تارىخىمىز ھەققىدە چۈشەنچىلىرىم

تۆۋەندە يېزىلغانلىرى پەقەت شەخسەن چۈشەنچىلىرىمگىلا ۋەكىللىك قىلىدۇ، خاتالىقلارنىڭ بولۇشى تەبئى، تورداشلارنىڭ تەنقىدى-پىكىرلىرنى ئايىماسلىقىنى سورايمەن!

ئىلاۋە:ساۋادىم چىقىشى بىلەن تارىخقا قىزىقىپتىمەن، بۇنىڭغا ئائىلە تەسىرى ئاساسى رول بولغان ئىدى. مىھمانخانا ئۆيىمىزدە بىر كارۋات بولىدىغان، قىلىن يىغىلغان يوتقانلارنىڭ ئاستىغا ئاپام ‘مەجبۇرى’ يىزىلغان شىنجاڭ مائارىپ ژۇرناللىرى بار ئىكەنتۇق. ئىھتېمال 2-يىللىقتىكى (~1989) چاغلىرىم بولسا كېرەك،  ئاشۇ كۆمۈلگەن ژۇرناللار شۇنداق قىزىقىشىمنى قوزغاپ قويدى. گەرچە پەقەت بىر مائارىپ ژۇرنىلى بولسىمۇ ئەينى ۋاقىتتا تارىخ توغۇرلۇق ماقالىلەر شۇنداق كۆپ يىزىلاتتى. ئۇيغۇر يىزىقلىرى ھەققىدىكى بىر ماقالىدىن ئورخۇن، قەدىمقى ئۇيغۇر ۋە چاغاتاي يىزىقلىرىنى ئۈگىنىۋالغان ئىدىم. ھونلار ئاتلىق ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئات تۇياقلىرى مەن بىلمەيدىغان يەرلەرگىچە بارغانلىقىنى،  بىر شائىرنىڭ تېلەن تاغلىرىدىكى (ھازىرقى چىلىيەنشەن، گەنسۇدا) يايلاق ھاياتى ھەققىدىكى شىئېرلىرىنى ئوقۇغان ئىدىم. ئورخۇن يىزىقى مىنى ئۆزىگە شۇنداق جەلىپ قىلغان ئىدىكى، كىچىكىمدە ئاڭلىغان چۆچەكلەردىكى ئاجايىپ-غارايىباتلار شۇ خەت شەكىللەرگە سىڭىپ كەتكەندەك بىلىنگەن ئىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ ئالىي مەكتەپكىچە تارىخ مەركەزلىك قىزىقىشىم بولوپ قالدى، تارىخ قىزىقىشى تەسىرىدە جۇغراپىيەگىمۇ شۇنداق قىزىقىپ قالدىم. ئۇيغۇر تارىخى ھەققىدە خىلى كۆپ كىتابلارنى ئوقۇشقا مۇۋەپپەق بولدۇم، خىتاي تارىخچىلىرىدىن تارتىپ ئۆزىمىزنىڭ تارىخچىلىرىغىچە، بارتولد دىن مىلۋارىدقىچە ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشقان بولدۇم. شۇ ئوقۇغانلىرىم بويىچە Allempires.com تارىخ مۇنبىرىدە ئۈچ يىلچە تارىخ ھەققىدە تالاش-تارتىشلارغا قاتناشقان بوپتىمەن، ئەمدىلىكتە ئۆز كەسپىمنىڭ مۇھىملىقى ئارتقانسىرى بۇ ھەقتە يەنە كاپشىپ يۈرۈشنى مۇۋاپىق كۆرمىدىم ھەم بۇ يەردە ئۆز چۈشەنچىلىرىمدىن بىر خۇلاسە چىقارغان ھىسابتا چىكىت ئۇرۇشنى لايىق تاپتىم.

يۇرتىمىزدا قاچاندىن تارتىپ ئىنسان ياشىغان دىگەن سۇئالنىڭ جاۋابى داۋاملىق يىڭلىنىپ تۇرۇلۋاتىدۇ. بۇرۇن بىز ئاتۇشتىن تېپىلغان بۇنىڭدىن 18 مىڭ يىل ئىلگىركى ئاتۇش ئادىمىنى مىسالغا ئالاتتۇق. يېڭى بىر تەتقىقات نەتىجىسىدە ئالتاي تاغلىرىدىن تېپىلغان بۇنىڭدىن 33 مىڭ يىل بۇرۇن ياشىغان ئىتنىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىندى[1]. ئىت ئادەتتە بۆرىنىڭ ئىنسانلار تەرىپىدىن نەچچە ئەۋلات كۆندۈرۈلۈشى تەرىپىدىن بارلىققا كەلگەن دەپ قارىلىدۇ، دېمەك ئالتاي تاغلىرىدا چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان ئىنسانلارنىڭ پائالىيىتىنى 33 مىڭ يىلدىنمۇ ئۇزاققا سۈرۈشكە ھەقلىقمىز.

