گېرمانىيەدە ئوقۇش داۋامى

بۇ تېمىنىڭ بېشى بۇ يەردە:

http://achinuq.org/?p=106

دوكتورلۇقتا ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلىش

گېرمانىيىگە نىسبەتەن دوكتورلۇقتا ئوقۇش دېيىلسە تازا مۇۋاپىق بولمايدۇ. بۇنداق دېيىشىم، مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئەھۋالدا سىز ئىمتىھان بېرىپ ئوقۇشقا كىرمەيسىز، ھەم ھېچقاچان دەرس ئاڭلىمايسىز، ئىمتىھان بەرمەيسىز، ئەكسىنچە مائاش بېرىدۇ، كىنىشكىڭىزگە ئوقۇغۇچى ئەمەس بەلكى خىزمەتچى خادىم دەپ يېزىلىدۇ. توغرىسى سىزنى تەتقىقاتچى خادىم سۈپىتىدە قارايدۇ. سىز گېرمانىيە ئۈچۈن ئەڭ ئەرزان ئەمگەك كۈچى ھېسابلىنىسز. بۇنداق بولۇشى، سىزنىڭ ئەمگىكىڭىز گېرمانىيىنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشىدىغان، دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىغا تەۋە تەتقىقات خىزمىتى، لېكىن ئالىدىغان مائاشىڭىز شىركەتتە ئىشلەيدىغانلاردىن تۆۋەن بولىدۇ. لېكىن شۇ تۆھپە قوشۇش پۇرسىتى ۋە دوكتور ئۇنۋانى ئىلىش ئۈچۈن شۇ پۇلغا كۆپىنچە كىشىلەر رازى بولۇپ ئىشلەۋېرىدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ، ئۆزىنى تەتقىقاتقا بېغىشلىغان ئادەم ئۈچۈن پۇل بەك مۇھىم ئەمەس، پەقەت ئاساسى تۇرمۇش ئىھتىياجىڭىزدىن چىقسىلا بولىدۇ. يەنە بىرىگە، دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئىلىپ ئاندىن خىزمەت قىلسىڭىز مائاشىڭىز كۆپ يۇقىرى بولىدۇ.

گېرمانىيىدە دوكتور ئوقۇغۇچىلارنىڭ مائاش مەنبەسى ئاساسەن ئىككى خىل: بىرى، DAAD دىگەندەك فوندى جەمئىيەتلەر بېرىدىغان ئوقۇش مۇكاپات پۇلى. تەخمىنەن 900 دىن مىڭ ياۋرۇغىچە بولىدۇ، ھەم كۆپرەك 3 يىللىق بېرىلىدۇ. ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بولغاچقا، باج تۆلىمەيسىز، تۆلەيدىغان سالامەت ئىستراخۇانىيە پۇلىڭىزمۇ ئازراق بولىدۇ. ئىككىنچى خىلى، پروفېسسورىڭىز تەتقىقاتقا كەلگەن پۇلغا ئادەم ياللاپ ئىشلىتىدۇ. بۇنىڭدا بېرىلگەن پۇل مائاش ھېسابلىنىدۇ، كېرىم بىجى تۆلەيسىز، تۆلەيدىغان سالامەتلىك ئىستراخۇانىيە پۇلىڭىزمۇ يۇقىرى بولىدۇ. گېرمانىيىدە مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئەھۋالدا، بۇ پۇل يېرىم مائاش شەكلىدە بېرىلىدۇ (50% position دەپ قويىمىز ئادەتتە). بۇنداق بولۇشى، پروفېسسورغا قانچە كۆپ ئادەم بولسا شۇنچە ياخشى. شۇڭا تولۇق كۈنلۈك ئىشلەيدىغان خىزمەتچىلەرگە بېرىلىدىغان مائاشنىڭ يېرىمىنى بېرىدۇ. قائىدە بويىچە ھەپتىسىگە 19 سائەتلا ئىشلىسىڭىز يېتەرلىك. لېكىن دوكتورلۇقنى پۈتتۈرۈشكە شۇ ئوقۇغان ئادەم ئالدىرايدۇ، شۇڭا ھەممە دوكتور ئوقۇغۇچىلار تولۇق كۈندىن ئارتۇقراق ئىشلەيدۇ. پروفېسسورىڭىزمۇ شۇنداق كۈتىدۇ، لېكىن ھۆججەت شەكلىدە سىزدىن تولۇق كۈن ئىشلەشنى تەلەپ قىلالمايدۇ. بەزىدە، ئوقۇتۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردىن ۋەزىپە چىقىپ قالسا، قوشۇپ ئىشلەيسىز. بۇنداق ئەھۋالدا، پروفىسسورىڭىز ئەمەس، بەلكى ئۇنىۋېرسىتېت پۇل بېرىشى كېرەك. شەخسەن مېنىڭ ئەھۋالىم شۇنداق بولدى: 50% تەتقىقاتتىن كەلگەن پۇل، 25% ئوقۇتۇش ۋەزىپەمگە بېرىلگەن پۇل، 5 يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 75% مائاشقا ئىشلىدىم. بۇ ئەھۋالدا، توي قىلمىغان ھەم بالا چاقىسى يوق ياشلارغا باج، ئىستراخۇانىيە ۋە تاراق-تۇرۇقتىن ئىشىنىپ تەخمىنەن ئېيىغا 1500 ياۋرۇدىن 1600 ياۋرۇغىچە مائاش تېگىدۇ. ئايلىق ھەممە چىقىم ئوخشىمىغان رايونلارغا قاراپ 400 ياۋرۇدىن 600 ياۋرۇغىچە بولىدۇ، قالغىنى يېنىڭىزدا قالىدۇ دېگەن گەپ. ئەگەر 50% گىلا ئىشلىسىڭىز، تەخمىنەن ئوخشاش ئەھۋالدا 1100 ياۋرۇ تېگىدۇ (باج، پاراۋانلىق پۇلى ۋە سالامەتلىك ئىستراخۇانىيەسىدىن كىيىن). ئائىلىڭىز ھەم پەرزەنتلىرىڭىز بولسا، تۆلەيدىغان باج ئاز بولىدۇ، مائاشىڭىز ھەم يۇقىرىراق بولىدۇ. بۇ دېمەك، گېرمانىيىدە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇپ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىغان تەقدىردىمۇ كۆپ زىيان تارتمايسىز.

