يېڭىلىقلار

ئالدىراشلىقتىن ئالدىنقى ئايلاردا بىر نەرسە يېزىش مۇمكىن بولمىدى، ئەمدى بولسىمۇ تولۇقلاپ قوياي. بۇ قېتىم ئۆز-ئارا مۇناسىۋەتسىز ئىككى خەۋەرنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمەن.

1. گېرمانىيەدە ئىشلەنگەن رازۋېتكا فىلىمىدا ئۇيغۇر تېمىسى

2. نىجات ھوشۇر ئاكىمىزنىڭ گېرمانىيىدىكى يەنە بىر كۆرگەزمىسى

3. مەھمۇد قەشقەرى ھەققىدىكى ھۆججەتلىك فىلىم

1. تېما

قايسى بىر كۈنى ئىشلەۋاتسام، ياندىكى ئىشخانىدا ئىشلەيدىغان نىمىس ئاغىنەم ئەتىگەندىلا كىرىپتۇ ئاخشام تات ئورتتا سىلەر ھەققىدە گەپ چىقتى دەپ. ئەلبەتتە، بۇ 8 يىللىق ئاغىنەم بىز ھەققىدە كۆپ ياخشى بىلىدۇ، ئۆزى ھەم بېيجىڭدا تۇرۇپ باققان بولغاچقا ھىسسىياتىمنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىدىغانلاردىن. گىپىگە ئىشەنگۈم كەلمەي ئىزدەپ باقتىم. بۇنداق بولۇشى، تات ئورت (tatort) بىر گېرمانىيىدىكى ئەڭ ئالقىشقا ئىرىشكەن، 1970-يىلىدىن باشلاپ ئىشلىنىپ كىلىۋاتقان رازۋىتكا قىسىملىق فىلىمى بولۇپ، گېرمانىيە، ئاۋىستىرىيە ۋە شىۋىتسارىيە ئۈچ دۆلەت بىرلىشىپ ئىشلەيدۇ ھەم ئۈچلا دۆلەتنىڭ ئەڭ چوڭ تېلىۋىزىيە قاناللىرىدا قويىدۇ. بۇ قاناللار گېرمانىيە ARD (Das Erste) قانىلى، ئاۋستىرىيە ORF2 قانىلى، شىۋىتسارىيە SF1، بۇنىڭ ئىچىدە ARD قانىلى دۇنيا بويىچە برىتانىيەنىڭ BBC سىدىن قالسىلا ئىككىنچى چوڭ قانال ھىسابلىنىدۇ. دېمەك شۇنداق بىر قانالدا ھەر يەكشەنبە كۈنى ئالتۇن ۋاقىتتا (كەچ سائەت سەككىزلەردە) قويۇلىدىغان بىر فىلمدە ئۇيغۇرنىڭ تىلغا ئىلىنىشى مۇساپىرچىلىققا تويۇپ كەتكەن بىر ئۇيغۇر ئۈچۈن ئادەتتىكى خەۋەر ئەمەستە. شۇ كۈنى كەچتىلا توردىن كۆرۈپ باقتىم. فىلىم تەسەۋۋرۇغا تولىمۇ بايكەن، يەنى فىلىم ئۆزىگە مەنچىڭنىڭ ھازىرمۇ ھايات، سەنئەتكار ۋە سىياسى قاچقۇنلۇق ھاياتىدا ياشاۋاتقان مانجۇ خانىشى، جۇڭگۇنىڭ گېرماندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى، ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بىر ئورگاننىڭ ھۆكۈمەتنىڭ ئويدۇرمىسى ئىكەنلىكى، بىر ئۇيغۇرنىڭ شۇنداق بىر تېزىملىك ئۈچۈن مەلىكە بىلەن 1000 يىللىق كونا كىتاب (قۇتادغۇبىلىكنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى كۆرسىتىدۇ) ئارقىلىق سودىلاشماقچى بولغانلىقى (ئەپسۇس بۇ ئۇيغۇرنىڭ چىراينى   تۈزۈك كۆرگىچە ئىتىپ ئۆلتۈرىلىدۇ)، مەلىكىنىڭ ئۆلتۈرلۈشى، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى ۋە ئەلچىخانا خىزمەتچىسىنىڭ شۇنداقلا يەرلىك خىتاي قارا جەمئىيتىنىڭ شۇ قاتىللىق ئىشلىرىغا ئارلىشىپ قىلىشى قاتارلىق بىر قاتار ۋەقەلەر تولىمۇ ئۇستاتلىق بىلەن ئورگانىك بىرىكتۈرلىۋىتىپتۇ. بۇ ۋەقەلىككە ھەيران بولۇپ سىنارىستقا دىققەت قىلسام گېرمانىيىلىك تۈرككەن، ھەيرانلىقىم بىسىقتى. بۇ فىلمىنىڭ يۇتيۇب ئادرىسى (يۇقۇرى ئوچۇقلۇقتا):

