پەرزەنت تەربىيىسى ھەققىدە

Aliplar.com دىكى نۇر تورداشنىڭ «بالىلارنى ئوقۇشقا قانداق يېتەكلەش كېرەك؟» ناملىق يازمىسىنى ئوقۇغاندىن كىيىن:

ئەتراپىمىزدىكى دۇنيا شۇنداق مۇرەككەپلىشىپ كىتىۋاتىدۇ، بەزىدە بەكلا ئەنسىرەپ قالىمەن، كەلگۈسىدە پەرزەنتلىرىمىزنى (خۇدايىم بۇيرۇپ بەرسە) قانداقمۇ تەربىيلەرمىز دەپ. بۇنىڭغا راستىنلا ئىزدەنمەي بولمايدۇ… كىچىكىمىزدە بەك ئەركىن چوڭ بولۇپتىكەنمىز، بىر دەم سۇغا چۆمىلەپ، بىردەم بىلىق-پاقا تۇتۇپ، بىر دەم كالا-قوي بىقىپ، بىردەم ئات مىنىپ دىگەندەك، ئىشقىلىپ جىق نەرسىلەرنى كۆرەتتۇق. بىرەر يەردە توپ تىپىۋىتىپتۇ دىسە كەنىت ئاتلاپ باراتتۇق. ئۆيدىكىلەرگە دېمەي دەرىستىن قىچىپ تاققا چىقىپ راۋغاش تېرىپ يەتتۇق ياكى جاپاكەش ئاپىمىزنى ئاز بولسىمۇ خوش قىلىش ئۈچۈن ئۇزۇن يول بىسىپ بۆلجۈرگەننىڭ ئەڭ ياخشىسىنى تىپىپ كىلەتتۇق. بالا ۋاقتىمىزنى بالىدەك، ئۆسمۈر ۋاقتىمىزنى ئۆسمۈردەك ئۆتكۈزگەن ئىدۇق. ئاتا-ئانىمىزمۇ ھىچ زامان بىزنى ئوقۇشقا مەجبۇرلىمايتتى، مۇئەللىم دەپتىرىمگە داداڭ كۆرسۇن دەپ يوغان قىزىل قەلەملىرى بىلەن تەنقىدلەپ خەت يىزىپ قويغاندىمۇ دادىمىز كۆرۇپ بىزگە كايىش ئورنىدا بىر خىل خىجىللىق بىلەنلا قاراپ قويغان ئىدى. بىراۋنىڭ ئالدىدا بىزنى ماختىمايىتتى، ئوشۇق-تۆشۈك ئەركىلەتمەيىتتى، خەقتىن تاياق يەپ كەلسەك ئاپاممۇ داداممۇ ئارلاشمايىتتى، گۇناھ چوقۇم ئۈزەڭدە دەيىتتى، گەرچە تۈزۈك ئىلمى تەربىيە كۆرمىگەن، ئۆمىرىدە بىر تۈزۈك كىتاب ئوقۇمىغان بولسىمۇ بىلىپ بىلمەي بىزنى شۇنداق ياخشى تەربىيلەپتىكەن. دادام ئۆيدە نىمە بۇزۇلۇپ قالسا ئۆزىلا ياسىۋالاتتى، دادامغا قاراپ بىزمۇ ئۈگىنىۋالاتتۇق، ئىشلارنى بىللە قىلغاچقا، تۇرمۇش تەجىربىلىرىنىمۇ ئۈگىنىۋالاتتۇق. ئۆزىمىزنىڭ ئىشقا يارايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن نىمىلا ئىشقا بۇيرىسا قىلىۋىرەتتۇق، دادام ئىشقا تەلەپنى بەك قاتتىق قوياتتى، رازى قىلىش ئۈچۈن راۋرۇس تىرىشاتتۇق، شۇنداقتىمۇ خوش بولغىنىنى بىلدۈرمەيتتى، پەقەت ئاپامدىن ”ئوغىرلىقچە“ ئاڭلىۋالاتتۇق. ئاپام بولسا بىزنى مۇستەقىل ئىش قىلىشقا بەكلا ئىلھاملاندۇراتتى، بىزنى ياخشى كۈننىڭ يامىنى بولوپ قالسا قىينىلىپ قالامدۇ دەپ ئويلامدۇ ئىشقىلىپ، ھەممە ئىشىڭنى ئۈزەڭ قىلالايدىغان بول دەيىتتى. شۇ يۇسۇندا ”ئالداپ-سالداپ“ يۈرۈپ بىزنى ئۆزىگە ياردەمچى قىلۋالاتتى. ھەم ئۆزىگىلا خاس شۇنداق بىر تاتلىق يوسۇندا قىلغان ئىشلىرىمىزنى ماختاپ بىزنى خوش قىلۋىتەتتى.

