ئالەم ھەققىدە — چوڭ پارتلاش نەزەرىيىسى

تۆۋەندىكى مەزمۇننى ئەسلى NASA نىڭ تور بېتىدىكى مەزمۇنلارنى ئۆزلەشتۈرۈپ ئىنگىلىز تىلىدا يازغان ئىدىم. كىيىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلدىم، شۇڭا تىلى سەل غەلىتە چىقىپ قالدى. بەزى بايانلار ئوقۇرمەنگە خاتا چۈشەنچە بېرىشى ھەم مۇمكىن، قىزىققان قېرىنداشلارنى بۇ ھەقتە كۆپرەك ماتېرىيال كۆرۈشىنى سورايمەن.

چوڭ پارتىلاش مودېلى ئالەمنىڭ يارىلىشى، تارىخى ۋە مەۋجۇتلۇقى ھەققىدىكى نۇرغۇن مودېللارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كەڭ دائىرىدە قوبۇل قىلىنغان نەزەرىيە ھېسابلىنىدۇ. بۇ مودېلنىڭ ئاساسى مەزمۇنى: تەخمىنەن بۇندىن 12 دە 14 مىليارد يىللار ئىلگىرى بىز ھازىر كۆرۈۋاتقان ئالەم پەقەت نەچچە مىللىمېتىر چوڭلۇقتا بولۇپ، ئۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى ۋە زىچلىقى بىز تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان دەرىجىدە يۇقىرى بولغان. غايەت ئېنىرگىيىنى ئۆزىگە سىغدۇرالماي قالغان بۇ ئاتەش ”تۇيۇقسىز“ پارتلاشتىن كىيىن تا ھازىرغىچە كېڭىيىۋاتقان، بىز كۆرۈۋاتقان ھازىرقى، ئەسلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا كۆپ سوغۇق بىر ئالەمگە ئايلانغان. شۇ پارتلاشتىن ئېشىپ قالغان ئېنېرگىيە ھازىرمۇ ئالەملىك مىكرو دولقۇن رادىئاتسىيىسى شەكلىدە ھازىرمۇ مەۋجۇت. بۇ نەزەرىيىنى زاغرا تىلدا ئېيتساق، ئالەم ”ئوتتىن“ پەيدا بولغان بولىدۇ.

بۇ مودېلنىڭ ئىككى نەزەرىيىۋى تۆۋرۈكى بار، بىرى ئېينىشتېيىنكامنىڭ كەڭ مەنىدىكى نىسبىيلىك نەزەرىيىسى، يەنە بىرى ئالەملىك پرىنسىپلار.

ئېينىشتېيىنكامنىڭ كەڭ مەنىدىكى نىسبىيلىك نەزەرىيسى 1916-يىلى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ئىساك نيۇتوننىڭ 1680-يىلى ئوتتۇرىغا قويغان ئالەملىك تارتىش كۈچى ھەققىدىكى نەزەرىيىلىرى ئاساسىدا كېڭەيتىلگەن. بۇ نەزەرىيىدىكى ئاچقۇچلۇق نۇقتا: ئالەملىك تارتىشىش ”كۈچ مەيدانى“ ئەمەس بەلكى بوشلۇق ۋە زاماننىڭ ئەگرىلىكى دېگەنلىكتۇر. فىزىك جون ۋىلىرنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتساق: ”ماددا بوشلۇققا قانداق ئىگىلىشىنى دەيدۇ (بۇيرۇيدۇ)، ئاندىن بوشلۇق ماددىغا قانداق مېڭىشنى (ھەرىكەت قىلىشنى) دەيدۇ (بۇيرۇيدۇ)“. تىخىمۇ ئېنىق چۈشەنمەكچى بولسىڭىز ئۈستىگە ھېچنەرسە قويۇلمىغان ناھايىتى يۇمشاق بۇلۇت كارىۋاتنى تەسەۋۋۇر قىلىڭ، ئەگەر بۇ كارۋات ئۈستىدە ھېچنەرسە بولمىسا، ماتراس (بۇلۇت كۆرپە) يۈزى تۈپتۈز تۇرىدۇ. ئەمدى بىليارت تېشىغا ئوخشاش بىر ئېغىر شار ئەكىلىڭدە ماتراسنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇڭ. شار ئۆز ئېغىرلىقى سەۋەبلىك يۇمشاق ماتراسقا چۆكۈپ، ئۆز ئەتراپىدا چوڭقۇرلۇق پەيدا قىلىدۇ. يەنى ئەسلى تۈز كارۋات يۈزىنى پەسكە ئېگىدۇ. ئەمدى ئۇنىڭ يېنىغا كىچىكرەك بىر شار ئەكەلسىڭىز شار شۇ ئەگرىلىكنى بويلاپ چوڭ شارغا قاراپ دومىلايدۇ. چوڭ شارنىڭ ئېغىرلىقى قانچە چوڭ بولسا ئەتراپىدىكى ماتراسنى ئېگىش دەرىجىسى ھەم يۇقىرى بولىدۇ. دېمەك شۇ ئېينىشتېيىنكام دەۋاتقان بوشلۇق شۇ ماتروس يۈزىگە ئوخشاش خۇسۇسىيەتكە ئىگە. بۇ بويىچە، ئاي يەر-شارىنى كۈچ مەيدانى سەۋەبلىك ئايلانمايدۇ، بەلكى يەر-شارى ئەتراپىدىكى بوشلۇقنىڭ ئەگرىلىك دەرىجىسى ئاينىڭ ئەتراپىدىكى بوشلۇقنىڭ ئەگىرلىكىدىن يۇقىرى بولغاچقا يەرنى ئايلىنىدۇ. بۇ نەزەرىيە ئەسلىدە نيوتوننىڭ ئالەملىك تارتىش قانۇنلىرى چۈشەندۈرەلمىگەن مېركۇرىينىڭ (قۇياش سىستېمىسىدىكى قۇياشقا ئەڭ يېقىن پىلانىت) ئوربىتىسىدىكى غەلىتىلىكلەر ۋە يىراق ئالەمدىن كەلگەن نۇرلارنىڭ قۇياشتىن ئۆتكەندە ئىگىلىشىگە ئوخشاش ھادىسىلەرنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، كېيىنچە بۇ نەزەرىيە يەنە نۇرغۇن قاتتىق تەجرىبە سىناقلىرىدىن ئۆتۈپ كەتتى ( شۇنى ھەم ئېيتىش زۆرۈركى، نيۇتون قانۇنلىرى تىنىچ ياكى ئاستا ھەرىكەت قىلىۋاتقان جىسىملارغا يەنىلا ئىشلەۋېرىدۇ، پەقەت نۇر تېزلىكىگە يېقىن جىسىملار ھەرىكىتى ۋە بەزەن ئاسترونومىيە ھادىسىلىرىنى چۈشەندۈرۈشتە قىينىلىپ قالىدۇ).

