىز، ئاددى ھاياتتا ياشايدىغان كىشىلەر ئۈچۈن، ھەممە يەردە ئوخشاش، كىشىلەر ھامان بىر خىل كۆڭۈل ئېچىشقا ئېنتىلىدۇ، دېنسىز ئادەملەر تېخىمۇ شۇ). يەنە بىر پەرقى، بۇ يەردىكى مەستانىلەرنىڭ سادىقلىقى ۋە ئەنئەنىسى. بىر ئائىلىدە ئەۋلاتمۇ-ئەۋلات بىر كوماندىغا مەستانە بولۇش. ھەتتا كىچىكىنە بالىلىرى، قىزلىرىدىن تارتىپ ئەكىرىدىكەن. يېنىمدا ئولتۇرغان بېرى بويى ئېشەك ھارۋېسىنىڭ چاقىدىنمۇ پەس ئىككى قىزىنى ئەكىرىپتۇ، ئۇلاردىكى ھاياجانغا قاراپ ئامراقلىقىم كەلدى. قايتاشىمدىكى پويزىدا بىر ئانىنىڭ ئاتايتەن كىچىك ئىككى ئوغلى بىلەن مۇسابىقىغە كەلگىنىنىمۇ كۆردۈم. بۇنداق كۆرۈنۈشلەر بىزگە ئەنئەنىنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى ۋە قىممىتىنى، گۈزەللىگىنى ھىس قىلدۇرىدىكەن.

تۆۋەندىكىسى مۇسابىقىدىن ئۈزۈندىلەر

ئەنگىليەدىكى پۇتبۇلنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى ئەڭ كۈچلۈك كوماندىلارمۇ بەزىدە ئۆزىدىن كۆپ تۆۋەن ئورۇندا تۇرىدىغان كوماندىلارغا ئۇتتۇرۇپ قويىدىغان ئىشلار بولۇپ تۇرىدۇ. مىسالەن: ھەر يىلقى FA لوڭقىسىدا دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىدىكى بەزى كۈچلۈك كوماندىلار ئۆزىدىن ئۆچ -تۆت دەرىجە تۆۋىنىدىكى بىرلەشمىلەرگە ئۇتتۇرۇپ قويىدۇ. بۇ قىتىم ئەڭ كۈچلۈك ھىسابلانغان چىلزى ئىنگلاند پۇتبۇلى 3-دەرجىدىكى نەتىجىسى ئۆز بىرلەشمىسىدە ئىزچىل ناچار بولۇپ كېلىۋاتقان برادفورد كوماندىسىغا چىلزى كۇلۇبى ستامفورد برىج مەيدانىدا شەرمەندىلەرچە ئۇتتۇرۇپ قويدى. تېخىمۇ ئېچىنىشلىق بولغىنى، ئەڭ باي كۇلۇب ھىسابلانغان مانچېستېر بىرلەشمە كوماندىسى ئۆزىدىن 76 ئورۇن تۆۋەن تۇرىدىغان كامبرىج كوماندىسى بىلەن تەڭلىشىپ قالدى. مۇسابىقىغە قاتناشقان مانچېستېر پۇتبۇلچىلىرىنىڭ يۆتكىلىش ھەققى توپلام 303.8 مىليون فوندستېرلىڭ (3 مىليارد جۇڭگۇ پۇلى)، كامبرىج پۇتبۇلچىلىرىنىڭ بولسا 0 فوندستېرلىڭ. پۇتبۇل نىمىشقا “گۈزەل (The beautiful game)” دېيىلدىغانلىقىنى مۇشۇنداق يەرلەردە كۆرۋالالايمىز. بۇنداق مۇسابىقىلەر سىزگە پۇتبۇلدا پۇلدىن باشقا قىزغىن ھاياجاننىڭ، كوماندا روھىنىڭ يەنىلا پۇلدىن ئۈستۈن ئورۇندا ئىكەنلىكىنى گۈزەل شەكىلدە كۆرسىتىپ قويىدۇ.

IMG_20141026_154603 مۇسابىقە

يەنە بىر تەرەپتىن: مەيلى قايسى كەسىپتە بولسۇن، ئوخشاش بىر ھادىسە بار، سىز يۇقۇرىغا چىققانسىرى سىزنىڭ ئالدى-كەينىڭىزدىكى كىشىلەر بىلەن بولغان ئارلىقىڭىزنىڭ بارغانچە كىچىكلەۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىسىز. ھەپتىسىگە ئۈچ يۈزمىڭ فوند-ستېرلىڭ مائاش ئالىدىغان رۇنى بىلەن 4-دەرىجىدىكى بىرلەشمىدە توپ ئوينايدىغان بىر توپچىنىڭ پەرقى ئىنتايىن كىچىك، ئەمما شۇ كىچىك پەرىق ئۇلارنىڭ كېرىمىنى ئاسمان-زىمىن پەرىقلىق قىلىپ قويغان. ئالىملارمۇ ئوخشاش، شۇ نوبېل مۇكاپاتى ئالغان ئالىملار بىلەن دۇنيادىكى نۇرغۇن ئالىملارنىڭ پەرقى پەقەت شۇ قاش بىلەن كىرپىك ئارىسىدىلا. دېمەك سىز قانچە يۇقۇرىغا ئۆرلىگەنسىرى، شوتىنىڭ ھەر بىر پەشتىقىغا يۆتكىلىش سىزدىن تېخىمۇ كۆپ تىرىشچانلىق تەلەپ قىلىدۇ، بۇ تىرىشچانلىق بەلكىم سىزنىڭ شۇ شوتىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تەرىپىدىن ھازىرغىچە كەلگەن ئورنىڭىز ئۈچۈن سەرپ قىلغان تىرىشچانلىقىڭىزدىنمۇ كۆپ بولۇشى مۇمكىن. ئۈمدسىزلەنمەڭ بۇنداق دېسەم، چۈنكى سىز ئەڭ ئاخىرقى پەشتاققا شۇنچىلىك يىقىن قالدىڭىز، كۆزىڭىزنىڭ ئۇچىدىلا.