ئۇ زامانلاردا گەرچە تۇرمۇش سەۋىيە ھازىرقىدىن كۆپ تۆۋەن بولسىمۇ كىشىلەردە ئۇنچىلىك زور مۇھتاجلىق يوق ئىدى، پەرزەنتلەرنىڭ كاللىسىدا يوقسۇزلۇقتەك ئۇقۇملار تۇتۇق ئىدى، كىشىلەر ھەم ئاددى-ساددا، جامەلەردە ئەخلاق تەربىيىسى ھەم كۈچلۈك ئىدى…

ئەمدى ھازىرغا قارايلى: مۇھتاجلىق شۇنچىلىك ئىغىركى، تۇرمۇش بىسىملىرى ياش ئاتا-ئانىلارنى بالدۇرلا سەپرا مىجەز قىلىپ قويغان، ئۆيدە جىدەل تولا، بىز 17 ياشقىچە ئاڭلىمىغان سەت گەپلەرنى ھازىر بالىلار بۆشۈكىدىلا ئاڭلايدۇ. ئاتا-ئانا ئىككىلا تەرەپ سىرتلاردا ئىشلىگەچكە ئۆز بالىسىغا بولغان تەربىيە ۋاقتى شۇنچىلىك قىسقا. پەرزەنتلەر خۇددى يىتىم بالىدەك بىر دەم ئۇ مومىسىنىڭ ئۆيىدە بىردەم بۇ بوۋىسىنىڭ ئۆيىدە قاچان ئۆيگە كىتىمىز دەپ كۈن ساناپ يۇرگەن. يەنە بىر مەسىلە، پىلانلىق تۇغۇت سەۋبلىك پەرزەنتلەر ھەم شۇنچىلىك ئەتۋارلىق بولوپ كەتكەن، پەرزەنتلەرنى مۇستەقىل ئىش قىلىشقا يىتەكلەش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىنچە “ سىنىڭ راست بالام “ لىق خاھىش ئىغىرلىشىپ كەتكەن، نەتىجىدە ئۇ پەرزەنتكە مۇئەللىمنىڭ تەربىيىسىمۇ ئۆتمەس بولوپ قالغان. جەمىيەت ئۆزگەرگەن، ئەنئەنىۋى ئەخلاق تەربىسى يوقىلىش گىردابىدا. كىشىلەر ھەم شۇنداق مۇرەككەپ، غەلىتە تېلۋىزىيە پروگراممىلىرى غەلىتە ئىلانلار بىلەن قوشۇلۇپ پەردە-شەپ دىگەن ئۇقۇمنى يوق قىلۋەتكەن. ئوقۇشتىكى بىسىم، يۇقۇر نۇمۇر ئىلىشنى بىردىنبىر مەقسەت قىلغان ”مائارىپ“ ئۆسمۈرلەرنى ئاللىقاچان مەكتەپتىن سەسكەندۈرۋەتكەن. ئەمدى تور ئومۇملىشىپ كەنتلەرگىچە كىرىۋاتىدۇ، يامان بولىمەن دىگەن ئادەمنى ئىككى كۈندىلا ۋايىغا يەتكۈزىدىغان بۇ نەرسىنىڭ شەيتىنى ھەم شۇنچىلىك كۈچلۈك. ئەنەنىۋى ئەخلاقىمىزدىن ئانچە مۇنچە تەربىيە بىرىدىغان مەسچىتلەرنىڭ ئىشىكى ئۇلارغا يىپقىلىق…

