گېرمانىيە ۋە بېرىتانىيەدىكى بەزى پەرقلەر

ئالاھىدە ئەسكەرتىش: تۆۋەندىكىلەر پەقەت شەخسەن ئويلىرىم، بەك ئېلمى قىممىتى يوق، خاتالىقلارمۇ كۆپ بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا پەقەت ئىشىنىپ كەتمەڭلار!

گەرچە بېرىتانىيە بىلەن گېرمانىيە مەيلى تىل ۋە ئېتنىك قان جەھەتتە كۆپ پەرقلەنمىسىمۇ، بۈگۈنكى كۈندە بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ پەرقلىرى خىلىلا كۆرۈنەرلىك. تىل جەھەتتىن نېمىس تىلى بىلەن ئىنگىلىز تىلى گېرمان تىللىرى ئائىلىسىگە كىرىدۇ. شۇنداقتىمۇ گرامماتىكىدا خىلىلا پەرقلەر بار. ئىنگىلىز تىلى ھېسابتا ئىنتايىن ئاددىيلاشقان گېرمان تىلى. ئىنگىلىز تىلىدا كېلىش ۋە ئىسىملارنىڭ جىنسى يوق، نىمىس تىلىدا ئىسىملا بولغان ھەرقانداق سۆزدە جىنىس بار، ھەم ئۈچ خىل جىنىسقا ئايرىلىدۇ. جۈملىدە كەلگەندە ئىسىملارنىڭ ئالدىغا كېلىدىغان قوشۇمچە جىنىس ھەم كېلىش بويىچە ئۆزگىرىدۇ. نىمىس تىلى ياكى فرانسۇز تىلى ئۆگەنسىڭىز ئاندىن ئىنگىلىز تىلىنىڭ نەقەدەر ئاسان بىر تىل ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشىڭىز مۇمكىن. ئىنگىلىز تىلىنىڭ تىل تەرەققىياتىنى چۈشەندۈرگەن 10 مىنۇتلۇق قىسقا فىلىمنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ:

 http://player.youku.com/embed/XNDA3NjMxNTMy

بۇ ئىككى تىلدىكى يەنە بىر پەرق: ئىنگىلىز تىلى سۆزلۈكتە كۆپ باي ھەم چەتتىن كىرگەن سۆزلەر خىلىلا كۆپ، نېمىسچىدا چەتتىن كىرگەن سۆزلەر نىسبەتەن ئاز. بۇنداق بولۇشىنى بېرىتانىيەنىڭ كۈنى پاتماس ئىمپىرىيە سەۋەبلىك دۇنيانىڭ ھەممە يېرگە ئاياق بېسىشى ھەم شۇ سەۋەبلىك كۆپ مەدەنىيەت ئېلمىنىتلىرىنىڭ بېرىتانىيەگە جۇغلىنىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. گېرمانىيەمۇ ئانچە-مۇنچە مۇستەملىكە ئىگەللەپ يۈرگەن بولسىمۇ، بېرىتانىيەگە سىلىشتۇرغاندا يوقنىڭ ئورنىدا. شۇڭلاشقىمۇ يات مەدەنىيەتلەرنىڭ نېمىسلارغا بولغان تەسىرى ئانچە كۆپ بولمىغاندەك تۇرىدۇ. جۇغراپىيەلىك ئالاھىدىلىكى نېمىسلارنىڭ سىرتقا بولغان قىزىقىشىنى ئانچە قوزغىمىغاندەك، شۇنداقتىمۇ ياۋرۇپادىكى ئېستىراتېگيىلىك ئورنى نېمسلارغا كۆپ پايدا يەتكۈزۈپ تۇرىدۇ، يەنى ياۋرۇپادىكى قۇرۇقلۇق قاتناش يولىدا گېرمانىيەنىڭ ئاساسى ئۆتەڭ بولۇشى.

كىشىلەرنىڭ خاراكتېرى

نېمىسلار ئادەتتە سوغاققان كېلىدۇ. ناتونۇش كىشىلەرگە ئاساسەن ئالدىراپ پاراڭ قىلمايدۇ، بىر خىل كىشىگە ياۋايى ھەم يۈزى تۆۋەن تەسر بېرىدۇ. ۋاقتقا بەكلا ھۆرمەت قىلىدۇ، ھەم ئىشلارنى بەكلا تەرتىپلىك، پىلانلىق ئورۇنلاشقا ماھىر كېلىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، زىيادە فورمۇلا ئىچىدە ياشايدۇ، ھەتتا يىقىن بىر ئاغىنىڭىزنى ئۆيىڭىزگە چاقىرىش ئۈچۈنمۇ نەچچە كۈن بۇرۇن ئالدىن كېلىشىپ ۋاقت بەلگىلەشكە توغرا كېلىدۇ، ئۈسسۈپلا كىرەلمەيسىز. شۇنداقتىمۇ، نىمىسلارنىڭ تىشى قاتتىق، ئىچى يۇمشاق بولىدۇ، يەنى سىز ئۇلارنىڭ قاتتىق شاكلىدىن ئۆتۈپ كەتسىڭىزلا ئىچى-سىرلىرىنى بىلىش ئاسانغا توختاپ كېتىدۇ. لېكىن قاخشاشقا ئامراق نېمىسلار سىزنى ھەممە ئىشىدىن دەرت ئىيتىپ تويغۇزۋېتىشى مۇمكىن. نېمىسلار بەكىرەك يالغۇز ياشايدۇ، يالغۇزلۇققا بەكلا كۆنۈپ كەتكەندەك تەسىر بېرىدۇ كىشىگە. ئۆز ئىشىغا پۇختا، ئاساسەن ئەمگەكچان، خىزمەتنى بەكلا مۇھىم ئورۇنغا قويىدۇ، شۇڭلاشقىمۇ بۇلارنى خوشنىلىرى ئىشلەش ئۈچۈن ياشايدۇ دەپ زاڭلىق قىلىدۇ. ئاۋىستىريەلىك پەيلاسوپ كارلنىڭ گېپى بويىچە نېمىسلارنىڭ سەنئەت ھۆجەيرىسى بەكلا كامچىل.

