گېرمانىيە فىزىكا جەمئىيتى

بۇ تېمىنى باشلاشتىن ئىلگىرى ھەممە قېرىنداشلارنىڭ نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەيمەن!!! بۇ يىڭى يىلىمىزدا ھەممىمىزگە خوشاللىقلار يار بولسۇن!

گېرمانىيە فىزىكا جەمئىيتى
Deutsche Physikalische Gesellschaft e.V.
قىسقارتىپ: DPG

http://www.dpg-physik.de/index.html

تارىخى 1845-يىلىغا تۇتىشىدىغان بۇ جەمئىيەت دۇنيادىكى ئەڭ بۇرۇنقى فىزىكا جەمئىيتى ھەم 59000 ئەزاسى (2010-يىللىق سىتاتېستېكا) بىلەن ئەڭ چوڭى بولۇپ قالغان. بۇ جەمئىيەتكە نۇرغۇن داڭلىق ئالىملار ئەزا بولغان. ئالبېرت ئاينشتايىن، ھېرمان فون ھېلمھولتس، ماكس پلاڭك قاتارلىق گىگانىتلار پېرىزدېنتلىق ۋەزىپىلەر ئۆتىگەن، نۆۋەتتە بۇ جەمىيەتتە توققۇز نوبىل مۇكاپاتى ئىرىشكەن ئالىم بار. بۇ جەمىيەت ئاممىۋى جەمىيەت بولۇپ فىزىكىغا قىزىقىدىغان ھەممە كىشىلەرگە ئىچىۋىتىلگەن ھەم ئۇزۇن يىللاردىن بىرى پروفىسسورلار بىلەن ئوقۇغۇچىلار، ھەم كەڭ فىزىكا قىزىققۇچىلار ئارىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئۆتەپ، پەننى ئوقۇتۇش ھەم پەننى ئومۇملاشتۇرش، پىكىر ئالماشتۇرۇش سۇپىسى بولۇپ كەلگەن ھەم كىلىۋاتىدۇ. بۇ ئورگاننىڭ مەخسۇس ئىلىمى ژۇرناللىرى بولۇپ ئەزالارغا تارقىتىلىپ تۇرىدۇ. ھەر بىر ئەزا ئۆز ئورنى بويىچە ئەزالىق پۇل تۆلەيدۇ. ئاساسلىق چىقىملىرى دۆلەت، ئوبلاست ۋە ئىئانە قىلغۇچىلاردىن كىلىدۇ.

بۇ جەمئىيەتنىڭ بىر قەدەر چوڭ يىغىلىشلىرىدىن باھار يىغىلىشى دەپ ئاتىلىدىغان بىرى بار. بۇ ھەر بىر يىلدا بىر قىتىم بولۇپ ئاساسەن نورۇزنىڭ ئالدى كەينىدە بولىدۇ. پائالىيەت ئادەتتە 6 كۈن داۋاملىشىدىغان بولۇپ، ناھايتى كۆپ مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يىغىن ئورنى مۇقىم بولۇپ، بېرلىن تىخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى (TUB, Berlin)، غېگىنزبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتى (Regensburg)، درېزدېن تىخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى (TUD, Deresden) قاتارلىق ئۈچ شەھەردىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردا نۆۋەتلەشتۈرۈلۈپ ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئادەتتە ھەر قىتىمدا 6000 دىن 9000 غىچە تەتقىقاتچى، ئالىم، ئوقۇغۇچىلار قاتنىشىدۇ. ھەر قىتىملىق يىغىن كۈن تەرتىۋى ئاساسەن: ئەڭ چوڭ زاللاردا تەكلىپ قىلىنغان داڭلىق ئالىم-شەخىسلەر (نوبىل مۇكاپاتى لائۇرىيانتى دىگەندەك) لېكسىيە سۆزلەيدۇ، ۋاقتى ئۇزۇنىراق بولىدۇ، تەخمىنەن 45 مىنۇت، سۇئال سورالمايدۇ. ئوتتۇرھال زاللاردا تەكلىپ قىلىنغان ئۆز كەسپىدىن ياخشى نەتىجىلەرگە ئىرىشكەن ئالىملار لېكسىيە بىرىدۇ، ئادەتتە يىرىم سائەت ۋاقىت بىرىلىدۇ، ئاخىرىدا سۇئال سورىسىڭىز بولىدۇ. كىچىك زاللاردا دوكلات بىرىشقا تىزىملاتقان ھەرقانداق بىر ئەزا (ماگىستېر دوكتۇر ئوقۇغۇچى، دوكتۇر، دوكتۇر ئاشتى دىگەندەك) ئالدىن بېكىتىلگەن تېمىسىدىن دوكىلات بىرىدۇ. 15 مىنۇت ۋاقىتلا بىرلىدۇ، ھەم سۇئال سورالسا بولىدۇ. قاتناشقۇچىلار ناھايتى كۆپ بولغاچقا بىرلا ۋاقىتتا نۇرغۇن لېكسىيە-دوكىلاتلار ئوخشىمىغان سىنىپ-زاللاردا ئىلىپ بىرىلىدۇ. بۇنىڭدىن سىرىت يەنە بىرلا ۋاقىتتا تام قەغەز (تام گىزىتىدەك، ئۆزىڭىزنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىڭىزنى ئىخچام قىلىپ A0 فورماتتا چىرايلىق ئىشلەپ بەلگىلەنگەن ئورۇنغا چاپلاپ قويىسىز ھەم بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا زىيارەتچىلەرگە چۈشەندۈرىسىز، ئىنگىلىزچە Poster session) ۋە ھەر خىل كىتاب ۋە تەجىربە ئۈسكۈنىلىرى ئېكىسكۇرسىيەرلىرى ھەم ئۆتكۈزۈلىدۇ. مۇقىم چۈشلۈك تاماق ۋاقتى يوق. ھەر كۈنى ئەتىگەن 8:30 دىن كەچ 9 لارغىچە داۋام قىلىدۇ. يىغىن كۈن-تەرتىپىدىكى ئۇچۇر بويىچە ئۆزىڭىز قىزىققان خالىغان تېمىنى ئاڭلىيالايسىز. ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇش پۈتۈنلەي ئۆز ئەركىڭىزدە.

