دىن ۋە مىللەت ھەققىدە قىستۇرما

ئالدى بىلەن ئوقۇرمەنلىرىمدىن ئەپۇ سورايمەن. بۇ تېمىنى بەكلا كېچىكتۈرۋەتتىم. ئاساسلىقى بۇ يىڭى يىلدىن بېرى تېخىمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتتىم. ھايات تىز بىر رىتىمدا ئۆتۈۋاتىدۇ.

1. ”ئىلىم پەن بارغانچە خۇدانى ياقىلاۋاتىدۇ“ دىن چاچما پاراڭلار

ماقالە ئادرېسى:

http://www.wsj.com/articles/eric-metaxas-science-increasingly-makes-the-case-for-god-1419544568

بۇ خېلىلا نوپۇزلۇق ۋول كوچىسى ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالە ئىكەن. ماقالىدىكى ئىدىيە ماڭا خىلى ياراپ قالدى. ئاساسلىق دېمەكچى بولغىنى گەرچە ھازىر بىز ئالەمنىڭ ئىنتايىن چوڭلۇقىنى، يەر-شارىغا ئوخشاپ كېتىدىغان پلانىتلارنىڭمۇ ئىنتايىن كۆپلۈكىنى بىلسەكمۇ، ئىنساننىڭ ياشىشى مۇۋاپىق كېلىدىغان شەرت-شارائىتنىڭ پىشىپ يېتىلىشى ئۈچۈن 200 دىن ئارتۇق پارامېتىر (شەرت) ھازىرلانغان بولۇشى كېرەك. يەر شارىنىڭ مۇشۇ شەرتلەرنىڭ ھەممىسىگە چۈشۈشىلا بىر ھەيران قالارلىق نەرسە ئەمەسمۇ؟! ئاپتور بۇنى 50 يىل ئالدىكى ئالىملارنىڭ ئىنساننىڭ ياشىشى ئۈچۈن يەر-شارى 4 ياكى 5 خىل شەرتنى ھازىرلىشى لازىم دېگەندىن كۆپ ئۆزگەرگەنلىكىنى قەيت قىلىدۇ. يەنى بىز دۇنيانى ۋە ئالەمنى چۈشەنگەنچە يەر-شارىدەك بىر پىلانىتنىڭ ئاپىرىدە بولۇپ ئىنساندەك بىر ھاياتلىقنىڭ بارلىققا كېلىشىگە زۆرۈر بولغان شەرتلەرنىڭ بارغانچە كۆپ بولىدىغانلىقىنى ھەيرانلىق ئىچىدە ھېس قىلماقتىمىز.

ئەلۋەتتە، پەقەت مۇشۇ خىل ئاساس بىلەنلا لوگىكىلىق يەكۈن چىقىرالمايمىز، شۇڭلاشقىمۇ بۇ ماقالە ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن باشقا مەتبۇئاتلاردا رەددىيە ماقالىلىرى يېزىلىپتۇ. ھېسسىياتنى ئەمەس، پەقەت لوگىكىنى ئاساس قىلىدىغان ئالىملارنى ئېتىراپ قىلغۇزۇش ئۇنداق ئاسان ئەمەس. بىز ئۈچۈن ھەم ئۇلارنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ پىكىر قىلغاننىڭ زېيىنى يوق. چۈنكى ئىسلام دېنى رەددىيەنى ئېتىراپ قىلالايدىغان دىندۇر. قۇرئاندىكى مۇنۇ قۇرلارلار بۇنى ئىسپاتلايدۇ: “ Bring forth your proof if you are truthful .“ [سۈرە ئەل-باقارا: 111]. ھازىر كۆپىنچە كىشىلەر ئىسلامنىڭ باشقا دىنلارنى ئۆزىگە سىغدۇرالمايدىغان تەرىپىنى بەكىرەك چالۋاقايدۇ. ئەگەر مىسال ئېلىپ كەلسەك بۇنىڭغا قارشى يېتەرلىك ئىسپات بار. يازىدى كۇرتلىرى ئىسلام ئېمپىريېسىنىڭ يۈرىكىدە تۇرغان بولسىمۇ ئۆزىنىڭ قەدىمى دىنىنى 1400 يىلدىن بۇيان ساقلاپ كەلگەن. پەقەت يېقىندىلا ئۇلار تۇنجى قېتىم ISIS تەرىپىدىن قىرغىن قىلىندى. مەيلى باغداد، مەيلى قاھىرە، مەيلى دەمەشقتە بولسۇن كوپتىك خرىستىئانلار 2000 يىلدىن بۇيان دىننى ساقلاپ كېلەلىدى، ھەتتا يەھۇدى دۆلىتى قۇرۇلماستىن بۇرۇن پەلەستىندە ئىنتايىن ئاز ساندىكى ياۋروپاغا كۆچمەي قىلىپ قالغان يەھۇدىلار ئۆز پىتى ياشاپ كەلگەن، ھەتتا شۇ تاپتا ئىراندىمۇ يەھۇدىلار ئۆز دىنى بىلەن ياشاپ كەلمەكتە. لېكىن شۇ يەھۇدىيلار ياۋروپادا قانچىلىك قىرغىنغا ئۇچرىدى؟ ھىتلىر 6 مىليوننى قىردى، ئۇنىڭدىن بۇرۇن ياۋروپادا بولۇپمۇ فرانسىيىدە يەھۇدىيلارغا قارشى تالاي قېتىم قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىلغان، ھەتتا ئەنگىلىيىنىڭ مەن تۇرغان يورك شەھىرىدىكى كىلىففورد مۇنارىمۇ مىڭ يىل ئىلگىرىكى يەھۇدى قىرغىنچىلىقىنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە ئىسپات بولۇپ تۇرۇپتۇ. ئەپسۇس، ھازىرقى ئىسپانىيىدە ئەرەب ئىمپېرىيىسى تەسىرىدە مۇسۇلمان بولۇپ ياشاۋاتقان ئىسپانلار ئەرەبلەرنىڭ كېتىشى بىلەن باشقا دۆلەتلەردىكى خرىستىيان كۈچلەرنىڭ قەتلىئامىغا ئۇچرىدى، ھەم ئېتىقادىنى مەجبۇرى ئۆزگەرتتى.

ئەمەلىيەتتە، ئۆمەر ھەييام زامانىسىدىلا ئىسلام زىيالىيلىرى ئارىسىدىكى خەت ئالاقىلىرىدىلا دىن ھەققىدىكى تېمىلار ئىنتايىن ئوچۇق بىر پىكىردە مۇزاكىرە قېلىنغان. ئۆزلىرىنىڭ دىن ھەققىدىكى گۇمانى قاراشلىرىمۇ ئېنىق ئىپادىلەنگەن. (بۇنى BBC نىڭ In Our Time پروگراممىسىدىن ئاڭلىدىم: http://www.bbc.co.uk/programmes/b043xpkd ئۆمەر ھەييامنىڭ ئىنگىلىز ئەدەبىياتىغا بولغان تەسىرى زور دەپ قارىلىدىكەن) كېيىنمۇ داۋاملىق پەلسەپىۋى قاراشلار داۋاملىق يېڭىلىنىپ بارغان. ئەپسۇس، ئەنگلىيە مۇستەملىكىسىگە قارشى كۈرەشلەر، ئۇنىڭدىن كېيىن چىققان پەلەستىن-ئىسرائىل توقۇنۇشى، ھەم ئىسرائىليەنىڭ زىيادە زومىگەرلىكى ۋە ب د ت نىڭ ھۆكۈمىگە قارشى ئۇرۇش قوزغاپ، خوشنىلىرىدىن بىرمۇنچە يەرلەرنى يۈتىۋېلىشى، كېيىنچە بولغان ئافغانىستان ئۇرۇشى قاتارلىقلار ئەپسۇسلىنارلىق شەكىلدە ئىسلامنىڭ بارغانچە قانلىق كۈرەشنىڭ ئادۋۇكاتىغا ئايلىنىپ قىلىشىغا، ھەم بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بىر ساراڭ تىرورىست ئادەم ئۆلتۈرسە ھەممە مۇسۇلمان ئۆزىگە ئېلىپ خۇدۇكسۈرەيدىغان كۈلكىلىك بىر ۋەزىيەت شەكىللىنىپ قالدى.

ئەگەر، شۇ ئوتتۇرا شەرقتىكى كۆپ قىسىم دۆلەتلەر ئىسلام دىنىدا بولماي، باشقا بىر دىندا، ياكى دىنسىز بولسىمۇ، شۇنداق مۇستەملىكە ھەم زومىگەرلىك تەسىرىدە ئوخشاش بىر نەتىجە چىققان بولاتتى. مۇنداقچە ئېيتقاندا سىياسىينىڭ قانداق بولۇشى، سىياسى مۇناسىۋەتلەرنىڭ تەسىرى كىشىلەرنىڭ قانداق بولۇشىدا بەلگىلىگۈچى ئورۇندا تۇرىدىكەن. ئەمەلىيەتتە ئىنسانىيەت تارىخىدا ياۋروپادا يۈز بەرگەن ئىككى قېتىملىق ئۇرۇشتەك كەڭ دائىرلىك قىرغىنچىلىق بولمىغان (ئىككى قېتىملىق ئۇرۇشتا تەخمىنەن 97 مىليون ئادەم ئۆلگەن). بۇنىڭدىن ئارتۇق ساراڭلىق بولامدۇ؟ 100 يىل ئۆتمەيلا شۇ كىشىلەر خەقلەرنى باھالاپ ئولتۇرسا كىشىگە كۈلكىلىك تۇيۇلىدىكەن، 97 مىليون ئادەم دىن ئۈچۈن ئەمەس بەلكى ئىنسان نەپسى ئۈچۈن جان بەردى. بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئوخشاشلا ئىنسان نەپسى ھەممە قان تۆكۈلۈشلەرگە سەۋەبچى، قالغاننىڭ ھەممىسى باھانە.

خۇددى قايسىبىر تۈركىيەلىك دوكتۇرنىڭ TED مۇنبىرىدە سۆزلىگىنىدەك، مەككىدە ھەج قىلىنغاندا، كەئىبىنى ئايلانغاندا ھېچقانداق مىللەت، جىنىس ئايرىلماي ھەممە ئادەم تەڭ ئايلىنىدۇ. ئىسلامنىڭ يۈزىگە ياخشى مىسال شۇ بولۇشى كېرەك. شەكسىزكى، ئىسلام دىنى ئۆزىدە ئرقى ۋە جىنسىي كەمسىتىش بولمىغان ئەڭ ئىنسانىي پرىنسىپلارغا چۈشىدىغان بىر دىندۇر. يەنە جىق سۆزلەپ كەتتىم، كەچۈرۋېتڭلار.