ئۇيغۇر سۆزىنىڭ ئەسلى مەنىسى تازا ئىنىق ئەمەس. بىر قەدەر كەڭ قوبۇل قىلىنغان ئىنىقلىمىدا بۇ سۆزنى ”ئۇيۇغۇر“ دىگەن سۆزدىن كىلىپ چىققان، ئۇيۇشماق، ئىتتىپاقلاشماق دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ دەپ قارايدۇ. ئۇيغۇر سۆزى ئەڭ دەسلىپىدە قەبىلە ياكى قەبىلە ئىتتىپاقى ئىسمى بىلەن كەلگەن. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان بىر نۇقتا، بىز مىللەت نامى ئورنىدا ئىشلىتىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندىكى ئۇيغۇر سۆزى ھەرگىز پەقەت 8-ئەسىرلەردە ئوتتۇرغا چىققان قەبىلىنىڭ كېيىنكى ئەۋلاتلىرىنىلا كۆرسەتمەستىن، بەلكى شۇ قەبىلە نامىنى يادرۇ قىلغان، ئەسىرلەردىن بۇيان ھازرقى كۈندىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت قاتلىمىغا سىڭگەن نۇرغۇن تۈركى ۋە تۈركى بولمىغان (مىسالەن: ھىندى-ياۋرۇپا تىل سېستىمىسىدىكى قەۋىملەر) قەۋىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يەنى بۈگۈنكى كۈندىكى ئۇيغۇر سۆزىنىڭ مەنىسى 8-ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇر سۆزىدىن كۆپ چوڭ، تېخىمۇ كۆپ مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

دۇنيادىكى مىللەتلەر ئىچىدە ئۇيغۇردەك قىنى مۇرەككەپ مىللەت بولمىسا كىرەك. بۇنى دۇنيا مىللەتلىرى ھاپلوگرۇپ (ئورتاق ئەجداد ئىزى تىپلىرى، 1. خەرىتە) خەرىتىسىدىن كۆرۋىلىشقا بولىدۇ[2]. ئۇ خەرىتىدىن بىز ئۇيغۇرلاردا روشەن نىسبەتتە كاۋكاز قان تىپى بارلىقىنى، شۇنداقلا مۇڭغۇللۇئىد تىپىنىمۇ ئاز بولمىغان نىسبەتتە كۆرىمىز. ئەگەر بىز 100% سىرىق ئىرق ۋەكىللىكىدىكى شەرقى ئاسىيا تىنىچ ئوكيان قىرغاقلىرىدىن 100% ئاق ئىرققا ۋەكىل بولغان شىمالى/غەربى ياۋرۇپا ئاتلانتىك ئوكيان قىرغاقلىرىغىچە بىر سىزىق (ياي) بويلاپ ماڭىدىغان بولساق، بۇ مۇساپىدە ئىرق ئۆزىگىرىشىنىڭ ناھايتىمۇ سىلىق گرادېيىنتىنى (تەدرىجىلىكىنى)  كۆرىمىز.  مەركىزى ئاسىيادا ياشىغۇچى ئۇيغۇرلار بۇ ئىرق گرادېينتىنىڭ دەل ئوتتۇرسىغا جايلاشقان، شۇڭلاشقىمۇ مەلۇم بىر خىل چىراينى ئۇيغۇر مىللىتىگە ۋەكىل قىلىپ چىقىرىش مۇمكىن بولماي قالغان. بىزدە ئاق ئىرقمۇ سېرىق ئىرقمۇ بار، بۇ يەردە ئەڭ باشتا بىز قايسى ئىرققا مەنسۇپ دىگەن سۇئالغا جاۋاب بىرىشنىڭ ئەھمىيىتى بولمىسا كېرەك. بۇ سۇئالغا ت.ئالماس ئىنىقلا قىلىپ ئاق ئىرق دەپ جاۋاب بىرىدۇ. ئەگەر بىز ئوتتۇرا ئەسىرلەردىن كىيىن مەلۇم كۆلەمدە ئاسسىمىلياتسىيە قىلۋەتكەن قىتان، مۇڭغۇللارنى كۆزدە تۇتساق بەلكىم توغرا بولۇشى ھەم مۇمكىن. ت.ئالماس ئەپەندىنىڭ ئاساسلىرىدىن بىرى بەزى ھون شاھزادىلىرى دەپ بېكىتىلگەن جەسەتلەرگە ئاساسەن ئاساسى ئەجدادلىرىمىزدىن بىرى بولغان ھونلار ئاق ئىرق دەيدۇ. لىكىن گىرمانيەدىن تىپىلغان ھون جەسەتلىرىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن شەكلى [3] ئۇلارنى تىپىك سېرىق ئىرق قاتارىغا چىقىرىدۇ. يەنە ياۋرۇپا تارىخچىلىرى ھونلارنى بىر ئېتنىك گۇرۇپپا ئەمەس بەلكى سىياسى مۇددىئاسى بىرلەشكەن يايلاق قەبىلىلەر ئىتتىپاقى دەپ چۈشەندۈرىدۇ. شۇڭا بۇ ھەقتە ئالدىراپ ھۆكۈم چىقىرىش قىيىندەك تۇرىدۇ.  تۇرپاندىكى مىڭ ئۆيلەردە سىزىلغان رەسىملەردە قىزىل چاچلىق كۆك كۆزلۈك ھەم قارا چاچ قارا كۆزلۈك كىشىلەرنىڭ بولۇشى بىزدىكى ئىرقى مۇرەككەپلىكنىڭ شۇ زامانلاردىمۇ بارلىقىنى بىلدۈرۈپ تۇرغاندەك قىلىدۇ. ئاق ئىرق بىلەن سېرىق ئىرقنىڭ جۇغراپىيەلىك چىگرىسىغا جايلاشقان ئۇيغۇرلار بەلكى قەدىمدىن تارتىپلا شۇنداق ئارغۇن ئىرق تىپىدىندۇر بەلكى. ئۇيغۇرلارنىڭ گېن تۈزۈلمىسى ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى بىر تەتقىقاتتا بىزنى 60% كاۋكاز (ياۋرۇپا) ئىرقى، 40% موڭغوللۇئىد ئىرقى دەپ بىكىتكەن. بۇ تەتقىقاتنىڭ ئەڭ مۇھىم بىر خۇلاسىسى، بۇ خىل ئارلىشىش بۇنىڭدىن 2100 دە 2900 يىللار ئىلگىرىلا بولغان[4] . بۇ بۈگۈنكى ئۇيغۇر مىللەت قان تەركىبىنىڭ ناھايتى ئۇزاق تارىختىلا مۇرەككەپلىشىشكە باشلىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. مەيلى قانداقلا دەيلى، ئۇيغۇرلۇقنى ئىرقى نۇقتىدىن بەلگىلەشنى توغرا تاپمىدىم.