ماسسىسى چوڭراق جىسىملار بوشلۇقنى بەكرەك ئېگىدۇ، بۇ خىل ئەگرىلىك ماسسىسى يەڭگىلەرەك جىسىملارنى ئۆزىگە تارتىپلا قالماستىن، ئۇنىڭ ئەتراپىدىن ئۆتكەن نۇر يولىنىمۇ ئېگىدۇ

ئالەملىك پرىنسىپ

نىسبىيلىك نەزەرىيسى چىققاندىن كىيىن، ئالىملار بۇ نەزەرىيىنى پۈتۈن ئالەملىك ھادىسىلەرگە تەدبىقلاشقا تىرىشىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ماددا ئالەمدە قانداق جايلاشقان (تارقىتىلغان) دېگەنگە جاۋاب ئىزدەش زۆرۈر بولىدۇ. ئەڭ ئاددى جاۋاب: ئالەمنىڭ مەزمۇنىغا ئاددى كۆزدە قارىساق، ئۇنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى ھەممە يەردە، ھەممە يۆنىلىشتە ئوخشاش دېگەنلىك بولىدۇ. بۇ دېگەنلىك—ئالەمدىكى ماددا، ئەگەر چوڭ ئۆلچەمدە ئورتىلىساق، تەكشى ھەم ئىزوتروپىك جايلاشقان. مانا بۇ بىز يۇقىردا تىلغا ئالغان ئالەملىك پرىنسىپ. ھازىرغىچىلىك ئۆلچەنگەن ئالەمدىكى گالاكسىيەلەرنىڭ تارقىلىشى ھەم ئالەملىك ئېشىنچە مىكرو دولقۇن رادىئاتسىيەسىنىڭ ئالەمگە ناھايىتى تەكشى تارقىلىشىمۇ بۇ نەزەرىيىنى ئىسپاتلايدۇ.

بۇ نەزەرىيىدىكى ھالقىلىق بىر نۇقتا: ھەرگىزمۇ بۇنى بىر نۇقتىنىڭ پارتلاپ كىڭىيىشىلا دەپ چۈشىنىۋالماڭ. بىرىگە چوڭ پارتلاشتىن بۇرۇن ئالەم قانداق ئىدى دېگەنگە جاۋاب يوق، يەنى بۇ ھەقتە ئىسپاتتىن ئۆتكەن مودېل يوق. يەنە بىرىگە ئالەمنىڭ ھىچ بولمىغاندا باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىش ھەققىدە ئۈچ خىل قىياس بار، ھەر بىر مۇمكىنچىلىكتە چۈشەندۈرۈش ئازراق پەرق قىلىدۇ. بىر خىل قىياستا، ئالەم مەلۇم ۋاقىتتىن كىيىن تارىيىپ ئەسلىدىكى شەكلىگە قايتىدۇ، يەنى ”ئوت“ ئىچىدە كۆيۈپ تۈگەيدۇ. ئىككىنچى قىياستا: ئالەمنىڭ كېڭىيىشى ئاستىلايدۇ، لېكىن داۋام قىلىۋېرىدۇ. ئۈچىنچى مۇھىم قىياس: قاراڭغۇ ئېنېرگىيە سەۋەبلىك ئالەمنىڭ كېڭىيىشى تىزلىشىپ، ئالەم تىخىمۇ توڭلايدۇ. ھازىرقى بارغانچە كۆپ تەجرىبە نەتىجىلىرى ئۈچىنچى قىياسنى قۇۋۋەتلەيدۇ.