بۇ بىز ئۈچۈن مۇھىم يىغىن بولغاچقا ھەر يىلى پۈتۈن ئىنىستىتۇت بويىچە قاتنىشىمىز، بارلىق چىقىمىمىزنى مەكتەپ كۆتىرىدۇ. ھەم ھەر قىتىم يا تام-قەغەز ياكى دوكلات تەييارلاپ بارىمىز. بۇنداق پۇرسەتلەر يىلدا ئىككىدىن ئۈچ قىتىمغىچە كىلىدۇ. بۇلتۇر غېگىنىزبۇرگ شەھرىدە بولغان ئىدى. شۇنداق بانىلاردا كەچلىرى شەھەرنى خىلى كۆرۋىلىش پۇرسىتىمىز بولىدىكەن. بۇ شەھەرنىڭ كونا شەھەر رايونىدا تارىخى مىڭ يىلدىن ئاشىدىغان قۇرۇلۇشتىن ناھايتى كۆپ بولۇپ ئۆزىنىڭ قەدىمىيلىكى ۋە قۇرۇلۇش ئالاھىدىلىكىنىڭ كۆپ خىللىقى بىلەن UNESCO دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى جايى دەپ نام بىرىلگەن.شەھەردە قەھۋەخانا، ئېچىملىكخانا قاتارلىقلار ناھايتى كۆپ ئىكەن، ھەم ساياھەتچى ۋە ھەر ساھەدىكى بايلارنىڭ داۋاملىق كىلىپ تۇرىدىغان جايى نامىدا مەشھوركەن.

