ياۋرۇپادىكى ئۇيغۇر ئاشخانىلىرى

ئەمدى ياۋرۇپادىكى ئۇيغۇر ئاشخانىلارنى بىر تونۇشتۇرايلى، تېما سەل چوڭ بولۇپ كەتتى، ئەمەلىيەتتە ھازىرچە پەقەت گىرمانىيە ۋە فرانسىيەدىكى بىر ئىككى ئاشخانىنىلا تونۇشتۇرىمەن.

ميۇنخىندىكى تەكلىماكان رىستۇرانى

بۇ رىستۇرانغا 10 يىللارچە بولۇپ قالدىغۇ دەيمەن، ئىشقىلىپ مەن 2005-يىلى كەلسەم بار ئىكەن. ئورنى بەك ئىسىل يەردە، شۇڭلاشقىمۇ پەقەت خىرىدار ئۈزۈلمەيدۇ. شەھەر مەركىزىدىكى ئەڭ چوڭ ۋوگزالنىڭ تۈۋىدىلا، ۋوگزال ئالدى ئىشىكىدىن چىقىپ ئوڭ تەرەپتىكى يولنىڭ قاسنىقىغا قارىسىڭىزلا كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. سىرتتىن قارىماققا تۈركلەرنىڭ تىز-تاماقخانىسىغا ئوخشايدۇ، خوجايىنمۇ شۇ يەرلىكلەرنىڭ ئۇيغۇر تائاملىرىنى ياخشى بىلمەيدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ شۇنداق قىلغان بولسا كىرەك، ئاشخانا ھەم تۈركلەرنىڭ، ھەم ئۆزىمىزنىڭ تامىقىنى چىقىرىدىكەن. بىلگەنلەر ئۇيغۇرچە تاماق يەيدىكەن، بىلمىگەنلەر تۈركلەرنىڭ. ئاشخانا ئىچىنى تىپىك ئۇيغۇرچە لايھىيلىگەن، كىشىگە ۋەتەنگە قايتقانەك تۇيغۇ بىرىدۇ. تاماقلىرىمۇ بەك ئوخشايدۇ، خۇددى ۋەتەندىكى تەم بىلەن ئوخشاشلا. ئۆي تامىقىنى بەك سىغىنىپ كەتسەم بىرىپ يەپ كىلىمەن بەزىدە، دەم ئىلىشلاردا.

tel: +49(0) 89-54549878

Bayerstraße 27, 80335 München

点击查看原始尺寸

فرانكفۇرتتىكى كاراۋان ئوتتۇرا ئاسىيا رىستۇرانى

http://www.restaurant-caravan.com/

بۇ رىستۇرانى شەھەر مەركىزىگە خىلى يىقىن، لىكىن تىپىش سەل قىيىن. ئاشخانىنى ئۆزبىكلەر ئاچقاندەك قىلىدۇ، لىكىن ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ كۆپىنچىسى باركەن، خىرىدارلىرى ئاساسەن قازاقىستان، قىرغىزىستان ھەم ئۆزبىكىستانلىق سودىگەرلەر بولسا كىرەك (گىرمانىيدە ئوتتۇرا ئاسىيادىن كەلگەن رۇس، ھەم نىمىسلارمۇ بەك كۆپ)، ئىچىنى چارۋىچى مىللەتەر ئۇسلۇبىدا لايھىيلەپتۇ. قانداقلا دەيلى كىشىگە يەنىلا خوش ياقىدۇ، بۇ ئاشخانىغىمۇ خىلى بولغان چىراي. ئاشخانا بەك ئازادە، تىخى سىرتىدا كىچىك ھويلىسىمۇ بار، يازلاردا ئاساسەن مىھمانلار شۇ يەردە تاماقلىنىدىكەن.

Caravan Restaurant

كۈنلۈك ئىچلىش ۋاقتى: 17- 24 كىچە

Basalt Str. 13a, 60487, Frankfurt

tel: 069-95909158

点击查看原始尺寸

 

پارىژدىكى تارىم رىستۇرانى

تامىقى بەك ئوخشايدىكەن، بەكلا تىتىپكەتتى ئىشقىلىپ. بۇلارمۇ ئاشخانىنى شۇنداق قويۇق مىللىيچە پۇراقتا زىننەتلەپتۇ. ئاشخانا خوجايىنى ياشلا بالىكەن، شۇڭلاشقىمۇ ئۇيغۇر تائاملىرىنى يەرلىكلەرنىڭ ئاشخانا باشقۇرۇش ھەم ئورۇنلاشتۇرۇشى، بولۇپمۇ تاماقلىنىش ئادىتىگە ماسلاشتۇرۇپ تاماق تىزىملىكرىنى تۈزەپتۇ. ھىسابتا تاماقلىنىش يولى فرانسوزچە، تاماق ئۇيغۇرچە. چۈشەندۈرىشىچە ھازىر بۇ ئاشخانىغا شۇ يەردىكىلەر خىلىلا كۆنۈپ قاپتۇ. ھەتتا بەزى ۋاقىتلاردا ئاي بۇرۇنلا ئۈستەللەر زاكاز قىلىنىپ بولىنىدىكەن. ئاشخانىغا بىرىش ئۈچۈن يەرئاستى يول (مىترو) نىڭ 2-يول لىنيەسىنى تىپىپ، Couronnes دىگەن بېكەتتە چۈشۈپ چىققانلا يەردە تۆت كوچا ئىغىزىدىن دۆڭدىن چۈشىدىغان يولنىڭ (بۇ يول بويىدا بىر جامە، ھەم ساپ ئىسلامغا ئائىت بۇيۇملار سىتىلىدۇ) سول تەرىپىنى بويلاپ 500 مىتىرچە ماڭسىڭىز ئاشخانا يولنىڭ بويدىلا.

