ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن (ئالاھىدە سان)

جۇمھۇرىيەت كۈنى، كومېتاغا قونۇش، ئادەم مىڭىسى، كۋانىت نەزەريېسى، بوشلۇق قاتلىنىش، ۋاقت تونېلى

بۇ يوللانمىدا بىر-بىرىگە مۇناسىۋەتسىز بىر قانچە مەزمۇن بار. ئالاھىدە سان دېيىشىمدە مۇنداق بىر سەۋەب بار:

بۈگۈن، يەنى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ تۇغۇلغان كۈنى. 1933-يىلىدىكى بۇ كۈندە سابىت داموللام، خوجىنىياز ھاجى، مەمتىمىن بۇغرا قاتارلىق كىشىلىرىمىز قەشقەردە تۇنجى ئۇيغۇر جۇمھۇرىيېتىنى قۇرغان ئىدى. ئەپسۇس، شىڭ شىسەي ھىيلە-مىكىر ئىشلىتىپ تاشقى ياردەمدىن پۈتۈنلەي ئايرىلىپ قالغان بۇ جۇمھۇرىيېمتىزنى تىزدىنلا ئۇجۇقتۇردى. ئەسلى تىنىچىلىق بېتىمىگە ئوخشاش ئىش، ھوقۇقنى تەڭ تۇتىمىز دەپ خوجىنىياز ھاجىنى ئۈرۈمچىگە ئالداپ ئاپىرىپ چاندۇرماي ئاخىرى قەستلەپ ئۆلتۈردى.

1944-يىلىغا كەلگەندە يەنە مۇشۇ كۈندە غۇلجىدا ئىككىنچى جۇمھۇريىتېمىز قۇرۇلدى. ھېسابتا بۇ ھۆكۈمىتىمىز 50-يىللارغىچە داۋام قىلدى. كېيىن ئۈچ ۋىلايەت ئارمىيىسى 5-كورپۇس نامىدا خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىگە قېتىلدى. نەچچە يىللار ئۆتكەندىن كېيىن بۇ كورپۇسمۇ تارقىتىۋېتىلدى. لېكىن شۇ بىر ئەۋلاد گېنىراللىرىمىزنىڭ يۇرتىمىزدا قېلىپ قالغانلىرى ھەر خىل ۋەزىپلەرنى ئۆتەپ كەتتى.

بۇ ھەقتىكى رەسىملەرگە قىزىقساڭلار، مېنىڭ شەخسى ئۇ يەر-بۇ يەردىن يىغىپ ساقلاۋاتقان مۇنۇ ئەلبۇمىمنى كۆرۈپ باقساڭلار بولىدۇ.

https://flic.kr/s/aHsjEyqqp8

ئاللاھ، قان كىچىپ جەڭ قىلغان شۇ جەڭچىلىرىمىزنىڭ روھىنى مەڭگۈ نۇرلۇق قىلسۇن! بىزنى ھەم شۇلارنىڭ سىماسىدا غورۇرلۇق قىلسۇن!

***

بۈگۈن ئىنسانلار تۇنجى قىتىم يىراقتىكى كومېتىغا تەكشۈرگۈچ ماشىنا قوندۇردى. بۇ 1.6 مىلليارد ئامىرىكا دوللىرىلىق تەتقىقات تۈرى ياۋرۇپا ئالەم قاتناش ئىدارىسى (ئېسا دەيدىكەنمىز، ناسا غا ئوخشاش، ئەيسا دېسەڭلارمۇ مەيلى) تەرىپىدىن ئىجرا قىلىنغان بولۇپ، روزەتتا كومېتا پلانى دەپ ئاتالغان. كومېتىنىڭ قىسقارتىلما ئىسمى كومېتا 67P بولۇپ، 1969-يىلى بايقالغان. 2004-يىلى ئېسا روزەتتا پلانىېت راكىتاسىنى قويۇپ بەرگەن بولۇپ، قونۇش ماشىنىسىنى يۈدۈپ ماڭغان ئۇچار جىسىم 10 يىلدىن بۇيان توختىماي ئۇچۇپ، 6 مىليارد كىلومېتىرلىق مۇساپىنى بىسىپ ئاخىرى قۇياشنى سائىتىگە 135 مىڭ كىلومېتىرلىق سۈرئەتتە ئايلىنىدىغان، بىز بىلەن نۆۋەتتىكى ئارلىقى 500 مىليون كىلومېتىر بولغان كومىتىغا قوندى. ھەر 6 يىلدا قۇياشنى بىر ئايلىنىپ چىقىدىغان كومېتادىن ئېلىنىدىغان سانلىق مەلۇماتلار بىزگە قۇياش سىستېمىسى قانداق پەيدا بولغان، ئەڭ دەسلەپكى ماددى خۇرۇچلىرى نىمە، ھاياتلىنىڭ ئاساسى بولغان ماددا ياكى جانلىقلارنى ئېلىپ يۈرەمدۇ دېگەندەك سۇئاللارغا جاۋاب بېرىشى مۇمكىن.