تۆۋەندە سۇئال-جاۋاب شەكلىدە يانداش مەسىلىلەرگە جاۋاب بىرىمىز:
1. چوڭ پارتىلاش مودېلىنى ئىسپاتلايدىغان ھادىسىلەر قايسىلار؟

ھازىرقى قەدەر بايقالغان نۇرغۇن ھادىسىلەر، ئۆلچەنگەن سانلىق مەلۇماتلار چوڭ پارتىلاش مودېلىنى قوللايدۇ. لېكىن ھېچقايسى پاكىت چوقۇم شۇنداق بىر چوڭ پارتىلاش بولغان دېيەلمەيدۇ، بەلكى ۋاسىتىلىك ئىسپاتلار بىلەن تەمىنلەپ، بۇ مودېلىنى باشقا مودىللارغا قارىغاندا قايىل قىلىش كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. ئاساسلىق ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:

1) ئالەمنىڭ كېڭىيىشى

ھازىرقى ئالەم ئۈزلۈكسىز كېڭىيىۋاتقان ئالەم. بۇنى 1929-يىلى ھابىل تەجرىبە ئارقىلىق ئىسپاتلىغان. ئۇ نۇر سپېكتر ئانالىزى قىلىۋاتقاندا ئەگەر گالاكسىيلار بىزدىن قانچە يىراقتا بولسا، ئۇلاردىن كەلگەن نۇر سپېكتىرىدا بەكرەك قىزىل تەرەپتە بولغان (قىزىلغا يۆتكىلىش، فىزىكىدىكى دوپلېر ھادىسىسى بىلەن چۈشىنىشكە تىرىشىڭ). دېمەككى، سامان يولىنىڭ سىرتىدىكى ئالەم جىسىملىرىنىڭ بىزدىن يىراقلىشىش تېزلىكى ئۇلارنىڭ بىز بىلەن بولغان ئارلىقىغا ئوڭ تاناسىپ بولغان. يەنى، بىزدىن يىراقراق بولغان ئاسمان جىسىملىرى بىزدىن تىخىمۇ تىزرەك يىراقلىشۋاتىدۇ. ھابلىنىڭ بۇ بايقىشى چوڭ پارتىلاش مودىلىنىڭ توغرىلىقىنى تۇنجى يىپ-ئۇچى بىلەن تەمىنلىدى.

2) ئالەمدىكى ھىدروگېن، گېلىي ۋە لىتىيلارنىڭ كۆپرەك بولۇشى

چوڭ پارتىلاش مودېلغا ئاساسلانغاندا، ئالەمنىڭ باشلىنىشىدىكى دەسلەپ نەچچە مىنۇتتا پروتون، نېترونغا ئوخشاش ئاساسى زەررىچىلەر يەڭگىل ئېلېمېنتلارنى بارلىققا كەلتۈرگەن بولىدۇ. ئېغىرراق ئېلمېنتلار (كاربون، ئوكسىگېنغا ئوخشاش) كېيىنچە ئالەمنىڭ سوۋۇشىغا ئەگىشىپ بارلىققا كەلگەن بولىدۇ. قىياس قىلىنغان ھىدروگېن، گېلىي، لىتىيلارنىڭ موللۇقى ئەڭ دەسلەپكى ئالەمدىكى ماددا زىچلىقىغا باغلىق بولىدۇ. ھازىرغىچە ئۆلچەنگەن ھىدروگېن، گېلىي ۋە لىتىيلارنىڭ ئالەمدىكى نىسبىتى بۆلەكچە يۇقىرى بولۇپ، چوڭ پارتىلاش نەزەرىيىسىنىڭ يەنە بىر ئىسپاتى بولۇپ قالدى.

