ھايات قەترىلىرىدىكى غۇۋالىقلار

ھايات بەزىدە ھەقىقەتەن سىرلىق. ئەلۋەتتە، مۇسۇلمان ئادەم ئۈچۈن ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن بولىدۇ، تەقدىرىمىزگە يىزىلغان بولىدۇ. ياراتقان ئىگىمىز كەلگۈسىمىزنى ھەم ئۆتمۈشىمىزنى بىلىپ تۇرغۇچى. بەزىلەر دەيدۇ، ئەگەر ھەممە ئىش ئالدىن بىكىتىلگەن بولسا، ئاللاھ يەنە نىمىشقا بىزنى سىنايدۇ، نىمىشقا يەنە بىزنى ياشىتىدۇ دەپ.

بۇ يەردە ئىككى نەرسە بار، ئاللاھ مەلۇم تاللاشنى يەنىلا ئۆزىمىزگە بەرگەن، ئۇ ياراتقۇچى ھەم كۈزەتكۈچى، كەلگۈسىمىزنى كۆرىمەن دەپلا كۆرەلەيدۇ، بۇ دىگەنلىك، ھەر بىر تاللىشىمىزنى بىز ئۈچۈن تاللاپ باردى دىگەنلىك ئەمەس. ئالدىن كۆرۈش بىلەن ئالدىن قىلىپقا سىلىش مەنچە ئىككى ئىش (توغىرسىنى بىلگۈچى ئاللاھتۇر). يەنە بىرى، ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى نىيەتتۇر، مەيلى سىز قانداق ئىش قىلىڭ، قانداق نەتىجىگە ئىرىشىڭ، ئاللاھ نىيتىڭىزنى بىلگۈچىدۇر، ھەم شۇ نىيتىڭىز ئۈچۈن ساۋاب ياكى جازا يىزىشى مۇمكىن. بۇ گەپلەرنى زامانىمىزنىڭ يىتۈكلىرىن بىرى، قۇردىشىم پەخرىدىننىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىغىنىمدا بەكلا سۆيۈندۈم، نەقەدەر ئوچۇق پىكىرلىك بىر قىرىندىشىمىز بار! ھىسابتا بۇمۇ مېنىڭ بىر نەزەرىيىمنى ئىسپاتلىدى: كىشى چوڭقۇر بىلىم ئىگەللەپ، پىكىر قىلىشنى مۇھىم بىلسە، ئۇلاردىن تارقايدىغان ئىماننىڭ رادئاتسىيەسى باشقىچە ھارارەتلىك بولىدىكەن، ھەم بۇنداق ئادەمنىڭ ئىمانى شۇنداق كۈچلۈك بولىدىكەن. ئەگەر كىشى ئەقىلسىزلىك ئۈستىگلا بىر ئەقىدىلەرگە كىرىشىپ قالسا، ئاسانلا يولدىن ئازغىشىدىكەن. بۇنداق ئادەملەرنىڭ كىشىلەرگە بولغان زىينىمۇ بەك كۆپ بولىدىكەن. ئەلبەتتە، ئەقىللىق بولسىلا كۇپايە بولمايدۇ، يەنە نىيەت ئەلا. لىكىن ھىچ بولمىغاندا پىكىر قىلغان ئەقىللىق ئىنسان دىنسىز بولغان تەقدىردىمۇ قان ئىچەر بولمايدۇ. مۇنداقچە ئىيتقاندا، ئىنسانغا ئۆز ئىتقادىنى خاتا چۈشىنىۋالغان نادان ئازغۇندىن دىنى بولمىسىمۇ نوبېل مۇكاپاتى ئالغان ئالىمنىڭ پايدىسى كۆپ بولىدىكەن. بۇ يەردە ھەرگىز دىنسىزلىقنى تەرغىپ قىلغىنىم يوق، پەقەت ئىتقادنى توغرا چۈشىنىشنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى تەكىتلىمەكچىمەن خالاس. چۈنكى بىلىپ تۇرۇپ قىلغان گۇناھ بىلەن بىلمەي تۇرۇپ قىلغان گۇناھنىڭ كۆپ پەرقى بار دەپ ئويلايمەن.

