ئالما كومپيۇتېرى ھەققىدە

 

ئادەتتە، ئالما كومپيۇتېرى ئىشلەتكەنلىكى ئادەم شۇنى بەك ماختايدۇ. دەسلەپ HP ئىشلەتكەن ئىدىم. ئەتراپىمدا ئالما ئىشلىتىدىغانلار خىلىلا كۆپ ئىدى، بولۇپمۇ يىقىن ئاغىنەم شۇنى ئىشلىتەتتى. يىڭى كومپيۇتېر ئالىمەن دىسەم ئالمىنى ئال دەپ كىرىشىپلا قالدى. ئۇزۇندىن بىرى بەك جىق ئاڭلاپ كەتكەچكە مەنمۇ مەيلى، ئىلىپ زادى بىر كۆرۈپ باقاي، ماقتىغىچىلىكى بارمۇ يوق دىگەن نىيەتتە ئالدىم بىرنى. ئىشلەتكىلى بىر يىل بولدى. تۆۋەندىكىسى تەسىراتلىرىم:

ياخشى تەرەپلىرى:
سىستېما خىلىلا مۇقىم. بىر يىلدا بىر قىتىملا چاتاق چىقتى. ۋىرۇسخۇمار ئىشلەتمەيسىز.
سۈرەت كارتىسى ياخشى، ئىكرانىنىمۇ ياخشى ئىشلىگەن، سۈزۈكلۈكى ياخشىكەن.
بەزى ئىنچىكە يەرلەرگە خىلى ئىشلەپ قويغان، مىسالەن توك چاتىدىغان يىرى ماگنىتلىق، ئەگەر توك سىمى تارتىلىپ كەتسە كومپيۇتېرنى سۆرەپ چۈشۈپ كىتىشتىن ساقلايدۇ.
toughpad (سەزگۈچ تاختىسى) ئىقتىدارى ياخشى، بىر، ئىككى، ئۈچ يا تۆت بارماقنى تەڭ ئىشلەتكەندە ئوخشىمىغان فۇنكىسيەلىرى بار، ھەم سۈرەتلەرنى شۇ ئارقىلىق پىرقىراتقىلى بولىدۇ. (شۇنداقتىمۇ كۆپىنچە ئادەملەر يەنىلا چاشقىنەك ئىشلىتىدۇ).
كالىندار، ئېلخەت ئامبىرى، مۇزىكا قويغۇچ، سۈرەت ئامبارلىرى قاتارلىق سىستېما دېتاللىرى ياخشى كىرىشتۈرۈلگەن. سىستىمىنىڭ پۈتۈن بىردەكلىكى ياخشى، ئاساسى دېتاللىرى ياخشى جىپسىلەشكەن. (بۇنداق بولۇشى بۇ سىستىمىمۇ ۋىندوۋس قا ئوخشاش باشتىن ئاياق بىر شىركەتنىڭ قولىدىن چىقىدۇ)
كۆرۈنۈشى سىپتا ئىشلەنگەن، كىشىگە يىقىملىق تۇيغۇ بىرىدۇ.
باتارىيەسىنىڭ ئۆمرى خىلى ئۇزۇن.

