موڭغۇللىرىمنى سىغىنىپ قاپتىمەن

موڭغۇللىرىمنى سىغىنىپ قاپتىمەن

ياش چوڭايغانسىرى بالىلىقنى ئەسلەش بەكلا ھوزۇرلۇق بولىدىكەن. يۇرتۇمغا ئاجايىپ بىر مۇھاببىتىم بار (كۈلكىلىك ئاڭلاندى بەلكى، خۇددى جاھاندا مېنىڭ ئاپامدەك كۆيۈمچان ئاپا يوق دېگەن گېپىمدەك). بۇنداق بولۇشى ئاساسلىقى سۈرەتتەك ھەيۋەتلىك تەڭرىتاغلىرىنىڭ مۇزلۇق چوققىلىرىنى ئىشىكتىن چىقىپلا كۆرۈش، ھەم شۇ تېكەس جىلغىسىدىكى ئىلى دەرياسىنىڭ بېشى بولغان تېكەس دەرياسىنى ئىگىزدە تۇرۇپ كۆرەلەشتەك ئىمكانىيەت بولسا كېرەك. خانتەڭرىنىڭ شۇ مەغرۇر تۇرىقى كىشىگە ئاجايىپ بىر كۈچ بىرىدۇ. شۇنداق، مېنىڭ يۇرتۇممۇ شۇ ۋەتەندىكى باشقا جايلارغا ئوخشاشلا سىزگە تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىنى ھەر ۋاقىت ئەسلىتىپ تۇرىدىغان بىر يۇرت، ئەڭ مۇھىمى، بۇ يۇرتتىكى كىشىلەرمۇ ئوخشاشلا تەبئەت سۆيەر خەلق. گەرچە 5 تىن 10ئەسىرگىچە ئىسلام دىنى ئىتقادىدا بولساقمۇ (ئەلبەتتە ئىسلاممۇ بىزنى تەبئەتنى سۆيۈشكە چاقىرىدۇ، ئۇسسۇز ياكى ئاچ قالغان ھايۋانلارغا شەپقەت كۆرسىتىش سىزنى جەننەتكە باشلايدىغان ئىشلاردىن بىرى ھەتتا)، تەبئەت بىلەن زىچ بىرىككەن تەڭرىزىم ئىتقادىمىزنىڭ قالدۇقلىرى يەنىلا ساقلىنىپ قالغان. ئەمەلىيەتتە ئىسلامدا ئىسلامدىن بۇرۇنقى ئىتقادلارنى پۈتۈنلەي يوققا چىقىرىدىغان ئىش يوق، ھەر دەۋىرلەردە پەيغەمبەرلەر كەلگەن، روزا تۇتۇشقا ئوخشاش ئىشلار بولغان. كىشىلەر ھامان بىر ئىلاھى كۈچنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىپ كەلگەن، بىزگە نىسبەتەن، بۇ خىل ئىتقاد ياكى ياراتقۇچىغا بولغان چۈشىنىش ئىسلام بىلەن تۈگۈللەندى، ياكى شۇ زامانغا كەلگەندە ئىنساننىڭ بىلىمى ئاندىن ئاللاھنى توغرا چۈشىنىشكە قابىل بولدى دەپ چۈشەنسەكمۇ بولار. نىمىلا دەيلى، بىز، ئۇيغۇر خەلقى، تارىختىن بېرى شۇنداق بىر ئىتقادتا ياشاپ كەلگەن خەلق. بۇ ئىتقادلىرىمىز بىزنى ئىنسانىيلىققا، تەبئەتكە شۇنداق يىقىن قىلىپ كەلدى (ئەلۋەتتە بۇ يەردە باشقا تەسىرلەرمۇ بار).

