مائارىپ ھەققىدە قۇرۇق پاراڭلار

چەتئەللىكلەرنىڭ بىزگە بولغان تونۇشىغا بەكلا قىزىقىمىز، ھەم بىر ئىجابى جاۋابقا ئىرىشىشنى ئويلايمىز. بۇ خاتامۇ ئەمەس، چۈنكى ئۆزىمىزدىكى كەمچىلىكەر بىزگە ئانچە كۆرۈنمەسلىكى مۇمكىن، شۇڭا باشقىلارنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ بىقىش زىيان قىلماس، ئەلۋەتتە ئۇنى ئەينەك سۈپىتىدە قوبۇل قىلىپ ئۆزىمىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ئىشلەتسەكلا ئەڭ مۇھىمى شۇ. ئويلىسام بۇرۇن چەتئەللىك دىسە بەك چوڭ بىلەر ئىكەنمىز، خۇددى ”ھەج سەپرىدىكى پاراڭلار“ دا يىزىلغاندەك، تاكسىچى ئەرەب ئۇششۇقلۇق قىلسا “ ئۇ دىگەن ئەرەب“ دەپ ھارام تاياق يەپ. دىنى ئىتقادى ناھايتى كۈچلۈك بىر نىمىس تونۇشۇم بېيجىڭدا ئۇچىرغان مۇئامىلىسىدىن بەكلا ئوڭايسىزلانغىنىنى ئىيتىپ بەرگەن ئىدى. قايسىلا دۇكانغا كىرسە، ياكى نىمىلا ئىش قىلسا ئەتراپتىكى يولداشلار بەكلا بۆلەكچە مۇئامىلە قىلىپتۇ، لىكىن ئۇ مۇلازىملارنىڭ باشقا ئۆزلىرىنىڭ يولداشلىرىغا سوغاق مۇئامىلە قىلغاندەك تەڭسىز مۇئامىلە ئۇنى خوشال قىلماستىن بەلكى يىرگەندۈرۈپتۇ، ئۆزىنىڭ ئۇلارغىمۇ ئوخشاش بىر ئىنسان ئىكەنلىكى، لىكىن غەرىبلىك بولۇش سەۋەبلىكلا ئالاھىدە مۇئامىلىگە ئۇچرىشى خۇدانىڭ ئالدىدا ھەممىلا ئادەم باب-بارابەر دەپ قارايدىغان دوستلىرىنى ھەم ئىچىندۇرۇپتۇ. ئەمەلىيەتتە چەتئەللەردە ياشىسىڭىز، بۇلارنىڭمۇ ئوخشاش ئادەم ئىكەنلىكى، بۇلاردىمۇ يامان، تەربىيە كۆرمىگەن، چۈپەي، غەلىتە، كاللىسى قەتئى ئىشلىمەيدىغان ھەم قوپال ئادەملىرىنىڭ بارلىقىنى تىزلا بايقايسىز. شۇڭا ھازىر تورلاردا ئەۋىج ئىلىپ كەتكەن ئۇيغۇرۇم مانداقچى، ئانداقچى بولۇپ كەتتى دەپ باشقا مىللەتلەر بىلەن سىلىشتۇرۇشنى ئازىراق قىلساق بولاتتى. دىمەكچى بولغىنىم، ئەيىپلەرنى پاش قىلىش، ئۇلارنى تۈزىتىش ئۈچۈن تىرىشىش ھىچقاچان خاتا ئەمەس، لىكىن باشقا مىللەتلەر بىلەن سىلىشتۇرۇشنىلا تازا توغرا كۆرمىدىم، چۈنكى بۇنداق سىلىشتۇرما ئۈچۈن ئىجتىمائىي، ئىقتىسادى، تارىخى شۇنداقلا جۇغراپىيىلىك ئامىللارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش بولۇشى كېرەكتە.

