لاتەك (Latex دەپ يېزىلىدۇ، ئەسلى لاتەخ دەپ ئوقۇلۇشى كېرەك، ئادەتتە لاتەك دەپ ئوقۇيمىز) ئىلمى (ئاكادېمىيە) ساھەسىدە ئەڭ كەڭ ھەم كۆپ قوللىنىلىدىغان يېزىق كىرگۈزۈش ئۇسۇلى/دېتالى. داڭلىق ئىلمى ژۇرناللارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى مۇشۇ دېتالنى ئىشلىتىدۇ ياكى ئاپتورلاردىن بەكىرەك مۇشۇ دېتالدا يازغان ئەسەر نۇسخىسىنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ ھەم گېرمانغا ئوخشاش غەربى ياۋرۇپا، ۋە باشقا تەرەققى تاپقان دۆلەتلەردىمۇ ناھايتى كەڭ ئومۇملاشقان، يەنى كۆپىنچە كىتاب ئاپتورلىرى، دوكتۇر/ماگىستىر ئوقۇغۇچىلار ۋىندوۋسنىڭ office-word نى ئىشلىتىشنىڭ ئورنىغا مۇشۇ دېتالنى ئىشلىتىدۇ ئەسەر يېزىش ئۈچۈن. كۆپ داڭلاشنىڭ ئورنى يوق، بۇ دېتالنىڭ ئالاھىدىلىكى، تارىخىنىڭ ئۇزۇنلۇقى، كىرگۈزۈلگەن خەت ۋە فورمۇلالارنىڭ ناھايتى كۆركەم، سۈپەتلىك بولۇشى، پاسون (layout) ئۆزگەرتىشتىكى قولايلىق، ھەم ۋىكتورلۇق فورماتتىكى (eps, ps, pdf) رەسىملەرنى كىرگۈزەلەشتەك ئالاھىدىلىكى بولسا كېرەك. چەتئەلدىكى ئۇيغۇر ئالىملار ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ بۇ دېتال بىزگىمۇ بارغانچە تونۇش بولىۋاتىدۇ. كېيىنچە ئەگەر قىززىققۇچىلار بولسا، بۇ دېتالنى قانداق ئىشلىتىش توغرىسىدا ئايرىم يازارمەن. تۆۋەندە پەقەت مۇشۇ دېتالنى قوللىنىۋاتقان كىشىلىرىمىز ئۈچۈن بۇ دېتالغا ئۇيغۇرچىنى قانداق كىرگۈزۈش ھەققىدە ئاددى ئۇسۇلنى كۆرسىتىپ ئۆتىمەن.
ئەگەر سىز ئىنگىلىزچە نۇسخىدىكى لاتەك ئىشلىتىۋاتقان بولسىڭىز، قىلىشقا تىگىشلىك ئىشىڭىز arabtex دېگەن ياماق ھۆججەتنى چۈشۈرۈش بىلەنلا ئىش ئاساسەن تامام بولىدۇ. بۇنى ئۆزىڭىز ئىشلىتىۋاتقان لاتەك/تەك(Latex/Tex) سېستىمىغا نورمال ياماق قاچىلاش (مەكىنتوشتا Tex Live Utility دېگەن دېتالنى ئىچىپ، ياماقلار تىزىملىكىدىن قاچلىۋالسىڭىز بولىدۇ، خۇددى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك، ۋىندوۋس سېستىمىسىدا مىكتەك دېتالنى ئىچىپ ياماق قاچىلاش دېگەن يېرىدىن قاچىلايسىز، لىنۇكستا تېخىمۇ ئاسان).ياماق قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن سىز يازماقچى بولغان لاتەك ھۆججىتىگە تۆۋەندىكىدەك قىلسىڭىزلا ئىش تامام:
مىسالەن ئەسلى ئىنگلىزچە يېزىلغان مۇرەككەپ مۇھىتتىكى ماقالە ئىچىگە “قەدىرلىك ئاتا-ئانامغا بىغىشلايمەن” دېگەن جۈملىنى ئىنگلىزچە “to my parents” دېگەن جۈملە بىلەن قۇرمۇ-قۇر بىر يەردە يېزىشنى لاتەك كود ھالىتىدە مۇنداق ئىشقا ئاشۇرىمىز (دىققەت، پەستىكى كود ھالەتتە پېرسەنت بەلگىسىدىن كېيىنكى قىسىم چۈشەندۈرۈش قىسمى. ئەسلى ھۆججەتنىڭ لاتەك كودى قىسقارتىلدى، سەمىڭىزدە بولسۇن، بۇنى ئىشلىتىشتە چوقۇم لاتەك يېزىق مۇھىتى ئىچىدە قوللىنىسىز، لاتەك ئۈچۈن تۆۋەندىكى كودنى تومتاقلا كۆچۈرۈپ قويسىڭىز ئىشلىمەيدۇ):
سۈرەتنىڭ ئوچۇق نۇسخىسىنى بۇ ئادرىستىن كۆرۈڭ:
كودنىڭ ئىجرا قىلىنغاندىن كېيىنكى pdf ھۆججتىدە چىققان نەتىجىسى:
ھازىرچە مۇشۇنچىلىك بولسۇن، ئەگەر بۇ ھەقتە سۇئاللار بولسا مۇشۇ يەرگە ئىنكاس شەكلىدە قالدۇرسىڭىز بولىدۇ، ياكى ئېلخەت يازسىڭىزمۇ بولىدۇ.