ئەگەر سىزگە بېرىلگىنى 75% لىك ياكى 100% لىك ئورۇن بولسا، سىزگە بېرىلىدىغان ۋىزا تۈرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، يەنى پاراگراف 18 بويىچە بېرىلىدۇ. ئادەتتە ئوقۇغۇچىلارغا پاراگراف 16 بويىچە بېرىلىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، ئەگەر كېيىن گېرمانىيىدەمەڭگۈلۈك ۋىزا ئىلتىماس قىلسىڭىز ياكى ۋەتەنداشلىق ئىلتىماس قىلسىڭىز، بۇ تۈردىكى ۋىزا بويىچە بىر يىل تۇرغان ۋاقتىڭىز يېرىم يىل بويىچە ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ تەپسىلاتىنى تۆۋەندىكى تېمىدا يازغان ئىدىم، بۇ يەردە قايتا تەكرارلىمايمەن.

http://achinuq.org/?p=297 بۇ يەردىن كۆرۈڭ.

دوكتورلۇق ئوقۇش (خىزمەت) جەريانى

باشتا دەپ ئۆتكىنىمدەك، ئاساسەن ئۆز تەتقىقاتىڭىز ئۈچۈن ئىشلەيسىز. تېما بېكىتىلگەن، ياكى يېرىم بېكىتىلگەن بولىدۇ، ھەتتا بەزىدە ئېنىق بېكىتىلمىگەن ئەھۋاللارمۇ بولىدۇ. شۇ تېما بويىچە پروفېسسورنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىشلەيسىز. كۆپ ساندىكى ئەھۋالدا پروفېسسور تەجىرىبىخانىغا چۈشمەيدۇ. تەجرىبىنى ئۆزىڭىز لايىھىلەپ، چىققان نەتىجىلەرنى ئىلمى ئۇسۇل بويىچە كۆرسىتىپ مەسىلىلەرنى پروفېسسور بىلەن مۇزاكىرە قىلىپ تۇرىسىز. بەزى پروفېسسورلار بەكلا ئالدىراش بولىدۇ، ھەتتا بىر نەچچە ئايدىمۇ مۇزاكىرە قىلىش مۇمكىنچىلىكى بولمايدۇ. بەزى پروفېسسورلار بىلەن ھەپتىدە بىر نەچچە قېتىم كۆرۈشۈش ئىمكانىيىتىڭىزمۇ بولىدۇ.

