جەمەت يىلتىزىمىز

ئاتا جەمەتىم

دادام بارات ئىبراھىم، 1957 -يىلى موڭغۇلكۈرە ئاسساۋۇتتا تۇغۇلغان. 3 يېشىدا دادىسى تۈگەپ كىتىپ كىيىن ئۆگەي دادىسى نەسىردىن روزاخۇن (تېگى غالجاتلىق) قولىدا چوڭ بولغان. باشلانغۇچنى ھازىرقى تۆۋەنكى خونخاي باشلانغۇچ مەكتىۋىدە ئوقۇغان. كىيىن تۆۋەنكى خونىخاي ( 5 -كەنىت) كەنتىدە دىھقانچىلىق بىلەن ئۆتكەن. 17 يىشىدىن باشلاپ قوشۇمچە كومبايىن، تېراكتۇر ھەيدەپ تېركچىلىك قىلغان. كىيىن 5 -كەنتنىڭ سېكرىتارى، بوغالتىرى بولوپ ئىشلىگەن. قېرىنداشلىرىدىن توختاخۇن، تۇرسۇنئاي، مەۋجۇدەم، بەختىيار، دولقۇن، يالقۇن، يارمۇھەممەد قاتارلىقلار.

2 . ئىبراھىم ئىسمائىل، غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئاتا كەسپى تۆمۈرچىلىك بىلەن شۇغۇللانغان. 30-يىللارنىڭ ئاخىرىدا ئەتكەسچىلىك قىلغان دېگەن جىنايەت بىلەن غۇلجىدىكى تۈرمىگە تاشلانغان. كېيىنچە شۇ چاغدىكى ھۆكۈمەتكە كالاسكىدىن (ياۋروپاچە تۆمۈر ھارۋا، بۇنى بوۋىمىز رۇسىيىگە بارغاندا ئۆگىنىۋالغان ئىكەن) بىرنى ياساپ بېرىپ غۇلجا شەھرى تۆت دۇكاندا ئولتۇرۇشلۇق ئىنىسى جۇماخۇننىڭ ئۆيىگە ئارىلاپ رۇخسەت سوراپ بارالايدىغان ئىمكانىيەتكە ئىرىشكەن. كېيىن ئىنقىلاب بولغاندا (ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى بولۇشى مۇمكىن) تۈرمىدىمۇ قالايمىقانچلىق چىقىدىكەن، ھەم گومىنداڭ تۈرمە ژاندارمىلىرى تۈرمىدىكىلەرنى توپى بىلەن ئۆلتۈرىدىكەن. بوۋامنىڭ سۆزى بويىچە مەھبۇسلارنى تۈرمىدىكى ھاجەتخانىغا تاشلاپ تۇنجۇقتۇرۇپ ئۆلتۈرىدىكەن. بوۋامنىڭ تۆمۈرچىلىك ھۆنىرىدىن پايدىلانغان بىر تۈرمە ئەمەلدارى ئارىغا كىرىپ بوۋامنى قاچۇرىۋىتىدىكەن. ۋەھشىيلىكىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن بوۋىمىز يەنە تۇتۇلۇپ قىلىشتىن قورقۇپ شۇ قاچقىنىچە توختىماي يول يۈرۈپ چاپچال جاغىستايغا بېرۋالىدىكەن. ئىنقىلاب غەلبە قىلغاندىن كېيىن بۆرتالاغا كۆچۈپ بېرىپ تۆمۈرچىلىك قىلىدىكەن. ئۇزاق مۇددەت ئايرىلىپ كەتكەن ئوغلى توختاخۇن بىلەن شۇ يەردە جەم بولىدىكەن. كېيىن ئوغلى ئۈرۈمچىگە ئوقۇشقا كەتكەندە پەرزەنتىنىڭ خەۋىرىنى ئىلىش ھەم خالتا ئەۋەتىشكە قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن جىڭ ناھىيە ۋۇتەيدە ئاشخانا ئېچىپ تىرىكچىلىك قىلىدىكەن. ئەينى يىللاردا ئات بەك مۇھىم بولغانلىقى ئۈچۈن، كېينكى يىللاردا موڭغۇلكۈرەدىكى ئات فېرمىسىنىڭ (ئاسساۋۇت، ئەسلى ئات-زاۋۇت، قەدىمدە تۇلپار ماكانى دەپ ئاتالغان، ھازىرمۇ ئىلى ۋىلايىتى بويىچە ئەڭ يۈگرۈك، سورتلۇق ئاتلار چىقىدۇ) تەكلىۋى بويىچە شۇ يەرگە چىقىپ تۆمۈرچىلىك قىلىدىكەن. شۇ فىرمىدا مەخسۇس بەيگە ئاتلار ئۈچۈن تاقا، فېرمىنىڭ قورالىرىغا تۆمۈر ئىشىك-دەرىزە قاتارلىقلارنى ياسىغان. 1959 -يىلى ئىش ئۈستىدە بىر شاگىرتىنىڭ بولقىسى بىشىغا تىگىپ كىتىپ ئورۇن تۇتۇپ يىتىپ قالىدۇ، بىر يىلدىن كىيىن ۋاپات بولىدۇ.

