ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ جىدىلى

يىللار بولدى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي مىللەتلەردە تارىخ بولۇپمۇ تارىخى شەخىسلەر ھەققىدىكى ئىختىلاپلار بەكلا ئىغىرلاپ كەتتى. بۇنىڭ ئاساسلىق بىر سەۋەبىنى يۈرگۈزىلۋاتقان سىياسەتكە باغلايمەن. دېكتاتۇرلار ئۆزىنىڭ مۇناپىقلىقلىقلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن شۇنداق كىشلەرنىڭ دىققىتىنى بۇرايدىغان ئىشلارغا بەك كۈچەيدىكەن. نادان خەلق بولسا، ئۆزىنىڭ قورسىقىنىڭ ئاچ قالغىنىنى، دۆلەت خەزىنىسىنىڭ بىر نەچچە شەخىسنىڭ قولىدا قۇرۇقدىلىپ قىلىنۋاتقانلىقىنى ئويلىماستىن، تارىخ ھەققىدە گەپ سىتىپ بىر-بىرىنى تىللاپ يۈرىدىكەن. بۇنداق ۋاقىتتا شۇنداق دېكتاتۇرلار ئوتتۇرغا چىقىپ ئۆزى تۇتاشتۇرغان ئوتقا تېخىمۇ كۆپ ياغ سىپىپ خەلقىنى ئالداپ يۈرىدىكەن، نادانلارغا تېخىمۇ بولۇپ بىرىدىكەن. بۇنداق ئىشلارنىڭ ئەڭ تېپىك مىساللىرى:

ئورخۇن مەڭگۈ تاشلىرىنىڭ ”مىللەت“ ئىگدارلىقى
فارابى، مەھمۇد قەشقەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئەلىشىر نەۋائىي قاتارلىق ئالىملارنىڭ ”مىللەت“ تەۋەلىكى
تارىختىكى داڭلىق خانلىقلارنىڭ ”مىللەت“ ئىگدارلىقى
چىڭگىزخان، ئەمىر تۆمۈر قاتارلىق سىياسىئونلارنىڭ ”مىللەت“ تەۋەلىكى
ئوتتۇرا ئاسىيادىكى كۆپ نوپۇسلۇق مىللەتلەرنىڭ تارىخى ئەجداتلىرى

بۇ مەسىلىلەرنىڭ ئاسانلا ئورتىغا چىقىشىنىڭ بىر سەۋەبى:

مىللەت ئوقۇمى بەكلا يىقىنقى زاماندىكى ئۇقۇم. يەنى 19-ئەسىردىن بۇرۇن مىللەت ئۇقۇمى ئوتتۇرا ئاسىيادا يوق ئىدى دېسەك بەك خاتالاشمايمىز. ئۇنىڭدىن بۇرۇن قەبىلە ئۇقۇمى ھەممىدىن روشەن بولغان، دۆلەتلەر قەبىلە ئىتتىپاقى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن (ھونلار، كۆك-تۈركلەر، ئۇيغۇر ئېمپىراتۇرلۇقى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى قەبىلە ئىتتىپاقى سۈپىتىدە روياپقا چىققان). ئوتتۇرا ئاسىيانى مىسالغا ئالساق، قەبىلدىن چوڭىراق ئۇقۇملاردىن ”سارت“ سۆزى بولۇپ، كۆپىنچە كىشىلەر بۇ سۆزنىڭ چارۋاچى كىشىلەرنىڭ مۇقىم ئولتۇراقلىشىپ تېرىقچىلىق قىلغان كىشىلەرنى كۆزدە تۇتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۋاتىدۇ، بۇ سۆز تۈركىيلەرنىمۇ، ئىران تىللىق خەلقلەرنىمۇ كۆرسەتكەن دېيىلىدۇ. بۇ سۆزىنىڭ قارشىسى ئۈچۈن ”قىپچاق“ سۆزىنى مىسال ئىلىش مۇمكىن. لىكىن بۇ سۆز ئوخشىمىغان دەۋىرلەردە ئوخشىمىغان مەنالارنى ئىپادىلىگەن بولۇشى مۇمكىن، خۇددى ”تاتار“ سۆزىدەك. ئۆزبەكلەر / سارتلار كۆچمەن چارۋىچىلارنى ئومۇملاشتۇرۇپ شۇنداق ئاتايدىغىنىنى ھىس قىلدىم، لىكىن كىسىپ شۇنداق ئىيتالمايمەن. ”تارانچى“ سۆزىمۇ بەلكىم قىتان ياكى موڭغۇلغا ئوخشاش توڭگۇس قەۋىملىرىنىڭ ئولتۇراقلاشقان تۈركلەرگە قارىتا ئىشلەتكەن سۆزى بولۇشى ھەم مۇمكىن.

