ساياھەتنامە (3) يورك

ئەنگىليەدىكى يورك شەھرى ئۆزىنىڭ قەدىمىيلىقى بىلەن خىلىلا داڭقى بار ئىكەن. خۇددى ئالدىنقى تونۇشتۇرغان شەھەرلەردەك، شىمالى ياۋرۇپاغا مەدەنىيەت ئەكىرگەن رىملىقلار ھىسابلىنىدۇ. بىر ھىسابتا كىتابتا خاتىرلىنىش رىملىقلارنىڭ ئايىغى تېگىشى بىلەن باشلانغان. رىملىقلار ھازىرقى يوركتا مىلادى 71-يىلى ئەبوراكوم (كەلتىكچە سۆز دەپ پەرەز قىلىنىدۇ) دەپ ئاتالغان قورغان سالدۇرغان، ھەم بۇ قورغان رىملىقلار بۆلۈپ باشقۇرغان بىرىتانىيەدىكى ئىككى چوڭ مەمۇرىي رايوننىڭ بېرىنىڭ پايتەختى بولغان. يەنە بىر رايوننىڭ پايتەختى ھازىرقى لوندون بولغان. كېيىنچە يورك شۇ ئاساستا كېڭىيىپ ھازىرقى يوركنى شەكىللەندۈرگەن. يورك سۆزى ئەسلى يورۋىك سۆزىدىكىن كەلگەن بولۇپ ۋايكىڭلار، ئاساسلىقى دانىيەلىكلەر (شىمالى ياۋرۇپا قاراقچىلىقى) بۇ رايوننى ئىشغال قىلىپ خانلىق قۇرغاندا شۇنداق ئاتالغان ئىكەن. كېيىنچە شۇ دانىيەلىكلەر يەرلىكلەرگە ئاسسىمىلياتىسىيە بولۇپ كىتىپتۇ. شۇڭلاشقىمۇ بۇ رايوندىكى كىشىلەر ئىگىزىرەك كېلىدىكەن.

مىلادى 71-يىلى رىملىقلار تېكلىگەن مۇنار ۋە ئاساس چېركاۋ

 

شەھەرنىڭ جەنۇبى تېمى دەرۋازىسى

كونا چېركاۋ قالدۇقلىرى

كېلىففورد مۇنارى، بۇ يەردە 1190-يىلى يەھۇدى قەتلىئامى بولغان ئىكەن.

ۋايكىڭ بايرىمى

كىلىففورد مۇنارىدىن ئاساسى چېركاۋغا نەزەر

بۇ شەھەرنىڭ يەنە بىر ئالاھىدە يېرى، شەھەر قورغىنى ئەڭ مۇكەممەل ساقلانغان شەھەرلەردىن ھىسابلىنىدىكەن، دېمىسىمۇ كونا شەھەر قورغىنى ئاساسەن تولۇق، قورغان تېمى ئۈستىدە شەھەر ئايلىنىش كىشىگە بەكلا خوش ياقىدۇ، خۇددى تارىخ دەپتەرلىرىدە مىڭىۋاتقاندەك.

سانائەت ئىنقىلابى دەۋرىدە شەھەر ئۆزىنىڭ برىتانىيە ئارىلىنىڭ ئوتتۇرسىغا دېگۈدەك جايلاشقان ئىستىراتىگيەلىك ئورنىدىن ياخشى پايدىلانغان. ئەڭ دەسلەپكى تۆمۈر يوللارنىڭ غول لېنىيەسى بولۇپ قالغان، شۇڭلاشقىمۇ دۆلەتلىك تۆمۈر يول مۇزىيى مۇشۇ شەھەردىكى ۋوگزال يېنىدا ئىكەن. مۇزىيدا ئەڭ دەسلەپكى پويىزدىن ھازىرقى يىڭى تېپتىكى پويىزلارغىچە بولغان تارىخى مودېللار ئارقىسىدا يورۇتۇلغان ئىكەن. ئوز دەرياسى ھەم ئۆز نۆۋىتىدە نۇرغۇن ئۇن زاۋۇتلىرىغا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولغان، بەزى ئۇن زاۋۇتلىرىنىڭ ئىزناسىنى ھازىرمۇ كۆرگىلى بولىدىكەن.