2. يەنە كۋانىت فىزىكىسى ھەققىدە

يېقىندا فىزىكا پروفىسسورى جىم ئەل خەلىلى ئىشلىگەن، BBC دا قويغان كۋانت فىزىكىسىنىڭ سىرى دېگەن فىلىمىدە شۇنداق بىر نەرسە دىققىتىمنى بەكلا تارتتى. ئادەمنىڭ پۇراش سىزىمى ئوخشىمىغان 3 مىليارد خىل پۇراقنى پەرىقلەندۈرەلەيدىكەن (راستىمنى ئىيتسام ھازىرغىچە ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتىدۇ بۇ گەپكە). بۇنى بۇ ئادەم، ھاياتلىق دۇنياسىدىكى تېخى چۈشەندۈرۈش يېتەرلىك بولمىغان ھادىسىلەر بىلەن قوشۇپ كۋانت فىزىكىسى بىلەن چۈشەندۈرۈپتۇ. بۇ يەردىكى ئەڭ گەۋدىلىك بىر “پاكىت”، بەزى ئوخشاش پۇراقلىق ئامما مولىكولا شەكلى پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان ماددىلارنى قانداق چۈشەندۈرۈش. ئاپتور بۇنىڭ بىلەن قوشۇپ پەسىللىك قۇشلارنىڭ قانداق نىشان پەرىقلەندۈرىدىغانلىقى (بۇنى قۇشلارنىڭ ماگنىت مەيدانىنى پەرىقلەندۈرۈش ئىقتىدارى بار دەپ قارالغان، لېكىن بۇ قاراشتا تالاش-تارتىش باركەن)، قۇمچاقلارنىڭ قانداق بولۇپ تۇيۇقسىزلا پاقا شەكلىگە ئايلنىدىغانلىقى ۋە ھاياتلىقتىكى ئەڭ مۇھىم ھادېسە بولغان فوتوسېنتىز ھادىسىسىكى “سىر بولغان” ئەكسىتوننىڭ قانداق قىلىپ خلوروفىل مولىكۇلا رېئاكسىيە مەركىزىگە ئۈنۈملۈك يېتىپ بارىدىغانلىقىنى كۋانت فىزىكىسى بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك چۈشەندۈرگەن. پروفىسسور جىم ھەتتا بارغانچە رىقابەتكە ئۇچراۋاتقان دارۋېننىڭ تەدرىجى تەرەققىيات نەزەريىسىنىمۇ باشقىچە يوسۇندا (يەنى تەدرىجى تەرەققىيات نەزەريېسىگە ئوخشىمايدىغان ھاياتلىق نەزەرىيىسى) كۋانت فىزىكىسى بىلەن چۈشەندۈرۈشكە ئۇرىنىپتۇ، بەزى كىشىلەر DNA دىكى 4 خىل ئاساسنىڭ بىرلىشىشىنىمۇ كۋانت نەزەريىسى بىلەن چۈشەندۈرۈشكە تىرىشىۋېتىپتۇ.

http://www.movhunter.net/watch.php?vid=1d1ae0509

قوشۇمچە قىلىدىغىنىم: بىزگە تونۇشلۇق بولغان، ھاياتلىقنىڭ ئېنېرگىيە مەنبەسى بولغان قۇياشنىڭ (قۇياشنى قۇياش قىلۋاتقان) ئاساسى رىئاكسىيەسى بىرىكىش (Fusion) رىئاكسىيەسى بولۇپ، ئىككى ھىدروگىن ئاتومى بىرىكىپ بىر گېلىي ئاتومىنى ھاسىل قىلغاندا، غايەت ئېنېرگىيە چىقىرىدۇ (دەل مۇشۇ رىئاكسىيە ھازىر يادرو فىزىكىسىكى ئەڭ قىززىق نۇقتا بولۇپ، نۇرغۇن دۆلەتلەر كۆپلەپ مەبلەغ ئاجىرتىپ ئۈنۈملۈك بىرىكىش رىئاكسىيە قازىنى ياساشقا تىرىشىۋاتىدۇ). دەل مۇشۇ رىئاكسىيەنىڭ ئەمەلگە ئىشىشى ئۈچۈن ھىدروگېن ئاتوملىرى دەسلەپ ئېنېرگىيەگە ئېھتىياجلىق بولىدۇ. گەرچە قۇياش مەركىزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى 150 مىليون گرادۇس بولسىمۇ، بۇ ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى يەنىلا 1000 ھەسسە ئازلىق قىلىدۇ. پەقەت كۋانىت ھادىسىسى بولغان زەررىچىنىڭ ئېنېرگېيە توسىقىنى ئاتلاپ ئەمەس (كلاسسىك فىزىكىدا چوقۇم تامدىن ئاتلاپ ئۆتۈش كېرەك، لېكىن كۋانىت دۇنياسىدا تامدىن ئاتلاش كەتمەيدۇ، پەقەت سېھىرلەنگەندەك مىڭپلا ئۆتۈپ كىتىسىز، بۇنداق دېسەم سىمىز ئادەملەر بەك خوش بولۇپ كېتىشى مۇمكىن، لېكىن ماسسىسى ئىغىر زەررىچىلەرنىڭ بۇنداق ئۆتۈش ئېھتىمالى تۆۋەن بولىدۇ، شۇڭا يەنىلا ئورۇق بولغان ياخشى!)، شۇ ئاتوملار بۇ ئېنېرگىيە تېمىنى كۋانت فىزىكا پرىنسىپى بويىچە ”تىشىپ“ ئۆتۈپ كېتىدۇ ۋە رىئاكسىيە يۈز بېرىدۇ. دېمەك قۇياشنىڭ شۇنداق پارلاپ تۇرۇشى ئېھتىماللىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس! پۈتۈن كۋانت فىزىكىسى ئېھتىماللىق ماتېماتېكىسى بىلەن چۈشەندۈرۈلىدۇ.

كۋانت فىزىكىدىكى يەنە بىر “غەلىتە نۇقتا”، نۆل نۇقتا ئېنېرگىيەسى. كلاسسىك فىزىكىدا ئەگەر مەلۇم سىستېمىنىڭ تېمپىراتۇرىسى مۇتلەق نۆل گرادۇس بولغاندا، شۇ سىستېمىنىڭ ئېنېرگىيەسىمۇ نۆل بولۇشى كېرەك. ئەپسۇس، كۋانت فىزىكىسىدا، ئەڭ ئاساسى ھالەتنىڭمۇ ئېنېرگىيەسى بولىدۇ، بۇنى نۆل نۇقتا ئېنېرگىيەسى دەپ ئاتايمىز. بۇ ھەم تەجىربىدە ئىسپاتلانغان، مىسالەن گېلىينى مۇتلەق نۆل گرادۇسقا تەڭ بولاي دېگەندىمۇ گېلىي يەنىلا سۇيۇق ھالەتتە تۇرىدۇ. بۇ ئىنېرگىيە نەدىن كەلگەن؟ بۇ خىل ئېنېرگىيەنى يىغىپ ئىشلەتكىلى بولامدۇ، خۇددى يوقتىن كەلگەن ئېنېرگىيەدەك؟ بۇنى تەتقىق قىلۋاتقان گۇرۇپپىلارمۇ باركەن. (چاقچاقتەكلا ئاڭلىنىدىكەن لېكىن):D

ئىشقىلىپ كەلگۈسىدە كۋانت فىزىكىسى ئالدىرماي ھەممىنى چۈشەندۈرىدىغىنىغا ئىشىنىمەن. لېكىن نېمىشقا شۇنداق بولىدۇ، بۇنىڭغا يەنە بىر مەزگىل باش تاتلايدىغاندەك قىلىمىز نەچچە ئەۋلاتنىڭ چېچې قالمىغۇنچە.