قىسقىسى، بۇ قېتىمقى فرانسىيىدە يۈز بەرگەن ۋەقە كۆپ كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتتى، ھەم تالاش-تارتىشلارمۇ ئاز ئەمەس. ئەلۋەتتە مەن ھەرقانداق خىلدىكى ئادەم ئۆلتۈرۈشنى ئەيىپلەيمەن ھەم قارشى تۇرىمەن. ھەتتا پەيغەمبەرىمىزنى ھەجۋى قىلىپ سىزسىمۇ كارىم يوق (مەنچە پەيغەمبەر ھايات بولسىمۇ كۈلۈپلا قويغان بولاتتى)، مەن ئۇ ژۇرنالنى ئالمىساملا بولىدۇ ياكى ئوخشاش ئۇسلۇبتا ئۇلارنى زاڭلىق قىلسام بولىدۇ. لېكىن مەن ھەرگىز بۇ (شۇ ۋەقە) سەۋەبلىك ئۆزەمدە مەسئولىيەت ھېس قىلمايمەن، كوچىغا چىقىپ ئىسلامنى ”مەن چارلى“ دەپ ئاقلاپمۇ ئولتۇرمايمەن ھەم ئۇلارنى ئىسلام بىلەن باغلاپ، دىنىمىزنىڭ ئابرۇيىغا دەز تەگكۈزدى دەپ تىللاپمۇ ئولتۇرمايمەن. پەقەت نورۋېگيەلىك بېرۋىك 97 ئادەمنى ئۆلتۈرگەندە قانداق كەيپىياتتا بولغان بولسام شۇنداق كەيپىياتتا، ھەم شۇنداق ئوخشاش بىر ئىنسانىي ئورۇندا تۇرۇپ ئەيىپلەيمەن. ئەگەر بىراۋ شۇ ۋەقە سەۋەبلىك ھەم مېنىڭ مۇسۇلمان بولغىنىم ئۈچۈن مېنى ھەم دېنىمنى ھاقارەتلىسە بۇنى پەقەت شۇ ئادەمنىڭ دۆتلۈكى دەپلا چۈشىنىمەن. ئارتۇق گەپ ئېشەككە يۈك (ئۆزۈمنى ئېشەك دېمەكچى ئەمەسمەن، لېكىن مەھەللىدىكى يۇۋاش ھەم بىغەم ئېشەكلەرنى سىغىنىپ قالىدىغىنىم ھەق راست).

2. تېما: بايقۇش ئۇيغۇر سۆزى

نۇرغۇن كىشىلىرىمىزدە مۇنداق بىر ئادەت بار، نېمىلا ئىش بولسا ئۇيغۇر سۆزىگە چاپلايدىغان، بۇ ئادەت زادى قاچان باشلانغان ماڭا قاراڭغۇ، ئامما ئۈندىداردىكى مەزمۇنلارغا قارىغاندا ھازىر بەك مودېكەن. قەدىرلىك گۈلەن نۇرغۇن ئېسىل يازمىلىرى بىلەن مۇشۇ تەرەپنى بىزگە چۈشەندۈرگەن ئىدى، لېكىن بەزى كىشىلەرگە ھىچ نەرسە سىڭمىسە كېرەك، بەلكى ئۇلار ئوقۇمىدى، ئوقۇسىمۇ چۈشىنىپ ئوقۇمىدى بولغاي. بۇ ئۇيغۇر سۆزى ھېلىمۇ ھارمىدى، نېمە دېگەن كۆپ دۈشكەللەش، مەسخىرە قىلىش، ۋايساش، تەنبىھلەر بۇ. ئەسەرلەردىمۇ شۇ، كىشىلەرنىڭ ئاغزىدىمۇ شۇ، ۋەتەندىمۇ شۇ، چەتئەلدىمۇ شۇ. شۇڭلاشقىمۇ بۇ «ئۇيغۇر» سۆزىگە بىر خىل ئىچىم ئاغرىپ قالدى.

يېقىندا ماڭا ھەممىدىن تەسىر قىلغان ئىش ئەل سۆيگەن بوكىسچىمىز ئابدۇراھماننىڭ ۋاپاتى بولدى (ئاللاھ ياتقان جايىنى نۇرلار ئىچىدە قىلسۇن، ئامىن!) بۇ قۇردىشىمىزغا ئاجايىپ ھۆرمىتىم بار ئىدى، سەۋەب ئۇ بىر بوكىسچىلا ئەمەس، بەلكى بىر پىكىر قىلغۇچى ئىدى، ئىنسانىيلىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان تەقۋا ئىدى (چۈشەنچەمدە شۇنداق). ئەپسۇس، ھېسسىياتچان كىشىلەردىن بىرى چىقىپ ئۇنى ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۆلتۈرۋەتتى دەپتۇ. بۇنىڭغا گۈلەن ناھايتى ئوبدان جاۋاب يېزىپتۇ، شۇڭا ئارتۇق توختىلىشنىڭ ئورنى يوق.

ئەسلىدە، بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ پىسخىكىسىنىڭ قانداق بولۇشى، دەل يۇقۇرىدىكى سىياسەت بىلەن باغلىق. ئەگەر بىر جەمئىيەتتە كەمسىتىش ئەۋج ئالسا، بۇ دەل سىياسەتنىڭ ھەم ئىجراچىلىرىنىڭ سەۋەبىدىن بولىدۇ. تېخىمۇ ئۇدۇل ئېيتساق: كەمسىتىشكە ئۇچرىغان گۇرۇھ زىيادە كەمسىتىش سەۋەبلىك ئۆزىنى ئىسپاتلاشقا تېخىمۇ ئۇرۇنىدۇ-دە لوگىكىغا چۈشمەيدىغان شەكىلدە ئىنكاس قايتۇرىدۇ. مىسالەن: نامرات يېزا قىزلىرىنىڭ شەھەردە ياشىغاندا كېيىم ۋە گىرىمدە زىيادە چوڭ ئۆزگىرىشى ۋە ياكى بىر شەھەردىكى نامرات كىشىلەر بىلەن باي كىشىلەرنىڭ كىيىنىش ۋە گىرىمدىكى پەرقى. ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلغان مەلۇم بىر ئالىم ياكى قەھرىمانلارغا زىيادە سەزگۈر بولۇشى، ئىپتىخارلىقىنى ئالاھىدە كۆرۈشى، پۇلى بولمىسىمۇ ئۆي بېزەش، لازىم بولمىسىمۇ ماشىنا ئېلىشى دېگەندەك ئىشلار… … سىز بۇلارنى ”ئۇيغۇرغا خاس“ دېيىشىڭىز مۇمكىن، لېكىن بۇ خىل ھادىسىنى سىز دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە ئوخشاش ئىقتىسادى ۋە سىياسى مۇھىتتا ياشاۋاتقان كىشىلەر ئارىسىدا كۆرىسىز، بولۇپمۇ سىياسى چىرىكلەشكەن، دېكتاتۇرا ئاستىدىكى ياشاۋاتقان، ھەم داۋاملىق كەمسىتىش بولغان جايلاردا ئوپمۇ-ئوخشاش بىر ھادىسە. سىز كەمسىتىشكە ئۇچرىغانسىرى ئۆزىڭىزنى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنىسىز، ”مىللەتچى“ ياكى ”دىنچى“ بولۇپ كېتىسىز، ياكى يوتقانغا قاراپ پۇت سۇنمايدىغان ”ھورۇن تەييارتاپ“ بولۇپ قالىسىز. بۇ مېنىڭ يەكۈنۈم ئەمەس، بەلكى ئالدىنقى قېتىم تىلغا ئالغان دونا ھاراۋەيگە ئوخشاش غەرب جەميەتشۇناسلىرىنىڭ قارىشى، ئۇلارنىڭ بىرمۇنچە ئېستاتېستىكىلىق ئىسپاتى بار دەيدۇ فىلىز ئىسىملىك شۇ تېمىدا ئوقۇۋاتقان گېرمانىيەلىك بىر قىز.

ئەپسۇس، نۇرغۇن كىشىلەر كىمگە تىل تەگگۈزسە بولمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ ياكى كاللىسى ئۇ تەرەپلەرگە يەتمەيدۇ-دە (لېكىن ئىچىنى ئاچچىق قىلۋاتقان بىر نەرسە بار، جىم ئولتۇرغىزمايدىغان)، نېمىلا ئىش بولسا ئومۇملاشتۇرىدۇ. مىسالەن، ئەگەر بىر ئۇيغۇر قەۋزىيەت بولۇپ قېلىپ يەنە بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆيىگە مېھمانغا بېرىپ، خەقنىڭ ئوبىرنىسىدا چىچاممىسا، تالاغا چىقىپلا ”ئۇيغۇر دېگەن چىشقىزمايدۇ“ دەپ ۋەز-نەسىھەت ساتىدۇ. ئاڭلىغۇچىلار، سىز زادى نىمىشقا چىچاممىدىڭىز، قوڭىڭىزمىدى ياكى يۈزىڭىزمىدى دەپ سورىمايدۇ، سوراشقىمۇ قىزىقمايدۇ ۋە ”راست، بىز خەق شۇنداق ھە، پەقەت بىر-بىرىمىزنى چىشقىزمايمىز“ دەپ ئۇيغۇر دېگەن بۇ سۆزنى يارالغىنىغا تويغۇزىدۇ. بۇ سۆز شۇنداق كەڭ ھەم كۆپ خىل ۋارىيانىتتا تارقىلىدۇكى، خۇددى بىر ھەقىقەتتەك بولۇپ كېتىدۇ. بىر يىللار ئۆتۈپ، ھەتتا تۇغۇلغان بالىلارمۇ چىچاممىسا ”زادى مۇشۇ بىز خەق چىشقىزمايمىزكەن“ دەپ ئويلىشىدۇ، خۇددى شۇ ”ھەقىقەت“ گېنىغا يېزىلىپ كەتكەندەك. شۇ گەپنى قىلۋاتقانلارنىڭ، شۇ قاخشاۋاتقانلارنىڭ ئاتا-ئانىسى، ئىنى-سىڭىللىرى يوقمىدۇ، ئۇلار ئۇيغۇر ئەمەسمىكەن؟! يا شۇ كىشى يىتىمچىلىكتە كوچىدا قۇرت-قوڭغۇز يەپ چوڭ بوپتىمۇ؟ تۇزكورلۇق ئەمەسمۇ بۇ؟

مەن ھەرگىز بۇ يەردە بىر قەۋىمنى قارغا بالام ئاپپاق دېمەكچى ئەمەسمەن. ناچار ئادەملەر ھەر قەۋىمدا بار، بىر ياخشى گېرماننى كۆرۈپلا ۋاھ گېرمان دېگەن نوچى خەقكەن دەپ يۈرسىڭىز، ھىتلىرنى نېمە دەيمىز. يامان ئادەملەرگە ئۇچرىسىڭىز شۇ يامان ئادەملەرنى تىللاڭ، لېكىن بۇنى مىللەتكە ۋەكىللىك قىلۋالماڭ! ئەگەر ۋەتەندىن چىقىپ باقمىغان ئادەملەر شۇنداق دېسىغۇ مەيلى، بەلكى ئۇلار تېخى يات خەقلەرنىڭ قانداق بولغىنىنى يېتەرلىك كۆرۈپ باقمىدى، ياكى بىر ئىككى ساياھەت خاتىرلىرىدىن چەتئەلنى جەننەت كەبى كۆرۈپ قىلىپ شۇنداق دەپ سالدى دەيلى، بەزى چەتئەلدە ياشاۋاتقانلارنىڭمۇ شۇنداق دېيىشى كىشىنى بەكلا ئارامسىزلاشتۇرىدۇ. بەلكى ئۇلار شۇ چەتئەلدىكى مۇھىتقا تازا سىڭەممەي، ۋەتەندە شەكىللىنىپ قالغان پىسخىكا ھەم ئادىتى بويىچە ياشاپ سالدى. ئەمەلىيەتتە دەل شۇنداق تۇترۇقسىز گەپلەر شۇنداق بىر ناچار پىسخىك كەيپىيات پەيدا قىلىپ بۇ مىللەتنىڭ كىلەچىكىنى بوغىدۇ. خۇلاسە: چىچاممىسىڭىز ئۇيغۇردىن كۆرمەڭ، بەلكى شۇ قوڭىڭىزدىن كۆرۈڭ! (سەت گەپ قىلمايتتىم، ھاياجانلىنىپ قاپتىمەن، توغرا چۈشىنىۋېتىڭلار)

شەخسەن ھازىرغىچە ھىچ بىر ئۇيغۇردىن يامانلىق كۆرمىدىم. ئاتا-ئانام، ئۇرۇق-تۇققان، دوست-بۇرادەرلىرىمدەك ئېسىل ئادەملەر يوق مەن ئۈچۈن. شۇڭا ئۇيغۇر دەپ قاخشاپ ئولتۇرسىڭىز كاللامدىن پەقەتلا ئۆتمەيدىكەن، ئەكسىنچە ”گومڭ“ قىلىدىكەن. دىققەت قىلغان بىر نەرسەم، ئۆزى ناچار ئادەملەر باشقىلارنى ناچار دېيىشكە ئارانلا تۇرىدىكەن. شۇڭا بىرەسى بەك قاخشاپ كەتسە، شۇ ھامان ھەي مۇشۇ ئادەم قانداقتۇر دەپ ئۆزەمنى يىراق تۇتىدىغان بولدۇم.