تەبئىكى ئېتنىك تەركىبىمىزمۇ ئوخشاشلا بىر ئارلاشما تىپ! بۇنى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن —-ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېتنىك قاتلىمىغا كىرگەن پۈتۈن مەركىزى ئاسىيا ساك-تۇران قەبىلىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ توخار(توخرى)، سوغدى، ھون قاتارلىق ئەۋلادلىرى شەرتىسىز ھالدا ئۇيغۇر ئېتنىك تۈركۈمى بويىچە مۇھاكىمە قىلىنىشى كېرەك[5]—-دەپ يازىدۇ. دىمەككىمۇ مەيلى “ئوغۇزنامە” ئىپوسىنى ئوقۇيلى، مەھمۇد قەشقەرىنىڭ خەرىتىسى ھەم بايانلىرىنى كۆرەيلى، ياكى خىتاي تارىخچىلىرىنىڭ يازغانلىرىنى ئاساس قىلايلى، تۈرك-ئۇيغۇر ھەققىدىكى يازمىلارنىڭ كۆپ خىللىقىدىن ئوخشاش بىر خۇلاسىگە كىلىمىز. بۇ دىگەنلىك، بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ قېنىدا، نۇرغۇنلىغان ئېتنىك گۇرۇپپىلارنىڭ، كۆپ قىسىم تۈركى قەۋىملەرنىڭ قېنى بار. بۇنىڭ سەۋەبىنى، ئەڭ دەسلىپىدە ئولتۇراقلىشىپ يېزا-ئىگلىكى بىلەن شۇغۇللانغان تۈركى قەۋىملەرنىڭ داۋاملىق باشقا تۈركى قەۋىملەرنى ئۆزىگە ئۈزلۈكسىز قوشىۋىلىشىدىن كۆرۈش مۇمكىن. داۋاملىق كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان تۈركى قەۋىملەردە بۇنداق جەريانغا كۆپ پۇرسەت بولمىغاچقا، بۈگۈنكى كۈندىمۇ تىل ۋە ئۆرپ-ئادەت جەھەتتە كۆپ ئۆزگەرمىگىنىنى كۆرىمىز.

ئۇيغۇرلار تۈركي قەۋىملەردىن “ئۆي ئايرىپ” چىقىشتىن بۇرۇن، بىۋاستە ئەجدادلىرىمىز بولمىش كۆك تۈركلەر مىلادى 500-يىللاردىن باشلاپ شەرىقتە ھىنگان تاغلىرىدىن غەرىبتە كاسپى دىڭىز بويلىرىغىچە، شىمالدا سىبىريەدىن جەنۇبتا سەدىچچىنغىچە بولغان كەڭ زىمىندا 200 يىلدەك ھۆكۈم سۈردى.  مىلادىدىن بۇرۇنقى ~2500-يىلىدىن مىلادى 500-يىللىرى مابەينىدە دەل مۇشۇ زىمىننىڭ ئالتاي تاغلىرىنى پاسىل قىلغان شەرقى يىرىمىدا كۆچمەن ھون قەبلىلىرى (en: Hun) ھۆكۈم سۈرگەن بولسا غەربىدە كۆچمەن ساك قەبلىلىرى (en: Scythian) ھۆكۈم سۈرگەن. ئۆز تارىخچىلىرىمىزغا ئاساسلانغاندا ئىككىلا قەۋىم بىزنىڭ ئەجدادىمىز. لىكىن بۇلارنىڭ ئۆز-ئارا مۇناسىۋىتى ھازىرقى تارىخچىلار تالاش تارتىش قىلۋاتقان مەسىلىلەردىن ھىسابلىنىدۇ. بۇنداق بولۇشى بۇ قەۋىملەر ئۆزلىرى ھەققىدە بىر نەرسە يىزىپ قالدۇرمىغان. بۇلار ھەققىدىكى بايانلار كۆپىنچە يۇنان تارىخچىسى ھېرودوت ۋە خىتاي تارىخچىلىرى قالدۇرغان خاتىرىلەر ئاساس قىلىنغان. بولۇپمۇ ساكلارغا ئائىت خاتىرىلەر ھەممىدىن ئاز. لىكىن ساكلار قالدۇرۇپ كەتكەن ئالتۇندىن ئىشلەنگەن زىننەت بۇيۇملىرى، توقۇلغان بۇيۇملار، مىستىن ئىشلەنگەن جابدۇق ۋە ھەيكەللەر، قىيا تاش رەسىملىرى، تاش بالباللار ئۇلارنىڭ ناھايتىمۇ يۈكسەك بىر مەدەنىيەت ياراتقانلىقى ئىسپاتلايدۇ. شۇڭلاشقىمۇ شەرقى ياۋرۇپادىكى سىلاۋ مىللەتلىرى، كافكازدىكى مىللەتلەر، ئىرانلىقلاردىن