تۇغۇلۇپ ئۆسكەن شۇ يۇرتۇمدا، ئەجداتلىرىمىز بىلەن ئورتاق ئىتقاددا ياشاپ كەلگەن موڭغۇللارمۇ خىلى بار. مەھەللىمىزدە، ئۇيغۇر، قازاق، موڭغۇل بولۇپ خوشنا -خولۇم بولۇپ ئۆتەتتۇق. ئاپامنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپتىكى خىزمەتداشلىرى بولسۇن، دادامنىڭ ئاغىنېلىرىدىن بولسۇن، موڭغۇللار خىلى كۆپتى، ھەم بەك يىقىن ئۆتەتتى. بىزمۇ ئايرىملىق قىلماي بىللە قوي – كالا باقاتتۇق، خونىخەينىڭ سۈيىدە چۆمۈلەتتۇق. ھەتتا، مەكتەپتىكى موڭغۇل قىزلارغا موڭغۇل ئاغىنىلىرىمىزدىن ئۆگىنىۋالغان گەپلەر بىلەن چاقچاق قىلاتتۇق. ئۇلارنىڭ گەپلىرىمىزنى ئاڭلىغاندىكى خىجىللىق چىراي ئىپادىلىرىدىن مەست بولاتتۇق (كىچىكلىكتە ئەمدى… …، ئارتۇقچە چۈشەندۈرۈپ كەتتىممۇ). بوۋامنىڭ جىنە ئېسىملىك بىر بەك يىقىن ئاغىنىسى بار ئىدى، ئاجايىپ ئىچىپ قوياتتى ئىككىسى ئاق ھاراق دېگەننى. كېيىن ئاڭلىسام شۇ كىشى ئۈچ ۋىلايەتكە قاتنىشىپ مۇزداۋاندىن ئۆتكەنلەر ئارىسىدا بار ئىكەن. خوشنا ئولتۇراتتۇق، نامرات كىشىلەر ئىدى. بوۋامدىن ئاجايىپ قورقاتتىم، ئاچچىقى بەك يامان، بەك سۈرلۈك ئادەم ئىدى. ئۆيىمىز بىر تۆپىلىكتە، تازا يامغۇرلۇق كۈنلەردە بوۋام رەڭگى قارىيىپ كەتكەن بىرزىنىتتەك يامغۇرلۇق چاپىنى بىلەن ئۇزاقتىن پەيدا بولاتتى، ئاتنىڭ ئۈستىدە بىردەم ئۇياققا بىر دەم بۇياققا سىلجىپ. ئۇنداق ۋاقتلاردا موماممۇ بەك قورقاتتى، قورۇقتىكى ئەسكى تاملارنىڭ يېرىقلىرىدىن بوۋامنى دەل ھىلقى ”ئۈزۈك شاھى“ كىنوسىدىكى ئاتلىق قارا كۈچلەردەك كۆرەتتىم. راستىنلا شۇنداق ئىدى، يىراقتىن چىراينى كۆرگىلى بولمايتتى، يامغۇرلۇق چاپىنىنىڭ بۆكىسى بەك چوڭ بولغاچقا، ھەم ئاتنىڭ ئۈستىدە بىشىمۇ تۆۋەن سىلىنغان بولغاچقا، ئاجايىپ بىر قورقۇنۇچلۇق تۈس بىلەن كېلەتتى. ئەلبەتتە، ئۇ ئاتلارمۇ ماڭا ئاجايىپ چوڭ كۆرۈنەتتە ۋىجىك جىسمىمغا نىسبەتەن، كۆرۈنۈشكە تېخىمۇ سۈر قوشۇپ (ئەمەلىيەتتىمۇ موڭغۇلكۈرەنىڭ ئاتلىرى بەك يوغان بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئۈرۈمچى شەھەر سىرتى ساياھەت ئورۇنلىرىدىكى ئاتلار ئېشەكتەكلا ).