ئىبراھىم

ئىبراھىم

3. ئىسمائىل قاراغوجا، كەسپى تۆمۈرچى. بو بوۋىمىز ھەققىدە كۆپ مەلۇمات يوق، پەقەت ئىبراھىم، جۇماخۇن ئىسىملىك ئىككى ئوغلى بارلىقىنى بىلىمىز. ئاتۇشتا تۇغۇلغانلىقى تەخمىن قىلىنىدۇ، كىيىنكى ھاياتى ئىلى ۋادىسىدا ئۆتكەن. جۇماخۇننىڭ ئىسمائىل ۋە شاۋاخان ئاتلىق ئىككى پەرزەنتى بار. ئىسمائىل دادىمىز بۇ يىل 97  ياشتا، ھازىر غۇلجا شەھەر ھۆسەيىنباي مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق، جەمەتىمىزدىكى ئاخىرقى تۆمۈرچى…

4. قاراغوجا ھاجى، تۆمۈرچى. ئاستىن ئاتۇش ياكى ئۈستۈن ئاتۇشتا ئۆتكەن. تۆمۈرچىلەر جەمەتىدىن.

5. سۈپۈرگە (لەقەم بولۇشى مۇمكىن، قاراغوجىنىڭ ئاتىسى)، ئاتۇشلۇق، تۆمۈرچى.

دادامنىڭ ئانا جەمەتى

ساھىنۇر شىرىپىدىن (دادامنىڭ ئانىسى)، غالجاتتا تۇغۇلغان. ئاخىرقى ھاياتىنى موڭغۇلكۈرەدە ئۆتكۈزگەن. 2004 -يىلى 4 – ئاينىڭ 21 -كۈنى 83 (؟) يىشىدا ۋاپات بولدى. ئاپىسىنىڭ ئىسمى شېرىنخان، غالجاتتا ئۆتكەن خۇشنەزەر قازى بىلەن ئوغۇلخاننىڭ قىزى. ساھىنۇر مومامنىڭ ماھىنۇر، گۈلنۇر، ئۆلەلىم، ئامالدىن، ھىبۇللام، جەنەرخان ۋە زىرىپ ئاتلىق قېرىنداشلىرى بار.

ساھىنۇر مومام قىزى مەۋجۇدەم ۋە ئوغلى باراتجان بىلەن، 1958 (?)

شىرىپىدىن ھاجى ئىمرەمزە ( ساھىنۇر مومامنىڭ ئاتىسى)، غالجاتتا ئۆتكەن. بۇ بوۋىمىزنىڭ مۆھۈي ( ئەسلى مولۇتجان)، نۇردۇن، ئوماخان ئاتلىق قېرىنداشلىرى بولغان.

