گېرمانىيە بوخۇم شەھرىدە ئۇيغۇر مەدەنىيەت كەچلىكى

بۇ پائالىيەت شىمالى گېرمانىيەدىكى بوخۇم شەھرى “كۇلتۇر ماگازىن” ئاتلىق بىر مەدەنىيەت مەركزىدە “Ein Frühstück in Kashgar verlängert das Leben —-Uigurenprojekt” نامىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، تېمىنىڭ تەخمىنى تەرجىمىسى: قەشقەردىكى بىر ۋاق ئەتىگەنلىك تاماق ھاياتنى ياشىتىدۇ دىگەنلىك بولۇپ،  پائالىيەت ئىشتىراكچىلىرى ئاساسەن بوخۇم ۋە يىقىن ئەتراپتىكى شەھەرلەردىن كەلگەن سەنئەتكار ۋە زىيالىلار ئىكەن.
پائالىيەتكە مىيۇنخىندا ياشاۋاتقان رەسسام ھەدىمىز مەرۋايىت ھاپىز خانىم ئۆزىنىڭ سىزغان ئۇيغۇر ھاياتىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن ماي بوياق رەسىملىرىنى كۆرگەزمە قلىش بىلەن بىرگە ئۆزى ئۇزۇندىن بىرى يىققان ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى كىيىم-كىچەكلىرى بىلەن گىلەم، بۆشۈك قاتارلىق بۇيۇملارنى بىر بۇلۇڭغا ئەپچىللىك بىلەن تىزىپ كىچىكلىتىلگەن بىر ئۇيغۇر ئۆيىنىڭ كارتىنىسىنى يارىتىپتۇ. مېھمانلارغا كەچلىك تاماق ئۈچۈن بوخۇمغا يىقىن شەھەردە ياشاۋاتقان ئابدۇۋاھىت ئاكىمىز ئايالى تەييارلىغان سامبۇزا قاتارلىق تائاملارنى تەييارلاپتۇ. كۆرگەزمىدىن كىيىن Kulturat سارىيىنىڭ ئانچە چوڭ بولمىغان نومۇر قويۇش سەھنىسىدە گوللاندىيەدىن تەكلىپ بىلەن كەلگەن مەشرەپ ئانسانبىلى پۈتۈنلەي ئەنئەنىۋى چالغۇ-ئەسۋابلار بىلەن كەلگەن مىھمانلارغا خەلق ناخشا-مۇزىكىلىرىمىزدىن نەمۇنىلەر ئورۇنلاپ تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئىرىشتى. ميۇنخىندىن كەلگەن كىلارە سىڭلىمىزنىڭ ئوينىغان ئۇيغۇر ئۇسۇلى كەيپىياتنى تىخىمۇ چىڭىغا كۆتۈردى. ھەر بىر سەنئەت نومۇرىنىڭ ئارىسىدا ئىككى نىمىس رىياسەتچى خانىم مېھمانلارغا مىللىتىمىزنى ھەم بىز ياراتقان مەدەنىيەتنى كىتاب تونۇشتۇرۇش ۋە كىتابتىن ئۈزۈندە ئوقۇش، نەسىردىن ئەپەندىم لەتپىلىرى قىستۇرۇش قاتارلىق ۋاستىلەر بىلەن جانلىق تونۇشتۇرۇدى. كېچىلىك رىياسەتچىسى نۇرنىسا ھەدىمىزمۇ ئۆز بوۋىسىنىڭ ھاياتىنى ۋە ئەسەرلىرىنى تونۇشتۇرۇش، ئۇيغۇر چۆچىكىدىن پارچە ئوقۇش، ئۇيغۇرلاردىكى ھەرخىل مۇھاببەت ئىزھار قىلىش ئۇسۇللىرى ۋە بەلگىلىرىنى تونۇشتۇرۇشقا ئوخشاش نومۇرلار بىلەن مەدەنىيىتىمىزنىڭ تىنىچلىقنى، ھاياتنى قىزغىن سۆيىدىغان خاراكتېرنى جانلىق يارىتىپ بەردى. پائالىيەت شۇ تەرىقىدە ئۈچ سائەتكە يىقىن داۋام قىلدى. ئاخىردا يەنە كۆلن شەھرىدىن كەلگەن بىر مۇزىكانىت خانىم شامان دىپى بىلەن يىراق ئەجداتلىرىمىزدىن قالغان ئالتاي-سايان تاغلىرى بويلىرىدىكى ھازىرغىچە داۋام قىلۋاتقان شامان ئاھاڭى ئېيىتتى. تۆۋەندىكى پائالىيەتتىن ئىلىنغان قىسمەن كۆرۈنۈشلەر

مەرۋايىت خانىم ئىلىپ كەلگەن ئەسەرلىرى ۋە بۇيۇملىرى بىلەن

پائالىيەت ئارلىقىدا دەم ئىلىش

 

شامان ئوقۇشى

مۇزىكا

مەشرەپ ئانسانبىلى ئورۇنلىشىدىكى خەلق مۇزىكىسى

 

oghuzkb خاتېرىسى

2010-يىلى كۆنەك ئېيىنىڭ 18-كۈنى

 

بۇ يازما ئۇيغۇر + ياۋرۇپا كاتېگورىيىسىگە يوللانغان ھەم , دەپ خەتكۈشلەنگەن. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈشلىۋېلىڭ.

گېرمانىيە بوخۇم شەھرىدە ئۇيغۇر مەدەنىيەت كەچلىكى ئۈچۈن 2 ئىنكاس بار

  1. روسلان مۇنداق يازغان:

    رەسىملەرنىڭ بىرىمۇ كۆرۈنمەيدىغۇ؟

    • ئاچىنۇق مۇنداق يازغان:

      شۇ بلوگباستىن تىخى تولۇق كۆچۈرۈپ بولالمىدىم، ۋاقىت چىقمايۋاتىدۇ شۇنى قىلىدىغانغا، سەل كەينىگە سۈرۈلىدىغاندەك تۇرىدۇ

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong> <img src="" alt="" class="" width="" height="">

https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_bye.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_good.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_negative.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_scratch.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wacko.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yahoo.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cool.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_heart.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_rose.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_smile.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_whistle3.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yes.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cry.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_mail.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_sad.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_unsure.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wink.gif