زامانىۋى باخشىلىق

يىڭى يىزىقتىكىسى بۇيەردە

http://www.uyghur-oqughuchilar.biz/t156-zamaniwi-baxshiliq-deymizmu-buni-emdi

باخشىلىق دىگەن بۇرۇنتىن بار، بەزىدە ھەيران بولىسىز. بەزى كىشىلەر ئەتراپىڭىزدىكى نەرسىلەردىن، ئۆيىڭىزدىكى زىننەتلەردىن برىدەمدىلا سىزنىڭ خاراكتىرىڭىزنى دەپ بىرەلەيدۇ. ئىنساننىڭ مىڭىسى ھازىرغىچە ئادەملەر ئۈچۈن يىشىلمەس بىر سىر. چۈش، ئالدىن كۆرۈش دىگەنلەرنى ھەر خىل يوللاردا چۈشەندۈرۈپ باقىدۇ، لىكىن ھىچكىم 100% ئىسپاتلاپ باققىنى يوق شۇ قاراشلىرىنى.باخشىلىق بىزدىلا بار ئىش ئەمەسكەن، ياۋرۇپادىمۇ بۇرۇن بەك مودا بولغان ئىكەن ئۇنداق ئىشلار، لىكىن كۆپىنچىسى ئالدامچىلىق بولۇپ چىققان ئىكەن كىيىن. لىكىن بۈگۈن تونۇشتۇرماقچى بولغان ئاداش بەكىرەك ئۆزگىچە، يەنى بۇ ئاداش دەل ھازىرنىڭ ئۆزىدە مۇشۇنداق ئىشلارنى قىلىدۇ، لىكىن ئادەم ئالداش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى شۇ تەرەپتە ئىلمى ئىزدىنىشكە تىرىشىۋاتقان، ھەم سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشكە ئۇرۇنىۋاتقان بىر پىسخىك سىھىرگەر بىرىتونلۇق Derren Brown نى تونۇشتۇرماقچىمەن. بۇ ئاداشقا نىمە دىيىشنى بىلمىدىم، كىشىلەرنىڭ پىسخولوگىيەسنى، ئادەم مىڭىسىدىكى ئاجىزلىقلارنى كۆپ تەتقىق قىپتۇ. youtube دا بىرمۇنچە نەرسىلىرى باركەن، بەزىلىرىنى كۆرۈپ قورقۇپ كەتتىم. ئۇلارنى كۆرسىڭىز بەزىدە كىشىلەرنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن نەقەدەر ئاسان كونترول قىلىنىپ كىتىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ قالىدكەنسىز.

تۆۋەندە بىر ئۇلىنىش بەردىم، بىر كۆرۈپ بىقىڭلار، بۇ ھەرگىزمۇ ئىككى ئارتىسنىڭ ئويۇنى ئەمەس. گىپىنى چۈشەنمىسىڭىزمۇ مەزمۇنىنى خىلى چۈشىنەلەيسىز.  بروۋن ئەپەندى شۇنداق بىر يەكۈن چىقىرىش ئۈچۈن بىر ئىشلارنى قىلغان، سىزچە قايسى ئىشلارنى قىلغاندۇ، تىپىپ بىقىڭ، توغرا تاپالامسىزكىن؟:-)