ئىنگىلىزلارمۇ (مەن تۇرغان جاي ئىنگىلاند بولغاچقا، ھازىرچە ئىنگىلىزلارنى كۆزدە تۇتۇپ تۇرىمىز) ۋاقىت ۋە پلانلىق ئىشقا كەلگەندە نېمىسلارغا ئوخشاپ قالىدىكەن، لېكىن نېمىسلاردەك ئۇنچىۋالا جىددى قارىمايدىكەن. ئەڭ مۇھىمى، بۇلار كۆپ قىزغىن بولىدىكەن (بەلكى قۇۋاراق دېگەن تېخىمۇ ماس كېلىشى مۇمكىن). مەيلى پويىزلاردا بولسۇن ۋە ياكى باشقا سورۇنلاردا بولسۇن، ناتۇنۇش كىشىلەر بەك تارتىنىپ كەتمەيدىكەن، كىشىلەر ئارىسىدا قىززىق پاراڭلارنى قىلىش بەكلا نورمال ئىكەن. كىشىلەر ناخشا-مۇزىكىغا ئامراق. گېرمانىيەدە كۆپىنچە سەنئەتكارلارنىڭ كوچىلاردا مۇزىكا ئورۇندىغىنىنى كۆرىسىز. بېرىتانىيەدە بولسا ئاساسەن ناخشا ئىيتىۋاتقىنىنى كۆرىسىز. (بەزىلەرنىڭ دېيىشىچە نېمىس تىلى ناخشا ئىيتىشقا تازا ماس كەلمەيمىش).

برىتانىيەدە قاۋاقخانا مەدەنىيىتى شۇنچىلىك مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىكەن (تەرجىمەم توغرا بولدىمۇ بىلمىدىم، بۇلار ئادەتتە pub دەپ ئاتايدۇ، بۇلارنىڭ مەدەنيىتىدە بىزدىكى چايخانىدەكلا كىشىلەرنىڭ باش قوشۇپ پاراڭ سوقىدىغان يېرى). كىشىلەر ئاساسەن كەچ ئاخشاملىرى قاۋاقخانىلارغا بېرىپ پېۋە ئىچىشكەچ شاۋقۇنلۇق ناخشا مۇزىكا ساداسى ئىچىدە ۋارقىرشىپ گەپلىشىدىكەن، چۈنكى ۋاقىرمىسىڭىز شاۋقۇندىن ئاۋازىڭىزنى يەتكۈزۈش بىر گەپكەن. مۇزىكىنى قويۇپ قويغانغا چۇشلۇق يا بىر ئۇسسۇل-پۇسسۇل ئوينىمايدىكەن. بۇنداق قاۋاقخانىلار ھەم بىردەك تاماق چىقىرىدىكەن. چوقۇم پوكەي بىشىغا بېرىپ بۇيرىتىدىكەنسىز. ھەم كىچىك ھەق (en:tip) بەرمەيدىكەنسىز. ماڭا بۇ خەق بەكلا پاراڭخۇمار بىلىندى، سىزگە گەپ ئاشمايدۇ، ئاممىۋى سورۇنلاردا تونۇشمايدىغان ئارىسىدىمۇ چاقچاقلىشىش بەكلا نورمالكەن. نېمىسلارمۇ قارا ھەم قۇرغاق يۇمۇرغا باي كېلىدۇ، لېكىن شۇنداق ئېسىل يۇمۇرلارنى دەپ تۇرۇپمۇ تۈزۈك كۈلۈشمەيدۇ، خۇددى كۈلكە ھۆجەيرىلىرى ئۆلۈپ قالغاندەكلا. شۇڭلاشقىمۇ گېرماندىكى رىستۇران ۋە قاۋاقخانىلار بەك شاۋقۇنلۇق بولمايدۇ (نېمىسلار ھەم پەس ئاۋازدا سۆزلەشكە ئادەتلەنگەن، ھەم ئالدىراپ قاقاقلاپ كۈلمەيدۇ. جېرمىي كلاركسوننىڭ گىپى بويىچە، نىمىسلار كۈلۈشنى بىلمەيدىغان خەق*). بېرىتانىيەدە بولسا، سورۇنلاردا ئاۋازىڭىزنى قويىۋېتىپ كۈلۈش يەنىلا نورمال ئىشكەن، پويىزلاردىمۇ شاۋقۇن-سۈرەن سالالايسىز.

