33 ياشتىكى تۇيغۇلار

بىلىپ-بىلمەيلا 33 ياشقا دومىلاپ كىرىپ قاپتىمەن. 33 ياش، قىسقا ۋاقىت ئەمەس ئويلىسا كىشى. ھەم شۇ يىشىمغا قاراپ راست چوڭ بولغان ئوخشايمەن دەيمەن. لېكىن بۇ ھىسسىيات كىشىنى ھىچ بىر چوڭ بولغاندەك ھىس قىلدۇرمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھىلقى ”ئۆزەم قېرى بولغان بىلەن يۈرەك ياش“ دېگەن گەپنى ئويلاپ ئۈزەمنى مازاق قىلىپ قويىمەن. بىراۋ مەندىن سىزنىڭ نىمە ئارتۇقچىلىقىڭىز بار دەپ سورىسا، ئىككىلەنمەيلا ”ئۆزەمنى مازاق قىلالايمەن“ دەپ جاۋاب بىرىشىم مۇمكىن.

ئۆزبېكلەردە ئەر ئادەم 33 يىشىدا پىشىدۇ دەيدىغان گەپ باركەن. چۈشەندۈرىشىچە بۇ يەردىكى پىشىش دۇنيا قاراش، تۇرمۇش قاراشلىرىنى كۆرسىتىمىش. بىلمىدىم، بەلكى دۇنيا قارىشىم مۇقىملىشىپ كەتكەندۇ، لېكىن بۇ تۇرمۇش قاراشقا كەلگەندە كۈزىتىش ۋە قۇرۇق نەزەريىلەردىن باشقا ھىچنەرسەم يوق. بۇ كەمگىچە ئوقۇش ھاياتىم شۇنچىلىك دەرىجىدە سىلىق بولدى، توغىرسى ئۆزەممۇ ئويلاپ باقمىغان بىر مەزگىلگە يېتەلىدىم ھەر ھالدا، ئاللاھقا مىڭ شۈكرىلەر بولسۇن. لېكىن كۆپىنچە ھالدا كىشىنىڭ ھەر نەرسىسى ئويلىغىنىدەك بولمايدىكەن. پەقەت مۇھەببەت ھاياتىم ھازىرغىچە پۈتۈنلەي مەغلۇبىيەت بىلەن نەتىجىلىنىپ كەلدى. ئالدى كەينى بولۇپ 3 قىز، ھەممىسى ياخشى، ھەممىسى مەن ئوقۇغان مەكتەپتىن، تېخىمۇ قىززىق يېرى ھەممىسى 9-ئايدا تۇغۇلغان. لېكىن ھىچقايسسى مەن بىلەن يۇرتداش ئەمەس. كۆڭلۈمنى بىلدۈرگەن كۈندىن باشلاپ توي قىلىدىغىنىمغا ئىشىنەتتىم. ئەپسۇس، ئاخىرىدا ئايرىلىشتىن خالىي بولالمىدىم. توي قىلىش نىسىب بولمىدى. بۇ مەغلۇبىيەتلەردىن ئۆزەمنى خىلى ئوپىراتسىيە قىلىپ باقىمەن. ھەممىنى ئۈزەمنىڭ ئىنچىكە مىجەزىمدىن كۆرىمەن. كىچكىمدىن باشلاپلا ئۆي ئىشى (سۈپۈرۈش تازىلاش، ئاپامنىڭ تاماق ئىتىشى ۋە نان يىقىشلىرىغا ياردەملىشىش دېگەندەك) بىلەن تالادىكى ئىشلارنى (ئات-كالا، قويلارنىڭ ئېغىلىنى تازلاش، سۈيىنى-يېمىنى بىرىش، بىنەمدە بىقىش، تام سوقۇش، ھەم ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرى) تەڭ مىقداردا قىلىپ دېگۈدەك چوڭ بولغان ئىدىم. ئويلىسام، ئۆي ئىشلىرى ئادەمنى بەك ئىنچىكە قىلىپ قويىدىغاندەك، تالادىكى ئىشلار بىر خىل قارام ھەم قوپال قىلىپ قويىدىغاندەك تۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۈزەمنىڭ بۇ مۇرەككەپ مىجەزىنى چۈشەندۈرۈشكە تىرىشىپ باقىمەن. بۇنداق مىجەزدىكى ئوغۇل بالىغا كۆپىنچە قىزلار چىداپ بولالمايدىكەن دەپ قالدىم. ئائىلە قۇرۇش ئىشىمغا ھىچ ئالدىراتمىغان ئاتا-ئانام بۇ يىل سەل ئەنسىرەپ قالغاندەك قىلىدۇ. بەلكى بۇ بالىمىز يۈرىۋىرىدىغان ئوخشايدۇ دەپ قالدى. ئويلاپ ئويلاپ يەنىلا ئۆز يۇرتۇمدىن تاپاي دېدىم، بەلكى ئۆز-ئارا چۈشىنىشكە ئاسانىراق بولار، ھەم شۇ ئىنچىكە مىجەزىمگە چىداش ئېھتىماللىقىمۇ چوڭىراق بولۇشى مۇمكىن. خەيىر، يەنىلا ئاللاھنىڭ بۇيرىغىنىغا قارايمەن، ئەگەر ئۇچرىمىسا يالغۇز ئۆتسەممۇ مەيلى، زورلاشنىڭ ئورنى يوق. بۇنى ئاتا-ئانامنىڭ چۈشەنمەيدىغىنى ئىنىق.