ئادەتتە، داۋاملىق ئۆزىڭىزنىڭ تېمىسىغىلا ئىشلىمەيسىز. تېمىڭىزغا مۇناسىۋەتسىز، لېكىن خوجايىنىڭىز ئىشلەۋاتقان ھەرقانداق بىر ھەمكارلاشقان ياكى مۇستەقىل تەتقىقات تۈرىگىمۇ قاتنىشىپ قالىسىز. پۇل بەرگەن ئادەم بۇيرىغان ئىشنى قىلماي ئامالىڭىز يوق. بۇنىڭ زىيىنى: تېما تاماملاش ۋاقتىڭىز ئۇزىراپ كېتىدۇ، ۋاقتىڭىز ھەم زېھنىڭىز چېچىلىدۇ. پايدىسى: تېخىمۇ كۆپ خىزمەت/تەتقىقات تەجرىبىسىگە ئىگە بولىسىز، كەسىپى تونۇش دائىرىڭىز، مۇناسىۋەت تورىڭىز كېڭىيىدۇ. كۆپىنچە پروفېسسورلار ھەم دەرس بېرىدۇ، باكلاۋېر ياكى ماگىستىر ئوقۇغۇچىلارغا. شۇڭا بەزىدە ئىمتىھان سوئالى تۈزۈش، تەكشۈرۈش، ئىمتىھانغا نازارەتچى بولۇش، ئوقۇغۇچىلارغا مەشىق دەرسى بېرىش، تەجرىبىلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىش دىگەندەك ۋەزىپىلەرمۇ كۆپ بولىدۇ. بۇمۇ ئۆز نۆۋىتىدە تەجرىبە بولۇپ قالىدۇ.

يەنە بىرىگە، دوكتور ئوقۇغۇچىلار ئاساسەن ماگىستىر ياكى باكلاۋېرلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالىسىگە يېتەكچى بولىدۇ. بەزىدە ئۇلارغا تېمىنى پروفېسسور بېرىدۇ، بەزىدە سىز بېرىسىز. ھەممە جەھەتتىن ئۇلارغا يېتەكچىلىك قىلىسىز. بۇمۇ ئۆز نۆۋىتىدە كۆپ ۋاقىت ئالىدۇ. ئەگەر ئوقۇغۇچىلىرىڭىز بەك تىرىشچان ھەم ياخشى ئوقۇغۇچىلار بولسا، سىزگىمۇ پايدا يەتكۈزىدۇ. چۈنكى چوڭ تېمىنىڭ كىچىك بىر قىسمىنى شۇلارغا تۇتقۇزۇپ نەتىجىدىن بەھرىمەن بولالايسىز. ئەگەر ناچار ئوقۇغۇچى بولسا، ۋاقتىڭىزنى ئالغاندىن باشقا ئىش يوق.

شەخسەن مېنىڭ دوكتۇرلۇق ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىم يۇقىردا دەپ ئۆتكەن ئىشلار بىلەن ئۆتتى. ئەڭ كۆپ ۋاقتىم، تەجرىبە لايىھىلەش، تەجرىبە ئىشلەش، نەتىجىنى ئانالىز قىلىش، تەجرىبە ئۈسكۈنىسى قۇراشتۇرۇش، بۇزۇلغان ئۈسكۈنىلەرنى رىمونىتلاش بىلەن ئۆتتى.

بەزى پروفېسسورلار ئالاھىدە نازۇك ئۈسكۈنىلەر ئۈچۈن مەخسۇس تېخنىك تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىدۇ. بەزىلەر بۇزۇلغان ۋاقىتتا شۇ سېتىۋالغان شىركەتتىن تېخنىك تەكلىپ قىلىپ رىمونت ھەققىنى تۆلەيدۇ. ئادەتتە ئىككىلا خىل ئەھۋالدا چىقىم بەك زور بولىدۇ. مېنىڭ پروفېسسورۇم بەكرەك “ئۆزىمىز رىمونت قىلىش“ تەرەپدارى. تەجرىبە ئەمەليىتىمنىڭ ياخشىلىقىغا قاراپ كېيىنچە ماڭا پۈتۈنلەي يېشىل چىراق يېقىپ بەردى، قايسىلا ئۈسكۈنە بۇزۇلسا ئۆزەم رىمونىتلايدىغان بولدۇم. بۇنداق بولغاندا تەتقىقاتقا كەلگەن پۇل كۆپ تېجىلىپ قالىدىكەن، ھەم ۋاقىتمۇ كۆپ تېجىلىدىكەن. ئوقۇش داۋامىدا بازار ھەققى 500 مىڭ ياۋرۇلۇق بىر ئۈسكۈنىنىڭ زاپچاسلىرىنى پارچە سېتىۋېلىپ، بەزى جايلىرىنى ئۆزەم لايىھىلەپ، پروگراممىسىنى ئۆزەم يېزىپ مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇراشتۇرۇپ چىقتىم، كەتكەن چىقىم تەخمىنەن 130 مىڭ ياۋرۇ بولدى. بۇ جەرياندا كۆپ ئەمەلىي بىلىم ئۆگىنىۋالدىم. پەقەت شۇ بىر يېرىم يىل ۋاقتىم كەتتى، دوكتورلۇق ئوقۇشۇمنىڭ ئۇزىراپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولدى. لېكىن مۇشۇ تەجرىبە كېيىن دوكتور ئاشتىلىق خىزمەت ئىزدىگەندە بەكلا ئەس قاتتى.