يېمەكلىك جەھەتتە، ئىنگىلىزلار ئۆزلىرىنىڭ ئالاھىدە ئەنئەنىسى كۆزگە چىلىقمايدىكەن، ئاساسەن بېلىق ۋە بەرەنگە (كۆپىنچە مايدا قورۇلغان)، ئەرزان ھەم ھەممە يەردە دېگۈدەك بار. بەرەنگىنىڭ بۇلارنىڭ ئىستىمالىدا تۇتقان ئورنى بەك يۇقۇرى. رىستۇرانلار ئاساسەن باشقا مەدەنىيەتلەرنىڭ، بەكىرەك ئىتالىيان، جەنۇبى ئاسىيا (ھىندىستان-پاكىستان)، جۇڭگۇچە، تۈركچە دېگەندەك. چاينى سۈت ۋە شىكەر بىلەن ئىچىدۇ. چاي ۋە قەھۋە ئومۇملاشقان. نېمىسلارنىڭ تاماق مەدەنىيىتىدە قىزا بەك مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ، مىڭدىن ئارتۇق تۈرى بار دېيىشىدۇ، باشقا تاماق تۈرلىرى ئاددى ھەم بەك نامى يوق، قەھۋەنى بەكىرەك ئىچىدۇ، چاينى سۈت بىلەن ئىچىدىغان ئادىتى يوق. ھېسابتا بۇ ئىككى خەلقنىڭ ۋاھ دېگۈدەك تائام مەدەنيىتى يوق.

ئادەتتە نېمىسلار بەكلا قائىدىگە ئېسىلىۋالىدۇ، ھەم زىيادە ئىنچىكە بولىدۇ (ئېنژىنېرلىققا دۈم چۈشكەن سانائىتى سەۋەبلىك بولۇشى مۇمكىن). بۇنىڭغا يېقىندا جۇڭگۇ ئىلىم ساھەسىنىڭ چاۋىسىنى چىتقا يايغان بىر پروفېسسورنى مىسالغان ئېلىش مۇمكىن. تەكلىپ قىلىنغان پروفېسسور ئۆزىگە بېرىلگەن توختامنىڭ ئىنگىلىزچە ۋە خىتايچە نۇسخىسىدىن پەرقلەرنى تېپىۋالغان، ھەم باشقىلارنىڭ ئۆزىنىڭ نامىدا تەتقىقاتقا بېرىلگەن پۇلنى ئىشلەتكىنىگە بەكلا ئاچچىقلاپ قاتتىق بىر مەيدان سوت جېڭى قىلغان. بۇنىڭغا چىدىمىغان جۇڭگۇلۇق پروفېسسور:”ئىيىغا 20 مىڭ ئەمىركە دوللىرى مائاشنى ئالغاندىن كېيىن، ئۇششاق ئىشلارغا ئېسلىمىسىمۇ بولاتتى” دەپ تاشلىغان**. ئەينى ۋاقىتتا BASF شېركىتىنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان بىر ھەمكارلىق تۈرىدە، نېمىسلار ئامېرىكىلىقلارنىڭ پلان بويىچە ھەم ۋاقت قەرەلىدە دوكلات قىلمىغانلىقىدىن نارازى بولۇپ، :”بۇ خەق قانداق بولۇپ ئايغا چىققان بولغىيتتى” دەپ تاشلىغىنىمۇ بىر مىسال بولالايدۇ. خىزمەت مۇناسىۋېتىدە ئاساسەن فامىلىسىنى چاقىرىسىز. قاچان قارشى تەرەپ بىرىنچى ئىسمىمنى ئۇدۇل ئاتىسىڭىز بولىدۇ دېگەنگىچە فامىلە ئىسمىنى چاقىرىسىز. پروفېسسورلارنىڭ بەكلا شۇنداق. پەقەت تەڭتۇش ساۋاقداشلىرىڭىزنى قورقماي ئۇدۇل بىرىنچى ئىسمى بويىچە چاقىرسىڭىز بولىدۇ. بېرىتانىيەدە ئۇدۇللا بىرىنچى ئىسمىنى چاقىرىدىكەنسىز. مەيلى قارشى تەرەپ ئاپپاق چاچلىق پروفېسسور بولسىمۇ. شۇڭلاشقىمۇ يىڭى كەلگەندە تازا كۆنەلمەي يۈردۈم. بىرىنچى ئىسىمنى ئاساس قىلىش، كىشىگە كىشىلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى يىقىن ھېس قىلدۇرىدىكەن، بولۇپمۇ گېرمانغا سىلىشتۇرغاندا. نېمىسلارغا قارىغاندا بېرىتانىيىلىكلەر كېيىم-كىچەككە بەكلا دىققەت قىلىدىكەن، بولۇپمۇ بازارغا ياكى شەھەرگە كىرگەندە. ھەتتا قىزلار چىنىقىش زالى ھەم سۇ ئۈزۈش كۆلچەكلىرىگىمۇ قىنىق گىرىم بىلەن كېرىدىغان ئىشلارنى ئۇچرىتىپ تۇرىسىز. مۇنداقچە ئىيتقاندا بۇلار ئېستىمالدا نېمىسلاردىن كۆپ بەدخەج بېلىندى. بېرىتانىيەدە دۇكانلار بىردەك يەكشەنبىمۇ ئېچىلىدىكەن، گەرچە قىسقاراق ئېچىلسىمۇ. گېرمانىيەدە يەكشەنبە رىستۇراندىن باشقا جايلار ئاساسەن دەم ئالىدۇ. كوچىدا ئادەم كۆرمەيسىز تۈزۈك. نېمىسلار تۇرمۇشتا بەكلا ئەمەلىيەتچان، لازىمسىز نەرسە ئالمايدۇ. بۇزۇلمىسا ئىشلىتىۋېرىدۇ. رىمۇنتلاش نورمال ئىشلار. ھەم سىرتقا چىققاندا پۇلنىڭ كۆزىگە بەك قارايدۇ. بېرىتانىيەدە ھەپتە ئاخىرلىرى كوچىلاردا كىشىلەرنىڭ كىيىملىرىدىن كۆزىڭىز ئالا-چەكمەن بولۇپ كەتسە، مەسلەرنىڭ جىقلىقدىن سەل شۈركىنىپ قالىسىز، ئاپتۇبۇس بىكەتلىرىدە يىقىلىپ يۈرگەن كىشىلەرنى كۆرۈش تەس ئەمەس. كۆرگەنچە بۇ خەقنىڭ قانداق قىلىپ كۈنى پاتماس ئېمپىرىيە قۇرغىنىدىن گۇمانلانماي تۇرالمايسىز. بەلكى بۇ راستىنلا چۈشكۈنلۈككە يۈزلەنگەن بىر جەمىئەتتۇر، خۇددى مۇشۇ يەرلىك بىر تونۇشۇمنىڭ سۇئالىمغا بەرگەن جاۋابىدەك.