19-ئەسىردىن كىيىن مىللەتچىلىك پۈتۈن دۇنيا مىيقىياسىدا كۈچەيدى. بۇرۇنقىلار مىللەت سۆزىنى ئىشلەتمىگەچكە ياكى بۈگۈنكى ئېستىمالىمىزدىكى مەنىدە قوللانمىغاچقا ئۆزىلىرىنى مەن پالانى مىللەتتىن دەپ ئاتىمىغان. بۈگۈنكى كۈندە ھەم ئىسپاتلاش ئىمكانىيىتىمىز يوق. شۇڭلاشقىمۇ، ئاسانلا تالىشىش تېمىسىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ باشقا يەرلەردىن بەكىرەك پەرىقلىنىشى، يەنى تارىخ داۋامىدا ئات ئۈستۈدىكى خەلقلەرنىڭ داۋاملىق كۆچۈپ، ئوت، سۇ قوغلىشىپ يۈرۈشىدەك ھايات شەكلى شۇ قەبىلىلەرنى ئوخشىمىغان رەۋىشتە يۇغۇرۇپ، بۇ خىل ”مىللەت“ تەۋەلىك مەسىلىسىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۋەتسە كېرەك.

بىر قىسىم بىز دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك پاكىتلار:

بۈگۈنكى كۈندىكى لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىنىڭ مىللى كېيىمى قازاق/قىرغىزلارنىڭ مىللي كىيمىگە ئوخشاپ قالىدۇ، ھەم جانلىق قارشىلىشىپ قوشاق ئىيتىشىشقا ئوخشاش ئەنئەنىسى قازاق/قىرغىزلاردىكى ”ئايتىشىۋ/ئاقىندار ئايتىسى“ غا ئوخشاپ قالىدۇ. ئۆزلىرىنى تارانچى دەپ بىلىدىغان ئىلى ئۇيغۇرلىرىدىمۇ قىرغىزلارنىڭكىگە ئوخشاپ كىتىدىغان بۆكىسى/مالخىيى بار.

قوبدۇنى مەركەز قىلغان غەربى موڭغۇلىيەدە ھازىرمۇ تۈركىي مىللەتلەر ياشايدۇ، قازاقلار كۆپىرەك، ئۇيغۇرلارمۇ بار، لىكىن كۆپىنچىسى 50-يىللاردا (ھەم ئالدى-كەينىدە) ھازىرقى ئۇيغۇر يۇرتىغا كۆچۈپ كىلىۋالغان.

30-يىللاردىن بۇرۇن (يەنى رۇسلار ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مىللەتلەرگە مىللەت چاپىنى كىيگۈزۈشتىن بۇرۇن) سەمەرقەنت بىلەن خوتەن ئارىسىدا كىشىلەر بىر-بىرىنى يۇرت نامى بىلەن ئاتاپ ئادەتلەنگەن، قەشقەرلىق، ئەنجانلىق دېگەندەك. ئورتاق يېزىق تىل ئىشلەتكەن. بۇ ئورتاق تىل قازاندىكى/قىرىمدىكى تاتارلاردىن تارتىپ ئۇيغۇرلارغىچە ئورتاق بولغان. ھەتتا، ئوغۇز تۈركلىرىنى ئاساس قىلغان ئوسمانلى تۈركچىسىمۇ ئوخشاش يېزىق ئىشلەتكەن، ھەم تىلمۇ ھازىرقىدىن كۆپ يىقىن بولغان.