بەلكى شۇنداق موڭغۇللار بىلەن يىقىن ئارلىشىپ ئۆتكەچكىمۇ، بىزنىڭكىلەرنى پەرىق قىلغىلى بولمايتتى بۇ ھايات چەمبىرىكىدە. ھەممە ئادەم شۇنداق ساددا، ئاقكۆڭۈل، ئوچۇق، مىھماندوست، باتۇرلۇقنى سۆيىدىغان تېپلاردىن. بۇ يەردىكى باتۇرلۇق شۇ ئات بىلەن ئۆتكەن ھايات بىلەن ئاينىدىكەن. نىمىشقىكىن يۇرتىمىزنىڭ ئاتلىرى بەك شاش ھەم ئاچچىقى يامان بولىدىغان، بەلكى ھەر يىلى تاغلاردا ئات توپى بىلەن بىر مەزگىل ياشاپ كەلگىنىدىن بولسا كېرەك. ئات چېشلىۋالىدىغان ئىشلار بولۇپ تۇراتتى. ئارقىدىكى خوشنىمىزنىڭ بىر جىرەن ئېتى بولىدىغان، ئادەم كۆرسىلا قوغلاپ چىشلەيدىغان، بەك قورقاتتۇق. بۇ ئاتلارنى كۆندۈرمەكنىڭ ئۆزى بىر خەتەرلىك ئىش. دەسلەپتە مېنىشكە كۆندۈرىمىز، ئاندىن ھارۋىغا. ھارۋىغا كۆندۈرگەندە بەزىدە ئات ھارۋىنى ئاپقاچىپ قازا بولىدىغان ئىشلارمۇ بولۇپ قالىدۇ. يەنە بىرىگە ئاتنى تاقىلاش، بىلسەم دادامنىڭ ئۆز دادىسىمۇ تۆمۈرچى بولۇپ، شۇنداق تاقىلارنىمۇ ياسايتتىكەن. داداممۇ ئاتقا ئاجايىپ ئامراقتى. شۇ مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا، مەھەللىنىڭ ئاتلىرىنى دادام باقاتتىكەن، كىچىكلىكىدە قانداق قېينالغانلىقىنى پەقەت مەست بولۇپ قالغاندا غىل-پال دەپ بىرىدىغان. دادام ھىسسىياتىنى بەك ئىپادىلىمەيتتى، داۋاملىق قاپىقى تۈرۈكلا تۇراتتى، ئاچچىقىمۇ خىلى يامان ئىدى، شۇ ئاچچىقىدىن قورقاتتىم، ئەمەلىيەتتە ئۇرمايتتى، تىللمايتتى، شۇ ۋارقىراپ قوياتتى، شۇ بوۋامدەك. 4 ياكى 5 ياشلىرىم بولسا كېرەك، بىر قىشنىڭ كۈنى مەست كەلگەن دادام مېنى جىرەن قاشقا ئېتىغا مىنگۈزۈپلا ئاتنى بوش قويىۋەتتى. ئاتمۇ گەپ قىلماستىن ئۆيدىن يىراقلاپ ماڭدى. يىقىلىپ كىتىشتىن قورقۇۋاتىمەن، ئارقامغا ئاران بۇرۇلۇپ قارايمەن، ئاۋازىمنى ئارانلا چىقىرىپ يىغلاۋاتىمەن. دادامنىڭ قىلچە ئەنسىرەش تۇيغۇسى بەرمەيدىغان كۈلكىسىنى كۆردۈم، كاللامدىن ئۆتمەيدىغىنى شۇنچە مىھىرىبان ئاپاممۇ دادامغا بىر نىمەلەرنى غۇتۇلداپ قويۇپلا كارى بولمىغىنى بولدى. ئات بولسا داۋاملىق ئۇزاپ كىتىۋاتىدۇ، ئىچىمدە ئاچچىق، خەپ، بۇ ئات مېنى ئەكەتسىمۇ كارى يوقكەنا، بولدى بۇ ئات ئەمدى قايتمايدۇ، تۈگەشتىم… يىغلاۋاتىمەن. ئالاھەزەل 500 مىتىر ماڭغان ئات، توختاپ بىر مۇنچە قارنى ھوزۇرلىنىپ يەۋەتكەندىن كېيىن، ھەم ئازراق ئۇزاقلارغا بىقىۋەتكەندىن كېيىن، يەڭگىل 180 گرادۇس بۇرۇلۇپ ئۆيگە قايتتى، ئۇھھ، كۆڭلۈم ئاخىرى ئىزىغا چۈشتى. ئەمدى ئۆلۈپ قالمايدىغان بولدۇم. ئات ماڭغان پېتى ئۇدۇل ئېغىلغا كىرىپ كەتتى. ھازىر ئويلىغۇدەك بولسام، شۇ ئات مېنىڭ كىچىكلىكىمنى بىلەمدىكىن دەيمەن، تېرتەك، يۈگۈرۈك، ئادەم مىنىپ بولغۇچە چېپىپ بولىدىغان خۇيى بار، ئاچچىقىنىڭ يامانلىقىغا باقماي شۇنداق سېلىق مانغانتى. ئۇ چاغلاردا دەرۋازا ئورنىغا قاشارىمىز بار ئىدى، تەخمىنەن بىر مېتىر ئىگىزلىكتە ئىككى تال يوغان ياغاچ. بۇ ئېتىمىز دادامنىڭ مەسىتلىكىگە باقماي، بىز قاشانى ئىچىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالغان كەچلەردە، سەكرەپلا كېرەتتى، مەست دادامنى ساق پېتىم يەردىن تېرۋالاتتۇق. قىزغۇچ رەڭلىك بۇ ئېتىمىزنىڭ قەرتتىكى ئۆلچەملىك بوپ ماركىسىغا ئوخشاش قېشى بار ئىدى، شۇڭا جېرەن قاشقا دەپ قوياتتۇق، ئامما، لېكىن، بىراق، سالاپىتىگە گەپ توغرا كەلمەيدۇ. بىر ئاتنىڭمۇ شۇنداق خاراكتېرى بار بولىدىكەن دەپ قالىمەن بەزىدە.

