گېرمانلار ئۆزلىرنىڭ ئەجداد تارىخىنى نەدىن باشلايدۇ؟ بۇرۇن بۇنى بەك ئاددىيلا چۈشىنىپتىمەن، ئۇلارنى ئوتتۇرا ئاسىيادىن كەلگەن دەپلا چۈشىنەتتىم. بىزدىكى بەزى كىتابلاردا شۇنداق بايانلار بار ئىدى. لىكىن نىمىسلار ئۇنداق چۈشەنمەيدىكەن. مەيلى ئەمىل ناك يازغان “گېرمانلار” ناملىق كىتابتا بولسۇن، ياكى بېرلىندىكى دۆلەتلىك تارىخ مۇزىيىدا بولسۇن بىردەك ئەڭ بۇرۇنقى گېرمانلارنى ھازىرقى گېرمانىيەنىڭ شىمالى قىسمى بىلەن دانىيە ۋە شىۋىتىسىيەنىڭ جەنۇبىنى مەركەز قىلىپ كىڭەيگەن دەپ باشلايدىكەن. ئىلبا دەرياسى ھىسابتا ئانا دەرياسى ئىكەن، كىيىنچە ساكسون، تۈرىڭىر، فرانكىن، ئالىمانىن، بايان قەبلە گۇرۇھلىرىنىڭ بىرلىشىشدىن ھازىرقى گىرمانلار ۋۇجۇتقا چىققان دەيدىكەن.
نىمىسلار ئۆزلىرىنى دويىچ دەپ ئاتايدۇ، گېرمانىيەنى بولسا دويچلاند دەيدۇ. گېرمان سۆزى ھىسابتا لاتىنچە ئاتالغۇ. دويىچ سۆزىنىڭ مەنىسىنى خەلىق دەپ چۈشەندۈرىدۇ. يەنى بىر خىل تىلدىكى خەلىقلەر دىگەندەك مەنادا ئىپادىلىگەندەك. تۆۋەندىكىلەر بېرلىندىكى تارىخ مۇزىيىنى زىيارەت قىلغاندا تارتقان سۈرەت ۋە سىن ھۆججەتلىرى.
http://player.youku.com/player.php/sid/XMzMwMDM1MTky/v.swf
http://v.youku.com/v_show/id_XMzMwMDM1MTky.html
مۇزىينىڭ كىرىش ئىغىزىغا يىزىلغان گېرمان سۆزى ئىزاھاتى
مىلادىنىڭ ئالدى-كەينىدە
مۇزىي ئىچىدىن بىر كۆرۈنۈش
oghuzkb
Ulm, 12.2011