ساياھەتنامە (2) لۇند

لۇند شىۋىتسىيەنىڭ جەنۇبى ئۇچىدىكى مۇنبەت دېھقانچىلىق رايونىغا جايلاشقان كىچىك بىر شەھەرچە. ھاۋاسى خىلىلا سالقىن، ئورنىنىڭ يۇرتىمىزغا قارىغاندا كۆپ شىمالدا بولۇشىغا قارىماي، قىش كۈنلىرىدىكى ئەڭ تۆۋەن ئوتتۇرچە تېمپېراتۇرىسى ئاران نۆلدىن تۆۋەن بىر گرادۇسقا چۈشىدىكەن. يامغۇر كۆپ ياغىدۇ، ھەم خىلى شاماللىق. كېلىماتىنىڭ بۇنداق بولۇشى ئاساسلىقى ئاتلانتىك ئوكياندىن كىلىدىغان ئىسسىق ھاۋا ئىقىمى بىلەن باغلىنىشلىق. بۇ شەھەرنىمۇ ھىسابتا رىملىقلار ئاچقان. گېرمانيەدىن باشلانغان شىمالى ياۋرۇپادىكى قەدىمقى شەھەرلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ تارىخى دىن تارقىتىش ئۈچۈن كىڭەيگەن رىم ئېمپېريىسى تەسىرىدىن باشلىنىدۇ. شۇڭلاشقىمۇ ياۋرۇپادا مەدەنىيەت رىمغا تۇتىشىدۇ دېگەن سۆز بىكارغا چىقمىغان بولۇشى مۇمكىن. لۇند شىۋىتسىيەدىكى تارىخى ئەڭ ئۇزۇن شەھەرنىڭ بىرى ھىسابلىنىدۇ. ئۇزۇن تارىختا، كۆپىنچە ۋاقىتلاردا دانىيەگە تەۋە بولغان، ھەم نۇرغۇن قۇرلۇشلار دانىيەلىكلەر تەرىپىدىن سېلىنغان. دۇنيا تارىخىدىكى ئەڭ قانلىق ئۇرۇش ھىسابلانغان (ئۇرۇشقا قاتناشقان ئىككى تەرەپتىن تەخمىنەن 70 % ئەسكەر ئۇرۇشتا قازا قىلغان) شىۋىتىسىيە دانىيە ئوتتۇرسىدىكى لۇند ئۇرۇشى دەل مۇشۇ شەھەرگە يىقىن يەردە يۈز بەرگەن. شۇ ئۇرۇشتىن كېيىن لۇند ئاساسەن شىۋىتسىيەنىڭ كونتروللىقىغا ئۆتكەن.

چېركاۋ

چېركاۋ (Allhelgonakyrkan/ All Saints church)

گەرچە لۇندتىكى ئەڭ دەسلەپكى ئاھالىنىڭ تارىخى ھازىرچە مىلادى 990-يىلىغا بارسىمۇ، 12 ئەسىرگە كەلگەندە پۈتۈن سكاندىناۋىيەنى باشقۇرىدىغان دىنى ئورگان (ئاركىبىشوپ) نىڭ تۇرۇشلۇق ئورنى بولۇش سەۋەبلىك لۇند مۇھىم شەھەرگە ئايلانغان. تارىخىنىڭ ئۇزۇنلۇقىغا قارىماي، بۇ شەھەر كىچىك پىتىملا تۇرۇپ قالغاندەك تۇرىدۇ، بۇ شەھەرنى مۇشۇنداق كىچىك پىتى ساقلاپ قالغان ئامىللارنىڭ بىرى بەلكى لۇندقا تۇتىشىپ كەتكەن شىۋىتسىيەنىڭ ئۈچىنچى چوڭ شەھرى مالمۆ بولۇشى مۇمكىن. لۇندتىن كۆپ كېيىن قۇرۇلغان شەھەر بولۇشىغا قارىماي، ئۇنىڭ پورت شەھرى، ھەم دانىيە پايتەختى كوپېنھاگېن بىلەن قارىشىپ تۇرغاندەك ئالاھىدلىكى مالمۆنىڭ كېيىنكى تىز تەرەققىياتىغا سەۋەبچى بولغاندەك تۇرىدۇ. مالمۆ ۋوگزالىدىن لۇند ۋوگزالىغىچە 15 مىنۇتلا پويىز يولىكەن. قىززىق يېرى چوڭ شەھەر بولسىمۇ، مالمۆدە تۈزۈك ئالى ئوقۇل يوقكەن. ئۇنىۋېرسىتېت شەھەرچىسى ئاتالغان لۇند ئەسلىدىلا بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇپ تۇرغاندەك قىلىدۇ. كۆچمەنلەر (سومالىلىق كۆچمەنلەر كۆپىرەككەن، تۈركلەر ئازىراقكەن، بوسىنيە كۆچمەنلىرىدىن كىلىپ چىققان داڭلىق پۇتبۇلچى زلاتان ئىبراھىموۋىچمۇ مۇشۇ شەھەردە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان) سانى كۆپ بولغان مالمۆ شەھرى سەل قالايمىقانىراقكەن. شۇڭلاشقىمۇ تىنىچ ھەم سەرەمجان لۇند ئوقۇغۇچىلىق ھاياتقا بەكىرەك ماس كىلىدىكەن دەپ قالىسىز.