ئاللاھقا مىڭ شۈكرى، ئوقۇش ئىشلىرىم ئويلىمىغان دەرجىدە ئاسان بولدى. خۇدايىم ماڭا شۇنچلىك كۆيۈمچان ئاتا-ئانا ھەم قېرىنداش ئاتا قىلىپتۇ. ھىچقاچان ئىقتىساددا قىينىلىپ باقمىدىم، كېسەل بولۇپ يىتىپ باقمىدىم. ئەڭ مۇھىمى نەگىلا بارسام شۇنداق ئېسىل ئادەملەرگە ئۇچرىدىم، شۇنچىلىك ئېسىل ئاغىنىلەرگە ئىگە بولدۇم. بۇلارنى ئويلىسام ئۈزەمنى شۇنچىلىك بەخىتلىك ھىس قىلىمەن، ئۈزەمنىڭ شۇنداق تەلەيلىك بولۇپ قالغانلىقىمدىن ئاللاھقا شۈكرىلەر ئېيتىمەن. شۇ يىقىنلىرىمغا بولغان مىننەتدارلىقىم ئىچ-ئىچىمگە پاتماي قالىدۇ.

يالغۇز ۋاقىتلاردا ئۈزەم توغۇرلۇق يەنە كۆپ ئويلاپ قالىمەن. راست، جاھىللىقىم راۋرۇس بار. دۇنيا ھەم مىللەت ھەققىدىكى قاراشلىرىم كىچىكىمدە قانداق بولسا ھازىرمۇ شۇنداق. ئەگەر خاتا ئىش بولسا، باشقىلار قانچىلىك قىزىقتۇرسۇن ياكى زورلىسۇن قىلماي كەلدىم. ئۆمرۈمدە ھاراق ئىچىپ باقمىدىم، تاماكا چىكىپ باقمىدىم. ھەم ھەرگىز ھاياتىمدا بىر نەرسە كام قالغاندەك تۇيۇلمايدۇ. ۋۇجۇدنىڭ ھوزۇرى ھامان بىردەملىك. توغرسى، شۇنداق جاھىل خاراكتېرىمدىن خوش بولىمەن. مەنچە ھەر كىشىدە ئۆزىگە خاس ئىنىق بار خاراكتېر بولۇشى كېرەك. دۇنيا كۆرۈش، ئىچكىرلەپ ئۆگىنىش بۇ خاراكتېرىمنى شۇنچىلىك كۈچلەندۈرۋەتتۈكى، شۇ تاپ باشقىلارنىڭ پىكرىمگە، ياشاش ئۇسلۇبىمغا قانداق قارىشىدىن ھىچ ئەنسىرمەيدىغان بولدۇم. خەق ئۇنداق دەپ قالىدۇ، خەق بۇنداق دەپ قالىدۇ دەپ خۇددى ھاياتىنى باشقىلار ئۈچۈن ياشايدىغان كىشىلەرگە ئىچىم ئاغرىيدۇ. كىشىنىڭ ئىچى قانچە قۇرۇق بولسا، ھەم بىلگەنلىرى قانچە يۈزەكى بولسا بەكىرەك شۇنداق ياشىسا كېرەك. ئەلۋەتتە ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن توغرىدۇر، شۇنداقتىمۇ شۇ خىل ھاياتتىكى كىشىلەردىن ھارغىنلىق ھىس قىلمامسىلەر دەپ سورىغۇم كىلىدۇ.