بۇ تېمىدا يەنە شۇ چەتئەللىك كۆزىدىكى بىر مىسالنى ئالدىم. سەۋەب، مىسالدىكى بۇ چەتئەللىكنى ياخشى تونۇيمەن، ھەم ئۇنىڭ تەرەببازلىق خاراكتېرى بولمىغان قاراشلىرىنى خىلى قىممەتلىك بىلدىم. ئۇ ئەسلى گىرمانىيەدە تۇغۇلغان بولۇپ، بىرىتانىيەدە مەخسۇس ئىنگىلىز تىلى ئۈگەنگەن، ئۆزى ھەم ئىجتىمائى پەنچى. تەتقىقات تىمىسى ئاساسەن ئۇيغۇر-ئۆزبەكلەرنىڭ ئادەتلىرىگە مەركەزلەشكەن. ئۇيغۇر، ئۆزبەك، رۇس، ئافغان (پۇشتۇ) ، خەنزۇ ھەم ئوردۇ قاتارلىق بىرمۇنچە تىللارنى قىسمەن ئۈگەنگەن. ھەم پاكىستان، جۇڭگۇ (جۈملىدىن رايونىمىز ھەم بار) قاتارلىق دۆلەتلەردە ئىنگىلىز تىلى ئوقۇتۇش ھەم ئۆزىنىڭ ماقالە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان، بۇ جەرياندا ھەم نۇرغۇن دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلغان. بۇ دوستىمىز بىلەن ئىككى يىل ئالدىدا گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر ئۇيغۇر جۈپلەرنىڭ تويىدا تونۇشۇپ قالغان ئىدىم. تويغا دوپپا كىيىپ كەلگەن ئىكەن، دوپپا كىيمەي بارغان مىنى بەكلا خىجىل قىلدۇرۇپ قويغان ئىدى. تىخى تويدا ئۇيغۇر مىللى مۇزىكىسى چىقسىلا غۇلاچلىرىنى تاشلاپ ئوينىغان يارىشىملىق ئۇسۇلى ھەممە ئوغۇللارنى يەرگە قارىتىپ قويغان ئىدى. كىيىن پاراڭلىشىپ بەكلا چىقىشىپ قالدىم، ھەم ناھايتى كەسكىن مۇنازىرىلەرنى ئىلىپ باردۇق. بىر قىتىم بېرلىن ئەركىن ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ياتىقىغا زىيارەتكە بارغىنىمدا ئۇنىمىغىنىمغا قارىماي لەغمەن قىلىمىز دەپ تۇرۋالدى. خىمىرنى ئۆزى يۇغۇردى. ئاخىرىدا مەنمۇ چىدىماي ئاپام قىلغان ئىشلار كۆزۈمگە سىڭىپ قالغان چىغى پىلتىلەرنى قىلىپ سوزۇپ تارتىپ چۈشۈپلا كەتتىم. خىمىر تازا ياخشى تەڭشەلمىگەن چىغى شۇنچە ئىنچىكە سوزغان ئاشلارمۇ بەكلا توم پىشىپ قاپتۇ، زورلاپ ئاران يىدىم، ئۇ ئوخشىمىغىنىغا قارىماي يەنىلا مەندىن جىق يىدى. گەپنى يىغىپ كەلسەم بۇ تونۇشۇمنىڭ ئىدىيسى شۇنداق: تىگىدىن ئازىراق غەرىب مەدەنىيەت مەركەزلىك ئىدىيىسى بار، لىكىن باشقا مەدەنىيەتلەرگىمۇ بەك قىزىقىدۇ، ماتېريالنىمۇ ھەم ئەمەلىيەتىنىمۇ كۆپ كۆرگەن. مىللەتلەرگە مۇئامىلە قىلغاندا تەرەپلىمىلىك قىلمايدۇ، ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىدىن چىقىش قىلىدۇ ھەم غەرىبتە چوڭ بولغان ئىكەن، ھەرقانداق ئەركىنلىكنى بوغىدىغان ئىش بۇنىڭ ھەم ئىچىنى سىقىدۇ. لىكىن غەرىب دۇنياسىدا چوڭ بولغان، ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇققانلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر كۆپ سوغۇق، ئاتىسى، ئانىسى ئۆلسىمۇ تۈزۈك ياش تۆكمەيدىغان كىشىلەرنىڭ يەنىلا چۈشەنمەيدىغان ھەم قوبۇل قىلالمايدىغان يىرى باركەن. بۇنداق دىگىنىم، يەنە مۇشۇ ئاداش، بىر قىتىم يۇرتىمىزنىڭ جەنۇبىدا بىر ئاز ئايلىنىپتۇ. سەھرادىكى بىر دوستىنىڭ ئۆيىدە نەچچە كۈن تۇرغان ئىكەن. بۇ ئادىشىم سىپى ئۆزىدىن بەكلا قىززىقچى، قىلىقلىرىمۇ بەك ھەجۋى بولغاچقا شۇ ئۇيغۇر ئائىلىسىدىن كۈلكە ئۈزۈلمىگەن چىغى، قايتىدىغان چاغدا شۇ ئۆيدىكىلەردىن چوڭلار كۆز يىشى قىپتۇ. ماڭا دىيىشىچە ئۇلارنىڭ يىغللىغىنىنى پەقەتلا چۈشەنمەپتۇ، ھەم ماڭا ئىنىقلا ياسالمىلىق، نىمىشقا ئۇنداق ياسالمىلىق قىلىدۇ دەپ يۈرىدۇ. ئەلۋەتتە، تەكلىماكاندىكى قۇياشقا تويۇنۇپ چوڭ بولغان ئىسسىق، مەرت خاراكتىرىمىزنى بۇنىڭغا ئوخشاش كۈندىلا بۇلۇتلۇق ھەم سوغۇق تەلەت ھاۋادا ياشاپ كۆنۈپ كەتكەن، ئىقتىسادى مۇناسىۋەتنى بۆلەكچە بىلىدىغان غەرىبلىكلەرنىڭ چۈشەنمەسلىكىنى ھەم توغرا چۈشەندىم.

مىسال: بىر چەتئەللىكنىڭ رايونىمىزدا ئىنگىلىز تىلى دەرىسى ئۆتۈش جەريانىدا ھىس قىلغانلىرى
ئەمدى گەپنى ئەسلى تېمىغا بۇرىساق، دەل مۇشۇ دوستىمىز ئىككى يىل ئالدىدا يۇرتىمىزدىكى بىر مەكتەپتە ئىنگىلىز تىلىدىن دەرىس بەرگەن ئىكەن. تۆۋەندىكىسى خىزمەتتىن كىيىن خەنزۇ ۋە مىللى ئوقۇغۇچىلاردىن پەرىقلەردىن يەكۈنلىگەن ئازىراق دوكىلاتى باركەن، كۆپچىلككە تەرجىمىسىنى سۇندۇم. ئاخىرىدا شەخسەن پىكىرلەر.

دوكىلات باشلاندى:

ھازىرقى ئەھۋالى

كۆپىنچە مىللى ئوقۇغۇچىلارنى پاسسىپ(قىزىقىشى يوق)، ھورون ھەم ئىقتىدارسىز (ئادەتتىكىدەك)

مىللى ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرىسكە قاتنىشىش ئەھۋالى كىشىنى رازى قىلمايدۇ. كۆپ سانلىق ئوقۇغۇچىلار دەرىسكە بەكلا كىچىكىپ كىلىدۇ.

