ياۋرۇپادىكى مۇزىيلاردا ئەجدادلىرىمىز ئىزلىرى

بۇنى يىزىشىمدىكى مەقسەت، ھازىر ياۋرۇپادا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بارغانچە كۆپىيۋاتىدۇ، ساياھەتكە كىلۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەس. ۋەتەندىن ۋاقىتلىق ئايرىلغان بۇ ”قۇشلار“ يات ئەللەردە ئاسانلا ئۆزىنىڭ كىملىكى ئۈستىدە ئىزدىنىدىغان بولۇپ قالىدىكەن. شۇڭا تۆۋەندە ياۋرۇپادىكى چوڭ شەھەرلەردە ئۆزەم بىلىدىغان ھەم كۆرگەن، بىزگە مۇناسىۋەتلىك تارىخى يادىكارلىقلار ساقلانغان بىر نەچچە مۇزىينى تونۇشتۇرىمەن، ھەم سىلەرنى چوقۇم كۆرۈشكە تەۋسىيە قىلىمەن.

1. بىرلىندىكى دالېم (Dahlem) رايونىغا جايلاشقان بىرلىن ئىتنولوگىيە مۇزىيى ۋە ئاسىيا سەنئەت مۇزىيى (ئىككىس بىر يەردە)، ئادەتتە دالىم مۇزىيى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ مۇزىينىڭ ئىچىدە تۇرپان زالى دەپ ئاتىلىدىغان يىرى بار بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا يۇرتىمىزدىن بۇلاپ كىتىلگەن نۇرغۇن يادىكارلىقلار بار. يەنى تۇرپاندىن كىسىپ ئەكىتىلگەن تام سۈرەتلەرى، ھەيكەللەر، يازما ھۆججەتلەر دىگەندەك. بۇيۇملار خىلىلا كۆپ، ئاساسەن نىمىس ئارخىلوگ فون-لى-كۇك (von le coq) نىڭ 4 قىتىملىق سەپىرىدە ئىلىپ كىلىنگەن نەرسىلەر ئىكەن. زال ئوتتۇرىدا تەقلىد قىلىنغان مىڭ ئۆيلەردىكى بىر ئىغىز ئۆينىڭ مودىلىمۇ بار ئىكەن، ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن ھالىتىگە ئوخشايدۇ. تۆۋەندە سۈرەتلەرنى بەردىم. بەزىلىرىنى كىتابلاردىن كۆرگەن بولۇشىڭلارمۇ مۇمكىن. تۆۋەندە قىسمەن تارتىۋالغان سۈرەتلەرنى يوللاپ قويدۇم، ئاپاراتنىڭ يالتىرىقىنى ئاچمىغاچقا (ئادەتتە يول قويۇلمايدۇ، يەنى يالتىراقتىكى كۈچلۈك نۇر قەدىمى بۇيۇملارغا زىيان يەتكۈزۈلىدۇ دەپ قارىلىدۇ) رەسىملەر بەك تۇتۇق چىقىپ قالدى. مۇزىيغا كىرىشتىن بۇرۇن مەن ئۇيغۇر دىسە بىلەتمۇ ئالماي كىرگۈزۋىتىدىكەن دەپ ئاڭلىغان ئىدىم، بىز قىرىشقاندەك ئالدى دەرۋازىدىن كىرمەي ئارقىلا بىر دەرۋازىدىن كىرىۋاپتۇق، بولمىسا راست شۇنداقمۇ بىر سىناپ باقاي دىگەن ئىدىم. ئەمەلىيەتتە كىرىش بىلىتى بەكلا ئەرزان. تۆۋەندىكى ئادرىستا شۇ مۇزىينىڭ تور ئادرىسى بىرىلگەن، ياندا ئىچىلىش ۋاقىتلىرى بار. يەراستى پويىز (U-bahn) U3 كە ئولتۇرۇپ دالېم-دورف(Dahlem-Dorf) دىگەن بىكەتتە چۈشۈپ قىلىپ 100 مىتىرچە ماڭسىڭىزلا يىتىسىز. مۇزىي زامانىۋى ئۇسلۇبتا سېلىنغان. تور ئادرىس:

http://www.smb.museum/smb/standorte/index.php?p=2&objID=6370&n=10

P1080002-1

P1080008-1

P1080018-1s

P1080024-1

P1080025-1

 