سىسابولىز توقىلەك (ئەسلى ئىسمى ئىمرەمزە = ئىمىر ھەمزە، سىسە/سىسا ئەركىلەتمە ئىسمىكەن)، غالجاتتا ئۆتكەن. بولىز (بەزىلەر بولۇس دەيدۇ، روسچە سۆز بولوشى مۇمكىن) شۇ چاغدىكى بىر ئەمەل نامى ئىكەن. ئەينى ۋاقىتتا روسلار ئىلى دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئىقىمىنى ئىگەللىۋالغاندىن كېيىن، يىڭى مەمۇرى ئەمەلدار تۇرغۇزۇش ئۈچۈن يەرلىك كىشىلەردىن ھەربىر يۇرتتا (ئاز دىگەندە 100 ئۆيلۇككە) شۇ يۇرتتىكى ئاممىغا قازان ئاسالىغان بايلارنى ئەمەلدار قىلىپ تەيىنلىگەنكەن. بولىز يۈز بىشى دىگەندەك ئۇقۇم بولسا كىرەك. قېرىنداشلىرىدىن يولداش ھاجى، ئىسلام بولىز، مەسەل، غوجامبەر ھاجى ۋە نىيازخانلار بار.

توقىلەك شاڭ بەگ: لەقىمى پالۋان، تەخمىنەن 1809- يىلى غالجاتتا تۇغۇلغان. توقا  (ئەسلى توختامىش بولۇشى مۇمكىن، ئادەتتە قىسقارتىپ شۇنداق ئاتايدۇ) ئاتلىق ئىنىسى بولغان. 1864 -يىلى ئىلى دېھقانلار قوزغىلىڭى كۆتۈرۈلگەندە، ئىلىنىڭ جەنۇبىدىكى دولاتا، كەتمەن، غالجات، خونخاي (ئەسلى خۇنخار) قاتارلىق 12 يۇرتتىن توپلانغان قوزغىلاڭچىلارنى ئەڭ يىقىن دوستى ئاققۇزا مىراب بىلەن تەشكىللەپ ۋە قۇراللاندۇرۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن چاپچالدىكى شىبەلەرگە خىزمەت ئىشلەپ قوزغىلاڭچىلارنى قوللاشنى ئىشقا ئاشۇرغان، ھەمدە مۇڭغۇلكۈرەدىكى چىڭ قوشۇنلىرىنىڭ ئىلى جاڭجۈن مەھكىمىسى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، ئۇلارنى ياردەمسىز قويۇپ، سادىر پالۋان قاتارلىق قوزغىلاڭچىلارنىڭ بايانداي قەلئەسىنى 2 -قىتىم مۇھاسىرىگە ئىلىشتا زور تۆھپىلەرنى قوشقان. شۇ سەۋەبلىك سادىر پالۋانلار بىلەن تەڭ سەردار (گېنرال) ئاتالغان.

