دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ ئاكىمىزدىن يەنە بىر خوش خەۋەر

شۆھرەتكامنىڭ تەتقىقات گۇرۇپپىسىدىن خوش خەۋەرلەر ئۈزۈلمەي كىلىپ تۇرۋاتىدۇ، ھەم ھەر قىتىم پۈتۈن دۇنيادىكى تارقىتىش ۋاستىلىرىنىڭ باش بېتىگە چىقىۋاتىدۇ. ئىلىم-پەنگە ئائىت خەۋەرنىڭ باش بەتلەرگە چىقىشى ھەقىقەتەن كىچىك ئىش ئەمەس! بۇ، شۇ تەتقىقاتنىڭ سالمىقىنىڭ قانچىلىك ئىغىرلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ قىتىممۇ CNN، ئەلجەزىرە قاتارلىق قاناللارنىڭ زىيارەت فىلىملىرىدىمۇ شۆھرەتكام ئۆزى سۆزلىدى.

بۇ قىتىم بىزنى تېخىمۇ خوش قىلىدىغىنى، شۆھرەتكام گۇرۇپپىسىنىڭ تەسىر كۆرسەتكۈچى 32 دىن يۇقۇرى بولغان ”ھۆجەيرە“ ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان ئاساسى ماقالىسىدىكى ئاپتورلار تېزىملىكىدە يەنە بىر ئۇيغۇرنىڭ ئىسمى بار:– دوكتۇر ئالىمجان پولات. بۇ ساۋاقدىشىمىز بىلەن تەييارلىقنى ئۈرۈمچىدە بىلللە ئوقۇغان ئىدۇق. ئۆزى قەشقەر يىڭى شەھەر ناھىيەسىدىن، ئۇيغۇرچە ئوقۇغان، ئالىي مەكتەپنى فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېلېكترون ئېنژىنېرلىقىدا ئوقۇغان، ھىسابتا فىزىكىچى. 2005-يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپلا شىۋىتسىيەنىڭ گۆتبۇرگ (شىۋىتچە باشقىچە تەلەپپۇز قىلىدۇ) شەھرى چالمېرز تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا 18 ئايلىق ماگىسىتىر پروگراممىسىنى تاماملاپ 2007-يىلدىن 2010-يىلىغىچە لىنكۆپىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا (شىۋىتچە تەلەپپۇزى لىنشۆپىڭ، بۇ مەكتەپتىن تېخى يىقىندىلا ئەيساجان ئابىدىن ئىسىملىك قېرىندىشىمىز ماتېماتېكا ساھەسىدە دوكتۇرلۇق ئۈنۋانى ئالدى، نۆۋەتتە يەنە ئىككى قېرىندىشىمىز ئايرىم-ئايرىم دوكتۇرلۇق، ماگىستىرلىق ئوقۇۋاتىدۇ) نانو تېخنولوگىيەسى ساھەسىدە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇدى. ئالىمجان دوكتۇرلۇق ئۈنۋانىنى ئالغانىدىن كېيىن ئامېركىغا ئائىلىسى بويىچە يۆتكىلىپ دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ ئاكىمىزنىڭ يېتەكچىلىكىدە غول ھۆجەيرە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ. بۇ ساۋاقدىشىمىزنىڭ كەلگۈسىدە شۆھرەتكامنىڭ ئىزنى بىسىپ تېخىمۇ زور ئۇتۇقلارنى قازىنىشىنى تېلەيمەن، ھەم شۇنداق قىلالايدىغالىقىغا ئىشەنچىم كامىل!