تولىمۇ ئەپسۇس، تېخنىلىكىق كاشىلا تۈپەيلى، قونۇش ئوڭۇشلۇق بولغان بىلەن، فىلە ئاتلىق تەكشۈرگۈچى ماشىنا 10 مىليارد توننىلىق بۇ كومېتىغا چىڭ چاپلىشالماي قالغان. 4 كىلومېتىر چوڭلۇقتىكى بۇ كومېتادا ئىغىرلىق تارتىش كۈچ بەك ئاز بولغاچقا، ماشىنا چۈشكەن ھامان ئۆزىنى مىخلايدىغان قۇرۇلما ئورنىتىلغان، ئەپسۇس بۇ قۇرۇلما ئىشلىمەي قالغان. ئېسادىكى ئالىملار شۇ تاپ ساقىلىنى سىيلاپ ئولتۇرىمىش نىجادلىق تىلەپ، بەلكى قاڭقىپ كەتمەي يەنە شۇ پلانېت بىلەن بىرگە بولۇشى مۇمكىن. قىنى بىر ساقلاپ باقايلى. ھەر ھالدا بۇ قىتىم روزەتتا بىزگە كومېتانىڭ ئەڭ يىقىن رەسىمىنى ئەۋەتىپ بەردى. بۇ كومېتانىڭ يىشى 4 مىليارد يىلكەن.

p67 كومېتا رەسىمى

ھە راست، ھىلقى يېقىندا ئايغا چىققان چاڭئى (ئاي پەرىسى دەمدۇق) ئاي يۈزىدە كاشىلا چىقىپ پېتىپ يېتىپ قاپتۇ دەۋاتاتتى، نىمە بولۇپ كەتتىكىن خەۋرىڭلار بارمىكىن؟

***

ئىنسان بىلمى جۇغلىنىپ شۇنچىلىك بىر يەرگە يەتتىيۇ، ئامما بىز چۈشەنمەيدىغان ھادىسىلەر يەنىلا تولۇپ يېتىپتۇ. كۋانىت زىنو ھادىسىسى (بۇرۇن يوللىغان بىر ماقالەم)، قارا ئۆڭكۈر، ئادەم مىڭىسى، روھ ۋە بىلىش، ۋاقىت دېگەندەك…

BBC نىڭ ئالىملارنى زىيارەت قىلىدىغان بىر پروگرامىسى بار. شۇنىڭدا بىر بىئولوگ ئالىمى يېشىل ئۆسۈملۈكلەر ھەققىدە توختىلىپ، پۈتۈن ئۆسۈملۈكلەرنى ھاياتلىق ئېنېرگىيەسى بىلەن تەمىنلەيدىغان ماشىنا، يەنى فوتوسېنتىز ئىشلىگۈچى پېگمىنتلار، (قۇياشتىن ئېنېرگىيەنى نۇر شەكلىدە قوبۇل قىلىپ ئۆزىگە ئىشلىتىدىغان جەريان) تۇيۇقسىز دېگۈدەكلا پەيدا بولغان مىليارد يىللار ئىلگىرى. ئالىملارنىڭ جاۋاب بىرەلمەيدىغان يېرى، شۇ خىل پېگمىنت قانداق شەكىللىنىپ قالغان، ئورگانىزىم قانداق قىلىپ قۇياشتىن ئىنىرگىيە ئېلىشنى ئۆگەنگەن دېگەنگە جاۋاب بىرەلمەيدىكەن. دېمىسىمۇ توغرا، شۇ ئاددى جانلىقلار قانداق قىلىپ شۇنداق بىر مۇرەككەپ پېگمىنت ياسىيالايدۇ، قۇياشتىن  فوتونىنى سۈمۈرۈشنى قانداق ئۆگەنگەن؟ جەرياننى، فۇنكېسيەسىنى چۈشەندۈرەلەيمىز-يۇ، نېمىشقا شۇنداق بولغىنىنى چۈشەندۈرەلمەيمىز. خۇددى ئېينىشتىينكام دېگەندەك، مۆجىزە دېسىڭىز، دۇنيادىكى ھەممە نەرسە مۆجىزە.

ئادەتتە يەر شارىدا نەچچە مىليون يىللار ئىلگىرىلا ئۆرە تۇرۇپ ماڭالايدىغان ئادەملەر بولغان. (مايمۇنسىمان ئادەم دەپ قويىمىز) بۇ يەردە قىزىقارلىق بىر بايقاش، بىز ھازىر بىلىدىغان 4 خىل ئادەمسىمانلارنىڭ مىڭە چوڭلۇقىنىڭ ئۆزگۈرۈشى: ئەڭ دەسلەپكى ئادەمسىمانلار 3 مىليون يىللار ئىلگىرى ياشىغان، مىڭىسى كىچىك بولغان، ھازىرقى مىڭىنىڭ ئۈچتەن بىرىگە توغرا كېلىپ قالىدۇ. بۇنىڭدىن 1.5 مىليون يىللار ئىلگىرى بۇ مىڭە تۇيۇقسىز بىر ھەسسە چوڭايغان. 800 مىڭ يىللار ئىلگىرى يەنە بىر قىتىم چوڭايغان. 200 مىڭ يىللار ئىلگىرى ھازىرقى چوڭلۇققا يىقىنلاشقان. ئەڭ قىزىقارلىق يېرى ھەر بىر قىتىملىق ئۆزگىرىش شۇ چاغدىكى يەر-شارىنىڭ غايەت كۆلەملىك مۇھىت ئۆزگىرىش ۋاقتىغا توغرا كەلگەن. يەنى مۇھىت ئىنتايىن چوڭ كۆلەملىك ئۆزگەرگەن، ھەم شۇ مۇھىت ئۆزگەرگەندە ئادەمسىمانلارنىڭ مىڭىسىمۇ ئۆزگەرگەن. بۇ ھادىسىنى تېخى يېقىندا فىزىكا ئالىمى پروفېسسور برىئان كوكس رىياسەتچلىك قىلغان BBC نىڭ ئىنسان ئالىمى (Human Universe) ناملىق ئالتە قىسىملىق ھۆججەتلىك فىلىمدە كۆرسەتتى.

