كۋانت زىنو ھادىسىسى

فىزىكىدا قىززىق ئىشلار جىق، شۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ قىززىق بىرى كۋانت زىنو ھادىسىسى*. ئاددى ئىنىقلىمىسى تۆۋەندىكىدەك:
ئادەتتە رادىئوئاكتېۋ ئاتوم ئۆزىنىڭ يىمىرلىش ۋاقتى دەۋىرىگە ئاساسەن يىمىرىلىدۇ ھەم تاكى تۇراقلىق ئاتوملار شەككىللەنگىچە داۋاملىشىدۇ.  ئەگەر بۇ ئاتوم داۋاملىق كۈزىتىلسە يىمىرلىش يۈز بەرمەيدۇ، شۇ ئاتوم ئەسلى ھالىتىدە تۇرىۋىرىدۇ.  بۇنى زاغرا تىلدا مۇنداق چۈشەندۈرۈش مۇمكىن: بىر ئوماق مۆشۈك بار دەيلى، ئۇ مۆشۈكنى بىر يەشىككە سىلىپ، يەشىك ئۈستىدىن بىر كىچىك تۆشۈك ئىچىپ قويىمىز. مۆشۈك بىلەن كارىمىز بولماي يۈرىۋەرسەك ۋاقتى سائىتىگە كەلگەندە مۆشۈك ئۆلۈپ قالىدۇ(بايقۇش مۆشۈك، تولىمۇ ئېچىنىشلىق)، ھەر ھالدا لوگىكىمىزغا چۈشىدۇ. ئەگەر، باشقا ھىچ ئىش قىلماي تۆشۈكتىن شۇ مۆشۈكنىڭ مۆلدۈرلەپ تۇرغان كۆزلىرىگە قاراپ تۇرۇپلا-ۋالساق بۇ مۆشۈك مەڭگۈ ئۆلمەيدۇ!!! مەنتىقىمىزغا چۈشمەيدىغان بۇ ھادىسە كۋانت دۇنياسىدىكى نۇرغۇن ”غەلىتىلىكلەر“ نىڭ بىرى. بۇلارنىڭ ئىچىدە بىزگە تونۇشلۇقىراق بىرى بىر تال ئېلىكتروننىڭ بىرلا ۋاقىتتا ئىككى تۆشۈكتىن ”تەڭ ئۆتۈش“ ھادىسىسى بولۇشى مۇمكىن، ئۇنىڭدىن باشقا ”شغۆدىڭرنىڭ مۆشۈكى“** مۇ بار. گەرچە ئەغۋىن شغۆدىڭر، ۋېغنې ھايزىنبېرگكە*** ئوخشاش ئالىملار بۇ ھادىسىلەرنى مودىللاشتۇرۇپ ماتېماتېكا تىلى بىلەن ئىپادىلەپ بەرگەن بولسىمۇ ھەققى فىزىكىلىق مەنىسىنى چۈشەندۈرۈش ئالىملارنى قىيناپ كىلىۋاتىدۇ. ئاڭلىماققا ناھايتى نەزەرىيىۋى بىلىنسىمۇ، ئۆز نۆۋىتىدە بۇ ھادىسىلەر ئىنسان ھاياتىغا ھەم شۇنداق يىقىن. يەنى، بىز كۆرۋاتقان دۇنيا ماكرو دۇنيا بولۇپ، ئۇنىڭدىكى ھەربىر ھادىسە پەقەت تېرلىيون-تېرلىيونلىغان ئېلىكترون-ئاتوملارنىڭ جەملەنگەن ھەرىكەت ۋە ھالىتىنىڭ نەتىجىسى. ئەگەر بىز ھازىرقى ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەردىن پايدىلنىپ بۇ خىل نەتىجە ياكى ھادىسىنى بارلىققا كەلتۈرگەن شۇ ھەر بىر ئېلىكترون ياكى ئاتومغا قارايدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ دەل شۇ بىز يۇقۇردا تىلغا ئىلىپ ئۆتكەن ”غەلىتىلىك“ كە تولغان كۋانت دۇنياسىنى قالايمىقان قىلىپ تۇرىدىغىنىنى بايقايمىز. بۇنى ھەم مۇنداق چۈشىنىشكە بولىدۇ: يادىن ئىتىلغان ئوقيانى تەسەۋۋۇر قىلىڭ، بىزگە نىسبەتەن ئوقيا ئىتىلىپ مەلۇم ۋاقىتتىن كىيىن ئۆز تېرايېكتوريىسىنى بويلاپ يەرگە سانچىلىدۇ، بۇ جەرياندا كۈزەتكۈچىگە نىسبەتەن ئوقيا مۇتلەق ھەرىكەت قىلغان بولىدۇ. ئەگەر بىز ئوقيانىڭ ھەركىتىنى چەكسىز بۆلەكلەرگە بۆلۋەتسەك، ئۇنىڭ ھەر بىر بۆلىكى ئوخشاش كۈزەتكۈچىگە نىسبەتەن مۇتلەق تىنىچ تۇرغان بولىدۇ. دېمەك، نانوسېكۇنت (سېكۇنتنىڭ مىليوندىن بىرى) ۋاقىت پەرىقىنى كۆرەلەيدىغان كۆزگە نىسبەتەن ئۇ ئوقيا شۇ بوشلۇقتا تىنىچ تۇرغان بولىدۇ (ئادەم كۆزى نەچچە ئون مىللى سېكۇنت ۋاقىت پەرقىنىلا كۆرەلەيدۇ). بۇرۇنقى كىنوخانىلاردىكى كىنو لېنتىسى بۇنىڭغا ھەم ناھايتى ياخشى مىسال بولالايدۇ، ھەر بىر سۈرەت زامان ۋە ماكاننىڭ قاتۇرۇلمىسى، ھەممە سۈرەتنى مەلۇم تېزلىكتە ئۇلاپ كۆرسىڭىز بىر ھەرىكەت بولىدۇ. بۇ خىل نىسبىلىك بويىچە ئىيىتساق، ئەتراپمىزدا تىنىچ تۇرغان ھەرقانداق نەرسە نانومېتىر ئۆلچىمىدىكى بوشلۇقىدا (ساناقلىق ئاتوملار بوشلۇقىدا) نانوسېكۇنت ۋاقىت ئۆلچىمىدە دەھشەتلىك ھەرىكەت قىلۋاتقان بولىدۇ!