تارتىپ ھىندىستاندىكى بەزى مىللەتلەرگىچە ساكلارنى ئۆزىنىڭ ئەجدادى دەپ تالىشىدۇ[6]. غەرىب تارىخچىلىرى ھېرودوتنىڭ يازمىلىرىغا ئاساسەن ئۇلارنى ھىندى-ياۋرۇپا سىستىمىسىدا سۆزلىشىدىغان قەۋىملەر دەپ قارايدۇ، لېكىن پاكىت يېتەرلىك ئەمەس، چۈنكى ھېرودوت ئەينى ۋاقىتتا ساكلار ياشىغان جايلارغا بارمىغان، پەقەت ئاڭلىغانلىرىغا ئاساسەن ساك كىشى ئىسىملىرى دەپ بىر نەچچە سۆزنى تىلغا ئالغان، كىشىنى تازا قايىل قىلالمايدۇ. ئارخىلوگىيە دۇنياسىنى زىلزىلىگە سالغان ئالتاي بازىرىقتىكى قەبرىدىن تىپىلغان نەرسىلەر، قەبرە تۈزۈلۈشى ئۇلارىدىن كېيىن ياشىغان كۆكتۈركلەر بىلەن كۆپ ئورتاقلىققا ئىگە (6.رەسىم چۈشەندۈرمىسىگە قاراڭ). ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھونلاردىن قالغان ئارخىئولوگىيەلىك قىزىلمىلاردىمۇ ئالتۇن بەك كۆپ ئۇچرايدۇ، ھەم ساكلارنىڭكىدەكلا ناھايتى نەپىس ئىشلەنگەن، بىر خىل ئورتاقلىقىنى ھىس قىلىسىز. بۇ خىل ئوخشاشلىقلار يايلاق مەدەنىيىتىگە ئورتاق نەرسىلەر بولۇشى ھەم مۇمكىن، خۇددى تەڭرىزم ئىتقادچىلىقىدەك.

ساكلارغا تەۋە ئالتۇن مارجان (6, 11.رەسىملەر) بىلەن ھون تەڭرىقۇتىنىڭ ئالتۇن تاجىنى، ھون قەبرىلىرىدىن چىققان ئاياللارنىڭ ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلىرىنى [3]، ئات جابدۇقلىرىنى سىلىشتۇرسىڭىزمۇ بىر خىل ئورتاقلىقنى بايقايسىز. يەنى ئۇزۇن زامانلاردىن بۇيان ئوتتۇرا ئاسىيادا ئالتۇن ۋە مىسنىڭ كەڭ ئىشلىتىلىشى ئۆزىگە خاس ئالاھىدلىككە ئىگە. ھازىرقى كۈندىمۇ ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ ئالتۇننى ئەتۋارلىشىدىن بۇ خىل مەدەنىيەتنىڭ ئىزچىللىقىنى كۆرىمىز. موڭغۇلكۈرەدىكى ساكلارغا ئائىت ئايال تاش ھەيكىلىنىڭ چاچلىرى ئۆرۈلگەن ھەم ئەگىر تىقىمىدىن ئاشقان قىلىپ ئويۇلغان (خۇددى ھازىرقى ئۇيغۇر-قىز ئاياللىرىنىڭ ئۆرۈمە چاچلىرىدەك). ساكلارنىڭ ئەڭ ئاساسى بەلگىسى بولغان ئۇچلۇق تۇماقنى تۇرپاندىنمۇ، ئىلى ۋادىسىدىنمۇ، تارىم بويلىرىدىكى مۇميالاردىنمۇ تاپىمىز. ئات-ئۈستى مەدەنىيىتى قەھىرمانلىقنى ئۇلۇغلايدۇ، بازىرىقتىكى قەبرىگە قارايدىغان بولساق قەبرە ئۈستى تاش بىلەن تولدۇرۇلغان. ئىيتىلىشىچە كۆكتۈركلەر دەۋرىدە ھەم ئۇنىڭدىن كىيىنكى دەۋىرلەردە يايلاقتىكى ئاتلىقلار ھەر قىتىم بىرەر قەھىرماننىڭ قەۋرىسىدىن ئۆتكەندە، شۇ قەھىرىمانغا ھۆرمەت يۈزىسىدىن بىر تال تاش قويۇپ قويىدىكەن، كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قويۇلغان تاشلار كۆپىيىپ ئەسلى قەبرە تەبئىلا كىچىك دۆڭچىگە ئايلىنىدىكەن[5-رەسىم]. بۇ خىل كىچىك دۆڭچىلەر تېكەس دەرياسىنىڭ يۇقۇرى ئېقىنىدا، غەربى كۆك-تۈركلەر خانى ئىستەمى قاغاننىڭ ئوردىسى بولمىش شوتا (قىرغىز قازاقلار شات/شاتى دەيدۇ) قەدىمقى شەھىرى ئەتراپىدا ناھايتىمۇ كۆپ. ئۇ قەبرىلەردىن