تېخىمۇ قىززىق يېرى، ئەڭ يىڭى تەتقىقاتلارغا قارىغاندا، ئالدىنقى 10 مىڭدە 20 مىڭ يىل مابەينىدە، ئادەمنىڭ مىڭىسى ئۈزلۈكسىز كىچىكلەۋېتىپتۇ (ئويلىمىغان بولغىيتىڭلار ھەقىچان، مەنمۇ شۇ). بۇنى مۇنداق بىر نەچچە خىل ئېھتىماللىق بىلەن چۈشەندۈرۈپتۇ:

1. ئادەم بەدىنى كىچىكلەۋاتىدۇ، باشمۇ شۇنىڭغا ماس كىچىكلىشى كېرەك. ھاۋا بارغانچە ئىسسىغان، ئىسسىق ھاۋا ئادەم بەدىنىنى كىچىكلەشتۈرۈشى مۇمكىن، چۈنكى يوغان بەدەن ئىسسىقنى ياخشى ساقلايدۇ.

2. چوڭ مىڭىگە ئېھتىياج يوق، چۈنكى ئۇچۇرلارنى بارغانچە مىڭىدە ئەمەس، كىتابقا ئوخشاش مىڭە سىرتىدىكى نەرسىلەرنى ساقلاۋاتىمىز.

3. كىچىك مىڭە ئەمەلىيەتتە ئىش بىجىرىشتا تېخىمۇ تىز بولىدۇ، چۈنكى نېرۋۇنلار ئارىسىدىكى ئارلىق قىسقىرايدۇ.

4. ياشاش ھاياتىمىز سەۋەبلىك، چۈنكى بەكلا بىخرامان ياشاۋاتىمىز. ئىنسانلار كۆندۈرگەن ھايۋانلارنىڭ بىشى ئومۇمەن كىچىكلىگەن، چۈنكى دۈشمەنلەردىن قانداق قىچىش، قانداق قوساق بىقىش ھەققىدە غەم قىلىش كەتمەيدۇ (ما گەپكە ئىشەندىم ئامما).

لېكىن قورقماڭلار، كاللىنى ئىشلىتىپ تۇرساڭلارلا كونىراپ قالمايسىلەر.

بىزنىڭ تىنىمىزدىكى ھۈجەيرىلەر بىلەن باشقا ھايۋانلاردىكى ھۈجەيرىلەر شۇنچىلىك ئوخشاشكى پەرقلەندۈرمەكمۇ تەس بولىدىكەن. مەسىلەن تۆگىنىڭ تىلى بىلەن بىزنىڭ تىلىمىز دېگەندەك. بىرەر ئىشتلار بىلەن قارمۇ قارشى تۇرغاندا ئىشتنىڭمۇ بىزنى مازاق قىلۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىمىزغۇ ھە؟ گېن جەھەتتىمۇ چاشقان بىلەن ئادەمنىڭ 85% ئوخشايدۇ. دېمەك بىزنى ”چاشقاندىن تەدرىجى تەرەققى قىلغان“ دېسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ (ماۋۇ يۇمۇر ھە، تىللاپ يۈرمەڭلار ئادەمنى). تېخىمۇ قىززىق يېرى، ئۆزىمىزنى مۇرەككەپ ھىسابلاپ يۈرگەن بىلەن، بىز يەيدىغان بۇغداينىڭ گېنى بىزدىن نەچچە ھەسسە مۇرەككەپ بولىدىكەن. خۇدايىم زادى بىزنى مازاق قىلىشقا ئامراق بولسا كېرەك (ماۋۇ خۇدايىم بىلەن مېنىڭ ئارامدىكى ئىش، شۇڭا بەك ئارلىشۋالماڭلار).

***

ئۈستۈدىكى گەپنىڭ ئىسپاتى ئۈچۈن ئۈزەمنى مىسالغا ئالاي (يەنە قىزارماي پو ئاتىدىغان بولدۇم). بىر ھەپتە ئالدىدا باكلاۋېرلىقتا ئوقۇۋاتقان بالىلارغا ماتېماتېكىدىن مەشىق دەرىسى بەرگەن. سۇئاللارغا قاراپ بەك ئاسان ھېس قىلدىم. لېكىن مەنمۇ شۇلاردەك ۋاقتىمدا كاللام ئۇنچىلىك ئەمەستى، خىلى قىينالغان. مېڭىدە 80 مىلياردتىن ئارتۇق نېرۋۇن بار، ئۇلارنىڭ ئارىسىكى ئۇچۇر ئالاقە كىشىنى ھاڭ قالدۇرىدۇ.