تەجرىبە نەتىجىڭىز كۆڭۈلدىكىدەك بولۇپ، تولۇق بىر تېمىنى يورۇتۇپ بېرەلىگۈدەك بولغاندا، ئەگەر پروفېسسورىڭىز قوشۇلسىلا ماقالىڭىزنى يېزىشنى باشلىسىڭىز بولىدۇ. ئادەتتە يېرىم يىلدىن بىر يىلغىچە ۋاقىت كېتىدۇ. بۇنداق بولۇشى، كۆپ قېتىم تۈزىتىسىز، تەلەپ بەك يۇقىرى. ئىشلەتكەن سۆز-جۈملىلەر ئېنىق، راۋان، چۈشىنىشلىك بولۇشى كېرەك. ئورۇنسىز قىياس ۋە پەرەزلەردىن قەتئىي خالىي، ھېسسىيات ۋە سۈپەت سۆزلىرى ئىشلىتىلمىگەن بولۇشى كېرەك. بىر يات تىلدا شۇنداق ئۆلچەملىك يېزىش كۆپ كۈچ تەلەپ قىلىدىكەن. يەنى بۇ يەردە ئىلمى ئەسەر بىلەن ھېكايىنىڭ ئاسمان-زىمىن پەرقى بار.

ئاخىرىدا ماقالىڭىز بولدى دېگەندە بەش دانە باستۇرۇپ فاكۇلتېتنىڭ دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئىشخانىسىغا رەسمى ھالدا ئىمزا قويۇپ تاپشۇرۇپ بېرىسىز. ماقالىنى تاپشۇرغاندىن كېيىنلا ئاندىن باشقا رەسمىيەتلەر باشلىنىدۇ. بۇ يەردە ماگىستىر دىپلومى بىلەن دوكتور دىپلومىنى ئوخشىمىغان مەمۇرىي ئورۇن كونترول قىلىدۇ. تۈزۈمنىڭ تەپسىلاتىمۇ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. دوكتور ئۇنۋان كومىتېتى (ئاساسەن پروفىسسورلاردىن تەشكىللەنگەن كومىتېت) باھالىغۇچى پروفېسسورلارنى بېكىتىدۇ. ئۇلم ئۇنىۋېرسىتېتى ئىنژېنېرلىق فاكۇلتېتىنىڭ يىڭى بەلگىلىمىسى بويىچە، بىرىنچى باھالىغۇچى (ئۆزىڭىزنىڭ يېتەكچى پروفېسسورىڭىز) دىن باشقا يەنە ئۈچ پروفېسسور باھالاشقا قاتنىشىدۇ، بۇ ئۈچ پروفېسسورنىڭ ئىچىدە ئەڭ كېمىدە بىرى سىزنىڭ ئىشلىگەن تېمىڭىزدا مۇتەخەسسىس ھېسابلانغان ئادەم بولۇشى كېرەك. ھەم سىزنىڭ بۇ ئۈچ پروفېسسور بىلەن ھېچقانداق ئورتاق ئىلمى ئەمگىكىڭىز بولمىغان بولۇشى كېرەك. ئاخىرىدا، تۆت پروفېسسور ئۇنۋان بۆلىمى بەرگەن ماقالىڭىزنى ئوقۇپ باھا يېزىپ چىقىدۇ. باھا يېزىلىپ بولغاندىن كېيىن، ماقالىڭىز ئىككى ھەپتە ئوچۇق نازارەت ھالىتىگە ئۆتىدۇ. يەنى بۇ جەرياندا ماقالىڭىز ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىلىدۇ، ھەم ھەر قانداق بىر ئادەم تەكشۈرۈپ باھا بەرسە، پىكرىنى ئېيتسا ھەتتا ساختا دەپ پاش قىلسا بولىدۇ. ئاندىن دىسسېرتاتسىيە ياقىلاش ۋاقتى بېكىتىلىدۇ. بۇنى ئادەتتە ئۆزىڭىز شۇ تۆت پروفېسسور بىلەن كېلىشىپ، ھەممە ئادەمنىڭ ۋاقتى چىققان، ھەم دىسسېرتاتسىيە ياقىلايدىغان مەخسۇس ئۆي بوش بولغان بىر كۈنگە