توقىلەك سەردار

ئىلى سۇلتانلىقى قۇرۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي غەرىبتە كىڭەيمىچىلىك قىلىپ كىلىۋاتقان چار رۇسلارنىڭ ھوجۇمىغا ئۇچرايدۇ. دەسلەپتە رۇسلار دەريانىڭ جەنۇبىدىن ھوجۇم قىلىپ كېلىدۇ. توقىلەك بوۋىمىز 500 كىشىلىك ئاتلىق ئەسكەرلىرىنى توپلاپ كىچىلەپ ئەڭگىرتىنىڭ ئورمانلىقى (چاپچال تەۋەسىدىكى ئۇيسۇن تاغلىرىنىڭ شىمالى يۈزى) ئارقىلىق كېچىلەپ تۇيدۇرماي ئايلىنىپ دۈشمەنگە تۇيۇقسىز زەربە بېرىدۇ. ئىنىسى توقا جەڭدە قۇربان بولىدۇ. ئەلاخان ۋە ئابدۇرسۇلبەگنىڭ ئارقىدىن ياردەمگە كەلگەن 700 كىشىلىك ئاتلىق قوشۇن بىلەن تەڭ رۇسلارنى ئۇزۇن تامغىچە قوغلاپ بارىدۇ. كېيىنچە رۇسلار زەمبىرەك يۆتكەپ كىلىپ ئىلى دەرياسىنىڭ شىمالىدىن قورغاس ئارقىلىق غۇلجىغا ھوجۇم قىلىدۇ. كۈچ سىلىشتۇرما ۋە قوراللاردا بەكلا پەرق بولغانلىقتىن ئەلاخان قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن ھەم رۇسلار تۇتىۋالغان قازاق باتۇرى ئاققۇزاينىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن رۇسلارغا تەسلىم بولىدۇ. توقىلەك بوۋىمىز كېيىنكى ئۆمرىنى يۇرتى غالجاتتا ئۆتكۈزىدۇ. توقىلەك بوۋىمىز كىچىك ئوغلى غوجامبىر ۋە قىزى نىيازخاننى ئېلىپ ئىككىنچى قىتىم مەككىگە بارىدۇ، قايتىش سەپىرىدە توقىلەك بوۋىمىز جىددەھتە ۋاپات بولىدۇ (بەزى مەنبەلەردە تۈركىيەدە ۋاپات بولغان دېيىلىدۇ).

تارىختىكى مەشھۇر شەخىسلەردىن ۋىلىباي يولداشۇۋ كىچىك چىغىدىلا توقىلەك بوۋىمىزغا ئۆگەي ئوغۇل بولوپ بارىدۇ. توقىلەك بوۋىمىزمۇ ئۇنى ئۆزنىڭ بەش ئوغلى قاتارىدا كۆڭۈل قويۇپ ياخشى تەربىيلەپ ئۆستۈرۈپ چوڭ قىلىدۇ.

ۋىلىباي يولداش

قۇرۋانمەت (توقىلەك بوۋىمىزنىڭ دادىسى) دىھقانچىلىق بىلەن ئۆتكەن.

دۇگامەت (قۇرۋانمەتنىڭ دادىسى) بۇ بوۋىمىز تۇرپان ئاستانىدىن چىقىپ كەتكەندىن كىيىن كۆچمەن چارۋىچى ۋە دىھقانچىلىق بىلەن ئۆتكەن.

ئاۋلانباتۇر (دۇگامەتنىڭ دادىسى) ئابدۇللا باتۇر دەپمۇ ئاتالغان. ئەسلى بۇ بوۋىمىز تۇرپان ئاستانىدىن (بەزى مەنبەلەردە تۇرپان قاراغوجا يېزىسىدىن دەيدۇ) بولوپ تۇرپان قوزغىلاڭلىرىنى تەشكىللەپ ھەم رەھبەرلىك قىلىپ شۇ ۋاقىتتىكى خەلق ئۈستىدىكى ھۆكۈمىران كۈچلەرگە قارشى كۈرەش قىلغان. خەلق قوزغىلاڭچىلىرىنى بىر قانچە قىتىم تەشكىللەپ كۈرەش جەريانىدا قوشۇنمۇ زورىيىپ ماڭغان. ئۆزىمۇ تۇرپان قوزغىلاڭلىرىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن باتۇرلىرىنىڭ بىرى ئىكەن. ئاۋلانباتۇر بوۋىمىز جەڭدە قازا تاپقاندىن كىيىن قوشۇنلار تەرەپ-تەرەپكە كېتىدىكەن. ئەۋلادلىرى تۇرپاندا تۇرالماي تەخمىنەن 1760-يىللىرى ئاقسۇ ئۈچتۇرپانغا، ئۇ يەردىن مۇز داۋان ئارقىلىق چاپچال جاغىستايغا كىلىدىكەن. ئاكا-ئۇكىلاردىن ئىنىسى جاغىستايدا يەرلىشىپ قالىدىكەن (ھازىر بۇلارنى تاشلاڭ جەمەتى دەيدىكەن). ئاكىسى غالجاتقا بېرىپ شۇ يەردە يەرلىشىپ قالىدىكەن.