ئەسلى گەپكە قايتىپ كەلسەك، ھايات بەزىدە ماڭا چاقچاق قىلۋاتقاندەكلا تۇيغۇلاردا بولىمەن. تەقدىر ئۈستىدە ئويلىنىپ قالىمەن، بىر ئىشلاردا قارار چىقىرالماي قېينىلىپ قالىمەن. مىسالەن: تۇنجى قىتىم ماگىستىرلىققا ئىلتىماس قىلغاندا شىۋىتسىيەدىن بىر مەكتەپتىنمۇ كەلگەن ئىدى، كېيىن گېرمانىيەنى تاللىدىم. ماگىستىرلىقنى پۈتتۈرۈپ دوكتۇرلۇققا ئىلتىماس قىلغاندا يەنە بىر شىۋىتسىيە مەكتىۋى قوبۇل قىلدى، بارماي يەنە گېرمانىيەنى تاللىدىم، ھەم ئىچىمدە دوكتۇر ئاشتىلىقنى شىۋىتسىيەدە قىلارمەن بەلكىم دەپ ئويلىدىم. ئەمدى دوكتۇر ئاشتىلىققا يەنە بىر شىۋىتسىيە مەكتىۋى چىققان ئىدى، پروفىسسورمۇ بەكلا ياقتۇرۇپ قالغان، ئۈزەممۇ چىقىشىپ قالغان ئىدىم، شۇنداق تەستە رەت قىلدىم خىجىل بولۇپ، يەنە مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى ئەنگىليەنى تاللىدىم ئاخىر… … بۇ شىۋىتسىيە بىلەن راستىنلا تەقدىرىم قېتىلمىغان بولسا كېرەك!

يەنە بىر غەلىتە ئىشىم، يەتتە رەقىمىگە بولغان ئامراقلىقىمنىڭ سەل ھەددىدىن ئىشىشى؛) 7-كۈنى تۇغۇلۇپتىكەنمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆرىپ ئادەت ھەم دىنىمىزدىمۇ كۆپ ئۇچرايدىغان بىر سان. ئويلاپ باقسام، ھازىرغىچە ھاياتىمدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك كۈنلەردە بۇ سان كۆپ تەكرارلىنىپتۇ. بۇ گەپلىرىم بەلكى گاي رىچىنىڭ ”Revolver“ كىنوسىدىكى ئىدىيەدەك تەسىر بىرىشى مۇمكىن. نىمىلا دەيلى، ھاياتىمدىكى ئەڭ مۇھىم بىر كۈندە بۇ ساننىڭ يەنە ئۇقۇشمايلا ئارلىشىپ قالغانلىقىدىن سۆيۈنمەي تۇرالمىدىم.

سالاملار بولسۇن، شۇ مەن ئۈچۈن ئاسانلىق تىلەپ دۇئا قىلغان ئاتا-ئانام ۋە قېرىنداشلىرىمغا،
سالاملار بولسۇن، شۇ مەن ئۈچۈن ئاسانلىق تىلەپ دۇئا قىلغان بارلىق دوست-بۇرادەرلىرىمگە، ھەمشىرىلەرگە. ئاللاھ نىيەتلىرىمىز ئۈچۈن گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگۈسى!

1-ئاينىڭ 27-كۈنى

ئۇلم

بۇ يازما ئۇنىۋېرسال كاتېگورىيىسىگە يوللانغان. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈشلىۋېلىڭ.

ھايات قەترىلىرىدىكى غۇۋالىقلار ئۈچۈن 4 ئىنكاس بار

  1. ئارمان مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم!
    بلوگىڭىزنى دائىم يوقلاپ تۇرىمەن. ھەربىر يازمىلىرىڭىزدىن باشقىچە ھۇزۇر ئالىمەن!

    بۈگۈن بۇ يازمىڭىزدىن كۆرۈپ يەنە شۇنداق سۆيۈندۈم. اللە ئوقۇشلىرىڭىزنى نەتىجىلىك قىلسۇن! ھە راست، ئالدى بىلەن تېنىڭىزنى ساغلام قىلسۇن!

    مەنمۇ يەتتە رەقىمىگە شۇنداق ئامراق، ھى ھى …. بۇ تەرەپتە ئوخشاپ كىتىدىكەنمىز. ھى.ھى.. بۇ يەتتە رەقىمى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىن باشلاپ چاپلىشىۋالغان ئىدى، ھازىرمۇ مەكتەپتىكى يولداشلا ئەسلى ئىسمىمنى توغرا ئاتالماي Seven دەپ چاقىرىدۇ. ھىھى…

  2. شەبنەم مۇنداق يازغان:

    سالام!
    تەپەككۇر چۇڭقۇرلاشقانسىرى پىكرى ؟وچۇق بۇلىدىكەن http://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yes.gif

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong> <img src="" alt="" class="" width="" height="">

https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_bye.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_good.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_negative.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_scratch.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wacko.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yahoo.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cool.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_heart.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_rose.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_smile.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_whistle3.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yes.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cry.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_mail.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_sad.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_unsure.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wink.gif