بېرىتانىيە بۇرۇنتىنلا ئارال دۆلەت بولغاچقا بۇ دۆلەتتە سودا ئەڭ تەرەققى قىلغان رايونكەن، بولۇپمۇ لوندوننى مەركەز قىلغان جەنۇبى قىسىم، ئىقتىساددا نۆۋەتتە ئەڭ كۈچلۈك رايون. ئاساسەن سودا، پاي-چەك، بانكېرلىق، باشقۇرۇش ۋە مەبلەش سېلىش ئەڭ مەركەزلىك. گېرمانىيە بولسا تېپىك سانائەت دۆلىتى، يەنى ياساش سانائىتى دۆلىتى. زاۋۇتنىڭ كۆپلۈكىدىن ھەيران قالماي تۇرالمايسىز. دۇنيا زاۋۇتى دېگەن لەقىمى بىكار كەلمىگەن. بېرىتانىيەدىكى تۇرمۇش چىقىم گېرمانىيەدىن يۇقۇرى، فوند-ستېرلىڭنىڭ قىممىتى ياۋرۇدىن يۇقۇرى. نەرسىلەر گېرمانىيەگە سىلىشتۇرغاندا سەل قىممەتچىلىك. شۇڭلاشقىمۇ كىرىمىڭىز بەك كۆپ بولمايدىكەن، ئوخشاش كەسىپكە نىسبەتەن. گېرمانىيە ياۋرۇپانىڭ مەركىزىدە، قاتنىش ئالاھىدە قولايلىق، ھەم يۇقۇرى سۈرئەتلىك تاشيوللاردىن پۇل ئېلىنمىغاچقا يېمەكلىك كۆپ ئەرزان.

بېرىتانىيەلىكلەرنىڭ تەتۈرلىكى

ئامما بۇ دۆلەتتەك تەتۈر دۆلەتنى ئىككىنچى بىر يەردىن تاپالمايسىز. بىرىنچىسى: يول تەتۈر. ماشىنا رولى ئوڭ تەرەپتە، سول قولدا خوتلايسىز. بىردەك سول تەرەپتە ماڭىسىز. يىڭى كەلگەندە تاس قالدىم نەچچە قىتىم ۋېلىسپىتنى ھەيدەپ كېتىۋېتىپلا يولنىڭ ئوڭ تەرىپىگە ئۆتۈپ كەتكىلى. پىنھان يوللاردا ئالدىڭىزغا پىيادىلەر ئۇچراپ قالسا ھىرىپ قالىسىز، بەزىلەر ئوڭدا ماڭغان، بەزىلەر سولدا.

ئىشىكلەرنىڭ ئاچقۇچىمۇ تەتۈر، بەزى قۇلۇپلار ئوڭ تەرەپكە ئېچىلسا بەزىلىرى سول تەرەپكە. مۇنداق ئىيتقاندا گېرمانىيەدىكىدەك بىر خىل مۇقىم سىستېما يوق. ئادەتتە سۇخانىلەردە، ئاشخانا ئۆيلەردە ئىككى جۈمەك بار، بىرسى ئوتتەك ئىسسىق سۇ، بىرسى مۇزدەك سوغۇق سۇ. گېرمانىيەدە بىردەك بىرلا جۈمەك، خۇددى مونچا جۈمىكىدىكەك ئىسسىق-سوغاقلىقىنى تەڭشەپ ئاچالايسىز، قول كۆيدۈردىغان ئىش يوق. كۆك رەڭلىك تەرەپ سوغۇق سۇ، قىزىل رەڭلىك تەرەپ ئىسسىق سۇ. كىچىككىنە ياۋرۇپادا تۇرۇپ، بۇلار ھەممە بىرلىكتە ئايرىم. ئىغىرلىق، ئۇزۇنلۇقدىن تارتىپ ھەممە ئۆلچەمدە يەرلىك مىقدار ئىشلىتىدۇ، كىلوگرام بىلەن كىلومېتىرىغا ئايلاندۇرۇپ بولالماي ھىرىپ قالىسىز. تارازىغا چۈشسىڭىز، غەلىتە بىر بىرلىكلەر چىقىۋاتقان. ساچور بىشى بەكلا ئۆزگىچە، يا گېرمانچە چۈشمەيدۇ يا جۇڭگۇچە. چوقۇم پاترون ماسلاشتۇرۇش ئېلىشقا مەجبۇر بولىسىز. ھىسابتا بۇ دۆلەتتە تۇرۇپ باشقىلا بىر قىتئەدە ياشاۋاتقاندەك ھېس قىلىسىز، گەرچە لوندوندىن پارىژغا پويىزدا ئىككى سائەتتىلا بارسىڭىزمۇ. يەنە بېرىگە بىرىتانىيە شېڭگىن رايونىدا يوق، ۋىزىڭىز مۇشۇ دۆلەتتىن باشقا ياۋرۇپا قۇرۇقلۇقىغا ئىشلىمەيدۇ. گېرمانىيە شېڭگىن مەركىزى رايونى، ۋىزا ئالدىڭىزمۇ بولدى، باشقا 25 ياۋرۇپا دۆلىتىگە توسالغۇسىز بارالايسىز. ھەم ياۋرۇ رايونىدىكى دۆلەتلەردە پۇل ئالماشتۇرۇپ يۈرمەيسىز.