ئورۇنلاشتۇرىسىز. پروفېسسورلارغا ۋاقىت چەكلىمىسى بېرىلمىگەچكە بۇ ئىش بەك سوزۇلۇپ كېتىدۇ بەزىدە. قىسقا بولغاندا 3 ئاي، ياكى يېرىم يىل ساقلايسىز. بىر يىل ساقلىغان ئىشلارمۇ بولغان. ئاخىرىدا كېلىشكەن ۋاقىتتا دىسسېرتاتسىيە ياقىلايسىز. بۇ يەردىكى قائىدە بويىچە ماڭا پەقەت 20 مىنۇت سۆزلەش ۋاقتى بېرىلدى. ۋەزىپەم ماقالىدىكى ھەممە مەزمۇننى سۆزلەش ئەمەس، بەلكى ئەڭ ياخشى بىر قىسىمنى تاللاپ، شۇنى ئەڭ ئىخچام، چۈشىنىشلىك، جانلىق ھەم ئىلمى ئۇسۇلدا، ئىلمى تىلدا چۈشەندۈرۈش. ۋاقىت چەكلىمىسى بەك قاتتىق، ئۇزۇن بولۇپ كەتسە نومۇر تارتىلىشى مۇمكىن. ئاندىن 20 مىنۇت بىرىنچى تۈركۈمدىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىسىز، تۆت پروفېسسور خالىغانچە سورايدۇ. ئارقىسىدىن تاماشىبىنلارمۇ سورىسا بولىدۇ. ئىككىنچى قىسىمدا يەنە 20 مىنۇت سوئال سورايدۇ، بۇ قېتىم پەقەت تۆت پروفېسسور يېپىق شەكىلدە فىزىكا ياكى ئىنژېنېرلىق تېمىلىرىدىن خالىغانچە سوئال سورايدۇ (كەڭ دائىرىلىك كەسپى سوئاللار). باشقا قاتناشقۇچىلار سىرتتا ساقلاپ تۇرىدۇ. بۇ قىسىم ھەممىدىن تەس قىسىم، چۈنكى قانداق سوئال سورىلىدىغىنىنى ئالدىن بىلىش ھەم تەسەۋۋۇر قىلىش ئىمكانيىتىڭىز يوق. سوئال خالىغان تېمىدا، خالىغان جايدىن سورىلىدۇ، ماقالىڭىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشىمۇ، مۇناسىۋەتسىز بولۇشىمۇ مۇمكىن. بۇ قىسىمدىن ئۆتكەندىن كېيىن سىزمۇ سىرتقا چىقىپ تۆت پروفىسسورنىڭ ئاخرقى باھاسىنى ساقلايسىز. ئۇلار ئۆز ئىچىدە سىزنىڭ قىلغان ئەمگىكىڭىز، يازغان ماقالىڭىزنىڭ سۈپىتى، ئىلمى ژۇرناللاردىكى ئېلان قىلغان ماقالىڭىز، دىسسېرتاتسىيەنىڭ سۈپىتى، سوئاللارغا بېرىلگەن جاۋابلار، ۋە خوجايىنىڭىزنىڭ شەخسەن باھاسى ئاساسىدا نومۇر قويىدۇ. ئاخىردا سىزنى ئايرىم چاقىرىپ سىزگە بېرىلگەن نومۇرنى ئېيتىدۇ. بۇ جەريان مۇۋەپپەقىيەتلىك بولسا، ئاندىن ماقالىڭىزنى قايتا تۈزىتىدىغان يەرلىرى بولسا تۈزىتىپ رەسمى ئېلان قىلىسىز، بۇنىڭ ئۈچۈن بىر يىل ۋاقىت چەكلىمىسى بېرىلگەن. مۇشۇ ۋاقىت ئىچىدە سىز قاچان تۈزىتىپ تاپشۇرغاندا، ئاندىن سىزگە رەسمى ئۇنۋاننى بېرىدۇ. ئېلان قىلغان كۈندىن ئېتىبارەن ماقالىڭىز ئۇنىۋېرسىتېت كۈتۈپخانىسگە قويۇلىدۇ، ھەم مەكتەپ تورىدا يېپىق ياكى ئوچۇق شەكىلدە ئېلان قىلىنىدۇ (ئۆزىڭىز ھەم خوجايىنىڭىزنىڭ تەستىقىدىن كېيىن).

