ئىستانبۇلدىكى ئۇچرىشىش

ھازىر ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەرگە بۇ قىتىم ئېچىلغان يىغىندىن قىسقىچە خەۋەر يەتكۈزمەكچى
تۆۋەندىكى مەزمۇننى ئوقۇغاندا دىققەت قىلىشقا قەتئى تىگىشلىك ئىككى چوڭ نۇقتا:
1. سۆز ئىشلىتىشتە ئالدىنقى ئەسىرنىڭ دەسلەپكى ۋاقىت لىرىدى ئورتاق تۈركى تىل غا ناھايتى يىقىن شەكىلدىكى ئەدەبى تىلىمىزغا ھۆرمەت قىلىش يۈزىسىدىن مۇئەللىپ ھازىرقى ئىستىمالىمىزدىكى ئاجىزلاشقان ۋە ئۆزگەرگەن بەزى سۆزلەرنى خالىغانچە ئۆزگەرتىپ قويدى، بۇنى پەقەت سىلەرنى شۇ پەرىقلەرنى ئازىراق ھىس قىلىپ باقسۇنلا دىدىم، باشقا مەقسەت يوق، پىرىنسىپقا كۆتۈرۈپ تەكشۈرۈشنامە يىزىشقا مەجبۇر قىلماسلىقىڭلارنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن.

2. قىزىل/يىشىل خەتلىك قىسىملار چاقچاققىلا ۋەكىللىك قىلىدۇ، رەڭ ئۇقۇمىدىن چىققان خاتالىققا ئىگە ئەمەسمەن~~~

ئىلاۋە: بۇ قىتىم تۈركىيەدىكى ئالىپلار قارىسىنى كۆرسەتمىدى. تولۇق بولمىغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا ئالدىنقى قىتىم 10 مىنۇت ئىچىدە ئالىپ سىڭلىللار ھەمكارلىشىپ ئەتكەن سۇيقاشتىن ئورنۇمدىن تۇرماي تۇرۇپلا ئۈچ قاچا ئىچۋىتىشىم سەۋەب بولغانمۇ ياكى تەتىل بولدى دەپ ئىستانبۇلدىكى مىليون ساياھەتچىدىن زىرىكىپ قالدىمۇ ، ئىستانبۇلدىن يىراقىراق جايلارغا كىتىپ قاپتۇ…

بۇ قىتىمقى يىغىن تازا ئالدىراش ۋاقىتلارىمغا توغرا كىلىپ قالدى، تۈركىيەگە يىغىنغا بىرىش باھانىسىدا ئۇزاقىراق تۇرۇپ ئۈزەمنى كۈنگە بەكىرەك قاقلاپ، كىمىيىپ كەتكەن ۋىتامىن D نى تولۇقلاپ كىلىش خىياللىرىم بەربات بولدى، شۇنىڭ بىلەن پەقەت يىغىنغىلا قاتنىشىپ كەلدىم.

ئىستانبۇل بەكلا چوڭ شەھەر ئىكەن، 13 مىليونغا يىقىن نوپوس بۇ شەھەرنى ياۋرۇپادىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ قەدىمى ھەم زامانىۋى شەھەرگە ئايلاندۇرۇپتۇ. گىرمانيەدىن ئىككى يىرىم سائەتتىلا ئۇچۇپ كەلدىم، لىكىن قاتناش قىستاڭچىلىقى تۈپەيلى، دۇنيا ھەربى تارىخىدىكى تۇنجى ئايال ئۇچقۇچى، تۈركىيەلىك سابىھا گۆكجەن خانىمنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان ئايرۇدۇرۇمدىن ئىستانبۇلغا كىرگۈچە يەنە ئىككى يىرىم سائەت كەتتى. جۈمە كۈنى كەچتە ئىستانبۇلدىكى تالاي ئۇيغۇر ئاشخانىلىرىنىڭ كىچىك بىرىدە ۋەھشەت ئوخشاغان سۇيقاش ئىچىپ ھاردۇقۇمنى راۋرۇس چىقىرۋالدىم. تاماق شۇ قەدەر ئوخشىغانكى باشقا دۆلەتتىن كەلگەن قېرىنداشلىرىمىز بىلەن تەڭ — بۇ ئىستانبۇلدىكىلەر ئۈرۈمچى دەكلا ياشايدىكەنغۇ — دىگەن يەكۈننى ئىتتىكلا چىقاردۇق، ھەم بۇ يەكۈنىمىزنى ئىستانبۇلچىلار تولىمۇ خىجىللىق ئىچىدە قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولدى.