بۇنى ماندامۇ ئىسپاتلاي:
كىچىكىمدە ئېتىز-ئېرىقتا ئىشلەپ چوڭ بولۇپ، مۇسكۇللار تارمۇشتەك قىتىپ كەتكەن ئىدى. لېكىن قاچان مۇشۇ ئوقۇشنى باشلىدىم، جىسمانى ئەمگەك دېگەن قالدى بىر يەردە. بۇندا بولسا، بەدەن بەكلا بوشاپ كېتىدىكەن. ئۆتكەندە قاتتىق ئىرادىگە كېلىپ رەسمى چىنىقىشنى باشلىدىم، ھېسابتا قىرىلىققا بولغان جەڭ. تۇنجى كۈنى 20 كىلولىق شىتانكىنىمۇ بېشىمدىن ئىگىز كۆتۈرەلمەي شۇنداق نومۇس قىلىپ كەتتىم. لېكىن ئۈچ ھەپتە ئۆتۈپلا 35 كىلونى لىڭڭىدە كۆتۈردىغان بولدۇم. مانا قاراڭ، ئادەم بەدىنىنىڭ ئېلاستىكىلىقىغا! فىزىكا يول قويغان چەكتە، سىز مۇسكۇلىڭىزنى قانچىلىك كۈچلۈك قىلالايمەن دېسىڭىز شۇنچىلىك قىلالايسىز. مېڭىنى تېخىمۇ شۇ، لېكىن مىڭىنى كۈچلۈك قىلىش مۇسكۇلنى كۈچلۈك قىلىشتىن كۆپ ئاسان (بۇمۇ خۇدايىمنىڭ ھىكمىتى مەنچە)، ھەم چېكى يوق دېسەكمۇ بولىدۇ. ھازىرغىچە ئىنسانلار پەقەت مىڭىسىنىڭ 5 تە 10 پېرسەنت يوشۇرۇن كۈچىنى ئىشلىتىۋاتىدۇ دەپ قارايدۇ بەزى كىشىلەر، گەرچە ئىسپاتلانمىغان بولسىمۇ (چۈنكى ئىنسان مىڭىسى يەنىلا ئەڭ چوڭ ئىچىلمىغان رايون، ئۇنىڭ قانداق ئىشلەيدىغىنىنى چۈشىنىپ بولالمىدۇق، لېكىن بەدەن ئىغىرلىقىمىزنىڭ 3% نى تەشكىل قىلغان بۇ قىسىم، بەدەن قوبۇل قىلغان ئوكسىگىننىڭ 20% نى ئىستىمال قىلىدۇ). شۇ كاللىدىكى 80 مىليارد نىرۋۇننى بىر-بىرى بىلەن قانچە كۆپ ئۇلىسىڭىز، مىڭىڭىز خۇددى نۇر كابىلىدا ئۇلىغان كومپيۇتېر تورىدەك ئىتتىكلىشىپ كىتىدۇ. باشقا گەپلىرىمگە ئىشەنمىسىڭىزمۇ مۇشۇ گىپىمگە زادى بىر ئىشىنىڭ!

ئادەم مىڭىسىكى نېرۋىلار يوللىرى، ئۇچۇر ئالمىشىش كۆۋرۈكلىرى

ئادەم مىڭىسىكى نېرۋىلار يوللىرى، ئۇچۇر ئالمىشىش كۆۋرۈكلىرى

بۇ يەردە ئادەم مىڭىسىنىڭ تېخىمۇ كۆپ رەسىملىرى بار

http://techgenmag.com

***

يەنە بىر قىزىقارلىق ئىش، مەيلى يەر شارىدىكى بولسۇن ياكى يىراق يۇلتۇزلاردىكى ئېقىنلارنىڭ بىر ئورتاقلىقى باركەن: يەنى دەريالاردا ئادەتتە ئەگمەچلەر بولىدۇ، ھەر بىر ئەگمەچنىڭ كەڭلىكى بىلەن شۇ ئېقىننىڭ كەڭلىك نىسبىتى 11 گە يېقىن، 9 بىلەن 11 نىڭ ئارىسىكى سان بولىدىكەن. نىمىشقا شۇنداق بولىدۇ، بۇمۇ بىر سىر. ھېسابتا بىز تەبئەت ئالىمىدىن داۋاملىق ئوخشاش بىر شەكىل ھەم قانۇنىيەتلەرنى بايقايمىز. مەسىلەن، مەيلى تارتىش كۈچ بولسۇن، ھەرىكەت ئىنىرگىيەسى بولسۇن، ئېلكترون زەررىچىسىنىڭ زەررىچە ساقلاش ئېنىرگىيەسى بولسۇن، كۋانىت ئىنىرگىيەسى بولسۇن، ھەممىسىدە پارابولا مۇناسىۋېتى بار، خۇددى تەبئەت پارابولاغا شۇنداق ئامراقتەكلا.

بىلگىنىمىز ئاشقانچە ھەيرانلىقىمىز ئېشىپ مىڭىۋاتىدۇ. ئالەمنىڭ تەرەققىياتىغا قارايدىغان بولساق، نۇرغۇن جەريانلارنىڭ مۆجىزە يۈز بەرگەندەكلا بولغىنىنى ھېس قىلىسىز. بۇنى ئىلىم-پەندە ھازىرچە تاسادىپىيلىق دەپ تۇرىمىز… …

***

كۋانىت فىزىكىسىدا ئاجايىپ بىر قانۇن بار ھازىرغىچە بۇزۇلماي كېلىۋاتقان. بىز ھازىرغىچە بىر ئېلېكتروننىڭ ئورنى ۋە مومېنتىنى بىرلا ۋاقىتتا بەلگىلىيەلمەيمىز. مۇنداقچە ئېيتقاندا ئېلېكترون بىزگە تۇتۇق بەرمەيدىغان بىر نەرسە. بىز ھەتتا ئۇنىڭ ياكى زەررىچە ياكى دولقۇن ئىكەنلىكىنىمۇ ئىنىق بىلمەيمىز، ئادەتتە ھەم زەررىچە ھەم دولقۇنلۇق ئالاھىدىلىكى بار دەپ ئالىمىز. قىززىق يېرى، تەجىرىبە نەتىجىسى بىزنىڭ كۈزىتىشىمىزگە باغلىق. دېمەكچى، بىز تەجىرىبە نەتىجىسىنى ئالدىن بەلگىلىيەلمەيمىز، نەتىجە بىزنىڭ قانداق قارىشىمىزغا باغلىق. تېخىمۇ زاغرا تىلىدا ئېلىپ ئېيتقاندا، ئېلېكترون بىزنىڭ ماراۋاتقىنىمىزنى “بىلىدۇ”. دەل مۇشۇ ھادېسىنى يېقىندا جەميەتشۇناسلار مۇنداق ئىشلىتىپتۇ:

بىز نۇرغۇن نەرسىلەرنى نورمال ۋە بىنورمال دەپ ئايرىۋالىمىز، مىسالەن گېنتىكىلىق بىنورمال ئادەملەر (ئېرسىي مىيىپ كىشىلەر). بىزگە نىسبەتەن ئۇلار بىنورمال كۆرىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى “نورمال” قىلىشقا تىرىشىمىز. ئەمەلىيەتتە شۇنداق بىر “نورمال” ئۆلچىمىنى بىز ئۆزىمىز تۈزىۋالىمىز، ئەمەلىيەتتە ھىچقانداق نورمال بىنورمال دەپ نەرسە يوق، ئۇ پەقەت بىزنىڭ قانداق قارىشىمىزدا. بىزنىڭ قانداق بىر تۇرغۇدا تۇرۇپ قارىشىمىز، شۇنداق بىر يەكۈننى چىقىرىدۇ. بۇ قاراشنى دونا ھاراۋەي (Donna Haraway بۇ ھەقتە نەچچە كىتاب يېزىپتۇ) دېگەن پروفىسسور ئوتتۇرغا قويغانكەن. دېمەك فىزىكىدا ئەڭ قىززىق نۇقتا بولغان كۋانىت مىخانىكىسىدىكى نەزەرىيىلەرنىمۇ باشقا كەسىپتىكىلەر “ئوغىرلىغىلى” تۇرۇپتۇ، ھىممم…

***

سىزىقنى بىر ئۆلچەملىك بوشلۇق، تەكشى يۈزلەرنى 2 ئۆلچەملىك بوشلۇق دەيمىز. شارغا ئوخشاش جىسىملارنى 3 ئۆلچەملىك دەيمىز. ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنى شۇ سىزىق دەپ قارىسىڭىز، تەكشى يۈز سىزگە قانداق كۆرىنىدۇ (دىققەت، سىز تەكشى يۈزنى كېسىپ ئۆتكەندە پەقەت بىر نۇقتىدىنلا ئۆتىسىز، سىزنىڭ كۆرۈش دائىرىڭىز پەقەت بىر نۇقتا خالاس)؟ ئەگەر سىز كۋادرات شەكىللىك تەكشى يۈز بولسىڭىز سىزنىڭ كۆرۈش دائىرىڭىز بىر سىزىقلا بولىدۇ، خۇددى ئۇپۇق سىزىقىدەك، ئۇ چاغدا سىزگە شار قانداق بولۇپ كۆرۈنىدۇ؟ (ئەگەر شار سىزىڭ ئۇپۇق سىزىقىڭىزدىن ئۆتىۋاتقان بولسا، ئۇ سىزگە كەڭلىكى ئۆزگىرۋاتقان بىر تال سىزىق بولۇپلا كۆرىنىدۇ، چۈنكى سىزدە ئۇنىڭدىن باشقىنى كۆرۈش ئىمكانىيىتى يوق). ئەمدى بىز گىئومېتىريەلىك تۆت ئۆلچەمنى پەرەز قىلىپ باقايلى؟ بىزگە قانداق كۆرىنىدۇ؟ ئەلۋەتتە تەسەۋۋۇر قىلىش ئىنتايىن قېيىن. بۇ يەردە قىزىقارلىق بىر نەرسە بار، بوشلۇقنى قاتلىغاندا قانداق نەتىجە چىقىدۇ؟ مىسالەن سىزىقنى ئەگسەك ئىككى ئۆلچەملىك بوشلۇققا ئايلىنىدۇ. ئەگەر چەكلىك بىر كۋادىرات شەكىللىك بىر ۋاراق قەغەز بار دەيلى، قەغەزنىڭ بۇ بىر قىرىدىن قارشى تەرەپتىكى يەنە بىر قىرىغىچە بارغىچە مەلۇم مۇساپە بار. ئەگەر بىر چۈمۈلىنى شۇ قىرغا قويسىڭىز، ئۇ چۈمۈلە يەنە بىر قىرىغا بىرىش ئۈچۈن چوقۇم ماڭمىسا بولمايدۇ، ئېنېرگىيە كېتىدۇ. ئەگەر شۇ قەغەزنى يۆگىسەك شەكلى بىر سېلىندىرغا ئايلىنىدۇ، بۇ ئۈچ ئۆلچەملىك بوشلۇق. ئىككى قىر بىر-بىرىگە تېگىدۇ، ئەمدى چۈمۈلىنىڭ بىر باشتىن يەنە بىر باشقا مىڭىش زۆرۈريىتى يوق، ئەسلىدىكى مۇساپە بوشلۇقنىڭ قاتلىنىشى بىلەن بىردىنلا نۆلگە ئاينىلىپ قالدى. ئەمدىكى گەپ بىز ياشاۋاتقان ئۆچ ئۆلچەملىك بوشلۇقنى قاتلىسا قانداق ھادىسە كېلىپ چىقىدۇ؟ (قىزىقارلىق ھېس قىلمىسىڭىز باشتىن يەنە بىر ئوقۇڭ). ھازىر ياشاۋاتقان دۇنيانى بىز 3 ئۆلچەملىك بوشلۇق بىلەن ۋاقىتتىن تەركىب تاپقان تۆت پارامېتىر بىلەن ئىپادىلەيمىز. لېكىن ۋاقت زادى نىمە؟