ئانا جەمەتىم

1. ئاپام–جەننەت مۆردىن قىزى. 1957-يىلى موڭغۇلكۈرەدە* تۇغۇلغان. ئىلى پىداگوگىكا مەكتىۋى (ھازىرقى ئىلى پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتى) 77-قارار ئوقۇغۇچىسى. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن تۆۋەنكى خونخەي** باشلانغۇچ مەكتىۋى، كىيىنچە يۇقارقى خونخەي باشلانغۇچ مەكتىۋىدە مۇئەللىملىك قىلغان. قېرىنداشلىرىدىن: بۈۋى، دىلەڭقىز، نۇراكا (نۇرمۇھەممەد)، قادىراخۇن، گۈلنىسا، سەدىردىن، سەۋىردىن، سائادەت.

2. مۆردىن نەزىمەمەت (ئاپامنىڭ دادىسى)
بۇ بوۋىمىز ھەققىدە ھىكايىلەر كۆپ. بۇ بوۋىمىز ئەسلى ھازىرقى قازاقىستان ئالمۇتا ئوبلاستىدىكى كەتمەنلىك دىگەن يۇرتتا تەخمىنەن 1900-يىلى تۇغۇلغان ئىكەن. ئاپامنىڭ تەسۋىرلەپ بىرىشىچە مەڭزىلىرى قىزىل، ئاق يۈزلۈك، بەستى يوغان ئىگىز ئادەمكەن، ھەم ئاچچىقىمۇ بەك يامانمىش:) بۇ بوۋىمىز تىرىكچىلىك غىمىدا كۆپ ئىشلارنى قىلغان ئىكەن، ئىشنى ناھايتى سەرەمجان ھەم ئىنچىكە قىلاتتىكەن. قولى ئەپلىك بولۇپ ئات-جابدۇقلىرىنى ئۆزىلا ياساۋالاتتىكەن ھەم قازاق تونۇشلىرىنىڭ ئات-جابدۇقلىرىنى رىمۇنتلاپ ھەم بەزىدە ياساپ بىرەتتىكەن. چاررۇسىيە زامانىدا ئانچە-مۇنچە چىگرا ئاتلاپ غۇلجىغا كىلىپ-كىتىپ مال ئىلىپ سىتىقچىلىق قىلىپ يۈرگەن بىر ۋاقىتلىرىدا چار-روسىيە ئەمەلدارلىرى ئەتكەسچىلىك قىلدىڭ (باژ تۆلىمىدىڭ دىمەكچى) دەپ شۇ باھانىدە سبىرىيەگە سۈرگۈن قىلۋەتكەن ئىكەن. ئۇ تەرەپلەردە نەچچە يىل سۈرگۈندە بولغىنى ئىنىق ئەمەس. ئايالى ئۆلدى دەپ ئويلىغانمۇ ئەيتاۋۇر باشقا بىرى بىلەن توي قىلۋاپتۇ. بوۋام سىبىريەگە كۆنمىگەن چىغى كىيىن قىچىپ كەپتۇ. ئوقۇرمەنلەر بىلىشى مۇمكىن، ئەينى ۋاقىتتا سىبىريەدىكى تالاي سۈرگۈن بولغانلار روسلار بولسۇن، يەھۇدىلار بولسۇن قىچىش يولىدا، بىرسى يولنىڭ ئۇزۇنلۇقى، ئادەمسىز ئورمانلىقتىكى ئاچلىقتىن، ھەم قاتتىق سوغۇق سەۋەبلىك ئۆلۈپ كەتكەن. بوۋام ئۆزى چارۋىچى، ھەم كۆچمەنلەرنىڭ تىلىنى بىلگەچكىمۇ يول بويى ئوڭۇشلۇق بولغان ئوخشايدۇ، ھەتتا چوڭ دەريالارغا دۇچ كەلگەندە ئۆزى سال ياساپ ئۆتۈپتىكەن. شۇ يۇسۇندا ئاخىرى يۇرتىغا يىتىپتۇ ھەم ئەمەلدارلارنىڭ يەنە تۇتۋىلىپ پالاۋىتىشىدىن ئەنسىرەپ كىچىدە