ئەتىسى ئەتىگىنىدىن باشلاپ مارافونچە شەكىلدە ئىلىمى دوكلات بىرىشلەر باشلىنىپ كەتتى. مەنچە بىرىنچى كۈنلۈك يىغىن ئاكادىمىيەدە ”ئاتا-سۈپەت“ ئورۇندا تۇرۇپ كىلۋاتقان دوكتۇر پروفىسسور ئالىمجىنكامنىڭ يىزىق ھەققىدىكى ماقالىسى بىلەن كەيپىياتىمىز سەھەردىكى چولپان يۇلتۇزىدەك يورۇپ كەتتى. يىزىق تىلىمىزنىڭ 60 يىلغا يەتمىگەن ۋاقىتتا قانچىلىك دەرىجىدە ئۆزگۈرۈپ كەتكەنلىكىنى پاكىتلار بىلەن نامايەن قىلىپ، بۇ خىل ئۆزگۈرۈشنىڭ ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسىنى مۇرەككەپلەشتۈرۋەتكەنلىكىنى، ئۇيغۇر تىلى باشقىلار ئۈچۈن ئۈگىنىش تىخىمۇ تەس تىل بولۇپ قالغانلىقى، ھەم باشقا تۇققان تۈركى تىللاردىن يىراقلاشتۇرۋەتكەنلىكىدەك خۇلاسىگە قاتتىق ئىشەندۈرۋەتتى (سۇئاللارنىڭ كۆپلۈكىدىن سۇئال سوراش پىقىرغا نىسىپ بولماي قالدى). بۇ يىغىندىكى ئۆزگىچە بىر نۇقتا، دوكلاتلاردىكى يۇمۇر تەركىبلەرىنىڭ تەبئى پەنچىلەرنىڭ ئىجتىمائى پەنچىلەرنى تالان-تاراج قىلىپ ”ئۇيغۇر تەبئى پەن يۇمۇرچۇلۇقى“ نىڭ ھۆكۈمىران دەۋرىنىڭ باشلانغانلىقىدەك پاكىت بولدى. ئىسپاتلار: ياپونىيە توكيو تىببى ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتۇر ئۈنىۋانىنى تاماملىغان يۈرەك كىسەللىكلەر مۇتەخەسىسى ئابلەت ئاكىمىز ئۇيغۇرلار دىكى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ سەۋەبىنى خەلقىمىزنىڭ ھاياتقا قىزغىن بولۇشى، نەچچە ئەۋلات كىشىلەرنىڭ بوۋاي-موماي، نەۋرە-چەۋرىلەرنى سۆرىشىپ ياشاشى، ناخشا-مۇزىكاغا ئامراقلىقىمىز، ئۆزىگە جاھاندىكى ۋىتامىن غىڭ-پىڭلارنى تولۇقى بىلەن مۇجەسسەم قىلغان لەغمەندەك يىمەكلىكىمىز، ھەم تەكلىماكاندا ھارماي-تالماي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شارائىتىمىز، قىسقىسى ئۇزاق يىللار دا ياراتقان مەدەنىيىتىمىز بىلەن شۇ تۇپرىقىمىز ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ ئەڭ ئېسىل رىتسىپى بولۇپ قالغانلىقىنى بىز ھىچقاچان ئاڭلاپ-كۆرۈپ باقمىغان ئىلمى تەتقىقات نەتىجەلىرى بىلەن ئىسپاتلاپ بەردى. دوكىلات ھەم سۇئاللار شۇنداق يۇمۇرلۇق بولدىكى، ئىشتىراكچىلارنىڭ تالاي قىتىم مىيىقىدا كۈلۈش ھەم ئارىلاپ قاقاقلاپ كۈلۈشىگە سەۋەبچى بولدى. دەرھەقىقەت، بۇ يىغىن كەيپىياتىنى ئايدەك يورۇتۇۋەتتى ھەم خىياللارىمىزنى يەرشارىدىن چىقىپ ئوربىتىلارغا ساياھەتكە باشلىدى. لىكىن ئۇنىڭدىن كىيىن سەھنىگە چىققان كومپيۇتېر مۇتەخەسسلىرىمىزدىن دوكتور ئابدۇشۈكۈركامىنىڭ مەۋھۈم ئېنتېرنىت ھەققىدىكى بايانلىرى قاتناشقۇچىلارنى — جاھان بۇنداق مەۋھۈملىشىپ كەتسە باللىرىمىزنى نەردىن تاپارمىز؟؟؟ — دىگەن قورقۇنۇچقا سىلىپ، ھەممىنىڭ دىمى بىر مەزگىل ئىچىگە چۈش ۈپ كەتتى.