ئەپسۇس، كېيىنكى رۇسلارنىڭ، خىتايلارنىڭ ئوخشىمىغان جۇغراپىيەلىك جايلاردىكى تۈركلەرگە بولغان ھۆكۈمىرانلىقى، مۇستاپا كامالنىڭ تىل-يېزىق ئىسلاھاتى دېگەندەك گېئو-سىياسى سەۋەبلەر بۇ تىللارنى بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بىر-بىرىدىن كۆپ يىراق ھالغا كەلتۈرۈپ قويدى… مۇنداقچە ئىيتقاندا، بىز قانچە كونا يازما ئەسەرلەرنى كۆرگەندە ئوخشاشلىقنىڭ شۇنچە كۆپلىكىنى ھىس قىلىمىز.

مەيلى ئۆز يۇرتلىرىمىزدا، تورلاردا بۇ قېرىنداش مىللەتلەر بىر-بىرىنى قانچىلىك تىللاشسۇن، غەربى ياۋرۇپادەك يۇرتلاردا ئۆز قېرىندىشىدەك يىقىن ئۆتۈشىدۇ. مەن تۇرغان شەھەردە بىر مەن ئۇيغۇر، ئۈچ قىرغىز ئائىلىلىك (ئارىسىدىكى بىرى يىرىم قازاق، يىرىم قىرغىز، يەنە بىرى يىرىم قازاق يىرىم باشقىرت)، بىر ئۆزبەك ئائىلىلىك ۋە بىر ئۆزبەك ئوقۇغۇچى بار.

كەلگەن تۇنجى يىلىم بىر قىرغىز بالا بىلەن توپ ئويناش باھانىسىدا تونۇشۇپ قالدىم. ھىيىت نامىزىنى تۈرك جامەسىدە ئۆتىدۇق. شۇ كۈنى باشقىلار بىلەن تونۇشتۇم، ھەممىسى بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتۇق، گەرچە ھىچ بىر زامان كۆرۈشۈپ باقمىغان بولساقمۇ. كۆزلەردە ھاياجان، بۇ يات يۇرتتا پەقەت بىزلا بىر-بىرىمىزنىڭ تىلىنى چۈشىنىمىز، مەدەنيىتىمىزنى چۈشىنىمىز، ماڭا ”بىزگە قاچان لەغمەن ئېتىپ بىرىسەن“ دىگەننى پەقەت شۇلارلا دەيدۇ. قازاقچىنى ياخشى بىلگەنلىكىم ئۈچۈن قىرغىزچىنىمۇ چاندۇرمۇدۇم. يىڭى يىلدا شۇلاردىن بىرى ئۆيىگە مېھمانغا چاقىرىپتۇ، ئۇزاق پاراڭلاشتۇق، شۇنداق خوش بولدۇم. ئايالى رۇسچە ئوقۇغاچقا قىرغىزچىنى ئانچە بىلمەيدىكەن. مېنى تەسىرلەرندۈرگىنى، ئۇلارنىڭمۇ شۇ ۋەتىنىدىن ئايرىلغاندىن كىيىن ھىس قىلغان مىللى ۋە دىنى كىملىگى بوپتۇ. ئايالى ئەرەبچە ئوقۇشنى، سۈرىلەرنى ئۆگىنىۋىتىپتۇ. مانا 7 يىل ئۆتتى، كىم پەرزەنىتلىك بولسا شۇنى تەبرىكلەپ تۇردۇق، كىم ئۆي كۆچسە شۇنىڭغا ياردەملىشىپ، داۋاملىق توپ ئويناپ، دالا تامىقى قىلىپ، بىر-بىرىمىزنى ئۆيلەرگە چاقىرشىپ يۈرۋاتىمىز. قىرغىزچىنى تۈزۈك بىلمەيدىغان ئايال قىرغىزچىنى ئۆلچەملىك سۆزلەيدىغان، پەرزەنىتلىرى نىمىسچە ئوقۇسىمۇ ئانا-تىلىدا گەپ چۈشىنەلەيدىغان بولدى.