دىمەك بىز دۇچ كىلىۋاتقان پەرزەنت تەربىيىسى مەسلىسلى ھەرقانداق دەۋىردىن ئىغىر ھەم قىيىن كۆرۈنىدۇ. ياش ئاتا-ئانىلار بۇنىڭغا چوقۇم دىققەت قىلىشى كىرەك. ئەلۋەتتە جەميەتتىكى نۇرغۇن نەرسىلەرنى، مائارىپتىكى تۈزۈلمىلەرنى ئۆزگەرتىش ئۇنچىلىك ئاسان ئەمەس. لىكىن قۇربىمىز يىتىدىغىنى ئائىلىدىكى تەربىيە. قانداق قىلىپ ئەتراپلىق تەربىيە ئىلىپ بىرىش، ئۆز پەرزەنتلىرى بىلەن بىر مۇھەببەتكە تولغان ئىللىق ئائىلە مۇھىتى قۇرۇش بەكمۇ تەس بولمىسا كىرەك، ئۆز پەرزەنتىمىزنىڭ كەلگۇسى بولغان ئىكەن، تەس بولسىمۇ قانچىلىك تەر تۆكسە ئەرزىيدىغان ئىشتە، ئەگەر بۇنچىلىك ئىشقىمۇ چىدىمىساق، يەنە پەرزەنت كۆرۈشنىڭ ئورنى بارمۇ؟! ھەر قىتىم يۇرتقا كەلگىنىمدە نۇرغان ياش ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆيلىرىنى يوقلايمەن، ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى تەربىيلەش يوللىرى، ئۇسۇللىرى دىققىتىمنى تارتماي قويمايدۇ. نەزىرىمدە كۆپىنچىسى بۇ جەھەتتە پۈتۈنلەي لاياقەتىسىز، يەنى ئۇلار ئەڭ ئاساسى پىدگوگىكا قائىدىسىنى بىلمەيدۇ. بالىلار پىسخولوگىيەسىدىن ئەسلا خەۋەرسىز. لاياقەتسىز ئاتا-ئانىلارنىڭ بۇنداق كۆپلەپ مەيدانغا كىلىشىدەك بۇنداق ھادىسە زادى كىمنىڭ مەسئۇليىتى ھەققىدە ئويلىشىپ كۆرۈشۈمىز، ھەم بۇ خىل مىللەتنىڭ كەلگۇسى تەقدىرىگە تاقىلىدىغان بالا تەربىيلەش مەسىلىلىرىگە ۋاقتىدا دىئاگونۇز قويۇپ ۋاقتىدا داۋا ئىزدەش بىزگە ئوخشاش كەلگۇسىدىكى مائارىپچىلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى دەپ ئويلايمەن.

بۇ يەردە گېرمانيدە كۆرگەن-بىلگەنلىرىمنى ئازىراق قىستۇرۇپ ئۆتەي: نىمىسلار پەرزەنت كۆرۈشنى بەك چوڭ ئىش دەپ بىلىدىكەن. پەرزەنت بولدىمۇ، بىر تەرەپ ئامال بار ئىشلىمەيدىكەن، ئۆزىنى پەرزەنت تەربىيىسىگە ئاتىۋىتىدىكەن. ھۆكۈمەتتىنمۇ تاكى توغۇلۇپ 18 گە كىرگىچە ھەر بىر بالىغا ئاتاپ پۇل بىرىدىكەن (خىلىلا جىق بىرىدىكەن، بالا قانچە كۆپ بولسا شۇنچە كۆپ بىرىدىكەن)، ھەم سىزنىڭ تاپقان كىرىمىڭىزدىن باجنىمۇ ئاز تاپشۇرىدىكەنسىز.