ئەمدى ھاياتلىقتىكى ئەڭ چوڭ سىرلارنى ئۆزىگە يۇشۇرغان ئادەم مىڭىسىگە قايتىپ كىلەيلى. ئادەم مىڭىسىمۇ ئوخشاشلا شۇ ئاتوم-مولېكۇلىلاردىن تۈزۈلىدۇ، نورمال ئادەم مىڭىسىدە سېكۇنتىغا نەچچە مىليونلىغان خىميىلىك رىئاكسىيەلەر خاتاسىز، بىر-بىرىگە پۇتلاشماي يۈز بىرىپ تۇرىدۇ. بۇ رىئاكسىيەلەرنىڭ ئەڭ تۈپ بىرلىكلىرىمۇ كۋانىت دۇنياسىدىكى جەريانلار. كىشىنى ھەممىدىن قىزىقتۇرىدىغىنى، شۇنداق ”غەلىتىلىك“ لەرگە تولغان كۋانىت دۇنيا ھادىسىلىرىنىڭ مىڭە ھەركىتىمىزدىكى ئىپادىسى ، باغلىنىشى ياكى تەسىرلىرى، شۇنداقلا ئەتراپىمىزدا مەۋجۇت بولوپ تۇرۋاتقان ئاساسى زەررىچىلەرنىڭ**** شۇ مىڭىمىزدىكى كۋانىت دۇنياسى بىلەن بولغان ئۆز-ئارا تەسىرى. كىم بىلىدۇ، بەلكى چۈش كۆرۈش، روھ دىگەندەك پىسخولوگلارنى يىقىتىپ قويىدىغان سۇئاللارغا كۋانىت فىزىكا ئالىمىلىرى جاۋاب بىرەلىشى مۇمكىن. ئەگەر راستىنلا باغلىنىش تىپىپ چىقىلسا پەلسەپەدىمۇ چوڭ بۆسۈشلەر بولىدىغىنى تەبئى.