ئوشتا ۋەقە بولدى، نۇرغۇن ئۆزبەك ئۆز يۇرتىدىن قوغلاندى. بۇ يەردىكى ئۆزبەك بالىمۇ دەل شۇ ئوشتىن ئىدى. ھەممىمىز ئىئانە يىغدۇق ئوشتىكى ئۆزبېكلىرىمىز ئۈچۈن. قىرغىزلىرىمىز ۋەتىنىدىكى ئىشلاردىن خىجىل بولدى، پارىخور سىياسەتۋازلىرىنى قارغاپ يۈرۈشتى. ئەپسۇس، بىز پەقەت مۇشۇنداق مۇساپىر ۋاقىتلاردىلا قانچىلىك يىقىنلىقىمىزنى ھىس قىلىدىكەنمىز.

ئەمدى باشتىكى مەسىلىلەرگە قايتىپ كەلسەك، شۇ نەرسىلەرنىڭ ”مىللەت تەۋەلىكىنى“ تۈركىي دەپ كىسىپ ئىيتالايمىز. ”ئەمىر تۆمۈر“ ياكى چىڭگىزخاننى تۈركى دىيىشنى تازا قوللىمايمەن. ئەلبەتتە، كىيىنچە خىلى كۆپ ساندا موڭغۇللار، جۈملىدىن موڭغۇل قەبلىلىرى قىسمەن تۈركلىشىپ كەتتى. بەلكىم بەزى ئاز ساندىكى تۈركى قەبلىلەر قىسمەن موڭغۇللىشىپ كەتكەن بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە، تۈركلەر موڭغۇللاردىنمۇ تىل جەھەتتە بەك يىراق ئەمەس. بىزدىكى ”كۆك“ سۆزىنى موڭغۇلچە خۆخ، تۈركچە گۆك دەيمىز. يەنە ”سېرىق“ نى ”سار“ (تۈركچە سارى)، ”دولقۇن/داۋالغۇچ“ نى داۋالغا (تۈركچە دالگا) دەيمىز. موڭغۇللاردا ھازىرمۇ بىزنىڭ ئەڭ تۇنجى دىنىمىز بولغان تەڭرىزىم دىنى ئەنئەنىسى بار. تۇغلۇق تۆمۈر، ئەمىر تۆمۈرلەرنى تۈركلەشكەن موڭغۇللار دېگەن تۈزۈك. تۈركلەشكەن موڭغۇللارنى تۇتقا قىلىپلا چىڭگىزخاننىمۇ تۈرك دېيىش يېتەرلىك ئەمەس.

