ياۋرۇپادىكى مۇزېيلاردا ئەجدادلىرىمىز ئىزلىرى (داۋامى)

برىتانىيە قىسمى

ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردە:

http://achinuq.org/?p=68

بۇ بىر يۈرۈشلۈك تېمامنىڭ ئالدىنقى قىسىملىرىدا يۇرتىمىزدىن ئېلىپ كېتىلگەن قەدىمى يادىكارلىقلارنىڭ بېرلىن، پارىژ ۋە سانكىت-پېتېربۇرگدىكى مۇزېيلاردا ساقلىنىش ئەھۋالىنى قىسقىچە تونۇشتۇرغان ئىدىم. بۇ قېتىم پۇرسەت بىلەن لوندوندىكى برىتانىيە مۇزېيى ۋە ئوكسفوردتىكى ئاشمولىئان مۇزېيىنى زىيارەت قىلىش نىسپ بولدى.

بۇ قېتىم خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن ئوكسفوردقا بېرىپ قالدىم. دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ بېرى جايلاشقان بۇ شەھەرنى ئۇنىۋېرسىتېت شەھەرچىسى دېگەن تۈزۈككەن. شەھەر بەكلا كىچىك، ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تارماقلىرى شەھەرنىڭ ھەممە يېرىدە بار ئىكەن. برىتانىيەدە ئوكسفورد بىلەن كامبرىجدىلا ئوقۇتۇش تۈزۈلمىسى ئۆزگىچە بولۇپ، باشقا ئۇنىۋېرسىتېتلارغا ئوخشىمايدۇ. ئەڭ مۇھىمى، ھۆكۈمەت ۋە شەخسلەردىن بۇ مەكتەپلەرگە بېرىلىدىغان پۇل يىلىغا نەچچە مىليارد فوندستېرلىڭ، بۇنى مەن تۇرغان يورك ئۇنىۋېرسىتېتىغا سېلىشتۇرساق، تەخمىنەن 500 ھەسسىگە توغرا كېلىدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىنلا نىمىشقا بۇ ئىككى مەكتەپنىڭ دۇنيادىكى نوپۇزىدا ئەڭ ئالدىدا تۇرىدىغانلىق سەۋەبىنى بىلىپ قالىسىز.

ئەسلى تېمىغا قايتىپ كەلسەم، مۇشۇ ئوكسفور شەھىرىنى ئايلىنىپ يۈرۈپ دۇنيادىكى تارىخى ئەڭ ئۇزۇن ئۇنىۋېرسىتېت مۇزېيى ئاشمولىيان مۇزېيىغا كېلىپ قاپتىمەن. مۇزېي 1683-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئاساسلىقى سەنئەت ۋە ئارخىئولوگىيەنى ئاساس قىلىدىكەن. مۇزېي بەك چوڭ بولمىسىمۇ دۇنيادىكى چوڭ مەدەنىيەتلەرنىڭ نامايەندىلىرىدىن ئازدۇر-كۆپتۇر بۇيۇملار باركەن. ئازراق ئايلىنىپ بىزگە مۇناسىۋەتلىك بىر نەرسە چىقىشتىن ئۈمۈدنى ئۈزۈپ، مۇزېينىڭ بىرىنچى قەۋىتىدىكى بۇيۇملارنى توقۇلما بۇيۇملار، يېزىقلار، پۇللار دېگەندەك تۈرلەرگە ئايرىغان رايوندىن ئۆتۈۋېتىپ كۆزۈم تامدا ئېسىقلىق ئەتلەس تونغا چۈشۈپ قالدى. يېنىغا بېرىپ قارىغۇدەك بولسام، تونۇشلا يەر ئىسىملىرى… پۇت قولۇمغا قايتىدىن جان كىرىپ خۇددى ئاتتىلانىڭ قەبرىسىنى تېپىۋالغاندەك ھاياجانلىنىپ كەتتىم. ھەر ھالدا كىچىك بىر مۇزىيدىمۇ بىزگە ئائىت بىر نەرسە باركەن.