بېرىتانىيەدە يۇقۇرى سۈرئەتلىك تاشيوللاردا بىردە تېزلىك چەكلىمىسى بار ئىكەن. سائىتىگە 113 كېلومېتىر، ھەم كۆپىنچە يوللاردا چەكلىمە بۇنىڭدىنمۇ تۆۋەن بولىدىكەن. شۇڭلاشقىمۇ بېرىتانىيەدە ئىغىر قاتناش ھادىسىسى بەكلا ئاز يۈز بېردىكەن. گېرمانىيەنىڭ يۇقۇرى سۈرئەتلىك تاشيوللىرىنىڭ دۇنيادا داڭقى بار، بەك ياخشى تورلاشقان، ھەم تىزلىك چەكلىمىسى يوق. قۇيۇندەك كېتىۋاتسىڭىزمۇ يىنىڭىزدىن ۋىژژىدە ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ماشىنىلار چىقىپ تۇرىدۇ. شۇڭلاشقىمۇ قاتناش ھادىسىسى نىسبەتەن كۆپ. بۇ يەردە پويىزلارمۇ ئاساسەن تىز ئاستا دەپ ئايرىلمايدىكەن. باھاسى بىردەك ئۆزگۈرۈپ تۇرىدىكەن، قانچە بالدۇر ئالسىڭىز شۇنچە ئەرزان. نېمىسلار پويىزلارنى نەچچىگە بۆلىۋەتكەن، ئالاھىدە تىز پويىزلىرى، ئوتتۇرا ھال ھەم ئاستا پويىزلىرى بار. تىز پويىزدىن باشقا پويىزلارنىڭ باھاسى ئادەتتە مۇقىم، ياكى چوقۇم ئالاھىدە مۇقىم بېكىتىلگەن بىلەتلەر بار. تىز پويىزدىن باشقا ھەرقاندا پويىزغا چوقۇم ئۆزلۈكىڭىزدىن بىلەت ئېلىپ چىقىشىڭىز كېرەك، بولمىغاندا جەرىمانە تۆلەيسىز. بېرىتانىيەدە بىلەت ئالماي چىقسىڭىز، يەنە شۇ بىلەتنىڭ پۇلىنى تۆلەيسىزكەن.

ئىنېرگىيە ئىقتىساد قىلىش ۋە ئەخلەت بىر تەرەپ قىلىش

گېرمانىيەدە ئىنېرگىيە ئىقتىساد قىلىش بەكلا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۆيلەر ئاساسەن قوش دەرىزىلىك، تام ۋە دەرىزىلەرنىڭ ئىسسىق ساقلاش ئىقتىدارى بەك ياخشى ھەم بەك ئۆلچەملىك. يىڭى قائىدە بويىچە بۇنىڭدىن كېيىن دەرزىلەر ئۈچ قەۋەتلىك قىلىنىدۇ دەيدۇ. بۇمۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئىنېرگىيە ئىقتىساد قىلىشقا بولغان سىياسىتى. ئەخلەتمۇ بەك كۆپ تۈرگە ئايرىلىدۇ، ھەم ئەخلەت بىر تەرەپ قىلىنىشى ياخشى. پويىز ۋوگزاللىرىدىمۇ ئۈچ ياكى تۆت تۈرگە ئايرىلغان ئەخلەت تۇڭلىرى بولىدۇ. ئائىلىلەر رايونىدا تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ، ھەتتا بۇتۇلكىلارمۇ رەڭ بويىچە ئايرىم يىغىلىدۇ. بېرىتانىيەدە بولسا، ئىنېرگىيە ئىقتىساد قىلىشتا يەنىلا نىسبەتەن ئارقىدا ئىكەن. بەلكى بۇ بۇ دۆلەتنىڭ كونا سانائەت دۆلىتى بولۇشى سەۋەبلىكتۇر. كوناراق دەرىزىلەرنىڭ كۆپىنچىسى تاق ئەينەكلىك. ئۆينىڭ ئىسسىق ساقلاش ئىقتىدارى بەكلا ناچار. ئەخلەتلەر بەك كۆپ تۈرگە ئايرىلمايدىكەن. ئاساسەن ئىككى تۈر: قايتا ئىشلىتىشكە بولىدىغان ۋە بولمايدىغان دەپ. ھەم كىشلەرمۇ بەك دىققەت قىلىپ كەتمەيدىكەن. مۇھىتقا بولغان سېلىنمىسىنى بۇ مەنبەدىن كۆرۈڭ:

http://greenallianceblog.org.uk/2012/03/04/green-growth-germany-vs-the-uk/

مائارىپ

مائارىپ بەكلا پەرقلىنىكەن. گېرمانىيەدە ئوقۇش ھەقسىز. ھەقسىز بولغاننىڭ ئۈستىگە يەنە ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئىلىش ئېھتىمالىڭىز بار. ئەگەر يەرلىك بولسىڭىز ھەتتا ھۆكۈمەتتىن ئالاھىدە قەرىز ئېلىپ تۇرمۇش پۇلىڭىزنىمۇ ئۆزىڭىز كۆتۈرەلەيسىز. ئوقۇشنىڭ ھەقسىز بولۇشى چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغىمۇ ئوخشاش. ئۇنىۋېرسىتىتلاردا تاماقلارمۇ ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئايرىم ھەم ئەرزان باھادا سېتلىدۇ. ئوقۇغۇچى بولسىڭىز نۇرغۇن ئىمتىيازلاردىن بەھىرلىنەلەيسىز، بولۇپمۇ قاتناش ۋە تۈرلۈك ئېكىسكورسىيەلەردە باھادا كۆپ تۆۋەن ئالالايسىز. ھېسابتا گېرمانىيە مائارىپقا ئەڭ كۆپ چىقىم قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. تەبئى پەندە دوكتۇرلۇق ئوقۇسىڭىز ئاساسەن دېگۈدەك مائاشلىق ئوقۇيسىز، بۇ مائاش سىزگە يىتىپ ئىشىنىدۇ، ھەم خىلى پۇل يىغالايسىز.

بېرىتانىيە باشقا ئىنگىلىز تىللىق دۆلەتلەرگە ئوخشاش مائارىپنى پۇل تېپىش ۋاستىسىغا ئايلاندۇرۋالغان دۆلەت دېسەك بولىدۇ، بولۇپمۇ چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن. ئوقۇش پۇلى يەرلىك ئوقۇغۇچىلار، بۇرۇنقى مۇستەملىكىلىرىدىن كەلگەن، ياۋرۇپا ئىتتىپادىن كەلگەن ۋە دۇنيانىڭ باشقا يەرلىرىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارغا قاراپ ئوخشىمايدۇ. ئوقۇش پۇلى شۇنچىلىك قىممەت، يەنى مۇشۇ يەردىكى تۇرمۇش چىقىمىڭىزدىن كۆپ يۇقۇرى تۇرىدۇ. تۈرلۈك ئوقۇش مۇكاپات پۇللىرى بار، لېكىن بەك كۆپمۇ ئەمەس، بولغان تەقدىردىمۇ بەدەل پۇلنى تۆلىشىڭىزگە ئاران يېتىشى مۇمكىن، ئوغىدەك تۇرمۇش پۇلىنى يەنىلا ئۆزىڭىز تۆلەيسىز. ئىنتايىن ئاز ساندا تولۇق مۇكاپات ئېلىش ئىمكانىيىتىڭىز بولۇشى مۇمكىن. ھەتتا دوكتۇرلۇقتا ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارمۇ كۆپ ساندىكى ئەھۋالدا پۇل تۆلەپ ئوقۇيدىكەن. ئوقۇش سۈپىتىدە گېرماندىن تۈزۈك پەرقلەيمەندىكەن. ئوكسفور، كامبىرىجغا ئوخشاش ئالاھىدە ئىككى ئۇنىۋېرسىتىتنىڭ ئوقۇتۇش قائىدىسى ئۆزگىچە بولۇپ، بىر ئوقۇغۇچىغا بىر يىتەكچى مەسئۇل بولىدىغان ئىش بار ئىكەن. قالغان ئۇنىۋېرسىتلار ئاساسەن بىز بېلىدىغان سىستېمىدەكلا، ئالاھىدە پەرقى يوق. مەكتەپ ئىچىدىكى تاماق ۋە ياتاق ئوخشاشلا قىممەت، قىززىق يېرى كۆپ ساندىكى ئەھۋالدا ياتاقلار سرىتتىكى ياتاقلاردىن قىممەت، مەكتەپتىكى تاماقمۇ قىممەت. ھېسابتا ئىقتىسادى جەھەتتىن بۇ يەردە ئوقۇماق راستىنلا قېيىن ئىشكەن. بەزى بالىلار بىر ياقتىن ئىشلەپ شۇ پۇل بىلەن ھەر ھالدا تۇرمۇش چىقىمىنى قامدىيالايدىكەن. پەقەت بىر ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى، بۇ يەردە ئوقۇش نىسبەتەن قىسقا، ماگىستىر ئاساسەن بىر يىل، دوكتۇرلۇق 3 يىلدىن 5 يىلغىچە. سىز مەكتەپكە پۇل تۆلىگەن بولغاچقا، مەكتەپ ئۈستىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىسىمى بولىدىكەن. بۇ دېگەنلىك، ئوقۇش پۈتتۈرۈش نىسبەتەن ئاسان. بەزىدە مەمۇرى ئورگانلار پروفېسسورلارغا مەلۇم ئوقۇغۇچىنى ئىمتىھاندىن بىر ئامال قىلىپ ئۆتكۈزۋېتىشكە بىسىم قىلىدىكەن، بۇ قانچىلىك دەرىجىدە ئومۇملاشقان ماڭا قاراڭغۇ. نىمىلا دەيلى، بۇ بەكلا ناچار ئەھۋال. گېرمانىيەدە مەكتەپ ھەم پروفېسسورلار ئۈستىدە ئوقۇغۇچىلاردىن كېلىدىغان بىسىم يوق، ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەسلىك، بالىلارنىڭ كەسىپ ئۆزگەرتىشى، مەكتەپتىن چىكىنىشى بەكلا نورمال ئەھۋال. يەنە بىر تەرەپتىن ئوقۇتقۇچىلاردا بەك مۇسئۇلىيەت يوق. قانداق ئوقۇشىڭىز بىلەن ئانچە كارى يوق. ئوقۇشمۇ نىسبەتەن ئۇزۇن، ماگىستىرلىق ئاساسەن ئىككى يىللىق، دوكتۇرلۇق 3 يىلدىن 6 يىلغىچە. 3 يىلدا پۈتتۈردىغانلار كەمدىن كەم ئۇچرايدۇ. دوكتۇرلۇقتا ئوقۇپ مائاش ئىلىش چەكلىمىڭىز 6 يىل، مائاش ئىلىپ ئوقۇيدىغان ئىش بولغاچقا تەلەپمۇ يۇقۇرى، قوبۇل قىلىنىش تەسىرەك. بېرىتانىيەنىڭ بىر ياخشى تەرىپى ماگىستىرلىق ئوقۇماي بىۋاستە دوكتۇرلۇق ئوقۇسىمۇ بولىدىكەن. ۋاقىتتىن كۆپ ئۇتىدىكەنسىز، ئەگەر مۇشۇ يەردە باكلاۋېرلىق ئوقۇپ نەتىجىڭىز ياخشى بولۇپ ئۇدۇللا دوكتۇرلۇققا كىرسىڭىز. بىر ئىنگىلىز ئوقۇغۇچۇم بۇ يىل دوكتۇرلۇق ئوقۇشىنى باشلىدى، 22 ياش! ئادەمنىڭ قىزىتمىسى ئۆرلەپ قالىدىكەن بۇنداق ئەھۋاللارغا ئۇچرىسىڭىز، تىل ئۆگىنىمىز دەپ قانچىلىك ۋاقت بەدىلى تۆلىدۇق؟! ئەلۋەتتە بۇلار بىزگە ئوخشاش كۆپ تىللىق ئەمەس، ئانا تىلىدىن باشقا تىل بىلمەيدۇ. (شۇنداق دەپ تەسەللى تېپىپ تۇرايلى، ياشلىقىمىزنى كەسپ ئەمەس تىل ئۆگىنىشكە يېگۈزىۋەتكەن دەردىمىزگە).