3. ئاسترونومىيەدىكى ئاددى ئامما غەلىتە بىر ھادىسە

بەلكى نۇرغۇنلىرىڭلار كۈن تۇتۇلۇشنى كۆرگەن بولۇشىڭلار مۇمكىن. تولۇق كۈن تۇتۇلۇشنى كۆرۈش ھەركىمگە نېسىپ بولمايدۇ، شەخسى ئايرۇپىلانىڭىز ھەم ۋىزا تەلەپ قىلمايدىغان پاسپورتىڭىز بولسا كىچىك ئىش لېكىن.

بۇ يەردىكى ئەڭ غەلىتە بىر ھادىسە: قۇياش بىزدىن 150 مىليون كىلومېتېر يىراقلىقتا، ئاي بولسا 440 مىڭ كىلومېتېر يىراقلىقتا. بۇ ئىككى ئارلىق ھەم ئاي ۋە قۇياشنىڭ چوڭلۇقى قاتارلىق تۆت رەقەم شۇنچىلىك ماس كەلگەنكى، تولۇق كۈن تۇتۇلغاندا ئاي قۇياشنى تولۇق توساپ كۈندۈزنى كىچە قىلۋېتىدۇ. ئەمدى ئويلاپ بېقىڭ، ئاي يۈزىدە ياكى مارىس ۋە ياكى باشقا پېلانىتلاردا كۈن تۇتۇلۇش قانداق بولىدۇ؟ جاۋابى ئاددى، ھىچقايسسىدا يەر-شارىدەك تولۇق كۈن تۇتۇلمايدۇ. ئاللاھ ئەڭ ئۇلۇغ ماتېماتېكلا ئەمەس، بەلكى ئەڭ يۈكسەك قىززىقچى بولسا كېرەك دەپمۇ قالىمەن، شۇنداقمۇ چاقچاق قىلامدۇ ھە؟

مارس يۈزىدە كۈزىتىلگەن كۈن تۇتۇلۇش ھادىسىسى، بۇ قارا نەرسە مارسنىڭ ئايغا ئوخشاش ھەمراھى فوبۇس دېگەن گۇي شۇ

مارس يۈزىدە كۈزىتىلگەن كۈن تۇتۇلۇش ھادىسىسى، بۇ قارا نەرسە مارسنىڭ ئايغا ئوخشاش ھەمراھى فوبۇس دېگەن گۇي شۇ

4. غەيۋەت ۋە پولار

غەيۋەت قىلىش بەكلا ”تاتلىق“ ھە، ئامما ئاجايىپ چەكلەنگەن بىر ئىش دىنىمىزدا. ھەم ھىچقانداق بىر مەدەنىيەتتە مەدھىيلەنگەن نەرسە ئەمەس. ئامال بار ئىسمى جىسمىغا لايىق بىر مۇسۇلمان بولاي دەپ قەتئىي غەيۋەت قىلماسلىققا تىرىشىۋاتقىلى ئۇزۇن بوپتۇ. ھەم دەسلەپكى قەدەمدە كۆرىنەرلىك نەتىجە قازاندىم. ئاساسەن غەيۋەت قىلمايدىغان بولدۇم، ئۇزۇن بولدى، بىرەرسى بىراۋ ئۈستىدىن يامان گەپ قىلسىمۇ گەپنى ئۈزىدىغان، ياكى قارشى پىكىر قىلىپ ياخشى تەرىپىنى دەيدىغان بولدۇم. ئەگەر كىشىلەر توغىرلىق پاراڭ بولسا، ئۆزەم ياخشى كۆرگەن ئادەملەرنىڭلا گىپىنى قىلىدىغان بولدۇم، بۇنداق بولغاندا ياخشى گەپتىن باشقىسى چىقمايدۇدە گۇناھتىن يىراق تۇرىمەن ھەم مۇسبەت ئېنېرگىيە تارقىتىمەن. لېكىن مۇشۇ خەلقارا غەيۋەت قىلىشنى باشلىۋالدىم. بۇنىڭ ياخشى يېرى ئىنىق بىر ئادەم ئۈستۈدە ئەمەس، ھەم كىم كىم بىلەن تونۇشمايدۇ. لېكىن بۇ كىسەلنىمۇ تاشلاپ كىتىمەن بىر كۈنى دەۋاتىمەن ئەمدى، ئىشىنىپ تۇراسىلەر.

