تور بېتىڭىزنى قىسمەن قۇلۇپلاش ئۇسۇلى

بەزىدە شەخسى تور بېتىڭىزدىكى ھەممە مەزمۇنلارنى تور يۈزىدە ئوچۇق بەھىرلىنىش ئاۋارچىلىق ئىلىپ كىلىدۇ. بەزى مەزمۇنلارنى پەقەت يىقىنلىرىڭىز بىلەن بەھىرلىنىش كېرەك بولۇپ قالىدۇ. APACHE غا ئوخشاش بەزى يۇنىكس مۇلازىمەتتېرلىرىدە تۇرۇپ بۇنى ئاددىيلا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

ئالدى بىلەن قۇلۇپلىماقچى بولغان مەزمۇن بار ھۆججەت قىسقۇچقا كىرىپ

.htaccess

ئىسىملىك (دىققەت، ھۆججەت ئىسمى چىكىتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ). بۇ ھۆججەتنى يېزىق تەھرىرلەش پروگراممىسىدا ئېچىپ، ئىچىگە تۆۋەندىكى مەزمۇننى قويىسىز:

AuthUserFile /usr/www/dirname/.htpasswd
AuthGroupFile /dev/null
AuthName "The Secret Page"
AuthType Basic

<Limit GET POST>
require valid-user
</Limit>

 

بۇ يەردىكى قىزىل خەتلىك قىسمىنى ئۆزگەرتىشنى ئۇنتۇماڭ، چوقۇم مۇلازىمەتتېردىكى ئۆزىڭىزنىڭ ھۆججەت قىسقۇچى بار ئادرىسقا ماس كىلىشى كېرەك.

ئاندىن تېرمىنال ئارقىلىق شۇ ھۆججەت قىسقۇچقا كىرىپ تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى بىرىسىز:

htpasswd -c .htpasswd user_name

كوماندىدىكى قىزىل رەڭلىك قىسىمغا ئۆزىڭىز خالىغان ئىسىم كىرگۈزۈڭ. كوماندىنى ئىجرا قىلغاندىن كېيىن سىزدىن پارول بېكىتىشنى سورايدۇ. ئىككى قىتىم كىرگۈزىسىز. سىز كىرگۈزگەن ئىسىم ۋە پارول شۇ سىز قۇلۇپلىماقچى بولغان بەتنى كىشىلەر كۆرمەكچى بولغاندا ئاپتوماتىك ئېچىلىدىغان كۆزنەكتىكى ئىسىم ۋە پارول بولىدۇ. ئەمدى پەقەت ئىسىم ۋە پارولنى بىلگەن ئادەملەر بۇ ھۆججەتلەرنى كۆرەلەيدۇ.

تۆۋەندىكى بەتتىكى“shaexi“  ناملىق قىسقۇچ دەل شۇنىڭ مىسالى.

http://www.uni-ulm.de/~bkuerban/

 

oghuzkb

Ulm

بۇ يازما ئۇنىۋېرسال كاتېگورىيىسىگە يوللانغان ھەم دەپ خەتكۈشلەنگەن. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈشلىۋېلىڭ.

تور بېتىڭىزنى قىسمەن قۇلۇپلاش ئۇسۇلى ئۈچۈن 2 ئىنكاس بار

  1. بەگمۇراد مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم ! قۇربانجان ئاكا بۇنىڭىدىن تەخمىنەن يەتتە ئاي بۇرۇن سىزنىڭ يازمىلېرىڭز بىلەن يۈز كۆرۈشۈشكە باشلدىم ۋە ۋە شۇنىڭ تەسىرىدە ئۇبۇنتۇ ۋە لىنۇكىس سىستىمىلېرىغا قىزىقىپ قىلىپ ھازىر بىر نەچچەيلەن بىرلىشىپ بىر قۇلايلىق سىستېمىمۇ تۈزدۇق . ۋە بۇ سىستېمىنى باشقىلارغا چۈشەندۈرۈش ۋە تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن بىر بىلوگ قۇردۇق. بىلۇگ ئادرىسى http://www.auyghurix.com يەنى ئازادە-ئۇيغۇرئىكىس بىلوگى.ھازىر بىلوگ ئىچىۋىتىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ بولسا ئانچە-مۇنچە كىرىپ، يول كۆرسىتىپ، قوللاپ تۇرغايسىز.

    • ئاچىنۇق مۇنداق يازغان:

      ۋائەلەيكۇم ئەسسالام ئىنىم!

      كۆرۈپ بەك خوش بولدۇم. ھارمىغايسىلەر، بەزىدە خىلى ۋاقىتلارغىچە كىشىلەرنىڭ دىققىتىگە چۈشمەسلىكى مۇمكىن. كىشىلەرنىڭ تور بىلىملىرى، كومپيۇتېر بىلىملىرى ئاشسا، ئىنىقكى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر قىزىقىدۇ. تەشۋىقات بولمىسا ھىچكىم بىلمەيدۇ. قولۇمدىن كىلىشىچە قوللايمەن!

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong> <img src="" alt="" class="" width="" height="">

https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_bye.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_good.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_negative.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_scratch.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wacko.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yahoo.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cool.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_heart.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_rose.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_smile.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_whistle3.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yes.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cry.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_mail.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_sad.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_unsure.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wink.gif