ھازىرغىچە ئالتۇن دۇبۇلغا ئالتۇن ئوقيا دىگەندەك نەرسىلەر ئۈزۈلمەي چىقىۋاتىدۇ. بۇ خىل قەبرىلەر ئالتاي تىغىنىڭ جەنۇبى، ئېرتىش دەريا ۋادىسىدىمۇ خىلى كۆپ. بۇ ئوخشاشلىقلارغا كۆرە بۇ يايلاق مىللەتلىرىنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتە شۇنداق بىر ئىزچىللىقنى ساقلىغانلىقىنى كۆرىمىز، ئەلبەتتە ئۆرىپ-ئادەت، دىنى ئورتاقلىق بىلەنلا ئۇلارنى تۈركي قەۋىم دىيەلمەيمىز. كۆچمەن ساك قەبلىلىرىنى ئىران تىللىق دىگەن تەقدىردىمۇ ئۇلارنىڭ مەلۇم قىسمىنىڭ كىيىنكى تۈركي خەلىقلەرگە چىتىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆپىنچە تارىخچىلار ھەم ئېتراپ قىلىدۇ.  خۇلاسە شۇكى ساكلار بىز بىلەن قانداش بولسۇن بولمىسۇن ئۇلار ياراتقان يۈكسەك مەدەنىيەتكە قەدىمكى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ بۈگۈنكى ئىگىلىرى بولوش سۈپىتىمىز بىلەن بىۋاستە ۋارىسلىق قىلغان بولىمىز.

پرىنىستون يىللىق نادىر كىتاب مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن مەنبەدىمۇ توخارلارنى(بۇ يەردە ساك دەپ چۈشەنسەكمۇ توغرا بولۇشى مۇمكىن)، بارلىق ھىندى-ياۋرۇ تىللىق مىللەتلەرنىڭ بۆشۈكى دەپ قارالغان كاسپى دىڭىز-قارا دىڭىز ئارلىقىدىكى يايلاقلىرىدىن بۇنىڭدىن تەخمىنەن 5300دە 5700 يىللار ئىلگىرى ھازىرقى يۇرتىمىزغا (ئالتاي-تارىم) كۆچكەن دەپ قارالغان[7؛ 3. خەرىتە]. بەلكىم بۈگۈنكى بىزدىكى 60% كاۋكاز ئىرقى تېپى دەل شۇنداق توخارلاردەك كاۋكاز نەسىللىك تەركىبلەر سەۋەبىدىن بولۇشى مۇمكىن.

ئەمدى نەزىرىمىزنى تەكلىماكان (تەكتى–ماكان[8]) نىڭ جەنۇبى ئېتەكلىرىدىكى بوستانلىقلارغا ئاغدۇرايلى. (ئۆز دەۋرىنىڭ ئەڭ يامان سودىگەرلىرى ھىسابلانغان، ئامۇ-سىر دەريا ئارىسىدا ياشىغان سوغدىلارنى نەزەردىن ھازىرچە ساقىت قىلدىم.) خىتايچە تارىخى مەنبەلەردە بۇ رايونلاردا ياۋچى/توخارلارنىڭ (خىتايچە: Yue Zhi) ئەڭ دەسلەپتە ياشىغانلىقىنى، ھەم بۇ رايونلارنىڭ ھونلارنىڭ تەسىر دائىرسىدە بولغانلىقى قەيىت قىلىنىدۇ. بەزى تارىخچىلىرىمىز توخرىلار، ئۇيسۇنلار ھونلار بىلەن قان قىرىنداش دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى تارىخچىلار توخرىلارنى ھىندى-ياۋرۇپا تىللىق خەلق، ئۇيسۇنلارنى تۈركي دەپ كۆرسىتىدۇ. ئۇيسۇنلار كىيىنچە ئىلى ۋادىسىدا ياشاپ قاراخانىلار دەۋرىگە كەلگەندە قارلۇقلارغا قېتىلىپ قاراخانى تۈركلىرى تەركىبىگە كىرىپ كەتكەنلىكى ئېھتىمالغا يىقىن. توخرىلار ھەققىدە تالاش  تارتىش سەل جىددى. بۇلارنى ساك قەبلىلىرى دىگۈچىلەرمۇ بار. لىكىن ساكلارغا ئائىت تاش بالباللارنى تەڭرىتاغلىرىنىڭ جەنۇبىدا ئانچە ئۇچراتمايمىز.  