http://v.youku.com/v_show/id_XMTg4OTQwMTI=.html

ئەمدى ئازىراق چۈشەنچە بىرەي. دەررىن بىر ئارتىس بىلەن كۆرۈشمەكچى بولدى، ھەم ئۇ ئارتىسنى كۆرۈشۈشتىن بۇرۇن تۇغۇلغان كۈنىگە نىمە ئالماقچى بولغىنىنى كىچىك بىر قەغەزگە يىزىپ ئىچى يانچۇقىغا سىلىشنى بۇيرىغان. ئارتىس دەررىن ئورۇنلاشتۇرغان ئالاھىدە بىر ئۆيگە كىرىدۇ، ھەم دەررىن ئۆز پىلانى بويىچە بىر مۇنچە پاراڭلىشىپ ئاندىن تۇيۇقسىزلا تۇغۇلغان كۈنىگە نىمە ئالماقچى ئىكەنلىكىنى سورايدۇ. ئۇ ئارتىس مەن مۇنداق ماركىدىكى بىر ۋەلىسپىت ئالماقچى ئىدىم دەيدۇ. دەررىن ئارتىستىن ئۆزى كۆرۈشۈشتىن بۇرۇن قەغەزگە يىزىۋالغان نەرسىنى سورىغاندا قەغەزگە يىزىلغىنى خۇرۇم چاپان بولۇپ چىقىدۇ. ئارتىس ئۆزى ئۆزىنىڭ شۇنداق نەرسە يازغانلىقىغا پەقەتلا ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ. نىمىشقا شۇنداق ئۆزگۈرۈش يۈز بىرىدۇ؟ بۇ يەردىكى مۇھىم نەرسە كىشىلەرنىڭ يوشۇرۇن ئىڭى، بىزنىڭ يۇشۇرۇن ئىڭىمىز نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، ئەتراپتىكى گى’ئومىتىريەلىك شەكىللەر، پاراڭ تېمىسى، ھەتتا پاراڭ جەريانىدا دەررىننىڭ ئىشلەتكەن قول ھەرىكەتلىرى، بەزىدە ئارتىسنىڭ ئوڭ مۈرىسىنى، بەزىدە سول مۈرىسىنى قىقىشلىرى ھەممىسى مەقسەتلىك. ئەڭ ئاخىرىدا دەررىن مۇۋەپپقەقىيەتلىك ھالدا ئۆز ئىديىسىنى شۇ ئارتىسقا يۇشۇرۇن ئاڭ ئارقىلىق سىڭدۈرۋىتىدۇ، ھەم مەقسىتىگە يىتىدۇ.

يەنە بىر مىسالدا بۇ ئاداش بىر تاللا بازىرىغا كىرىپ مىكرافوندىن پايدىلنىپ ناھايتى ئۇستىلىق بىلەن پىلانلانغان پاراڭنى قىلىۋىرىدۇ. تاللا بازىرىدىكى كىشىلەر كارى يوق ئۇنى-بۇنى ئىلىپ يۈرىدۇ. لىكى دەررىن گەپ قىلىپ بىر يەرگە كەلگەندە تۇيۇقىسىزلا ھەممە ئادەم قولىنى تەڭلا كۆتۈرىدۇ. كىيىن ئۇلارنىڭ نىمىشقا قولىنى كۆتۈرگەنلىكى سورالغاندا ھىچكىم سەۋەبىنى دەپ بىرەلمەيدۇ. ئەپسۇس بۇ قىسىمنى بەيدۇ دىن تاپالمىدىم، يۇتيۇب دا بار.

تۆۋەندىكى بۇ ئاداشنىڭ يەنە بىر داڭلىق ئەسىرى. تەكلىۋىم كىچىسى كۆرمەڭ، بەك قورقۇپ كەتسىڭىز مەن ئىگە ئەمەس. مەن كىچىسى كۆرگەن ئىدىم، كۆرۈپ ئاخىرلىشاي دىگەندە تازا قۇرقۇپ ئولتۇرسام، تۇيۇقىسىز ئارقامدىكى ۋىچىرلىغان ئاۋازنى جىنىمنى بىر ئالدى، قارىسام بىر مۈشۈك، يان تەرەپتىكى دەرىزىگە يامىشىپ تۇرۇپتۇ… ئۇ كۈنى مىڭ تەسلىكتە ئۇخلىدىم دىسە