ھەر ھەپتە ئاخىرىدا ھەممە ئاتا-ئانىلار(كۆچمەنلەر بەك ئەمەس) بالىلىرى بىلەن بىللە شەھەرنى(توغرىسى شەھەر ئەتراپىدىكى مۇھىتى گۈزەل يەرلەرنى) پىيادە ياكى ۋەلىسپىتلىك ئايلىنىدۇ. بالىلىرى بىلەن توپ ئوينايدۇ، لەگلەك ئۇچىرىدۇ. بىللە كىنو كۆرۈپ كىلىدۇ. باشلانغۇچىتىكى بالىلارنىڭ ۋاقتى ھەممىدىن كۆپ، ئاساسەن چۈشتىن كىيىن ئوقۇمايدۇ. ئۇنداق ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ قىزىقىشى بويىچە شەھەردىكى مەخسۇس رەسىم كۇرىسلىرى، بالىت سىنىپلىرى، مۇزىكا مەكتەپلىرى، تەنھەركەت كۇلۇبلىرىغا بىرىپ مەخسۇس ئۈگىنىدىكەن. قانداق قىزىقىشىنى تاللاشمۇ بالىنىڭ ئۆز ئەركىدە بولىدىكەن، ئاتا-ئانىسى زورلىمايدىكەن، بولمىسا مۇئەللىملىرى ئۇنىمايدىكەن. ئۆتكەندە مۇشۇ يەردە تۇرۇپ قالغان بىر قېرىندىشىمىز 5 ياشلىق قىزىنى بالىت ئۈگەتكىسى كىلىپ شۇ مەكتەپكە ئاپارسا قىزى تازا ياقتۇرماپتۇ، ئاپىسى قىزىغا نەسىھەت قىلغانكەن، يىنىدىكى مۇئەللىمىسى بالىڭىز قىزىقمىسا بىز ئۈگەتمەيمىز، قاچان ئۆزى قىزىقسا شۇ چاغدا كەلسۇن دەپ قايتۇرۋىتىپتۇ. بۇ خەقنىڭ مۇشۇنداق مائارىپ سىستىمىسى بولغاچقا، سىز ئەتراپىڭىزدىكى خىزمەتداش ياكى مۇئەللىملىرىڭىزگە قارايدىغان بولسىڭىز، ئۆز كەسپىدىن سىرىت ھامان بىر ھۆنىرىنىڭ بارلىقىنى بايقايسىز.

