ئىلى سۇلتانلىقىغا ئائىت ماي بوياق رەسىملەر
رەسسام ۋاسلى ۋاسلىيېۋىچ ۋېرېشچاگىن (1842 ~ 1904, Васи́лий Васи́льевич Вереща́гин) ئەسلى ئەسكەر بولۇپ، روسىيەنىڭ كۆپ قىسىم كىڭەيمىچىلىك ئۇرۇشلىرىغا قاتناشقان. ئىلى سۇلتانلىقىغا ئائىت بۇ رەسىم بەكلا جانلىق ئىپادىلىنىپتۇ. ئىلى سۇلتانلىقى قۇرۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا شۇ زاماندا غەرىبتىن كېڭەيمىچىلىك قىلىپ كېلۋاتقان روسلارنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرايدۇ. روسلارنىڭ باھانىسى: ئىلى سۇلتانلىقىدا پاناھلىنىۋاتقان قازاقلارنىڭ چار-رۇسلارغا قارشى باتۇرىنى رۇسلارغا تاپشۇرۇپ بېرىش ئىكەن. رۇسلار دەسلەپتە ئىلى دەرياسىنىڭ سول قاسنىغى (جەنۇبى) تەرەپتىن ئىلگىرلەپ، ئىلى سۇلتانلىقى بىلەن رۇسىيە ئىمپىريېسى چىگرىسى يېنىدا بارگاھ قۇرۇپ چىدىر تىكىدۇ. روسلارنىڭ قىستاپ كەلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان توقىلەك بوۋام 500 كىشلىك قوشۇن تەشكىللەپ ئەڭگىرتىنىڭ (چاپچال ناھىيە جەنۇبىدىكى تاغلىق) ئورمانلىقى ئارقىلىق تۇيدۇرماي تاغ ئارىلاپ، روسلارغا چىدىر تىككەن يېرىدە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ تىرە-پىرەن قىلۋېتىدىكەن. ئارقىدىن غۇلجىدىن ياردەمگە كەلگەن 700 كىشلىك ئەلاخان ۋە ئابدۇرۇسۇلبەگنىڭ قوشۇنى بىلەن تەڭ رۇسلارنى ئۇزۇنتامغىچە قوغلىۋېتىدىكەن. ئۇ جەڭ بەكلا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان بولۇپ، ھازىرغىچە چاپچال، موڭغۇلكۇرەدىكى چوڭلارنىڭ ئاغىزىدا ھىكايە قىلىنىپ كەلمەكتە. بۇ زەربىدىن چۆچۆگەن رۇسلار كېيىن زەمبىرەك ھەم خىل قوشۇن يۆتكەپ كېلىپ، ئىلى دەريانىڭ ئوڭ قاسنىقى، قورغاس تەرەپتىن ئۇدۇل غۇلجىغا تەھدىت سالىدۇ. قىرغىننىڭ ئالدىنى ئىلىشنى ئاساسى مەقسەد قىلغان ئەلاخان سۇلتان روسلارغا ئەل بولىدۇ. ئىلى ۋادىسى ۋاقىتلىق روسلارنىڭ قولىغا ئۆتىدۇ. كېيىن مانجۇ خاندانلىقى بىلەن روسلار ئارىسىدىكى شەرتنامىگە ئاساسەن، بىر پۈتۈن ئىلى ۋادىسى قورغاس ۋە خونخاي دەريالىرىنى پاسىل قىلپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى بۇ رەسىمنى فەرۇق تاران ئىنىم توردىن ماتېريال ئىزدەپ تېپىۋاپتىكەن، كۆرۈپ بەكلا خوش بولدۇم. رەسساممۇ شۇ ئۇرۇشقا قاتناشقان بولۇپ، شۇ ئۇرۇشتا ھەم يارلىنىدىكەن.
كېيىنكى رەسىمگە كۆپ ئىزاھات بېرىلمەپتۇ، 1873-يىلى دېيىلگەندىن باشقا. شۇنداقتىمۇ رەسىمگە قاراپ ئوخشاش ۋەقەنى تەسۋېرلىگەنكەن دەپ چۈشەندىم. رەسىمنى ئەسلىسىنى بۇ ئادرىستىن كۆرۈڭ.
ئىلى سۇلتانلىقىنىڭ روس مەنبەلەردىكى تەخمىنى خەرىتىسى.