ئىلمى دوكىلاتچىلار بەك كۆپ بولغانلىقتىن، ھەم ئاران بىر ئۇيغۇر تىلىدا ئىلمى سۆزلەشكە پۇرسەت بولغاندا ئۆزىنى تۇتالماي 15 مىنۇتلۇق ۋاقىت چىكىگە ئۇقۇشماي خىلاپلىق قىلىپ قويۇش ئىھتىماللىقىنىڭ ناھايتىمۇ چوڭ بولۇشى سەۋەبلىك سۆز قىلىش مۆھلىتى 30 مىنۇتلۇق ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇيغۇر يىغىن تارىخىدىكى تولۇق بىر كۈنلۈك يىغىننىڭ ئەڭ ئاخىرىدا پەقەت 10 مىنۇت ئىشىپ كىتىشىدەك يىڭى دۇنيا رىكورتى ياراتقانلىقى (بۇنىمۇ شەخسەن سۇئال سوراشقا ئامراق بەزى ياش ئۇنسۇرلاردىن كۆردۈم) ئورۇنلاشتۇرغۇچىلارنىڭ ئالدىنقى تەجىربىلەرنى ياخشى ئۈگەنگەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئىلمى دوكىلات بىرىنچى كۈنىنى غەلبىلىك تاماملاپ، سۆزلىگۈچىلەر قاتتىق ھىرىپ كەتكەن پىتى ئىستانبۇلنىڭ كېچىلىك مەنزىرەسىدىن قەتئىلا ۋاز كىچىپ، ئاتا-بوۋىسى ئۇيغۇر بولغان، ئۆزى تۈركلەشكەن بىر مەرت باينىڭ كۈنلۈكى 200 ياۋرۇلۇق 5 يۇلتۇزلۇق مىھمانخانىسىدىكى بىزگە ئاجىرتىلغان ھەقسىز كارۋاتقا پۇتلاشمايلا دۈم چۈشۈشتى.