مۇنداق مىسال ئالايلى: قۇياش نۇرى يەر شارىغا يىتىپ كېلىشى ئۈچۈن سەككىز يېرىم مىنۇت ۋاقت كېتىدۇ. دېمەك بىز قۇياشقا قارىغىنىمىزدا ھامان 8 يېرىم مىنۇت ئىلگىركى قۇياشقا قاراۋاتقان بولىمىز، قۇياشنىڭ ئۆتمۈشىنى كۆرىۋاتقان بولىمىز. بىز تېلىسكوپتا كۆرىۋاتقان ئاندرومېدا يۇلتۇز تۈركۈمى بولسا ئەمەلىيەتتە 2.5 مىليون يىل ئىلگىركى ئاندرومېدا. “ھازىرنىڭ” ئۆزىدىكى ئاندرومېدانى كۆرۈش ئۈچۈن 2.5 مىليون يىل ساقلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. بىز يۇلتۇزلارغا قارىغاندا پۈتۈن ئالەمنىڭ ئۆتمۈشىنى كۆرىۋاتقان بولمىز. ئەمدى بىز ئۆزىمىزنى شۇ بىزدىن يىراقلىقى ئوخشاش بولمىغان يۇلتۇزلارغا قويۇپ يەر-شارىغا قارىساق، يەر شارىنىڭ ئوخشىمىغان ۋاقىتلاردىكى ھالىتىنى كۆرەلەيمىز. ئەگەر شۇ تاپتا بىز ئاندرومېدادا تۇرۇپ يەر شارىغا قاراۋاتقان بولساق، كۆرۋاتقىنىمىز 2.5 مىليون يىل ئىلگىركى يەر شارى بولىدۇ (ئەگەر شۇنداق ياخشى بىر تېلىسكوپ بار بولسا، دىنوزاۋۇرلارنى كۆرىۋاتقان بولىسىز)، ئۇ چاغدا تېخى ئىنسانلارمۇ يوقتى. دېمەك ئالەم ئۈچۈن ۋاقت بىر تۇرغۇن نەرسە، ۋاقىت پەقەت بىز ئۈچۈنلا ئۆزگىرۋاتقان بوشلۇق، ئالەم ئۈچۈن پەقەت بوشلۇقنىڭ ئىككى بىشى: كەلگۈسى ۋە ئۆتمۈش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. بىر خىل زىتلىق ھە؟

ئەمدىكى گەپ، شۇنداق بىزدىن غايەت ئۇزاقتىكى يۇلتۇزلارغا يېتىپ بېرىش ئىمكانىيىت بارمۇ؟ ھازىرچە بىلمەيمىز، چۈنكى تېخى نۇر تېزلىكىدە يۈرىدىغان ماشىنا ياساپ بولالمىدۇق. ياسىغان تەقدىردىمۇ، ئەڭ يىقىن تۇرغۇن يۇلتۇزغا بىرىشىمىزغا 4.2 يىل ۋاقت كېتىدۇ. يەنىلا بەك ئۇزۇن. ئەگەر بىز بىلگەن مۇشۇ بوشلۇقنى قاتلىساق، خۇددى شۇ قەغەز ۋاراقنى قاتلىغاندەك قاتلىساق، بەلكى شۇ مۇساپە بىردىنلا نۆلگە ئايلىنىشى مۇمكىن. بۇنداق ۋاقت تونىلىنى ئىنگلىزچە wormhole دەپ ئاتايمىز، ۋاقىت تونېلى دەپ تۇرايلى. ئەگەر شۇنداق ۋاقت تونېلى راستىنلا مەۋجۇت بولسا (تېخى ئىسپاتلانمىدى، لېكىن يوق دەپ ھازىرچە ئىنكار قىلالمايمىز)، ئۇ چاغدا ئىشلار بەك ئاسان بولۇپ كېتىدۇ. يەنە بىرىگە، سىز نۇر تىزلىكىدە سەپەر قىلىسىڭىز، سائىتىڭىز يەر شارىغا نىسبەتەن بەكلا ئاستا ماڭىدۇ، ھەتتا ئاسماندىكى سۈنئى ھەمرالار ئۈچۈنمۇ ۋاقىت بىزگە قارىغاندا ئاستاراق ئۆتىۋاتقان بولىدۇ، شۇڭلاشقىمۇ بۇ خىل پەرقىنى سۈنئى ھەمرادىن پايدىلنىپ ئورۇن بەلگىلىگەندە قوشۇپ ھىسابلايمىز، بولمىغادا ئورۇن بەلگىلەش مۇمكىن بولمايدۇ. دېمەك سىز شۇنداق تىز ئۇچىدىغان راكىتاغا ئولتۇرۇپ بىرە يىل پىرقىراپ قايتىپ كەلگەندە، يەرشاردا ئۇزۇن يىللار ئۆتۈپ كەتكەن بولىدۇ. مۇنداقچە ئېيتساق چىرايىڭىز نەۋرىڭىزنىڭ بالىسىدەكلا بولۇپ قالىدىغان ئىشلار چىقىپ قالىدۇ.