مىللى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىنتىزامچانلىقى خەنزۇ ئوقۇغۇچىلاردىن تۆۋەن؛ دەرىس ۋاقتىدا كۆپىنچىسى ئۇششاق گەپ قىلىدۇ، ئۇخلايدۇ ياكى باشقا تاپشۇرۇقلىرىنى ئىشلەيدۇ.

ئۆتۈلۋاتقان مەزمۇنغا قىزىقىشى بەك تۆۋەن.

مىللى ئوقۇغۇچىلار ئىنگىلىز تىلى فاكۇلتىتىنى خەنزۇلارلا ئىگەللىۋالغان دەپ قارايدۇ، ئۆزلىرىنى ئايرىلىپ قويۇلغاندەك ھىس قىلىدۇ.

دەرىسلەر باشلانغۇچ سەۋيىسىدىكى خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارغا ماسلاشتۇرۇلۇپ ئىشلەنگەن، مىسالەن: كىتابتىكى تېكىستلەرنىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسى بار.

كۆپ ساندىكى مەزمۇن خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەسپىلىشىشىغا ئاساس سىلىشىنى مەقسەت قىلىپ تەييارلانغان، مىللى ئوقۇغۇچىلار ئۇنداق كەسىپلەردىن مەھرۇم.

سەۋەبلەر

(تاشقى سەۋەب): مىللى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى يىزىلاردىن كەلگەن، يەنى ئۇلار چوڭىراق ئائىلىلەردىن كەلگەن بولۇپ، مائارىپ تەربىسىيى كۆرمىگەن ئاتا-ئانىلىرى ئۇلارغا ئۈگىنىش ئىشتىياقى بىرەلمىگەن؛ ئۇلار بالىلىقىنى ئەقىلى ئەمگەك قىلىش ئورنىغا ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىغا (ئوغۇللار)، ئۆي ئىشلىرىغا (قىزلار) ياردەملىشىپ ئۆتكۈزگەن.

(تاشقى سەۋەب): فاكۇلتىتتىكى خەنزۇلارنىڭ كۆپلىكىگە بولغان تەبئى، پىسخىك ئەكىس تەسىرىنى نەزەرگە ئىلىپ ئومۇملاشتۇرساق: خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار ئالدىراش، تىرىشچان، غايىلىك؛ مىللى ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى بىلەن خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى مىللى پەرىقلەرنى تۇتقا قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ كىملىكىنى ساقلاشقا تىرىشىشى مۇمكىن، بۇ سەۋەبلىك ئۇلار ھورۇن، ئارقىدا قالغان، ھەم ئىنتىزامسىز بولىۋالىدۇ.

(ئىچكى سەۋەب): مىللى ئوقۇغۇچىلارغا دەرىس ئۆتۈشتىكى تەجىربىلەر كەمچىل (ئۇلارغا ئىنگىلىز تىلى دەرىسى ئۆتۈش پەقەت 2002-يىلى باشلانغان)

(ئىچكى سەۋەب): مىللى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئانا تىلىنى ئاساس قىلىپ ئىنگىلىز تىلى بىرەلەيدىغان مىللى ئوقۇتقۇچىلار يوق.

(ئىچكى سەۋەب): مىللى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەزەن شەخسى مەسىلىلىرىنى ئىنكاس قىلىدىغان مىللى مەسىلىگە مەسئۇل ئادەم يوق.

(ئىچكى سەۋەب): كىتاب ۋە مۇئەللىملەر بىردەك خەنزۇ تىلىدا، مىللى ئوقۇغۇچىلار خەنزۇچە-ئىنگىلىزچە لۇغەت ئىشلىتىدۇ. بۇ ئىغىر تىلدىن قايمۇقۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ مىللى ئوقۇغۇچىلار ئىنگىلىز تىلىنى خەنزۇ تىلى ئاساسىدا ئۈگىنىدۇ، لىكىن ئۇلار يەنىلا ئانا تىلىدا تەپەككۇر قىلىدۇ. بۇ ئۇلارنى داۋاملىق ھەممىنى ئانا تىلىدىن خەنزۇ تىلىغا، ئاندىن خەنزۇچىنى ئىنگىلىزچىگە تەرجىمە قىلىشقا مەجبۇر قىلىدۇ، ئەكسى يۆنلىشتىمۇ ھەم شۇنداق. خەنزۇ تىلى ئۇيغۇر ۋە قازاق تىللىرىغا قارىغاندا قۇرۇلۇش ۋە تەلەپپۇز جەھەتتىن ئىنگىلىز تىلىغا تىخىمۇ ئاز ئوخشىشىدىغان بولغاچقا، شىنجاڭدا مۇھىم ئورۇندا تۇرغان خەنزۇ تىلى مىللى ئوقۇغۇچىلارغا ئىنگىلىز تىلى ئۈگىنىشكە مۇۋاپىق ئاساس بىرەلمەيدۇ.

چارىلەر

ھازىرقى مىللى ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان دەرىس پىلانى قايتىدىن مۇزاكىرە قىلىنىشى ھەم ئىنچىكىلىك بىلەن تۈزۈلۈشى كېرەك.