يىتەرسىزلىكلىرى:
خۇددى ۋىندوۋسقا ئوخشاش، سىستىما يىپىق، خالىغانچە ئۆزگەرتەلمەيسىز. قانداق لايھىيلەنگەن بولسا شۇنداق ئىشلەتمەكتىن باشقا چارىڭىز يوق. يەنى، ئەگەر سىزنىڭ كومپيۇتېردا قىلىدىغان ئىشىڭىز مۇرەككەپ ھەم كۆپ بولسا بەزى ئۆزگەرتىشلەرگە مۇھتاج بولۇپ قالىسىز. مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئالما ئىشلەتكۈچىلەر بۇرۇن ۋىندوۋس ئىشلەتكەن، ئۇلارنىڭ ئالمىنى ياخشى دىيىشىدىكى بىر چوڭ ئاساسى ۋىرۇس ئاۋارچىلىقى يوق، ھەم مۇقىم بولۇشىدا. لىكىن بۇ خىل ئارتۇقچىلىق لىنۇكس سىستىمىدىمۇ ئوخشاشلا، لىنۇكستىمۇ ۋىرۇس ئاۋارچىلىقى يوق، ئوت-مۇداپىيە-تېمى ئىشلىتىش ھاجەتسىز. لىنۇكسمۇ ناھايتى مۇقىم سىستىما، ئىشخانامدا شۇنى ئىشلىتىمەن، 4 يىلدىن ياقى چاتاق چىقىپ باقمىدى، ۋىرۇسقا ئۇچراپ باقمىدىم، سىستىمىدا ئاستىلاش يوق. لىكىن لىنۇكسنىڭ بۇ نۇقتىدا ئالمىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان يىرى، سىز سىستىمىنى خالىغانچە ئۆزگەرتەلەيسىز، بىرەر ئىقتىدارى كام ياكى سىزگە ياقمىسا خالىغانچە ئۆزگەرتەلەيسىز. ئالدى بىلەن لىنۇكس ئىشلىتىپ كۆنىۋىلىپ ئاندىن ماكىنتوش (ئالما كومپيۇتېرى سىستىمىسىنىڭ بۇرۇنقى ئىسمى) ئىشلەتسىڭىز كۆنەلمەيسىز، خۇددى ئەركىنلىككە كۆنۈپ قالغان ئادەمنى باغلاپ قويغاندەكلا كەيپىياتتا بولۇپ قالىسىز.

يۇمشاق دېتال مەنبەسى بەك ئاز. ھەم بارلىرىمۇ بەكلا قىممەت، ئالما شىركىتىنىڭ پۇل تىپىش يولى پەقەت بىر مەھسۇلاتنىلا سىتىش ئەمەس، بەلكى ھەممە مەھسۇلاتنى بىر-بىرى بىلەن ئامال بار چەمبەرچاس باغلاپ كىشىلەرنى ئالمىنىڭ بىرلا مەھسۇلاتنى ئالسا، قالغان مەھسۇلاتلىرىنىمۇ ئالمىسا بولمايدىغان ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويۇشقان، بۇنىڭغا شۇ يۇمشاق دېتاللىرىمۇ كىرىدۇ. خۇددى كومپيۇتېر ئادەتتە باشقا كومپيۇتېرلاردىن قىممەت بولغىنىدەك، ئالما شىركىتى ئىشلىگەن ھەممە مەھسۇلاتنىڭ نەرقى بازاردىكى ئوخشاش ئىقتىداردىكى مەھسۇلاتتىن كۆپ يۇقۇرى تۇرىدۇ. بىر مىسال: ئوچۇق لېكسىيە سۆزلىگەندە كومپيۇتېرنى چوڭ ئىكرانغا ئۇلاشقا توغرا كىلىدۇ. ئادەتتە ئۇنداق ئۈسكۈنىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ بىرلا خىل ئۇلاش سىمى بولىدۇ، بۇ ئۇلاش سىمى ئالما كومپيۇتېرنىڭ ئىكران ئۇلاش تۆشۈكىگە توغرا كەلمەيدۇ، چوقۇم ئالما شېركىتىدىن سىم ئۆزگەرتكۈچ سىتىۋىلىشىڭىز كېرەك. مەنمۇ ئامالسىز بىرنى سىتىۋالدىم. دىمەك ئالما شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتىنى ئىشلىتىمەن دىسىڭىز، يانچۇقىڭىز داۋاملىق توم بولمىسا بولمايدۇ.