www.resto-tarim.fr

adris: 74 Rue Jean-Pierre Timbaud, 75011, Paris

tel: +33(0) 143550473

点击查看原始尺寸

点击查看原始尺寸

بۇلاردىن باشقا يەنە، پارىژدا يەنە بىر ئۇيغۇر ئاشخانىسى، گېرمانىيە كاسسېل شەھرىدىمۇ يىڭى قۇرۇلغان بىر ئۇيغۇر ئاشخانىسى بار ئىدى. كىيىنچە مۇمكىن بولسا چۈشەندۈرۈش بىرەرمەن. ئاللاھ خالىسا ياۋرۇپادا تىخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر ئاشخانىلىرىنىڭ ئىچىلىشىنى، سودىسىنىڭ تىخىمۇ روناق تىپىشىنى تىلەيمەن.

تولۇقلىما

يىڭىدىن قوشۇلغان رىستۇرانلار

ميۇنخىندا ئېچىلغان تەڭرىتاغ رىستۇرانى، ئازادە، شەھەر مەركىزىگە يىقىن، يەنى گېيوتى مەيدانىدا. تاماقلىرىمۇ بەك ياخشى. ئادىرىس:

 

Häberlstraße 1, 80337 Munich, Germany, tel: +49 89 55271643
ميۇنخىندىكى تەڭرىتاغ رىستۇرانى

فرانكفۇرتتىكى مۇقام رىستۇرانى، بۇرۇن تەكلىماكان دەپ ئاتالغان، كېيىنچە مۇقامغا ئۆزگەرتىلدى. كۆلىمى چوڭ ھەم چوڭ تىپتىكى ھويلىسى بار، توي تۆكۈن ۋە چوڭ تېپتىكى پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈشكىمۇ ماس كىلىدۇ. تاماقلىرىمۇ ياخشى، دۈشەنبىدىن باشقا ھەممە كۈنلەردە ئېچىلىدۇ. ئادىرىس:

Mörfelder Landstr.210, 60598 Frankfurt, Germany, tel: +49 69 63199278

فرانكفۇرتتىكى مۇقام رىستۇرانى (بۇرۇنقى تەكلىماكان رىستۇرانى)

مۇقام رىستۇرانى

بۇلاردىن باشقا يەنە ميۇنخىندا ئېچىلغان كىچىك تىپتىكى قاراماي رىستۇرانى بىلەن قەشقەر رىستۇرانىمۇ بار، ئىككىلىسى ئاساسى ۋوگزالغا يىقىنلا يەردە.

 

Oghuzkb

 

شەھرى ئۇلم

بۇ يازما ئۇيغۇر + ياۋرۇپا كاتېگورىيىسىگە يوللانغان. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈشلىۋېلىڭ.

ياۋرۇپادىكى ئۇيغۇر ئاشخانىلىرى ئۈچۈن 2 ئىنكاس بار

  1. ئۆمەر مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
    ياخشى تېمىكەن، ياۋروپادا مۇشۇنداق رېستۇران ئاچىدىغانلار خېلى ياخشى ئىقتىسادى ئاساسى بارلار ئەقىچان؟ يېڭى بارغانلار ئاز پۇلغا ئاچالمايدۇ ئەقىچان؟ ياۋروپادا ئاشخانا ئاچسا قەرز ئاغىلى بولىدىغان ياردەم سىياسەتلىرى بارمىدۇ بانكىنىڭ؟

    • ئاچىنۇق مۇنداق يازغان:

      ۋائەلەيكۇم ئەسسسالام! بۇ تەرەپلىرىنى سورىماپتىمەن، لېكىن مۇۋاپىق سىياسەتلەرنىڭ بولۇشى ئىنىق. شەرتلىرى بولۇشى ھەم مۇمكىن.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong> <img src="" alt="" class="" width="" height="">

https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_bye.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_good.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_negative.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_scratch.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wacko.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yahoo.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cool.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_heart.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_rose.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_smile.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_whistle3.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yes.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cry.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_mail.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_sad.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_unsure.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wink.gif