مەھەللىگە كىرىپتۇ. ئايالىنىڭ توي قىلغىنىنى ئاڭلاپتۇ ھەم قولىغا يوغان پالتىدىن بىرنى ئىلىپ ئايالىنىڭ توي قىلغان ئۆيىگە كىرىپ يولدىشىنىڭ كۆزىچىلا —ماڭا تۇرامسەن مانىڭغىمۇ— دەپ سوراپتۇ. قوقۇپ كەتكەن ئايال گەپ قىلمايلا كۈدە-كۆپىسىنى يىغىشتۇرۇپتۇ سۈكۈتتە تۇرغان يولدىشىنى ئارقىغا تاشلاپ بوۋام بىلەن مەھەللىدىن چىقىپ كىتىپتۇ. ئىككەيلەن كىچىچە توختىماي يول يۈرۈپ، مەھەللىلەردىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ دىگۈدەك بىراقلا چىگرا ئاتلاپ ھازىرقى چاپچال ناھىيە تەۋەسىدىكى ئۇيسۇن تاغلىرىنىڭ ئىچىدە بىر جىلغىنى ماكان تۇتۇپ خىلى ئۇزۇن شۇ يەردە ياشاپتۇ. ئۇ جىلغىدا ھەم كىچىك بىر ئىقىن بار ئىكەن. شۇ يەردە يەنە شۇ ئات جابدۇقلىرىنى ياساپ دىگەندەك قازاق چارۋىچىلارغا سىتىپ ياكى مالغا ئالماشتۇرۇپ خىلى ھالىنى ئوڭشىۋالغاندىن كىيىن غۇلجىغا كۆچۈپ ئۇ يەردە بىر مەزگىل تۇرۇپتۇ. ھازىر شۇ بوۋام تۇرغان جىلغىنىڭ نامى ھەم شۇ جىلغدىكى ئىقىننىڭ نامىنى يەرلىك چارۋىچىلار مۆردىننىڭ سىيى (ساي=جىلغا)، مۆردىننىڭ سۈيى دەپ ئاتايدىكەن. كىيىنچە غۇلجا ناھيە دۆڭمازادىمۇ بىر ئاز تۇرغان ئىكەن. كىيىنچە مال-چارۋا قىلغانغا ياخشىكەن دەپ موڭغۇلكۈرەگە كۆچۈپ چىقىپ، ھازىرقى ناھيە بازىرى شىمالىدىكى سىموت زاۋۇت مەھەللىسىدە ئۆي تۇتۇپتۇ، ئۇ يەردە تۆت قىز تۆت ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇپتۇ. كىيىن خونخەي يىزا تۆۋەنكى خونخەي كەنتىگە كۆچۈپ چۈشۈپتۇ، مەدەنىيەت ئىنقىلاۋىدىكى قارا-بورانلارنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ (قولىدا مال-چارۋا كۆپ بولغاچقا پومىشچىك دەپ دائىم كۈرەشكە تارتاتتىكەن، ئاپام قېرىنداشلىرى بىلەن پەستە يىغلاپ ئولتۇراتتىكەن)، 1974-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى 74 يىشىدا ۋاپات بوپتۇ.

3. نەزىمەمەت كەتمەنلىك (مۆردىن بوۋامنىڭ دادىسى)

تۇغۇلغان جايى ئىنىق ئەمەس، پەقەت شۇ ھازىرقى ئالمۇتا ئوبلاستى كەتمەنلىك دىگەن جايدا ياشاپ ئۆتكەنلىكىنىلا بىلمىز. پەرزەنتلىرى ئاتۇ پاجئەسى*** سەۋەبلىك چىچىلىپ كەتكەن. ھازىر نەۋرىلىرى ئىزدىشىپ تۇرىدۇ. ئەۋلاتلىرى ئاساسەن ئالمۇتا ئوبلاستى، ئىلى ۋىلايىتى تەۋەسىدە.