يەنە بىرىگە، ”ئۇيغۇرلار ئالىملىرىنى ئۆلگەندىن كېيىنلا قەدىرلەيدۇ“ دېگەننى قىلمىساق، بىر خىل سەت تۇرىدىكەن. ھەققى ئالىملار دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدە بەك دىققەتنى تارتمايدۇ. چۈنكى سىزنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭىزنى چۈشىنىدىغانلار ئاز بولىدۇ، تۆھپىڭىزنى چۈشىنىدىغانلار تېخىمۇ ئاز بولىدۇ. ئەكسىنچە بىرەر ناخشىچى، ئارتىس، تەنھەركەتچى بولسا، ھەممە ئادەم ئۇلاردىن ھۇزۇرلىنالايدۇ، شۇڭا ئۇلار بەكرەك كۆزگە كۆرۈنىدۇ. ئەمەلىيەتتە كەسىپ نۇقتىسىدىن ئوخشاشلا بىر نەرسە. بۇنىڭلىق بىلەن ئالىملار خۇرسىنىشنىڭ ئورنى يوق، شۇ يولنى تاللىغان ئىكەنسىز، ئۇنچىلىك ئىشلارنى توغرا چۈشىنىدىغان قەلىبمۇ بولۇشى كېرەك. ئەمەلىيەتتە كىشىلىرىمىز ھەر جەھەتتىن نامراتلىققا مەھكۇم بولسىمۇ، يەنىلا ئالىملىرىنى ھۆرمەتلەپ كېلىۋاتىدۇ. ساھىبجامال خانىمغا تون كىيگۈزۈلدى، داڭلىق ئالىملىرىمىز ۋەتەنگە بارغاندا ھىچ كۆرۈپ باقمىغان ئادەملەر تەرىپىدىن قارشى ئېلىندى، يەنە بۇنىڭدىن ئارتۇق قانچىلىك قەدىرلىسە بولىدۇ؟ ئىككى يىل ئالدىدا ۋەتەنگە قايتقىنىمدا، بىر تاكسى شوپۇرى مېنى تونىۋاپتۇ، ”توردىكى رەسىمىڭىزنى كۆرۈپ بەك پەخىرلەندىم، شۇ چاغدا ئەگەر مۇشۇ يەرگە كېلىپ قالسا خۇدايىم نىسپ قىلىپ مېنىڭ ماشىنامغا چىقىپ قالسا، بىر كۆڭلۈمنى ئىپادىلىسەم دەپ ئويلىغان ئىدىم، مانا دېگەندەكلا ماشىنامغا چىقىپ قاپسىز، تىلىگىنىم كەپتۇ“ دەپ بەرگەن پۇلۇمنى پەقەت ئالمىدى. شۇ چاغدا قانچىلىك مىننەتدار بولغىنىمنى ئىپادىلەپ بېرەلمەيمەن. مەن بىر ھىچ نەتىجە چىقارمىغان ئادەم تېخى، مەن يەنە قايسى يۈزۈم بىلەن بۇ مىللەت ئالىمىنى قەدىرلىمەيدۇ دېيەلەيمەن؟!

oghuzkb

York

بۇ يازما ئۇنىۋېرسال كاتېگورىيىسىگە يوللانغان. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈشلىۋېلىڭ.

دىن ۋە مىللەت ھەققىدە قىستۇرما ئۈچۈن 32 ئىنكاس بار

  1. نۇر مۇنداق يازغان:

    كۆز تۆت

  2. سادىق مۇنداق يازغان:

    ھاھاھا! بەك جايىدا قىلىنغان سەت گەپ چىرايلىق ئاڭلىنىدىڭكەن دىسە!
    بارىكاللا!

  3. ئۇيغۇربەگ مۇنداق يازغان:

    ھازىر بارغانسىرى مىللىي، ئېرقىي، دىنىي ۋە رايونىي ئايرىمچىلىقتىن سەسكىنىپ قالىدىغان بولدۇم. بۇرۇن خىرىسىتىيانلارنى، ۋەتىنىمىزدىكى قازاق، قىرغىز، خاڭسو دېگەندەك ئۆزۈم كۆرۈپمۇ باقمىغان مىللەتلەرنى ئالامەت ئۆچ كۆرەتتىم، ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىغۇ ماڭا يامانلىق قىلمىغان. ئەمما، باشقىلار ئۇلارنى تىللاپ، ھاقارەتلەپ بەرسە راست شۇنداق چېغى دەپتىمەن، ئالىي مەكتەپ ھاياتىمدا مۇنداق بىر ئىش ماڭا ئالاھىدە تەسىر قىلغان:

    بىر ساۋاقدىشىم بارتى خەنسو، ئالىي مەكتەپدە ئۇ ماڭا بەك ياردەم قىلاتتى، ئۆگىنىشدە يېتىشەممىسەم تېلىفون قىلىپ تەكرارلىشىپ بېرىدىغان، ھەمدە مەندىن ئىسلام ھەققىدە نۇرغۇن گەپلەرنى سورايتى، ھەمدە مەن دەپ بەگەن بۇيىچە ماڭا قىلغان مۇئامىلىسىنى ئۆزگەرتىپ تۇراتتى(يەنى ماڭا مۇسۇلماندەك مۇئامىلە قىلاتتى). مەن پات پات ئۇنىڭغا ئىسلام دىنىنىڭ كاتتا دىن ئىكەنلىكىنى، خىرىستىيانلارنىڭ ئۇنداق ئەسكى، بۇنداق ئەسكىلىنى ئېيتىپ بىرەتتىم، ئۇ گەپ قىلماي ئاڭلايتى، ئۈندىمەيتى، كېيىن بىر نېمە بولدى، ئۇنىڭ خىرىستىيان ئىكەنلىكىنى بىلىپ ئىنتايىن چۆچۈپ كەتتىم ھەمدە ئۇنىڭدىن ئۆزۈمنى ئېلىپ قاچتىم. ئۆزۈمنى ئېلىپ قېچىشىمنىڭ سەۋەبى، ئۇنىڭغا شۇنچىۋالا ھۆرمەتسىزلىك قىلىپتىكەنمەن، خىجىل بولدۇم. شۇنداق ئويلاپ قالدىم، مېنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىمنى بىلمىگەن بىرى ۋە ياكى ئاشۇ خەنسو خۇددى مەن خىرىسىتىيانلارغا ھاقارەت قىلغاندەك، ئۇ ماڭا ئىسلام ھەققىدە نۇرغۇن ھاقارەتلىك گەپلەرنى قىلسا مەن قانداق قىلار بولغۇيتۇم؟ ھېچ بولمىسا قىزىرىپ ئۇنىڭ بىلەن چالۋاقاپ كېتىشىم مۇمكىن ئىدى…لېكىن، بۇنداق قىلىشمۇ ئۇرۇنسىز ئىكەن.

    ئابدۇراخماننىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، «ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۇنى ئۆلتۈردى» دېگەن گەپكە ئىنتايىن ئازابلاندىم، ئىشقىپ ھەممە ئىشنى مىللەت، ۋەتەن ۋە دىننىڭ رامكىسى ئىچىدە تەپەككۇر قىلىش بەك ئاۋارىچىلىق ئىكەن، لېكىن بىز بۇ رامكىدىن ئاسانلىقچە قۇتۇلالمايمىزكەن…

  4. سانغۇن مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكوم،ئاچىنۇق ئەپەندى(دوستۇم)!
    يازمىلىرىڭىزنى ياقتۇرۇپ ئۇقۇيمەن.
    1. ”ئىلىم پەن بارغانچە خۇدانى ياقىلاۋاتىدۇ“ دىن چاچما پاراڭلار
    بىر قاراپلا بۇنى تەنە مەنىسىدە چۈشىنىپتىمەن.شۇڭا ئىلىم پەن بارغانچە خۇدانى ياقىلايدىغانلىقى توغرىسىدا “ ناملىق تىمىلاردىن چاچما پاراڭلار دەپ چۈشەندىم.

  5. ئاچىنۇق مۇنداق يازغان:

    سىزنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويىدىغان بولدۇم. بۇ خىل بايانلارغا/سوئاللارغا كۆرە، ھازىرچە مەن پىكىر بېرىش سەۋيىسىدە ئەمەسمەن. بۇنى يەنىلا دىنى ئالىملار مۇزاكىرەك قىلغىنى تۈزۈك. ھازىرچە مەقسىدىم پەقەت مىڭەمنى قانچە تەرەققى قىلدۇرالىسام شۇنچە تەرەققى قىلدۇرۇپ، ئالدى بىلەن ئەقلىمنى يۈكسەلدۈرۈپ ئاندىن دىن ھەققىدە ئىزدىنىش دەپ چۈشىنىمەن. بۇ ئالەمنى شۇ ئاللاھ ياراتقان ئىكەن، بارلىق قانۇن فورمۇلالار ۋە لوگىكا ئاللاھنىڭ لايھىيسى بويىچە بولغان بولىدۇ. شۇڭلاشقىمۇ بەزى ئالىملار قىزىقارلىق قىلىپ، ”ئاللاھ ئەڭ يۈكسەك ماتېماتېك“ دەپ قويىدۇ. مەندە قانچە كۈچلۈك چۈشىنىش ئىقتىدارى ۋە لوگىكىلىق تەپەككۇر ئۇسۇلى (دەل بۇنى تەبئى پەن ئىزدىنىشلىرىدىن ئۆگىنەلەيمەن) بولغاندا، ئاندىن چۈشىنىشىم توغىرلىققا يېقىنلىشىدۇ، ئۇنداق بولمايدىكەن، ئاسانلا تۇيۇق يولغا كېرىپ قالىمەن.

    شۇڭا دىن ئىچىدىكى ھەر قانداق مۇزاكىرىدىن چىرايلىقچە باش تارتىمەن. فازىل قارىمنىڭ بىر گېپى بولىدىغان، تەخمىنەن ئېسىمدە قالغىنى: ”ھەممە ئادەم موللام بولۇپ كەتسە، سامالىيوتنى كىم ھەيدەيدۇ؟!“ ھازىرچە يەنىلا ئۆز ئىزدىنىشىمنى تەتقىقات خىزمىتىم بىلەن داۋاملاشتۇرغىنىم ئەۋزەل.