خاراكتېر يارىتىش ئۈچۈن كىشى كۆپىرەك ئوقۇغان ياخشىكەن. ئەقىل قانچە مۇستەقىل بولغانسىرى، خاراكتېرمۇ بىقىپ بولىدىكەن. شۇڭلاشقىمۇ غەرىب مائارىپىدا خاراكتېر تەربىيلەش بەك مۇھىم قارىلىدۇ. ئەلبەتتە، ئاتا-ئانا تەربىيىسىمۇ خاراكتېر ئۈچۈن مۇھىم خۇرۇچ بولىدىكەن. يېزىدا ياشىغىنىغا قارىماي، ئاتا-ئانام ئىككىلىسىدە كۈچكۈك خاراكتېر بار ئىدى. ئاپام مائاشلىق بولسىمۇ بەك ئاددى ساددا ھەم كەمتەر ئىدى، بەزىدە شۇنچىلىك ئەمەلىيەتچىلىك ئاساسىدا پىكىر قىلاتتىكى ھازىرمۇ چۈشەنمەيمەن ئاپامىڭ شۇ خىل پىكرىنىڭ نەدىن كەلگىنىنى. ئاددى مىسال: دۇنيادا پەقەت بىر شۇ سىڭلىمنىڭ تويى بولدى، خەۋەر بەك ئۇشتۇمتۇت بولغاچقا تەييارلىقىم يوق ئىدى، باراي دېدىم، شۇنداقتىمۇ ئاپامغا مەسلىھەت سالدىم. ئاپام ئەلبەتتە تەتقىقاتىمىڭ ئالدىراشلىقىنى ياخشى چۈشىنىدۇ، گەرچە تەجىربىخانامنى كۆرۈپ باقمىسىمۇ، ”بىر مۇنچە پۇل ئىسراپ قىلىپ كەلگىچە شۇ پۇلنى پوچىتىدىنلا سىلىۋەت، سىڭلىڭ خىراجەت قىلسۇن بولدى“. ئاپامنىڭ لوگىكىسى ئەزەلدىن شۇنداق ئەمەلىيەتچان، بۇ جەھەتتە نىمىسلارنىمۇ بىسىپ چۈشەرمىكىن. ئامما ھىسسىياتىمۇ شۇنداق كۈچلۈككى بىزنى ئويلىغان كۈنلىرى كىچىلەپ كىرپىك قاقماي چىقىدۇ. يولدا بىرەرسىدىن خەۋرىمىزنى ئاڭلىسا ئۆيگە بارغۇچە يىغلاپ بارىدۇ. دادام ئاجايىپ ئىغىر-بىسىق، سۇئال سورىمىغىچە ئاغزىدىن گەپ چىقمايتتى. مۆرىتىدە بىر ئىغىزلا گەپ چىقىپ قالىدۇ، بىر ئۆمۈر يادىمىزدىن چىقمايدۇ، بۇ جەھەتتە دادام ھەقىقەتەن لاياقەتلىك دادا. ھازىر ئويلىسام، مەندىكى جاھىللىق ئەسلى شۇ ئاپا-دادامدىن قالغانكەن. لېكىن ئۇلاردىكى شۇ جاھىللىقنى بەك تەستە ھىس قىلىسىز.