يەنە بىرى ماددىنىڭ كۋانىت مېخانىكىلىق يۆتكىلىشى، ھازىرچە كۋانىت مېخانىكىسىدا ئېلېكترولارنىڭ بىر-بىرىنى “سىزىشى”، يەنى ئوخشاش ئىككى ئېلېكترون ئوخشاش ۋاقىتتا پۈتۈنلەي ئوخشاش ھالەتتە تۇرالمايدۇ، مەيلى ئۇلارنىڭ ئارلىقى قانچىلىك ئۇزاق بولسۇن. بۇ نۇقتىدا مۇساپە دېگەن ئۇقۇم يوق. بۇ ئاڭلىماققا خۇددى فانتازىيەلەردە تېلىپورتاتسىيە ھادىسىسىنى ئەمەلىيەتتە ئىشقا ئاشۇرغىلى بولغاندەك تەسىر بېرىدۇ. تېلىپورتاتسىيە، ماددا ياكى ئىنىرگىيەنى بىر نۇقتىدىن يەنە بىر نۇقتىغا فىزىكىلىق مۇساپىنى باسماستىن يۆتكەش دېگەنلىك، ۋاقىتمۇ لازىم بولمايدۇ.

ئالەمدە بىز تېخى سىرىنى پەقەت بىلمىگەن بىر نەرسە بار، ئادەتتە قارا ئۆڭكۈر دەپ قويىمىز. ئۇ ئۆڭكۈر ئەمەس، بەلكى تارتىش كۈچ ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان بىر نۇقتا، تارتىش كۈچ شۇنچىلىك كۈچلۈككى، نۇرمۇ قىچىپ قۇتۇلالمايدۇ. تەسەۋۋۇرى بەكلا شاش بەزى كىشىلەر، شۇ نۇقتىلارنى يەنە بىر ئالەمگە ئۆتىدىغان نۇقتا دەپ قارايدۇ. قارا ئۆڭكۈرلەر خۇددى يالماۋۇزدەك ئۆزىگە ئۇدۇل كەلگەن ھەر قانداق ماددا ۋە نۇرنى سۈمۈرۈپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدە زادى نىمە باردۇ؟ بەلكى “ئىچى” دېگەن سۆزمۇ بۇ يەردە خاتادۇر… …

ھازىرچە بىزگە ئەڭ غەيرى بولغان، بىزگە ئالەمنى چۈشەندۈرىدىغان تارتىش كۈچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نىسبىيلىك نەزەريىسى بىلەن ماددىنىڭ ئەڭ تېگىدىكى كۋانت ھادىسىسىنى بىرلەشتۈرەلمىدۇق. لېكىن نۇرغۇن فىزىكىچىلار بۇ ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ، بەلكى ئۇ چاغدا غەلىتە بىر نەتىجىلەر چىقىش مۇمكىن. ھازىرنىڭ ئۆزىدە كۆپ ئالەم، پارالىل ئالەم، تار نەزەرىيېسى دېگەندەك تەسەۋۋۇرلار چىقىپ بولدى، لېكىن ھىچقايىسسى ئىسپاتلانغىنى يوق (بەك قىززىق ھە، لېكىن يېزىپ ھېرىپ قالدىم، ھازىرچە مۇشۇنچىلىك بولسۇن). ئەگەر يۇلتۇزلار ئارا (Interstellar) دېگەن يىڭى كىنونى كۆرمەكچى بولساڭلار، مۇشۇ قىسىمنى بىر ئوقۇۋېتىپ ئاندىن كۆرۈڭلار، چۈشىنىشىڭلارغا پايدىلىق بولۇشى مۇمكىن. لېكىن دىققەت قىلىڭ، كىنونىڭ كېيىنكى يېرىمى تەسەۋۋۇر، فىزىكىدا تېخى ئۇ قىسىمنى چۈشەندۈرىدىغان ئىسپاتلانغان نەزەرىيە چىقمىدى.

گەپنىڭ قىسقىسى، بىزنىڭ ئەقلىمىزنى تاڭ قالدۇرىدىغان ھادىسىلەر بەكلا كۆپ. بۇ يەردە ھەممە ئىشلارغا ”ئاللاھنىڭ قۇدرىتى“ دەپ قويۇپلا ئۈندىدارنى ئوينىغاچ ئەتكەن چان ئېچىپ ئولتۇرىۋەرمەيلى. ئاللاھقا شەكسىز ئىشىنىمىز، لېكىن ئىزدىنىشنى توختاتمايمىز، چۈنكى ئاللاھ شۇ ئالەمنى بىزنى زىرىكىپ قالمىسۇن دەپ يارىتىپتىكەن. ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى ئىزدىنىپ چۈشەنسەك ئاندىن بەكىرەك ھېس قىلىمىز. بۇ ھەم غەيۋەت قىلىدىغان ۋاقتلىرىمىزنىڭ ئازلىشىغا، كىشىلەرگە كەلسە-كەلمەس باھا بېرىپ كۆڭۈل ئاغرىتىپ، بىكاردىن-بىكار ئۆزىمىزگە گۇناھ يۈدۋېلىشىمىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا 100% ئۈنۈملۈك دورا. ئىزدىنىش كىشىنى زىرىكتۈرمەيدۇ، زىرىكمىگەن ئىكەنسىز، گۇناھلىق ئىشلاردىن يىراق تۇرىسىز. فىزىكا ئالىمى رىچارد فېيىنماننىڭ شۇنداق بىر گىپى بار: ”تەبئەتنىڭ تەسەۋۋۇرى ئىنساننىڭكىدىن شۇ قەدەر زوركى، ئۇ بىزنى ھىچقاچان ئارامىمىزدا قويمايدۇ“.