بۇلار سودىدا يامان بولغاچقىمۇ، ھۆكۈمەت خەقتىن پۇل شۈلۈشكە بەك ئۇستىكەن، بولۇپمۇ چەتئەللىكلەردىن. مىسالەن، بىر يىللىق خىزمەت ۋىزىسى ئۈچۈن 600 فوند-ستېرلىڭ تۆلەيسىز، گېرمانىيەدە بولسا 60 ياۋرۇ تۆلەيسىز، ھېسابتا 10 ھەسسى.

بۇ يەردىكى مۇھىت

بېرىتانىيە ئارىلىدا ھاۋارايى تولا ئۆزگۈرۈپ تۇرىدىكەن، ئالدىن مۆلچەرلەش سەل قىيىنكەن. يامغۇر كۆپ، لېكىن ھاۋا ئېچىلىپ-يېپىلىپ تۇرىدۇ بىر كۈندىمۇ، خىلى شاماللىق. يىل بويى تىمپېراتۇرا كۆپ ئۆزگەرمەيدىكەن. كۆپىنچە ھاللاردا كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تىمپىراتۇرا پەرقى بەك كىچىك. تۆت پەسىلنىڭ ئىنىق بىر چىگرىسى يوق، يېشىللىق مەزگىل ئۇزۇن، ھاۋاسى بەكلا نەم.

كىشىلەر چىنىقىشقا كۆپ ئەھمىيەت بېرىدىكەن. پۇتبۇل بىز ئويلىغاندەك ئۇنداق كەڭ دائىرلىك ئەمەسكەن. كالتەك توپ، زەيتۇن توپلارمۇ بەك ئالقىشلىق تۈرلەركەن. ئون ئادەمنىڭ تەنھەرىكەت قىزىقىشى ئون خىل، ھېسابتا ھەر خىل تەنھەرىكەت تۈرلىرى تەڭ ئومۇملاشقان ھەم شۇنىڭغا شارائىت بار. بۇ جەھەتتىن گېرمانىيەمۇ ئوخشاپ قالىدۇ، لېكىن گېرماندا پۇتبۇلنىڭ ئومۇملىشىشى بېرىتانىيەدىن يۇقۇرى ھېس قىلدىم. بېرىتانىيەدە پۇتبۇلغا ئوخشاش تەنھەرىكەت تۈرلىرىمۇ بەكلا سودا تۈسىنى ئېلىپ كەتكەن. مۇسابىقە بىلەتلىرى بەك قىممەت. چوڭ كوماندىلار مىلياردىلارنىڭ قولىدا، نىمە قىلغۇسى كەلسە شۇنى قىلىدۇ. گېرمانىيەدە بىلەت نىسبەتەن ئەرزان، بۇنداق بولۇشى ھەر قايسى كوماندىلارنىڭ ئىگىسى مەلۇم مەنىدىن شۇ يەرلىك توپ مەستانىلىرى، پايچىك شەكلىگە ئوخشاپ كىتىدىغان تۈزۈمدە يۈرۈشىدۇ. شۇڭا توپ مەستانىلەرنىڭ گۇرۇپپا ھالىتىدە قارار چىقىرىش ھوقۇقى بار. دەل مۇشۇ بېرىتانىيە توپ مەستانىلىرىڭ گېرمانىيە توپ مەستانىلىرگە ھەۋەس قىلىدىغان تەرىپى.

