ھال ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش

بۈگۈن ھەر ھالدا دوپپا بايرىمى كۈنى قىلالمىغان ئىشنى تولۇقلاپ كېلىشكە پۇرسەت چىقتى. يورك شەھىرىگە پويىزدا بىر سائەتلىك يولچە كېلىدىغان ھال (Hull) شەھىرىدىكى ھال ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مەدەنىيەت بايرىمى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، بۇ ئىككىنچى قېتىملىقى ئىكەن (ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بىرىنچى قېتىملىقى بۇلتۇر سىناق تەرىقىسىدە بولغان بولۇپ، بۇ قېتىمقىسى رەسىمى ئىكەن). شۇ ئۇنىۋېرسىتېتتا ھازىر ئىككى ئۇيغۇر قېرىندىشىمىز ئوقۇۋېتىپتۇ. سىڭلىمىز مېھراي مېدىتسىنا ئىلمىدە دوكتورلۇقتا، ئىنىمىز سەمىجان ئىقتىساد كەسپىدە باكلاۋىرلىقتا ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالىسىنى يېزىۋېتىپتۇ. مېھراي سىڭلىمىزنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بىزمۇ ئاۋازىمىزنى بىر ئاڭلىتايلى دېيىشكەن ئىدۇق. ھەممىمىز ئۆز ئوقۇش-خىزمەت ئىشلىرىمىز بىلەن بەكلا ئالدىراش بولغاچقا تەييارلىقنى تازا كۆڭۈلدىكىدەك قىلالمىساقمۇ يەنىلا مەيدە كېرىپ چاندۇرماسلىققا تىرىشتۇق. ھەر ھالدا پائالىيەت بەكلا ئوڭۇشلۇق بولدى. ئارىلىقتا پاراڭ بەك قىزىپ كېتىپ ئەڭ ياخشى ئورۇن ئالالماي قالغان بولساقمۇ ئەڭ ناچىرىنى ئىلىپ قالمىدۇق. تەلىيىمىزگە بىزگە قىزىققانلار بەكلا كۆپ بولدى. بەلكى ئەرەب، رۇس دېگەندەك كۆپ تەسىرلىك مىللەتلەرنى كىشىلەر بەك ياخشى بىلگەچكىمۇ، بىزگە ئوخشاش كۆپ كىشى بىلمەيدىغان مەدەنىيەت تەبئىيلا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدىكەن، ھەم كۆپ سوئاللار سورايدىكەن. جاۋاب بېرىپ ھەم چۈشەندۈرۈپ زىرىكمىدۇق. بېلىدىغالارمۇ ھەم يوق ئەمەسكەن. بىر نەچچە تۈرك ئوقۇغۇچىلار تەكرار كەلدى، دوستلىرىغا تونۇشتۇرۇپ ”بىز شۇ يەردىن كەلگەن“ دېيىشىپ. مېھراي سىڭلىمىز گەرچە ئىككى قولى تەجىربىخانىدىكى ئاللىقانداقتۇر خىمىيىلىك دورىلارغا تولا چېلىنىپ كەتكەن بولسىمۇ جىددى تەجىرىبىلەردىن ئۆتكۈزۈپ باقالى قىلغان ئىكەن، بەكلا ئوخشاپتۇ، خېلى كىشىلەرنىڭ قورسىقى يايراپ كەتكەن چىراي. بىكارلىق بولغاندىكىن ئۇلارمۇ پەقەتلا تارتىنماي ئالدى. ئىچىمدە ئەنسىرەپ تۇردۇم لېكىن خىمىيىلىك دورىلار ئۇقۇشماي ئارىلىشىپ قالمىغان بولسا بولاتتى دەپ (چاقچاق چىراي). ئەنگىليەدەك دۆلەتتە دوكتورلۇقتا ئوقۇش ئاسان ئەمەستە، بولۇپمۇ بىر قىز بالا ئۈچۈن. خۇدايىم بۇيرىسا كېلەر قېتىم ساڭزىدىن تارتىپ پىشۇرايلى دەپ مەسلىھەت قىلىۋاتىمىز. مېھماندوستلۇققا كەلگەندە قاندا بار مىللەت بولغاندىكىن.

ئەسلى مالايىسىيەدىكى غەزىنە ئۇيغۇر تور دۇكىنىدىن ئەتلەس ۋە دوپپىلارنى بۇيرۇتقان ئىدۇق، ئەپسۇس ۋاقتىدا كېلەلمەي قالدى، بىزمۇ سەل كېچىكىپ بۇيرۇتۇپ قاپتۇق. بىر ئاكىمىز پوچتىدىن ئەۋەتكەن مۇزىكا مودېللىرى كۆرگەزمىمىز ھۆسنىگە ھۆسىن قوشتى. ئۇنداق نەرسىلەرگە كۆپىنچە كىشىلەر بەك قىزىقىدىكەن. كىتابلارنىمۇ تىزۋالغان ئىدۇق، سورىغان ئادەم كۆپ بولمىدى لېكىن. دەۋر ئۆزگىرىپ ئادەملەر بەكرەك ئېكرانغا خۇمار بولۇپ كېتىۋاتقان چىراي (ئەپسۇسلانغان چىراي ئىپادىسى).

تۆۋەندە پائالىيەتتىكى قىسمەن رەسىملەردىن ھوزۇرلىنىڭلار:

تەييارلىق باشلاندى

باشلىنىپ كەتتى

بىزدىن پەخرلەنگەن تۈرك يىگىتى

”بۇ زادى نە بوپكەتتى“

ئالدىراش خوشاللىق

فرانسوزلار :)

يېڭى دوستلار

دوپپا بەك ياراشتى!