خەنزۇ ئوتتۇرا مەكتەپ ياكى ئامىرىكىغا كۆچمەن بولماقچى بولغان خەنزۇلارغا ئىشلەنگەن كىتابلار مىللى ئوقۇغۇچىلارغا ماس كەلمەيدۇ؛ بۇنىڭ ئورنىغا فاكۇلتېت ئاكتىپلىق بىلەن باشقا كىتابلارغا مۇراجىئەت قىلىشى كېرەك، مىسالەن: ئۇيغۇر/قازاق تىلىنى ئاساس قىلغان تېل ئۈگىنىش كىتابلىرىنى ئىشلىتىش ياكى كىتاب ئوقۇش دەرىسلىرى ئۈچۈن ئۆزى توپلىغان ئوقۇشلۇقلارنى ئىشلىتىش. مىللى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم-سەۋيىسى نەزەردە تۇتۇلۇپ، تېل دەرىسلىكىدىكى بەكلا ئىلىمى (ئاكادىمىك) دەرىجىدىكى مەزمۇنلاردىن ئامال بار ساقلىنىش.

مىللى ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان تىل دەرىسنى ياخشىلاش ئۈچۈن، مىللى ئوقۇتۇشتىكى تەجىربە كامچىللىقى ۋە ماس كىلىدىغان ئوقۇتۇش كىتابلىرىنىڭ كاملىقىنى نەزەردە تۇتقان ھالدا فاكۇلتېت ئاپتونۇم رايوندىكى ئالىي مەكتەپلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ تەجىربە ئالماشتۇرۇشى كېرەك.

فاكۇلتېت مىللىلارغا ۋاكالەتچى ھەم ئىنگىلىز تىلىنى ئۇيغۇر/قازاق تىللىرىدا ئۆتۈش مۇھىملىقى ئۈچۈن مىللىلاردىن ئىنگىلىز تىلى مۇئەللىمى ئىلىشى كېرەك. شەرتكە توشىدىغان مىللى مۇئەللىملەرنى تاپماق تەس ئىكەن. شۇنداقتىمۇ ئۆتۈلۋاتقان ئىنگىلىز تىلى دەرىجىسىنىڭ يەنىلا تۆۋەنلىكىنى كۆزدە تۇتقاندا، مىللى ئوقۇتقۇچى ئىلىشقا بولغان شەرت بەلگىلەنگەن ئۆلچەمدىن ئايرىلىپ قارىلىشى كېرەك (تۆۋەن بولسا بولىدۇ دىمەكچى).

تىل قايمۇقۇشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن، بارلىق ئىنگلىز تىلى دەرىسى بىرىدىغان خەنزۇ ئوقۇتقۇچىلار بىردەك دەرىس ۋاقتىدا پەقەتلا ئىنگلىز تىلى ئىشلىتىشى كېرەك.

مىللى ئوقۇغۇچىلار بىلەن فاكۇلتېت ئارىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇش ئاساسى يارىتىش ئۈچۈن مىللىلار مەسىلىسىگە مەخسۇس مەسئۇل بولىدىغان ئادەم بولۇشى كېرەك. بۇ ئادەم مۇناسۋەتلىك باشلىقلار ۋە مىللى ئوقۇغۇچىلار بىلەن داۋاملىق سۆزلىشىپ تۇرۇشى كېرەك. بۇنداق بولغاندا ھازىر ئەڭ كام بولۋاتقان مىللى ئوقۇغۇچىلارنىڭ فاكۇلتېتقا بولغان ئىشەنچىسىنى تۇرغىزغىلى بولىدۇ.

بۇ رايون بىر ئاپتونومىيەلىك رايون ھىسابىدا ھەممە پۇقرالارغا ياخشى ھەم تىنىچ ھايات شارائىتى يارىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ. شۇڭلاشقىمۇ ھەممە يول بەلگىلىرى ئىككى تىلدا يىزىلغان. لىكىن ئىنگىلىز تىلى فاكۇلتېتى كۆپ ساندىكى ئوقۇغۇچىلارنى ئۇلارنىڭ ئانا تىلىدا چاقىرىمايدۇ (بۇ يەردە ئانا تىلىدا دەرىس بەرمەيدۇ ياكى كۆڭۈل بۆلمەيدۇ دەپ چۈشەنسەكمۇ بولىدۇ —تەرجىماندىن). بۇ مىللى ئوقۇغۇچىلارغا فاكۇلتېت بىزنىڭ ئىھتىياجىمىزغا ئانچە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ دىگەن تەسىراتنى قوشۇپ قويىدۇ. ھەممە ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان مەمۇرى ھۆججەتلەر ھىچ بولمىغاندا ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىش كېرەك.

خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار بىلەن مىللى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى چۈشىنىش ۋە دوستلۇقنى ئىلگىلىرى سۈرۈش ئۈچۈن فاكۇلتېت پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرغاندا مىللى ئوقۇغۇچىلارنىمۇ تەكلىپ قىلىشى كېرەك؛ ھازىرغىچە ھەر خىل مۇسابىقىلەر ۋە ئىنگىلىز تىلى كورنىر لار ئاساسەن خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرۇلغان. فاكۇلتېت يەنە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش مەقسەت قىلىنغان پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ تۇرسا بولىدۇ.