گىرمانيدە چوڭ بولۇۋاتقان ياش-ئۆسمۈرلەرنى تەخمىنى ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈش مۇمكىن: بىر خىلدىكىلەر ئۆتۈپكەتكەن ياخشى بالىلار، يەنى ئەخلاق تەربىيىسى ناھايتى ياخشى، جەميەتنى، دۇنيانى ناھايىتى ياخشى چۇۈشەنگەن، ئىنسانى تۇيغۇسى ھەم كۈچلۈك، غايە-نىشانى ئىنېق بالىلار. يەنە بىرى دەل قارمۇ-قارىشىدىكىلەر، يامان ئىشنىڭ ئەڭ يامىنىنى قىلىپ يۈرگەن، كاللىسىنى ئەخلەت «مەدەنىيەتلەر» قاپلاپ كەتكەن، ئىسمىنى ئوڭلاپ يازالمايدىغانلار. كۈزىتىشىمدىن خۇلاسە، ئالدىنقى خىلدىكى بالىلارنىڭ ئائىلە ئىقتىسادى ئوتتۇرھال ياكى ياخشى، كۆپىنچە ھالدا ئاتا-ئانىسىنىڭ بىرىلا ئىشلەيدۇ (كىرىمى يەنىلا ياخشى). ياكى بىرى تولۇق ئىشلەيدۇ، يەنە بىرى پارچە پۇرات ۋاقىتلىرىدىلا ئىشلەيدۇ. ئاتا-ئانا بىلەن پەرزەنتنىڭ بىللە بولىدىغان ۋاقتى ناھايىتى كۆپ. ئائىلىدە قوللاش ياخشى بولغاچقا بالىلارمۇ ياخشى ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان. كېيىنكى تۈركۈمدىكى بالىلارنىڭ ئائىلە ئىقتىسادى بىر قەدەر ناچار، ياخشىلىرىنىڭمۇ بار. لىكىن بىر ئورتاقچىلىق ئاتا-ئانا ئىككىلىسىلا تولۇق كۈن ئىشلەيدۇ، ئۆز پەرزەنتلىرى بىلەن بولغان ۋاقتى ناھايىتى ئاز. بۇنداق ئاتا-ئانىلارنىڭ ئارىسىدا كۆچمەنلەر ھەممىدىن كۆپ. ئاتا-ئانىسىنىڭ مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشى گېرمان مەدەنىيىتى بىلەن چىقىشالمايدىغان ئائىلىدە چوڭ بولغان بالىلاردا قايمۇقۇش ئىغىر. بەزى ئەھۋاللاردا ئاتا-ئانىسىنىڭ يەرلىك مەدەنىيەت ھەققىدىكى بىلىمى بەك ئاز بولغاچقا ئاتا-ئانىلار ئۆز پەرزەنتلىرىگە ئۈلگە بولىدىغان ئورۇندىن ئايرىلىپ قالغان، پەرزەنتلەر نەزىرىدە ئاتا-ئانىسى ئىش بىلمەيدۇ، دىمەك ئۇلارنىڭ تەربىيىسى نۆلگە تەڭ بولوپ قالغان. ئەمدى ھازىرقى ئۇيغۇر جەميىتىگە قارايدىغان بولساق، بىزمۇ شۇ كۆچمەنلەردەك ھالغا قالدۇق. بۇ ئەھۋالدا قانداق قىلىپ پەرزەنتىمىزگە ئۈلگە بولوپ ئۇلار قول قويغىدەك بىر ئورۇندا تۇرۇپ ئۆز تەربىيىمىزنى سىڭدۈرۈشنىڭ ئۆزى بىر چوڭ مەسىلە، چوڭ مەسىلە ئەمەس بەلكى ھەل قىلىش شۇنچىلىك قىيىن بولغان مەسىلە.

مەنچە بىرىنچى قەدەم پەرزەنتىگە يىتەرلىك ۋاقىت ئاجرىتىش… پەرزەنتى بىلەن بىللە ئويناش، بىللە ئەمگەك قىلىش ئارقىلىق ناھايتىمۇ ياخشى تەربىيە ئىلىپ بارغىلى بولۇش مۇمكىن. بىز ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر تەبئىلا ئۇلارمۇ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىگە ئايلىنىدۇ. يەنى ئەگەر سىز مىللەتچى بولسىڭىز، پەرزەنتىڭىزمۇ شۇنداق بولىدۇ.