بۇ يەردە چۈشنىڭ گىپى چىقىپ قالدى. بەزىدە راستىنلا توۋۋا دەيمەن، شەخسەن نۇرغۇن مىساللىرىم بار… ئۆيۈمدىن تەخمىنەن 7000 مىڭ كېلومىتېر يىراقلىقتا ياشاۋاتقىنىمغا بەش يىل بوپتۇ. ھەر قىتىم دوست ياكى ئائىلەمدىن بىر كۆڭۈلسىزلىك ياكى قاتتىق خۇشاللىق بولسا چۈشۈمگە كىرىپ تۇردى. بەزىدە شۇ قەدەر ئەمەلىيەتكە يىقىنكى، ئاللاھنىڭ قۇدرىتى دەپ ياقا چېشلىمەكتىن باشقا ئامال يوق، چۈنكى ھازىرقى ئىلىم سىزگە بۇنداق ھادىسىلەرنى چۈشەندۈرۈشكە ئامالسىز. مىسال: بىر كۈنى شۇنداق چۈش كۆرۈپتىمەن، بىرگە ئوقۇغان يىقىن دوستۇم يىغلاپ دەرت ئىيتىپ يۈرگىدەك، ھاراق ئىچكىنىگە ئاچچىقىلاپ تەربىيە بىرىپ يۈرگىدەكمەن، توي قىلماقچى بولغان قىز دوستىمۇ بىللە ئوقۇغان ساۋاقدىشىم ئىدى، ئۇ قىزمۇ كۆڭلى پەرىشان يۈرگىدەك… ئىككى كۈن ئۆتۈپ تېلىفون قىلدىم، راست دىگەندەك بۇ ئىككى قەدىناسنىڭ ئارىسىدا كۆڭۈلسىزلىك بولغان ئىكەن، شۇ سەۋەبتىن دوستۇممۇ سەل ھاراق ئىچىپ قويىدىغان بولوپ قاپتىكەن. يەنە بىرى: بىر كۈنى كەچ ئۇيقۇم كەلمەي ئۇنى-بۇنى خىيال قىلىپ ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ساۋاقداشلىرىم يادىمغا يىتىپ قالدى. تولۇقسىزدە ئوقۇغان ئۈچ يىل جەريانىدا مەن بەكلا ناچار مۇئامىلە قىلغان بىر قىز بار ئىدى، شۇ قەدەر ناچار مۇئامىلە قىلغان ئىدىمكى، قانچىلىك دەرىجىدە كۆڭلىنى يىرىم قىلدىم بىر خۇدا بىلىدۇ. شۇلارنى ئويلاپ ئىچىم ئاچچىق بولوپ، ئۈزەمگە نەپرەتلىنىپ ئۇخلاپ قاپتىمەن. ئەتىسى ئىشخانىدا ئالىدىراش ئىشلەۋاتسام بىر نەۋرە ئاكام كيۇكيۇ دا خەت قالدۇرۇپتۇ، ”سىنىڭ XXX ئىسىملىك ساۋاقدىشىڭ بارمىدى، مەندىن سىنىڭ نۇمۇرىڭنى سوراۋاتىدۇ، بىرەيمۇ؟“ دەپ. توۋۋا دىيىشكىمۇ ئۈلگۈرمەي دەررۇلا بەر دىدىم. كىيىن قارىسام ئىلخەت يوللاپ قويۇپتۇ، قىسقىلا:” ياخشى تۇرۋاتامسىز، ئاخشام چۈشۈمگە كىرىپ قاپسىز“. بۇ ساۋاقدىشىم بىلەن ئالاقەم ئۈزۈلۈپلا قالغىلى شۇ چاغدا 10 يىلدىن ئاشقان ئىدى… باشقا مىساللارنى كەلتۈرمەيلا قوياي، مەنچە باشقىلاردىمۇ ئوخشاش كەچۈرمىشلەر بولۇشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە بەزىدە يىقىن دوستىڭىز سىز ئويلاپ دەي دەپ تۇراي دىگەن نەرسىنى دەپ قالىدۇ، ياكى سىز غىڭشىماقچى بولوپ تۇرغان ناخشىنى سىزدىن سېكۇنىت ئىلگىرى غىڭشىپ قالىدۇ. خۇددى ئابدۇقادىر جالالىددىن  ئىيتقاندەك، ”بېتخوۋىن تامدىن مۇزىكا ئىشتىۋاتقاندا، دۇنيانىڭ يەنە بىر چېتىدە يەنە بىر ئادەم ئوخشاش مۇزىكىنى تىڭشاۋاتقان بولىدۇ“ دەپ. يۇقارىقى ھادىسىلەر ئادەم مىڭسىنىڭ مەلۇم مەيدانى بولىدىغانلىقى، ھەم شۇ مەيدان ئارقىلىق باشقا مىڭىلەرگە تەسىر قىلالايدىغانلىقىنى خېرە بىلدۈرۈپ تۇرۇپتۇ. بۇ يەردە يەنە بىر ھۆججەتلىك فىلىمنى مىسالغا ئىلىش مۇمكىن†، بۇ يەردە پەقەت شۇ فىلىمنىڭ خۇلاسىسىنىلا دەي، قىزىققان ئوقۇرمەن ئۆزى كۆرۈپ باقسۇن. نۇرغۇن مۇتەخەسىس، ئالىملارنى زىيارەت قىلىش بىلەن خاتېرلەنگەن فىلىمدە مېڭە ھەم ئاتوم ھالىتىدە (توغىرىسى كۋانت دۇنياسىدا) ئۆز ئەتراپىدىكى ھەرقانداق ئاتومغا تەسىر قىلالايدۇ دېيىلگەن، يەنى، سۇ كىرىستالنى تەجىربىخانىدا ئالغاندا شۇ ئالىمنىڭ شۇ تەجىربە جەريانىدىكى كەيپىيات ھالىتى سۇ كىرىستالىنىڭ ھەر خىل شەكىلدە چىقىشىغا سەۋەبچى بولغان؛ يىغىن ئىچىۋاتقان كىشىلەرنىڭ كەيپىياتى يانىدىكى ئۆيدە ئىختىيارى سان ھاسىل قىلۋاتقان كومپيۇتېرنىڭ شۇ سانلارنى ھاسىل قىلىش جەريانىدىكى قالايمىقانلىق دەرىجىسىدە ئەكس ئەتكەن. ماگنېتلىق لېنتىدا مۇزىكا ئاڭلاۋاتقان ئادەمنىڭ كەيپىياتى ئۆز نۆۋىتىدە شۇ مۇزىكىنىڭ ئاھاڭىغا تەسىر قىلغان … دىگەندەك. ئەگەر بۇ نەزىريىلەر توغرا بولدى دىگەندە، بىز ئەتراپمىزدىكى ھەرقانداق جانسىز نەرسىگە ھەم ھىسسىياتىمىزنى سىڭدۈرەلەيمىز دىگەن گەپ بولىدۇ!

