چاچما شېئىرلار

 كىشى مۇساپىرچىلىقتا، بولۇپمۇ ئۆز قەۋمىدىن يىراق بىر يۇرت، يىراق بىر مەدەنىيەتتە ياشىغاندا، ئۆز مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ تېگىدىكى گۈزەللىكلەرنى چۈشىنىدىكەن. ھەم بۇ خىل تۇيغۇلارغا زىيادە سەزگۈر بولۇپ كېتىدىكەنسىز… كىچىكىمدە موڭغۇل، قازاق بالىلار بىلەن ئويناپ چوڭ بولغاچقىمۇ، ھەتتا قازاقچە موڭغۇلچە ناخشا-مۇزىكىلارنى ئاڭلاپ قالساممۇ قۇلاقلىرىم باشقىچە سەزگۈر بولۇپ كېتىدۇ. لېكىن بۇنداق ھېسلارنى ماتېرىيالىستىك دۇنياغا باشچىلاپ چۈشۈپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ ھېس قىلىشى ناتايىن. ھېس قىلغانلارنىڭ تەسىراتى ئوخشاش، خۇددى ئادىل تۇنىياز ئەپەندىنىڭ ”قەشقەردىكى يەر-شارى“ شېئىرىدىكى مىسرالاردەك:

مەيلى تۇر پارىژنىڭ گۈزىلى بىلەن،
يەنىلا ئۆزۈڭنىڭ ئەمەستەك كۈلكەڭ.
ئەسلەيسەن نەم قىلىپ قولياغلىقىڭنى،
ۋەتەندە دەردىڭمۇ ئۆزۈڭنىڭ دەردى.
ۋەتەندە يىغاڭمۇ ئۆز تىلىڭ بىلەن.
مىليۇنىر بوپ كەتكىن بەرىبىر يەرلىك،
قەلەندەر ئالدىدا بىر كەپەڭمۇ يوق،
ھەر كىم باقالايدۇ كۆزۈڭگە سوغۇق.

 

بۈگۈن، گېرمانىيىدە ئوقۇۋاتقان، گەرچە مەندىن كۆپ كىچىك بولسىمۇ، ئۇزۇن يىللىق ئاغىنەمدەك بولۇپ قالغان ئەكرەمجان ئابدۇراھماننىڭ شۇنداق يۇرت سېغىنىشلىرىنى ئىپادىلىگەن قۇرلىرىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلاشقۇم كەلدى. شۇنىسى سەمىمىزدە بولسۇنكى، شېئىر بىر ئالاھىدە نەرسە ئەمەس، بەلكى ئۇ ئاددىيلا ھېس-تۇيغۇلىرىمىزنىڭ يىغىنچاق ئىپادىلىنىشى خالاس.

تېرىك تۇيغۇلار*

ئەكرەمجان ئابدۇراھمان

 1. يۇرتقا سەپەر

مەن قايتىمەن يۇرتۇمغا ئەمدى،
قاي كېچىلەر دىلدا يادلىغان،
قانچە رەت سىرتلاردا ئۆزۈمنى يۈتتۈرۈپ،
يەنە قانچە رەت ئۆزۈمنى شۇ يەردىن تاپقان.
مەن قايتىمەن يۇرتۇمغا ئەمدى،
رەڭلىك شەھەرلەر ئارقامدا قالسۇن،
سەرسانلىقتا پۇچۇلغان يۈرەك،
ئۆز يۇرتىدا ئەسلىگە قايتسۇن.

