خاتىرەمدىن ئۈزۈندىلەر

خاتىرەمدىن ئۈزۈندىلەر (ئوتتۇرا مەكتەپ قىسمى, 1993-يىلىدىن 1999-يىلىغىچە)

ئىنسان شەيتان ئازدۇرغان تەڭرىدۇر. ئۆز – ئۆزى بىلەن كۈرەش قىلىپ، شەيتانىي نەپسىنى يىڭىش—ئىنساننىڭ ئەسلىدىكى ئىلاھىي ماھىيەتلىرىگە قايتىشتىكى ئاساسى مەشىق ۋە پائالىيەت.
—-ئەھمەد يەسەۋى

شەرىئە ئىزلىسەڭ ئۆلتۈر يىلاننى،
تەرەققەت ئىزلىسەڭ ئاغرىتما جاننى.
كۆپ يۈزلۈك ئادەمدىن يوق ساڭا ۋاپا،
ئاگاھ بول ئۆز-ئارا تۆكمىگىن قاننى.
—-ئا. ئۆتكۈر

باتۇرانە ئالغا

نەدە تۇرما، قازغىن شۇ يەرنى!
تەكتىدە بار مۇزدەك بۇلاقلار!
ئىشەنمىگىن نادانلار ئىېيتسا،
”ئەڭ تەكتىدە ۋەيلۇن دوزاخ بار!“
—-نېتزى

كۆزۈم كۆرمەي دەپ تۇرۇپ كۆردى، كۆزۈم كۆرگەندىن كىيىن كۆڭلۈم ھەۋەس قىلدى. مېنى مۇشۇنداق زار قىلغان ئاشۇ رەسىۋا كۆڭلۈم، ئالدامچى كۆزۈم…
—-نەۋائى
تۈركى تىللار دىۋانى، 1-توم
61-بەت
ئوچ-كەكنى ھەممە كىشىنىڭ باشقىلار ئۇستىدىكى ئېلمى (دەپ) بىل، ياخشىلىقنى قولۇڭدىن كىلىشىچە كوپ قىل.
64-بەت
زامان ئۆتەر، كىشى تۇيماس،
ئادەم بالىسى مەڭگۈ قالماس.
66-بەت
كوز نۇرۇم (سويگەن يارىم) كەتتى، ئۇ مىنىڭ روھىمنىمۇ ئوزى بىلەن بىللە ئېلىپ كەتتى. ئەمدى ئۇ قەيەرلەردىكىن؟ (ئۇنىڭ پىراقىدىن) كوزۇمگە ئۇيقۇ كەلمەيدۇ.
77-بەت
ئەي ئوغلۇم، مەندىن ئۇگۇت-نەسھەت ئال، ئەدەپلىك ۋە تەرتىپلىك بولۇشقا تىرىش، تاكى ئەل ئىچىدە ئولۇغ ئالىم بولوپ، ئەدەپ ۋە ئىلم-ھىكمەت تارات.
88-بەت
قارا مەڭلىك قىزىل يۇزلىرىدىن گۇزەللىك تېمىپ تۇرىدىغان خۇمار كۆز مېنى ئەسىر قىلىدۇ، ئەسىر قىلىدۇ-دە يەنە قىچىپ كېتىدۇ.

———–##————-##—————-

ئاسمان ۋە زېمىندا بارنىڭ بارلىقى،
ئادەمنىڭ پىكرىدىن ئەمەس تاشقىرى.
—-نىزامىي گەنجەۋى
دانا سۆھبىتىدىن قاچمىغىن ئەسلا،
ئۆتكۈزەر تىلمۇ تەسىرىنى ساڭا.