    • سانغۇن مۇنداق يازغان:

      شۇڭا بەزى پىكىرلىرىڭىزنى بايانات تۈسىنى ئالغاچقا ئاچىنۇقنىڭ شۇ ھەقتىكى باياناتى دەپ قاراشقا بولدىكەن.سىزنى ياخشى داىندار قارداش دەپ قارىغانلىقىم سەۋەبىدىن،سىز ،مەن ۋە سىزدەك دۇنيا قارىشىغا ئىگە ئومۇمنىڭ بۇخىل پىكىرى بايانات تۈسىنى ئالماسلىقى ۋە سىزنىڭ ئاچىنۇق مەتبۇئاتىڭىزدا ئېلان قىلىنماسلىقى كېرەك.ئەگەر ھەقىقەتەن قىلىنىشى كېرەك دەپ توغرا تاپسىڭىز ،نەقلى ۋە ئىلمىي دەلىل-ئىسپاتى بولۇشى كېرەك.ئەگەر ئۇنداق ئەمەس دەپ قارىسىڭىز ئەلۋەتتە سىزنىڭ تاللاش ئەركىنلىكىڭىزدۇر.
      كەچۈرۈڭ ئاچىنۇق قېرىندىشىم،سىزگە ئومۇم تورداشلارنىڭ ئالدىدا بۇ خىل تەرۇزدە پىكىر قىلماسلىقىم كېرەك ئىدى.ئەمما سىز ئومۇم ئالدىدا بۇ خىل پىكىردە بولغاچقا،مەن ۋە ئومۇم تورداشلار توغرىسىنى چۈشىنىۋالسا ياخشى دەپ قارىغاچقا ھەمدە شەخسى ئېلىخەت ئادرىسىڭىزنى خەۋەردار بولمىغاچقا مۇشۇ مەتبۇئاتىڭىزدا يېزىشقا مەجبۇر بولدۇم.

      • ئاچىنۇق مۇنداق يازغان:

        ئالدى بىلەن قىممەتلىك ئىنكاس قالدۇرغىنىڭىزغا رەھمەت.

        ئەسكەرتىش كېرەكلىك بىر نۇقتا: ۋەتەندىكى مۇھىتتا مۇنازىرە ئىنتايىن ئاز، كىشىلەر مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئەھۋالدا مۇنازىرىدىن قاچىدۇ. بۇ تولىمۇ بىر ئەپسۇسلىنارلىق ئىش. ھەم بىز ھەممىدىن ئۆزگەرتىشكە تىگىشلىك بىر ئىش، بولۇپمۇ مائارىپ ساھەسىدە. بەلكىم بۇ بىرلا ئىدىيە توغرا دەپ قارالغان كوممۇنىستىك پارتىيە رەھبەرلىكىدىن بولدىمۇ بىلمىدىم. ھەرقانداق بىر تىلىۋېزىيە ياكى ردىئو پروگراممىسىدا مۇنازىرە كۆرمەيسىز، بەلكى ئوخشاش بىر پىكىرنىڭ ھەممە قاتناشقۇچىلار تەرىپىدىن بىردەك ماقۇللانغان ھالەتنى كۆرىسىز.

        ئەسلى مۇنازىرە ئۆگىنىشنىڭ ئەڭ ئېسىل يولى! بۇنداق مۇنازىرە كىشىلەرنى ھەممىدىن ئىزدىنىشكە تەبئىي سەپەرۋەر قىلىدۇ. ھەم كىشى ئاسان ئۇنتۇپ قالمايدۇ. تەرەققى تاپقان ئەللەردىكى بىر ئالاھىدىلىك، بۇ يەردە مۇنازىرىنىڭ ھەر ساھە، ھەر خىل ۋاستىلەردە مۇھىم ئورۇندا تۇرۇشى. نۇرغۇن تېلىۋىزىيە پروگراممىلىرىدا، ھەتتا خەۋەر قاناللىرىدىمۇ، بىر-بىرىگە قارشى، ياكى ئوخشىمىغان ئورۇندىكى كىشىلەر تەڭلا زىيارەت قىلىنىپ، ئۇلارنى رىياسەتچى ئوچۇق مۇنازىرىگە قويۇپ بېرىدۇ. بۇ خىل مۇنازىرە ئاڭلىغۇچى كىشىلەرنى ئۆزلىرى تەپەككۇر قىلىشقا مەجبۇرلايدۇ. شۇڭلاشقىمۇ، كىشىلەر ھىچقانداق بىر خەۋەر ياكى ئىدىيەگە ئاڭلىغان ھامان ئىشەنمەيدۇ، بەلكى، ئەگەر شۇ تىمىغا قىزىققانلا بولسا، ئۆزىنىڭ ئەقلى بىلەن شۇ ھەقتە ئىزدىنىپ قوبۇل قىلىش-قىلماسلىقنى بەلگىلەيدۇ. ئىلىم ساھەسىدە بۇ تەرەپ بەكلا روشەن.

        مانا يېقىندا، ئەلى مۇئەللىم بىلەن زىۋىدە مۇئەللىمنىڭ تالاش-تارتىشلىرى ياخشى بىر مۇنازىرە (بۇمۇ نىسبى گەپ، لېكىن شۇنداق تارتىشمنىڭ بولۇشى ئەسلى ياخشى ئىش) بولغان بولسىمۇ، مەلۇم كىشىلەر ئىككى گۇرۇپپىغا ئايرىلىپ قارا-تاغلىق ئاق-تاغلىق بولۇپ كىتىشىتى. مانا بۇ نۇرغۇن كىشىلىرىمىزدە مۇنازىرىگە قانداق مۇئامىلە قىلىشنىمۇ بىلمەسلىكتەك بىر ھەجىۋىلىكنى كۆرسىتىپ قويۋاتىدۇ. ئەسلى مۇنازىرە شۇ مۇنازىرە مەزمۇنىدىن ھالقىماسلىقى كېرەك. ئەپسۇس، داۋاملىق تېما ئىككىنچى ئورۇندا قىلىپ مۇنازىرە قىلغۇچىلارنىڭ كىشىلىكى سۆرەپ كىرىلىدۇ.

        بۇ يەردە ئەڭ مۇھىم بىر نەرسە، ھەرقانداق كىشىنىڭ سۆزلەش ھوقوقى بار، بۇ كىشىلىك ئەركىنلىكنىڭ ئەڭ مۇھىم بىر قىسمى. ئىشىنىش-ئىشەنمەسلىك تامامەن ئاڭلىغۇچىنىڭ ئەركىنلىكى. سىز بىر نەرسە سۆزلىسىڭىز، ئۇ ھىچقاچان ئاڭلىغۇچىلارنىڭ چوقۇم ئىشىنىش مەجبۇريىتى بارلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. قارا-قويۇق ئىشىنىش ئاڭلىغۇچىنىڭ سەۋەنلىكى. مۇئەللىم دوسكىغا فورمۇلانى خاتا يېزىپ قويسا تۈزىتىش بەرسىڭىز بولىدۇ، لېكىن “سىز نىمىشقا خاتا يازدىڭىز، خاتا يېزىشتا نىمە مەقسىدىڭىز بار؟” دېيىلسە كۈلكىلىك ئەمەسمۇ؟!

        ئەمدى ئۈستۈدىكى پىكرىڭىزگە كېلەيلى: نەقىل ئالماپسىز دېگەندەك گەپ بار ئىكەن. توغىرىسى، سىز قايسى گىپىمگە نەقىل كېرەك بولدى، شۇنى كۆرىسىتىپ قويغان بولسىڭىز ياخشى بولاتتى. مەنچە پىكىرلىرىمنىڭ ئاساسى ئىديىسىگە نەقىل ئالدىم. شۇڭا بۇ پىكرىڭىز مېنى قايمۇقتۇرۇپ قويدى. يەنە بىرىگە، مەن سۆزلىرىمنى ھىچقاچان ھەقىقەت دەپ قارىمايمەن. ئەگەر كىشىلەر بۇ بلوگىمدىكى پىكىرلەرنى ھەقىقەت دەپ چۈشىنىۋالسا، بۇ ئۇلارنىڭ سەھۋەنلىكى، مېنىڭ مەسئۇليىتىم يوق دەپ چۈشىنىمەن.

        پىكرىڭىزنى ھازىرچە ئۆچۈرمىدىم. مەن نوپۇزغا قارشى تۇرىدىغان ئادەم، ھەرقانداق ئادەم تەنقىدنى قوبۇل قىلالايدىغان بولۇشى كېرەك، بۇ ھەم ئاددى ھەم ئىلمى پوزىتسىيە. تەنقىد ۋە پىكىرلەرنى قارشى ئالىمەن. بلوگىمدا سىزنىڭ قانداق سۆزلەش ئەركىنلىكىڭىز ھەم بار:)

  6. شەبنەم مۇنداق يازغان:

    ‏ئەسسالام-ئەلەيكۇم!
    ‏شۇنچە ئالدىراشلىقتىن ۋاقىت چىقىرىپ،يېقىندا يۈز بەرگەن ئىشلار توغۇرلۇق ئۆز كۆز قارشىڭىزنى بىز بىلەن ئورتاقلاشقىنىڭىزغا رەھمەت ئېيتىمىز،ھارمىغايسىز!!
    ‏مەن بىر قانچە نوقتىلارغا تۇلىمۇ قايىل بولدۇم ھەم ئۇقۇۋېتىپ‏ بۇرۇنقى يازمىڭىز “ ھايات قەتىرلىرىدىكى غۇۋالىقلار“ دىكى مۇنۇ قۇرلار ئىسىمگە كەپ قالدى: “ كىشى چوڭقۇر بىلىم ئىگەللەپ، پىكىر قىلىشنى مۇھىم بىلسە، ئۇلاردىن تارقايدىغان ئىماننىڭ رادئاتسىيەسى باشقىچە ھارارەتلىك بولىدىكەن، ھەم بۇنداق ئادەمنىڭ ئىمانى شۇنداق كۈچلۈك بولىدىكەن. ئەگەر كىشى ئەقىلسىزلىك ئۈستىگلا بىر ئەقىدىلەرگە كىرىشىپ قالسا، ئاسانلا يولدىن ئازغىشىدىكەن. بۇنداق ئادەملەرنىڭ كىشىلەرگە بولغان زىينىمۇ بەك كۆپ بولىدىكەن. ئەلبەتتە، ئەقىللىق بولسىلا كۇپايە بولمايدۇ، يەنە نىيەت ئەلا. لىكىن ھىچ بولمىغاندا پىكىر قىلغان ئەقىللىق ئىنسان دىنسىز بولغان تەقدىردىمۇ قان ئىچەر بولمايدۇ. مۇنداقچە ئىيتقاندا، ئىنسانغا ئۆز ئىتقادىنى خاتا چۈشىنىۋالغان نادان ئازغۇندىن دىنى بولمىسىمۇ نوبېل مۇكاپاتى ئالغان ئالىمنىڭ پايدىسى كۆپ بولىدىكەن. بۇ يەردە ھەرگىز دىنسىزلىقنى تەرغىپ قىلغىنىم يوق، پەقەت ئىتقادنى توغرا چۈشىنىشنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى تەكىتلىمەكچىمەن خالاس. چۈنكى بىلىپ تۇرۇپ قىلغان گۇناھ بىلەن بىلمەي تۇرۇپ قىلغان گۇناھنىڭ كۆپ پەرقى بار دەپ ئويلايمەن.“ بۇلارنى پات-پاتلا ئوقۇپ تۇرىمەن.دىمىسىمۇ ئىنسان نەپسى ئۈچۈن ئېلىپ بېرلىۋاتقان سىياسى ئويۇنلارنىڭ قۇربانى بۇلۇۋاتقانلار كۇرمىڭ. مۇرەككەپلىككە تولغان بۇ جەمئىيەتتە ،توغرا يول تۇتۇپ،توغرا ئددىيە بىلەن يۈرۈش ئۇنچە ئاسان ئەمەس.مەيلى قايسى ساھەدە بولسۇن كىشى چۇڭقۇر بىلىم ئىگەللەپ،چۇڭقۇر پىكىر قىلسا ، ئەتراپىنى ئەستايىدىللىق بىلەن كۈزەتسە ئاخىرى ھىس قىلىپ يىتىدىغىنى ئوخشاش.لىكىن ئەشۇ ھىس قىلىشنىڭ ،چۈشىنىشنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى نۇرغۇن تالاش-تارتىشلارنىڭ سەۋەپچىسى بولماقتا.ئاددىسى،يېقىندا ئەلى مۇئەللىمنىڭ لىكسىيەسى توغۇرلۇق ھەركىم ئۆز بىلگىنىنى سۆزلەپ نۇرغۇن تالاش-تارتىشلار چىقىپ كەتتىغۇ.
    ‏خۇلاسە كەلام،ئاللاھنىڭ بىزگە ئاق-قارىنى پەرىق ئەتكۈدەك ئىقتىدار بەرگىنىگە چەكسىز شۈكۈرلەر ئېيتىمىز! ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ دىلىنى ئاق،روھىمىزنى پاك قىلىپ ھىدايەت تاپقۇچىلار يولىدىن مېڭىشىمىزغا نىسىب ئەتكەي!
    ‏ھەممە ئىشلىرىڭىزغا،تەتقىقاتىڭىزغا ئۇتۇقلار تىلەيمەن!