بۇ تەرەپلەردە ئىجارىگە ئۆي ئىزدەش ئاجايىپ باش ئاغىرىتىدىغان بىر ئىش. بۈگۈن زەپەرجان (تۈرك بالا) بىلەن ئۇنىۋېرسىتېتتىكى بىر شىركەتنىڭ ماشىنىسىغا ئولتۇرۇپ چاقماق تىزلىكتە ئۈچ ياكى تۆرت خانىلىق ئالتە ئۆينى كۆرۈپ كەلدۇق. كۆپىنچە ئۆيلەردە ئۇنىۋېرسىتېتتىكى ئوقۇغۇچىلار تۇرىدىغان بولۇپ، ئاساسەن ئىنگىلىزلاركەن، پەقەت بىر ئۆيدىلا خەڭسۇ ئوقۇغۇچىلار تۇرىدىكەن. مېنى ھەممىدىن ھەيران قالدۇرغىنى، توغىرىسى چۈش كۆرۋاتقاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ قويغىنى پەقەت شۇ خەڭسۇ ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆيىنىڭ نىسبەتەن خېلىلا پاكىز بولۇشى، قالغان ئۆيلەرنىڭ ئەخلەتخانىدەك بولۇشى بولدى. يا بۇ خەق قارىسا شۇنداق قىتىپ يۈرىدۇ، بۇ ئۆيلىرىدە قانداق ياشايدىغاندۇ دېسەم بۇ ئەقلىم ھەيران (ئائىلىسى بارلار ئۇنچىۋالا ئەمەس، بايلىرى خىلىلا پاكىز ئۆي تۇتۇدۇ دەيدۇ ئاڭلاشلارغا قارىغاندا). ئۆيلەر شۇنچىلىك مەينەت، يەرگە سېلىنغان پالازلارغا مىكروسكوپ كەتمەيدۇ، خۇددى بىرەر ئەسىر تازلانمىغاندەك. قانداق نەپەس ئالىدىغاندۇ دېدىم ئىچىمدە. ئوغۇللار بولسىغۇ مەيلى، كۆپىنچىسى قىزلار ياكى قىز-ئوغۇللار تەڭ نىسبەتتە دېگۈدەككەن. پەقەت ئۆزگىچىلىكى ئاشخانىسى بەك پۇرىمايدۇ (پاكىز بولمىسىمۇ)، مۇنۇ بەسەي ياكى جەنۇبى ئاسىيالىقلار تۇرغان ئۆيلەرنىڭ ئاشخانىسىغا يىقىن يولىغىلى بولمايدۇ ئادەتتە، پۇراقلىق خۇرۇچىلارنى بەك ئىشلىتىدىغان ھەم قورۇما تاماقنى بەك قىلىدىغان سەۋەبلىك بولسا كېرەك. شىمالى ياۋرۇپالىقلارنىڭ تامىقى بەك ئاددى، ناندەك بولكىلىرى ئارىسىغان ئۇنى-بۇنى قىستۇرۇپ يەۋىردىغان بوغانكىن. لېكىن قېرىنداشلىرىم، ھەرگىز بۇ تەرەپلىرىنى ئۆگىنىپ قالمايلى، پاكىزلىق ئىسلام ھەم ئەنئەنىمىزدۇر. بولۇپمۇ مەندەك چىچەنلىكى كىسەللىك دەرىجىسىگە قاراپ ماڭغان ئادەملەر ئۆيىڭىزگە يىقىنمۇ يولىمايدۇ. بىر ئىنگىلز ياشانغان بوۋاي-مومايلارنىڭ ئىجارە بەرگەن ئۆيىدە ئولتۇرىمەن. ئۇلار بىرىنچى قەۋەتتە، مەن ۋە بىر ئىنگىلىز، بىر سلوۋاكىيەلىك ئۈستۈدىكى قەۋەتتە. توك يولىدىن چاتاق چىقىپ بىر توكچى ئادەمنى ئىشلىتىۋاتاتتى، بۇ ئەدەم ھەممە ئۆيگە كىرىپ تىشىدىغان يەرنى تىشىپ دېگەندەك… تۈنۈگۈن كەچتە مەكتەپكە ماڭغىلىۋاتسام موماي دەرت ئىيتىپ ماڭا، ئۆينى بەك پاكىز تۇتقىنىڭغا بەك رەھمەت، ماۋۇ يان خوشناڭ مەتنى بىلىسەن، پاترون بار يەرنى كۆرۈش ئۈچۈن ئۆيىدىن ئۈچ خالتىدا ئەخلەت توشىدۇق ئامالسىز. سېنىڭدەك پاكىز بالىنى كۆرمىگەن ئىدىم، بەلكىم سېنى شۇنداق تەربىيلىگەن ئاپاڭغا رەھمەت ئېيتىشىم كىرەكتۇ دەيدۇ:) ئەمەلىيەتتە بۇ ئىككى ھەپتە يىغىن مۇناسىۋېتى بىلەن شۇنداق ئالدىراش بولۇپ، ئۆيۈم مېنىڭ نەزىرىمدە “چىدىغۇسىز” مەينەت بولۇپ كەتكەن ئىدى، موماينىڭ ئۇ سۆزلىرىگە نىمە دېيىشنى بىلمىدىم. دىنىمنى سۆيىمەن، بۇ سۆيۈشتىكى مۇھىم بىر سەۋەب دىنىمىزدىكى پاكىزلىققا بولغان تەلەپ. ئەپسۇس، بۇنى بەزى قېرىنداشلىرىمدىن يىتەرلىك كۆرمەيمەن. پۇشقىقىڭىزغا قارايدۇ، يالاڭباشتاق بولسىڭىز دوققىدە بىر دوپپىنى كىيگۈزۈپ قويىدۇ، لېكىن شۇ ئادەملەرنىڭ پۇتىدىن ياكى كېيمىدىن گۈپۈلدەپ پۇراق كېلىپ تۇرىدۇ، ناماز ئۆتەپ بولغىچە ئاران چىدايمەن. پەيغەمبەرىمىز كىشىلەرنى پىياز (ياكى سامساق خاتالشمىسام) يەپلا مەسچىتكە كىرىپ جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇماسلىقىنى، بۇنداق بولغاندا يېنىدىكىلەرنى ئارامسىزلاشتۇرۇپ قويىدىغانلىقىنى دەپتىكەن. بەلكىم كىشىلەر بارغانچە ھاللىق سەۋيەگە يەتكەنچە بۇ ئىشلارمۇ ئۆزلىكىدىن ئورنىغا چۈشەر دەپ يۈرەتتىم. لېكىن بەزى ياشلىرىمىزغا قىسمەن قەۋىملەرنىڭ ئادەتلەرى يۇققان چىراي كىشىنى ئەنسىرتىپ. توي قىلىشتىن قورقۇشۇمنىڭ بىر سەۋەبى مۇشۇ، بولغۇسى ئايالىم پاكىز بولمىسا، مېنى خۇدا ئۇرغىنى شۇ. بۇنداق دېسەم كۈلگىڭلار كىلىشى مۇمكىن، بەك پاكىز ئۆي تۇتۇشىدىن ماختىنىپ يۈرىدىغان تارانچىلارنىڭ ئارىسىدىكى ئەڭ چىچەنلىرىدىن بىرىمەن، بۇ يەردىكى سۈپەتنى بىلدۈرۈش بەزىدە قىيىن. ئۆزەمنىڭ بەزىدە نىمىشقا شۇنچىۋالا بولۇپ قالغىنىمدىن ئاچچىقىم كىلىدۇ، نىمە بۇ ئورۇق جانغا ئاز بولغاندەك دەپ…