نەچچە يۈز كېلومىتېر دائىرىگە رادىئو دولقۇنى تارقىتىش ئۈچۈنمۇ راۋرۇس ئىنىرگىيە سەرپ قىلىمىز، 7000 كېلومىتېر مۇساپىدە ئىككى ئادەمنىڭ مىڭىسى قانداقسىگە تەسىر قىلىشالايدۇ؟ بۇ تەسىر قانداق شەكىلدە يېتىپ بارىدۇ؟ يىقىندا چىققان Inception فىلمىدىكى ھادىسىلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇش ئىھتىمالى بارمۇ؟ ۋاقىت، بوشلۇق دىگەنلەرنىڭ ئەسلى ماھىيىتى نىمە؟  بۇ سۇئاللارغا ئەگەر كەلگۈسىدە ئىلىم-پەن جاۋاب بىرەلەيدۇ دېيىلسە،  زەررىچە فىزىكىسى بىلەن كىۋانت فىزىكىسىدىكى بۆسۈشلەر بىر نەرسە دىيەلىشى مۇمكىن.   LHC †† گە ئوخشاش تەجىربىخانىلارنىڭ قورۇلۇشى، SQUID كە ئوخشاش كۋانت ھادىسسىدىن پايدىنلىپ ئۆلچەش ئىلىپ بارالايدىغان ئۈسكۈنىلەرنىڭ بارلىققا كىلىشى، ھەم يۇقۇرى ئىنىقلىقتىكى ئۆلچەش ئەسۋابلىرىنىڭ كەشىپ قىلىنىشى زەررىچە فىزىكىسى ۋە كۋانت دۇنياسىغا بولغان چۈشىنىشىمىزنى كۈنسىرى چوڭقۇرلاشتۇرۋاتىدۇ. ئاللاھ خالىسا يۇقارقى سۇئاللارنىڭ يەشمىسىگە بۇ ئۆمرىمىزدە شاھىد بولۇش ئىھتېمالىمىز بار.