بۈگۈنكى كۈندە شەھەر ئەنگىليەدىكى ساياھەتچىلەر ئەڭ كۆپ كېلىدىغان شەھەرلەرنىڭ بېرى بولۇپ قاپتۇ. بۇ يىللىق دۇنياغا داڭلىق فرانسىيەنى ئايلىنىش خەلقئارا ۋېلىسپىت مۇسابىقىسى مۇشۇ شەھەر ئەتراپىدا باشلىنىدىغان بولۇپ، شۇ پۇرسەتتە شەھەر ئۆزىنى كۆز-كۆز قىلىشقا خېلىلا كۈچەۋاتىدۇ.

يورك ئۇنىۋېرسىتېتى ئاساسى بىناسى

فىزىكا فاكۇلتېتى قورۇسىدىكى نيوتوننىڭ بېشىغا ئالما تاشلىغان دەرەخنىڭ شاخلىتىپ كۆچۈرۈپ كېلىنگەن بىر تۈپى.

رەسىملەرنىڭ چوڭ نۇسخىلىرىنى ۋە باشقا رەسىملەرنى مۇنۇ ئادرىستىن كۆرۈڭلار:

https://flic.kr/s/aHsjXbupuJ

 

oghuzkb

 

بۇ يازما ئۇنىۋېرسال كاتېگورىيىسىگە يوللانغان ھەم , , دەپ خەتكۈشلەنگەن. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈشلىۋېلىڭ.

ساياھەتنامە (3) يورك ئۈچۈن 10 ئىنكاس بار

  1. بەگمۇراد مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! قۇربانجان ئاكا ، قانداق ئەھۋالىڭىز. ئۇزۇق بۇپتۇ سىز بىلەن سالاملاشمىغىلى ، يىقىندا بىر مەزگىل بىلوگىڭىز ئىچىلماي تاس قالدىم سىزگە خەت يازغىلى ……………..
    بولسا يىڭى يازمىلېرىڭىزنى ۋە گىرمانىيە تۇغۇرلۇق ئۇچۇر ۋە كۆزقاراشلېرىڭىزنى بىز ئورتاقلىشىپ تۇرغايسىز، ھە راست گىرمانىينىڭ ھازىرقى باشلىقى ئايالكەنغۇ، كورىيەنىڭمۇ ئايالكەن. ھازىر گىرمانىيەدىن كورىيە ئۈتۈپ كەتكەندەك بىلىندى، تۈركىيەمۇ باش كۈتۈرۋاتقاندەك…..

    • ئاچىنۇق مۇنداق يازغان:

      ۋائەلەيكۇم ئەسسالام بەگمۇراد ئىنىم! كەچۈرۈڭ، جاۋاب بەرمەي ئۆتۈپ كېتىپ قاپتىمەن. شۇ بلوگىمنىڭ مۇلازىمەتتېرىنى يۆتىكىگەن، ئەسلى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ قويسام بولاتتىكەن.

      شۇنداق، دۇنيا داۋاملىق ئۆزگىرىدۇ. تارىختا ھىچقانداق بىر مىللەت مەڭگۈ سورىغان ئەمەس، ھەم داۋاملىق يۇقۇرى تەرەققىيات سەۋيىسىدە تۇرالىغان ئەمەس. بۇنى قانۇنىيەت دەپ چۈشەنسەكمۇ بولار. كەلگۈسىدىمۇ ھەم بىز ھىچ ئېسمىنى ئاڭلاپ باقمىغان دۆلەتلەر باش كۆتۈرۈپ چىقىدۇ. بۇنداق دەۋرىيلىك نەچچە ئون يىل بىلەن ئەمەس بەلكى يۈز يىلدىن ئىككى ئۈچ يۈز يىلغىچە ھەتتا ئۇنىڭدىن ئۇزۇن دەۋرىيلىك بىلەن ئۆلچىنىدۇ. 60، 70-يىللاردا گېرمانىيە بىلەن ياپونىيە بەكا تەرەققى قىلغان. مانا بۈگۈنكى كۈندە بۇ دۆلەتلەر توختىماي ئاجىزلاپ، كورىيەدەك تارىختا ھىچقاچان سەلتەنەتى بولمىغان، داۋاملىق خوشنىلىرىنىڭ مۇستەملىكىسى بولۇپ كەلگەن بىر دۆلەت ئالدىغا چىقىۋاتىدۇ.