ئات شۇنداق ئەقىللىق، ھەم ئۇزۇن چۈشۈپ تۇرىدىغان يايلىسى، بىر نەرسىنى دېمەكچى بولغاندەك قاراشلىرى-كىشنەشلىرى بىلەن يۇغۇرۇلغان لاتاپېتى (بۇ سۆزنىڭ بۇ يەردىكى دەرىجىسى ھاياتىمدىكى ۋەھشەت ئاشىق بولغان قىزنى سۈپەتلىگەندىنمۇ يۇقۇرى تۇرىدۇ) بولغاچقىمۇ ئىشقىلىپ، بەكلا نەرى ئىسسىق بولىدۇ. 8 ،9 ياشلىرىم بولسا كېرەك، دادام كومبايىن بىلەن غۇلجىغا كەتكەندە ئات ئۆلۈپ قالدى. ئۇ بىر تۇققىنىمىزنىڭ سەۋەبلىكى ئىدى. خەيىر، ئامما دادام قولىدىكى جىددى ئىشىنى تاشلاپ ئالايتەن قايتىپ كەپتىكەن، ئەتىسى يەنە كەتتى. شۇ چاغدىلا دادامنىڭ ئۇ ئېتىنى قانچىلىك ياقتۇردىغىنىنى ھىس قىلغان ئىدىم. ھەر قىتىم بىراۋنىڭ تويى بولۇپ ئوغلاق تارتىش بولغاندا، دادامنىڭ ئۆيدىن شۇ ئېتىنىڭ ئۆلچەملىك يورغىسى بىلەن (بىلىشىمچە دادام ئۆزى ئۈگەتكەن ئىكەن) ئاتلىقلار سىپىگە يۈرۈش قىلغان ھالىتىدىكى جەسۇر ھەم لەرزانلىق خۇددى قارچۇقۇمدا قىتىپ قالغان سۈرەتتەكلا. مەنمۇ ئاجايىپ ئامراقتىم ئۇ ئاتقا، بالىلىقمنىڭ يېرمى شۇ ئىدى، مەكتەپتىن كەلدىممۇ بولدى، سوغۇرىمەن دەپ باھانە بىلەن يايداق مىنىپلا مەھەللىنىڭ ئەڭ تۆۋىنىدى بۇلاققا بىرىپ كېلەتتىم. ئاغزىنى تارتىپ تۇرمىسا يۈگۈرىمەنلا دەپ تۇرىدىغان ئات ئىدى، ئەلۋەتتە ئۆيگە يولدا چاپتۇرۇپمۇ قوياتتۇق، مانا ئەمسە يۈگەرسەڭ دەپ، قامچا لازىم بولمايتتى ھىچقاچان.

ئۇزۇن يىللار ئۆتتى، قاچاندۇر بىر كۈنى، دادام يۈتۈپ كەتكەن شېبلىتى ھەققىدە گەپ قىلۋىتىپ، ”جېرەن ئاتنىڭ رەڭگىدە ئىدى خەپ“ دەپ قالدى. راست، راست شۇنداق رەڭدە ئىدى… … دادامنىڭ سىغىنچىنى ھىس قىلدىم، شۇ دادام بىلەن، شۇ جېرەن ئات بىلەن، قانچە قىتىملاپ ئۇزاق-ئۇزاق تاغلاردىكى موڭغۇل- قازاق، بىز ھىچ تونۇمايدىغان چارۋىچىلارنىڭ ئۆيلىرىگە بىرىپ، شۇ ئاپامنىڭ، ”قاچان قۇملاق ئەكىلسىلەر، قۇملاق يوق… … يەنىلا قۇملاق ياخشى، بولمىسا ناننى قانداق ياقىمەن“ (قۇمۇلاق، قۇرۇقى بەك ۋەھشەت كۆيىدۇ) دەپ غۇتۇلدىغان تالاي قىتىملىق يۇمشاق بىسىملىرى سەۋەبلىك، قۇملاق توشۇپ كەلدۇق!؟ يەنە قانچە قىتىملاپ، شۇ قويلارنى، كالىلارنى، ئېتىمىزنى 4 ئايلىق قىشتىن ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن پاخال-چۆپكە باردۇق!؟ ئۇ ئاتنىڭ پۇرىقى دىمىقىمغا ھازىرمۇ ئۇرۇلىدۇ. شۇ كۇۇۇۇل سىياقىدا، مەن تاشلاپ بەرگەن چۆپنى ئىسراپ قىلىپ يىگەچ تۇرىدۇ ئەنە كۆز ئالدىمدا.