فوتو-سۈرەتلەر
تۆۋەندىكى بىر نەچچە پارچە رەسىم، روس خىمىيە ئالىمى ھەم فوتوگراف سېرگېي پروكۇدىن-گورسكى (Серге́й Миха́йлович Проку́дин-Го́рский، 1863~1944) تارتقان 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى كىشىلىرنىڭ تۇنجى رەڭلىك رەسىملىرى. دىققىتىمنى بەكىرەك چەككىنى سارت دەپ ئاتالغان كىشىلەرنىڭ سۈرىتى بولدى. ئادەتتە قازاقلار ئۇيغۇرلارنى سارت دەپ ئاتايدۇ. سارت سۆزىنىڭ مەنىسىنى تارىخچىلار بىر قانچە خىل چۈشەندۈرىدۇ، ئەڭ ئومۇلاشقان بىر قاراش، سارت سۆزى ئولتۇراقلاشقان، دېھقانچىلىك ۋە سودىگەرلىك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىلەرنىڭ ئورتاق نامى، ئۇيغۇر، ئۆزبەك ۋە تاجىكلارنى كۆرسىتىدۇ دېيىلىدۇ. لېكىن شىمالدا خەلق ئارىسىدا ئاساسەن ئۇيغۇرلارنى كۆرسىتىدۇ. تەڭرىتىغىنىڭ ئەڭ غەربى ئۇچىدىكى ئەخمەت يەسەۋى ياشىغان تۈركىستان شەھرىنىڭ چار رۇسىيە زامانىدىكى (1897-يىلدىكى) نوپۇس سىتاتىستىكىسىدا سارت ۋە ئۆزبېك سۆزى ئايرىم مىللەتلەرگە قارىتىلغان. شۇنىڭغا كۆرە بۇ رەسىملەرنى بىزنى كۆرسىتىدۇ دەپ چۈشەندىم. ئەمەلىيەتتە ئۇ چاغلاردا ئۆزبېك ۋە ئۇيغۇر ئاساسەن ئوخشاش، ئەدەبى تىل بىر.
ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تارىخچى ھەم يازغۇچىلىرىمىز ئىلى سۇلتانلىقى ۋە كېيىنكى تارىخلار ھەققىدە كىتابلار يېزىپتۇ، تېخى يىڭى نەشىر قىلىنغانلىرىمۇ بار ئىكەن، كۆپ قىممەتلىك رەسىملەر بار، ھازىرچە قولىمىزغا كەلمىدى.
باشقا سۈرەتلەرنى بۇ ئادرىستىن كۆرۈڭلار
oghuzkb
York
سالام!
قانداق .ىەھۋالىڭىز؟ يېڭى تېمىڭىزنى ساقلاۋاتىمىز، بەك .ىالدىراش بۇلۇپ كەتكەن ىوخشايسىز ھە
يۇقىرىقى ئىككى رەسىمنى رۇسلارنىڭ ئۆزبېكىستان تەرەپلىرىدىكى يۈرۈشلىرىدىكى رەسىم دەپ كۆرگەنتىم. ئاشۇ يۈرۈشلەر توغرۇلۇق يېزىلغان ئۆزبېكچە كىتابلاردا شۇنداق ئېلىنغانىكەن. زىيائۇز دېگەن تور بەتتە بار ئۇ كىتابلار، لاتىن يېزىقىدا.
ئەسلى مەنبەدىمۇ ئىنىق يازمىغان ئىكەن ئورنىنى، لېكىن سارت دەپ ئاپتۇ. شۇ چاغدا تارتىلغان رەسىملەر كۆپ بولۇپ، پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ھەممە يېرىدىن تارتىلغان سۈرەتلەر بىر توپلامدا ئىكەن. كونا رۇسچە مەنبەلەردىكى نوپۇس سېتاتېستىكىسىدا ئۆزبېك ۋە سارت دەپ ئايرىم ئالغان جايلار كۆپكەن، شۇنىڭغا قاراپ سارت بىزنى كۆرسەتسە كېرەك دەپ ئويلىدىم. لېكىن رۇسلارنىڭ ئۇقۇمنى خاتا ئىشلىتىش ئېھتىماللىقىنىمۇ چەتكە قاققىلى بولمايدۇ.
مۇنداق بىر ئىش بار . ئويغانغان زېمىن رومانىنىڭ 20 نەچچىنچى بەتلىرىدە مۇنداق مەزمۇن بار ئىكەن : ۋېلىباي يولداشوف ، 1835 – يىلى ئىلى دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى غالجات يېزىسىدىكى يولداش ئاخۇن دېگەن ھاللىق كىشى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان . دادىسىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئانىسى شۇ يېزىدىكى توقىلەك يۈزبېگى دېگەن كىشىگە ياتلىق بولغان .
سىزنىڭ بىلوگىڭىزدىمۇ ، غالجاتلىق توقىلەك سەردار دەپ بىر ماقالە كۆرگەندەك قىلدىم .
ئەسكە سالغىنىڭزغا رەھمەت. دەل شۇ توقىلەك يۈزبېگى مېنىڭ ئۇلۇغ بوۋام بولىدۇ.