P1080052-1P1080055-1

P1080056-1

 

2. پارىژدىكى گۇمەت (Guimet) —-دۆلەتلىك ئاسىيا سەنئىتى مۇزىيى، بۇ مۇزىي ئەسلى ليون شەھرىدىكى سانائەتچى ئەمىلى گۇمەت (1836-1918) Emile Guimet تەرىپىدىن ليون شەھرىدە قۇرۇلغان بولۇپ، كىيىنچە پارىژغا كۆچۈرۈلگەن. مۇزىي تەپسىلاتنى تۆۋەندە بىرىلگەن مۇزىي تور بىتىدىن كۆرۋالارسىلەر. ئورنى بەك ياخشى يەردە. يەر ئاستى پويىز (مېترو) نىڭ 9 يولىغا چىقىپ لېنا (Léna) دىگەن بىكەتتە چۈشسىڭىزلا بولىدۇ، مۇزىي شۇ بىكەتنىڭ ئۈستدىلا، قەدىمى ئۇسلۇبتا سىلىنغان چىرايلىق بىر بىنا. ياكى ئېفىل مۇنارى بار يەردىن 5 مىنۇتلا پىيادە ماڭسىڭىز يىتىسىز. بىزگە ئائىت نەرسىلەر مۇزىينىڭ 2-قەۋىتىگە جايلاشقان ئىكەن. سان ۋە كۆلەم جەھەتتە بىرلىندىكى مۇزىيدىن سەللا ئازدەك بىلىنىدى. بۇ يادىكارلىقلار ئاساسەن فرانسوز ئارخولوگى پىلىيوت (Paul Pelliot) نىڭ 1906-يىلىدىكى ئېكىسپىدېتسىيەسىدە ئاساسەن كۇچادىكى تۇمشۇق ۋە توققۇز-ساراي دىگەن يەرلەردىن ئىلىپ كەلگەن نەرسىلىرى ئىكەن، خوتەندىنمۇ ھەم باركەن. مۇزىي ئەسىلى ئىتقاد مۇزىيى بولۇپ پۈتۈن دۇنيادىكى دىن تارىخىغا ئائىت يادىكارلىقلار بولغاچقىمۇ، يادىكارلىقلار ئاساسەن دىنى ئىتقادقا ئائىت ئىكەن. بىزگە مۇناسىۋەتلىكلىرىدە ئاساسەن بۇددا دىنى ھەققىدە ئىكەن. تور ئادرىس:

http://www.guimet.fr/-Asie-centrale-

P1110714-1

muziy

 

P1110764-1

P1110766-1

P1110767-1P1110793-1

P1110794-1

مەيلى بىرلىن ياكى پارىژدا بولسۇن، ئەڭ ياخشى قاتناش قۇرالى يەر-ئاستى-پويىزكەن، شۇنداق تورلاشقانكى، نەگە بارىمەن دىسىڭىز شۇ يەرگە يىتىسىز، تىخىمۇ مۇھىمى، قاتناش قىستاڭچىلىقىغا ئۇچرىمايسىز، ۋاقتىڭىز تىجىلىدۇ، ھەم مىترولارمۇ ھەر 5 مىنۇتتا، ئۇزۇن دىگەندىمۇ ھەر 10 مىنۇتتا بىرى كىلىپ تۇرىدۇ. مىسالەن پارىژدا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كۆپ يەرلەرنى ئايلىنىمەن دەيدىكەنسىز، ساياھەتچىلەر ئۈچۈن چىقىرىلغان پارىژ-پاس ئىلىۋالغىنىڭىز ياخشى، بۇ بىلەتنىڭ 3 كۈنلۈك نۇسخىسى 40 ياۋرۇ ئەتراپىدا بولۇپ، بىلەت ئالغان ۋاقتىڭىزدىن باشلاپ 3 كىچە-كۈندۈز ئىشلەيدۇ، قىتىم سانى چەكلەنمەيدۇ. لىكىن بىلەت ئالغاندا رايون چەكلىمىسىگە قاراپ ئىلىشنى ئۇنتۇماڭ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە كۈنلۈك بىلەن، گۇرۇپپا بىلىتى دىگەندەكلەرمۇ بار.