بۇ رايونلاردىن تېپىلغان (يەكەن دەريا يۇقۇرى ئېقىنىدىن تارتىپ لوپنۇرغىچە) 2000~6000 ياشلىق موميالارنىڭ كىملىكى ھازىر ئەڭ قىززىق نۇقتا بولوشى مۇمكىن. ھازىرقى خىتاي تارىخچىلىرى ئۇلارنى تارىمدا مەدەنىيەت يارىتىپ كىيىن تۈركلەر تەرىپىدىن سىقىپ چىقىرىلغان ھىندى-ياۋرۇپا تىل سىستىمىسدىكى توخرىلار دەيدۇ. ئۇلارنىڭ مىس ۋە ئالتۇن بۇيۇملارنى ئىشلىتىشى ھەم ئاق ئېرىقىغا تەۋەلىكىگە كۆرە ئۇلارنى ياۋرۇپالىقلارغا باغلايدۇ. ئەكسىنچە، يەنە شۇ خىتاي تارىخى مەنبەلەردە بەزى تۈركي قەبلىلەرنى كۆك كۆز، سىرىق چاچ دەپ يازغان. بۇنىڭدىن سىرىت ئامىركا بايقاش قانىلى (en:Discovery channel, tarim mummies) ئىشلىگەن تارىم موميالىرى ھەققىدىكى ھۆججەتلىك فىلىمدە قەۋرىلەردىن تىپىلغان نان ياسلايدىغان ياغاچ تەڭنە بىلەن ھازىرقى ئۇيغۇرلار ئىشلىتىۋاتقان ئوخشاش بۇيۇملار، موميالاردىكى كىسەللىك ئىزنالىرى بىلەن ھازىرقى بەزى رايون ئالاھىدىلىكىگە ئىگە كىسەللىكلەر سىلىشتۇرۇلغان. ئاخىرىدا شۇ موميالارنىڭ ئەۋلاتلىرى ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ بولۇش ئېھتىماللىقى يورۇتۇلغان. بەزى تارىخچىلار ئېيىتقاندەك بۇ رايونغا كىيىن كۆچۈپ كەلگەن تۈركلەر يەرلىك دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلغان، ئاللىقاچان شەھەرلەشكەن توخرىلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلغان دېگەندەك نەزەرىيە بار. دېھقانچىلىق مەدەنىيىتى شەھەرلىشىشنى تەلەپ قىلىدۇ، شەھەرلەشكەن ھايات سىستىمىلاشقان جەمىيەت قۇرۇلمىسىنى بەرپا قىلىدۇ ھەم بۇ خىل مۇناسىۋەت يىزىقنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. شۇڭلاشقىمۇ چارۋىچى مىللەتلەر دېھقان مىللەت ئۈستىدىن ھۆكۈم يۈرگۈزگەن ھالەتتىمۇ دېھقان مىللەت تەرىپىدىن ئاسسىمىلياتسيە بولوپ كىتىدۇ، تارىختا بۇ خىل قاراشنى ئىسپاتلايدىغان يىتەرلىك مىساللار بار، ھالبۇكى نوقۇل چارۋىچىلىق مەدەنىيىتىنىڭ تېرىقچىلىقنى ئاساس قىلغان مەدەنىيەتنى ئاسسىمىلياتىسىيە قىلغىنىنى كۆرمەيمىز.  ئەمما، تىلشۇناسلىق جۈملىسىدىن، تۈركى قەبلىلەر تارىم ۋە فەرغانىگە كىرىشتىن بۇرۇن (ئىنىق ۋاقتىنى تەخمىنى بېكىتىش زۆرۈر) يەرلىك تىل ھىندى-ياۋرۇپا سېستىمىسىدىكى تىل بولغان. كېيىن بارغانچە تۈركلەرنىڭ سىياسى سەھنىسىدىكى رولى تۈپەيلى تۈركى تىل يەرلىك تىلنىڭ رولىنى ئالغان دېيىلىدۇ[12]. بۇنداق بولغاندا ھازىرقى ئۇيغۇرلار تىلى تۈركلەشكەن، قان جەھەتتىن تۈرك ۋە تۈرك بولمىغان قەۋىملەرنىڭ ئۇزۇن تارىخ داۋامىدا بىركىشىدىن شەكىللەنگەن دېسەك پاكىتلارغا ئۇيغۇن كېلىدىكەن. بۇ يەردىكى ئەڭ مۇھىم بىر نۇقتا: تارىختىكى ئۇيغۇر نامىدا ئاتالغان قەبلىلەر بىلەن بۈگۈنكى ئۇيغۇر سۆزنىڭ مەنىسىنىڭ پەرقىنىڭ زورلىقىدا. يەنى بۈگۈنكى ئۇيغۇر مىللىتى ئىسمى قەدىمقى ئۇيغۇر قەبىلە سۆزىدىن كەلگەن، لېكىن بۈگۈنكى مەنىسىدە تۈركلەشكەن كاۋكاز ۋە موڭغۇل ئىرقىدىكى قەبلىلەرنى ھەم ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر سۆزدۇر.