  7. بېغىشلا مۇنداق يازغان:

    پىكىرلىرىڭىز ۋە ماڭا يازغان ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ بەزى جايلىرىنى توغرا دەپ قارايمەن.مەن دەل سىزدەك مۇنازىرە ئەخلاقىغا ھۆرمەت قىلىدىغان كىشىنى ياخشى كۆرىمەن.مەندە ئۆزۈمنىڭ پىكىرى چوڭقۇر ئويلىنىشقا يىتەكلىدى.ئاكا ، مەندە يىتەرلىك كۆپ ئىسپاتلار بار ئىدى دەپ قارايمەن.ئەمما شارائىتىم يار بەرمەيدۇ.ئەمدى سىزمۇ بىلىسىز.مەن چەتئەللەردە ئوقۇشتا بولمىغاچقا،ھەممە ئىنكاسىمنى كۆرگەن ۋاقىتتا ئۆچۈرۈۋېتىڭ.ماقۇلمۇ؟

    • ئاچىنۇق مۇنداق يازغان:

      مەنچە ئەنسىرەشنىڭ زۆرۈريىتى يوق، تۇرىۋەرسىمۇ بولاتتى. قايسى ئىنكاسنى ئۆچۈرىمەن ئىنىق كۆرسىتىپ قويسىڭىز، شۇنى ئۆچۈرۋېتەي. (ئۇقۇشماسلىق بولماسلىقى ئۈچۈن، شۇ ئىنكاسنىڭ بىشىدىن ئۈزۈندە ئېلىپ قويۇڭ)

      • سەمەرقەنتنىڭ ئالـمىسى مۇنداق يازغان:

        ئاچىنۇقكامنىڭ ئورنىدا ئاقساقاللىق قىلىپ مەن جاۋاب بېرىپ باقاي. (بۇ ئادەم يامان ئالدىراش ئادەمدەك ھېس قىلىمەن، جاۋابىغا ساقلىسىڭىز ساقىلىڭىز ئۆسۈپ ئاق كىرىپ كېتىدۇ، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا مۇشۇ سەۋەبلىك ئاقساقاللار ئاۋۇپ كېتىپ بارىمىش. )
        ئاۋۇ گەپنىڭ ئالدىدا «مەنچە» بولغاندىكىن، بۇ گەپكە بەك ئېسىلىۋېلىشنىڭ ھاجىتى يوق. چوقۇم شۇنداق بولاتتى دېمىدى، ئۆزىنىڭ پەيغەمبىرىمىزگە بولغان چۈشەنچىسىگە ئاساسەن، يەنى ھەممىمىز بىلىدىغان تولىمۇ رەھىمدىل، كەڭ قورساق دېگەندەك مىجەز خاراكتېرىگە ئاساسەن، بىرسى قوپۇپ زاڭلىق قىلىپ كەتسىمۇ بەك ئۆزىگە ئەپ كەتمەيدۇ، كىشىلەرنى كەچۈرىۋېتەلەيدۇ دەپ قىلىنغان پەرەز خالاس. ھەم بۇ ئالاھىدىلىكلەرنى كۆپىنچە ئادەم بىلىدىغۇ دەپ قارىغاچقا بۇ يەردە پاكىت ئىسپات سۈپىتىدە يېزىپ ئولتۇرۇشنى ئارتۇقچە دەپ ئويلىغاندۇ. تارىختىكى ئىش ۋەقەلەر، شەخسلەر توغرىلىق بىز پەقەت بىزگە يېتىپ كەلگەن كىتاب ۋە ماتېرىياللار ئارقىلىق پەرەز قىلالايمىز. قۇرئاندىن باشقىسىنىڭ قانچىلىكى چىن، قانچىلىكىگە كىشىلەرنىڭ ئۆز خائىشىى، پەرىزى، تەھلىلى سىڭگەنلىكىنى بىز تولۇق بىلـمەيمىز. شۇڭا ھەربىر كىشىگە پىكىر قىلىش، پەرەز قىلىشقا ئازراق ئەركىنلىك بەرگەن ياخشى. ئەسلى مۇنداقتى دەپ تۇرۇۋالىدىغانغا ھېچقايسىمىز 500 يىل ياشىمىغانغۇ.
        دەپ ئويلايمەن ئۆزەمچە.
        بىزنىڭ ماۋۇ يەردە مۇشۇ گەپ مودا بولىۋاتىدۇ، سىلىنىڭ ئۇ يەردە مودا بولـمىغان ئوخشىمامدا تېخى.

        • ئاچىنۇق مۇنداق يازغان:

          رەھمەت! بۇ ئىنكاسىڭىزغا 100 نومۇر قويدۇم :) زىرىكىشلىك ئادەملەر مودا دېگەننى ئۇقمايلا ئۈتۈپ كىتىدۇ، بەكلا ئىچىنىشلىق

      • ئاچىنۇق مۇنداق يازغان:

        ئەمدى بىلدىم نىمىشقا ئۇ ئىنكاسنى يازغىنىڭىزنى، ئۇ مېنىڭ قىياسىم پەقەت، ئېنىق تۇرمامدۇ (لېكىن راستىنلا شۇنداق ئويلايمەن، چۈنكى پەيغەمبەر مەككىنى فەتھ قىلغاندا، ھەممىنى كەچۈرۋەتكەن). ئۈزۈندىڭىز بىلەن ئەسلى ئىنكاستىمۇ چوڭ پەرق باركەن، شۇڭا قايمۇقۇپ قالغان ئىدىم. سوئالنى ئىنىق قىلىپ سوراڭلا ماندا، ئىچىمدىكىنى تاپ دېمەي (مېيقىدا كۈلۈپ قويغان چىراي)

  8. بەگمۇراد مۇنداق يازغان:

    مىنىڭچە سىىز ئاچىنۇق ئەپەندى بەكلا پىكىر قىلىدىكەنسىز، ئۆزىڭىز تەبئىي پەندە تۇرۇپ بەزىدە دىن تۇغۇرلۇق ، بەزىدە مىللەت تۇغۇرلۇق يەنە بەزىدە ئىللەت تۇغۇرلۇق ئۇنىڭ ئۈستىگەبىر يازمىدا ھەممىنى ئارىلاشتۇرۇپ ھەر خىل تىل ۋە ھەر خىل مەنبەنى ئارىلاشتۇرۇپ بىر خىل ھىسسىي كەيپىياتتا بىر نەرسە يازىدىكەنسىز. ئەمەلىيەتتە سىزنىڭ يازمىڭىزغا ياخشى باھا بەرگەنلەر پەقەت سىزنىڭ چەتئەلدە تەبئىي پەنتەتقىقاتى ئىلىپ بىرىۋاتقانلىقىڭىزغا ھەۋەس قىلىپلا شۇنداق ئىنكاسلارنى يازىدۇ. مىنىڭ تەكلىپىم شەخسىيتەكلىپ; سىز ئۆزىڭىزگە پىششىق ساھەدە كۆپرەك ئىزدىنىپ شۇ ساھەدە ئاز-ئازدىن بولسىمۇ داۋاملىق بىر نەرسە يوللاپ تۇرسىڭىز.
    مىللەت دىن
    بىر نەرسە يازسىڭىز ھىسسىياتىڭىزنى ياكى نەدىكى بىر چەتئەللىكنىڭ گەپلېرىنى نەقىل ئىلىشقا ئالدىرىماي

    • ئاچىنۇق مۇنداق يازغان:

      ھىسسىياتنى پەقەت ئارلاشتۇرمىدىم دەپ ئويلاپ كېتىپتىمەن، ئۈزەمچە…

      پەستىكى بىر قېرىندىشىمىزغا يازغان ئىنكاسنى ئوقۇڭ، مېنىڭ پىكرىم شۇ. كىچىك ۋاقتىمدا ناھيىمىزدە بىر ساراڭ بولىدىغان، گەپلىرىدىن بىلمىگەنلەر ئاجايىپ ساراسىمگە چۈشەتتى. چۈنكى بۇ ساراڭ كىشى، خۇددى مەمتىمىن ھوشۇر ئەپەندىنىڭ پىرسوناژلىردەك ماڭاتتى، ۋە توختىماي سەزگۈر سىياسى تېمىلاردا ۋارقىرايتتى: ”دىڭ شاپىڭ ياخشى ئادەمتى، جىياڭ زىمىن دېگەننى ئېتىپ تاشلاش كېرەك، يوقالسۇن جىياڭ زىمىن، ماۋجۇشى دېگەن لاۋزا …“ ئىشقىلىپ بەك جىق. لېكىن كىشىلەرگە ئۇ ساراڭنىڭ جاقراشلىرىنى ئاڭلاش ھوزۇر ئىدى، بەزىدە ئۇ ساراڭغا كوچىلاردا ئۇچراپ قالساق خۇددى يۇرتىمىزغا مايكېل جىكسون كەلگەندەكلا خوش بولۇپ ئارقىسىدىن بىللە مىڭىپ ئۇنىڭ ساراڭچە ئەقلىدىن ھوزۇر ئالاتتۇق.