دوكىلات بۇ يەردە تۈگىدى. ئەمدى ئۈزەمنىڭ ھىس قىلغانلىرىنى ئورتاقلىشاي

بۇنى بىرلىندىكى زىيارتىمدە ئاغزىدىن ئاڭلىغان ئىدىم. ماڭا سىلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلار شۇنداق ھورۇن يارىماس دەپ بىرمۇنچە قاخشاپ بەرگەن ئىدى، ئەلۋەتتە خەق بىزنى بىر نەرسە دىسە قانداق چىدايمەن، مەنمۇ سەۋەب كۆرسىتىپ بىرمۇنچە تالاشتىم، ھەم ئۇنى سەن ياخشى چۈشەنمەپسە، يەنە بىر بىرىپ تۈزۈك كۆرۈپ كەل دەپ نارازى بولغان ئىدىم ھەم. دىمىسىمۇ يۇرتىمىزدا بالىلارنىڭ پەنگە بولغان قىزىقىشىنى بوغىدىغان ھەم ئەكىس تەسىر كۆرسىتىدىغان تاشقى سەۋەبلەر ئاز ئەمەس. بىر مىسال: ماۋزىدۇڭ ئىدىيسى، دىڭشياپىڭ نەزەريىسى دىگەن دەرىسلەرنى مىسالغا ئالايلى، بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋىرسىتىتىدا بۇ دەرىسلەرگە تۈزۈك بالا چىقمايدۇ. ئىمتىھاننىمۇ ناھايتى ئاسان قىلىپ ئالىدۇ يەنى، ئىمتىھانغا بىر كۈن قالغاندا بىر ۋاراق قەغەزگە تىزىپ تۇرۇپ 13 سۇئالنى جاۋاب بىلەن بىسىپ چىقىرىپ بەرگەن، سىز شۇنى ئىمتىھاندىن بىر كۈن بۇرۇنلا يادلىسىڭىز ئىمتىھاندىن ھىچ قىينالمايلا ئۆتۈپ كىتىسىز ھەتتا يىرىم كۈن تەييارلىق بىلەنلا 90 دىن يۇقۇرى نومۇر ئىلىشىڭىز مۇمكىن. لىكىن ئوخشاش دەرىسنى ئىلى پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتىدا چىڭ تۇتۇپ ئۆتىدىكەن ھەم بالىلار ئىمتىھاندىن ئۆتۈش ئۈچۈن پۈتۈن بىر كىتابنى دىگۈدەك ياخشى ئۈگىنىشىگە، ھەم بىر مۇنچە مەزمۇننى يادلىشىغا توغرا كىلىدىكەن (ھازىر ئۆزگەردىمۇ ئۇقمايمەن). ئوچۇقىنى ئىيتساق بۇ دەرىسلەر ھىچكىمگە خوشياقمايدۇ، چۈنكى كەسپىڭىزگە مۇناسىۋەتسىز. ئۇنداق بولغان ئىكەن، بۇ خىل ئۈگىنىش بالىلارنى ئۈگىنىشتىن زىرىكتۈرۈش رولىنىلا ئوينايدۇ. يەنە بىرىگە، ئىچكىردىكى مەكتەپلەردە كۈتۈپخانىلار ئادەتتە 10 دا تاقىلىدۇ، ئۈرۈمچىدە ئەينى ۋاقىتتا 8:30 دا تاقىلاتتى (ئوخشاش زامان، ئوخشاش مۇلازىمەتنى سىلىشتۇرۋاتىمەن). يەنە بىرىگە قىسمەن يۈز بەرگەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى كەمسىتىشلەر ئوقۇغۇچىلارغا تىخىمۇ پاسسىپ ئىدىيىنى تىڭىپ قويغان. بۇلتۇردىن چىققان يىڭى سىياسەتلەر بەلكىم بۇ خىل ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىشى مۇمكىن.

ئەمدى نەزىرىمىزنى يۇقۇردىكى بىر نۇقتىغا بىرەيلى: مىللى بالىلار ئۆيدە ئىشلارغا ياردەملىشىدۇ، خەنزۇ بالىلار پەقەت ئەقلى ئەمگەك قىلىدۇ، بۇ مىللى بالىلارنىڭ ئۈگىنىش ئىڭىنىڭ تۆۋەن بولۇشىغا سەۋەب بولغان دىيىلگەن. بۇ نۇقتىنى خىلى ئاساسى بار دىيىشكە بولىدۇ. لىكىن شەخسەن كۈزىتىشىمدىن بۇ ئىشنى يامان دىيىشكە ئاساس تاپالمىدىم. دىمەكچى خەنزۇ يولداشلار كۆپىنچە نوپوس ناھايتى زىچ جالايشقا، ياشاش  قىيىن ھەم رىقابەت كۈچلۈك جايلاردا ياشايدۇ. ھەم بۇلاردا، ياخشى ئۈگەنسە ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ ئەمەلدار بولىدۇ، ياخشى تۇرمۇش كەچۈرىدۇ دىگەن فىئۇداللىق قاراش ناھايتى كۈچلۈك. يەنى بۇلاردا كېجۈ ئىمتىھان تۈزۈمىنىڭ تارىخى ھەم تەسىرى ناھايتى ئۇزۇن. شۇڭلاشقىمۇ ئاتا-ئانىلار مەيلى تەربىيىسى قانچىلىك تۆۋەن بولسۇن، بىرلا نەرسىگە ئىشىنىدۇ، بالىسى ياخشى ئوقۇسا كۈنى ياخشى بولىدۇ دىگەنگە. بالىلىرىنى ياقتۇرسۇن-ياقتۇرمىسۇن ئۈگىنىش قىلىشقا مەجبۇرلايدۇ ھەم بار كۈچى بىلەن شۇنىڭغا شارائىت يارىتىپ بىرىدۇ. بۇنى جۇڭگۇنىڭ دۆلەت ئەھۋالىنى چىقىش قىلغاندا شۈبھىسىز ئەڭ توغرا يول بولۇشى مۇمكىن.