جەنۇب تەرىپى قاراقۇرۇم، كوئىنلۇن تاغلىرى بىلەن، شەرىق-غەرىب تەرەپتە تىبەت، پامىر ئىگىزلىكلىرى بىلەن، شىمالدا تەڭرىتاغلىرى بىلەن قورشالغان كوھىقاپتەك تارىم ئويمانلىقى ھەقىقەتەن نەرى ئىسسىق، توپىسى “ئىغىر” بىر زىمىن. بۇ يەردە ئەسىرلەردىن بۇيان ياشاۋاقتان ئۇيغۇرلار تەبىئەت بىلەن قانداق ھارمونىيىلىك ياشاشنى شۇنچىلىك ياخشى ئۈگىنىۋالغان. ئوپال ئەتراپىدىكى سۈنئى ئىھاتە ئورمانلار، تۇرپاندىكى 800 خىلدىن ئارتۇق يىتىشتۈرۈلگەن ئۈزۈم سورتى بۇ بوستانلىق ۋادىلارنىڭ ئۇزۇن دەۋىرلەردە شەككىللەنگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى. دۇنيادا ھىچقانداق مىللەت ئۆز زىمىنىنى مىللەت سۈپىتىدە تاشلاپ چىقىپ كەتمىگەن. رىم ئىستىلاسى ۋە ئەرەب ئىستىلاسى يەھۇدىلارنى پىتراپ كىتىشكە مەجبۇرلىغان بولسىمۇ ھازىرغىچە مەلۇم ساندا يەرلىك يەھۇدىلار پەلەستىندىن چىقماي ياشاپ كەلگەن. ئىچىلىپلا توزۇپ كەتكەن چىڭگىزخاننىڭ مۇڭغۇل ئىمپىريىسى باشقا يەرلەردە تۈزۈك ئىزنا قالدۇرالماي يەنىلا ئۆزلىرى ئىش باشلىغان موڭغۇل ئىگىزلىكىدە ئۆزىنى ساقلاپ قالدى. پۈتۈن دۇنياغا تارقاپ كەتكەن سىگانلارنىڭمۇ ھازىرغىچە ھىندىستاندىكى ئەسلى يۇرتىدا ئىزنالىرى بار[9]. دىمەكچى، ئاشۇ كىرورەن گۈزىلىنى ۋەكىل قىلغان موميالارنىڭ كىيىنكى ئەۋلاتلىرى بۇ زىمىننى پۈتۈنلەي تاشلاپ كەتكەن دىگەندەك سەپسەتە تازا ئەقىلغا سىغمىسا كېرەك.  يەنە بىر نۇقتا: 7-ئەسىرلەردىلا بىزگە ئورخون تاش پۈتۈكلىرىنى قالدۇرۇپ كەتكەن تۈركي ئەجداتلىرىمىز ياۋرۇ-ئاسىيا يايلاقلىرىدا ئەڭ بۇرۇن يىزىق قالدۇرغان قەۋىم ھىسابلىنىدۇ؛ تىخى يىقىندىلا ئالتاي تاغلىرى شىمالى ئېتىكىدىكى تۇۋا رايونىدىن تىپىلغان ئۇيغۇر ئورخون خانلىقىغا تەۋە مۇكەممەل قورغانلىق شەھەرمۇ شۇ شىمالدىكى تۈركي قەۋىملەرنىڭ مەلۇم دەرىجىدە شەھەرلەشكەن ئۈستۈن بىر مەدەنىيەت ياراتقانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ. بۇلارغا كۆرە ئۇيغۇرلار تۈركي قەۋىملەر ئىچىدە ئەڭ بۇرۇن شەھەرلەشكەنلىرى بولوپ ھىسابلىنىدۇ. بۇ خىل بالدۇر شەھەرلىشىش ئۇيغۇرلارنى باشقا تۈركي قىرىنداشلىرىغا سىلىشتۇرغاندا ئەڭ بۇرۇن ئۈستۈن مەدەنىيەت ياراتقان قەۋىم قىلىپ نەتىجىلىدى. ئۇيغۇرلار كۆپىنچە باشقا چارۋىچى قەۋىملەر (تۈركىي قەۋىملەرمۇ بار) تەرىپىدىن بىردەك سارت دەپ ئاتالغان، بۇ سۆزگە ئادەتتە كارۋان بىشى، سودىگەر دەپ ئېنىقلىما بىرىلىدۇ. ئۇيغۇرلارلا ئەمەس، ئولتۇراقلاشقان ئۆزبېكلەر ھەم تاجىكلارمۇ بىردەك سارت دەپ ئاتالغان. بۇنىڭدىنمۇ بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ناھايتى بۇرۇنلا شەھەرلەشكەن قەۋىم ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىمىز.