ئۆيدىكىلەر بىلەن كۆرۈشۇش ئۈچۈن Skype ئىشلىتىمەن، بۇ دېتالنى ھەممە سىستىما قوللايدۇ. لىنۇكس سىستىمىسى ھەقسىز سىستىما بولغانلىقى ئۈچۈن پۇل تىپىش مەقسەت قىلىنغان تىڭشۇننىڭ QQ سى، ياخۇ، ياكى ھوتمەيىل لەرنى ئىشلەتكەندە ئاۋاز ھەم سۈرەت قوللىمايدىغان نۇسخىسىنىلا ئىشلىتەلەيسىز، پەقەت تېكىست ھالىتى بويىچە ئىشلىتەلەيسىز. مەكىنتوشمۇ بۇ جەھەتتىن لىنۇكسقا ئوخشاش، ئۇمۇ يۇقارقى ئاممىۋى ئالاقە دېتاللىرىنى قوللىمايدۇ. مەن ھەتتا مەكىنتوش ئىچىگە VMware Fusion ئارقىلىق (بۇنىمۇ 43 ياۋرۇغا سىتۋىلىشىمىغا توغرا كەلدى) ۋىندوۋس قاچىلاپ شۇ ۋىندوۋسقا QQ نىڭ ۋىندۋوس نۇسخىسىنى قاچىلاپ ئىشلىتىپمۇ باقتىم، يەنىلا خىلى بىر يەرلىرى نورمالسىز بولدى، يەنى قارشى تەرەپنى ئىكراندا كۆرەلىدىم، لىكىن مىنى قارشى تەرەپ كۆرەلمىدى، ئاۋاز ھەم يوق. بىز ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان دىتاللاردىن Origin Lab نىڭ پەقەت ۋىندوۋس نۇسخىسىلا بار، ئۇ دېتالنىمۇ ئامالسىز يۇقارىقى ئۇسۇل بويىچە قاچىلاپ ئىشلىتىشىمگە توغرا كەلدى.

مەكىنتوشمۇ يۇنكىسنى ئاساس قىلغان بولغاچقا، لىنۇكس بىلەن بەزەن جايلىرى سەل ئوخشىشىپ قالىدۇ. قائىدە بويىچە بارلىق لىنۇكستىكى  شىفىرى ئوچۇق دېتاللارنى مەكىنتوشمۇ قوللىشى كېرەك، لىكىن ئاسان ئەمەس. سىز ئالدى بىلەن مەكىنتوشقا 4 گىگا بايىتتىن چوڭ سىغىملىق Mac-ports نى قاچىلىشىڭىزغا توغرا كىلىدۇ. ئاندىن بەزى لىنۇكس دېتاللىرىنى ئىشلىتەلەيسىز. سىناپ باقتىم، لىكىن بەزلىرى يەنىلا نورمال ئىشلىمەيدىكەن. ھەم ئىشلەتكىلى بولىدىغان دېتاللارنىڭ سانى چەكلىك ئىكەن.

لىنۇكسقا سىلىشتۇرغاندا مەكىنتوشتا ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش يەنىلا ئاۋارچىلىق ئىكەن. بولۇپمۇ مەكىنتوشنىڭ ۋىندوۋس ئوففىسقا ئوخشايدىغان ئىشخانا دېتاللىرىدا (page, keynote) ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈپ ئىملا تۈزەتكەندە بەكلا ئاۋارچىلىق ئىكەن، يەنى چاشقىنەك (ياكى ئىكران) نىڭ كۆرسەتكۈچ ئورنىنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى كۆرەلمەيدىكەنسىز. ئوچۇق ئىشخانا (openoffice) قاچىلاپ ئىشلەتسىڭىز، مەيلى سىز خەت نۇسخىسىنى قانداقلا تەڭشەڭ، خەتلەر بەكلا سەت چىقىۋالىدىكەن. مەن ھەم ئالما ئۈچۈن مەخسۇس ئىشلەنگەن ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىنىمۇ سىناپ باقتىم، ئوخشاشلا بولدى. لىنۇكس (مىسال:ئۇبۇنتۇ نۇسخىسى) تا بۇ يوق ئىش.

سىز مەيلى ۋىندوۋستا بولسۇن، ياكى لىنۇكستا بولسۇن، ئۆزىڭىز دېتال ياكى ياماق ئىشلەپ ئۆز نامىڭىزدا تارقىتالايسىز. ھەم ساتسىڭىزمۇ بولىدۇ. لىكىن ئالما شىركىتىنى بۇ جەھەتتە ئۇچۇغى چىققان مونوپولچى دىسەك ھەرگىز ئارتۇق كەتمەيدۇ. يەنى، ئەدناسى بىر applet (ۋىجىك دېتال) ئىشلىسىڭىز ئالما سىستىمىسىدا ئىشلەيدىغان، سىز چوقۇم ئۇنى ئالما شىركىتىگە سىتىپ بىرىشىڭىز كېرەك، ئاندىن ئالما شېركىتى ئۇنى ئۆز نامىدا ساتىدۇ. ئەگەر سىز ئۆز ئالدىڭىزغا ئىشلەپ ساتسىڭىز ئالما شېركىتىنى سىزنى ئەرىز قىلىدۇ. مۇشۇنىڭدىنلا ئالما شىركىتىدىنىڭ قانچىلىك ئاچكۆزلىكىنى بىلۋالماق تەس ئەمەس. يەنى، ئۇلارنىڭ تىجارەت يولى، پۈتۈنلەي مونوپول تۈسىنى ئالغان.