لۇند

لۇند كوچىلىرى

لۇند

لۇند كوچىلىرى

لۇند

لۇند شەھەر مەركىزى

بۈگۈنكى كۈندە لۇند شەھرىنى شەھەر قىلۋاتقان بەلكى لۇند ئۇنىۋېرسىتېتى بولۇشى مۇمكىن. بۇ مەكتەپ 1666-يىلى رەسمى قۇرۇلغان بولۇپ، شىمالى ياۋرۇپادىكى ئەڭ قەدىمى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ بىرى. ھەم بۈگۈنكى كۈندىمۇ شىمالى ياۋرۇپادىكى ئەڭ داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېت ھىسابلىنىدۇ، ھەم دۇنيادىكى ئالدىنقى 100 كۈچلۈك ئۇنىۋېرسىتېتقا كىرىدۇ. نوپۇسى ئارانلا 82 مىڭ كىلىدىغان بۇ شەھەردە، تەخمىنەن 30 مىڭىدىن كۆپىرەكى لۇند ئۇنىۋېرسىتىتېنىڭ ئوقۇغۇچىسى ۋە خىزمەتچىسى. ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تارماقلىرى پۈتۈن شەھەرگە چىچىلىپ كەتكەن بولغاچقا، كوچىلاردا سومكا كۆتۈرۈپ يۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى بەكلا كۆپ ئۇچرىتىسىز. ھەم ھەر دوقمۇشتا دېگۈدەك مەكتەپنىڭ بىر تارمىقىنى كۆرىسىز. بۇ شەھەرنىڭ كوچىلىرى پاكىز، رەتلىك، قىستاڭچىلىق يوق، كىشى شۇنداق ئازادىلىك ھىس قىلىدىكەن. غەربى ياۋرۇپادا بۇنداق ئۇنىۋېرسىتېت شەھەرچىسى دەپ ئاتىلىدىغان ئوماق شەھەرلەر خىلىلا كۆپ.

لۇند

لۇند ئۇنىۋېرسىتېتى پەلسەپە فاكۇلتېتى

لۇند

ئوتتۇرا ئەسىرلەردە سېلىنغان ئاساسى چېركاۋ، رىم ئۇسلۇبىدا سېلىنغان.

لۇند ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ چوڭلۇقىنى بەكىرەك نامايەن قىلىدىغىنى ئۇنىڭ دۇختۇرخانىسى ئىكەن. ئۇزۇن يىللاردىن بىرى نوپۇس قېرلىققا يۈزلەنگەن ياۋرۇپادا دوختۇرخانىلار بەكلا ئاۋات ھەم چوڭ. سەھىيە-داۋالاش تارمىقىغا سېلىنىدىغان مەبلەغمۇ بەك كۆپ. ياۋرۇپادىكى كۆپىنچە دۆلەتلەردە ئۆمۈرلۈك سۇغۇرتا ۋە ھەر تۈرلۈك پاراۋانلىق تۈزۈملىرى بار. سۇغۇرتا شېركەتلىرى بىلەن زىچ باغلىنىپ كەتكەن بۇ خىل سېستىمىدا داۋالىنىش چوڭلار ئۈچۈن باش ئاغرىتىدىغان ئىش ئەمەس. مۇشۇ تەرەپلىرىگە كۆرە ھەققى كوممۇنىزىم مۇشۇ يەردىكەن دەپ قالىسىز. لېكىن زىيادە يەرشارىلاشقان ئىقتىساد بۇ دۆلەتلەرگىمۇ تەسىر قىلماي قالمىدى، ھەم شىۋىتسىيە ھۆكۈمىتىنى يىقىنقى يىللاردا كىرىم بىجىنى تۆۋەنلىتىشكە مەجبۇر قىلدى.

ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ كىشىنىڭ دىققتىنى ھەممىدىن تارتىدىغان قىسمى كۈتۈپخانىسى دەپ بىلدىم. شىۋىتسىيەدىكى ئەڭ نوپوزلۇق ھەم ئەڭ كونا ھىسابلانغان (1666-يىلى قۇرۇلغان) بۇ كۈتۈپخانا بەكلا چىرايلىق بېزىلىپتۇ. بولۇپمۇ بىنا ئالدىغا يامىشىپ ئۆسكەن ئۆسۈملۈكلەر كۈتۈبخانىغا بۆلەكچىلا بىر تۈس بىرىپ كىشىنى بەكلا مەپتۇن قىلىدىكەن. چىرايلىق كۈتۈبخانىنى كۆرگەنچە بالىلىقىمدا مۇشۇنداق بىر كۈتۈپخانىدا كىتاب ئوقۇش نىسىب بولغان بولسا قانداق خوش بولغان بولاتتىم دىگەنلەرنى ئويلاپ كەتتىم… … شەھەر مەركىزىدىكى 1584-يىلى ئۇلى سېلىنغان، ھازىرقى كۈندىكى پەلسەپە ئىنىستىتۇتى ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تارىخى ئەڭ ئۇزۇن بىنالىرىدىن بىرى ئىكەن.

لۇندتا پۈتۈش ئالدىدا تۇرغان ماكس 4 تىزلەتكۈچ تەجىربىخانىسى ھەم قۇرۇلىۋاتقان ياۋرۇپا نىترون مەنبە مەركىزى (ESS) كەلگۈسىدە ياۋرۇپادىكى شۇنداقلا دۇنيادىكى چوڭ تەجىربىخانىلاردىن بولۇپ قالىدۇ. يۇقۇرى تېخنىكىغا بەك كۈچەۋاتقان بۇ قەدىمى شەھەرچىنىڭ قارىماققا خىلى ياخشى كەلگۈسى باردەك قىلىدۇ. ھازىرنىڭ ئۆزىدە بۇ ئۇنىۋېرسىتېتتا دوكتۇرلۇق ھەم ماگىستىرلىق ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر بالىلار بار. ئاللاھتىن تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ بۇ مەكتەپتە ئوقۇشىنى نىسىب قىلىشىنى تىلەيمەن.

لۇند

شەھەر مەركىزى

لۇند

قانۇن ئىنىستىتۇتى

لۇند

لۇند ئۇنىۋېرستېتى چەتئەل تىللىرى فاكۇلتېتى; يازغۇچى، تىل پروفىسسورى، بىشوپ تەگنەرنىڭ ھەيكىلى

لۇند

لۇند كوچىلىرى

لۇند

ئۇنىۋېرستېت ئاساسى كۈتۈبخانىسى

رەسىملەرنىڭ ئىنىق نۇسخىسى

http://www.flickr.com/photos/48781240@N06/sets/72157639074345144/

oghuzkb

27.12.2013

موڭغۇلكۈرەدە يېزىلدى

بۇ يازما ئۇنىۋېرسال كاتېگورىيىسىگە يوللانغان ھەم , دەپ خەتكۈشلەنگەن. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈشلىۋېلىڭ.

ساياھەتنامە (2) لۇند ئۈچۈن 5 ئىنكاس بار

  1. ئىبرايىم مۇنداق يازغان:

    بېيجىڭغا سېلىشتۇرغاندا ئاۋۇ يەرلەردە پەقەتلا ئادەم يوقتەكلا، ئادەمنىڭ قورققۇسىنى كەلتۈرۈپ

  2. ئىلھام مۇنداق يازغان:

    ئاۋۇ تامغا يېپىشىپ ئۆسكەن ئۆسۈملۈكنىڭ ئىسمىنى نىمە دەيدۇ ؟

  3. رامىلە مۇنداق يازغان:

    ئاۋۇ ئۆسۈملۈكنى خەنزۇچە ئىسمى 爬山虎,ھەشىقپىچەك ئەمەس. مەن شىۋىتسىيەدە ،لۇندقا بېرىپ باقمىغان، ھەجەپ چىرايلىقكەن…

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong> <img src="" alt="" class="" width="" height="">

https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_bye.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_good.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_negative.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_scratch.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wacko.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yahoo.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cool.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_heart.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_rose.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_smile.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_whistle3.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yes.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cry.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_mail.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_sad.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_unsure.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wink.gif