http://www.tudou.com/programs/view/B-maXCvrRjI/isRenhe=1

يۇقاردىكىسى بۇ ئاداشنىڭ داڭلىق بىر تەجىربىسى، بۇ تەجىربىدە بىر نەچچە مىدىتسىنا ئوقۇغۇچىلىرى تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، كىشىلەرنىڭ كۆزىچىلا بىزگە ھەيران قالارلىق بىر ئىشنى كۆرسىتىدۇ. دەسلەپكى ئوقۇغۇچى گىپنوز قىلىنغاندىن كىيىن پەردە ئارقىسىدا ئولتۇرغىزىدۇ، سۆزدىن كىيىن ئۇ قىز ئوقۇغۇچى تۇيۇقسىز بىر ھەرىكەت قىلىدۇ. گىپنوزىدىن كىيىن ئۇ قىز مەن ھىچنىمە قىلمىدىم دەيدۇ. بۇ خۇددى بىزدىكى باخشىلارنىڭ جىن ھەققىدىكى گەپلىرىنى ئەسلىتىدۇ. مەن بۇ يەردە بۇ كىشىنىڭ ھەممە تەجىربىسىنى بەرمىدىم، قىزىقىسىڭىز ئۆزىڭىز بۇ ئاداشنىڭ ئىسمىنى google ياكى baidu دا ئىزدىسىڭىزلا نۇرغۇن تەجىربىلىرىنى كۆرەلەيسىز، بۇ ئادەم ھەم كىتابمۇ يازغان، پەقەت ئىنگىلىزچە نۇسخىسىلا بار، قىزىقساڭلار ئەۋەتىپ بىرىمەن، ئۈزەم تىخى ئوقۇغىدەك بولمىدىم.

 

بۇ يازمىدا ئوقۇرمەنگە شۇنى دىمەكچىمەنكى، ئادەم مىڭىسىدە ئاجىزلىقلار كۆپ بولىدىكەن، ئەگەر بەك دىققەت قىلمىساق بەزىدە ئۆزىمىزنىڭ ئىرادىسىگە قارشى ئىشلارنى قىلىپ قىلىشىمىز مۇمكىن، ھەم باشقىلارنىڭ نامۇۋاپىق پايدىلنىپ كىتىشىگە ئۇچرىشىمىز مۇمكىن. يۇشۇرۇن ئاڭنىڭ رولىغا ھەرگىز سەل قارىمايلى. مىڭىمىز ئۇنچىلىك ئاددى ئەمەس!

Oghuzkb

2009-يىل 11-ئاي

قايتا تولۇقلاندى

بۇ يازما ئۇنىۋېرسال كاتېگورىيىسىگە يوللانغان. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈشلىۋېلىڭ.

زامانىۋى باخشىلىق ئۈچۈن 5 ئىنكاس بار

  1. دىلمۇرات مۇنداق يازغان:

    راسلا ئادەمدە ھازىرغىچە بايقالغان ئون چوڭ دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ ئارىسىدا مۇششۇ (پېرخونلۇقمۇ) بار !
    سىز Criss Angle – Daynamon ئىسىملىك سېھرىگەرلەرنىڭ ماھارەتلىرىنى كۆرۈپ باقتىڭىزمۇ ؟
    بۇرۇنتىن ھازىرغىچە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش سېھرىگەرلەردىن 7 دەككىنى شۇ چەتەللىكلەرمۇ – ئۇلارنى پىرخون دەپ چۈشەندۈرۈپتۇ . (دىمېن) دېگەندەك قىلغان Youtube دا كۆرگەنتىم – شۇ پېرخون دېگەن گەپتۇ ؟ http://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_unsure.gif

    • دىلمۇرات مۇنداق يازغان:

      يا ئاللا ئاران يوللىدىميا ما رەسىمنى ئاستىدىكى ئىنكاسلارنى ئۆچۈرۋەتسىڭىز بوپتىكەن ! مۇششۇ رەسىمنى يوللايمەن دەپ ئەخلەت قىلىۋەتتىم http://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yes.gif

      • ئاچىنۇق مۇنداق يازغان:

        تازىلاپ قويدۇم. مەن بۇنداق نەرسىلەرگە ھازىر ئىشىنىپ كەتمەيمەن. سىھىرگەرلىكنىڭ ھەممىسى ئۇستىلىق بىلەن بولىدۇ…

  2. دىلمۇرات مۇنداق يازغان:

    ئۈستىدىكى ئىنكاسنى ئۆچۈرۋەتسىڭىز ! رەسىم يوللىسام ئادىرسى خاتا بولۇپ قاپتۇ !
    7 ئەمەس 11 كەن ! — Google ياكى Facebook تىكى ئىسمىڭىز نېمە ؟ دوسقا قۇشىۋالاي دېگەن !

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong> <img src="" alt="" class="" width="" height="">

https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_bye.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_good.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_negative.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_scratch.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wacko.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yahoo.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cool.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_heart.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_rose.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_smile.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_whistle3.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yes.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cry.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_mail.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_sad.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_unsure.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wink.gif