مانا مەنمۇ شۇ جېرەن ئاتنىڭ رەڭگىدە كېيىم كېيىپ يۈرۈپتىمەن، شۇ رەڭنى سىغىنىمەن، شۇ رەڭ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەسلىمىلەرنى سىغىنىمەن. قىززىقلا ئىش بولدى، موڭغۇللارنى يازىمەن دەپ جېرەن ئاتنى يېزىپ سالدىم.

ئىنىم رەخىمجان ئامراق قارا-تورا تايچىقى بىلەن!

شۇ مەھەللىدىكى موڭغۇللارغا ئامراق ئىدىم، ئۇلارنىڭ قەھىرمانلىقنى، قاراملىقنى چوڭ بىلىدىغان خاراكتېرىنى ئەسلەپ قالىمەن، بىر خىل ھۆرمىتىم قوزغىلىدۇ. ئاپام موڭغۇلچىنى ئاڭلىسام خىلى چۈشىنىمەن دېگىنىدىن، ئۇلارنىڭمۇ كىچىكىدە قانچىلىك يىقىن ئۆتكىنىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ قالىمەن. بىزنىڭ موڭغۇللىرىمىز ھەممىسى ئۇيغۇرچە سۆزلىيەلەيدۇ، لىكىن بىز موڭغۇلچە سۆزلىشەلمەيمىز. ئۈرۈمچىگە بارغاندا، پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يىنىدا موڭغۇلچە مەكتەپ بارلىقىنى كۆرۈپ شۇلار ئۈچۈن خوش بولغان ئىدىم. ئۇلار راست يۇرتىمىزدا ئاز، ھەر ھالدا بىزدە شۇلارغا ھۆرمەت قىلىدىغان يۈرەك بار ئىكەن. لېكىن بىزنىڭ ئۈستۈمىزدىكى خەلىقلەردىن بىز ئۇنداق دوستانىلىكنى كۆرەلمىدۇق. مېنىڭ نەزىرىمدە، بۇ خەق تەبئەتتىن ئايرىلغان خەلق، شۇڭلاشقىمۇ، ئىنسانىيلىقتىن ئايرىلغان. مەنچە پەقەت تەبئەت ئىنسانغا ئىنسانلىقىنى ئەسلىتىدۇ، مۇھەببەتنى ئۈگىتىدۇ. تەبئەتتىن ئايرىلغان كىشىلەرگە ئىچىم ئاغرىيدۇ، ئۇلارنىڭ ھاياتى پەقەت قوساق ھوزۇرى، جىنىس ھوزۇرى، ۋە ياكى باشقىلاردىن ئۈستۈن بولۇش ھوزۇرى بىلەن چەكلەنسە كېرەك.

تۈنۈگۈن دوناي دەريا بويىدا ”دەريا رېتسارلىرى“نىڭ مەشىقىنى كۆرۋىتىپ بىر يىلان كۆرۈپ قالدىم، بەك چىرايلىق يىلانكەن، بىر مىتىرچە ئۇزۇنلۇقتا، ئالدىمدىلا، ئوت-چۆپلۈكنىڭ ئىچىدە خىلى بىر ۋاقىتلارغىچە تىڭ-تىڭلاپ يۈردى. ئەلۋەتتە، خ*تايلارغا چەتئەللىك كۆرۈنگنىم بىلەن، بۇ ياۋرۇپالىقلارغا يەنىلا ئاسىيالىق كۆرۈنىمەن. مېنىڭ ھاياجان چىرايىمدىن ئەنسىرگەن بىراۋ، ”يەپ يۈرمەڭلار ئۇنى“ دەپ قالدى. ئىچىم بىر خىل ئاجايىپ ئاچچىق بولۇپ قالدى. گەپ قىلمىدىم، پەقەت نىمە كۆرسە شۇنى يەيدىغان بىر قەۋىمگە ئوخشىتىلغىنىم ھار كەلدى. بىلسە ئىدى، تەبئەتنى قانچىلىك دەرىجىدە سۆيىدىغان، ئىنسانىيلىقى قانچىلىك كۈچلۈك بىر قەۋىمنىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىمنى… …

