قەيسەرجان ھەققىدە

ئانا تىل غېمىدە ئاچچىق يۇتۇپ يۈرگەن بۇ كۈنلەردە ئۆزى يەسلىدىن تارتىپ خىتايچە ئوقۇغان بولسىمۇ ئۇيغۇرچە شېئىر يېزىپ ئۆز يۇرتى ھەم تىلىغا بولغان سېغىنىشنى ئىپادىلىگەن بىر ئىنىمىزنىڭ شېئىرىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماي تۇرالمىدىم. ئىنىمىز قەيسەر ھازىر بېرىتانىيەنىڭ شىمالى ئېرلاندىيە بۆلىكى پايتەختى بولغان بېلفاستتىكى خانىش ئۇنىۋېرسىتېتىدا (Queen’s University Belfast) خىمىيە ئېنژىنېرلىقىدا باكالاۋرلىق ئوقۇشىنى تۈگىتىش ئالدىدا تۇرۇپتۇ. ئىنىمىزنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇپ ئالغان تەسىراتىڭلارنى، توغرىسى باھايىڭلارنى بەكلا بىلگۈم كېلىدۇ، ئىنكاس شەكلىدە قالدۇرۇپ قويساڭلار بەكلا خۇرسەن بولىمەن.

ئىككى شېئىر

قەيسەر ئەسقەر

سەنسىز

گۆدەك بالا ئىكەنمەن قىران بولماي سەنسىز،
نادان ئىنسان ئىكەنمەن ئەقىل تاپماي سەنسىز،
يوللۇرۇمدا ئەڭگۈشتەر گەرچە يورۇتسا زېمىننى،
قارغۇ-ئەما ئىكەنمەن نەزەر تاشلىماي سەنسىز!

ئۇچتۇم قانات قېقىپ بۈركۈت چاغلاپ ئۆزۈمنى،
يازدىم سىياھ چېچىپ ناۋايى ئىللاپ سۆزۈمنى،
كۆيدۈم تۈتۈن ئوراپ ۋولقان كەبى كۆزۈمنى،
غايىبانە تەنھا ئىكەنمەن ھەق ئىزدىمەي سەنسىز!

08.11.2014

كەلمىدىڭ

كەلدىم ياقا-يۇرتقا بىلىم ئىشقىدا بۇ ھەۋەس ئەمەس،
كۆردۈم بىغەم ئەلنى باغى-بوستاندا بۇ ھەيران ئەمەس،
ئارمىنىم يوق پۇشايمان يوق گەرچە قەلبلەر مىسكىن،
تىڭشىدىم قۇش ساداسى كۆكتە بۇ ياسالما ئەمەس،

ئۆتكۈزۈپ تۈن ۋە تاڭنى ۋىسال سورىدىم كەلمىدىڭ
ياڭرىتىپ كۈي ۋە غەزەلنى ھېسداش ئىزدىدىم باقمىدىڭ،
تەلمۈرۈپ ئاي ۋە يۇلتۇزگە چىنلىق تىلىدىم قايتمىدىڭ،
يانمىدىم يولۇم يىراق قىيىن توساقتا بۇ سۆز ئەمەس.

11.11.2014

بېلفاست

 يەسلىدىن تارتىپ خىتايچە ئوقۇغىنىغا ئىشەنمەي قالدىڭلار بەلكىم. ئىنىمىز بۇ شېئىرلىرىنى ماڭا تېخى يانفونىدا ئۇيغۇر كونا يېزىقىدا يېزىپ ئەۋەتىپتۇ. بۇنداق بولۇشى ئاساسلىقى ئىنىمىزنىڭ ئائىلە تەربىيەسىدىن ئىكەن. ئۆزىمۇ ھەم تىرىشىپ يېزىش-ئوقۇشنى ئۆگىنىپتۇ. مۇشۇنداق ئاتا-ئانىلارلا بولىدىكەن، تىلىمىز يەنىلا ئۆز كۈچىنى يوقاتمايدۇ دەپ ئىشىنىمەن. بىرگە ماھىر كۆپكە قادىر بۇ ئىنىمىزنىڭ كەلگۈسىدە ئۆز پىلان قىلغىنىدەك دوكتۇرلۇق ئۇنۋان ئېلىپ بىزگە پەخىرلىك بىر ئالىم بولۇپ چىقىشىنى، ھەم مۇشۇنداق غايىلىك ياشلىرىمىزنىڭ تېخىمۇ كۆپلەپ چىقىشىنى بىر ئاللاھدىن تىلەيمەن.