shohretkam bilen alimjan

shohretkam bilen alimjan

شۆھرەتكام توغۇرلۇق دەسلىپىدە ئامېركىدىكى دوكتۇر قۇربانجان روزى ئاكىمىز خىلى تەپسىلى مەلۇماتلارنى بەرگەن ئىدى. بۇ قىتىمقى خەۋەرنىڭ تەپسىلاتىنى ئالىم ئەھەت ئاكىمىزنىڭ بلوگىدىن كۆرۈڭ:
http://www.alimahat.com/?p=2723
شۆھرەتكام 2008-يىلى يۇرتىمىزغا زىيارەتكە كەلگەندە ھەم تاساددىپەن كۆرۈشۈش نىسىب بولغان ئىدى، خوشاللىقىمدا يىنىمدا ئىلىۋالغان كىتابىمغا ئىمزاسىنى قويغۇزۋالغان ئىدىم. قەشقەردىكى سەپىرىمدە ھەم يەنە ئۇچرىشىپ قالدۇق، مەھمۇت قەشقەرى قەبرىگاھىنى بىرلىكتە ئايلىنىپ چىققان ئىدۇق. گەرچە ئالىي مەكتەپنى رۇسچە ئوقۇغان، ھەم ئۇزۇندىن بۇيان چەتئەللەردە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بولسىمۇ ئاكىمىز ئۇيغۇرچىنى ياخشى سۆزلەيدىكەن، يەنى قويۇق ئىلى تەلەپپۇزىدا، گەپلىرى ھەم ئىشلەتكەن سۆزلىرى مومامنى ئەسلىتىپ قويغان ئىدى، موماممۇ دەل شۇ شۆھرەتكام ئاتا-ئانىسىنىڭ يۇرتى: قازاقىستان ئۇيغۇر ناھىيەسىنىڭ غالجات يېزىسىدىن ئىدى. بۇ يېزا چاپچال ناھىيەسىدىكى مەشھور سەككاكى مازىرى (خونخەي مازار) غا 7 كىلومېتىرچىلا كىلىدۇ (جۇڭگۇ-قازاقسىتان چىگرىسىغا 2 كىلومىتېرچە كىلىدۇ).

بىزنى ئالاھىدە خوش قىلغان يەنە بىر ئىش: بۇ قىتىم ئالىمنىڭ ئۆز فەيسبۇك بېتىدىكى قېرىنداشلىرىنىڭ ئالقىشلىرىغا ”رەھمەت سىلەرگە، ئۇيغۇر بولغىنىمدىن پەخىرلىنىمەن“ دەپ يازغان جاۋاب سۆزى بولدى. ئىشىنىمەن، ئاللاھ خالىسا چوڭ مۇكاپاتلار كۈتىۋاتقان بۇ ئالىمىمىز بىزگە ھەم بىزدىن كېيىنكى ئۇيغۇر ياشلىرىغا ئەڭ ياخشى ئۈلگە ھەم ئىلھام بولغۇسى!

بەزىلەر بۇ قىتىمقى تەتقىقات نەتىجىسى ئەخلاق مەسلىلىرى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دەپتۇ، ئالىم ئۆزىنىڭ CNN زىيارىتىدا ئىنىق قىلىپ بۇ تېخنىكىنىڭ ئادەم كىلونلاش بىلەن پەرقىنىڭ خىلى چوڭلۇقىنى، پەقەت كەلگۈسىدە ئادەم ئۆز ھۆجەيرىسىدىن ئەزا ئىشلەش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى، شۇنداق ئەزالارغا ئېھتىياجى بار بىمارلار ئۈچۈن ئالاھىدە ئەھمىيتى بارلىقىنى تەكىتلىدى. ئەلۋەتتە، كۆپ نەرسىلەرنىڭ ئىككى تەرىپى بولىدۇ، يەنىلا ئىنسانغا باغلىق. خۇددى ئاتوم رىئاكسىيەسىنى باشتا بومبىغا ئىشلىتىپ ئاندىن توك چىقىرىشقا ئىشلىتىلگەنگە ئوخشاش.

ئاخىرىدا، ئوقۇرمەنلەرگە ئالىمنىڭ تەتقىقات نەتىجىسى باش بەتكە چىققان خەلقئارا چوڭ تېپتىكى تارقىتىش ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر كەسمىسىنى بەردىم. ئۈستىدىن پەسكە قاراپ:

Google news, Nature, BBC, Frankfurter Allgemeiner, Independent, Speigel

بۇنداق مىنۇتلار بىزگە داۋاملىق يوق، ئانا-تىلىمىزنىمۇ قولدىن بىرىش خەۋىپىدە تۇرۋاتقان بىر پەيىتتە بۇنداق خەۋەرنىڭ ئەھمىيىتى تېخىمۇ زور ئەلۋەتتە. ئەڭ مۇھىمى، دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ يېتۈك بىر قىسمى بولغان ئۇيغۇر مەدەنيىتىنى ساقلاشتا شۆھرەتكام، ئەركىنكامغا ئوخشاش ئالىملىرىمىزنىڭ رولى بىز ئويلىغاندىنمۇ كۆپ زور بولىدۇ. بۇ يەردە يەنە تېخى بىزگە يىقىندا تونۇش بولغان، تەبئەت ژۇرنىلىدا ماقالە ئېلان قىلغان دوكتۇر ئەسقەر ھىمىت ئاكىمىزدىنىمۇ ئالاھىدە پەخر بىلەن تىلغا ئالىمىز، تەپسىلاتىنى بۇ بەتتىن كۆرۈڭ:

http://bbs.bagdax.cn/thread-18498-1-1.html
ئۇيغۇر ئالىملار قوشۇنى ھەقىقەتەن زورىيىۋاتىدۇ، كەلگۈسىدە ئىز بىسىپ چىقىدىغان يىڭى جىرىملارنى تەربىيلەشمۇ بىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم، شۇڭا بۇنداق خەۋەرلەر بىلەن غەۋغا قوزغاپ تۇرۇشنىڭ ئىجابى رولىمۇ چوڭ، بۇنى نەزەردىن ساقىت قىلمىساق دېگەن ئۈمدتتىمەن. چۈنكى ئىش بىلمىگەن پەرزەنىتلەر چوڭلارنىڭ پاراڭ تېمىسىغا قاراپ نىمىنىڭ مۇھىملىقىنى بەكىرەك ھىس قىلىدۇ…

قۇربانجان روزى ئاكىمىز قاتارلىقلار ئىشلىگەن بۇرۇنقى فىلىم ئادرىسى

بۇ قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ غالجات يېزىسىغا بىغىشلاپ ئېيتقان ناخشىسىكەن:

oghuzkb

Ulm

2013-يىل، 5-ئاي

بۇ يازما ئۇنىۋېرسال كاتېگورىيىسىگە يوللانغان. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈشلىۋېلىڭ.

دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ ئاكىمىزدىن يەنە بىر خوش خەۋەر ئۈچۈن 0 ئىنكاس بار

  1. دىلبىر مۇنداق يازغان:

    ھەقىقەتەن پەخىرلىنىشكە تىگىشلىك ئالىمىمىز،بولسا باشقا ئۇيغۇر سىتۇدېنىتلىرىمىزنىمۇ ئۆز يېنىغا تارتىپ يېتىشتۇرۇپ چىققان بولسا بەك ياخشى بۇلاتتى.شۆھرەت ئاكىمىزنىڭ تېنىنىڭ ساغلام بۇلۇشىنى،ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ ئوڭۇشلۇق بۇلۇشىنى ئۈمىد قىلمەن.

  2. چىچەك مۇنداق يازغان:

    http://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_rose.gif

  3. karaekin مۇنداق يازغان:

    ئالىمجان پولات: قەشقەر يىڭى شەھەردىن ئەمەس، قەشقەر شەھرىدىن.

  4. ئالما مۇنداق يازغان:

    مەن ئاللا خالىسا مۇشۇ يىل كۈزدە لىنكوپىڭ(لىنشۆپىڭ ) ئۇنىۋىرسىتىغا بارماقچى ئىدىم. ئىككى ئۇيغۇر قېرىندىشىمىز باركەن. ئەجەپ ياخشى بولدى!!!http://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yahoo.gif

  5. تۇرسۇن مۇنداق يازغان:

    يۇقارقى مەزمۇننى كۆرۈپ قاتتىق ھاياجانلاندىم ، ئەمما ئۆزۈمنىڭ ۋە ئەتراپىمدىكى پەقەت باكلاۋۇرلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى ئۈچۈنلا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ، قىممەتلىك ياشلىقىنى ‹شەكىلۋازلىق مائارىپى› نىڭ قۇربانىغا ئايلاندۇرۋاتقان قىرىنداشلىرىمغا ھالىغا قاراپ خىجىللىق ھىس قىلدىم ھەم ئۆكۈندۈم ……

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong> <img src="" alt="" class="" width="" height="">

https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_bye.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_good.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_negative.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_scratch.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wacko.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yahoo.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cool.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_heart.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_rose.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_smile.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_whistle3.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yes.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cry.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_mail.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_sad.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_unsure.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wink.gif