3) ئالەملىك مىكرو دولقۇن رادىئاتسىيىسى

چوڭ پارتىلاش مودېلى بويىچە ئالەم ئەسلى ناھايىتى يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا بولۇپ، كىيىن ئالەمنىڭ كېڭىيىشكە ئەگىشىپ سوۋۇپ ماڭغان. دېمەك بۇنداق بولغاندا ھازىرقى ئالەمدىمۇ شۇ پارتلاشتىن ئېشىپ قىلىپ قالغان رادىئاتسىيە مەۋجۇت بولۇشى كېرەك (يەنى تونۇرغا ئوت قالاپ نان يېقىپ بولغاندىن كىيىن تونۇر خىلى بىر ۋاقىتلارغىچە ئىسسىق تۇرىدۇ). ئالىملار 1965-يىلى ئالەمدە راستىنلا ئېشىنچە رادىئاتسىيە بارلىقىنى ئۆلچەپ چىقىتى ھەم ئۇنىڭ ئېلېكتىر-ماگنىت رادىئاتسىيە سپېكتىرىدا مىكرو دولقۇن بۆلىكىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقتى. دېمەك ئىنسان كۆزى بۇ خىل ئېنىرگىيىنى كۆرەلمەيدۇ (ئادەم كۆزى پەقەت ~440~760 نانومېتىر دائىرىدىكى دولقۇن ئۇزۇنلۇقىغا چۈشىدىغان ئېنېرگىيە رادىئاتسىيىنىڭ بىزگە ئەڭ تونۇشلۇق 7 خىل رەڭ شەكلىدە كۆرەلەيدۇ، ئۇنىڭدىن سىرت دولقۇن ئۇزۇنلۇقتىكى ئېنېرگىيە بىزگە كۆرۈنمەيدۇ).

مانا بۇ بايقاشلار بۇ ئالەمنىڭ خۇددى چوڭ پارتىلاش مودېلى ئوتتۇرغا قويغاندەك، ناھايىتىمۇ زىچ ھەم ئىسسىق گازدىن بارلىققا كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

2. ئالەمنىڭ يېشى قانداق ئۆلچىنىدۇ؟

ئاز دېگەندە ئىككى خىل ئۇسۇلدا ئالەمنىڭ يېشىنى ئۆلچىگىلى بولىدۇ: 1) ئەڭ قېرى تۇرغۇن يۇلتۇزنى تېپىپ شۇنىڭ يېشىنى ئۆلچەش؛ 2) ھازىرقى ئالەمنىڭ كېڭىيىش تېزلىكىنى ئۆلچەپ چىقىپ (يەنى ھابىل كونستانتى) شۇ ئارقىلىق چوڭ پارتىلاشنىڭ ۋاقتىنى ھېسابلاپ چىقىش. ھازىرقى ئۆلچەنگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا ئالەم ھازىر تەخمىنەن 12 دە 14 مىليارد ياشقا كىردى (ئېنىقراقى 13.7 مىليارد). قۇياش سىستېمىسىنىڭ بارلىققا كەلگىنىگە 4.5 مىليارد يىل بولدى. ئىنساننىڭ مەۋجۇدلۇقىغا بولسا ئاران نەچچە مىليون يىل بولدى.

3. ئالەم ماددى جەھەتتىن نىمىدىن تۈزۈلگەن؟

بىلىشىمىزگە ئاساسلانغاندا ئالەمنىڭ تۈزۈلۈشى تەخمىنەن تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

1) باريونىك ماددا: بۇ ئالەم ماسسىنىڭ ~5% نى ئىگىلەيدۇ. بۇ ھېسابتا بىز بىلىدىغان ماددىلار، يەنى پروتون، نىترون ۋە ئېلېكترونلاردىن تۈزۈلگەن ئادەتتىكى ماددىلار. بۇ ئالەمدىكى گازلارنى، چاڭ-توزانلارنى، يۇلتۇزلارنى، پېلانىتلارنى ھەم بىزنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ…

2) قاراڭغۇ ماددا: ~23% نى ئىگىلەيدۇ

بۇ يەنى ئالەمدىكى بىزگە كۆرۈنمەيدىغان ماسسا. بۇ گالاكتىكا ۋە گالاكتىكا توپلىرىنىڭ ئەتراپىدىكى قاراڭغۇ ماددىنى تۈزىدۇ. قاراڭغۇ ماددا ھازىرقى بىلىشىمىز بويىچە بىر خىل يېڭىچە ئاساسى زەررىچىلەردىن تۈزۈلگەن، ئادەتتە فىزىكىدىكى ”ئاجىز-كۈچ“ تەسىرىدە باغلانغان ئېغىر زەررىچىلەر دەپ قارىلىدۇ.

3) قاراڭغۇ ئېنېرگىيە: ~72% نى ئىگىلەيدۇ
يىراقتىكى چوڭ يۇلتۇز پارتىلاش ھادىسىلىرىدىن كۆزىتىشتىن مەلۇم بولىشىچە، ئالەمنىڭ كېڭىيىش تېزلىكى ئىتتىكلەۋاتىدۇ. بۇ خىل ھادىسە بىز تېخى بىلمەيدىغان بىر خىل ”قارشى-تارتىش كۈچ“ (يەنى ئالەملىك تارتىش كۈچىگە تەتۈرلۈك قىلىدىغان بىر خىل كۈچ) بىلەنلا چۈشەندۈرۈلۈش مۇمكىن. ئاسترونوملار ئالەمنىڭ بۇنداق كېڭىيىشىنىڭ تىزلىشىشى بەلكى ئالەمنى كىڭەيتىۋاتقان مەلۇم يىڭى ئېنېرگىيە مەيدانى سەۋەبلىك بولغان دەپ قارايدۇ.بۇ خىل ھادىسىنىڭ مەنبەسى قانداق بولۇپ چىقىشىدىن قەتئىينەزەر، ئالىملار ئۇنى نۆۋەتتە قاراڭغۇ ئېنېرگىيە دەپ ئاتاۋاتىدۇ.