5. ماۋۇ راست بەك پو، چىداۋېتىڭ، چىدىمىسىڭىز ساراڭلىق قىلىپ ئارغامچىغا ئېسىلىپ يۈرمەڭ… ئەسلى پو ئېتىش بەك سەت ئىش، لېكىن بۇ يەردە ئۆزىمىز يالغۇز بولغاچقا، ئۆز قېرىنداشلىرىمىزغا ماختاپ قويىدىغان بىرەسى يوق بەك ئېچىنىشلىق. شۇڭا يۈزنى داپتەك قىلىپ ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز ماختاشقا مەجبۇر بولىدىكەنمىز، بەكلا قاملاشمىغان ئىشتە بۇ… … (تەرلەپ ھەم قىزىرىپ كەتكەن چىراي)

ئەمىسە پونى باشلىدىم:
گېرمانىيەدە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا پروفېسسورىمنىڭ بىر سىنىپ ماگىستىر ئوقۇغۇچىلىرىغا ھەر ئىككى ھەپتىدە بىر مەشىق دەرىسى بىرەتتىم. مەشىق دەرىسى ھېسابىدا بولغان بىلەن، ئۈزەم بەكىرەك ھەر بىر ھېساب ئارقىسىدىكى ھىكاينى چۈشەندۈرۈپ، نىمىشقا شۇنداق بىر ھېسابلاش ياكى پەرەزنى قىلىدىغانلىقىمىزنى ئەمەلى مىساللار بىلەن چۈشەندۈرۈپ قوياتتىم. كېيىن بىلسەم مەۋسۈم ئاخىرىدا ئوقۇغۇچىلار نامسىز شەكىلدە يېتەكچىلەرنى باھالاپ چىقىدىكەن. ئەسلى بۇنى بىزگە كۆرسىتىدىغان ھۆججەت بولماستىن پەقەت پروفېسسورغا بېرەتتىكەن. بىر كۈنى پروفېسسور قائىدىنى بۇزۇپ ئوقۇغۇچىلار يازغان باھالارنى كۆتۈرۈپ كېرىپتۇ ئىشخانامغا، مېنى ماختاپ، ئوقۇغۇچىلار سەندىن بەك رازىكەن دەپ. باھالاردىن بەكىرەك كۆزۈمگە چىلىققىنى بېرىنىڭ “our tutor rocks” دېگىنى بولدى.

ئەنگىليەگە كېلىپ يورك ئۇنىۋېرسىتىتىدا ئىشلىگەندىن ياقى تەتقىقاتتىن باشقا ئوقۇتۇش ئىشلىرىغىمۇ ئارلىشىپ باقاي دەپ (ئەسلى ۋەزىپە دائىرەمگە كىرمەيدۇ)، ئالدىنقى مەۋسۇم ئىككىنچى يىللىق فىزىكا باكلاۋېر ئوقۇغۇچىلىرىغا كۋانت مىخانىكىسى ۋە قاتتىق جىسىم فىزىكىدىسىن يىتەكچىلىك دەرىسى ۋە مەشىق دەرىسى بەردىم. بەش گۇرۇپپا بالا، ھەر گۇرۇپپىدا تەخمىنەن بەشتىن ئالتىگىچە ئوقۇغۇچى بار. پەقەت بىرلا جۇڭگۇلۇق ئوقۇغۇچىدىن تاشقىرى قالغىنى ھەممىسى ئىنگىلىز. مەۋسۈم تۈگەپ ئەڭ ئاخىرقى دەرىس ۋاقتلاردا بىر نەچچە گۇرۇپپىدىن بەزى بالىلار دەرىسنىمۇ سىز ئۆتكەن بولسىڭىز قانچىلىك ياخشى بولاتتى دېيىشتى. ئەسلى دەرىسنى پروفېسسورلار ئۆتىدۇ. بىلىم بىر گەپ، بىلىمنى يەتكۈزۈش يەنە بىر گەپ، پوچىلار دەرىس ئۆتسە خېلى قاملاشتۇرىدىكەن زادى ئويلاپ باقسام. ئۇلارنىڭ گىپى ماڭا بەكلا ئىلھام بولدى، راستىنلا مۇئەللىم بولسام بولغۇدەك كەلگۈسىدە دەپ قالدىم. ھەم تۇرۇپ، كىچىك ۋاقتىمدا مەكتەپتىن يېنىپ بىنەملىكتە قوي باققاچ تاپشۇرۇق ئىشلەپ، پۈتمىگەن يېرىنى ئۆيدە جىن چىراغ ئاستىدا ئىشلەپ يۈرگەن بىر ئۇيغۇرنىڭ خەقنىڭ تىلىدا شۇ خەققە دەرىس ئۆتۈپ بۇنداق سۆزلەرنى ئاڭلىشى خۇددى ئوسكارغا ئېرىشكەندەك تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ قويىدىكەن. شۇڭا مەنمۇ دوراپ دەپ قوياي: ئىشلىرىمنى ئوڭ قىلغان ئاللاھقا، مېنى بېقىپ چوڭ قىلغان ئاتا-ئانامغا ۋە ماڭا ئۈزۈلدۈرمەي دۇئا قىلۋاتقان قەدىردانلىرىمغا رەھمەت.