مېنىڭ ئۇ يۇرتۇم بۈيۈك ھەم ئۇلۇغ،
ئانام مېنى شۇ يەردە تۇغقان.
مېنىڭ ئۇ يۇرتۇم قۇياشتۇر چولپان،
ئىچىمنى ئۆرتىگەنيۇ قەلبىمنى يورۇتقان،
ھەر كۆرگەندە دىلىم سۆيۈنگەن،
سەرسان روھىم قايتا جەم بولغان.
مېنىڭ ئۇ يۇرتۇم يالغۇز ناتىۋان،
ئېگىز بىنالار ئارىسىغا قىسىلغان.
گويا تاشنى يېرىپ چىققان گۈل.
ھېچ بوران-چاپقۇندا سولمىغان.
ئىللىق كوچىلار، تونۇش چىرايلار،
قران يىگىتلەر بەرنا قىزلار،
ئاپئاق ساقاللىق ھالال بوۋايلار.
ئاتىلار باسقان ئىزلار… …
قايناق بازارلار ۋاڭ-چۇڭلىرى جاھاننى ئالغان،
يېقىملىق كۈيلەر ھەر دىلنى لەزىگە سالغان،
مانا بۇ مېنىڭ يۇرتۇم مەن شۇنچە سېغىنغان.
ئۇ مېنىڭ ئانام ئوغلىنى قوينىغا سالغان،
مانا بۇ مېنىڭ يۇرتۇم ئاتا-بوۋام قوينىدا ياتقان،
روھلىرى جەننەتكە ھەم بۇ يەردىن ئۇلاشقان.
مانا بۇ مېنىڭ يۇرتۇم كۆزۈمگە سۈرتكىدەك بولغان،
ئۇ ئەڭ مەزمۇت قورغان، ئالالماس ھىچ قوشۇن ياكى توپان،
مەن بۇ يەردە روھىم خاقان، كۆڭۈل سۇلتان،
مەن بۇ يەردە ئىسكەندەر ھەم چىڭگىزخان.

مەن قايتىمەن يۇرتۇمغا ئەمدى
مەغرۇر دۇنيا بىر چەتتە قالسۇن
بۇ ئۇلۇغ تۇپراق، بۇ قەيسەر زېمىن.
قاراپ تۇرسۇن!

………….

2. نېمە قىلىدۇ شېئىر يېزىپ

نېمە قىلىدۇ شېئىر يېزىپ،
ھايات ئۆزى شېئىر ئەمەسمۇ؟
كەلگىنىدە ۋىللىدە كۈلۈپ،
كەتكىنىگە خەير ئەمەسمۇ.

نېمە قىلىدۇ شېئىر يېزىپ،
سۆيگۈ ئۆزى شائىر ئەمەسمۇ؟
ساداقەتتە چىن يۈرەك بىلەن
ياشىغانلار تاھىر ئەمەسمۇ؟

نېمە قىلىدۇ شېئىر يېزىپ،
ئوقۇمىسا بىكار ئەمەسمۇ؟
ياشاپ ئۆتسە شېئىردەك ئۆمۈر،
شۇ ئەڭ ئېسىل يادىكار ئەمەسمۇ؟

نېمە قىلىدۇ شېئىر يېزىپ،
مىڭ يازغانمۇ كەتكەن ئەمەسمۇ؟
سېلىپ بىزنى يوللارغا راۋان،
جاھان شۇنداق ئۆتكەن ئەمەسمۇ؟!

……..

3. ياپراق يامغۇرى

ئاق كېچە، تىمتاس كوچا،
يەلپۈنۈپ ئۇچقان بۇلۇت،
ئاڭلىنار شەپىسى سۇنىڭ،
ياپراقتىن يەرگە چۈشكەندە
غىل-پال بولۇپ،
قاي ۋاقىتتا ياغدىكى يامغۇر؟
شۇنچە يىغلاپ كۈندۈزى يەنە
كېچىلىرى دەرەختىن تامۇر….
تىم-تىم قىلىپ
كۆز ياشلىرىمدەك
مەيدىسىدىن ئىتتىرىپ ئەجەلنىڭ
تومۇرىغا نىمجان مەزلۇمنىڭ
قۇيغان ئوكۇلدەك.
يۈرىكىمگە شۇ تاپتا بەلكىم،
تىمىۋاتقاندۇ ئازاپمۇ شۇنداق
كىشى گەرچە تۇيمىغان بىلەن
روھىم بىلەر
جىن چىراغتا ئاستا كۆيگەندەك.
ئوقلىرىنى ئۈزسە دەرد بىر كۈن
قورال تۇتقان قەبىھ دۈشمەندەك
كەتمەس ئىكەن ئەستىن بىر مەھەل
يەتمىگۈچە شۇ كۈنى ئەجەل
تىنچ قويماسكەن
ھەتتا كېچەڭنىمۇ ئۇ
خۇددى مۇشۇ دەرەخنىڭ
كۆز يېشىدەك…