4. ئالەمنىڭ تەقدىرى قانداق بولىدۇ؟

ئالەمنىڭ تەقدىرى ئۇنىڭ زىچلىق ئۆزگىرىشىگە باغلىق بولىدۇ. ئادەتتە كۆپىنچە ئاسترونوملار ئۈچ خىل مۇمكىنچىلىك بار دەپ قارايدۇ:
1) توختىماي چوڭىيىدۇ/كېڭىيىدۇ (سوغۇق ئالەم، ئوچۇق ئالەم)
2) چوڭ يىگىلەش (ئوت ئىسسىق ئالەم، ئاتەش، يېپىق ئالەم)

3) كېڭىيىشى ئاستا-ئاستا توختاشقا يېقىنلىشىدۇ (سوغۇق ئالەم، تۈز ئالەم)

ئەگەر ئالەمنىڭ زىچلىقى مەلۇم كىرىتىك زىچلىقتىن تۆۋەن بولسا، ئالەم مەڭگۈ كېڭىيىدۇ. تارتىش كۈچى كېڭىيىشنى ئاستىلىتىشى مۇمكىن. لىكىن زىچلىق كىرىتىك زىچلىقتىن تۆۋەن بولغان ئەھۋالدا، ماددىدا ئالەمنىڭ كېڭىيىشىنى توختاتقۇدەك ياكى تەتۈرسىگە ياندۇرغۇدەك تارتىش كۈچ بولمايدۇ. بۇ خىل تەقدىر ھەم ”چوڭ مۇزلاش“ دەپ قارىلىدۇ، سەۋەبى، ئالەم كېڭەيگەنسىرى تىخىمۇ مۇزلاپ ئاخىرىدا ھېچقانداق ھاياتنى ساقلىغۇدەك ئىقتىدارى قالمايدۇ.

ئەگەر ئالەمنىڭ زىچلىقى كىرىتىك زىچلىقتىن يۇقۇرى بولسا، تارتىش كۈچ ئۈستۈنلۈككە چىقىپ، ئالەم ئەسلى ھالىتىگە يىنىپ يىگىلەيدۇ، شۇڭلاشقىمۇ بۇنى ”چوڭ يىگىلەش“ دەپ ئاتايمىز. بۇ خىل ھالدا، ئالەمدە كېڭىيىشنى توختاتقۇدەك ماسسا بولغان بولىدۇ ھەم ئاخىرىدا كېڭىيشنى تەتۈرسىگە ياندۇرۇپ، خۇددى چوڭ پارتلاشنىڭ ئەسلى ھالىتىدەك ئىنتايىن ئىسسىق بولغان زىچ جىسىمغا ئايلىنىدۇ، يەنى ئالەم ئاتەشكە ئايلىنىدۇ!

https://farm4.staticflickr.com/3778/13240136134_6a8305ee0e.jpg

ئالەمنىڭ كەلگۈسى ھەققىدىكى قىياسلار: رەسىمدىكى Ω_m ئالەمنىڭ  زىچلىقىنى، Ω_v ئالەم قاراڭغۇ ئىنىرگىيە زىچلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئالەمنىڭ كىڭىيىش تىزلىكىنى ھابىل كونىستانتىنى ئۆلچەش ئارقىلىق بىلگىلى بولىدۇ، لېكىن بۇ كونىستانتنىڭ ھازىرقى قىممىتى بىلەن بۇرۇنقى ئالەمدىكى قىممىتى ئوخشىماسلىقى مۇمكىن، يەنى بۇ ئەينى ۋاقىتتىكى ئالەم زىچلىقىغا باغلىق بولىدۇ. رەسىمدە ئاستىدىكى قوڭۇر سىزىق زىچلىقى يۇقۇرى ئالەمنى ئىپادىلەيدۇ، بۇ ھالەتتە ئالەم مەلۇم مىليارد يىللار كېڭىيىپ ئاندىن يەنە يىگىلەپ ئۆز ئەسلىگە قايتىدۇ. يىشىل سىزىق ئىپادىلەيدىغان ئالەم تەقدىرى بولسا، بۇ خىل ئالەمنىڭ زىچلىقى كىرىتىك زىچلىققا تەڭ بولۇپ، كېڭىيىش بارغانچە ئاستىلاپ بارىدۇ. كۆك سىزىقتىكى ئالەمنىڭ زىچلىقى سەل تۆۋەن، بۇ خىل ئالەممۇ داۋاملىق كىڭىيىپ بارىدۇ، لىكىن كېڭىيىش تېزلىكى ئانچە تىز بولمايدۇ. ئەڭ ئۈستىدىكى قىزىل سىزىق بولسا ”قاراڭغۇ ئىنېرگىيە“ سەۋەبلىك كېڭىيىشى تېخىمۇ تىزلىشىپ بارىدىغان ئالەمنى ئىپادىلەيدۇ، ھازىرقى تەجرىبە نەتىجىلىرى ئالەمنىڭ بەكىرەك مۇشۇ خىل ئېھتىماللىق بويىچە ماڭىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىماقتا.