نادان بولغىنىدىن ساڭا دوست ئورتاق،
دانادىن دۈشمىنىڭ بولغان ياخشىراق.
—-ناسىر خىسراۋ
ئادەمدىن يۇقۇرى تۇرىدۇ ئالەم،
بىلىم توپلىماققا مۇھتاجدۇر ئادەم.
—-ئەبەيدۇللا رۇداكىي
مەرد بولساڭ ۋەتەننى قىلغىن ھىمايەت،
قان بىلەن يۇيۇلسۇن گۇناھ جىنايەت.
—-ئوبۇلقاسىم لاھۋىتىي
ھېچبىر گەپ قالمىدى مەلۇم بولمىغان،
بەكمۇ ئاز سىر قالدى مەپھوم بولمىغان.
لېكىن، بىلمىدىم ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىسام،
بىلدىمكى، ھېچ نەرسە مەلۇم بولمىغان.
—-ئەبۇ ئەلى ئىبىن سىنا
ئەقىل <<ئۈچىنچى كۆز>> نىڭ ئېقى بولسا، ھېسسىيات ئۇنىڭ قارچۇقىغا ئوخشايدۇ. بۇلارنىڭ دېئالىكتىك بىرلىكى مەڭگۈ دەۋر قىلىپ، <<ئۈچىنچى كۆز>> نىڭ ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ.
##
تەبئى ئىلىپ بېرىلغان ھەرىكەت ھامان گۈزەل، نورمال ۋە ساپ كىشىلىك ھايات ھەممىدىن بۈيۈك، پىكىر قىلۋاتقان تىرىك كاللا ھەر قانداق قامۇستىن ئۇلۇغ!
##
ھەقىقى بىر پارچە شئېىر قان بىلەن يىزىلىدۇ. ئوقۇرمەن ئۇنى ئوقۇش ئۈچۈن ھېچ بولمىغاندا تەر ئاققۇزۇشنى بىلىش كېرەك. كىتاب ئوقۇش– باغ سەيلىسى ئەمەس!
—-ئا. جالالىددىن، ئەقىل مىۋىسى ۋە شەيتان ناملىق كىتابىدىن
گۈزەللىك ئەقلىيلىك بىلەن ھېسسىيلىقنىڭ بىرلىكى، بۇ خىل بىرلىك ھەققى چىنلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
—-شېللىر
مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرغان جايدا، كىشىلەرنىڭ ئۆز ۋەتىنى، خەلقى ۋە تارىخىغا نىسبەتەن قىزغىن مۇھەببەت قالمايدۇ، شۇنداقلا ئارمىيە، جەڭچىلەردىمۇ باتۇرلۇق ۋە ئۆز-ئۆزىنى قۇربان قىلىشتەك مىللى روھ ئۆلىدۇ. ئۆزلىرىنىڭ شانلىق تارىخىنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويغاندا، پۇقرالار ئۈستىبېشى جۇل-جۇل، ئاچ-يالىڭاچلىقتا قالغان سەرگەردانلارغا ئايلىنىدۇ. مۇنداق كىشىلەردە قورساق تويغۇزۇشتىن باشقا ئىستەك بولمايدۇ.
—-تورىم (ئىسكەندەرنىڭ گېنىرالى)

خۇشاللىق —-گۈزەل ئەخلاقتا. —-ستوكىزىمچىلار تەشەببۇسى

###

كۈچلۈك بوران ئۆزىنىڭ يۈكسەك دولقۇنلىرى بىلەن سۇ يۈزىدە ئۆركەشلىرىنى پەيدا قىلىپ، مىڭ خىل نەقىشلەرنى پەيدا قىلىدۇ. بۇ نەقىشلەر دەممۇ-دەم يوقىلىپ يەنە مىڭ تۈرلۈك دولقۇنلار پەيدا بولۇپ تۇرىدۇ. ئەگەر سەن بۇ ھادىسىگە ياخشى نەزەر سالساڭ، دىڭىز دولقۇنلىرىدا تۇراقلىق بىر مەۋجۇدلۇقنىڭ يوقلۇقىنى كۆرىسەن، چۈنكى ئۇ ھامان دېڭىز يۈزىدە يوقىلىپ تۇرىدۇ. دېڭىزدىن باشقىنىڭ ھەممىسى يوقالغۇچىدۇر.