6. كەلگۈسىدىكى بەزى ئىشلار

مۇشۇ ئۈچ ئۆلچەملىك پرىنتېر چىققىنى خېلى بى زامانلار بولۇپ قالدى. ئەينى چاغدا بىرى شۇ ماشىنىدا تاپانچا لايھىيلەپ سىناق قىلغىنىنى BBC مۇ خەۋەر قىلىپ، بۇنداق ئالاھىدە نەرسىنىڭ خەتىرىمۇ ئاز ئەمەسلىكىنى كۆرسەتكەن ئىدى. شۇنداق، سىز پەقەت AutoCAD كە ئوخشاش خالىغان بىر دېتالدا نىمە لايىھېلىگىڭىز كەلسە شۇنى لايىھېيلەپ، پەقەت شۇ پرىنتېرىڭىزنىڭ ئىقتىدارى يەتسىلا لايىھەرىڭىزنى پلاستىك ماتېريالدا قۇيۇپ چىقالايسىز، بۇنىسى ئەمدى يىڭىلىق ئەمەس. ئەمدى كەلگۈسىگە نەزەر سېلىپ باقايلى، 2012-يىلىلا ئالىملار پارالىچ ئادەمنىڭ مىڭە سىگنالى ئارقىلىق كومپيۇتېر ياردىمىدە سۈنئى قولنى ھەركەتلەندۈرۈش ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىنى 2012-يىلىدىكى تېخنىكىلىق بۆسۈشلەر دېگەن تېمامدا يازغان ئىدىم. ئەمدىكى گەپ، قانداق قىلىپ تەسەۋۋۇرىمىزدىكى لايىھەلەرنى، كۆرۈنۈشلەرنى مىڭە سىگنالىمىز ئارقىلىق كومپيۇتېرغا يەتكۈزۈش، كومپيۇتېر بۇ لايىھەنى ئۈچ ئۆلچەملىك پرىنتېرغا (قۇيمىچى دېسە ماس كىلەمدۇ نېمە) يەتكۈزسە، ۋاللاھى، تەسەۋۋۇرىڭىزدىكى نەرسە شۇ ھامان قولىڭىزغا چىقىدۇ. دېمەك مۇشۇنداق بىر ئىشنىڭ ئەمەلگە ئىشىشىغا بەكلا ئاز بىر ۋاقت قالدى. ئەمدى بەھۇزۇر تەسەۋۋۇرىڭىزنى قويۋېتىپ بىر ئويلىنىپ بېقىڭ، بۇ دۇنيادا نېمە ئىشلار بولۇپ كىتەر… … ھەم بىر كۈنلەردە كىنولار تەسەۋۋۇرىڭىزدا ئىشلىنىپلا چىقىدۇ، كىنوچىلىق بەلكى كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىنى ئۆز-ئارا ھەمبەھىرلىنىش بىلەن ئىشقا ئاشسا. بۇنى ئىقتىسادى نۇقتىدا ئويلىنىپ باقسا تېخىمۇ قىززىق ئىشلار بولغۇدەك. Big Hero 6 ناملىق قورچاق فىلىمدە بۇ نەرسىلەر ياخشى ئىپادىلىنىپتۇ. يەنى سىز ئىنتايىن كىچىك خۇددى چۈمۈلىلەردەك ماشىنىلارنى (بۇنى يىڭى تىپتىكى ئاكتيوتور actuator دېسەكمۇ بولىدۇ) سىمسىز سىگنال ئارقىلىق مىڭىڭىز بىلەن كونترول قىلىسىز، خىيالىڭىزدا نىمە ئويلىسىڭىز كۆز ئالدىڭىزدىلا شۇ شەكىلگە كىلىدۇ. تېخىمۇ ئالاھىدە بىر ئىش، ئالىملارنىڭ بارغانچە ھازىر ئادەم بەدىنىنى تۈزگۈچى ھەر خىل ئىقتىداردىكى مولىكۇلىلارنىڭ ئىشلەش پرىنسىپىنى چۈشىنىشى. ھازىر ئۈسكۈنىلەر تەرەققى قىلىپ بارغانچە شۇ مولىكۇلىلارنىڭ ھەركىتىنى ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق كۆرۈش ئاددىيلىشىۋاتىدۇ. تېخى يېقىندىلا دارىزبۇرىي تەجىربىخانىسىدا 3.7 مىليون فونت-ستېرلىڭ قىممىتىدىكى (37 مىليون جۇڭگۇ پۇلى) مىكروسكوپ رەسمى ئىشقا چۈشتى. بۇ مىكروسكوپتىكى ئالاھىدە بىر نەرسە، ئاتوملارنى كۆرۈشلا ئەمەس، بەلكى كۆرۋاتقان ئاتوملىرىڭىزنىڭ قايسى ئاتوم ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ بىر-بىرى بىلەن بولغان باغلىنىش ئېنېرگىيەلىرىدىن تارتىپ سىزگە كۆرسىتىپ بىرەلەيدۇ، بۇ ئۈسكۈنىدىن نۆۋەتتە پەقەت ئۈچىلا بار، ئىككىسى ئامىرىكىدا، بىرى بۇ يەردە. بىزنىڭ گۇرۇپپىمۇ بۇ ئۈسكۈنىگە ئەۋرىشكە تەييارلايمىز، شۇ سەۋەبتىن ئېچىلىش مۇراسىمىغا تەكلىپ بىلەن بېرىپ قاتنىشىپ كەلدۇق. بۇ ھەقتىكى خەۋەر ۋە رەسىملەرنى بۇ ئادرىستىن كۆرۈڭ.

IMG_20150219_092716

دارىزبۇري تەجىربىخانىسى ۋە 3.7 مىليون فوند-ستېرلىڭ قىممىتىدىكى مىكروسكوپ

دارىزبۇري تەجىربىخانىسى ۋە 3.7 مىليون فوند-ستېرلىڭ قىممىتىدىكى مىكروسكوپ

شۇنداقتىمۇ ئادەم بەدىنى يەنىلا ئاجايىپ بىر مۇرەككەپ نەرسە، 70 كىلوگرام بىر ئادەمدە 7 ئوكتىللىيون (يەنى يەتتىنىڭ ئارقىسىدا 27 دانە نۆل بار) ساندا ئاتوملار بولىدۇ. بۇ ئاتوملارنىڭ كۆپ قىسمى كاربون، بۇ كاربونلاردىن ئاياق ياساپ ساتسىڭىز 50 سومغا ئاران يارىشى مۇمكىن. لېكىن بۇ ئاتوملار باشقا ئەرزانچىلىق ئاتوملار بىلەن بىرلىشىپ پۈتۈنلەي شىفىرلانغان ھالەتتە پۈتۈن بەدىنىمىزدىكى ئۇچۇرلارنى يۈكلىگەن ئىشقارلارنى ياسايدۇ، بۇ ئىشقارلار بىرلىشىپ DNA نى ياسايدۇ، DNA، ئاقسىل ۋە كاربونھىدروكسىللار بىرلىشىپ ئاجايىپ بىر مۇرەككەپ جانلىقنى ئاپىرىدە بولىدۇ. ھازىر ئالىملار مۇشۇ DNA گە ئۇچۇر ساقلاشنى تەتقىق قىلۋېتىپتۇ. ھازىرقى قاتتىق دىسكىلار ئادەتتە 5 يىلدىن 10 يىلغىچە كاپالەت بېرىدۇ، چۈنكى ۋاقىت ئۆتكەنسىرى ئۇچۇرلار يوقىلىپ كېتىدۇ. لېكىن DNA گە ساقلانغان ئۇچۇرلار مىڭ يىللار ئۇپرىماي تۇرىدۇ، خۇددى بىز كىروران گۈزىلىنىڭ جەسىتىدىن ھەممە DNA ئۇچۇرىنى ئالالىغاندەك. تېخىمۇ ئالاھىدە يېرى بىر گرام ئىغىرلىقتىكى DNA غا 455 ئىگزابايىت چوڭلۇقىدىكى ئۇچۇر سىغىدىكەن! بىر ئىگزابايىت بىر مىليارد گىگابايىتقا تەڭ. ھازىرغىچە بولغان پۈتۈن دۇنيادىكى كومپيۇتېرلاردا ساقلانغان ئۇچۇرلارنى پەقەت تۆرت گرام DNA گە سىغدۇرغىلى بولىدىكەن. ئەمدىكى گەپ، DNA گە ساقلانغان ئۇچۇرنى قانداق قىلىپ ئوقۇغىلى بولىدىغان قىلىش. ئەگەر بۇ ئىشقا ئاشسا، بىر تال سۈنئى بارمىقىڭىزغا دۇنيادىكى ھەممە ئۇچۇرنى سىغدۇرۇپ، ھەم خالىغان ۋاقىتتا كۆرۈپ يۈرەلەيسىز دېگەن گەپ…