5. ئالەمنىڭ تەرەققىيات تەقدىرى بىلەن ئالەمدىكى ھاياتلىنىڭ قانداق باغلىنىشى بار؟

ئالەم ئەسلى نەچچە مىللىمېتىر چوڭلۇقتىكى كىچىككىنە بوشلۇق بولۇپ، ئۇنىڭ زىچلىقى ھەم تىمپىراتۇرسى بىز تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان ھالەتتە يۇقۇرى بولغان. ئەڭ دەسلەپكى 3 مىنۇت ئىچىدە بۇ خىل غايەت توپلانغان ئىنېرگىيە پارتلاپ، دەسلەپتە ئاساسى زەررىچىلەر ئاندىن بۇ زەررىچىلەر ماددا ۋە قارشى ماددىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. ماددا بىلەن قارشى ماددا ئۇچراشقاندا ئۆز-ئارا بىر بىرىنى يوقىتىپ نۇر بارلىققا كەلگەن، لىكىن ماددا قارشى ماددىدىن سەل كۆپ بولغاچقا پۈتۈنلەي نۇرغا ئايلىنىپ كەتمەي ئاز بىر قىسمى قىلىپ قالغان. بۇ جەرياندا ئەڭ دەسلەپكى ھىدروگېن (H)، گېلىي (He)، لىتىيقا (Li) ئوخشاش يەڭگىل ئېلېمېنىتلار ئىسسىق گاز شەكلىدە بارلىققا كەلگەن. تەخمىنەن 400 مىليون يىل ئۆتكەندىن كىيىنلا بۇ ئېلېمېنىتلار ئەڭ دەسلەپكى تۇرغۇن يۇلتۇزلارنى بارلىققا كەلتۈرگەن. ئۇ يۇلتۇزلار ئۆزىنى تەشكىل قىلغان H، He لارنى ئىشلىتىپ تىخىمۇ ئىغىر ئېلېمېنىتلارنى بارلىققا كەلتۈرگەن. بۇ يۇلتۇزلار پارتلاپ ئۆلگەندىن كىيىن ھاياتلىق ئېلېمېنىتلىرىنى (كاربون، ئوكسىگېنغا ئوخشاش) ئالەمگە تارقاتقان. يىڭى يۇلتۇزلار قىتىشىپ ئىغىر ئېلېمېنىتلاردىن يىڭى پېلانىتلار بارلىققا كەلگەن (يەر-شارىغا ئوخشاش). شۇنىڭ بىلەن ھاياتلىققا ئاساس سىلىنغان. مۇشۇ جەريانغىلا 10 مىليارد يىل كەتكەن. يەنە 4 مىليارد يىل جەريانىدا يەر شارىدا كاربوننى ئاساس قىلغان ھاياتلىق بارلىققا كەلدى ھەم مۇرەككەپ بىر ھاياتلىق دۇنياسىنى ياراتتى. لىتىيدىن ئىغىر بولغان ئېلېمېنىتلار بارلىققا كەلمىگەن ئالەمنى تەسەۋۋۇر قىلىش تامامەن مۇمكىن، لىكىن بۇ بىز بىلىدىغان ئالەمدە يۈز بەرمىدى. ئەگەر ئالەم بىر نەچچە سېكۇنىت، بىر نەچچە يىل، ياكى بىر مىليون يىللا مەۋجۇد بولغان بولسا قانداق بولغان بولاتتى؟ ئەمەلىيەتتە ئالەمنىڭ يىشىنى ماددا، ئىنېرگىيە ۋە ۋاقىت قاتارلىق فاكتورلار تەڭ بەلگىلىگەن. بىزنىڭ ھازىرقى كۈنگە كىلىپ مۇشۇ پاكىتلارنى تونۇشۇمىزغا تەخمىنەن 14 مىليارد يىل كەتتى!