شۇ موڭغۇللىرىمىزدىن كونسىرۋاتىپىراقلىرى كىچىك ۋاقتىمدا مۇردىنى مەھەللە ئالدىدىكى ئىگىز بىنەمگە تاشلاپ قويىدىغان ئادىتى بار ئىدى. ياخشى يېرى، قويۇلغان يەرگە بايراقلارنى تېكلەپ بەلگە قويۇپ قوياتتى. بىز بولساق قىزىقسىنىپ، ھەم قورقونۇچ ئىچىدە قوي باققاچ ياكى بىنەمدە ئوينىغاچ ئەتراپلىرىدىن ئەگىپ ئۆتۈپ قالاتتۇق، بەزىدۇ بۇرۇن تۇتۇپ ئاران ئۆتەتتۇق شامال يۆنىلىشىدىن. ئۇلار شۇنداق قىلىدۇ، ئىنسان ئۆلگەندىن كېيىن تەبئەتكە قايتىشى كېرەك، روھى شۇنى يىگەن بۆرە، قۇزغۇنلارنىڭ روھىغا ئۆتۈشى كېرەك دەيدۇ.

ئاپامنىڭ ھىكايىلىرى كۆپ، ھەممە ھۆرمەت قىلىدىغان بىر موڭغۇل بوۋاينىڭ ئۆز ئوغلى تەرپىدىن كۆرەشكە تارتىلغىنىغا چىدىماي، ئۆيىگە بىرىپلا گالغا پىچاق ئۇرۇپتۇ. مەھەللىدە قىقاس-چوقان، كىشىلەرنىڭ قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھارۋىغا سىلىپ يۆتكەش جەريانىدا، بوينىدىن جىڭغىپ بىسىم بىلەن كۆككە ئېتىلىپ چىقىۋاتقان قاننى ئاپاممۇ كۆرۈپ قاپتۇ، ”ئادەمنىڭ قېنى شۇنداق جىق بولىدىكەن، توۋۋا، نىمىشقىمۇ قارىغان بولغىيدىم، بەك قورقۇپ كەتكەن ئىدىم“ دەيدۇ ئاپام. قانچە قانلار كۆكلەرگە، يەرلەرگە ئېتىلدى شۇ زامانلار… … تەبئەتنى سۆيىدىغان خەلىقلەرگە رەزىل سىياسى ئىلىپ كەلگەن، ئىنسانىيلىققا يات قىلمىشلار! تەڭ تارتتۇق، ھەممىنى تەڭ قىلدۇق، ھەم تەڭ تارتتۇق، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىدا تەڭ كۆتۈرگەن تۇغلار، تەڭ چاپقان ئاتلار… … ئۇنىڭدىن ئۇزاق تارىخقا باھا بىرەلمەيمەن. پەقەت شۇ بالىلىقىمدا يارلىقلاردىن كىم ئۇزۇنغا سەكرەشتىن بەسلىشىپ، كىم سۇ ئىچىدە ئۇزۇن تۇرالايدۇ، كىمنىڭ مۇشتى كۈچلۈك دەپ بەسلىشىپ يۈرگەن، تەبئەتنىڭ قوينىدىكى بالىلار ئىدۇق. مانا ئەمدى شۇ تەبئەتتىن ئاستا-ئاستا ئايرىلماقتىمىز، ۋۇجۇدىمىزنى تىنىچلاندۇرىدىغان شۇ قەلىبتىكى ئىتقادىمىزلا قاپتۇ. ھازىر ئۇ موڭغۇللىرىمنىڭ ئەۋلاتلىرىدىن ئەسەر قالمىغاندەك. ھەممىسى بالىلىرىنى خ*تاي مەكتەپكە بىرىشىپتۇ، مەھەللىدىكىلىرىمۇ يوق بوپتۇ، ئىچىم سېرىلىپ قالدى بىر خىل. ئۇلار راستىنلا يوقاپ كىتىپتۇ. پەقەت ھەر قىتىم قايتقىنىمدا ”ئەھۋال“ سوراپ كىلىدىغان موڭغۇل ساقچى بار، خۇرسىنىمەن، باشقا مىللەتتىن بولسىچۇ دەپ… …