2. ھوشخان ئەمرۇل (ئاپامنىڭ ئاپىسى)

1920-يىلى تۇغۇلغان (تۇغۇلغان جايى ئىنىق ئەمەس، بەلكى چاپچال ياكى ئالمۇتا ئوبلاستىدىكى ئاچىنۇق دىگەن يەر)، بۇ مومىمىز دەل ئاتۇ پاجئ‍ەسىدىن كىيىنلا تۇغۇلغان، شۇ سەۋەبلىك ئۇرۇق-تۇققانلىرى بەكلا چىچىلىپ كەتكەن. ئىيتىشلارغا قارىغاندا ياش ۋاقتىدا بەك چىرايلىق ئىكەن، ئەمەلدار-ژاندارمىلارنىڭ كۆزى چۈشۈپ بۇلاپ كىتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن مەھەللىگە شۇنداق ئادەملەر كەلگەن ھامان بۇ مومامنى ئاپىسى يۈز-باشلىرىغا لايلارنى سۈركەپ، ئەسكى كىيىملەرنى كىيگۈزۈپ ئورىغا يوشۇرۇپ قوياتتىكەن. كىيىنچە بوۋام بىلەن توي قىلىپ (مۆردىن بوۋامنىڭ 2-ئايالى) ئاخىرقى ئۆمرىنى موڭغۇلكۈرەدە ئۆتكۈزدى. 1981-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى بىز بىلەن ۋىدالاشتى. ئىسمىمنى مۇشۇ مومام قويۇپتىكەن.

3. ئەمرۇل ئاچىنۇق (ھوشخان مومامنىڭ دادىسى)
ھازىرقى ئالمۇتا ئوبلاستى ئاچىنۇق دىگەن جايدا ياشاپ ئۆتكەنلىكىنىلا بىلمىز. ئەۋلاتلىرى ئاساسەن ھازىرقى ئالمۇتا ئوبلاستى ۋە ئىلى ۋادىسىدا ياشايدۇ. ئاچىنۇق بىر يۇرتنىڭ ئىسمى بولۇپ، ئەسلى ئارچا-نۇق ئىكەن. بۇ يۇرتتىن چىققانلارنىڭ ھەممىسىنى ھازىر ئاچىنۇقىلۇق دەپ ئاتىشىدۇ.

3. روشەنخان ئاچىنۇق (ھوشخان مومامنىڭ ئاپىسى)

ئىزاھلار:
*:موڭغۇلكۈرە—كۈرە مۇڭغۇل تىلىدا بۇتخانا دىگەنلىك بولۇپ، 1777(?)-يىلى تېكەس ئويمانلىقىنىڭ شەرقى قىسمىغا سىلىنغان بۇتخانىنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىپ قالغان. بەزىدە تېكەس دەپمۇ ئاتلىدۇ. ھازىرقى تېكەس سۆزى ئىلى دەرياسىنىڭ بىشى بولغان تېكەس دەرياسىنى ھەم تېكەس ناھيەسىنى كۆرسىتىدۇ.