ھېس قىلغان مۇھىم نەرسىلەر:

پىلاننى ياخشى تۈزۈش، ۋاقىتنى ئەتراپلىق ھەم يەتكۈدەك ئورۇنلاشتۇرۇش. 2 ئايدا پۈتتۈرۈشكە كۆز يېتىدىغان ئىشقا 3 ياكى 4 ئاي پىلان قويۇش. ئەڭ مۇھىمى، شۇ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئېلان قىلىنغان ئىلمى ماقالىلەرنى تولۇقى بىلەن ئوقۇش، ھەم تېخىچە جاۋاب بېرىلمىگەن نۇقتىلارنى چىڭ تۇتۇش. چۈنكى دوكتورلۇقتا سىز باشقىلار قىلغان ئىشنى تەكرارلىمايسىز، نەتىجە چوقۇم يىڭى، دەۋىرگە ماس، بۇرۇن قىلىنمىغان، مەلۇم تەتقىقات ئەھمىيىتى، قوللىنىش ئىمكانىيىتى بار بولغان نەرسە بولۇشى كېرەك.

يەنە بىر مۇھىم نەرسە، تەجرىبە نەتىجىسىنى ئىلمىيلەشتۈرۈش. بۇ دېگەنلىك، تەجرىبە نەتىجىسىگە مۇۋاپىق ماتېماتىكىلىق مودېل تۈزۈپ، ئۇنى فىزىكا تىلىدا چۈشەندۈرۈش دېگەنلىك بولىدىكەن. بۇنىڭ ئۈچۈن، ماتېماتىكا ئاساسىڭىز كۈچلۈك، ھەم شۇ تېمىغا يېقىن كىلىدىغان ھەر خىل مودېللارغا، چۈشەندۈرۈشلەرگە پىششىق بولمىسىڭىز بولمايدىكەن. باشقا ساھەلەردە پەرقلەر بولۇشى تەبئىي.

ئەڭ مۇھىم ئامىلدىن بىرى، دوكتورلۇقتا ئوقۇغاندا چوقۇم يېتەرلىك قىزىقىش، ھەم ئالاھىدە سەۋرچانلىق ئىكەن. بەزىدە نەچچە ئايدىمۇ نەتىجە چىقمايدىغان، ئۈسكۈنىلەر تولا بۇزۇلۇپ تۇرۇۋالىدىغان، شۇنچە تىرىشىسىڭىزمۇ كۈتكەن نەتىجە چىقمايدىغان ئىشلارمۇ بولۇپ تۇرىدىكەن. شۇ خىل مەغلۇبىيەت، بېسىملارغا چىداپ تۇرسىڭىز ئاندىن بىر نەتىجە چىقىدىكەن. مانا بۇ نۇقتىدىنىلا دوكتۇرلۇق باشلانغۇچتىن تارتىپ ماگىستىرلىققىچە بولغان ئوقۇش جەريانى بىلەن تۈپتىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. چۈنكى ئالدىنقى جەرياندا ھەممە نەرسە ئېنىق، ئىمتىھانلاردىن ئۆتۈپ، دەرىسلەرگە پىششىق بولۇپ ماڭسىڭىزلا ھامان نەتىجە چىقىدۇ. لېكىن دوكتورلۇقتا ئەڭ مۇھىم ئامىللار شۇ تەتقىقاتنىڭ بولۇش-بولماسلىق ئېھتىماللىقى (بۇ ھېچكىمگە ئېنىق ئەمەس، بەزى نەزەرىيە جەھەتتىن بولىدىغان ئىشلار، ئەمەلىيەتتە مەلۇم چەكلىمىلىكلەر سەۋەبىدىن بولمايدىغان بولۇپ چىقىدىغان ئىشلارمۇ كۆپ بولىدۇ)، ئۈسكۈنە ۋە تەجرىبە شارائىتى، پروفېسسورنىڭ يېتەكلەش ئىقتىدارى ھەم سىزگە ئاجرىتالايدىغان ۋاقتى، تەتقىقاتنىڭ قىممىتى، نەتىجىنىڭ ئېتىبارى دېگەندەك نۇرغۇن نەرسىلەرگە تاقىشىدىكەن. شۇڭا بەزىدە شۇنداق ئىقتىدارلىق ئادەملەرمۇ نەتىجە چىقىرالمايدىغان، بەزىدە كاللىسى تۈزۈك ئىشلىمىسىمۇ تىرىشچانلىقى بىلەن ئاسانلا نەتىجە چىقىرىۋېتىدىغان ئىشلار ئۇچراپ تۇرىدىكەن. ھەم بەزىدە ئوخشاش نەتىجىدە پۈتتۈرگەن دوكتورلارنىڭ ھەققى بىلىم ۋە قابىلىيىتىمۇ كۆپ پەرقلىق بولىدىغان ئىشلار كېلىپ چىقىدىكەن. دۆلەت ۋە رايونلاردىكى پەرقلەر تېخىمۇ كۆپ بولىدىكەن.