ئالدىراشلىقتا ئىشلىگەن تەشۋىق ۋەرەقىسى، بەزى رەسىملەرنى فوتوگراف نىجات ھوشۇر ئەپەندىمنىڭ ئىجازىتى بىلەن ئىشلەتتىم:

بىرىنچى بېتى

ئىككىنچى بېتى

oghuzkb قەلىمى

يورك

2014.05.07

بۇ يازما ئۇنىۋېرسال, ئۇيغۇر + ياۋرۇپا, ئۇچۇر-خەۋەر كاتېگورىيىسىگە يوللانغان ھەم , , دەپ خەتكۈشلەنگەن. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈشلىۋېلىڭ.

ھال ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن 8 ئىنكاس بار

  1. بىلگار مۇنداق يازغان:

    تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىش بوپتۇ . بەكلا خوش بولدۇق .
    تېمىڭىزنى بەكتۇرغا كۆچۈرۈپ قويدۇم-ھە !

  2. ئەسىر مۇنداق يازغان:

    ھەقىقەتەن ياخشى ئىش بوپتۇ، ئىشلىرىڭلارغا ئۇتۇق،ئامەت تىلەيمەن.

  3. تۇمارىس مۇنداق يازغان:

    ئەسسالام ئەلەيكۇم قۇربانجان ئاكا، ياخشىمۇ سىز ! ئۇزۇندىن بېرى يازمىللىرىڭىزنى ياقتۇرۇپ ئوقۇپ كېلىۋاتىمەن، بۇ قېتىمقى پائالىيىتىڭلار تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بوپتۇ،بۇندىن كېيىنكى ئىشلىرىڭلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن. بۇ يەردە كىچىككنە بىر ئىلتىماسىم بار ، ئەگەر مۇمكىن بولسا ھال ئونۋېرسىتېتىدا دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر قىزى مېھراي توغۇرلۇق تەپسىلىرەك ئۇچۇر بەرسىڭىز،ئالدىنقى بىر مەزگىللەردە مەتبۇئاتلاردا خارۋاردىكى ئۇيغۇر مەلىكىسى ماھىنۇر،ئۆز مېھرى بىلەن دۇنيانى تەسىرلەندۈرگەن ئىتالىيەدىكى ئۇيغۇر دوختۇر مەلىكەم قاتارلىق پەخىرلىك ئۇيغۇرلىرىمىز ۋە ئۇلارنىڭ ئىش -ئىزلىرى بىلەن تۇنۇشۇپ ئۆتتۇق. ئۇلار بىز قىزلارغا ئىنتايىن ياخشى بىر ئۈلگە بولدى، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئاسپىرانىت ئۇيغۇر قىزلىرى سانىنىڭ يىلدىن -يىلغا كۆپىيىشىنىمۇ مانا مۇشۇنداق كىشىللىرىمىزدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ، بولسا مېھراي (ئاچاش)بىلەنمۇ تۇنۇشۇپ ئۆتسەك، ئىشىنىمەن بۇ بىز قىزلارغا تېخىمۇ ياخشى بىر ئۈلگە بولغۇسى !

    • ئاچىنۇق مۇنداق يازغان:

      ۋائەلەيكۇم ئەسسالام سىڭلىم،

      رەھمەت، شۇنداق ياخشى تەكلىپ بولدى بۇ. مەن بىر پۇرىسىتى چىققانداق چوقۇم زىيارەت قىلىپ سىلەرنى خەۋەرلەندۈرىمەن.

      سالامەت بولۇڭ

  4. انار مۇنداق يازغان:

    ئەسسالام ئەلەيكۇم قۇربانجان . تەش ۋق نې ياخشې ئشلەپ تېكەن سېز مەن بېر نۇسقا سورسام بولام دۇ؟ئشىخانېدېكېلەرمۇ خەۋەردار بولاركەنتۇق:)كوپ رەھمەت.

  5. ئادىلجان مۇنداق يازغان:

    قارسىام تەشىۋىقات رەسىمىڭلاردا ھېىيتگاھ ، ئۈجمە ، ئانار، كەتمەن ،مەزمۇن قىلىنغان رەسىملەر يوقمۇ قانداق؟
    كىلەر قېتىملىق پائالىيەت قاچان بولدىكەن ئامال بار باشقا تور بەتلەرگمۇ مۇشۇنداق بىر ئىشنىڭ بولدىغانلىقىنى بىلدۈرسىڭىز ياخشى بولار ئىدى. ياردەمدە بولدىغانلارمۇ چىقىپ قالار ئىدى. بۇدا ئاۋۇ سايىۋەنگە ئۇيغۇر خەلق ماقال تەمسىللرىدىن بىرەرنى تاللاپ يېزىپ قۇيارسىلەر…ئىككى تىللىق قىلىپ.

  6. ئوسمانجان مۇنداق يازغان:

    تېرىشچانلىقڭلارغا ئاپىرىن!

  7. ھەنەفى مۇنداق يازغان:

    مەنمۇ بولغان بولسام شۇ يەردە نىمدىگەن ياخشى بۇلاتتى ھە

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong> <img src="" alt="" class="" width="" height="">

https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_bye.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_good.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_negative.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_scratch.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wacko.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yahoo.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cool.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_heart.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_rose.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_smile.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_whistle3.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yes.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cry.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_mail.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_sad.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_unsure.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wink.gif