3. روسىيە سانكىت-پىتىربۇرگدىكى (لىنىنگراد) ھەرمىتىج مۇزىيى (The Hermitage Museum). بۇ مۇزىيمۇ ئەڭ داڭلىق مۇزىيلارنىڭ بىرى. لىكىن شەخسەن ئۆزەم تىخى بىرىپ باقمىدىم. يىقىندا باشقا بىر شەھەردە دوكتورلۇق كەسپىدە ئوقۇۋاتقان لىۋانلىق دوستۇم ئاناس بارغان ئىكەن. مۇزىينى كۆرۋىتىپ بىر يەردە ئۇيغۇر دىگەن خەت كۆزىگە چىلىقىپ قىلىپ ئالايتەن رەسىمگە تارتىۋاپتۇ ھەم ئاممىۋى دوستلۇق تورىغا ئىسمىمنى باغلاپ چىقىرىپ قويۇپتۇ، شۇنداق خوش بولۇپ كەتتىم. ئۇ ئاغىنىمىزگە ئەھۋالىمىزنى دائىم سۆزلەپ بىرەتتىم. ئۇ تارتقان سۈرەتلەرگە قارىسام ئاساسەن ئالتاي تىغىدىكى بازىرىقتىن تىپىلغان ساكلارغا ئائىت مىلادىدىن ئالتە ئەسىرلەر بۇرۇنقى قەۋرىدىن تىپىلغان يادىكارلىقلار(مۇزىي 25-ئۆي)، شۇنداقلا ئەمىر تىمورغا ئائىت نەرسىلەر بار بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىياغا ئائىت تاش قۇراللار دەۋرىدىن تارىپ يىغىلغان نەرسىلەر بار ئىكەن. تۆۋەندىكىسى ئۇ تارتىپ كەلگەن سۈرەتلەر ۋە مۇزىي تور بىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك قىسىملار:

http://www.hermitagemuseum.org/html_En/03/hm3_5_11.html

http://www.hermitagemuseum.org/html_En/08/hm89_0_0_25.html

abide-chushendurmisi

点击查看原始尺寸

点击查看原始尺寸

点击查看原始尺寸

بۇ يازما كىين يەنە يىڭىلىنىدۇ، ئاللاھ خالىسا تۈركىيە ۋە شىۋىتسىيەدىكى مۇزىيلارنى تونۇشتۇرىمىز.

داۋامى بۇ بەتتە:

http://achinuq.org/?p=819

قالغان رەسىملەرنى تۆۋەندىكى ئادرىستىن كۆرۈڭلار:

https://www.flickr.com/photos/48781240@N06/sets/72157642535333924/

شۇنىڭغا بەك ئىشىنىمەنكى، تارىخ بىلىمى كىشىنى تىخىمى غايىلىك، قورقماس ھەم مەردانە قىلىدۇ. تارىخنى بىلىش بىزنىڭ ئىنسانى تۇيغۇلىرىمىزنى كۈچەيتىدۇ، بىزنى تىخىمۇ ئىنسانپەرۋەر قىلىدۇ، نادانلىقتىن قۇتۇلدۇرىدۇ (ئەلۋەتتە توغرا يۆنىلىشتە ئۆگەنگەندە). بەلكىم بەزى يېزىلغان نەرسىلەر خاتا ياكى بۇرمىلانغان بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا ھەققى تارىخنى بىلمەكچى بولغان ئادەم ئوخشىمىغان كىتابلارنى كۆرۈپ بىقىشى، ئەڭ مۇھىمى تارىخى جايلارنى زىيارەت قىلىشى، ئاسارە – ئەتىقىلەرنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ بىقىشى كىرەك. بۇنىڭ ئەھمىيىتىنى دىمىسەممۇ ئوقۇرمەنلەرگە ئېنىق بولۇشى مۇمكىن. تېخىمۇ مۇھىمى بىز تارىخنى ئۆگىنىش ئارقىلىق كەلگۈسىگە ھۆكۈم قىلالايمىز، ئىنسانىيەتنىڭ جۇغلانغان ئەقلىنى بىلىش ئارقىلىق ھايۋاندىن پەرىقلىنىپ ئوخشاش خاتالىقلارنى تەكرارلاشتىن ساقلىنالايمىز. شۇڭىمۇ بۇ ھەقتە ناھايتى ياخشى يىزىلغان ئەقلىيە سۆزلىرى بار. توماس كارلىيلى ”پۈتۈن ئۆتمۈش ھازىرنىڭ ھەركىتىدە“ دىسە، سىر باكون ”تارىخ كىشىلەرنى ئەقىللىق، شائىرلارنى زېرەك، ماتېماتېكلارنى ئىنچىكە، پەيلاسوپلارنى چوڭقۇر، ئەخلاقنى مەزمۇت، لوگىكا ۋە تىلنى پىششىق قىلىدۇ“ دەيدۇ. گەرچە ھاياتتىن كۆپ تەجىربەم بولمىسىمۇ بۇ سۆزلەرنىڭ ۋەزىنىگە خىلى يەتتىم. ھەر قىتىم تارىخىمىزغا ئائىت نەرسىلەرنى كۆرسەم، ئەجداد سىماسى شۇنداق بىر كۈچلۈك رەۋىشتە نامايەن بولۇپ، مىنى تىخىمۇ كۈچلۈك بولۇشقا ئۈندەيدۇ. تۆۋەندە توردىن تىپىۋالغان قەھىرمانىمىز سوپاخۇن گىنىرالنىڭ زىيارەت خاتىرسىدىن پارچە سۇندۇم

“بىزنىڭ بالىلار قىزىقمايدۇ”

پاراڭ ئارىلىقىدا سوپاخۇنىكامنىڭ ئايالى “ۋاي بالىلىرىم، سىلەر باشقا باشقا مەكتەپتىن تۇرۇپ، ئۇقۇشۇپ ئاتايىن ئىزدەپ كەپسىلەر، ئاڭلاپ تۇرسام شۇنچە جىق تارىخلارنى سوراپ كەتتىڭلار. بىزنىڭ بالىلار دادىسىدىن بۇلارنى سوراپمۇ قويمايدۇ، دادىسى توغرا كېلىپ سۆزلەپ سالسىمۇ قىزىقمايدۇ.ئورنىدىن دەس تۇرالمايدىغان مۇشۇ ئادەم جېنىدا توختىماي كىتاب ئوقۇيدۇ. بېشىدىن ئۆتكەنلىرىنى بۇرۇنلا كىتاب قىلىپ يېزىپ بولغان ئەمما مۇھەرىرلەر جىق ئۆزگەرتىۋەتكەچكە نەشىر قىلىشقا ئۇنىمىدى. چىقمىسا چىقمىسۇن، لېكىن يالغاننى قاتقۇزمايمەن دەيدۇ. بۇ ئادەمدىكى قانداق جانكى، سوغۇقتا دۈگدەيمەيدۇ، ئىسسىقتىن سالپىيىپ كەتمەيدۇ. مىدىرلىيالىسىلا چېنىقىدۇ. “ئانا يۇرت” نىمۇ كىتاب چىقىپ بولغىچە تاقەتسىزلىنىپ چىقىشىغىلا ئېلىپ ئوقۇپ بولدى. بىزنىڭ بالىلار كىمنى دورىدىكى، دادىسى شۇنچە يىل ئەتىۋارلاپ ساقلىغان ئوردىنلىرىنىمۇ يوقۇتۇپ بولدى” دېدى ھەسرەتلىنىپ.