ئەنە شۇ چەكسىز دېڭىز ھەق ۋۇجۇدىدىن ئاددى بىر نەمۇنىدۇر. ئۇنىڭ يۈزىدىكى دولقۇن ۋە ئۆركەشلەر بولسا، بۇ ئالەمدىكى تۈرلۈك-تۈمەن نەرسىلەردىن ئىبارەتتۇر. مەنە ئەھلىلىرى ئىتراپ قىلىدىغان بۇ ئون سەككىزمىڭ ئالەم ئېچىدە قانداق نەرسە بولۇشىدىن قەتئىنەزەر ئۇلارنىڭ ھەممىسى كۆرۈنۈشتىكى شەكلەن مەۋجۇتلۇق بولۇپ، شەكلى جەھەتتىلا كۆزگە چېلىقىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگىدۇر… ئەگەر ھەربىر كىشىدە ئەقلىدىن ئەسەر بولسا شۇنى بلىسۇنكى، بۇ ئالەمدىكى ئەزەلدىن تا ئەبەدكىچە بولغان ھەممە نەرسە مەۋجۇتلۇققا ئىگە ئەمەس، پەقەت شەكىل جەھەتتىن كۆرۈنۇشكىلا ئىگە.
—-ئەلىشىر نەۋائى
##
ئەي قەدىردانىم جانان قىز! سىز مىنى زادى چىن كۆڭلىڭىزدىن سۆيدىڭىزمۇ؟ مېنىڭ ۋىسال ناخشامغا ھەمجۆر بولالامسىز؟!… ھىجران سىنىقىغا بەرداشلىق بىرەلەمسىز؟!… ھىجران—ئازابنىڭ سىناق مۇساپىسى، چىن مۇھەببەتنىڭ ھەققى يارقىن ئىلھامچىسى!…
—-<<قاينام ئۆركىشى>> دىن
ساناقىسىز مەرد قېنىدىن بولدى ھاسىلكى قىزىل دەريا،
سەۋەب ئەگەر نومۇس بولغاچ ۋەتەنسىز ياشىماق تەنھا.
—-سايرامى
ئەقىل ئىگىسى بولاي دېسەڭ، نەپسىڭگە قۇل بولما.
—-مۇھەممەت ئىبنى ئابدۇللا خاراباتى
ئۇيقۇ—ئۆلۈمنىڭ مۇقەددىمىسىدۇر، بۇ زامان تەنبىھ ۋە ئاگاھلاندۇرۇش زامانىدۇر، غەپىلەت ۋە بىپەرۋالىق زامانى ئەمەستۇر. —-ئابدۇقادىر داموللام

مەدەنىيەتنىڭ بۈيۈك ۋەزىپىسى ئادەمنى پىكىر قىلىشقا ئۈگىتىشتۇر.
—-ئىدىسون
ئۆزىنى-ئۆزى قۇتقۇزۇشقا تىرىشمىغان قەۋىمنى ئاللاھمۇ قۇتقۇزمايدۇ.
—-ھەدىستىن
روھ دېگەن نېمە؟ ئۇ ئەقىلمۇ، كۆڭۈلمۇ ئەمەس، بەلكى ئۇ بىرلىكنى ئالاھىدلىككە قوشۇش، ئالاھىدلىكنى بىرلىكتە كۆرۈش ئىشتىياقىدۇر. بەلكى ئۇ ئۆزىنى، ئالەمنى بىلىپ، دائىم چوڭقۇرلاش ۋە ئالغا بىسىش، يېڭى-يېڭى مۇھىتلارنى ئىگلەپ، پۈتۈن تاشقىي-زاھىرىي ئالەمنى ئۆز ئىچكى ئالىمىگە ئايلاندۇرۇش، ئۆز ئىچكى-باتىنى ئالىمىنى تاشقى ئالەم بىلەن قوشۇپ بىر پۈتۈن قىلىش خاھىشىدۇر.
—-جالالىددىن رۇمى
ھەر كۈنى چىللايدۇ خوراز: تاڭ ئاتتى،
كالېندار بېتىگە بىر رەقەم قاتتى.
كۈن بويى، يىل بويى بىر خىللا ئۆتكەن،
نادانلار قەۋمىدىن بۇ بېشىم قاتتى.
—-ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن

دىمىگىن دۈشمەننىڭ بەتتىسى ياخشى،
ئۇنىڭدىن دوستۇڭنىڭ زاغرىسى ياخشى.
دۈشمەننىڭ ”تاتلىق سۆزى“ ، ناز كۈلكىسىدىن،
دوستۇڭنىڭ دەشمىنى، تەنىسى ياخشى.
—-سەيپىدىن ئەزىزى
بۆرە ئۆزىنىڭ توپلىشىپ ھەرىكەت قىلىش، ئوۋدىن يانماسلىق، سەزگۈرلۈك، قەيسەرلىك ۋە كۆنمەسلىك قاتارلىق ئالاھىدلىكلىرى بىلەن مەۋجۇد بولۇپ تۇرىدۇ.
—-xxx
تۇزەلمەك تىلەسەڭ، ھۋەس بوينىن كەس،
تۇزىلۇر ئەگىرلىك گەر ئولسە ھەۋەس.
—-5474-كۇبلېت، قۇتادغۇبىلىك
تارىخ خاتا يېزىلغان بولىدۇ، شۇڭا ئۇ تەكرار قايتا يېزىلىدۇ.
—-ۋولتېر
يىلان ئادەملەر ۋىژىلداپ كۆيۈۋاتقان دوزاخ ئوتىغا تەمەچ توشۇپ، تەمەچ تاشلايدىكەن، قارلىغاچ شىددەتلىك دوزاخ ئوتىنى ئۆچۈرىمەن دەپ ئاغزىدا سۇ توشۇپ چاچىدىكەن. —ئەي، قارلىغاچ، تامچە-تامچە سۇ بىلەن بۇ ئوتنى قانداقمۇ ئۆچۈرەلەيسەن؟—دەپ سورالغاندا، قارلىغاچ:—ئىنساننىڭ ئازابىنى چۈشىنىش مېنىڭ ئەقىدەم، قانداق بولمىسۇن ئۆز ئەقىدەم يولىدىكى ھەركىتىمدىن زىيادە لەززەت تاپىمەن—دەپ جاۋاب بەرگەن.
—-ئا.جالالىددىن <<ئەسىر ئاخىرىدىكى ئويلار>>
…ئادەملەرنى قەسەم باغلىيالمايدۇ، ئەگەر ئۆزىڭىزنى بىرەر غايە قورشىۋالغىنىنى سەزسىڭىز، سەزگەندىمۇ چوڭقۇر سەزسىڭىز، شۇنىڭ ئۆزى كۇپايە. —-ئى.ل.ۋويىنچ