لىكىن بۇ ئۇسۇل بىزگە ئوخشاش نوپۇس شالاڭ، قوساق بىقىش بەكمۇ تەس بولمىغان، كىشىلەرنىڭ ھاياتىدا تەبئەتنىڭ ئورنى زىيادە يىقىن بولغان باشقا بىر مەدەنىيەتلىك ئادەملەرگە تازا ماس كەلمەيدۇ. دۇنيانىڭ ھىچقانداق يىرىدە ھەممە ئوقۇغۇچىنى يۈزدە-يۈز يىتىشتۈرىدىغان مائارىپ يوق دەپ ئويلايمەن. نۆۋەتتە گېرمانىيەدىمۇ شۇنداق، ياخشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ نىسبىتى خىلىلا تۆۋەن. ئوقۇيدىغانلىرى ئوقۇيدۇ، ئوقۇمايدىغانلىرى ھەم ئۆز پىتى. لىكىن بۇلارنىڭ بالا 18 ياشتىن كىيىن ئاتا-ئانىسى تۈزۈك ئىگە بولمايدىغان ھالەت كۆپىنچە بالىلارنى ئۆز تەقدىرنى بالدۇراراق ئويلىنىدىغان ھەم ئۆز كەلگۈسى، تۈزۈك تۇرمۇش ئۈچۈن بالدۇراراق تىرىشىدىغان قىلىپ قويۇپتۇ. لىكىن بۇ خىل ھالەتنىڭ كەمچىلىكى شەخىسيەتچىلىك بەك مەركەزلىنىپ ئادەملەر مۇھەببەتىن يىراقلىشىپ كىتىدىغاندەك تۇيۇلدى. ئۆزىمىزنىڭ ئەسلى مائارىپى، بولۇپمۇ 2000-يىللار ئالدىدىكى، كۆپ ياخشى ئىدى دەپ ئويلايمەن. يەنى ياخشى ئوقۇغۇچىلار ھامان بار، ھەم ئۆز كەسپىنى ھەقىقى سۆيىدىغان بولۇپ چىقىدۇ، ئوقۇشىنى پەقەت ئاش يىيىشىنىڭ يولىلا قىلۋالغان، يۈزەكىلا ئۈگىنىدىغان مائارىپقا سىلىشتۇرۇپ قارىغاندا كۆپ ياخشى. ئىشلاردا ئاتا-ئانىسىغا ياردەملەشكەنلىكى ئۈچۈن ئاتا-ئانىسىغا، قېرىنداشلىرىغا يىقىن. بىر كەمچلىك يىرى ئورتاق ساپا سەل تۆۋەن بولۇپ قىلىشى مۇمكىن. لىكىن ئەمەلىيەتتىن يىراقلاپ كەتكەن بىلىم يەنىلا ئاقىۋەتتە بىزگە جىق نەرسە بىرەلمەيدۇ. مىسالەن ئىيتايلۇق: ھازىر گېرمانىيەدە جۇڭگۇلۇق ئوقۇغۇچىلارغا كەمسىتىش قارىشى مەۋجۇت، كۆپىنچە كىشىلەر ئۇلارنىڭ چەتئەل تىلىدا ئىمتىھان نەتىجىسى ياخشى بولسىمۇ سۆزلىشىشتە ناھايتى ناچارلىقىنى، يىزىق ئىمتىھانلاردىن ناھايتى يۇقۇرى نومۇر ئالسىمۇ، بىر نەرسە سورىسا تۈزۈك جاۋاب بىرەلمەيدىغانلىقى (ئىغىزچە ئىمتىھاندا بەك چانىدۇ)، باشقا دۆلەتتىن كەلگەنلەرگە يەكى يەرلىكتىكىلەرگە تۈزۈك ئارلاشماي دائىملار ئايرىم بولىۋالدىغانلىقى، ئوقۇغۇچىلار ياتاق بىناسىدىكى قائىدىلەرگە ھۆرمەت قىلمايدىغانلىقىدىن بەك قاخشايدۇ. دۇنيانىڭ ھەر قايسى رايونلىرىدىن كىلىدىغان بالىلار توپلاشقان خەلقئارا ماگىستىر پروگىراممىسىغا ياردەمچى ئوقۇتقۇچى ھەم تەجىربە يىتەكچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتقىنىمغا ئۈچ يىل بولدى. بۇ جەرياندا ھىس قىلغىنىممۇ شۇ، جۇڭگۇلۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇمى بىلىم ساپاسى خىلى يۇقۇرى، ھەممىسى تىرىشچان، ئىمتىھانلاردىن ئاساسەن ئۆتۈپ كىتىدۇ، لىكىن ئىمتىھاندىن ئۆتۋىلىپلا تەجىربىخانىدا ئىش باشلىسا ھەممىنى ئۇنتۇپ قالغان، ھەم بۇرۇنتىن ئەمەلىيەتتىن يىراق بولغاچقا دائىم چوڭ-كىچىك خاتالىقلارنى ئۆتكۈزۈپ ھەممىگە كۈلكە بولۇپ يۈرىدۇ. بىر ئوقۇغۇچى ئوخشاش خاتالىق سەۋەبلىك ئوت ئۆچۈرۈشنى ئۈچ قىتىم ”چىللاپ“ كىلىپ، ئىنىستىتۇتتا مەخسۇس يىغىن ئىچىپ قارار چىقىرىشىمىزغا سەۋەبچى بولدى ۋە ھاكازالار… باشقا دۆلەتتىن كەلگەن بالىلارنىڭ ماتېماتېكا ئاساسى سەل ناچار، تىرىشچانلىقى تۆۋەنىرەك. ئىمتىھانلاردىن ئۆتەلمەسلىكمۇ خىلى كۆپ. لىكىن تەجىربىخانىغا كىرىپ تەتقىقاتنى باشلىغاندا بەك ياخشى ئىشلەيدۇ، قوللىرى ئەپچىل، چۈشىنىشى ياخشى، ھەم ئاسان چاتاق تىرىمايدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا ماقالا يازغاندا بىرىلىدىغان نومۇرنىڭ يۇقۇرلىقى بىلەنلا كەسپتىكى ناچار نەتىجىسىنى يىپىپ كىتەلەيدۇ. ئۇنىۋېرسال ساپانى كۆزدە تۇتقاندا (قاتتىق ھەم يۇمشاق ئىقتىدار، يەنى نەزەرىيە ھەم ئەمەلىيەت) ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىچىدە يەنىلا بىر ياكى ئىككى باشقا دۆلەتتىن كەلگەن ياكى نىمىس ئوقۇغۇچىنىڭ نەتىجىسى ياخشى چىقىدۇ، ھەم ياخشى يەردىن خىزمەت تىپىش مۇمكىنچىلىكى يۇقۇرى.