خاتىمە، گېنىرالنىڭ ۋەسىيىتى

سوپاخۇنىكام مۇنداق ئىككى ئىشنى ئۆمۈرلۈك ھەمراھ قىلىشىمىزنى تەكىتىلگەن ئېدى. مەنچە ئۇ بۈگۈنكى بوغۇنغا ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا مۇشۇ ئىككى ۋەسىيەتنى قالدۇرۇپ كەتتى. بىرى مىللەتنىڭ تارىخىنى ئۆگىنىش يەنە بىرى كەسپ ئىگىلەش. ” بالىلىرىم، مەن ئەسكەر باشلاپ قورال كۆتۈرۈپ سوقۇش قىلدىم، تۇرمىگەچۈشۈپ مەھبۇسلار قاتارىدا ئېغىر ئەمگەكمۇ قىلدىم، زەي زىندانلاردا، قورقۇنچلۇق قىيناقلاردا خورلاندىم، ئەمما باش ئەگمىدىم، تىزلانمىدىم. مېنى ئىككى نەرسە يىقىلغان يېرىمدىن تۇرغۇزدى، بىرى مەن ئۆگەنگەن تارىخ يەنە بىرى مەن ئىگىلگەن ھۈنەر. مەن بىلگەن تارىخ ماڭا قەۋمى ئۈچۈن ھەق ئىزدىگەن، ھۆرلۈك تەلەپ قىلغان ئەجدادلىرىمىزنىڭ كۈرەش ئىرادىلىرى ئارقىلىق مەنىۋىي يۆلەك بولدى.بوۋىلىرىمىزنىڭ ھايات، دۇنيا، ئۆلۈم ۋە ھۆرلۈك ھەققىدىكى ھىكايەت، ئۆگۈتلىرى ماڭا زەي زىندانلاردىمۇ باش پاناھ، روھىي ئوزۇق بولدى. دۈشمەن ئاچ قويدى ئەممائۈمىدسىزلەندۈرەلمىدى، تېنىمنى قىينىدى، ئەمما روھىمنى باش ئەگدۈرەلمىدى. چۈنكى مېنىڭ روھى دۇنيايىمدا ئەجدادلىرىمىز قالدۇرۇپ كەتكەن توم توم كىتابلاردىكى ھىكمەتلەردىن ئاللىقاچان يېقىلماس ئىرادە مۇنارى تىكلەنگەن ئېدى. بۇ خاسىيەتلىك مۇنارنى ھىچكىم قىيناپ يىقىتالمايتتى، ئازاپلاپ يوقۇتالمايتتى. مەن بوۋىلىرىمىزنىڭ”ئىنسانغا يەتمىش ئىككى خىل ھۈنەرمۇ ئاز” دېگەن تەۋسىيىسى بويىچە پۇرسەتلا بولسا ھۈنەر ئۆگەندىم. تۇرمىگە تاشلانغان چېغىمدا قولۇمدىن ناۋايلىق، شوپۇرلۇق،رېمۇنىتچىلىق، كۆۋرۈك ياساش، تامچىلىق قاتارلىق ھۈنەرلەر كەلگەنلىكى ئۈچۈن ماڭائىھتىياج چۈشۈپلا تۇردى. بەلكىم مۇشۇ ھۈنىرىم خاسىيىتىدىن بولسا كېرەك، شۇنچەقىينىدىيۇ ئۆلتۈرۈشمىدى. ھۈنەرنىڭ خاسىيىتى سەۋەبلىك ھايات قالغان مەنلا ئەمەس،مەرھۇم ئۆتكۈر ئەپەندىم خىزمەتتىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن ياغاچچىلىق بىلەن جان ساقلىغان، ئۈرۈمچىدە كونىلار ھېلىمۇ ئۆتكۈر ئەپەندىمنى “دارازا ياغاچچى” دەپ ئاتىشىدۇ. بالىلىرىم، ئىشخانىدا گېزىت ئوقۇپ ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىۋاتىمەن دېمەڭلار،قىزىل ۋاراقلارنى يىغىۋېلىپ بايلىقمىكىن دېمەڭلار. بوۋىلىرىمىز، “كىمدىن قالمىغانبۇ جاھان” دەپ توغرا ئېيتقان. بىز جىق جاھان كۆردۇق، باغلام باغلام پۇللار بىركېچىدىلا قۇرۇق قەغەزگە ئايلاندى، ھەيۋەتلىك قەسىرلەردە غادايغانلار بىر كۈندىلائاچ-زارلارغا ئايلاندى.روھىمىز سۇلمىسۇن دېسەڭلار تارىخ ئۆگىنىڭلار، قەددىمىزسۇنمىسۇن دېسەڭلار ھۈنەر ئۆگىنىڭلار”.