بۇ يەردە بىر مۇھىم نەرسىنى ئەسكەرتكۈم كىلىدۇ. ئاتا-ئانا بىلەن پەرزەنت بىللە بولىدىغان يىتەرلىك ۋاقىت بولسىلا ھىساب ئەمەس. مۇھىمى بۇ ۋاقىتتىن پايدىلنىپ قانداق تەربىيە ئىلىپ بىرىشتا! شەخسەن دائىم پەرزەنتىگە ئۇنى قىلما، بۇنى قىلما دەپ نەسىھەت قىلىشنى تازا قۇۋۋەتلەپ كەتمەيمەن.ئۇنىڭ ئورنىدا پەرزەنتىگە ئىشىنىش، ھەم شۇنداق ئىشىنىدىغانلىقىنى پەرزەنتىگە بىلدۈرۈپ تۇرۇش؛ ئۇنداق نەسىھەت، قائىدە يوسۇنلارنى تازا ۋاقتى-سائەتىدە بىرلا قىتىم قىلغان تۈزۈك. كىچىكىمىزدە كۈز كىلىشى بىلەن ئىتىزدا ئىشىمىز جىقىيىپ كېتەتتى. كەڭلىكى 30 مىتىر، ئۇزۇنلۇقى بىر يىرىم كىلومىتېردىن ئاشىدىغان يەردىن چۆپ يىغاتتۇق. بەزىدە ئىش ئىغىر كىلىپ قاچانمۇ تۈگەر ئىش دەپ يەرنىڭ يەنە بىر بىشىغا قاراپ قالاتتىم. ھارغىنلىقىمنى سەزگەن دادام بىر خىل ئىلھاملاندۇرۇش ئاھاڭىدا:– ”كۆز قورقاق، قول باتۇر دەيدۇ“، قارىماي ئىشلەۋەرسەڭ بىردەمدىلا تۈگەيدۇ–دەپ قالدى، شۇنىڭدىن كىيىن قانداق ”تۈگىمەس“ ئىشلارغا يولۇقسام شۇ گەپ ئىسىمگە كىلىدىغان بولدى. ئىشقىلىپ مەيلى ئاپام بولسۇن، دادام بولسۇن كۆپ نەسىھەت قىلمايىتتى. لىكىن ئۆز ھەركىتى، دىيانىتى، كۆيۈمچانلىقى، مەرتلىكى بىلەن بىزنى تەسىرلەندۈرەتتى. بەزىدە شۇنداق مەرت بولۇپ كىتەتتىكى سەبئى كاللىمىزدىن ئۆتمەي قاخشاپ كىتەتتۇق. قىززىق يىرى شۇنداق قاخشاپ يۈرۈپ پەقەت ئالىي مەكتەپكە چىققاندىلا ئاندىن ئۈزەمنىڭمۇ بىلىپ-بىلمەي ئۇلارنىڭ مەرتلىك يوللىرىنى، كۆيۈمچانلىقىنى خاراكتېرىمگە ئەينەن شەكىلدە كۆچۈرگەنلىكىمنى ھىس قىلىپ قالدىم. شۇڭا ھازىر بەزى تۇققانلىرىمنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ كەلگۈسى ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنى ئاڭلىغىنىمدا –ئەنسىرمەڭلار، پەقەت ئۆزەڭلار ياخشى بولساڭلارلا پەرزەنتىڭلار ئەينەن ئۆگىنىدۇ، ئەنسىرەشنىڭ ئورنى يوق–دەيدىغان بولدۇم.

بۇ يەردە كۆپچىلىككە بىر-ئىككى ياخشى فىلىمنى ھەم تەۋسىيە قىلىمەن، مۇشۇ خىلدىكى فىلىملەرنى بىلسەڭلار ئىنكاس شەكلىدە يىزىپ قويارسىلەر، شەخسەن بەك قىزىقىمەن، رەھمەت:

1.The Ron Clark Story
2.Les choristes
3.The Great Debaters

بۇ يازما ئۇنىۋېرسال كاتېگورىيىسىگە يوللانغان ھەم , دەپ خەتكۈشلەنگەن. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈشلىۋېلىڭ.

پەرزەنت تەربىيىسى ھەققىدە ئۈچۈن 5 ئىنكاس بار

  1. ئوغۇز ئوغلى مۇنداق يازغان:

    ھورمەتلىك ئاچڭنوچ ئەپەندڭم ،مەن ئوزەمنىڭ بىر ئوغلۇم بارلىغىنى ،تەرەققى قىلغان ئەللەردە ئوقۇتقم بارلىغىدىن سڭزدىن مەسلىھەت سورىغان ئىدىم ،قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى ئاجرىتىپ ياخشى مەسلىھەتلەر بەرگەن ئىدىڭىز ،سىزگە كوپتىن-توپ رەخمەتلەر ئېيتقۇم كەلدى ،تىرىشچانلىغىڭىزغا تەشەككۈر! يەنىمۇ تىرىشقايسىز ،ئوقۇشىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن ! .
    شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىرەيلەن http://qutyar.com/ud/forum.php?mod=forumdisplay&fid=63تور بېتىدە بىر ناخشا يوللاپتۇ كورۇپ باققان بولسىڭىز چەتئەلدىكى تۇرمۇش ئەھۋالى شۇنچىلا ئېغىرمۇ؟