بۇيۇملارغا مۇنداق چۈشەندۈرۈش بېرىلگەن: (ئەينەن تەرجىمىسى)
”برىتانىيە سودىگىرى، كەزگۈچى ھەم ھۆكۈمەت خادىمى (جاسۇس دېمەكچى بەلكى) روبېرت شوۋغا ئۇنىڭ 1868-1869-يىللىرى شەرقى تۈركىستان (ھازىرقى شىنجاڭ، جۇڭگۇ) ئېكىسپېدىتسىيەسىدە بېرىلگەن كىيىم بۇيۇملار. شوۋ سەپىرى ۋاقتىدا مەزكۇر رايون مۇستەقىللىق ئېلان قىلغا بولۇپ، قەشقەرىيە دەپ ئاتالغان.“

چۈشەندۈرمە ئاستىدا يەنە ئەرلەر ئۆتۈكى، تون ۋە دوپپىلارغا ئايرىم چۈشەنچە بېرىلىپتۇ. بۇ نەرسىلەر دۇنيادىكى توقۇلما بۇيۇملار تارىخى تەرەققىياتى چۈشەندۈرۈلگەن زالغا قويۇلۇپتۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۆزبېكىستاندا ئىشلەنگەن كىچىك پارچە ئەتلەسمۇ باركەن قارشى يان تەرەپتە.

روبېرت شوۋ ھەققىدە بايانلار

 

ياقۇپبەگ روبېرت شوۋغا بەرگەن خوشلىشىش سوۋغىسى

بۇيۇملار چۈشەندۈرمىسى

ئوكسفورد ھارۋېل رايونىدىكى دۆلەتلىك رۇزىرفورد-ئەپىلتون تەجىربىخانىسىدىكى ئىشىم تۈگىگەندىن كېيىن دەم ئىلىش ھېسابىدا يەنە لوندونغا باردىم. بۇ قېتىم ئالدىنقى قېتىملىق سەپىرىمدە كۆرەلمەي قالغان برىتانىيە مۇزېيى ئاساسى مەقسىتىم بولدى. بۇ مۇزېينى كۆلەم ۋە بۇيۇملار جەھەتتە پارىژدىكى لۇۋ (لۇۋېر) بىلەن سېلىشتۇرۇش مۇمكىن. مۇزېي ئادەتتە چۈشتىن كېيىن 5:30 غىچە ئېچىلىدىغان بولۇپ، پەقەت جۈمە كۈنى كەچ سائەت 8:30 غىچە ئېچىلىدىكەن. بۇنداق مۇزېيلاردا كۆپىنچە ئاساسى ھەم ۋەكىل خاراكتېرلىك بۇيۇملار داۋاملىق ئاممىغا كۆرسىتىلىدۇ، ھەم قىسمەن بۇيۇملار ئوخشىمىغان تېما بويىچە مەلۇم ئايلاردىلا ۋاقتىلىق كۆرسىتىلىدۇ. ھەر ھالدا بۇ قېتىم بىزگە مۇناسىۋەتلىك نەرسىلەرنى تېپىش مۇمكىن بولدى، بۇ بەلكى داۋاملىق كۆرسىتىلىدىغان نەرسىلەر ھېسابىدا بولۇشى مۇمكىن. ئوخشاش بولمىغان ئۈچ رايوندىن ئەجدادلار ئىزىنى تېپىۋالدىم: ئەڭ قەدىمقى زامان قىسمى، يەنى ساكلارغا دائىر ئالتۇن بۇيۇملار ئىران مەدەنىيىتى زالىدا (52-نومۇرلۇق ئۆي) ئامۇ دەرياسى (ئىنگىلىزچە Oxus دەپ ئالىدۇ) رايونىدىن تېپىلغان بۇيۇملار قاتارىدا باركەن. ئالتۇن بۇيۇملارنى كۆپ ئىشلىتىشنى نامايەندە قىلغان ئەجدادلىرىمىزدىن بىرى بولمىش ساكلارغا ئائىت نەرسىلەرنى كۆرۈپ خوش بولۇپ قالدىم. گەرچە سان جەھەتتىن سانكىت-پېتېربۇرگدىكى مۇزېيدىن ئاز بولسىمۇ.