DNA ئ‍اتوم قۇرۇلمىسى، ساپلا ئەرزان ئاتوملاردىن تۈزۈلگەن

DNA ئ‍اتوم قۇرۇلمىسى، ساپلا ئەرزان ئاتوملاردىن تۈزۈلگەن

مەنبە بۇ:
http://www.newscientist.com/article/mg22530084.300-glassedin-dna-makes-the-ultimate-time-capsule.html#.VOpVUUJhctu

7. 2014-يىلىدىكى ياقتۇرغان كىنولىرىم

بىر نەرسە دەي، مۇشۇ كىنو كۆرۈش بارغانچە خوش ياقماس بولۇپ قالدى. مەن كىنونى ۋاقىت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن كۆرمەيمەن، چۈنكى ئۇنچىلىك ئىسراپ قىلغۇدەك ۋاقتىم يوق، ئۆگىنىدىغان نەرسىنىڭ تولىلىقىدا ۋاقت يەتكۈزەلمەي يۈرسەم. پەقەت كىنونى بىرىگە سەنئەت نۇقىسىدىن كۆرىمەن، يەنە بىرىگە كاللامنى ئېچىش ئۈچۈن. بىر ۋاقتلاردا ھەم تىل ئۆگىنىش ئۈچۈنمۇ كۆرەتتىم. لېكىن بۇ كاللا تەرەققى قىلغانسىرى بۇ كاللىغا ھوزۇر بولغۇدەك كىنومۇ قالمايدىكەن (پو دەپ چۈشەنسەڭلارمۇ مەيلى)، بەكلا ئاددى، ھوللىۋۇدنىڭ كىنولىرىمۇ ھىندىستاننىڭ كىنولىرىدەك بىلىنىدىغان بولدى ھازىر. شۇنداقتىمۇ 2014تە ياقتۇرغان كىنولار (ھېسابتا بىسىپ ئولتۇرۇپ كۆرگىنىممۇ شۇلار) تۆۋەندىكىچە:

 بۇداپىشت مىھمانخانىسى

ئاجايىپ بىر تاتلىق كىنو، قارا يۇمۇرغا تولغان، بۇ يۇمۇر ئۇدۇل بېرىپ ئرقى ئايرىمچىلىق، ناتسىزىسمغا بېرىپ تاقىلىدۇ. ئارتىسلارغا گەپ كەتمەيدۇ. بۇ يىلقى سەنئەت نۇقتىسىدىكى ئەڭ ئېسىل كىنو دەپ باھا بېرۋەتتىم.

دوراش ئويۇنى (قاملاشمىغان تەرجىمە بولدى)

بەنەدىكت كامبېربەچكە ئامراقلىقىمنى يوشۇرمايمەن. ئامما رولنى بەك ئېسىل ئاپتۇ. بىر ئالىمنىڭ ئېچىنىشلىق ھاياتى بولغاچقا تېخىمۇ تەسىر قىلدى. ئەڭ ياخشى كىنو بولۇشى كېرەك نەزەرىمدە.

 يۇلتۇزلار ئارا

تۈزۈك ۋەقەلىك يوق. ئامما بۇ فىلمدە ئەكىس ئەتكەن فىزىكا بىلىملىرى ماڭا ئوخشاش فىزىكىچىنى مەستانە قىلماي قالمايدۇ. بالا-چاقا بىلەن ئولتۇرۇپ كۆرىدىغان فىلىم تازا. كۆرۈنۈشلىرى بەكلا قىممەتلىك.

 چوڭ قەھىرمان 6

بىشىنى ئازىراقلا كۆردۈم، بالىلارغا كۆرسەتكۈدەكلا كارتۇن فىلىمكەن، تەسەۋۋۇرغا بەكلا باي، ئەڭ يىڭى تېخنىكىلىق تەسەۋۋۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئاپتۇ.

يوقاپ كەتكەن قىز

يامان ئەمەس ئىشلەپتۇ، رازۋېتكا فىلىملىرىگە قىززىققاچقىلا كۆردۈم.

 مۇتلەق فورمۇلا (ئۆزەمچىلا تەرجىمە)

ستېۋىن ھاۋكىڭنىڭ ھاياتى تەسۋىرلەنگەن. يامان ئەمەس ئىشلىنىپتۇ.

سەلما دېگەن كىنومۇ ياخشىدەك تۇرىدۇ، كېيىن كۆرەرمەن. ئابىيام ئوسكارغا نامزات بولغان كىنولار تېزىملىكىدە ئادەم ئۆلتۈرۈشنى ئويۇن كۆرىدىغان ئۇچچىغى چىققان بىر قانخورنىڭ ھاياتىنى ئەكسىنچە قەھىرمان سۈپەت تەسۋېرلىگەن فىلىم توشۇپ كىتىپتۇ، ھوللىيۋۇدقا راستىنلا ھۆ قىلغۇم كەلدى. راستىنلا نومۇس قىلىشمايدىكەن. ئەڭ كۈلكىلىك يېرى شۇ “ئۇلۇغ قەھىرمان” نىڭ ئۆز ئادىمى قولىدا ئۆز يۇرتىدا ئۆلۈشى. خۇدايىم ھوللىيۋۇدنى ھەم شۇ قان ئىچەرلەرنى زاڭلىق قىلۋاتقاندەك بىر تۇيغۇدا بولۇپ قالدىم ئۆزەمچە. مۇنداقچە ئىيتقاندا ئىسلام خەلپەتچىلىكىگە ئوخشاش بىر تۈركۈم ئۆتۈپ كەتكەن كاللىسىدا ژىرىڭى بار ساراڭلار، دەل شۇ ئامىرىكىنىڭ تۈرمىلىرىدە يىتىشكىنى بۇ ئىشلارغا بىر قارا يۇمۇر قوشىدۇ. (دىققەت، بۇ دېگەنلىك ھەرگىز بۇنى ئەمىركە ياكى ئىسرائىلىيە پىلانلاپ قىلغان دېگەندەك لاۋزا يانپاش-سۈيقەست نەزەريىلىرى ئەمەس، بەلكى تۈرمە، تۇترۇقسىز ھۆكۈمەت ۋە ئىشغاليەتچىلىك ئۇرۇش مۇھىتى شۇنداق كىشىلەرنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇپ پلان تۈزىشىگە سەۋەب بولۇپ قالغان، خۇددى ماۋۇ ماقالىدە يېزىلغىنىدەك: ئۇلىنىش بۇ يەردە)