كەمىنە ئۆمۈرلۈك جەڭچى، يىقىلماس ئەزىمەت سوپاخۇن سوۋۇرۇۋ بىلەن كۆرۈشكەن مىنۇتلارنى مەڭگۈ ئۇنۇتمايمەن. بۇ ئەرزىمەس يازمام ئارقىلىق مەرھۇمنىڭ روھىغا ئەمىنلىك تىلەيمەن. ئۇلۇق ئاللاھ مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەت قىلغاي، مەرھۇمنىڭ غايە مەشئىلىنى ئەۋلادلار قەلبىدە مەڭگۈلۈك قىلغاي .

مەنبە : ئوكيان تورى >>

2011-يىل رامىزاننىڭ 27-كۈنى، OghuzKB يازمىسى

 

بۇ يازما ئۇيغۇر + ياۋرۇپا كاتېگورىيىسىگە يوللانغان ھەم , , , دەپ خەتكۈشلەنگەن. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈشلىۋېلىڭ.

ياۋرۇپادىكى مۇزىيلاردا ئەجدادلىرىمىز ئىزلىرى ئۈچۈن 3 ئىنكاس بار

  1. ئەقىل مۇنداق يازغان:

    ھەقىقەتەن ياخشى يىزىپسىز ،مەرھۇم سوپاخۇن گىنرالنىڭ زىيارەت خاتىرىسىنى ئىلگىرى مەنمۇ ئوقۇغان ئىدىم .شۇۋاقىتتا كۇزۇمدىن ئىختىيارسىز ئىسسىق ياشلار تۆكۈلگەن ئىدى ۋە ئۇزۇمدىن تولىمۇ نۇمۇس قىلغان ئىدىم . شۇنىڭىدىن كىيىن سىزنىڭ يولىڭىزنى بىسىش ئۇچۇن تىرىشىۋاتىمەن ،يەتتە كۈندىن كىيىن ئايلىتس ئىمتىھانىنى بىرىمەن ،ئۇنىڭدىن كىيىنكى ئىشلاردا سىزنىڭ كۇپرەك يول كۇرسۇتۇپ ياردەم قىلىشىڭىزنى سورايمەن ، http://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_good.gif

  2. روشەن مۇنداق يازغان:

    سالام. ئامال بولسا ئاۋۇ رەسىملەرنى ئىمى بىلەن تونۇشتۇرۇپ بەرگەن بولسىڭىز

  3. روشەن مۇنداق يازغان:

    كەچۈربڭ، مۇزڭيدىكى رەسىملەرنىڭ ئسمىنى دىمەكچىتىم.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong> <img src="" alt="" class="" width="" height="">

https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_bye.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_good.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_negative.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_scratch.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wacko.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yahoo.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cool.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_heart.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_rose.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_smile.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_whistle3.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yes.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cry.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_mail.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_sad.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_unsure.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wink.gif