      مەن داۋاملىق يازىمەن، نېمىنى يازغۇم كەلسە شۇنى! لېكىن كىشىلەرگە ھۆكۈمەتتەك ”دىڭ شاۋپىڭ نەزەريېلىرى“ دېگەن كىتابنى ياكى ”ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش“ نى زورلاپ ساتقاندەك ھەم زورلاپ ئوقۇتقاندەك ئوقۇتمايمەن. خالىسىڭىز ئوبىرنىدا ئوقۇڭ مەندەك، خالىسىڭىز قىمارخانىڭىزدا، تور بېتىم ئۈچۈن ئۆزۈم پۇل تۆلەيمەن، ئېلان قويۇپ پۇل تاپمىدىم. ئەگەر مۇشۇنداق لاۋزا نەرسىلەرنى ئوقۇپ ئېقىم مىقدارىمغا زىيان بولدى دېسىڭىز، بۇ سىزنىڭ دۆتلۈكىڭىز، چۈنكى ئوقۇش-ئوقۇماسلىق ئەركىنلىكىڭىز بار، مەن مەجبۇرلىمىدىم.

      • كۈلكەم مۇنداق يازغان:

        مىنىڭ باھايىم كۆرۈنمەيدىيا ، مەن كۆرمىدىممۇ ياكى باشقۇرغۇچى تەستىقلىمىدىمۇ

        • ئاچىنۇق مۇنداق يازغان:

          ۋىرۇس ئىنكاسلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ھەرقانداق يېڭى بىر ئېلخەت ئادرىسىدىن كەلگەن تۇنجى ئىنكاس تەستىق كۈتىدۇ. ئوخشاش ئابونتنىڭ كېيىنكى ئىنكاسلىرى بىردەك تەستىقسىز كۆرۈنىدۇ. بەزىدە بەك ئالدىراش بولۇپ كېتىپ تۇنجى تەستىقنى كېچىكتۈرۈپ قويىمەن، توغرا چۈشىنىشىڭلارنى سورايمەن. بۇ بلوگ مېنىڭ ئىشتىن سرتقى ۋاقتىمدا قېلىدىغان ئىشىم، شۇڭا داۋاملىق كۆرۈپ تۇرمايمەن.

  9. كۈلكەم مۇنداق يازغان:

    تولىمۇ ياخشى يېزىلغان ماقالىكەن ، ئاچىنۇقنىڭ كۆپ سۆزلىرى كۆپ تەرەپلىمە پىكىر قىلىپ مۇلاھىزە قىلىش ئاساسىدا يېزىلغان بولسىمۇ بەزىللىرى سەل تەفەككۇردىن ئېشىپ كىتىپتۇ دەپ ھىس قىلدىم ،

    پەقەت « مەن ھەرقانداق خىلدىكى ئادەم ئۆلتۈرۈشنى ئەيىپلەيمەن ھەم قارشى تۇرىمەن. ھەتتا پەيغەمبەرىمىزنى ھەجۋى قىلىپ سىزسىمۇ كارىم يوق (مەنچە پەيغەمبەر ھايات بولسىمۇ كۈلۈپلا قويغان بولاتتى)، مەن ئۇ ژۇرنالنى ئالمىساملا بولىدۇ ياكى ئوخشاش ئۇسلۇبتا ئۇلارنى زاڭلىق قىلسام بولىدۇ. لېكىن مەن ھەرگىز بۇ (شۇ ۋەقە) سەۋەبلىك ئۆزەمدە مەسئولىيەت ھېس قىلمايمەن، كوچىغا چىقىپ ئىسلامنى ”مەن چارلى“ دەپ ئاقلاپمۇ ئولتۇرمايمەن ھەم ئۇلارنى ئىسلام بىلەن باغلاپ، دىنىمىزنىڭ ئابرۇيىغا دەز تەگكۈزدى دەپ تىللاپمۇ ئولتۇرمايمەن››
    دىگەن جۈملىدىكى پەرۋاسىزلىققا ھەيران قالدىم ، بۇ يەر گەرچە ئەركىن پىكىر قىلىدىغان يەر بولسىمۇ لىكىن رەسۇلۇللاھ:« بىر مۆئمىننىڭ ئىززەت ھۆرمىتى كەئەبىدىن ئۇلۇغ» دىگەن ، مەن قانداقتۇر سىلەرنى قارشى تۇرۇشقا ئۈندىمەكچى ئەمەسمەن .ھەم يازغۇچىنى ئەيىبلىمەكچىمۇ ئەمەس ، بىر مۇسۇلماننىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغداش يەنە بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن پەرىزدۇر ، گەرچە يازغۇچى «ئوخشاش ئۇسلۇبتا ئۇلارنى زاڭلىق قىلسام بولىدۇ» دىگەن بولسىمۇ يەنىلا ئۇمۇمىي دىگەن سۆزلىرىنى تەھلىل قىلسا بۇ سۆز پۈتۈن مەنىنى ياپالمايدۇ ، رەسۇلۇللاھ ھەر زامان مۇسۇلمانلىق بىلەن ئەمەس بەلكى پەيغەمبەرلىك يەنى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنغان (بۇ سۆزدىن قۇسۇر تاپماسلىقىڭلانى ئۈمۈت قىلىمەن ) شۇڭا مەيلى بىرىمىز قارشى تۇرايلى ياكى تۇرمايلى ئۇ باشقا مەسىلە ، لىكىن ماقالىنىڭ ئاشۇ قۇرلىرىدىكى پەرۋاسىزلىقنى ئۇمۇمغا قاكارلاش ئارقىلىق ئىددىيەگە سىڭدۈرىش مەخسەت قىلىنسا ياخشى بولماي قالامۇ ، ئەلۋەتتە ئەتراپىمىزدىكى ئىشلاغا سوغۇققانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا بولىدۇ ، لىكىن پەرۋاسىزلىق قىلساق بولمايدۇ ، ئەجىبا ھەممىمىز «نىمىش بولدا مىنىڭ كارىم يوق ،مەسۇلىيتىممۇ يوق »دىسەك ئەمسە بۇنىڭ ئاخىرىنى تەسەۋۇر قىلغىلى بولامۇ زادى ؟

    مەن چۈشەنمىدىممۇ ياكى ماقالىنىڭ بۇ قىسىمى راسلا سەل ياخشى چىقمىدىمۇ يازغۇچىنىڭ ئويلىنىشىغا سۇندۇم

    • ئاچىنۇق مۇنداق يازغان:

      پىكىر قاتناشتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت.

      شەخسەن پەيغەمبەرىمىزنىڭ سۆزلىرىدىن قىلغان ئىشلىرىنى بەكىرەك چوڭ بىلىدىكەنمەن ئويلاپ باقسام. سىز رەسۇلىللاھ ”بىر مۆئىمىننىڭ ئىززەت ھۆرمىتى كەئىبىدىن ئۇلۇغ“ دەپ مىسال ئاپسىز. بۇ ئېسىل بىر سۆزكەن. لېكىن بۇ سۆزدىن ھىچقاچان ”بىر مۇسۇلماننىڭ ئىززدەت-ھۆرمىتى ئۈچۈن ئادەم ئۆلتۈرسەك بولىدۇ“ دېگەن مەنە چىقمايدىكەن. مەنچە بۇ سۆز بىر ئىنسانىيلىق مەنىسىدە قوللىنىلغان دەپ چۈشەندىم ئۇدۇل جۈملە مەنىسى بويىچە. يەنى بۇنى مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلمانغا نىسەبەتەن ئىززەت ھۆرمىتى دەپ چۈشەندىم، مۇسۇلماننىڭ بىر كاپىر ياكى باشقا دىندىكىلەرگە نىسبەتەن ھۆرمىتى ئەمەس (لېكىن سىز شۇنداق چۈشەنگەندەك تۇرىسىز).

      پەيغەمبەرىمىز ئۇزۇن مۇددەتلىك جاپا-مۇشەققەتتىن كېيىن ئاخىرى مەككىنى فەتىھ قىلىدۇ. لېكىن پەيغەمبەرىمىز باشچىلىقىدىكى ساھابىلەر مەككىگە كىرگەندە قان تۆكۈلمەيدۇ. پەيغەمبەرىمىز ئۆزىگە بۇرۇن قارشى تۇرغان، تىللاپ-ھاقارەتلىگەن بارلىق دۈشمەنلىرىنى پۈتۈنلەي كەچۈرىدۇ. مۇشۇنداق بىر چوڭ ئىشتىن بۈگۈنكى كىشىلىرىمىزنىڭ ھىچنەرسنى ھىس قىلمىغىنى كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. پەيغەمبەرىمىز ئەڭ ئاخىرقى بىر نۇتىقىدا (مەزمۇنىنى سىزنى ياخشى بىلىدۇ دەپ چۈشەندىم) مەركەزلىك قىلىپ مۇسۇلمانلارنىڭ پەيغەمبەرىمىزنى مەبۇد قىلۋالماسلىقى ھەققىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن. ھازىرقى كۈندە پەيغەمبەرىمىزگە ھاقارەت قىلدى دەپ ئادەم ئۆلتۈرۈش دەرجىسىگە بېرىش ماڭا مەبۇدچىلىقتىن سىگنال بېرىدىغاندەك تۇيۇلدى.

      بىز، ھەر بىر ئىشتا ”ناھايتى شەپقەتلىك ۋە مىھربان ئاللاھنىڭ ئىسمىنى بىلەن باشلايمەن“ دەيمىز، نىمىشقا بىزمۇ ئاللاھقا سېغىنغان ۋاقتىمىزدا، ئۇنىڭ ئەڭ مەركەزلىك سۈپەتلىرىدىن بولغان شەپقەت ۋە مىھربانلىقنى ئۆز خاراكتېرىمىزگە كىرگۈزۈشكە تېرىشمايمىز؟ (پۈتۈن ئالەم ئاللاھنىڭ ياراتقىنى، مەيلى كاپىر يا ناسارا بولسۇن، ئوخشاشلا ئاللاھنىڭ بەندىسىدۇر)

      ئاخىردا دەيدىغىنىم، سۈننەت بىلەن پەرىزنى ئېنىق ئايرىغان بولسىڭىز، پەيغەمبەرىمىزنىڭ سۆزى سۈننەت بولىدۇ، پەرز ئەمەس. سۈننەتمۇ نەچچە دەرىجىگە بۆلىنىدۇ، بۇنى بەلكى مەندىن ياخشى بىلىسىز.