33 كە كىرىپتىمەن. بۇنىڭ 6 يىلى باشلانغۇچ، 6 يىلى ئوتتۇرا مەكتەپ، ئىككى يىلى تەييارلىق، 4 يىلى باكلاۋىرلىق، 2 يىلى ماگىستىرلىق، يەنە 5 يىلى دوكتۇرلۇق. ھىسابتا 20 يىلنى ئوقۇغۇچىدەك ئۆتكۈزۈپتىمەن. ھەر ھالدا 5 يىلنى خىزمەتچىدەك ئۆتكۈزدۈم، چۈنكى گېرمانىيەدە دوكتۇرلۇقنى ئوقۇش دېگەندىن كۆرە خىزمەت دېگەن توغرا، كىنىشكىغىمۇ شۇنداق يېزىلىدۇ، ھەم مائاش ئالىمىز، كېرىم بىجى تۆلەيمىز، ھەم ھىچقاچان ئىمتىھان بىرىپ دەرىس ئاڭلىمايمىز، بەلكى ئارىلاپ دەرىس ئۆتىمىز. نىمىلا دەيلى 25 يىلىم ھەر خىل مەكتەپلەردىلا ئۆتۈپتۇ. بۇ ھايات راستىنلا بەك تاتلىق ئۆتتى، نۇرغۇن ئەسلىمىلەر قالدۇرۇپ ئۈلگۈردى. ئاللاھتىن كېيىنكى ھاياتىمنىڭمۇ مۇشۇنداق بولۇشىنى تېلەيمەن. ئاللاھ مېنى گۇناھلاردىن، يىقىنلىرىمنىڭ قەلبىنى ئازارلاپ قويۇشتىن ساقلىسۇن، ھەققى بىر ئىنساندەك ياشاشقا نىسىب قىلسۇن.

ماڭا بۇ كەمگىچە ماددى ۋە مەنىۋى ياردەم بىرىپ كەلگەن بارلىق قېرىنداشلىرىم ۋە دوست-بۇرادەرلىرىمگە رەھمەت ئېيتىمەن. ئاللاھ ھەممىڭلاردىن رازى بولسۇن! سىلەرگە بولغان مىننەتدارلىقىمنى تىل بىلەن ئىپادە قىلىشقا ھەقىقەتەن ئاجىزلىق قىلىمەن.

Oghuzkb
2013-يىل، 11-ئاينىڭ 27- كۈنى
ئۇلم

بۇ يازما ئۇنىۋېرسال كاتېگورىيىسىگە يوللانغان. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈشلىۋېلىڭ.

33 ياشتىكى تۇيغۇلار ئۈچۈن 16 ئىنكاس بار

  1. بەگمۇراد مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم ! بولسا توي قىلىۋىلىڭ ھامىنى توي قىلىدىغان گەپ . كەچۈرۈڭ سىزدىن كىچىك بولساممۇ سۆزلەپ قويدۇم.

    • ئاچىنۇق مۇنداق يازغان:

      ۋائەلەيكۇم ئەسسالام ئىنىم! ھىچقىسى يوق، شۇ مەنمۇ توي قىلاي دەيمەن، لېكىن بۇ ئىش ئۆي خىزمەتچىسى ئىلىش ياكى «بازارغا چىقىپ كېيىم ئىلىش» بولمىغاندىكىن تەس بولىدىكەن، بولۇپمۇ بىزدەك مۇساپىرلارغا…http://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_unsure.gif