بىلىشىمچە ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەردە، مىسالەن شىۋىتسىيە، دانىيە، ئەنگلىيە دىگەندەك دۆلەتلەردىمۇ دوكتورلۇق ئۇنۋان بېرىش قائىدە-تۈزۈملىرىدە چوڭ پەرقلەر بار. باھالاش شەكلى، ۋاقىت چەكلىمىسى، ۋەزىپە دېگەنلەر كۆپ پەرقلىنىدىكەن. شۇڭا دوكتۇرلۇق پۇرسىتى ئىزدەشكە كەلگەندە تەپسىلى كۆرۈپ، كۆپرەك ئىزدەنگەن بەك مۇھىم. پروفېسسورىڭىزنىڭ خاراكتېرى، شۇ تەتقىقات گۇرۇپپىسىدىكى ئومۇمى كەيپىياتلاردىن تارتىپ سىز بىلىشكە تىگىشلىك مۇھىم ئۇچۇرلار قاتارىدا. ياۋروپادا ئاساسەن دوكتورلۇقتا ئوقۇش ئۈچۈن ئىمتىھان بېرىدىغان ئىش يوق. چۈنكى مۇقىم دوكتورلۇقتا ئوقۇتۇش پروگراممىسى دەيدىغان نەرسە يوقنىڭ ئورنىدا. كىمدە يېڭىدىن تەستىقلانغان تەتقىقات تۈرى بولسا، شۇ ۋاقىتتا دوكتور ھەم دوكتور ئاشتى ئىلىپ ئىشلىتەلەيدۇ، قانچىلىك ئادەم ئىشلىتەلىشى تەتقىقات فوندى سوممىسىغا باغلىق. بۇنداق تەتقىقات تۈرلىرى كۆپىنچە بىر يىللىقتىن تۆت يىللىققىچە بولغان بولىدۇ. شۇڭا داۋاملىق ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. پروفېسسورلارنىڭ يانچۇقىمۇ داۋاملىق توم بولمايدۇ. شۇڭا دوكتورلۇقتا ئوقۇش ئىزدىگەندە ئاساسلىقى ئۇچۇرغا تايىنىسىز، ئىچكى قىسىمدىكى ئۇچۇر ھەممىدىن ئىشەنچىلىك بولىدۇ. تور يۈزىگە قويۇلغان ئېلانلار بەزىلىرى راست، بەزىلىرى ئەمەلىيەتتە ئادەم ئىلىپ بولغان، لېكىن ئورگان تەلىپى بويىچە ئالغان ئادەمنىڭ باشقىلارغا قارىغاندا لاياقەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن بىر نەچچە ئىلتىماسىنى ئارتۇق يىغىپ سېلىشتۇرۇپ كۆرسىتىش ئۈچۈن چىقارغان ئېلانمۇ بولىدۇ. شۇڭا پەقەت ئىلتىماس قىلىپ تەلىيىڭىزنى سىنايسىز. قانداق ماتېرىياللار تەلەپ قىلىنىدۇ، بۇ شۇ ئېلاندا يېزىلغان بولىدۇ. ئادەتتە تولۇق تەرجىمىھالىڭىز، تەتقىقات پىلانىڭىز، ئىلتىماس قىلىش سەۋەبىڭىز، ئۆزىڭىزنى نىمىشقا شۇ تۈرگە مۇۋاپىق دەپ ئويلايدىغانلىقىڭىزنى ئاساس قىلىپ يازىسىز. تەتقىقات تېمىسى ھەم ئاساسى ۋەزىپە ھەم تەلەپ ئېلاندا يېزىلغان بولىدۇ. ئۇلارئىلتىماسىڭىزنى كۆرگەندىن كىيىن، ئەگەر سىزنىڭ تەجرىبىڭىزنى ھەم ئوقۇش تارىخىڭىزنى ماس كېلىدۇ دەپ قارىغان بولسا، سىزگە كۆرۈشۈش تەكلىپنامىسى ئەۋەتىدۇ، ئادەتتە ئېلخەت ئارقىلىق. ياكى سىز بىلەن باشتا تېلېفوندا كۆرۈشۈشنى سورايدۇ. بۇ دېگەنلىك بىرىنچى تاللاشتىن ئۆتتىڭىز دېگەنلىك. ئاندىن كۆرۈشۈشكە ئىلتىماس قىلغانلاردىن بىر نەچچىنى ئايرىم ئايرىم تاللاپ چاقىرتىدۇ، بۇنداق ئىشلاردا ھەممە چىقىمىڭىزنى قارشى تەرەپ كۆتۈرىدۇ. كۆپىنچە ئەھۋالدا شۇ چاقىرغان يەردىكى كىشىلەر بىلەن تونۇشىسىز، ھەم ئۆزىڭىزنىڭ بۇرۇنقى تەتقىقات نەتىجىڭىزنى شۇلارنىڭ تەلىپى بويىچە سۆزلەپ بېرىسىز (بۇنىسى بەكلا مۇھىم). سوئاللار سورىلىدۇ شۇ سۆزلىگەن تېمىڭىزغا مۇناسىۋەتلىك. ئاندىن سىزگە سىزنى قوبۇل قىلغان قىلمىغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ. بۇنىڭغا ئادەتتە بىر كۈندىن بىر نەچچە ھەپتىگىچە ۋاقىت كېتىدۇ.