Oghuzkb

York

12-11-14 ~ 14-11-14

بۇ يازما ئۇنىۋېرسال كاتېگورىيىسىگە يوللانغان ھەم , دەپ خەتكۈشلەنگەن. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈشلىۋېلىڭ.

ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن (ئالاھىدە سان) ئۈچۈن 10 ئىنكاس بار

  1. ئىبرايىم مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قۇربانجان ئاكا، ئەھۋالىڭىز ياخشىمۇ؟ ياخشى مەزمۇنكەن، رەھمەت. ھازىرمۇ گىرمانىيەدە ئوقۇۋاتامسىز؟ ئوقۇشىڭىزنى پۈتتىمىكىن دەپتىمەن.

    • ئاچىنۇق مۇنداق يازغان:

      ۋائەلەيكۇم ئەسسالام ئىنىم! رەھمەت ئاللاھقا شۈكرى ياخشى تۇردۇم. ئوزىڭىزمۇ ياخشى تۇرغانسىز؟ مەن بۇ يىل يىل بېشىدىن باشلاپ بېرىتانىيە (ئەنگىلىيە)دىكى يورك ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتۇر ئاشتى نامىدا تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىمەن. ئانچە مۇنچە دەرىسمۇ ئۆتىمەن.

      • ئىبرايىم مۇنداق يازغان:

        مەنمۇ ياخشى تۇردۇم ئاللاغا شۈكرى، سىزنى مەكتەپتە بىر قىتىم كۆرگەنچە كۆرۈشكە نىسىپ بولمىدى، ھەقىقەتەن ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولدىدە. سىز شۇ چاغدا يەككە ئىلىكرونلۇق ئۆزەك cpu بىلەن يەككە ئىلىكترونلۇق قاتتىق دىسكا توغرىسىدا سۆزلەپ بەرگەن ئىدىڭىز، ھىلىمۇ ئازتولا ئىسىمدە تۇرۇپتۇhttp://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_smile.gif

  2. شەبنەم مۇنداق يازغان:

    ‏ئەسسالام-ئەلەيكۇم! ياخشى تۇرۋاتامسىز؟
    ‏توردىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا،5چاڭئى سناق ئۈسكۈنىسى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى ئالدىن بەلگىلەنگەن ئورۇنغا (ئىچكى مۇڭغۇل)ئوڭۇشلۇق قايتىپ كەپتۇدەك. بۇ ئاي شارىنى تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسىنڭ ئاي شارى ئوربىتىسغا كىرىش،ئاي شارىغا قونۇش قاتارلىق جەريانلارنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ،3-باسقۇچىقا كىرشى ھىسابلىنىدىكەن.3-باسقۇچتا بۇ ئۈسكۈنە ئاي شارىدىن ئۈلگە ئېلىپ قايتىپ كىلىش پىلانلانغان بۇلۇپ،2017-يىلى رەسمى قۇيۇپ بېردىكەن.

  3. ئەقىل مۇنداق يازغان:

    بىر خىل يۇمۇرىسىتىك ھەمدە ئىلىم -پەنچانلىقى كۈچلۇك ياخشى ئەسەر يىزىپسىز قۇربانجان ئاكا.
    ئەسىرىڭىزنى ئوقۇش جەريانىدا بىر تەرەپتىن بىرىتانىيىچە يۇمۇرۇڭىزدىن كۈلسەم ،يەنە بىر تەرەپتىن گىرمانىيىچە تەپەككۇرىڭىزغا ئەگىشىپ ئويلۇدۇم ، ۋاقىت توغۇرلۇق يازغىنىڭىز ماڭا شۇنداق بەك يارىدى ،مەنمۇ ئانچە مۇنچە شۇنداق خىياللارنى قىلاتتىم ،يەنە بىر گىپىڭىز يۈرەككە شۇنداق خوش ياقتى ،ئۇ بولسىمۇ «بۇ يەردە ھەممە ئىشلارغا ”ئاللاھنىڭ قۇدرىتى“ دەپ قويۇپلا ئۈندىدارنى ئوينىغاچ ئەتكەن چان ئېچىپ ئولتۇرىۋەرمەيلى. ئاللاھقا شەكسىز ئىشىنىمىز، لېكىن ئىزدىنىشنى توختاتمايمىز، چۈنكى ئاللاھ شۇ ئالەمنى بىزنى زىرىكىپ قالمىسۇن دەپ يارىتىپتىكەن. ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى ئىزدىنىپ چۈشەنسەك ئاندىن بەكىرەك ھېس قىلىمىز.http://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_good.gif
    ئۇزۇمگە كەلسەم ، ئوقۇش ئىشىم توغۇرلۇق سىزدىن مەسلىھەت سوراپ بىر خەت يازماقچىتىم ،قانداق باشلىسام بولا دەپ سەل ئولتۇرۇپ قالدىم http://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wacko.gif

  4. يالقۇن مۇنداق يازغان:

    http://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_good.gif

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong> <img src="" alt="" class="" width="" height="">

https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_bye.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_good.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_negative.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_scratch.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wacko.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yahoo.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cool.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_heart.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_rose.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_smile.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_whistle3.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yes.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cry.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_mail.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_sad.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_unsure.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wink.gif