    • ئاچىنۇق مۇنداق يازغان:

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! سىزگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت، ئاللاھ پەرزەنتىڭىزنىڭ ئىشلىرىنى ئاسان قىلسۇن!

      سىز ئەۋەتكەن ئۇلىنىشتا ناخشا چىقمىدى. باشقا دۆلەتلەردىكى ئەھۋالنى بىلىپ كەتمەيمەن. لېكىن ئەڭ تەرەققى تاپقان دۆلەتلەردە سىزدە يىتەرلىك ئىقتىدار بولمىسا، تىلىنى ياخشى بىلمىسىڭىز ئىنىقلا قىينىلىسىز، چۈنكى بۇ تەرەپلەر دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقوق ئەڭ ياخشى قوغدىلىدىغان، پارىخورلۇق ئەڭ ئاز دۆلەتلەر. ئۆز نۆۋىتىدە ئىقتىدارىڭىز بولمىسا ناھايتى تىزلا شاللىنىپ قالىسىز. شۇڭا تەييارلىقى بار ئادەم چىققىنى ياخشى. كىشى ئۆزىدە تىرىشچانلىق بولمىسا، قورسىقىدا ئوماچ بولمىسا، بۇنداق دۆلەتكە كىلىپ ياخشى كۈن كۆرەتتىم دېيىش خام خىيال.

  2. ئ‍انار مۇنداق يازغان:

    بەك ياخشې يېزپسىز.ئاللاھ ئەجېرڭزنې بەرسۇن. :)
    Perhaps you would like to watch
    Dead Poet Society

  3. سەيپىدىن مۇنداق يازغان:

    ئاچنۇق ئاكا مەن سەيپىدىن بۇلمەن . يازمىلىرڭىزنى كۈرۈپ ئىنتاين سۈيۈندۇم . بۇندىن كىيىن مۇ مۇشۇنداق يازمىلارنى قالدۇرۇش ئارقىلىق بىزگە روھى ئوزۇق بەرگەي سىز
    سىز يۇقىردا سۆزلەپ ئۆتكەن مەزمۇن توغرىسىدا ھەر بىر ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭ چوڭقۇر ئويلىنىشقا ئەرزىيدۇ . ھەقىقەتەن بىزدىكى مەسىلە ئىنتايىن ئېغىر . ئازساندىكى قېرىنداشلىرمىزنى ھېساپقا ئالغاندا يەنە قېپقالغانلار يەنىلا جەمىيەتتىكى ئورنىنى تاپالماي يۈرمەكتە ئۇلاردا نە پەرزەنىتلەرگە ئۈلگە بولغىدەك ساپا يوق، تۈزەش كىرەك ھەممىنى ئەمەس ئاۋال ئۈزىنى ! ھازىر جەمىيەتتە قىسمەن قېرىنداشلىرمىزنىڭ دەردى ئۈزىگە يىتىپ ئاشىدۇ نۇرغۇن ئىشلارغا ئامالسىز يۈرۋاتىمىز . يانا بۇ ئەخۋال ئىزچىل ئۆز يۇلىدا داۋاملاشسا بىز مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسىدىن سۆز ئاچمىساقمۇ بۇلىدۇ!!!!!!

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong> <img src="" alt="" class="" width="" height="">

https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_bye.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_good.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_negative.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_scratch.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wacko.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yahoo.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cool.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_heart.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_rose.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_smile.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_whistle3.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yes.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cry.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_mail.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_sad.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_unsure.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wink.gif