      • كۈلكەم مۇنداق يازغان:

        ھاھاھا !!! رەخمەت ، خېلى جانلىق پىكىر قىلىپسىز ، مۇشۇنداق مۇنازىرە كۈتكەن ئىدىم زادى سىزدىن … ھە راس بۇ ماقالىڭىزنى تۇنجى قېتىم ئوقۇغاندا يەنى ئاشۇ سىزگە مىسال قىلغان قۇرلارنى ئوقۇغاندا مەن « ئەگەر بۇ بالىنىڭ دادىسىنى ياكى ئۇغلىنى بىراۋ مەسخىرە قىلسا بولۇپمۇ بىر ئەشەددىي دۈشمىنى ئاشۇنداق قىلسا يەنىلا ئاشۇنداق ھىچ ئىش بولمىغاندەك تۇرامدىغاندۇ » دەپ ئويلاپ قالغان ئىدىم ، چۈنكى بالىڭىزنىڭ ئاشۇ دۈشمىنىڭىز ئالدىدا ئىززىتىنى قوغداش ئۈچۈش ئازراق ھەركەت قىلىشىڭىز ھەرگىزمۇ سىزنىڭ بالىڭىزنى مەبۇد قىلغانلىقىڭىزدىن دېرەك بەرمەس مىنىڭچە ، ئەمدى بۇ دىن قاراڭ ، مەن بۇ يەردە ئادەم ئۆلتۈرۈشنى مىسال قىلمىدىم ، ھەم ئۇنداق قىلىشى كىرەكمۇ دىمىدىم ، ئەينى ۋاقىتتا رەسۇلۇللاھ توسمىغان بولسا يەنى ئەپۇ قىلمىغان بولسا ساھابىلەر ھىچ بوش قويمايتتى ئۇ كافىرلارنى … مۇسۇلمانلار رەسۇلۇللاھنى ھۆرمەت قىلىدۇ ، ھەم شۇنداقلا ئاللاھنىڭ قۇلى دەپ بىلىدۇ ، ھىچ كىم ئۇ زاتنى مەبۇد قىلۋالغىنى يوق ، شەخسەن مىنىڭ باھايىمغا نىسبەتەن كۆپ ئويلاپ كىتىپسىز ، بىزنىڭ مۇشۇ دىندا ياشاپ ئاللاھنىڭ نىئمەتلىرىنى ھالالدىن رىزىق قىلىشقا سەۋەب بولغان زاتنى باشقا دۈشمەنلەر مەسخىرە قىلسا سىزنىڭ «لېكىن مەن ھەرگىز بۇ (شۇ ۋەقە) سەۋەبلىك ئۆزەمدە مەسئولىيەت ھېس قىلمايمەن» دىگەن بۇ سۆزلىرىڭىز ھەيران قالدۇردى دىدىم ، يەنە بىر ئەسكەرتەي مەن ھىچكىمنى ئۆتۈرۈشكە سەۋەت قىلمىدىم ھەم ئۇ خۇسۇستىمۇ گەپ قىلمىدىم ، بىر يامان ئىشقا نىسپەتەن ئەڭ بولمىغاندا قەلىپتە بولسىمۇ نارازىلىق بولمىسا ئۇ كىشىدە ئىماننىڭ ئەڭ ئاجىز ئۇچقۇندىسىمۇ قالمىغان بولىدۇ ، شۇڭا سىز سۆز قىلغان ۋاقىتتا سەل ئاۋايلاڭ ، سىز سىرىتتا ئۇخشايسىز ، ئەمما مەن قورغاننىڭ ئىچىدە ، تور بىتىڭىزگە پىكىر قاتناشتۇرۇشقا كىردىم ، بۇنىڭ دەردىنى تارتىپ قالماي بىكا …. سىز پەرۋا قىلمىسىڭىز مەيلى ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ھىس قىلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ ، لىكىن پەرۋا قىلغان ھەم مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ھىس قىلغانلارنى ئەيىپلەش خاراكتىرىنى ئالغان بۇ ماقالىڭىزنى سەل باشقىچە ھىس قىلدىم ، مۇسۇلمانلارنى ئارسىدا رەسۇلۇللاھنى مەبۇد قىلۋالغانلا يوق ، بەلكى سەل چەكتىن ئاشۇرۋەتكەنلەر بار ،

        • ئاچىنۇق مۇنداق يازغان:

          «لېكىن مەن ھەرگىز بۇ (شۇ ۋەقە) سەۋەبلىك ئۆزەمدە مەسئولىيەت ھېس قىلمايمەن»—
          تېكىستتىن قارىغاندا بۇ گىپىمنى خاتا چۈشىنىۋالغاندەك تۇرىسىز. بۇ گەپنى دېيىشتىكى مەقسەت: ئەتراپىمدىكى نۇرغۇن مۇسۇلمانلار باشقا دۆلەتتىكى بىرەر ئادەم ئىسلام نامىدا ئادەم ئۆلتۈرسە ئۆزىگە ئېلۋىلىشى بولدى. خۇددى كوچىدا باشقا بىرى ئوغۇرلۇق قىلسا ئۆزى ئوغىرلىق قىلغاندەك. ئۆزىمىزگە ئېلىپ ئېيتساق، ئىچكىردىكى بىر ئۇيغۇر ئوغۇرلۇق قىلسا پۈتۈن ئۇيغۇر بۇنى ئۆزىگە ئېلىپ تور ۋە تارقىتىش ۋاستىلىرىدە بىز ئۇيغۇر ئوغرى ئەمەس دەپ تەشۋىق قىلغاندەك. دېمكچى بولغىنىم، مەن دەل شۇنداق ئىشنى باشقىلار قىلسا، ئۇنى ئومۇلاشتۇرۇپ ئۆزىگە ئېلىپ خودۈكسىنىدىغان ئىشتىن زىرىكىپ قاپتىمەن. خەق قانداق چۈشەنسە، ئۇ پەقەت ئۇلارنىڭ كاللىسىنىڭ قانچىلىك تارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. مەن ھاياتىمدا كۆرۈپ باقمىغان بىراۋنىڭ ئۆزى چۈشەنچىسى بويىچە ”ئىسلام“ نامىدا قىلغان جىنايىتى ئۈچۈن مەسئۇل بولمايمەن دېمەكچى.

          مەن ھەم ئوتۇپىيەگە ئىشەنمەيمەن. ھەم ھەرقانداق ئادەم ئۆلتۈرۈش ھەركىتىنى ئاقلىمايمەن، مەيلى ئۇ دىن نامىدا بولسۇن ۋە باشقا نامدا (بۇ قارىشىمىغا ھەم مۇنازىرە تەلەپ قىلمايمەن).

          • كۈلكەم مۇنداق يازغان:

            ئىپادىلەشتىكى مەسىلە دەڭ ئەمسە ، مەركەزدىن قاچما ھەركەت قىلماي ، سۆزلىرىڭىزنى مەن چۈشنەلمىگەندەك قىلمىدىم ، لىكىن سىز مەن سىزگە ئىنكاس قىلغان مەسىلىدە تازا توختالمىدىڭىز ، سىز مۇنازىرە تەلەپ قىلمايمەن دىسىڭىزلا بولمايدۇ ، تور دىگەن مۇشتا ئورتاقلىشىدىغان يەر شۇ ، ھەر قانچە بولسا بۇ توربەتتە ئۆزىڭىز ماقالە يېزىپ ئۆزىڭىز ئىنكاس يېزىپ ئۆزىڭىز تەستىقلاپ ئولتۇرمىغانسىز ، مەن ئۆزەمنىڭ ھەر قانداق قارشىنىڭ ئىلمىي بولىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن ، قىسقىسى مۇنازىرە بولسا دەيمەن ، مىنىڭ مۇنازىرە تەلەپ قىلىشىم ئۆزۈمنىڭ شۇ مەسىلىگە مەيدانىمنىڭ يوقلىقى ئەمەس بەلكى ئارلىقتا چۈشۈنىش ھاسىل قىلىش ، بۇنداق مۇنازىرە بولۇپ تۇردىغان يەرگە ماقالە يوللىغان ئادەم ماقالىنىڭ تىلىنى چۇقۇم ياخشى كونتىرول قىلىشى ، چۈشنىشلىك بولىشىنى ئويلىشىش كىرەك ، يەنى ئاممىبابراق بولىشى لازىم ، سىزگە باشقىلار ماقالىڭىز توغرىسىدا تەنقىد بەرسە (مەن تەنقىد بەرمىدىم ،ئورتاقلىق ھاسىل قىلاي دىدىم ) مەسۇلىيەتچان بولماي بۇنداق پوزىتسىيە بىلدۈرسىڭىز تىمىڭىزغا ئالاھىدە قىزىقىپ تۇرۇپ ئىنكاس يازغىنىمغا خىجىل بولۇپ قالىمەنكەن ، مەنمۇ سىزنى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدۇ ھەقچان دەپ ئالاھىدە ئەسكەرتىپ «سىز پەرۋا قىلمىسىڭىز مەيلى ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ھىس قىلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ »دەپ ئۆزۈمگە چىكىنىش يولى قالدۇرغان ئىدىم ، ماقالىڭىزنى چۈشنەممىسەم ماڭا ئىتتىرىپ قويماي ئۆزڭىزگىمۇ ئېلىپ قېلىڭ ئازراق …. يەنى «مەن تازا دىققەت قىلاممىدىممۇ بۇ نۇختىغا، ياكى مىنىڭ بۇ جەھەتتە بىلىمىم قانچىلىك ، پىشىپ يىتىلدىممۇ ، ھىچ بولمىسا مۇشۇ توغرىسىدا گەپ قىلسام باشقىلارنى توغرا ئىددىيەدە يىتەكلەپ ماڭالامدىم ياكى باشقىلارنىڭ ئىددىيىسىنى قالايمىغان قىلىشقا سەۋەب بولامدىم ، ياكى مەن ئۆزەمنىڭ كاللىسىغا كىرۋېلىپ چىقالماي قېلۋاتامدىم …… » دىگەندەكچۇ ، قىسقىسى ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىڭ ، مىنىڭ ئىكاسىمنى ئۇخلاشتىن ئاۋال ياكى ئىشقا مېڭىشتىن سەل بۇرۇنلا كۆردىڭىزمۇ بىلمىدىم ،ماقالىڭىزنى ۋە قىلغان تەھلىللىرىڭىزنى كۆرۈپ سىزنى ئىلمىي ھىسابلاپ مۇنازىرىگە ئىنكاس چۈشۈرسەم بۇ قايتۇرغان ئىنكاسىڭىزدىن مەنمۇنلۇق ھىس قىلالمىدىم ….

      • كۈلكەم مۇنداق يازغان:

        بۇ يەردە تېخى بالدۇرلۇق قىلىسىزكەن ،سۈننەت پەرىز ئايرىشتا http://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cool.gifhttp://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cool.gif.. (گىپىم قاتتىق تىكەتمىسۇن ، )

        • شەبنەم مۇنداق يازغان:

          ئەسسالام -ئەلەيكۇم،
          مەنچە ئاچىنۇق ئەپەندى ئاق ياقىلىقلار ئىچىدە دىنغا بولغان چۈشەنچىسى چۇڭقۇر ھەم كەڭ دائىرلىك دەپ قارايمەن .( يازمىللىردىن كۈرۋالغىلى بۇلىدۇ). ھەم ئۈزىگە خاس تۇتقان يۇلىمۇ بار ئىكەن . (شەخسەن پەيغەمبەرىمىزنىڭ سۆزلىرىدىن قىلغان ئىشلىرىنى بەكىرەك چوڭ بىلىدىكەنمەن ئويلاپ باقسام. ) بۇ مەنىدىكى سۆزلىرىنى باشقا يازمىللىردىمۇ ئۇچراتقىلى بۇلىدۇ.
          بۇ مۇنازىرە فىرانسىيەدە يۇز بەرگەن ۋەقە توغرىسىدىكى بەزى كۆز قاراشلار تۈپەيلىدىن ئوتتۇرغا چىقتى . ئۇ ۋەقە زادى قانداق ۋەقە ؟ (بەلكىم ئارتۇق چۈشەندۈرۈشنىڭ ئورنى يوق ) .ئەمدى كەلسەك ، كۈلكەم : سىز ”بىر مۆئىمىننىڭ ئىززەت ھۆرمىتى كەئىبىدىن ئۇلۇغ“ دەپ مىسال ئېلىش ئارقىلىق ،ئاچىنۇق ئەپەندىنىڭ ئاتالمىش پەرۋاسىزلىقىغا ھەيران قالغانلىقىڭىزنى ئوتتۇرغا قۇيۇپسىز . مەنمۇ ئۇ سۆزنى مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلمانغا نىسەبەتەن ئىززەت ھۆرمىتى دەپ چۈشەندىم. مۆئمىننىڭ ئىززەت ھۆرمىتىنى مۆئمىن قىلىدۇ .ئەگەر ئۇنداق بولمىسا قان تۈكۈش كېرەكمۇ ؟ نارازىلىقىنى بىلدۈرۈشنىڭ يوللىرى كۆپقۇ ، خۇددى ئاچىنۇق ئەپەندى ئېيتىپ ئۆتكەندەك ( مەن ئۇ ژۇرنالنى ئالمىساملا بولىدۇ ياكى ئوخشاش ئۇسلۇبتا ئۇلارنى زاڭلىق قىلسام بولىدۇ دىگەندەك ).شۇڭا ئاچىنۇق ئەپەندىنى بۇ ئىشقا قارتا بىپەرۋالىق پوزىتسىيەسىدە بولدى دىيىشكە بالدۇرلۇق قىلىمىز .
          يەنە بىر نوقتا،سىز،( مەن بۇ يەردە ئادەم ئۆلتۈرۈشنى مىسال قىلمىدىم ، ھەم ئۇنداق قىلىشى كىرەكمۇ دىمىدىم ، ئەينى ۋاقىتتا رەسۇلۇللاھ توسمىغان بولسا يەنى ئەپۇ قىلمىغان بولسا ساھابىلەر ھىچ بوش قويمايتتى ئۇ كافىرلارنى….) دەپسىز ،بۇنى قانداق تەسەۋۋۇر قىلىشىمىز مۇمكىن ؟ ( بۇ غۇ ئاللىبۇرۇن نەتىجىلىنىپ بولغان ئىشلار ،تەسەۋۋۇر ئارتۇقچە ) ، لىكىن سۆزلىرىڭىز زىدديەتلىكتەك …..

          • كۈلكەم مۇنداق يازغان:

            خاتا چۈشىنىۋالماڭ ، ئۇلار زىددىيەتلىك گەپ ئەمەس ، مەن يازمامدىكى سۆزۈمنى دىمەكچى ، چۈنكى يازغۇچى مەن سۆز ئاچمىغان تەرەپتىنمۇ سۆز قىلىپ قاپتۇ ، مىنىڭ بىخەتەرلىكىمگە چېتىلىدۇ ، بۇ تور ساھەسى بولغاچقا مەن ئۇلارنى تەشەببۇس قىلمىدىم دىدىم ، چۈشنەممىگۈدەك گەپ ئەمەس ئۇ ، فىرانسىيەدىكى ۋەقەگە بەزىلەر ئادەم ئۆلتۈرۈپ قارشى تۇردى ، بەزىلەر ئوخشاش ئۇسۇلدا قارشى تۇردى ، يەنە بەزىلەر باشقا ئۇسۇلدا ، … ئەيىبلىگەنلەرمۇ بار ، ھىچ ئىش بولمىغاندەك قاراپ تۇرغانلارمۇ ، پەرۋاسىز مۇئامىلە قىلغانلارمۇ بار ، ھەر قايسى تەرەبدارلار بىر بىرىنى ئەيىبلەشمەي ئۆز ئىشىنى ئەلا بىلىپ داۋام قىلۋاتسا پەرۋاسىزلىك قىلغانلار باشقىلارنى ئەيىبلەپتۇ ، شۇڭا سۆز قىستۇردۇم . رەسۇلۇللاھ دىمسىمۇ دىگەن سۆزىدىن ئەمەلىي قىلغان ئىشى جىق ، باشقىلارنىڭ ئەھمىيەت بىرىش بەرمەسلىكى ئۇ ئۆزى ئۈچۈندۇر ، شۇڭا سىز ماقالە ۋە يازغۇچى بىلەن پىكىرلەشكەن سۇئال جاۋابلارنى ياخشىراق ئوقۇپ ئاندىن مۇنازىرىگە كىرشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن ، نىمنى تەھلىل قىلۋاتقانلىقىمىزنى بىلمەي تۇرۇپلا ماڭا سۇئال قويماي مۇنازىرنىڭ مەركىزى نۇقتىسىنى تېپىپ ئاۋال ئويلىنىڭ ،

            مەن سىزگە يەنە ئەسكەرتەي ، مەن يازغۇچى بىلەن سۇئال سۇراق ئويۇنى ئوينىمىدىم ، ئىلمىي مۇنازىرە قىلۋاتىمەن ،يەنى ئۆزۈمگە ئىلىم تەلەپ قىلىۋاتىمەن ، چۈشەنچە بىرىشىنى سوردۇم . يازغۇچىنى ئاق ياقا قارا ياقىغا ئايرىپ ئاقلىمىسىڭىزمۇ بىلىمەن بۇ قېرىندىشىمنى …. مىنىڭ سۆزۈم زىددىيەتلىك ئەمەس ، لىكىن باشقىلا بىلەن مۇنازىرە قىلسىڭىز خاتالىقىنى دىسىڭىز بولىدۇ . چۈنكى مەن مۇنازىردە ئۆزۈمگە خاس مەيدانىم بار ، خۇددى «.( يازمىللىردىن كۈرۋالغىلى بۇلىدۇ). ھەم ئۈزىگە خاس تۇتقان يۇلىمۇ بار ئىكەن. ) » دىگەن سۆزىڭىزدىكى خاس يولغا ئوخشاش يولۇم بار ، شۇڭا سىزمۇ ئۆزىڭىز مۇستەقىل مەيداندا پىكىر قىلىڭ ، يازغۇچىنىڭ ئىددىيسىدىن مىنىڭ مۇنازىرەمنى زىددىيەتلىك قىلىشقا ئۇرۇنماڭ

            مەن يازغۇچىنىڭ «مەن ئۇ ژۇرنالنى ئالمىساملا بولىدۇ ياكى ئوخشاش ئۇسلۇبتا ئۇلارنى زاڭلىق قىلسام بولىدۇ » دىگەن سۆزىدىن ئەمەس بەلكى « لېكىن مەن ھەرگىز بۇ (شۇ ۋەقە) سەۋەبلىك ئۆزەمدە مەسئولىيەت ھېس قىلمايمەن،»دىگەن سۆزىنى چۈشەنمىگەنلىكىمنى ئېيتقان ئىدىم ، شۇڭا سەل چالا ئوقۇپ قاپسىز . ئەگەر مۇنازىردىن چۈشەنچىگە ئىگە بولماقچى بولسىڭىز مەرھەممەت ، سورۇنغا ، ئەگەر ماقالىدىن ھالقىپ يازغۇچىنىڭ ئۆزىڭىزمۇ ھىس قىلالمىغان ياكى ئۆزىڭىزچە ھىس قىلغان ئىددىيسى ياكى ئىش ھەركىتىنى ماڭا دەپ بەرمەكچى بولسىڭىز ۋەياكى تەرەپ ياقىلىماقچى بولسىڭىز ئاستا توختاپ قېلىڭ ، ئاخىردا بىكەت باشلىقىنىڭ ماڭا ئالاقىدار باھالارنى ئۆچۈرۋىتىشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئىلتىماس قىلىمەن http://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_smile.gifhttp://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_smile.gif

          • كۈلكەم مۇنداق يازغان:

            ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام سالام كىيىن بوپ قالدى ، بۇنىڭدىن ئۆزرە سوراي ،

  10. توغۇرچىن مۇنداق يازغان:

    بۇ بلوگدىكى ئادەملەرمۇ خېلى كۆپىيىپ قاپتۇ، قۇربانجان ئاكامنىڭمۇ ۋاقىت چىقىرىپ سەرخىل تېمىلارنى يازغىنىغا رەھمەت. مەنچە ئۇيغۇرلار مۇشۇنداق ھەرخىل نۇقتىدا تۇرۇپ قورقماي پىكىر قىلالايدىغان، مۇستەقىل پىكىرىمىزنى ئوتتۇرغا قويالايدىغان ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرىشىمىز لازىم.

  11. ئۇيغۇرمەن مۇنداق يازغان:

    ئىشقىلىپ، بىزنىڭ دىندارلىرىمىز بەك سەزگۈر. بەكراق ئىسلامغا مەسئۇل. مەن ئەرەپ ئۆلىمالىرىنىڭ كىتاپلىرىنى كۆپ ئوقۇدۇم. ئۇلارنىڭ نەقىللىرىدىن شۇنى ھىس قىلدىمكى، ئۇلار ھەتتا فىرىئۇدتەك جىددىي دىنسىز يەھۇدىينىڭ، ئاشقۇن جىنسىيەتچىنىڭ كىتاپلىرىنىمۇ ئوقۇيدۇكەن. ئەمما بىزنىڭ بۇ «بەكرەك ئىسلامغا مەسئۇل» دىندارلار ئىمانىغا ئىشەنچ قىلالمىغاچقا، كاپىر بولۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، دىنىي كىتاپلار تېشىدا ھىچقانداق كىتاپ ئوقۇمايدىغانلىقىنى كۆپ كۆردۈم. تەفىھىيمۇل قۇرئاننىڭ مۇئەللىپى _ تۇنجى قېتىم قۇرئاننى ئېنگىلىزچىغا تەرجىمە قىلغان مەۋدۇدى ئاشۇ تەپسىرىدە قۇرئان بىلەن ئىنجىل، تەۋرات، زەبۇرنى سېلىشتۇرۇپ پىكىر قىلغاندا شۇنچىلىك ئىنچىكىلىكىدىن قاراپ، ئاشۇ كىتاپلارنىمۇ يادا بىلىدىكەن دەپ ئويلاپ قالدىم.
    جەدىرلىك دىندارلىرىم، ئىسلامنىڭ ئىلىم قارىشى شۇكى: ئىلىم _ مۆمىننىڭ يۈتتۈرۈپ قويغان مېلىدۇر، نەدە ئۇچراتسا ئېلىشقا ھوقۇقلۇق! (ھەدىس). ئىسلام ئىجتىھات (پىكىر يۈرگۈزۈش، مۇلاھىزە قىلىش، تەپەككۈر قىلىش)قا شۇنچىلىك جىددىي ئەھمىيەت بېرىدۇكى، خاتا ئىجتىھات قىلغانلارغا بىر ساۋاپ، توغرا قىلغانلارغا ئىككى ساۋاپ بېرىلىدۇ. بۇ يەردە خاتاغا بىر ساۋاپ بېرىشتىن مەخسەت، رىغبەت ئۈچۈندۇر. يەنى، خاتا قىلىپ قويۇشتىن قورقۇپ، پىكىر يۈرگۈزمەيدىغان بولۇپ قالماسلىقىمىز ئۈچۈن.
    ئاچىنۇق ئۇكىمىز نېمىلا بولمىسۇن تەپەككۈر قىپتۇ، تەپەككۈرگە بېرىلىدىغان ئەھمىيەتتىن قارىغاندا ئۇنىڭ خاتالىرىمۇ كەچۈرۈلۈدۇ، ئىنشائاللاھ. شۇڭا گەپنى ئاۋۇتمىساق.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong> <img src="" alt="" class="" width="" height="">

https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_bye.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_good.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_negative.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_scratch.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wacko.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yahoo.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cool.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_heart.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_rose.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_smile.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_whistle3.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yes.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cry.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_mail.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_sad.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_unsure.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wink.gif