بۇ يەردە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى بەك مىسالغا ئالامەيمەن، چۈنكى چەتئەللەردە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار يەنىلا بەك ئاز. مەن تۇرغان ئۇنىۋېرسىتىتتىمۇ بىر مەنلا بار 5 يىلدىن ياقى. لىكىن خەنزۇ ئوقۇغۇچىلاردىن 200 ئەتراپىدا. يىقىندا يۇقارقى دوكىلاتنى يازغان تونۇشۇم بىلەن يەنە بىر پاراڭلاشتىم. ھازىر ئۇنىڭ قارىشى سەل ئۆزگۈرۈپ قاپتۇ. ئۇمۇ ھازىر بىزگە زادى قايسى مائارىپ ئەندىزىسىنىڭ ماس كىلىدىغىنىنى بىلەلمىگەنلىكىنى، خاراكتىرىمىزغا قارىغاندا يەنىلا باشقا ئەندىزە قوللىنىش ياخشىمىكىن دەپ ئويلىغانلىقىنى ئىيتىپ ئۆتتى.

گەپكە قايتىپ كەلسەم، كىچىكىدە ئاتا-ئانىسىغا ياردەملىشىش، ھەر خىل مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ تۇرۇش ھەم ياخشى ئىش، بۇ بالىلارنىڭ كىيىن مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈشى، باشقىلار بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتتە ئۆتۈشى، دۇنيانىڭ نەرىگە بارسۇن يەرلىكلەر بىلەن چىقىشىپ ئۆتەلىشى ئۈچۈن ياخشى ئاساس سالغان. مائارىپنىڭ مەقسىدىمۇ ئەسلى بىلىملىك ئادەملا ئەمەس بەلكى ياراملىق ئادەم تەربىيلەش بەكىرەك مەقسەت قىلىنسا بولاتتى. ھالبۇكى بىزنىڭ مائارىپىمىزدا ھازىر كۆچۈرمىلىك ئەۋىج ئىلىپ كەتتى، مىللى خاراكتىرىمىزگە، ھەم ئىجتىمائى، ئىقتىسادى ئەھۋالىمىزغا پەقەت ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئىشلار كۆپىيىپ تىخىمۇ كۆپ بالىلارنىڭ مەكتەپتىن زىرىكىشى بىلەن نەتىجىلىنىۋاتىدۇ. ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا مەكتەپتە داۋاملىق ھۆسىن خەت يىزىش، دىكلاماتسىيە قىلىش، شاھمات ئويناش، مودىل ياساش، رەسىم سىزىش، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى بەك كۆپ ئۆتكۈزۈلەتتى، تالانتى بار ھەر قانداق بىر بالىغا ئۆزىنى كۆرسىتىش سورۇنى ھازىرلانغان. مەكتەپكە ھەممە ئامراق ئىدى، ھەتتا بەزىدە مەكتەپتىن ئالدىراپ چىقىۋالغان بالىلارمۇ تاملاردىن ئاتلىنىپ چۈشۈپ ئارلىشىۋالاتتى. ھالا بۈگۈنكى كۈندە ئانا مەكتىۋىمدىكى بالىلار خۇددى ئۆزلىرىنى تۈرمىگە سولانغاندەك ھىس قىلىشىدىكەن. ئىمتىھان نەتىجە ھەممىدىن مۇھىم، بولمىسا مائاش تارتىلىدۇ. مۇئەللىملەرمۇ سەپرا بولۇپ كەتكەن. بۇ خىل ھالەت كىشىنى ھەقىقەتەن ئىچىندۇرىدۇ. بۇنى قانداقمۇ مائارىپ دىگىلى بولسۇن!

