زامانىمىزدىكى ئەڭ داڭلىق ئالىملىرىمىزدىن (يەنى دۇنيادىكى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئىلمى ژۇرناللاردا ماقالە ئېلان قىلۋاتقان، كەسپىدە دۇنيادا ئەڭ ئالدىدا كېتىۋاتقان) دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ ۋە دوكتۇر مايسەم مۇتەللىپتەك ئالىملارنى تەربىيلىگەن، ھازىر قازاقىستان ئەمگەكچى قازاق ناھيىسى ئاۋات يېزىسىدا تۇرۇشلۇق مۇزەپپەر مۇتەللىپ ئەپەندىنىڭ زىيارەت خاتىرسىنى يوللاپ قويدۇم.
بۇ زىيارەتنى ھازىر سانكىت-پېتىربۇرگدا تۇرۇشلۇق ھەمراجان ئامراق ئاكىمىز قىلغان ئىكەن. ۋەتەندىكى قېرىنداشلارنى كۆزدە تۇتۇپ كۆچۈرۈپ يوللىدۇم. پەرزەنىت تەربىيىسى ھەققىدىكى گەپلىرى ئېسىلكەن.
زىيارەتتە دېيىلگىنىدەك، مۇزەپپەر ئەپەندىم ھازىرقى ئۇيغۇر ناھىيەسى غالجات يېزىسىدا (ئورنى ئىلى ۋىلايىتى چاپچال ناھىيەسى تەۋەسىدىكى جۇڭگۇ-قازاقسىتان چىگىرسىدىن ئىككى-ئۈچ كىلومېتىر ئۇزاقلىقتا) تۇغۇلغان. دادىسى ئەسلى مۇئەللىم بولۇپ، 1942-يىلى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا كېتىپ، شۇ يىلى ئۇرۇشتا قازا بوپتۇ. ئۆزى ئەسلى ئۇيغۇر تارىخى ئۆگەنمەكچى بولغان ئىكەن، لېكىن بارغان مەكتىپىدە ئۇنداق دەرس بولمىغانلىقى ئۈچۈن رۇس تارىخىنى كەسىپ قىلىپ تاللىغان ئىكەن. كېيىنچە مەكتەپلەردە رۇس تارىخىدىن دەرس بىرىپتۇ. قالغان گەپنى زىيارەت فىلمىدىن كۆرۈڭلار.
http://v.youku.com/v_show/id_XNjA0MjQxNjM2.html
بۇ يەردىكى بىزنىڭ دىققىتىمىزنى تارتىشقا تىگىشلىك بىر نەرسە، يىقىنقى يىللاردا دۇنيا ئىلىم-پەن ساھەسىنى ئۈچ قىتىم تەۋرەتكەن شۆھرەتكامنى ياخشى تونۇدۇق. ئەپسۇس، شۆھرەتكامنىڭ سىڭلىسى دوكتۇر مايسەم خانىم ھەققىدە كۆپ گەپ بولۇنمىدى. ئەمەلىيەتتە، شۇ تاپتا دۇنيانىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتارىدىكى ئالىي بىلىم يۇرتى بولغان ماسساچۇستىس تېخنىكا ئىنستىتۇتى (MIT) غول ھۆجەيرە تەتقىقات يۇرتىدىكى بىر تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ يىتەكچىلىكىنى قىلۋاتقان بۇ ھەدىمىزمۇ تەبىئەت ژۇرنىلىنىڭ ماتېريال قىسمى، ھۆجەيرە ژۇرنىلى قاتارلىق ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ژۇرناللاردا ماقالە ئېلان قىلغان ئىكەن.
http://65.54.113.26/Author/23526367/maisam-m-mitalipova
http://scholar.google.de/scholar?hl=en&q=maisam+mitalipova&btnG=&as_sdt=1%2C5&as_sdtp=
ئەپسۇس، بۇ ئىككى ئالىمىمىزنىڭ ئاپىسى ھازىر دۇختۇرخانىدا ئىكەن، ئامېركىدا داۋالىنىۋاتقان ئوخشايدۇ. بىزگە مۇشۇنداق ئالىملارنى يىتىشتۈرۈپ بەرگەن شۇ ئاپىمىزنىڭ كېسىلىگە شىپالىق تىلەش بىلەن بىرگە، 80 گە يىقىنلاشقان مۇزەپپەر دادىمىزغىمۇ سالامەتلىك ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمىز.
بۇ ئىككى ئالىمىمىز ئىلىم ئاسمىنىدا تېخىمۇ بۈيۈك زەپەرلەر قۇچقۇسى!
oghuzkb
2013-يىل 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
ئۇلم
تورداشلاردىن ياردەم : مېنىڭ بىر قېرىندىشىم بىر ۋەقە بىلەن يارلانغان ، بۇنىڭ داۋالاش تەتقىقاتىنى دەل شۆھرەت مۇتەللىپ ئەپەندى ئىشلەۋاتىپتۇ ، شۇڭا ئالاقە قىلىش ئۇسۇلىنى تەمىنلەپ بەرگەن بولساڭلار.
E-mail: mitalipo@ohsu.edu
Phone: (503) 614-3709
Cell: (503) 616-8655
Lab: (503) 614-3737
Fax: (503) 690-5563
Skype: shoukhrat.mitalipov
قايتما: مۇزەپپەر مۇتەللىپ ئەپەندىنى زىيارەت(ئەسلى ئاپتورى : ئاچىنۇق) | ياقۇببەگ تور تۇراسى
راخمات
سىزگە رەھمەت ئاكا! بەكلا ياراپ كەتتى ماڭا بۇ زىيارەت فىلمىڭىز!
ئەسسىلام ئەلەيكۇم!قۇربانجان ئاكا ،تېنىڭىز سالامەتمۇ؟زىيارەت خاتىرىسىنى تۇلۇق كۆرۈپ چىقتىم ،بۇ بوۋىمىزغا ئاپرىن ئېيتماي تۇرالمايدىكەنسىز .ھەر بىر ئۇيغۇرنى سۆيۈندۈرگىدەك ئادەمكەن .ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلسۇن .ئالىمنىڭ ئانسىنى تېزراق كىسەل ئازابىدىن قۇتۇلىشىن تىلەيمەن .شۇنىڭدەك سىزگىمۇ دەت كەلمىسۇن ،تېمىڭىزغا رەھمەت .ئىگىمىز سىلەرنى ئامان قىلسۇن .تېمىلېرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن !!!!!!!