سەن
سەن كېلىسەن،
خۇشخۇي ھېدىڭ،
مەستخۇش قىلىپ خىياللىرىمنى،
يۈرەك سۆزلىرىم
قالىدۇ توختاپ، تېنالماستىن.
سەن كېتىسەن،
ئوماق سىياقىڭ،
كۆز نۇرۇمدىن ياساپ يوللارنى،
يىگانە جىسمىم
قالىدۇ تىمتاس، تېڭىرقاشتىن.
2000-يىلى يېزىلغان، 2010-يىلى ئاخرقى قىتىم ئۆزگەرتىلگەن
oghuzkb قەلىمى
ئۈرۈمچى — ئۇلم