  2. يولوچى مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاچىنۇق ئاكا،
    بلوگىڭىز خېلى بولدى يېڭىلانمىۋېدى، سىزنى ئالدىراش بولۇپ قالدىمىكىن دەپ ئويلىغان ئىدىم، دەرۋەقە شۇنداق ئىكەن. مۇساپىرنىڭ دەردىنى ياخشىراق چۈشىنىدىغىنى يەنىلا شۇ مۇساپىرمىكىن دەپ ئويلايمەن. گەرچە ياش قورامىمىز پەرقلىق بولسىمۇ، سىز تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن تۇرمۇش ئىشىدا مەنمۇ ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئىشلارنى بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن ئىدىم. ئەمما كىيىنچە دوپپامنى ئالدىمغا قويۇپ ئويلىشىپ باققىنىمدا، ئوغۇل بالىدىكى ئىنچىكىلىك ۋە زىللىقنىڭ (بەلكىم «چىڭگىزلىك» دېسەك زاغرا تىلىدا چۈشىنىشلىكرەك بولا) پايدىلىق تەرەپلىرى بولغىنىدەك، زىيانلىق تەرەپلىرىمۇ يوق ئەمەسكەن. ئۈگىنىشتە، خىزمەتتە باشقىلاردىن ئارتۇق قىلىپ كۆرسەتكىنى بىلەن، كۆپىنچە قىزچاقلارنىڭ نەزىرىدە تازا قارشى ئېلىنمايدىكەن ئەمەسمۇ. (سەت كۈلگەن چىراي ئىپادىسى)
    يېقىندىن بۇيان ئېتىقادىمىزغا مۇناسىۋەتلىك كىتابلارنى (ئاساسلىقى ھەدىس كىتابلىرى) كۆپرەك ئوقۇيدىغان بولۇپ قالدىم. تۇرمۇش كۆرسەتمىلىرى قىسمىدا ياخشى ئاياللارنىڭ سۈپىتىنى «قارىساڭ خۇرسەن قىلىدىغان، بۇيرىساڭ ئىتائەت قىلىدىغان، يوق ۋاقىتلىرىڭدامېلىڭنى ۋە ئىپپىتىنى ساقلىغان ئاياللاردۇر» دەپ چۈشەندۈرۈپتۇ. يەنە بىر ھەدىستە «ئايال بەش ۋاق نامىزىنى ۋاقتىدا ئوقۇسا، رامىزان روزىسىنى تۇتسا، ئەۋرىتىنى ھارامدىن ساقلىسا ۋە ئېرىگە ئىتائەت قىلسا، جەننەتنىڭ ئىشىكلىرىنىڭ قايسىسىنى خالىسا شۇنىڭدىن كىرىپ كېتىدۇ» دېيىلىپتۇ. مۇشۇلارغا قاراپ ئويلىشىپ قالدىم، دىنىمىز قىز-ئاياللىرىمىزغا ئېرىگە ئىتائەت قىلىشنى جەننەتنىڭ شەرتى قىلغان ئىكەن، ئېتىقادلىق قىزلىرىمىزمۇ شۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشىدۇ ئەلۋەتتە. شۇڭا لايىق تاللىغاندا ئېتىقادىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش كېرەككەن (ئەلۋەتتە بىلىم سەۋىيىسىمۇ توغرا ئېتىقاد ئۈچۈن مۇھىم ئامىل). گەرچە بۇ ئويۇمنى تېخى ئەمەلىيەتكە تەدبىقلاش پۇرسىتى بولمىغان بولسىمۇ، ئەمما نەزەرىيە جەھەتتىن پايدىلىنىش قىممىتى بار دەپ قارايمەن (ھى ھى ھى).
    سىزنىڭمۇ كۆڭلىڭىزدە سان بارلىقى ئېنىق، شۇنداقتىمۇ ۋاقىتنى چىڭراق تۇتۇپ ھەرىكەتكە ئۆتكىنىڭىز ياخشى ئاكا. بولۇپمۇ سىز-بىزدەك مۇساپىرچىلىقتا يات ئەللەردە يۈرگەنلەر ئۈچۈن، شۇنداق بىر ھەمراھنىڭ بولمىقى بەك مۇھىم ئىكەن. يېقىن كەلگۈسىدە خوش خەۋىرىڭىزنى ئاڭلاشقا ئاللاھ نىسىپ قىلسۇن! تويىڭىزنى رەسىملىرى بىلەن بلوگىڭىزدا يېزىپ كەتسىڭىز، بىز ئولتۇرۇپ ئوقۇپ كەتسەك، ئىچىمىز قىززىپ بىزمۇ تويغا ئالدىراپ، توي قىلىپ كەتسەك، نېمىدېگەن ياخشى http://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yahoo.gif

    • ئاچىنۇق مۇنداق يازغان:

      ۋائەلەيكۇم ئەسسالام ئىنىم! ئىنكاسىڭىزدىن بەكلا خوش بولدۇم، رەھمەت، تېلەكلىرىمىز بىرگە بولسۇن. شۇ كاللىدا زىددىيەت جىق. مەنمۇ ئىمانى ھەممىدىن مۇھىم دەپ قارايدىغىنى. ئۆي تۇتۇشتا ئەر-ئايال ئارىسىدا قۇرۇق پاراڭ قىلىش ئىمكانيىتى بولمىسا، كۆڭۈل ئاسان سوۋۇپ قىلىشى مۇمكىن. شۇڭا ھەر ھالدا گەپ بىر يەردىن نەق چىقمىسىمۇ يىقىنىراق يەردىن چىقىدىغان ئادەم تىپىشقا مەجبۇر بولىسىز. ئىنچىكە مىجەزلىك ئادەملەرگە بۇ تەرەپلەر بەكلا مۇھىم كۆرىنىدىكەن. يەنە بىرىگە تۇرمۇش ئادەتلىرىمۇ يىقىنىراق كەلگىنى ياخشىمىكىن دەپ ئويلايمەن، بولمىسا ئادەم ئاچچىق يۇتۇپ قالىدۇ. پىكىر ئورتاقلىقى ئىزدىسىڭىز يەنىلا ئوقۇغان ئادەم تېپىشقا توغرا كىلىدۇ، يۇشۇرۇن ئىڭىمىزدا يەنىلا ئۆزىمىزگە ئوخشاش ئادەم ئىزدەيمىز. يامان يېرى كۆپىنچە ئوقۇغان قىزلار بىزگە ئوخشاشلا مۇستەقىللىققا كۆنۈپ قالغان، چوپ-چوڭلا بولۇپ قالغان بىر ئادەمنىڭ قارىشىنى ئۆزگەرتىمەن، ياكى «تۈزلىۋالىمەن» دېگەن خاتا قاراش دەپ ئويلايمەن. ئادەمنىڭ خۇي-پەيلى ئاسان ئۆزگەرمەيدۇ. مۇشۇنداق ئويلاۋىرىپ يەنىلا ئىديالىزىمنىڭ پاتقىقىغا تىقىلىپ قالىدىغان گەپكەن. توغرىسى بۇ يەردىكى ھايات بىزنى تۇرمۇشتا بەكلا مۇستەقىل قىلىپ قويدى، بۇ مۇستەقىللىق ھەم خاراكتېرىمىزغىمۇ كىرىپ، بىزنى ئاستا-ئاستا تۇرمۇشتا بىكىنمىچى قىلىپ قويىدىغاندەك تۇرىدۇ، خۇددى مۇشۇ توي قىلمايدىغان غەربى ياۋرۇپالىقلاردەك، زىتلىقتىن قورقىشىدۇ، زىتلىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن يالغۇز ياشاشنى تاللايدۇ (ئەلۋەتتە كۈچلۈك ماتېريالىست دۇنيا قارىشىنىڭ تەسىرىمۇ بار). بەزىدە ئۆزەمنى خۇددى شۇ قاينامغا كىرىپ كىتىۋاتقاندەك ھىس قىلىمەن.

      ھە راست، توينى ئېشەك ھارۋىدا يۆتكىگەن مۇنۇ رەسىملەر ماڭا بەكلا يىقىملىق ھەم يۇمۇرلۇق كۆرۈنۈپ كەتتى:
      http://my.mail.ru/mail/mst807/photo?album_id=1382

  3. muslime مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  4. ئازات مۇنداق يازغان:

    ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم .33 گە تەڭ كىرپتۇق .باللىرمنى ئۇخلىتىۋىتپ نەچچە سائەت بولدى يازمىلىرىڭنى كۆرۋاتقىلى.يازمىلىرىڭنى ئوقۇسام بۆلەكچىلا ھاياجانلىنىپ كىتىمەن.ئۆزەمنى باشقىچلا ھىس قىلىمەن ھەر بىر جۈملەرنى قايتا قايتا ئوقۇپ كىتىمەن. بەزىدە قىززىق گەپلىرڭدىن قاقاقلاپ كۈلۈپ كىتىمەن……ھەي ئاداش سەن ھەققەتەن ئۈزەڭ ھەم بىز پەخىرلەنگىدەك ياشاپ كىلۋاتىسەن. مىللىتىمزنىڭ سەندەك ناتىق ،يازغۇچى، فىزىكىچى، خىميەچى، جۇغراپىيچى،(ما گەپلەرنى ياخشى ئپادىيەلمىدىما) ئاستۇرنۇملىرىنى ….ھەم كەلگۈسى ئالىملىرىمىزنى ئۇلۇغ ئاللا ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن. سەندەك ساۋاقدىشىم ھەم يېقىن دوستۇمنىڭ بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىمەن. بولسا بىزدەك تۇرمۇش قايناملىرىغا چۆكۆپ كەتكەن ئاغىنىلىرىڭ ئۈچۈن بولسىمۇ ئىجتىمائىي تېمىلارنى يىزىپ تۇر. يازمايمەن دىسەڭ بولمايدۇ، كۆپرەك ياز، بولمىسا بىز بەك ئۇخلاپ كىتىدىغاندەك قىلىمىز . ئاللا ئشلىرىڭنى ئوڭۇشلۇق قىلسۇن. نكاھ غايىپ ۋاختى سائتى كەلگەندە ئالمايمەن دىسەڭمۇ بىر ئايپاتەم چىقىدۇ.http://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wacko.gif

    • ئاچىنۇق مۇنداق يازغان:

      ۋائەلەيكۇم ئەسسالام ئادىشىم! رەھمەت، بۇنداق ئۇدۇل ماختىساڭ مەن بەك خىجىل بولۇپ قالىدىكەنمەن. سىلەردەك ئاغىينىلىرىم بولغاچقا خاتىرجەم يۈرىمەن. ھەممىمىزنىڭ ئوخشىمىغان رولىمىز بار، ئەڭ مۇھىمى ئۆز رولىمىزنى ياخشى ئارتقۇزۇشكەن. مەن سىلەرگە ھەۋەس قىلىمەن، بىر ئائىلە قۇرۇش، ھەم شۇ ئائىلىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش، پەرزەنىتلەرنى ساغلام ھەم تەربىيىلىك چوڭ قىلىشمۇ بەك چوڭ ئىشكەن، بولۇپمۇ مۇسۇلمان ئادەم ئۈچۈن ھەممىدىن مۇھىمدۇر! ھە راست، ئاللاھ خالىسا پات ئارىدا كۆرىشىمىز، بەلكى بىر ھەپتە ئىچىدە، نىمە ئالغاچ باراي؟ :)

  5. مەجھۇل مۇنداق يازغان:

    بالدۇرراق توينى قىلىۋاېلىڭ دىمەكچىتىم، بالدۇر دىگەن سۆز خاتا كەپ قالغىدەك، شۇڭا تېزراق دەي، توي ئىشى بەك مۇھىم، بولۇپمۇ بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن، توي قىلمىغان ئادەمگە شەيتان يېقىن بولۇپ قالىدۇ. تەلەپنى تۆۋەنرەك قويۇپ بولسىمۇ، بىرىنى تېپىپ توينى قىلىۋېتىنى

    • ئاچىنۇق مۇنداق يازغان:

      كۈلۈپ كەتتىم بۇ ئىنكاسىڭىزنى كۆرۈپ، خۇددى خالمۇراتكامنىڭ ئىپىزوتلاردىكى گېپىنى ئاڭلىغاندەك. توغرا دەيسىز، مۇسۇلمان ئۈچۈن ئومۇمەن بالدۇر توي قىلغان ياخشى. لېكىن ئايرىم ئەھۋاللارمۇ بولىدۇ، دېمەكچى ئۆزەمنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىم بەكلا ياخشى، ئۇخلاشنى ھىسابقا ھالمىغاندا ھەربىيلەردەك ياشايمەن، ئۆزەمگە بەك قاتتىق مۇئامىلە قىلىمەن. ئەگەر ئارتۇقچىلىقى بار دېيىلسە، بەلكى شۇ ئۈزەمنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىمنىڭ كۈچلۈكلىكى بولۇشى مۇمكىن.