گېرماندا نېمىسلاردىن قالسا تۈركلەر ھەممىدىن كۆپ. سىزگە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغىنى نېمىس ئاندىن تۈرك. لېكىن تۈركلەر 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، بولۇپمۇ 60، 70-يىللاردا كەلگەن. شۇڭلاشقىمۇ يەنىلا بىر پۈتۈن دۆلەت نېمىسنىڭ بولۇپ كۆرۈنىدۇ ھەم شۇ سەۋەبلىك ياتسىرايسىز. بېرىتانىيە مۇستەملىكىسى كۆپ بولغاچقىمىكىن، كۆچمەنلەر كۆپىرەككەن، ھەم كۆچمەنلەرنىڭ بېرىتانىيەگە كېلىش تارىخى كۆپ ئۇزۇن. بېرىتانىيە ئارىلىدىمۇ ئىنگىلىز، شوتلاند، ۋەلىشتەك ئوخشمىغان قەۋىملەر ياخشايدۇ، تاق بىر مىللەتتنىڭ دۆلىتى ئەمەس ئەزەلدىن. بەزى شەھەرلەردە چەتئەل قىنىدىن (بولۇپمۇ جەنۇبى ئاسىيالىقلار) بولغانلار يەرلىكلەردىن كۆپىرەك كۆرىنىدۇ. چىراي جەھەتتىنمۇ بەك ھەر خىل. ھەر خىل مەدەنىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ رىستۇران-ئاشپۇزۇللىرى ھەر يەردە ئۇچرايدۇ. بەك بىر خىل ياتسىرىمايسىز. ئەلۋەتتە بۇ مېنىڭ شەخسەن تەسىراتىم. ئارلىشىدىغانلىرىم ئاساسەن ئاكادىمىيە ساھەسىدە بولغاچقا كۆپىرەك ناچار تەرەپلىرىنى كۆرۈش نىسىب بولمايدۇ. مۇشۇ يەردىكى تۈرك رىستۇرانىدا ئىشلەيدىغان كۈتكۈچى تۈرك ئاكاشنىڭ گىپىگە قارىغاندا ئۇلار ھەر خىل مۇئامىلىگە ئۇچراپ تۇرىدىكەن. رىستۇران دېگەنگە ھەر خىل ئادەملەر كىرىدۇ، گىپىچە كەمسىتىشكىمۇ ئۇچرايدىكەن. نىمىلا دەيلى بۇ يەر جەننەت ئەمەس، ناچار، ساراڭقىپى، دۆت ئادەملەر بۇ يەردىمۇ بار، قازاننىڭ قۇلىقى تۆت. راست، ئالدىنقى مەۋسۇم يىقىن بىر ئۇنىۋېرسىتىتتە ئوقۇيدىغان جۇڭگۇلۇق ئوقۇغۇچىنىڭ قۇلىقىنى قارا-تەنلىك بىكارچىلار كېسۋېتىپتۇ دەيدۇ، پۇلىنىمۇ ئېلۋالغان ئوخشايدۇ. ۋېلىسپىتلەرمۇ يۈتۈپ تۇرىدۇ. شۇ… …

ھازىرچە مۇشۇنچىلىك يازاي. ئەگەر كېيىن قوشقۇدەك بولسام يەنە ئايرىم يازارمەن.

Oghuzkb

يوركتا يېزىلدى.

ئىزاھاتلار:

*

jeremy clarkson: meets the neighbours germany

http://tune.pk/video/1361152/jeremy-clarkson-meets-the-neighbours-episode-03-germany

**

http://www.sciencemag.org/content/346/6208/411.full.pdf

قىزىقارلىق ياۋرۇپا

قىزىقارلىق ياۋرۇپا

بۇ يازما ئۇنىۋېرسال, ئۇيغۇر + ياۋرۇپا, چەتئەلدە ئوقۇش كاتېگورىيىسىگە يوللانغان ھەم , , , دەپ خەتكۈشلەنگەن. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈشلىۋېلىڭ.

گېرمانىيە ۋە بېرىتانىيەدىكى بەزى پەرقلەر ئۈچۈن 5 ئىنكاس بار

  1. Yaqup.Net مۇنداق يازغان:

    ساقلاۋاتىمەن..

  2. بالىق مۇنداق يازغان:

    ھۇزۇرلىنىپ ئوقۇۋەتتىم، مۇشۇنداق ياشاش تەسىراتلىرىنى تېخمۇ كۆپرەك يېزىپ تۇرۇڭ http://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_good.gif

  3. askar مۇنداق يازغان:

    bak yahxi yezipsiz, huzurlandim

  4. ۋىروسجان مۇنداق يازغان:

    ئاچىنۇق ئەپەندىم مەن سىز بلىەن بىر پاراڭلىشاي دېگەن ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنىئ ئېلخەت ساندۇقۇمغا يوللىۋەتسىڭىز

  5. ئېلشات مۇنداق يازغان:

    ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم قۇربانجان ئاكا ،بەك ئىنچىكە تەسۋىرلەپسىز .بۇ يازمىڭىزدىن بېرتانىيەنى تېخىمۇ ئىلگىرلەپ چۈشۈنۈپ قالدىم .ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن !

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong> <img src="" alt="" class="" width="" height="">

https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_bye.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_good.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_negative.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_scratch.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wacko.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yahoo.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cool.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_heart.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_rose.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_smile.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_whistle3.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yes.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cry.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_mail.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_sad.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_unsure.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wink.gif