كەڭلىكنى سۆيگەن ئەقىل يۈرەكنى سىقار…
—-ئا.س.پۇشكىن
كىمكى قىلىچنىڭ قارا دەستىسىنى تۇتۇشنى خالىمىسا، ئۇنىڭ ئۆتكۈر تىغىغا دۇچ كىلىدۇ.
—-ۋ.گ.يان

ھايات مەن ئۈچۈن ھەممىدىن قىممەت،
ھاياتتىنمۇ قىممەتتۇر مۇھەببەت،
ۋە لېكىن كېچىمەن ھەر ئىككىسىدىن،
ئەركىنلىك، ئازاتلىق ئۈچۈن مەن پەقەت.
—شاندور پېتوفى

”توي-نىكاھ رىسالىسى“ دىن:
<<… يىگىتكە تەلەپ:
ئەي يىگىت، بىر ئۆمۈر ئاگاھ ۋە ۋاقىپ بولۇڭكى، مەھبۇبىڭىزدىن بىرۇخسەت نېرىسى ئۈچ ئايلىق، يېقىنى ئۈچ كۈنلۈك سەپەرگە تاشلاپ كەتمىگەيسىز. ئۈچ مەرتىۋە قەستەن گۇناھ سادىر قىلمىغۇنچە بىر زەررە (تاك ئېتىپ) چەكمىگەيسىز. ئۆمۈرۋايەت خارلىق-خۇۋاھلىقتا، پەقىرچىلىكتە، پۇغان-ئەلەمدە قالدۇرمىغايسىز.سەۋدايى غەزەپ، ناشايان گۇمان بىلەن ۋە ياكى مەسىت-بىھۇشلىقتا نىيەت بۇزۇپ گۇناھى پاكىتسىز ”تالاق“، تۆھمەت قىلمىغايسىز…
قىزغا تەلەپ:
ئەي مەزلۇمە، ئاگاھ ۋە ۋاقىپ بولغايسىزكى، كىيويىڭىزنىڭ ئىككىلا ئالاملىك ھەققى-نىسىۋىسىگە، مىھرىگە قارا سانىمىغايىسىز. نامەھرەمگە قارىمىغايسىز. ئەرنىڭ ھالال ئەمرى، لەۋزى، ئەرلىك ھۆرمىتىگە مۇخالىپ ھەۋەسكە، شەيتان ۋەسۋەسىسىگە بىرىلمىگەيسىز. بولغۇسى پەرزەنتلەرنى ئۆز ئەجدادى ئىزىدىن تايمايدىغان، ۋاپادار، تەن دۇرۇسى، مۇسۇلمان، ئەھلى ۋەتەن، ھالالچى، ئىشچان، ئەدەبلىك…ئادەم قىلىپ ئەۋلادى خىللىقنى ۋە ئەۋلادى پاكلىقنى…ئادا قىلغايسىز…

شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژۇرنىلى 1995-يىل 2-سان، 62-بەت

بۇ يازما ئۇنىۋېرسال كاتېگورىيىسىگە يوللانغان. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈشلىۋېلىڭ.

خاتىرەمدىن ئۈزۈندىلەر ئۈچۈن بىر ئىنكاس بار

  1. انار مۇنداق يازغان:

    You left and I cried tears of blood. My sorrow grows;It’s not just that you left. But when you left my eyes went with you. Now, How will I cry? -Mevlana Rumi :)

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong> <img src="" alt="" class="" width="" height="">

https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_bye.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_good.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_negative.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_scratch.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wacko.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yahoo.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cool.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_heart.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_rose.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_smile.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_whistle3.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yes.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cry.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_mail.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_sad.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_unsure.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wink.gif