  6. پەنجىر مۇنداق يازغان:

    بىلوگىڭىزغا پات-پات كىرىپ ئارىلاپ قويىمەن مەقسەتسىزلا . مەيلى نېمىلا تېمىدا يېزىلغان بولسۇن ، تېمىلىرىڭىزنى ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن . ۋاقتىڭىز بولسا كۆپرەك يېزىپ تۇرسىڭىز ! ھەم سىزنىڭ تۇرمۇش ئىشىڭىز ۋە ئۆگىنىشىڭىزگە ئاسانلىق ۋە ئۇتۇقلار تىلەيمەن .

  7. ئادىل مۇنداق يازغان:

    بۇرادەر ئىككىمىز تەڭتۇشكەنمىز،تۇرمۇش ئىشىڭىزنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولۇپ كىتىشىگە تىلەكداشمەن

  8. ئسلام-يولى مۇنداق يازغان:

    ئەسالاملەيكۇم
    بولسا ئوزىڭىزگە ئوخشاش چەتئەللەردەئۇقۇغان مۇسلىمىلەردىن تېپىڭ،
    گىرمانىيىدەئۇقۇۋاتقان مۇسلىمەقىزلار بارغۇ؟ مەن ئاڭلىغان .
    ئىنشائاللاھ.ئاللاھ ئاسان قىلسۇن .

  9. ياۋاكەپتەر مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
    سىزنىڭ تېمىلىرىڭىزنىڭ ماڭا بەك ياقىدۇ ،كىشىگەبىرخىل تەبىئىي تۇيغۇ بېرىدۇ.سىزنىڭ بەزى خارەكتىرىڭىزماڭا ئوخشىشىپ كېتىدىكەن ،لىكىن مەن سىزدەك كۆپ ئوقۇمىغان ،سىزدىن سوراپ باقسام سىزمۇ 8-ئايدا تۇغۇلغانمۇ ؟سىزنىڭ ئېيتقىنىڭىزدە ئۇئىشلاردا ياش چوڭلاپ قاساسەل ئەنسىرەيدىغان گەپكەن،مەن ئەمدى24 ياشقا كىرگەن بولساممۇ ئەتراپىمدىكى ئاغىنلىرىمنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ بىردىن -ئىككىگىچە بالسى باربۇلۇپ كەتتى،بۇرۇن كەسىپ ئۆگىنىمەن دەپ ئۇيەر-بۇيەرلەردە يۈرۈپ ئۇنچىلىك ئويلاپ كەتمەپتىكەنمەن ئەمدى ماڭىمۇ بىرخىل غەم بۇلۇپ قالدى ،بەزىدە ئويلاپ قالىمەن ئۆزئالدىمغا ئىگىلىك تىكلىۋېلىپ ئالدىرماي قىلايمىكىن دەپ
    ئاخىرىدا سىزنىڭمۇ ئۆزىڭىزگە ئوخشاش بىلىملىك ئىمانلىق ھەمراھقا تېزراق ئۇچىرىشىڭىزنى ئاللاھتىن تىلايمەن.ئاللاھ تىنىڭىزگە سالامەتلىك ئىشلىرىڭىزغائۇتۇق ئاتاقىلغاي

    • ئاچىنۇق مۇنداق يازغان:

      ۋائەلەيكۇم ئەسسالام!

      رەھمەت! مەن 10-ئايدا تۇغۇلغان. توي ئىشى ھەقىقەتەن باش ئاغىرتىدىغان ئىشكەن بۇ ياشتا. تىلەكلىرىڭىزگە رەھمەت. سىزگىمۇ ھەم ئوخشاش تىلەكلەر تىلەيمەن.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong> <img src="" alt="" class="" width="" height="">

https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_bye.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_good.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_negative.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_scratch.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wacko.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yahoo.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cool.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_heart.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_rose.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_smile.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_whistle3.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yes.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cry.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_mail.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_sad.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_unsure.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wink.gif