ئالەم قانچىلىك مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ ھەم قانداق تۇرىدۇ، بۇ ئۇنىڭ پۈتۈن ئىنېرگىيەسى ۋە ماددا تۈزۈلمىسى تەرىپدىن بەلگىلىنىدۇ. ئەگەر ماسسىسى بىزنىڭ ئالىمىمىزدىن چوڭ بولغان ئالەم بولغان بولسا ئىدى، ئۇنداق ئالەم ھايات بارلىققا كىلىشتىن ئاللا بۇرۇنلا تارتىش كۈچ سەۋەبلىك يىگىلەپ كەتكەن بولاتتى. ئەگەر تەقدىر يېشى ناھايتى ئۇزۇن بەلگىلەنگەن ئالەم بولغان بولسا، بۇنداق ئالەمدە تۇرغۇن يۇلتۇزلارنى شەكىللەندۈرگىدەك ماسسا بولمايىتتى. ھازىرقى ئالىمىمىزدە قاراڭغۇ ئىنېرگىيە قارشى تارتىش كۈچكە ئوخشاش ئالەمنىڭ كېڭىيىشىنى تىزلىتىۋاتىدۇ. ئەگەر مۇشۇ قاراڭغۇ ئىنېرگىيە دەسلەپكى ئالەمدىلا ئاساسلىق ئورۇندا بولغان بولسا، ئۇ چاغدا ئالەمنىڭ كېڭىيىشى دەسلەپتىلا بەك تىز بولۇپ كىتىپ ھاياتلىقنىڭ بارلىققا كىلىشىگە شارائىت تۇغۇلماي قالاتتى. خەير، ھاياتلىقنىڭ يارتىلىشى ھەممە نەرسىنىڭ (ئىنېرگىيە، ماددا، تەسىر كۈچ…) شۇ قەدەر بىر نازۇك تەڭپۇڭلىقنى ساقلىشى ھەم ئۆزگۈرۈشنى تىزگىنلىشى جەريانىدىلا يۈز بەرگەن. ئۇنىڭ خۇرۇچلىرىدىن ھىچ قايسىسى بەك كۆپ بولۇپ كەتمىگەن، ياكى بەك ئاز بولۇپ كەتمىگەن—-پەقەت نەقلا يىتەرلىك ماسسا ۋە ئىنېرگىيە تەسىرى بىلەن ھاياتلىقنى مەۋجۇدلۇققا چىقارغۇزغان.

ئىشلار بۇنىڭلىق بىلەنلا تۈگىمەيدۇ. مەۋجۇدلۇقىمىزدىن شۇنى بىلىمىزكى بۇ ئالەم ھاياتلىقنى بارلىققا كەلتۈرەلەيدىغان ئالەم. لىكىن ھاياتلىقنىڭ شەكىللىنىشى ھەم شەكىللەنگەن تەقدىردىمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىشى ئۈچۈن نۇرغۇن توساقلار بار. يەنى ھاياتلىق ھەر زامان يوقىلىش خىرىسىغا ئۇچراپ تۇرىدۇ. ھاياتلىق ئىنېرگىيەگە، سۇغا ۋە كاربونغا موھتاج؛ بىرەر مۇھىت ئاپىتى ھاياتلىقنى يوقىتىشى مۇمكىن. بۇ شارىمىزدا مېتروتلارنىڭ سوقۇلۇشى سەۋەبلىك ھاياتلىق يوقالغان ئىشلار بولغان. ئالەمدىن، جۈملىدىن قۇياشتىن كىلىدىغان ھاياتلىققا زىيانلىق كۈچلۈك رادىئاتسىيەنى يەر شارىنىڭ ئاتموسفىراسى ۋە ماگنىت مەيدانى توساپ تۇرىدۇ، ئەگەر تۇيۇقسىز مەلۇم تەسىردە بۇ قالقان يوقالسا بىز شۇ ھامان كۆيۈپ تۈگەيمىز. بۇنىڭدىن سىرىت، يەنە نەچچە مىليون يىلدىن كىيىن قۇياشمۇ كۆيۈپ تۈگەيدۇ. كىم بىلىدۇ، يىقىنىراق بىرەر تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ تۇيۇقسىز پارتلىشىدىن چىققان (超新星) رادىئاتسىيە يەردىكى پۈتۈن ھاياتلىقنى يۇتۇپ كېتىشى مۇمكىن، بۇ ھەم ھەرقانداق ۋاقىتتا يۈز بېرىشى مۇمكىن…

ئالەمدە يەنە باشقا ھاياتلىقلارنىڭ مەۋجۇت بولۇشى تامامەن مۇمكىن ئىش. لىكىن تېخى بىزگە بايقالمىدى. بىزمۇ ئىزدەۋاتىمىز، بەلكى ئۇلارمۇ بار بولغان تەقدىردە بىزنى ئىزدەۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. كىم بىلىدۇ، بەلكى ئۇلار تامامەن يىنىمىزدىدۇر، ئەگەر تەتۈر ياكى ئالاھىدە ماددىدىن تۈزۈلگەن ھاياتلىق بولسا (ئەگەر شۇنداق مۇمكىنچىلىك بار دېيىلسە) ئىنساننىڭ تۇيغۇلىرى ھەم بىلىمى ئۇلارنى كۆرۈشكە ئىمكانىيەتسىزدۇر…

قانداقلا دەيلى، ئالەم ھەققىدىكى ئىزدىنىشلار بىزگە ھاياتلىقنىڭ بارلىققا كىلىشى ۋە تەرەققىياتىنى بىلىشىمىز ئۈچۈن يىڭىچە كۆزنەكلەرنى ئاتا قىلىشى مۇمكىن.