خۇلاسە:
ئەگەر كۆرۈنۈشكە ئامراق بولسىڭىز، مودىغا ئامراق بولسىڭىز، ھەم يىنىڭىزدا ئىشىپ تۇرىدىغان پۇل ئۈزۈلمىسە، كومپيۇتېردا قىلىدىغان ئىشلىرىڭىز بەك مۇرەككەپ بولمىسا ئالمىنى تاللىسىڭىز بولىدىكەن.

قاتتىق دېتالنى كۆزدە تۇتماي پەقەت سىستىمىنىلا سىلىشتۇرساق، لىنۇكسنىڭ ئالدىغا ئۆتەلمىگۈدەك. بولۇپمۇ ھازىرقى ئەڭ يىڭى چىقىۋاتقان لىنۇكسنىڭ ئۇبۇنتۇ تارمىقى مەيلى بىردەكلىك، كۆرۈنۈش، قولايلىق، ھەم cpu غا تەلەپ تۆۋەنلىكى ھەم مۇقۇملىقى قاتارلىق تەرەپلەردە مەكىنتوشنى بىسىپ چۈشسە بىسىپ چۈشىدۇكى ئارقىدا تۇرمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىنتېرنىت يۈزىدىكى ھەمكارلىقنىڭ كۈنسىرى دەھشەت سۈرەتتە ئىلگىرلىشىگە ئەگىشىپ لىنۇكسنى ئاساس قىلغان ھەقسىز دېتاللارنىڭ تۈرى ھەم سۈپىتى ناھايتى تىز سۈرئەتتە ئىشىپ، ئالما ئەمەس بەلكى پۈتۈن دۇنيادا ئاساس بولۇپ ئىشلىتىلۋاتقان ۋىندوۋس قىمۇ قاتتىق خىرىس قىلۋاتىدۇ.

قاتتىق دېتال نۇقتىسىدىن سىلىشتۇرغاندا، ئەگەر ئۇششاق يەرلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ، ئەڭ مۇھىم بولغان cpu, ram دەك نەرسىلەرنى سىلىشتۇرساق، ئوخشاش دەرىجىدىكىلىرى ئىچىدە ئالمىنىڭ بەكلا قىممەت باھاسى. ئەمەلىيەتتە سىز باشقا ماركىلارغا ئوخشاش پۇل خەجلىسىڭىز، بۇ جەھەتتىن پايدا ئالغىنىڭىز ئالغان. ھازىر ھەم مەخسۇس لىنۇكس سەپلەنگەن كومپيۇتېرلارمۇ بازاغا سىلىنىپ بولدى. بولۇپمۇ سىستېما يەڭگىل بولغاچقا netbook لاردا لىنۇكسنىڭ قوللىنىلىشى تىخىمۇ كۆپەيدى.

ئەگەر سىستېمىنلا  ئايرىپ قارىساق: بىخەتەرلىك، مۇقىملىق، گۈزەللىك، ئەركىنلىك ھەم ھەقلىق-ھەقسىز بولۇشىنى كۆزدە تۇتقاندا بىزگە يەنىلا لىنۇكسنى مەركەز قىلىش ياخشىكەن دىگەن يەرگە كەلدىم. شۇ تاپتا ئۇيغۇر پىدائىيلار ئۇبۇنتۇنىڭ ئۇيغۇرچىسىنىمۇ تولۇق پۈتتۈرەي دەپ قالدى.

OghuzKB

2011-10-17

بۇ يازما ئۇنىۋېرسال كاتېگورىيىسىگە يوللانغان. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈشلىۋېلىڭ.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong> <img src="" alt="" class="" width="" height="">

https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_bye.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_good.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_negative.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_scratch.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wacko.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yahoo.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cool.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_heart.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_rose.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_smile.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_whistle3.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yes.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cry.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_mail.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_sad.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_unsure.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wink.gif