      يەنە بىرىگە ئەنئەنىۋى دۆلەت ئۇقۇمىمۇ ئۆزگىرۋاتىدۇ. كانادا، ئامېركا، ئاۋىسترالىيە دېگەندەك دۆلەتلەر بىر مىللەتنىڭ دۆلىتى ئەمەس، ھەممە يەرلىك بار. ھەتتا غەربى ياۋرۇپادىكى دۆلەتلەردىمۇ شۇ خىل يۈزلىنىش.

  2. توغۇرچىن مۇنداق يازغان:

    راست، بىر مەزگىل بىلوگىڭىز ئېچىلمىدى.بۇ نېمە ئىشتۇ؟

  3. تەنھا مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇئەلەيكۈم ھۆرمەتلىك قۇربانجان ئاكا، قانداق ئەھۋاللىرى؟ يېقىندىن بېرى خېلى كۆپ يازمىلارنى يېزىپلا ئەپسۇس ئەمدىلەتىن كۆرۈپتىمەن. ئۆزلىرى قانداقراق تۇرىۋاتىدىلا؟ ھازىرشىۋىتسىيەدىمۇ ياكى قانداق؟ ئوقۇشلىرى ھەممىسى ياخشىدۇ ئىنشائاللاھ… ئاللاھ ھەرزامان ئۆزلىرىنى خاتىرجەم ۋە خوشال قىلغاي،ئۆزلىرىنى بەك ئاسرىغايلا…

    • ئاچىنۇق مۇنداق يازغان:

      ۋائەلەيكۇم ئەسسالام!

      رەھمەت ئىنىم، ئاللاھقا شۈكرى ياخشى تۇردۇم! ئۆزىڭىزمۇ ياخشى تۇرغانسىز؟

      ھازىر مەن ئەنگىليەدە ئىشلەۋاتىمەن (دوكتۇر ئاشتىلىق تەتقىقات خىزمىتى). ۋاقتىم بارغانچە قىس بولۇپ كەتتى، يازىدىغان تېما بەك كۆپ، لېكىن يىتەرلىك ۋاقت يوق. ئۆتكەندە كونا بلوگىمدىكى كۆچۈرۈلمەي ئۇنتۇلۇپ قىلىنغان مەزمۇنلارنى قايتا يوللاپ قويدۇم، ھەممىسى بىر يەردە تۇرسۇن دەپ. سالامەت بولۇڭ!

  4. نەسمى مۇنداق يازغان:

    ئەسسالام ئەلەيكۇم، قۇربانجان ئاكا،
    مەن يورك ئۇنۋىرسىتىتىنىڭ 2014-يىللىق ئاسپىرانتلىق چاقىرىقىنى تاپشۇرۇۋالغان، بەزى ئەھۋاللارنى تەپسىلى چۈشىنىپ باقاي دېگەن، خالىسىڭىز ئېلخەت ئادرىسىڭىزنى قالدۇرغان بولسىڭىز، مەسلىھەت سورايدىغان گەپ بار ئىدى، رەھمەت.

  5. ھەنەفي مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم مەنمۇ بۇ بلوگىڭىزنى بىلمەيدىكەنمەنتۇق بۈگۈن مۇ قۇرۇقلىقىنى ئىزدەۋىتىپ سىزنىڭ بلوگىڭىزنى ئۇچۇرتۇپ قالدىم مول ياخشى مەزمۇنلار كۆپكەن رەخمەت سىزگە مۇشۇنداق ياخشى ئەسەرلەرنى بەرپا قىپسىز خۇرسەن بولدۇم . لىكىن سىزنىڭ بلوگڭىزغا تىزىملىتامدۇق تىزىملاتمامدۇق تازا بىلەلمىدىم بىر چۈشۈنچە بەرسىڭىز خوش بولغان بۇلاتتىم .

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong> <img src="" alt="" class="" width="" height="">

https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_bye.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_good.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_negative.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_scratch.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wacko.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yahoo.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cool.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_heart.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_rose.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_smile.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_whistle3.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yes.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cry.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_mail.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_sad.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_unsure.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wink.gif