تۆۋەندە شۇنداق ئېلانلار داۋاملىق يوللىنىدىغان تور بەتلەردىن بىر نەچچىنى مىسال ئۈچۈن بەردىم. كۆپىنچە ئىلمى ژۇرنال تور بەتلىرىدە شۇنداق ئېلانلار بار. بۇنداق تورلارمۇ بەك كۆپ ھازىر، كۆپرەك ئىزدەنگەن ياخشى، گۇگىل ئەڭ ياخشى قورال. بەزى تەتقىقات مەركەزلىرى ياكى ئۇنىۋېرسىتېتلار ئۇنداق ئېلانلارنى پەقەت ئۆزلىرىنىڭ تور بېتىگىلا يوللاپ قويىدۇ، شۇڭا شۇنداق ئورگان ياكى مەكتەپلەرنىڭ سىز قىزىققان يۆنىلىشتىكى تەتقىقات بار بۆلۈملىرىنىڭ تور بەتلىرىنى كۆرۈپ تۇرغىنىڭىز ياخشى.

http://brightrecruits.com/tiptop/

http://www.nature.com/naturejobs/science/jobs

http://academicpositions.de/

http://ec.europa.eu/research/mariecurieactions/apply-now/jobs-for-you/index_en.htm

http://www.hzdr.de/db/Cms?pNid=1908

http://jobs.phds.org/

http://www.careerboard.com/us/en/Search-for-Jobs/

https://www.academictransfer.com/?page_id=228

http://www.myscience.org/jobs

قاتارلىقلار…

ھازىرچە مۇشۇنچىلىك يازاي. كىيىن يەنە تولۇقلىشىم مۇمكىن زۆرۈر تېپىلسا.

oghuzkb

2014-يىل، نورۇز

بۇ يازما ئۇنىۋېرسال, ئۇيغۇر + ياۋرۇپا, چەتئەلدە ئوقۇش كاتېگورىيىسىگە يوللانغان ھەم , , , دەپ خەتكۈشلەنگەن. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈشلىۋېلىڭ.

گېرمانىيەدە ئوقۇش داۋامى ئۈچۈن بىر ئىنكاس بار

  1. ئىزدەنگۈچى مۇنداق يازغان:

    http://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_good.gifhttp://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_good.gif

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong> <img src="" alt="" class="" width="" height="">

https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_bye.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_good.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_negative.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_scratch.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wacko.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yahoo.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cool.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_heart.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_rose.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_smile.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_whistle3.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yes.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cry.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_mail.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_sad.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_unsure.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wink.gif