ۋاي بولدىلا، مەشەگىچە يازاي. ماي ئۆي پەقەت ئىسسىمىدى، چىقىپ بىر چاي قاينتىپ كىرەي. روھىم ئوتتەك ئىسسىق بولغىنى بىلەن، ما قېنىم ئاجايىپ مۇزدەك. بۇ ياۋرۇپالىقلار بەك پىشىت، ئېنېرگىيە تىجەيمىز دەپ پارنى بەك ئاز ئاچىدۇ، شۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ مۇزلايمەن (ھىلىمۇ تالا تىمپىراتۇرا 5 گرادۇس بولغىنى). گېرماندىكى ئەكرەمجانغا شۇنداق قاخشىسام ئۇمۇ قۇۋەتتلەپ، شۇ ئاكا، ۋەتەنگە بىرىپ ئۆيدە تەلەپ ئولتۇرۇپ گىرماندا ئۆيدە كىيىم بىلەنمۇ مۇزلاپ ئولتۇرىمىز دېسەم، چوڭلار، ۋاي سىلەرگە نىمە كۈن، بىر ئۆيۈڭدە تەلەپمۇ ئولتۇرالمىساڭ بىزدەك دەپتۇ. ماڭا بەك قىززىق تۇيۇلدى، سىلەرگە قىززىق تۇيۇلمىدىما؟ (ئاغزىغا خام پىياز چىشلەپ ئۇخلاپ قالغان چىراي) (ماندا دېسەم بۆرىكىڭىز ئاجىزكەن دەپ لاۋزا پاراڭ قىلماڭلار، مۇشۇ تىبابىتىمىزدە نىمىلا ئىش بولسا بۆرەككە ئارتىپ قويىدىغان ئىش بار، گەرچە كۆپ يەرلىرىگە ئىشەنسەممۇ. ئادەتتە بەدەننىڭ ئىسسىق بولۇشى قان بىلەن بولىدۇ، قان تىز ئايلانسا ھەم كۆپ بولسا بەدەن ئىسسىق بولىدۇ. قاننى تىز ئايلاندۇرۇش يۈرەككە باغلىق، قاننىڭ ئاز ياكى كۆپ بولۇشى ئۇستىخاندىكى يىلكنىڭ قان ھۆجەيرىسى ئىشلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۆرەك پەقەت قاننى سۈزىدىغان بىر ئەزا، يەنى قاندىكى زەھەرلىك ماددىلارنى تازلايدۇ). يولداشلارغا قاراپ بىقىڭلار، تارىخى رەسىملەرنى، تۈزۈك گۆش يىمىگەن، پۇلاڭلاپلا تۇرغان شۇ ئورۇق ئىنسانلار قانداق قىلىپ بىردەمدىلا 1 مىليارد 400 مىليون بولدى؟

Oghuzkb

York

بۇ يازما ئۇنىۋېرسال كاتېگورىيىسىگە يوللانغان ھەم , , , , , دەپ خەتكۈشلەنگەن. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈشلىۋېلىڭ.

قۇرۇق پاراڭلاردىن يەنە يەتتە كىلو ئۈچۈن 6 ئىنكاس بار

  1. غورو مۇنداق يازغان:

    قۇربانجانكا ماۋۇ ئۆگۈنۈش بېسىمىدا شۇنداق چارچىغانغا بۇ «قۇرۇق پاراڭلار»ىڭىز شۇنداق خوشياقتى جۇمۇ!

    بىلوگىڭىز بىلەن گىرمانىيەگە كېلىشتىن خېلى بورۇن تونۇشقانتىم، گىرمانىيەگە بارغاندا كۆرۈشۈس نېسىپ بولا دەپ ئويلىغان، ئەپسۇس، ئېڭلاندغا كېتىپ قاپسىز ئەمەسمۇ (مەيۈسلەنگەن چىراي ئىپادىسى)!

    • ئاچىنۇق مۇنداق يازغان:

      رەھمەت ئىنىم ياقتۇرغىنىڭىزغا. ئوقۇشلار ياخشىمۇ؟ بەلكى كۆرۈشۈپ قىلىشىمىز مۇمكىن بىر كۈنلەردە ئاللاھ خاھلىسا :)

  2. شەبنەم مۇنداق يازغان:

    ‏يەنە بولماپتىغۇ http://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wacko.gif ،ئاۋال يۇقۇردىكىلەرنى ئۈچۈرۋىتىڭ ، كىيىن يوللاي،مەزمۇن سەل كۆپ ئىدى ،شۇ سەۋەبتىنمۇ ياكى تور ياخشى ئەمەسمۇ ھىچ بىلەلمىدىمhttp://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_scratch.gif

  3. ئېھسان مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئېلخەت ئادرىسىڭىزنى قالدۇرۇپ قويىڭە! @ ئاچىنۇق

  4. سۈبھى مۇنداق يازغان:

    ئەسسالام ئەلەيكۇم،
    بىزنىڭ بۇ يەردە بۈگۈن تۇلۇق كۈن تۇتۇلۇشنى كۈرەلىگۈدەكمىز ،يازغانلىرىڭىزنى ئوقۇپ تېخىمۇ ئېنىق چۈشەندىم .

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong> <img src="" alt="" class="" width="" height="">

https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_bye.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_good.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_negative.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_scratch.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wacko.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yahoo.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cool.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_heart.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_rose.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_smile.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_whistle3.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yes.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cry.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_mail.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_sad.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_unsure.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wink.gif