ساكلارغا ئائىت بۇيۇملار

ساكلارغا ئائىت يادىكارلىقلار

يەنە بىر قىسمى، ھەم بۇيۇملار نىسبەتەن كۆپ قىسمى مۇزېينىڭ جۇڭگۇ بۆلىگىدە بولۇپ، 33-نومۇرلۇق زالدا ئىكەن. بۇ قىسىم مەركەزلىك جۇڭگونىڭ بۇددا دىنى، ساپال قاچا ۋە قاش-تېشى قاتارلىق بۇيۇملىرىنى ئاساسى تېما قىلىپتۇ، ھەم مۇشۇ قىسمىنىڭ بىر بېشىغا جۇڭگۇ مەدەنىيىتىنىڭ سىرت بىلەن بولغان ئالاقىسى نامىدا مەخسۇس بۈرجەك ھازىرلاپ ساپلا يۇرتىمىزدىن تېپىلغان بۇيۇملارنى تىزىشىپتۇ. بۇيۇملار ئاساسەن كىروران (لولان دەپ ئاپتۇ ئەپسۇس)، مىڭ ئۆيلەردىن تېپىلغان يادىكارلىقلار ئىكەن.

يۇرتىمىزدىن تېپىلغان يادىكارلىقلار

كىروراندىن تېپىلغان بۇيۇملار، 1500 ~ 2000 يىللىق تارىخى بار

يۇرتىمىزدىن تېپىلغان تەڭگىلەر

مىڭ ئۆيلەر ۋە باشقا يەرلەردىن تېپىلغان بۇيۇملار

33-زالىدىن پەسكە چۈشسىڭىز مەخسۇس ئىسلام مەدەنىيىتى زالى بولۇپ، بۇ قىسىم پارىژدىكى لۇۋنىڭ ئوخشاش تېمىدىكى زالىغا سېلىشتۇرغاندا كەڭرى ھەم ئازادە ئىكەن، ھەم ئىسلامنىڭ ئىنسان مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىسىنى بۆلەكلەرگە ئايرىپ كۆرسىتىپتۇ. بۇ قىسمىدىمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىن تېپىلغان نەرسىلەر باركەن. كۆزۈمگە ھەممىدىن چېلىققىنى ئوتتۇرا ئاسىيا تەبئىي پەن ئالىملىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نامايەندىسى بولغان، تىمۇرلار خانلىقىنىڭ پادىشاھى ئۇلۇغبەك ئىشلەتكەن يېشىل قاشتېشىدىن ئىشلەنگەن قاچا بولدى. قاچا يېنىغا ئۇلۇغبەگنىڭ ئىسمى چاغاتاي يېزىقىدا ئويۇلۇپتۇ. تۇتقۇچى ئەجدىرھا شەكلىدە ئويۇلۇپتۇ.

ئۆزبېك كىيىملىرى، ئسلام مەدەنىيىتى زالى كىرىش ئېغىزىدا

مىرزا ئۇلۇغبېگ ئىشلەتكەن قاچا

قالغان رەسىملەرنى تۆۋەندىكى ئادرىستىن كۆرۈڭلار:

https://flic.kr/s/aHsk19mtUs

Oghuzkb قەلىمى

نوتىڭھەم بىلەن يورك ئارىسىدىكى پويىز سەپىرىدە يېزىلدى.

روزا ھىيىت مۇبارەك بولسۇن!!!

بۇ يازما ئۇيغۇر + ياۋرۇپا كاتېگورىيىسىگە يوللانغان ھەم , , , , دەپ خەتكۈشلەنگەن. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈشلىۋېلىڭ.

ياۋرۇپادىكى مۇزېيلاردا ئەجدادلىرىمىز ئىزلىرى (داۋامى) ئۈچۈن 2 ئىنكاس بار

  1. ئەقىل مۇنداق يازغان:

    بىرگە بولسۇن قۇربانجان ئاكاhttp://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wink.gif

  2. شەبنەم مۇنداق يازغان:

    ‏ئەسسالام-ئەلەيكۇم! بىرگە بولسۇن!!!
    ‏ئۆز تارىخىنى پۇختا ئىگىلەش نەقەدەر مۇھىم،-ھە!!! سىزگە كۆپ رەھمەت،جاپا تارتتىڭىز…

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong> <img src="" alt="" class="" width="" height="">

https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_bye.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_good.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_negative.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_scratch.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wacko.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yahoo.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cool.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_heart.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_rose.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_smile.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_whistle3.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yes.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cry.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_mail.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_sad.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_unsure.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wink.gif