غىگىنزبۇرگ، دوناي دەريا ئۈستىدىكى قەدىمى كۆۋرۈكتە

غىگىنزبۇرگ شەھرى ، دوناي دەريا ئۈستىگە سىلىنغان قەدىمى كۆۋرۈك

بۇ يىللىق يىغىنىمىز درېزدېندا ئۆتكۈزۈلدى، بۇ شەھەر شەرقى گېرماندىكى ئەڭ چوڭ شەھەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ كىشىلىرى ئىشچانلىقى ھەم قوپاللىقى بىلەن مەشھۇركەن. نۇرغۇن تارىخى قۇرۇلۇشلار ئۇرۇشتا ۋەيران قىلىنغان بولۇپ كىيىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپتۇ. ئەڭ داڭلىقى ئاياللار چېركاۋى دەپ ئاتالغان چېركاۋ بولۇپ 13 يىل سەرىپ قىلىنىپ 2005-يىلى پۈتۈپتۇ. قۇرۇلۇشقا 180 مىليون ياۋرۇ خەجلەنگەن بولۇپ ئاساسەن پۈتۈن دۇنيادىن كەلگەن ئىئانىلەر بىلەن قايتا قەد كۆتۈرۈپتۇ. بۇ شەھەر ھازىر يەنە ياۋرۇپانىڭ ”سىلىتسىي جىلغىسى“ دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، AMD قاتارلىق نۇرغۇن ئىلېكتىر شىركەتلىرىنىڭ زاۋۇتلىرى ھەم تەتقىقات يۇرتلىرى باركەن. دېرىزدىن تىخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىمۇ گېرماندىكى داڭلىق مەكتەپ بولۇپ 1828-يىلى سىلىنغان، ھازىر 30 مىڭدىن ئوشۇق ئوقۇغۇچىسى بار كاتتا مەكتەپ ھىسابلىنىدۇ. راست بۇ مەكتەپتە ھازىر يىڭىلا پۈتتۈرگەن ۋە ئوقۇۋاتقان بىر جۈپلەر بار، يىغىن بانىسىدا ئۇلارنىڭ ئۆيىدە ئوماق قىزى قەدىريەنىڭ تاتلىق قىلىقلىرىدىن ھوزۇرلانغاچ لەغمەن يىيىش نىسىب بولدى.

دېرىزدېن تىخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى

درېزدېن تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى

نوبىل مۇكاپاتى ئالغان گېرھارد ئ‍ەرتېل ئەپەندى لېكسىيەدە

نوبىل مۇكاپاتى ئالغان گېرمانىيىلىك ئالىم گېرھارد ئەرتېل لېكسىيەسىدە

دېرىزدېن شەھرىدىن بىر كۆرۈنۈش

درېزدېن شەھرى

 

بۇ مەكتەپنىڭ كۈتۈپخانىسى ماڭا بەكلا ياراپ كەتتى، كۆلىمى بەك چوڭ بولۇپ ئىچى شۇنچىلىك قەدىمى ھەم تېنىشىپ

قالغۇدەك دەرىجىدە چوڭ ئىكەن. كۆپىنچە يەرلىرىگە گىلەم ياتقۇزۇلۇپتۇ، ھەر قانداق ئادەم كىنىشكىسىزلا كىرەلەيدىكەن. بىر كىرىپ قالسىڭىز شۇنداق ئۈگىنىش قىلغۇڭىز كىلىپ كىتىدىكەن، ئادەمنىڭ چىققۇسى كەلمەيدۇ.

 

كۈتۈپخانىدىكى قەدىناسلار

كۈتۈپخانىدىكى بىر جۈپ قەدىردانلار، ئەدەبسىزلىك بولسىمۇ بۇ ئوماق كۆرۈنۈشنى تاتماسلىققا چىدىمىدىم

 

باھار ئېيىنىڭ 21-كۈنى نورۇز ھارپىسىدا يىزىلدى

2011-يىل، ئۇلم

oghuzkb

بۇ يازما ئۇنىۋېرسال, ئۇيغۇر + ياۋرۇپا, چەتئەلدە ئوقۇش كاتېگورىيىسىگە يوللانغان ھەم , دەپ خەتكۈشلەنگەن. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈشلىۋېلىڭ.

گېرمانىيە فىزىكا جەمئىيتى ئۈچۈن 3 ئىنكاس بار

  1. شەبنەم مۇنداق يازغان:

    سالام!
    بۇ يلقى يىغىن مۇ؟ كەلگۈسىدە نوبىل مۇكاپاتى سەھنىسىدە سىزنى كۈرىمىزكەن دە :) اللا شۇ كۈنلەرگە يەتكۈزگەي!!!

    • ئاچىنۇق مۇنداق يازغان:

      ۋائەلەيكۇم سالام!

      ياقەي، بىر نەچچە يىل بولدى. شەخسەن نوبېل مۇكاپاتىدىن تامايىم يوق، توغىرسى مەندە ئۇنداق ئىمكان يوق، كىشى يەنىلا ئۆزىنى دەڭسەشنى بىلگىنى ياخشى. ئۆزەمنىڭ قولىمدىن قانچىلىك ئىش كىلىدۇ ئۆزەمگە ھەممىدىن ئىنىق، بولسا مۇئەللىم بولغۇم بار.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong> <img src="" alt="" class="" width="" height="">

https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_bye.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_good.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_negative.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_scratch.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wacko.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yahoo.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cool.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_heart.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_rose.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_smile.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_whistle3.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yes.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cry.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_mail.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_sad.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_unsure.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wink.gif