**: خونخەي يىزا—ئەسلى خۇنخار دىگەن سۆز بولۇپ، موڭغۇلچە. خۇنخور دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ دىيىلىدۇ. ھازىر خونخەي دەرياسى دەپ ئۈچ دەريا بار، بىرى چاپچال ناھيىسىدە، قالغان ئىككىسى چوڭ ۋە كىچىك خونخەي دەپ موڭغۇلكۈرەدىكى ئىككى ئېقىننى كۆرسىتدۇ. چوڭ خۇنخەي بىلەن چاپچالدىكى خونخەي دەرياسى ئۇيسۇن تاغلىرىدىكى بىر-بىرىگە ناھايتى يىقىن ئىككى جىلغىدىن باشلىنىپ بىرى شىمالغا ئىقىپ ئىلى دەرياسىنىڭ ھازىرقى جۇڭگۇ- قازاقىستان چىگرىسىدىكى جايىغا قۇيۇلىدۇ، چوڭ خونخەي بولسا جەنۇبقا ئىقىپ تېكەس دەرياسىغا قويۇلىدۇ. ئىيتىشلارغا قارىغاندا بۇ دەريانىڭ چاپچالدىكى بۆلىكىدە چاغاتاي زامانىدا تۈرمە بولۇپ تالاي ئادەملەر ئۆلتۈرۈلگەنمىش، شۇڭا خۇن ئالغۇچى يەر دەپ كىيىنچە خۇنخارغا ئۆزگەرگەنمىش (ھازىر ئۇيەردە سەككاكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەشھور زاتلىرىمىز كۆمۈلگەن مازارلىق بولۇپ، خونخەي مازار دەپ ئاتىلىدۇ، يەرلىكلە ئەۋىلىيالار مازىرى دەپ ھازىرغىچە تاۋاب قىلىدۇ). ھازىر ئۇيغۇرچە خونخەي، قازاقچە قوناقاي دەپ ئاتىلىپ كىلۋاتىدۇ.

***: ئاتۇ پاجئەسى

1918-يىللىرى ئاقلارنى (چار-پادىشاھنى ياقلىغۇچى روسلار) قوغلاپ كەلگەن قۇراللىق قىزىل ئارمىيە ”ئۇيغۇرنىڭ ھەممىسى بىزگە قارشى ئىكەن“ دىگەن باھانە بىلەن پۈتۈن ئالمۇتا ئوبلاستى تەۋەسىدە ئاق تىرورلىق قىلىپ، ئەڭ ئاز مۆلچەردە ئونمىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى قېرى- ئاجىز، ئايال-بوۋاق دىمەستىن سىسىتېمىلىق قىرغىن قىلغان. چېلەك دىگەن بىر يىزىدىلا ئۈچ مىڭ ئۇيغۇر ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇلار يىزىلارغا كىرگەندە كىشىلەرنى ئالداپ مەيدانلارغا يىققان ھەم ئارقىدىنلا پىلىموت بىلەن قىرىپ تاشلىغان. پەقەت سىرىتلاردا يۈرگەن كىشىلەرلا ھايات قالغان. بۇ ۋەقەدىن كىيىن نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ئىلى ۋادىسىگە، ئۆزبىكىستان-قىرغىزىستان تەرەپلەرگە مۇساپىر بولۇپ چېچىلىپ كەتكەن. بۇ ھەقتە يالقۇن روزى ئەپەندى ئاپتورلىقىدىكى ”مەمتىلى ئەپەندى“ ناملىق كىتابتا بىر قەدەر تەپسىلى مەزمۇنلار بار.

ئىزاھات:

توقىلەك بوۋىمىز ھەققىدىكى قىسمەن مەزمونلار تۆۋەندىكى ئادرىستا بېرىلدى:

http://achinuq.org/?p=400

بۇ يازما ئۇنىۋېرسال كاتېگورىيىسىگە يوللانغان ھەم , دەپ خەتكۈشلەنگەن. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈشلىۋېلىڭ.

جەمەت يىلتىزىمىز ئۈچۈن 2 ئىنكاس بار

  1. ئەركان مۇنداق يازغان:

    قېرىندىشىم…..بۇ سىزنىڭ ئاتا بۇۋىڭىزنىڭ تارىخىمۇ ياكى باشقىلارنىڭمۇ …..

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong> <img src="" alt="" class="" width="" height="">

https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_bye.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_good.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_negative.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_scratch.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wacko.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yahoo.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cool.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_heart.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_rose.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_smile.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_whistle3.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yes.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cry.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_mail.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_sad.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_unsure.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wink.gif