ئەسلى بۇ ئۇسۇلنى بىر نەچچە يىل ئىلگىرى شۇ چاغدا گېرمانىيە يەنا ئۇنىۋېرسىتېتىدا كومپيۇتېر كەسپىدە ئوقۇۋاتقان دىلشات ئىسىملىك قېرىندىشىمىز گۇگىللاش ئارقىلىق لاتەك مۇھىتىدا ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرغان گېرمانىيە شتۇتگارت ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بىر نىمىس دوكتۇر ئوقۇغۇچىنى تېپىپ بۇ ئۇسۇلنى بىلۋاپتىكەن، كېيىن ماڭا دەپ بەرگەن ئىدى. ئەپسۇس، يازىمەن دەپ ئۇنتۇپ قاپتىمەن. ھەرھالدا يىقىندا ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالەمگە ئىشلەتكەندە يادىمغا كەلدى. بۇ يەردە بىزگە شۇ ئۇسۇلنى ئۆگىتىپ قويغان تۆھپىكارلارغا رەھمىتىمنى ئېيتىمەن.
Oghuzkb
2013- يىل، 11-ئاينىڭ 3-كۈنى
Ulm
تولۇقلىما مەزمۇن: بۇ تېمىنىڭ ئىزدىنىش مۇنبىرىدىكى كۆچۈرۈلمە نۇسخىسىغا بىر قېرىندىشىمىز تېخىمۇ ياخشى بىر ياماقنى مىسال كەلتۈرۈپتۇ. يەنى arabtex ئىشلىتىشنىڭ ئورنىغا arabxetex يامىقىنى ئىشلىتىش، ئىشلىتىشكە ھەم قولايلىق، كودلاش ۋە خەت نۇسخىلارنى قوللاشتىكى ئالاھىدىلىكى بار ئىكەن. بۇ ھەقتە يەنە كېيىنچە يىڭى تەجىربىلەرنى قوشۇپ قويىمىز.
كۆچۈرۈلگەن تېمىدىكى ئىنكاسلار بۇ يەردە:
http://izdinix.com/showpost.aspx?Page=1&ThreadID=56048#Inkas
بۇ يىڭى ياماق arabxetex ھەققىدىكى بىلىملەرگە قىزىقسىڭىز ھازىرچە بۇ بەتلەرنى مىسالغا كۆرۈپ تۇرۇڭ:
ftp://ftp.tex.ac.uk/pub/tex/language/arabic/arabxetex/arabxetex.pdf
ياكى
http://www.ctan.org/tex-archive/language/arabic/arabxetex
ئامىرىكىدا كومپيۇتېر ساھەسىدە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇۋاتقان ئەنۋەر مەمەت ئىسىملىك قېرىندىشىمىزنىڭ ئۈلگە ھۆججىتى ۋە ئەسلى لاتەك كود ھۆججىتىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۆرۈڭ:
https://docs.google.com/file/d/0Bw3JaHqINrhDMlNJdkJ3NWNsYkU/edit
لاتەك كودى:
https://docs.google.com/file/d/0Bw3JaHqINrhDaWdDSDlsMFhZc2M/edit
تۆۋەندىكىسى ياپوندىكى كومپيۇتېر مۇتەخەسىسىمىز غەيرەت توختى كەنجى ئاكىمىز تەۋسىيە قىلغان يەنە بىر خىل ئۇسۇل، بۇ ئۇسۇلمۇ ئوخشاشلا ھەر خىل فونتلارنى قوللايدىكەن، كۆپ خىل تىللارنى كىرىشتۈرۈپ ئىشلەتكىلى بولىدىكەن:
مۇشۇ يۇمشاق دېتالنى ئىشلىتىشنى بىر ئۆگىنەي دېگەن ئىدىم . تەييارلاپ ھەم بەھىر قىلغانىڭىز غا كۆپ رەھمەت . تور بېتىڭىز مۇ بەك ياخشىكەن . تېخىمۇ ئېسىل تېمىلانى ۋۇجۇتقا كەلتۈرىشىڭىز نى ئۈمۈت قىلىمە ن
كۆرسىتىلگەن مىسالدا قۇرنىڭ ئاخىرىدا بوشلۇق قېلىپ قاپتۇ. قانداق قىلىپ قۇرنى خەتكە لىق تولدۇرۇپ كۆرسەتكىلى بۇلىدۇ؟ نۇرغۇن ئۇيغۇرچە ھۆججەتلەردە مۇشۇ ئەھۋالنى كۆردۇم، بۇنىڭ بىر ئامالى بارمۇ؟
مەن ۋاقت چىقىرىپ قاراپ باقاي، ئۇزۇن بولدى ماڭىمۇ ئىشلەتمىگىلى