……

4. ۋەتەنسىز دۇتتار

ياڭرىغاندا تونۇش كۈيلەر،
ئېلىپ كەتتى دۇتتارنىڭ مۇڭى،
يراق قىردىن روھىمنى شاپپىدە
تونۇش جايلارغا كۆتۈرۈپ بىللە،
بىر ئويلىسام مەنمۇ ئۆزگىچە
گۈل ئىكەنمەن پۇرىقى باشقىچە
بۇ ئالەمنىڭ بېغىدىن مەندەك
تېپىلامدۇ ئىككىنچى بىرسى؟
تىكەن توراپ ئالسىمۇ مېنى
رەڭگىم گۇۋاھ بىر گۈزەل غۇنچە
تارغا مىنگەن چاڭقىغان روھىم
بۇلۇتلارنى ئۈزۈپ يۈرگەندە
تۇرۇپ قالدى كۆكتە تېڭىرقاپ
تەئەججۈپتە بېقىپ يەرلەرگە…
بىر بۇلۇڭدا قىسىلغان ئۆيۈم،
تۇرۇپ قاپتۇ بوينىنى ئىگىپ،
سىرغىپ چۈشتى ئاستا كۆزۈمدىن
ئاچچىق يېشىم سىيرىلىپ پەسكە
سالام دەيمۇ دېمەيمۇ دېدىم
ئوخشىمايدۇ قەمبەر خېنىمغا
باش ئۇزارتتىم ئالدىراش ھەرياق
سېغىنىپ ئاشۇ تونۇش ھىدىمغا
ئاھ دېدىم بىر تولغىنىپ
مىڭ ئەلەم يۈتۈپ
ئىچ ئاغرىتىپ ئۆزەم جېنىمغا
كىمگە ئېيتىپ بولاي دەردىمنى
كىم ئاڭلايتتى مېنىڭ ئەرزىمنى… …
كۈلۈپ باقتىم ئىچىمدە ئاخىر،
دۇتتار چالغان سازەندىلەرگە
ھۆرمىتىمدىن سۇنۇپ بىر ياپراق
قانداق قىلاي بۇنىڭدىن بۆلەك
تىلىپ قانماس دىلنى ئەلپىراق
يۈرەكتىكى ئىپتىخار ئۇرۇقى
تاپالمىسا ئۆزىگە تۇپراق.

* تېمىلار مۇھەررىردىن قويۇلدى.

بۇ يازما تەۋسىيەلىك ئەسەرلەر كاتېگورىيىسىگە يوللانغان. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈشلىۋېلىڭ.

چاچما شېئىرلار ئۈچۈن 4 ئىنكاس بار

  1. ئەكرەم ئۈمىدۋار مۇنداق يازغان:

    ئەجرىڭگە رەھمەت. بىر ئىككى يېرىنى يېزىپ ئۆتسەم
    2. ئىچىمنى ئۆرتىگەنيۇ قەلبىمنى يورۇتقان…….
    4. تىلىپ قانماس دىلنى ئەلپىراق…….

  2. سەمەرقەنتنىڭ ئالمىسى مۇنداق يازغان:

    ‏شائىرنىڭ ھەممىسى ۋەتەن سىرتىدىمۇ يا ۋەتەندىن ئايرىلغانلار ھەممىسى شائىر بولۇپ كېتەمدۇ؟! :)

    ‏بەك ياخشى يېزىپتىغۇ.
    ‏مەنمۇ ئۆيدىن ئايرىلىپ بىر مەزگىل يېرىم مۇساپىرچىلىقنى باشتىن كەچۈرۈپ باققان بولغاچقا بەزى قۇرلىرىنى ھېس قىلالايدىكەنمەن.

    ‏(ئۇسلۇبىڭلار ئوخشاپ قالامدۇ نېمە. )

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong> <img src="" alt="" class="" width="" height="">

https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_bye.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_good.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_negative.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_scratch.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wacko.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yahoo.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cool.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_heart.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_rose.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_smile.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_whistle3.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yes.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cry.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_mail.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_sad.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_unsure.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wink.gif