بۇ يازما تەۋسىيەلىك ئەسەرلەر كاتېگورىيىسىگە يوللانغان ھەم دەپ خەتكۈشلەنگەن. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈشلىۋېلىڭ.

قەيسەرجان ھەققىدە ئۈچۈن 5 ئىنكاس بار

  1. يۇلـتۇزىاي ىەخمەت مۇنداق يازغان:

    مۇشۇ شېىرلارنى يازغان قوللىرىڭىزگە دەرت بەرمىسۇن قەيسەرجان. بارىكاللا!

  2. ياقۇپجان مۇنداق يازغان:

    بارىكاللا ،ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپتۇ

  3. شەبنەم مۇنداق يازغان:

    ‏ئەسسالام-ئەلەيكۇم،
    ‏قەيسەرجاننىڭ بارلىق ئىشلىرنىڭ ئۇتۇقلۇق بۇلۇشىنى تىلەيمەن.شېئىرنى ياخشى يېزىپسىز،قاپىيەلىرىمۇ ياخشى چىقىپتۇ.
    ‏ئىنسان مەيلى قەيەردە بۇلسۇن،قانچە خىل تىلنى بىلسۇن،ئەڭ ئاخىرى يۈرىكىنىڭ ساداسىنى تىڭشىسا،يەنىلا ئۆزلۈك،كىملىكىنى ئىزدەۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىدىكەن.بۇنى ئۆيدىن،يۇرتتىن ئايرىلغانلار بەكرەك چۈشىنىدىغۇ دەيمەن.

  4. ئالپاغۇت مۇنداق يازغان:

    دوستۇم قەيسەرنىڭ ئىشلىرى ئوڭ بولغان ، اللە مۈشكۈللىرىگە ئاسانلىق بەرگەي ، ئىلىم كۆكىدە ئۈزلۈكسىز پەرۋاز ئەيلىگەي !

  5. ئۇيغۇرمەن مۇنداق يازغان:

    مەن خىتايچە ئوقۇغان، ھەتتا ئۆزىنى مىللەتچى كۆرسۈتۈپ سىياسىي دەۋا سورۇنلىرىدا بوي كۆرسۈتۈپ يۈرگەن بەزى قېرىنداشلارنى بىلىمەن. ئادەتتىكى ئۇقۇملارنىمۇ ئۆزىنىڭ تىلىدا ئىپادە قىلالماي يا ىىتايچە دەيدۇ، يا ئېنگىلىزچە. ئېنگىلىزچىنى شۇنچىلىك ئۈگۈنەلەپتۇيۇ، كىچىكىدىن ئۇيغۇرنىڭ ئۆيىدە چوڭ بولغان تۇرۇپ، ئۇيغۇرچىنى نېمىشقا ئۈگۈنەلمىگەنلىكىنى چۈشەنگىلى بولمايدۇ. چۈشەنگىلى بولمايدۇ، دېدىم ئەمما چۈشۈنۈمەن: مىللىتىگە بولغان مۇھەببىتى، ئانا تىلىنىغا بولۇپمۇ ھازىرقى كۈندە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان ئانا تىلىغا بولغان ئىچى ئېچىشىش ئاغزىدا دېگەندەك ئەمەس، بەكمۇ يېتەرسىز. مانا شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆز تىلىنى بىلمەي كېتىۋاتماقتا. شۇلارغا سېلىشتۇرغاندا بۇ ئىنىمىزنىڭ روھىدىن ھەممە ئۇيغۇر ئۈگەنسە بولغۇدەككەن.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong> <img src="" alt="" class="" width="" height="">

https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_bye.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_good.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_negative.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_scratch.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wacko.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yahoo.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cool.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_heart.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_rose.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_smile.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_whistle3.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yes.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cry.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_mail.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_sad.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_unsure.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wink.gif