ئىككىنچى كۈندىكى ئىلمى يىغىن بىر يۇمۇر تىپىۋالسا بىر ئۆمۈر سۆزلەيدىغان، ئۈستىگە نەسىردىن ئەپەندىنىڭ جۇگىسىنى كىيۋالغان  4 نەپەر تەبئى پەنچىنىڭ ھىسامچە پولىرى بىلەن باشلاندى ھەم پو ئېتىشتا بەسلىشىش قاينىمىدا داۋام قىلىپ شۇ دەرىجىگە يەتتىكى ، ئاۋازلار بەكلا كۆتۈرۈلۈپ بىر ۋاقلارغا بارغاندا مىكرافونغىمۇ ئىھتىياج قالمىدى. يىغىن ساھىپلىرى بۇ خىل ئەھۋالنىڭ تامامەن يۈز بىرىدىغانلىقىنى بۇرۇنلا پەملىگەن بولسا كېرەك، ئەپچىللىك بىلەن تۆرتىلىمىزنى تىزىملىكنىڭ ئەڭ ئاخىرىغا تىزىپ قويۇپتۇ. بۇ ئازىراق كۆڭلىمىزگە كەلدى (كۆزىنى قىسىۋىتىپ:3-دەرىجىلىك چاقچاق)، ئەلۋەتتە، تەبئى پەنچى تەبئى پەنچىنىڭ قاياشىدە، شۇنداقتىمۇ ئەسلىدىكى پوغا تېرىپ-تەمەچلەپ كەلگەن يىڭى پولارنى قاتىپ يىغىن كەيپىياتنى قۇياشتەك ئىسسىتىش-يورۇتۇشقا مۇۋەپپەق بولدۇق، ھەم قارىنداشلىرىمىزنى ئاخىر زاماننىڭ ئۇنداق ئىتتىك بولمايدىغانلىقىغا، كەلگۈسى ئۈمۈدىمىزنىڭ يەنىلا پارلاق ئىكەنلىكىگە، ھەم نۇرغۇن كىسەللەرگە شىپا تاپىلغانلىقىغا (غول ھۆجەيرە تېمىسى) بىر توپ جەميەتشۇناسلارنىڭ كۆزىچىلا ئىشەندۈرۋەتتۇق. چاندۇرۇپ قويغان يىرىمىز شۇ بولدىكى بەزى سەزگۈر جەميەتشۇناسلىرىمىز ئاخىر زامانغا شۇ تەتقىقاتلىرىمىزنىڭ باش بولىدىغانلىقتەك ئېھتىماللىقنى بىلىۋالدى، ئاقىۋەت يىغىن مەيدانىدىلا ئۇلارنىڭ كوكلىمىزدىن تۇتۋىلىپ قامچىلاشىغا ھەم ئۆزىمىزنىڭ ئاخىرىدا تەتۈر تەرەققىياتتىكى مەسئۇلىيەتنى باشقىلارغا ئارتىپ قويۇپ رەسۋالارچە چۈشۈپ كىتىشكە مەجبۇر بولدۇق !!! گەرچە كونا پولارنى سۆرەپ چىقىش بىزگىمۇ خوش ياقمىسىمۇ، لىكىن تەبئى پەندىكى يىڭىلىقلارنىڭ ئىشەك ھارۋاسىدىنمۇ ئاستا بولىدىغانلىقىدەك ئاچچىق ھەقىقەت بىزنى بىر گەپنى يانپاشقا ئۇرۇپلا تاپىدىغان ئىجتىمائى پەنچى رىقابەتچىلىرىمىز ئالدىدا ئىچى-ئىچىمىزدىن يىغلاتماي قويمىدى . بۇ گەپلىرىمىنى تۆۋەندىكى رەسىم تولىمۇ جانلىق ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.

رەسىم چۈشەندۈرمىسى:
ئۇيغۇرنىڭ بويى ھارۋا چاقىدىن ئىگىز پەرزەنتلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدىغان ئامىركا ئالەم قاتنىشى تەتقىقات مەركىزىدىكى، ئۇيەردە تولا مۇكاپات ئىلىپ ھازىر مۇكاپات ئالسا تەقدىرنامە قەغىزىنى سۈرۈشتۈرمەي پۇلىنى ئالىۋىرىش ھالىتىگە كىلىپ قالغان دوكتۇر ئەركىن سىدىق ئاكىمىز. كىچىك پېئىللىكىدىن ھەقىقى ئىنسان ئەخلاقى تېمىپ تۇرىدىغان ھۆرمەتلىك ئاكىمىز ئامىركا ھاۋا قاتناشىنىڭ تىللاردا ئەزەلدىن داستان بولغان تولىمۇ قالايمىقانچىلىقى سەۋەبلىك 10 نەچچە سائەتتىلا كېلىدىغان مۇساپىنى 45 سائاتتا باسىشقا مەجبۇر بولغان، كىشىنى تىخىمۇ خاپا قىلىدىغىنى، ئۇ ئايرۇپىلان خىزمەتچىلىرىنىڭ يۈزىنى داپتەك قىلىپ چامادىنىنى ئەۋەتمىگەنلىكى بولدى. تۆمۈر تارغاقلىرىدىن ئايرلىغان ئاكىمىز يەنىلا چاندۇرماي چاچلىرىنى ئۆزىنىڭ قولىدىلا  ھازىرقى ئەڭ يىڭى مودا ئۇسلۇبىدا ياساپ ھارغىنلىقىنى ئۆزىنىڭ ئوتتەك قىزغىنلىقى بىلەن تۇنجۇقتۇرۋىتىشى بىزنى تولىمۇ سۆيۈندۈردى، ھەم ھۆرمىتىم قارا-ئۆڭكۈرلەردىكى چەكسىزلىككە تۇتاشتى!