بەزىلەر، ئۆزبەك ۋە قازاق سۆزىنىڭ تارىختا بەك كېيىن چىققىنىغا قاراپلا ھازىرقى بۇ مىللەتلەرنى شۇ مىللەت نامى تارىخ يۈزىگە چىققاندىن باشلاپلا پەيدا بولغان دەيدۇ. بۇ بىر ئەخمىقانىلىق قاراش. ئۇلار ھىچقاچان ئاسماندىن چۈشمىگەن، ئۇلارمۇ شۇ تۈركى قەۋىملەر، بىزنىڭ تارىخىمىز قانچىلىك ئۇزۇن بولسا ئۇلارنىڭ تارىخىمۇ شۇنچىلىك ئۇزۇن. پەقەت شۇ مىللەت نامىغا ئۇيۇشقىنى كېيىن بولغان. مەيلى قازاق بولسۇن ياكى ئۆزبەك بولسۇن، يالغۇز بىر قەۋىمدىن شەكىللەنمىگەن، بەلكى قەبلىلەر ئىتتىپاقى ياكى يۇغۇرۇلمىسى. يىقىنقى يىللارغىچە، موڭغۇلكۈرەدىكى يەرلىك قازاق قەبلىلىرى ھىسابلانغان قىزاي قەبلىلىرى بىلەن رۇسلاردىن قىچىپ كەلگەن ئالبان قەبلىلىرى بىر-بىرى بىلەن قۇدىلاشمايدۇ، قىزايلار قارامتۇل، ئالبانلار ئاق-سېرىق كىلىدۇ. ئالتاي تەرەپلەردە كېرەي قاتارلىق باشقا قەبلىلىرى بار. بۇ يەردە ئۇيغۇرلار ھەققىدىمۇ ئومۇملاشقان ئوخشاش تىپتىكى بىر خاتالىق بار، يەنى 8-ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇر خانلىقىنى تەشكىل قىلغان قەبلىلەرنى بۈگۈنكى ئۇيغۇرلار بىلەن تەڭ قويۇپ، ئۇيغۇرلار تارىمغا كېيىن كۆچۈپ كەلگەن، بۇرۇن تارىمدا ئۇيغۇر يوقتى دېيىشتەك لاۋزا سىياسى سەپسەتە. ئەمەلىيەتتە، بىزمۇ پەقەت شۇ مىللەت ئايرىش دولقۇنى باشلانغاندا بىزنىڭ بۈگۈنكى تىل ئاساسىمىزنى سالغان شۇ ئۇيغۇر خانلىقىدىكى قەبىلە ئىتتىپاقى نامىنى ئىشلەتتۇق. خۇددى ئالدىنقى يازمىدا دېگىنىمدەك (بۇ يەرگە قارالسۇن)، ئەڭ يىڭى گېن تېخنىكا نەتىجىسى بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭدىن 2500 يىللار ئىلگىرىلا كاۋكاز ئىرقى بىلەن موڭغولوئىد ئىرقىنىڭ تەڭمۇ-تەڭ نىسبەتتە ئارلىشىپ ئۈلگۈرگەنلىكىنى ئوتتۇرغا قويدى. دېمەك بىزنىڭ تەركىبىمىز باشقا تۈركى قېرىنداشلىرىمىزغا قارىغاندا مۇرەككەۋەرەك. بۇنى ھەم بىزنىڭ تارىختا يىپەك يولىنىڭ ئوتتۇرسىدا تۇرغان جۇغراپىيەلىك ئەھۋالىمىز، ھەم بۇ يۇرتىمىزنىڭ ياۋرۇ-ئاسىيا يايلاقلىرى بىلەن ئىكىنزارلىقنى ئاساس قىلغان ئىران، ھىندىستان، خىتايدەك يۇرتلارنىڭ ئارلىقىدا جايلاشقان ئالاھىدىلىكىمۇ ئۆز ھەسسىنى قوشقان بولۇشى مۇمكىن.

ئەگەر سىز بىر تىلشۇناس بولۇپ، سىبىريەدىن تارتىپ ئاناتولىيەگىچە سوزۇلغان تۈركى تىللارنى بىر-بىرلەپ سىلىشتۇرسىڭىز، بۇ قەۋىملەرنىڭ بىر-بىرىگە قانچىلىك چىرمىشىپ كەتكەنلىكىنى بەكلا ئاسان ھىس قىلىسىز. بۈگۈنكى كۈندە يۇتيۇبدا بۇ 30 دىن ئارتۇق تۈركى مىللەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ تىل ھۆججەتلىرىنى، ناخشىلىرىنى تاپالايسىز، ئاڭلاپ بىقىڭ. قۇمىق تىلى تاتارچە بىلەن قازاقچە ئارىسىكى بىر تىلدەك، قارا-قالپاق تىلى قازاق تىلى بىلەن ئۆزبەك تىلىنىڭ ئوتتۇرسىدا تۇرغاندەك، سېرىق ئۇيغۇر تىلى ئۇيغۇر، قازاق، ئوغۇز تىللىرىنىڭ ئارلاشمىسىدەك ھىس قىلىسىز… …