شەخسەن قاراشلىرىم: تەجىرىبە فىزىكىسى ئوقۇغان ئىكەنمەن ئۆز ئىتقادىمدىكى (يەنى قۇرئاندىكى) بايانلارنى ئىلمى نۇقتىدىن چۈشىنىشكە تىرىشىپ باققۇم كىلىدۇ. بەلكى قۇرئاندا يېزىلغان ئالەمنىڭ يارىتىلىش ۋاقىتلىرى ھازىرقى بىز بىلىدىغان ۋاقىت ئۆلچىمى ئەمەس بەلكى باشقا بىر ۋاقىت ئۆلچىمىدە دىيىلگەن بولۇشى تامامەن مۇمكىن. 18 مىڭ ئالەمنىڭمۇ، 7 قات ئاسماننىڭمۇ بىز تىخى بىلىپ بولالمىغان مەنالىرى بولۇشى مۇمكىن. كىشىنى ھەممىدىن ھەيران قالدۇردىغىنى، چوڭ پارتلاش نەزەرىيىسىدىن ھازىرغىچە بولغان جەرياننى تەپسىلى ئۆگەنسەك ھاياتلىقنىڭ بارلىققا كىلىشىنىڭ ھەقىقەتەن بىر مۆجىزە ئىكەنلىكىگە قوشۇلماي تۇرالمايمىز. خۇددى ئۈستىدە دېيىلگەندەك، چوڭ پارتلاشتىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان جەرياندا كىچىككىنە بىر باشقىچە ئۆزگىرىشلەر بولغان بولسا ئالەم پۈتۈنلەي باشقىچە بولغان بولاتتى. ئەڭ دەسلەپكى سىكۇنىتتىن تارتىپ 14 مىليارد يىل جەريانغا ھەممە خۇرۇچلار شۇنچىلىك ياخشى تەڭشەلگەن، كىشىنىڭ ئەقلىنى لال قىلىدۇ…شۇڭلاشقىمۇ ئالىملار قىززىقچىلىق قىلىپ چوڭ پارتىلاشنىڭ ئەڭ دەسلەپكى مودېل سۈرىتىنى ”خۇدانىڭ يۈزى“ دەپ قويىدۇ. ئەڭ مۇھىمى، گەرچە دۇنيادا كۆپ تەرەققىياتلار بولۇپ ئىنسان ھاياتىنىڭ مەزمۇنى ئۆزگۈرۋاتقان بولسىمۇ، تەبىئەت ھادىسىلىرى ئالدىدا، ئالەملىك كۈچلەر، تەسىرلەر، ھادىسىلەر ئالدىدا ئىنسان شۇ قەدەر ئاجىز، شۇ قەدەر ۋىجىك، ئالەمنى يەر شارىغا ئوخشاتساق، ھازىرقى يەر-شارىمىز شۇنىڭ ئىچىدىكى بىر تال توزاندەك. كىچىككىنە بىر تەۋرىنىش ھاياتلىقنىلا ئەمەس بەلكى شۇ يەر-شارى ئۆزىنىمۇ يوق قىلۋىتەيدۇ! دېمەككى، بۇ دۇنياغا كىلىشىمىزنىڭ، ھەم مۇشۇنداق مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇشىمىزنىڭ سەۋەبى بار…

oghuzkb قەلىمى

قەھىرتان ئېيىنىڭ 7-كۈنى ئۇلمدا يېزىلدى.

مەنبەلەر:

http://map.gsfc.nasa.gov/universe/

http://en.wikipedia.org/wiki/Big_Bang_cosmology

http://www.grallator.co.uk/SCE.htm

بۇ يازما ئۇنىۋېرسال كاتېگورىيىسىگە يوللانغان ھەم دەپ خەتكۈشلەنگەن. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈشلىۋېلىڭ.

ئالەم ھەققىدە — چوڭ پارتلاش نەزەرىيىسى ئۈچۈن بىر ئىنكاس بار

  1. زىيا مۇنداق يازغان:

    ياخشى يېزىلغان پەننى ئومۇمىلاشتۇرۇش تىپىدىكى ماقالىكەن.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong> <img src="" alt="" class="" width="" height="">

https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_bye.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_good.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_negative.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_scratch.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wacko.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yahoo.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cool.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_heart.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_rose.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_smile.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_whistle3.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yes.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cry.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_mail.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_sad.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_unsure.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wink.gif