يىنىدىكىسى ئەخمەتجان دوختۇر، بۇرۇنلا توي قىلۋالغان بولغاچقىمىكىن، ئۆزىنى بەكمۇ ياساپ كەتمەپتۇ، بولسا يۇقۇرى گىرادۇسلۇق كۆزەينەكىنى تاشلاپ رەڭلىك يوشۇرۇن كۆزەينەك تاقىۋالغان بولسا، تەبئى پەنچىلەرگە ئازىراق بولسىمۇ ئابرۇي بىرەتت ى، چۈنكى ئارىمىزدىكى قامىتى ئاتتەك ئاكىمىزدىن دورىلىققا بىرلا ئىدى، تولىمۇ ئەپسۇس… بوپتىلا، كىلەر قىتىم ئۆزىمىز زورلاپ ياسايمىز…

تىخى يىقىندىلا ئۇدۇل چىشىمنىڭ ئەڭ ئەشەددىسىنى ئالغۇزۇپ ”ماداگاسكار“ كارتونىدىكى تاغىل ئىشەكنىڭ كاماك چىشىغا ئوخشاپ قالغان، ھەم نەچچە كۈنلۈك ئۇيقۇسىزلىق سەۋەبلىك ئورۇقلاپ شۈمەكتەك بولۇپ قالغان مەن چىشلىرىم بىلەن ياڭاقلىرىمى يوشۇرۇش ئۈچۈن بار تىرىشچانلىقىم بىلەن ئاغزىمنى يۇمۇپ ئولتۇرۇشقا مەجبۇر بولدۇم.

ئەمدىكىسى ئايىغى پىكاپتەك، مارالبىشىنىڭ ئەڭ سورتلۇق، مىجەزى سەللىمازا چۇس بولسىمۇ تىنىمسىز خىزمەت قىلىدىغان ئوغلى— يادرۇ فىزىكا دوكتۇر ئاسپىرانتى ئابدۇلھەمىد قاراخاندۇر. بۇ ئاغىنىمىز ئۆزىنىڭ تۇغۇلغىنىغا يەتتە ئاي بولغان ساتۇق-بۇغراخان ئىسىملىك ئىز-باسارىنىڭ  سىرىق چاچلىق  بىشىغا قويۇپ قويغاندەك ئوخشايدىغان بىشىنى تەسىرى ئەڭ ئەجەللىك ئۇيغۇر دوپپاسى بىلەن يۇشۇرۋالىپ بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوقۇشنىڭ فىزىكىچىلار ئۈچۈن ئەتكەن چاي ئىچكەندەكلا بىر ئىش ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى. شۇنداقلا تاماشابىنلار ئىچىدە ئىتراپ قىلغان ئەڭ كىلىشكەن تەبئى پەنچى سالاھيىتىگە ھىچقانچە قىينالمايلا ئىرىشىۋالدى.

كەمىنەنى تولىمۇ ئەنسىرەتكىنى شۇ بولىدىكى، بىزنىڭ بۇ سۆرۈن تەلەتىمىزنىڭ يىغىن ئەھلىگە ”خۇدا ساقلىسۇن، بالىلىرىمىزنى ئەمدى تەبئى پەنگە بەرمەيلى“ دەپ ئويلاپ قىلىشىدەك غۇۋا مۇمكىنچىلىك بولدى، بۇ سەۋەبلىك توختىماي تەرلەپ تولا سۇ ئىچىشكە مەجبۇر بولدۇم.