http://www.youtube.com/watch?v=z70s_z-yPA4

فىلىم تېلۋىزىيەدە قويۇلغان كۈنىلا 14 مىليوندە ئادەم كۆرۈپتۇ، ھەم بىر مۇۋەپپەقىيەت بولۇپ ھىسابلىنىپتۇ. يۇتۇيبقا يوللانغان بۇ ھۆججەتمۇ ھازىرغا قەدەر 50 مىڭ قىتىم كۆرۈلۈپتۇ.

فىلىم ئىسمى: die chinesische Prinzessin (جۇڭگۇلۇق خانىش)

فىلىم ئىلانى

فىلم

2. تېما

بېرلىندا ئىلىم تەھسىل قىلۋاتقان رەسسام ھەم فوتگرافىمىز نىجات ھوشۇر ئەپەندىم باشقا سەككىز رەسسام بىلەن بىرلىشىپ فرانكفۇرت شەھرىنىڭ ئەتراپىدىكى ئەشبورندا 12-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن باشلاپ كىلەر يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدىكەن. قىززىققۇچىلارنىڭ، شۇنداقلا شۇ ۋاقىتلاردا فرانكفۇرتتىن ئۇيان-بۇيان ئۆتۈپ قالغان قېرىنداشلارنىڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ كۆرۈپ بىقىشىنى تەكلىپ قىلىمىز. ھە راست، شۇ باھانىدە فرانكفۇرتتىكى مۇقام ئۇيغۇر رىستۇراننىڭ تاماقلىرىغىمۇ ئىغىز تېگىپ بىقىشنى ئۇنتۇماڭلار. تۆۋەندىكىسى كۆرگەزمە ئېلانى:

 

3. تېما

مەھمۇد قەشقەرى ھەققىدىكى TRT قانىلىنىڭ ھۆججەتلىك فىلىمنى يوللاپ قويدۇم. تۈركچە ئۈگىنىۋاتقانلارغا بەكلا ماس كېلىدىكەن.

http://v.youku.com/v_show/id_XNjQwNzQ0MjM2.html

بۇ يازما ئۇنىۋېرسال, ئۇيغۇر + ياۋرۇپا, ئۇچۇر-خەۋەر كاتېگورىيىسىگە يوللانغان ھەم , , , , دەپ خەتكۈشلەنگەن. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈشلىۋېلىڭ.

يېڭىلىقلار ئۈچۈن 3 ئىنكاس بار

  1. بەگمۇراد مۇنداق يازغان:

    مەن سىز تەۋسىيە قىلغان ئۇيغۇرلار تىلغا ئىلىنغان فىلىمنى كۆردۈم. ئۇيغۇرنىڭ ئىسمى ئالىمجان بۇلۇپ فىلىمنىڭ بىشىدىلا ئىتىۋىتىلىدىكەن،مىڭ يىللىق كىتاپنى قولغا چۈشۈرمەكچى بولغان قارا گوروھنىڭ ئادەملېرى ئاخىرى تۇتۇلىدىكەن. فىلىم تىلى ئىنگلىزچىگە يىقىن كىلىدىكەن ئەمما نىمسچە ئوخشايدۇ ئىنگىلىزچىدىن سىلىق تەلەپپۇز قىلىنىدىكەن.

  2. ئەخمەد مۇنداق يازغان:

    ت ر ت دىن زىيارەت قىلىنغانلار مەھمۇد كاشغەرىنى ئوغۇز تۈركلىرى،يەنى تۈركىيە تۈركلىرى دېمەكچىكەن.تۇغۇلغان يېرىنى كەسىنلىك بىلەن بارسقاندا تۇغۇلغان ۋە قەشقەرگە كۆچۈپ كەلگەن دېيىشى ئادەمنىڭ گۇمانىنى قوزغىماي قالمايدۇ.بۇلارنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى بىلەن ئۇيغۇر تۈركولوگلىرىنىڭ تەتقىقاتىدا زور پەرقلىقلەر باردەك قىلىدۇ.

  3. قايتما: ئازادە-ئۇيغۇرئىكىستە يۇتۇب(youtube ) فىلىملېرىنى چۈشۈرۈش | ئازادە-ئۇيغۇرئىكىس

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong> <img src="" alt="" class="" width="" height="">

https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_bye.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_good.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_negative.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_scratch.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wacko.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yahoo.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cool.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_heart.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_rose.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_smile.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_whistle3.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yes.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cry.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_mail.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_sad.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_unsure.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wink.gif