موڭغۇللىرىمنى سىغىندىم، ئۇلارنىڭ تاغلارغا بولغان ھۆرمىتىنى، ئاتقا بولغان ھىرىسمەنلىكىنى، ھىچ-قانداق ياسالمىلىقىن خالىي دوستلۇقىنى سىغىندىم. مانا ئەمدى رامزان كەپتۇ، بۇزۇلغان تەبئەت ئۈچۈن، زورلانغان خەلقلەر ئۈچۈن دۇئا قىلاي. ئاللاھ بىزنى تەبئەت بىلەن بىرگە ياشاشقا نىسىب قىلسۇن، تەبئەتنى بالىلىرىمىزدىن ئايرىمىسۇن. تەبئەتسىز بالىلىق، نەقەدەر ئېچىنىشلىق!

يېقىندا توردىن ئۇلارنىڭ ئالتان ئۇراگ ئانسانبېلىنى تېپىۋالدىم، مۇزىكىلىرىدىن ئۇلارنىڭ تەبئىتىنى كۆرگەندەك بولدۇم، بالىلىقىمدىكى شۇ موڭغۇللىرىمىنى كۆرگەندەك بولدۇم. ھەم ئۇلارنى قوللاش ئۈچۈن، ئامازوندىن سېتىۋالدىم ياقتۇرغان مۇزىكىلىرىمنى. تۆۋەندىكىسى شۇ، بەلكىم سىلەرگە يارىماسلىقى مۇمكىن، ماڭا بەك يارىدى لېكىن.

http://v.youku.com/v_show/id_XNTUyMjI4MzU2.html

[flash=510,498]http://player.youku.com/player.php/sid/XNTUyMjI4MzU2/v.swf[/flash]

oghuzkb
Ulm
2013-07-07

بۇ يازما ئۇنىۋېرسال كاتېگورىيىسىگە يوللانغان. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈشلىۋېلىڭ.

موڭغۇللىرىمنى سىغىنىپ قاپتىمەن ئۈچۈن 4 ئىنكاس بار

  1. تۇران مۇنداق يازغان:

    ئەسسالام ئەلەيكۇم قۇربانجان، يامان بىر يوقاپ كەتتىڭىز جۇمۇ؟ بۇ ئەسلىمىڭزىنى ياخشى يېزىپ، بىر قۇر ئوقۇپ چىقتىم. ئاللاھ ئىشلىرىڭىزغا ئاسانلىق بەرسۇن.

  2. ئاق ھۇن مۇنداق يازغان:

    ياخشى ئەسەر ئىكەن.قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن!!

  3. بىناۋا مۇنداق يازغان:

    قۇربانجان ئۇكام!
    يازمىڭىز بىلەن مېنىمۇ گۇكىرەتمىدىكى بەرىكەتلىك خاماندا ئات مىنگەن زامانلارغا،ئارا ئۆستەڭدىكى قوغۇنلۇققا،ئارالتۆپىدىكى ياۋا ئالمىزارلىققا باشلىۋەتتىڭىز-يۇ،ئاخىرىدا ئىلى دەرياسىغا چۆكتۇرۇۋەتتىڭىز.

    سىز گارسىيا ماركوز بولۇپ قالامسىز–نېمە؟ تەبىئى پەن+ئەدەبىيات= قۇربانجان. بۇ تەڭلىمە خاتامۇ؟ خاتا بولسىمۇ مەيلى.بۇنى سىز ئىجاد قىپسىز.

    تەتقىقاتىڭىزغا ئىلگىرىلىك،ئورۇق جىسمىڭىزغا ئامانلىق،ئەزىز بېشىڭىزغا بىخەتەرلىك تىلەيمەن!

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong> <img src="" alt="" class="" width="" height="">

https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_bye.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_good.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_negative.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_scratch.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wacko.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yahoo.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cool.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_heart.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_rose.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_smile.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_whistle3.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yes.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cry.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_mail.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_sad.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_unsure.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wink.gif