خۇلاسە سۈپىتىدە، ماتېماتېكىدىكى توپلام ئۇقۇمى بويىچە، بىلگەنلىرىم ئاساسىدا تۆۋەندىكى دىئاگراممىنى تەخمىنى سىزىپ چىقتىم، بۇ پەقەت بىر تەخمىن، مەنچە بۈگۈنكى تۈركى قەۋىملەرنىڭ قەبلە ئاساسى شۇنىڭدا ئىپادىلەنگەندەك، بەزى قەبلىلەر بۈگۈنكى كۈندە پەقەت بىر مىللەت ئىچىدە بولۇشى مۇمكىن، يەنە بەزى قەبلىلەر تارىخنىڭ بوران چاپقۇنلىرىدا بۈگۈنكى نەچچە مىللەت قىنىغا سىڭىشىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن. شۇڭلاشقىمۇ، شۇ داڭلىقلىرىمىزدىن ھەممە تۈركى قەۋىملەر پەخىرلىنىشكە ھوقۇقلۇق. ئەڭ مۇھىم نەرسە، ئۇلارنىڭ بۈگۈنكى مىللى كىملىكىنى سۈرۈشتۈرۈش ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ بىزگە قالدۇرغان ھېكمەتلىرىنى ئېسىمىزدە چىڭ تۇتۇش، ئۇلارنى تەتقىق قىلىش، ئۇلارنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ئەڭ مۇھىم بولۇشى كېرەك ئىدى… …

تۈركى مىللەتلەر

بىر چاغلاردا ئىنگىلىز تىلىدىكى allempires مۇنبىرىدىكى قېرىنداش تۈركى مىللەت ئەزارلىرىدىن بىرى بۈگۈنكى تۈركى مىللەتلەرنىڭ تىلىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش تەكلىۋىنى بەرگەن ئىكەن. كىم خالىمايدۇ، لىكىن ئەمەلىيەتتىن بەكلا يىراق. يېزىقنى بىرلىككە كەلتۈرۈش تەكلىۋىنى بەرگەن ئىدىم، ھەممىسى بەك خوش بولۇپ كەتكەن ئىدى، ئەلۋەتتە بۇمۇ بىر چۈش، ئەگەر بىر كۈنلەردە يېزىق بولسىمۇ بىرلىككە كەلسە، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن نەقەدەر قولايلىق بولار ئىدى.

بالا كەلسە قېرىنداشتىن دېگەندەك، كۆپىنچە ھاللاردا ”ياتلارنىڭ قولى بىلەن ياتلارنى باشقۇرۇش“ ھېيلىسىنى ئىشلىتىپ كىلىۋاتقان دۈشمەنلىرىمىزگە ئويۇن قويۇپ بىرىدىكەنمىز، بۇمۇ بىر ھىسابتا نادانلىقتىن بولىدىكەن. تۇققانچىلىقنى قەدىرلەش مەنچە بىر ياخشى ئىش!

 بۇ يازمىدىكى پايدىلىنىلغان مەنبەلەر ئۈچۈن بۇ يازمىنى كۆرۈڭ:

http://achinuq.org/?p=455

oghuzkb

Ulm 2013-05

بۇ يازما ئۇنىۋېرسال كاتېگورىيىسىگە يوللانغان ھەم , , دەپ خەتكۈشلەنگەن. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈشلىۋېلىڭ.

ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ جىدىلى ئۈچۈن 7 ئىنكاس بار

  1. ئىدىقۇت مۇنداق يازغان:

    ئەسسالام -ئەلەيكۇم قۇربانجان ئاكا.كۈنلېرىڭىز ياخشى ئۈتىۋاتامدۇ؟يەنە بىر ياخشى تېما يوللاپسىز تېمىڭىزغا رەخمەت!
    بۇرۇنقى ئەجداتلېرىمىزنىڭ ئۇيغۇر قازاق ئۆزبەك دەپ ئايرىشماي ئۆتكىنى بىر ھەقىقەت.لېكىن بۈگۈنكى كۈندە بىر بىرىمىزگە دۈشمەنلىك نەزىرىدەقاراشلار ئادەمنىڭ كۆڭلىنى تولىمۇ غەش قىلىدۇ.بۇ ھادىسىلەر پەقەت مىللەت ،دىن ،تارىخ توغرىسىدىكى چىن ھەقىقەتنى ھەقىقىي مەنىسى بىلەن تونۇپ قارىغۇلۇق تاشلانغاندا ئاندىن تۈگەمدىكىن دەپ ئويلايمەن ،لېكىن بۇ جەرياننى بېسىپ بولۇش ئانچە ئاھان ئەمەستەك قىلىدۇ.
    ھارمىغايسىز ،ئاللاھ سىزنى ئامان قىلسۇن .

    • ئاچىنۇق مۇنداق يازغان:

      ۋائەلەيكۇم ئەسسالام ئىنىم، رەھمەت ئاللاھقا شۈكرى ياخشى تۇردۇم، ئۆزىڭىزمۇ ياخشىمۇ؟
      بۇنداق ئىشلاردا كىشىلەرنىڭ بىلىم ۋە ئەقىل سەۋىيىسى ئۆسكەندە، قارشى پىكىرلەرنى قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى ئاشقاندا تەبئىيلا ئوڭشىلىدۇ. شۇ تاپتىمۇ، مەيلى قازاق ياكى قىرغىز بولسۇن، نەزىرى كەڭ زىيالىلىرى بەك توغرا ئويلايدۇ. ئامما كاللا بەك تار بولۇپ قالسا، سۈكۈتتە تۇرماي ئامال يوق بەزىدە.

  2. كىروران مۇنداق يازغان:

    بەك ياخشى تېماكەن…قوللىرىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن

  3. ئوغۇزمۇرات مۇنداق يازغان:

    تارىخى يۈزلىنىش

  4. بەگمۇراد مۇنداق يازغان:

    مەن بىر ماتىرىيالدا 34 ھەرپلىك ئورتاق تۈرك ئىلىپبەسى تۇغۇرلۇق مەزمونلارنى كۆرۈپ قالدىم. بۇ ئىلكىتاپنى تۈركىيىدە تۇرۇۋاتقان بىرى يازغان ئوخشايدۇ، ئۇنىڭدا ئىيتىلىشچە قازاقىستان مۇشۇ ئورتاق تۈرك ئىلىپبەسى ئاساسىدا يىزىق تۈزۈپ ئۇنى ئەسلىدە ئىشلىتىۋاتقان سىلاۋىيان يىزىقى ئاساسىدىكى يىزىقنىڭ ئورنىغا دەسسىتىپتۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ئەزەربەيجان دەمدۇ ئىشقىلىپ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىر قانچە تۈركىي مىللەتلەرمۇ مۇشۇ ئىلىپبە ئاساسىدا بىر ئۆز يىزىقىنى تۇرغۇزۇۋاپتۇ، بۇ ئىلىپبە كەلگۈسىدىكى تۈركىيى مىللەتلەرنىڭ يىزىقىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتە ئاساس بۇلۇپ قالارمۇ …..ئەلۋەتتە بۇ مىنىڭ تەسەۋۋۇرۇم خالاس.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong> <img src="" alt="" class="" width="" height="">

https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_bye.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_good.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_negative.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_scratch.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wacko.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yahoo.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cool.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_heart.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_rose.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_smile.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_whistle3.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yes.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cry.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_mail.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_sad.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_unsure.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wink.gif