ئەلقىسسە، ئىشلار يەنىلا شۇنداق ئوڭۇشلۇق ھەم تاراسلاپ كەتكەن ئالقىشلار ئىچىدە ئاياقلاشتى. روھلاندۇق، ئۈمۈدلەندۇق، يەلكەمىز يۇغۇناپ قالدى، نەق مەيداندىلا زۇلپىقار ئىنىمىز  ياز غان مەدھىيە شېئىر ىنى، ئەڭ ئەشەددى دىكتورلارنىمۇ دۇنياغا كەلگىنىگە تويغۇزىدىغان مۇستافا ئىنىمىز تارىمنىڭ سۈيىگە چىلاشقۇچە قانغان ئاۋازى بىلەن ئوقۇپ بەرگىنىدە تالاي كىشىلەر كۆزىگە ئىلى دەرياسىدەك ياش كەلسىمۇ، خانتەڭرىدەك ھەيۋەتتە چىداپ تۇرۇپ مۇزغا ئايلاندۇرۇپ قەلبىنىڭ ئەڭ كەڭ يەرلىرىگە مەجبۇرى سىغدۇرۋەتتى، بەلكى كىيىن ئالدىرماي ئېرىتىپ چىقىرۋالار… كەيپىيات بىزنى شۇ قەدەر مەس قىلۋەتتىكى ئىستانبۇلدەك دۇنياۋى شەھەرنى كۆرۈشمۇ خوش ياقماي قالدى. بۇ يىغىندىكى يەنە بىر دىققەتنى تارتقان ئىش: ئاتا-بوۋىلىرى ئۇيغۇر بولغان،لىكىن ئاللىقاچان تۈركلىشىپ كەتكەن(تۈركىيە تۈركى كۆزدە تۇتۇلدى) ئىككى موماي سۈپەت ئاپايلارىمىزنىڭ شۇ ياشىدا بىرىگە ئۇيغۇرچە ئۈگەنىشىمىزگە پايدىسى بولىدۇ، يەنە بىرىگە نەۋرەلەرىمىزنىڭ ئۇيغۇر بولساڭ ئۇيغۇرلۇقۇڭ قىنى؟ قاتارلىق غەزەپ سۇئاللىرىغا جاۋاب بىرىش ئۈچۈن (ئۆزلىرى پۈتۈن يىغىن ئەھلىگە شۇنداق جاكارلىدى) ئۈچ ئىغىز ئۇيغۇرچە بىلمىسىمۇ باشتىن ئاياق مىدرلىماي ئاڭلاپ بىرىشى، ھەم گوللاندىيەدە بىز ھەققىدە ماگىستىر لىق ماقالە يىزىۋاتقان بىر پەرەڭ بىلەن بىرلىشىۋىلىپ ئۇدۇل كەلگەن ئالىمىمىزنى سۆرەپ رەسىمگە چۈشۈشكە زورلىشى ھەم تىلىفون، خەت ئادرىسلارنى يىزىۋىلىشى بىزدەك ئۇقۇشماي چۈشكۈرۈپ سالسىمۇ ھودۇقۇپ ئەتراپقا قارايدىغان كىشىلەر توپىنى خىلىلا خاتىرجەمسىزلەندۈردى.

مەزكۇر خەۋەر مۇئەللىپ ئايرۇپىلانغا چىققاندا يىزىلىشقا باشلىنىپ، ئايرۇپىلان پالاقلاپ ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەندە بىر ئاز ئۈزۈلۈپ قىلىپ ئاندىن، ئايرۇپىلان ”ھەي دوستلار خەيىر خوش“ فىلىملىرىدا قاچانلاردىدۇر تەسۋىرلەنگەن سارائىۋۇ ئۈستىگە كەلگەندە  تاھارەتسىزلا چىكىت ئۇرۇلدى ( تاھارەتلىك چىقمىغىنىمغا ھەقىقەتەن پۇشمان قىلدىم).

پۈتكۈل جەريان مۇئەللىپنىڭ تىترەپ تۇرغان ئايرۇپىلاندا ئۆلۈمدىن بولغان قورقونۇچنىڭ بۇ ئەسەر سەۋەبلىك باشقىلارنىڭ چىشىغا تىگىپ قويۇش قورقۇنۇچىنى تامامەن بىسىپ كەتكەن ئەھۋالدا يىزىلدى. شۇڭا پىقىر ئەسەردىكى چىنلىق ۋەجىدىن تۇغۇلغان ھەرقانداق روھى تۆلەم دەۋاسىدىن مەڭگۈ قىچىپ ئۆتىدۇ. شۇڭا خەت يىزىپ تىللاش ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل.