ئىزاھلار:

*ئىنگىلىزچە: quantum zeno effect
**ئىنگىلىزچە: Schroedinger’s cat
بۇ ئۇقۇمدىكى ئەڭ غەلىتە يەر: رىئال دۇنيادا مۆشۈك يا ئۆلۈك بولىدۇ يا تېرىك بولىدۇ، لىكىن كۋانت دۇنياسىدا مۆشۈك بىرلا ۋاقىتتا ئۆلۈك ھەم تېرىك بولالايدۇ.
***Erwin Schroedinger, Werner Heisenberg، ئاۋىستېريەلىك، گېرمانىيەلىك ئالىملار
**** بۇ يەردە ئېلىكترون فوتۇنلاردىن باشقا يەنە كۋارىك، لېپتون، گرەۋىتون، بوزۇنلارغا ئوخشاش ئاساسى زەررىچىلەرنى كۆرسىتىدۇ، ھەر سېكۇنىتتا مىليونلىغان ئاساسى زەررىچىلەر بەدىنىمىزدىن ئۆتۈپ تۇرىدۇ…
†كىنو ئىسمى: what the  bleep do we know?!
††ياۋرۇپادىكى ئاساسى زەررىچە تەجىربىخانىسىCERN نىڭ تارماق تەجىربىخانىسى Large Hedron Collider نىڭ قىسقارتىلمىسى

2010-يىل، مىزان ئىيىنىڭ 20-كۈنى، موڭغۇلكۈرەدە يىزىلدى.
oghuzkb يازمىسى

بۇ يازما ئۇنىۋېرسال كاتېگورىيىسىگە يوللانغان ھەم دەپ خەتكۈشلەنگەن. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈشلىۋېلىڭ.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong> <img src="" alt="" class="" width="" height="">

https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_bye.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_good.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_negative.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_scratch.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wacko.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yahoo.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cool.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_heart.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_rose.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_smile.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_whistle3.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yes.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cry.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_mail.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_sad.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_unsure.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wink.gif