ئەمەلىيەتتە، ئىچكىردىمۇ ھازىر مائارىپ ھەققىدە قاتتىق تالاش-تارتىشلار مەۋجۇت. بەزى خەنزۇ زىيالىلارمۇ مائارىپ ئىسلاھ قىلىنىشى كېرەك دەيدۇ. ھەم بەزەنلىرى خەنزۇ مەدەنىيىتى غەرىب مەدەنىيىتىنىڭ خىرىسىغا بەك ئۇچراۋاتىدۇ، خەنزۇ تىلىمۇ قاتتىق خىرىسقا ئۇچراۋاتىدۇ دەپ قارايدىكەن. تەبئىكى، ئىقتىسات ۋە باشقا نەرسىلەرمۇ بارغانچە دۇنياۋىلىشۋاتقان، دۇنيا بارغانچە كىچىكلەۋات نۆۋەتتىكى دۇنيادا ھەرقانداق بىر دۆلەت ئوخشاش خىرىسلارغا دۇچ كىلۋاتىدۇ. ھەتتا گېرمانىيەدىمۇ كۆچمەنلەرگە قارىتىلغان ھەم ئۆزلىرىنىڭ مائارىپى ئەڭ مۇنازىرە بولىدىغان تېمىلارغا ئايلىنىپ قالدى. بىزمۇ ھەم مۇستەسنا ئەمەس. بۇ خىل خىرىسقا، (بولۇپمۇ مەدەنىيەتنى كۆزدە تۇتقاندا) تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىردىن بىر يولى، تىخىمۇ تىرىشىش، تىخىمۇ ئۈنۈملۈك يوللارنى تېپىپ چىقىش لازىملىقى شەھسىز. شەخسەن مائارىپنى بەك مۇھىم دەپ بىلىمەن، ھەم پەقەت شۇ ساھەدە بىر ئىش قىلالايدىغنىمغىلا كۆزۈم يىتىدۇ. «ئۇرۇشتا مەغلۇب بولغان مىللەت ھامان باش كۆتۈرەلەيدۇ، لىكىن مائارىپتا مەغلۇب بولغان مىللەت مەڭگۈ باش كۆتۈرەلمەيدۇ» دىگەن گەپ بار. كەلگۈسىمىز ئۈچۈن، بىر زىيالى سۈپىتىمىز بىلەن تىخىمۇ تىرىشىشىمىزغا، ئۇيغۇرنىڭ پەرزەنتلىرىگە ئەھۋال قانداق بولۇشىدىن قەتئىنەزەر تىخىمۇ كۆپ ئىلھام بىرىپ، ئۇلارنىڭ پەننى قىزىقىشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن قان-تەرىمىزنى بىرىشىمىز، ئۇلارنى باشقىلاردىن ھەسسىلەپ ئاشۇرۇپ تىرىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈشىمىز بەكمۇ مۇھىم. چۈنكى قاخشاش بىلەن ھىچ ئىش تاڭ ئاتمايدۇ، باھانە ھەرقانچە ئورۇنلۇق ئاڭلانسىمۇ ھىچىكىمنى ھەم قايىل قىلمايدۇ! بۇ نۇقتىنى ئىنىق ھىس قىلدۇرۇش لازىم. زىيالى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ھەم مائارىپتىكى تەڭسىزلىكلەرنى، مەسىلىلەرنى ھەم ئوتتۇرغا قويۇپ، بىر ئىلمى ھەم ئۈنۈملۈك مائارىپ ئەندىزىسى تۇرغۇزۇشقا بار كۈچىمىز بىلەن تىرىشساق دەيمەن.

ئاخىردا يەنە دەيدىغىنىم: GRE, TOEFL دىگەندەك ئىمتىھانلارنى بىرىشكە جۈرئەت قىلغان، مەن تونۇيدىغان نۇرغۇن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئاساسەن ئۆز ئارزۇسىغا يىتىپ تولۇق ياكى قىسمەن مۇكاپاتلىق ئوقۇشلارنى قولغا كەلتۈردى ھەم كەلتۈرۋاتىدۇ. ئىشقىلىپ مىدىراپ تۇرغان بالىنىڭ يەردە قالغىنىنى كۆرمىدىم. ئالدىنقى قىتىم گېرمانىيەنىڭ فرانكفۇرت شەھرىدە گېرمانىيە، شىۋىتسىيە ۋە شىۋىتسارىيەدىن كەلگەن، داڭلىق مەكتەپلەردە دوكتۇرلۇق ماگىستىرلىق ئوقۇۋاتقان بەشىمىز يىغىلىپ ناھايتى كۆڭۈللۈك بىر كۈننى ئۆتكۈزدۇق. پاراڭلاردىن ھىس قىلغىنىم شۇ بولىدىكى، شۇ يەردىكى ھەر بىرەيلەننىڭ شۇ ئوقۇشلارغا كەلگۈچە بىشىدىن ئۆتكۈزگەن كەچۈرمىشىلىرى كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىكەن. گەپ ئارلىقىدا بۇرۇن قانداق جاپا تارتقان بولساق، ئاخىرىدا كەلگەن نەتىجىلەر ئۈچۈن ئۇ جاپالار ھىچ قانچە كۆرۈنمەيۋاتقىنىنى، ھاياتىمىزدا ئەڭ توغرا تاللىغان تاللىشىمىز ئىكەنلىكىنى ئورتاقلاشتۇق.

2011-يىل، 3-ئاينىڭ 27-كۈنى ئۇلم دا يىزىلدى.
oghuzkb

بۇ يازما ئۇيغۇر + ياۋرۇپا كاتېگورىيىسىگە يوللانغان ھەم دەپ خەتكۈشلەنگەن. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈشلىۋېلىڭ.

مائارىپ ھەققىدە قۇرۇق پاراڭلار ئۈچۈن 2 ئىنكاس بار

  1. روسلان مۇنداق يازغان:

    خېلى ئۇبدان پىكىر قىلىپسىز،لىكىن تېمىسنى قۇرۇق پاراڭ دەپ قۇيغىنىڭىز بولماپتۇ

  2. ئالىپ ئارسلانشاھ مۇنداق يازغان:

    جۈرئەت كېرەكتە جۈرئەت ئەمما……

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong> <img src="" alt="" class="" width="" height="">

https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_bye.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_good.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_negative.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_scratch.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wacko.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yahoo.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cool.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_heart.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_rose.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_smile.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_whistle3.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yes.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cry.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_mail.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_sad.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_unsure.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wink.gif