تالاي تەپسىلاتلار كىچىكتۈرۈلدى، تەپسىلاتىنى كىيىنچە ئاكادىمىيە تورىدىن كۆرۋالغايسىلەر. خۇدايىم بۇيرۇپ شۇنداق چىرايلىق ئىشلەنگەن شەرەپ گۇۋاھنامىلەرنى ئىككى ئىغىز گىپى بىلەنلا قولتۇقۇغىغا قىستۇرۇپ كەتكەن قۇلاق كەستى مۇتەخەسىسلىرىمىز (2.دەرىجىلىك چاقچاق) ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ دوكلاتىنى تىزدىن تاپشۇرسا، شۇ لاپ ئىتىلغان سۆزلەرنىڭ زادى قانچىلىك لاپلىقىنى نەق مەزمۇنى بىلەن بىلىۋالالايسىلەر. مەن بۇ يەردە يەنە مۇشۇ پائالىي ەتنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا بار كۈچىنى چىقارغان پىدائىي ياشلىرىمىزدىن تولىمۇ مىننەتدار بولدۇم. يات ئەللەردە بىزگە بۇنچىلىك ئىشلارنى قىلىش ھەقىقەتەن ئاسانغا چۈشمەيدىكەن. خۇدا ئۆزى بىلىدۇ ئۇلار قانچىلىك جاپالارنى تارتتى. پائالىيەت جەريانىدىمۇ كۆپ جاپالار چەكتى. مەن ئۇلارنىڭ ئ‍ۆز قىلغان ئىشلىرىدىن ئىچى-ئىچىدىن پەخىرلىنىپ يۈرۈشىنى ئۈمۈد قىلىمەن، چۈنكى ھەقلىقتە!

كامالى ئىھتېراملار بىلەن،
خەت پۈتكۈچى: oghuzkb
رەسىم تارتقۇچى: ئىزدىنىش مۇنبىرىدىكى يەلكەن
ئۈسكۈنە: شۇ يەلكەن نەلەردىندۇر تىقىپ كەلگەن 5000 ياۋرۇلۇق كەنون ماركىلىق ئاپارات (بۇمۇ پو بولۇشى مۇمكىن، رەسىمنىڭ سۈپتىگە قاراساڭلار بىلىسىلەر. بۇ يەردە ئۆي ئىچىدە قالايمىقان نۇر مەنبەلىرىنىڭ قالايمىقان تەسىرى ۋە رەسىمگە چۈشۈشنىمۇ بىلمەيدىغان لاپچىلارنىڭ ئۇششاق ھەركەتلىرى نەزەردىن ساقىت قىلىندى )

2011-يىل 6-ئاينىڭ 20-كۈنى
جەنۋە ئەھدىنامەسىگە بويسۇنغان خەلىقئارا ھاۋا بوشلۇقىدا يىزىلدى، شۇڭا بۇ ئەسەرنىڭ دۆلەت تەۋەلىكى يوق، قاتتىق دىپلوماتىيە كەچۈرۈم ھوقوقىغا ئىگە بولۇشى كېرەك!!!

ئالاھىدە ئەسلەتمە:

ئەسلەتمە(يەنە بىر قىتىم): بۇ بلوگدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى Oghuzkb بىلەن ئاكادىمىيەنىڭ قولىدا. پەقەت ۋە پەقەت مەنبەنى ئەسكەرتكەن ھالدا توختىماي كۆچۈرسىڭىز بولىدۇ، كۆچۈرۈش قىتىم سانى چەكلەنمەيدۇ.

بۇ يازما ئۇيغۇر + ياۋرۇپا كاتېگورىيىسىگە يوللانغان. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈشلىۋېلىڭ.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong> <img src="" alt="" class="" width="" height="">

https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_bye.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_good.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_negative.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_scratch.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wacko.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yahoo.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cool.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_heart.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_rose.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_smile.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_whistle3.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yes.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cry.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_mail.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_sad.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_unsure.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wink.gif