مىلادى 745-يىلى ھازىرقى مۇڭغۇل يايلىقىدا كۆك تۈرك ئىمپىراتورلىقىدىن كىيىن مەيدانغا كەلگەن ئۇيغۇر خانلىقى (ئۇيغۇر ئورخۇن خانلىقى) تۇققۇز ئوغۇز قەبلىلىرى باشچىلىقىدا باشقا تۈركى قەبلىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەربى-سىياسى ئىتتىپاقنى ئۇيغۇرلارنىڭ “ئۆي ئايرىپ” چىقىشىنىڭ باشلىنىشى دىسەك، بۇ قەبلىلەرنىڭ كىيىن تارىم -تۇرپان ئويمانلىقىغا كۆچۈشى ۋە شۇ يەردىكى قېرىنداشلىرى بىلەن قوشۇلۇشى نەتىجىسىدە مىلادى 840 دىن 1250-يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن، تۇرپان ۋە تارىم ئويمانلىقلىرىنى مەركەز قىلغان ئۇيغۇر خانلىقلىرى (قاراخوجا/ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى، قاراخانىلار خانلىقى) نىڭ قۇرۇلۇشى ھازىرقى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئېتنىك قۇرۇلمىسىنى ئاساسى جەھەتتىن تاماملىغان بولوشى مۇمكىن. ئەلبەتتە ئۇنىڭدىن كىيىنمۇ قارا قىتانلار (خىتاي كەلمىسى مەنبەسى دىگۈچىلەر بار)، موڭغۇللار، گەرچە بىزگە مەلۇم ۋاقىت ھۆكۈمىرانلىق قىلغان بولسىمۇ، مەدەنيىتىمىزنىڭ ئۈستۈنلۈكى ھەم ئۇلارنىڭ ئىشغاليەتچى قوشۇنلىرىدا تۈركي قەبىلىلەرنىڭ كۆپلەپ بولوشى سەۋەبلىك تەركىبىمىزگە مەلۇم نىسبەتتە ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كەتتى (بۇلارنىڭ قازاق، قىرغىزلارغا بەكىرەك قېتىلىپ كەتكەنلىكى ھەم بەزى مەنبەلەردە ئىلگىرى سۈرۈلگەن). ئۇيغۇرنىڭ ئەڭ زور سەلتەنەتى بولغان قاراخانىلار ھازىرقى تىلىمىز، ئىتقادىمىزنىڭ ئاساسىنى سالغان بولدى. 11-ئەسىرلەردىن باشلانغان قارا قىتانلار قاراخانىي ھاكىميىتىنى ئاجىزلاشتۇردى، لىكىن ئۆزلىرىمۇ 13-ئەسىردە باستۇرۇپ كەلگەن موڭغۇللار تەرىپىدىن گۇمران بولدى. موڭغۇللارنىڭ زىمىنىمىزدىكى ھۆكۈمىرانلىقى چاغاتاي خانلىقى نامىدا 17-ئەسىردە خوجىلارنىڭ باش كۆتۈرۈپ چىقىشىغىچە داۋاملاشتى. چاغاتاي خانلىقى گەرچە موڭغۇل ئاقسۆڭەكلىرىنى ئاساس قىلغان بولسىمۇ، كىيىنكى خانى تۇغلۇق تىمۇر (1329~1363-يىللار، تۇغلۇق تۆمۈر) نىڭ ئىسلام دىنىغا كىرىشى بىلەن تەدرىجى ئىسلاملىشىپ كىيىنچە خاراكتېرى ئىسلاملاشقان تۈركي ھاكىميەت بولوپ قالدى. ھاكىميەت خوجىلار قولىغا ئۆتكەندىن كىيىن ئىچكى نىزالار كۆپىيىپ ئاق تاغلىق قارا تاغلىق بولوپ ئىككىگە بۆلىنىپ كەتتى، ئۇزۇن ۋاقىتقا قالماي شىمالدىكى جۇڭغارلار تارىمنى ئىلكىگە ئالدى. جۇڭغارلارنىڭمۇ ھۆكۈمىرانلىقى ئۇزۇنغا بارماي، 18-ئەسىرگە كەلگەندە ئەسلى چاغاتاي خانلىقىنىڭ زىمىنلىرى بولغان ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ كۆپ قىسىم زىمىنى  مانجۇ-چىڭ ئىمپىريىسىنىڭ ھىچقاچان بىر ئەمىن تاپقۇزالمىغان [10] مۇستەملىكە زىمىنىغا ئايلىنىپ قالدى. مانجۇلار پەقەت 1884-يىلى يۇرتىمىزدا ئۆلكە تەسىس قىلىپ، نامىنى شىنجاڭ (مەنىسى: يېڭى چىگرا، يېڭى رايون) دەپ ئاتىدى. شۇنداق قىلىپ، تۈركى قەبلىلەر ياشاپ كەلگەن ئوتتۇرا ئاسىيا ئىككىگە بۆلىنىپ، غەربى تۈركىستان رۇسلارنىڭ ئالقىنىغا چۈشتى، شەرقى قىسمى بولسا مانجۇلارنىڭ ئىلكىگە ئۆتتى. كېيىنچە سىياسى مەقسەتلەرگە كۆرە 16-ئەسىرگىچە بىر خىل يازما تېل ئىشلىتىپ كىلىۋاتقان تۈركلەردىن، چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلغانلىرى قازاق، قىرغىز، قارا-قالپاق، تاتار بولۇپ، ئولتۇراقلاشقانلىرى ئۆزبېك-ئۇيغۇر بولۇپ ئايرىلدى. بۈگۈنگىچە داۋام قىلۋاتقان يېزىق ۋە ئىملا ئۆزگەرتىش ھەرىكەتلىرى، ئوخشىمىغان تىل تەسىرى (رۇس ۋە خىتاي) بىلەن قوشۇلۇپ بۈگۈنكى كۈندىكى ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركى مىللەتلىرىنىڭ تىلىنى بىر-بىرىدىن خىلىلا ئۇزاقلاشتۇردى. بۇنىڭ ئىسپاتىنى ئەڭ كىچىككەندىمۇ 50-يىللاردا نەشىر قىلىنغان يازما ھۆججەتلەرنىڭ تىلىدىن كۆرەلەيمىز.

چۈشەنچىلىرىمنى يىغىنچاقلىسام: ھون، ساك، توخارلارنى ئۆزىگە ئەجداد قىلغان تۈركي تىللىق ئۇيغۇرلار— ھازىرقى 32 * تۈركىي مىللەتلىرى ئىچىدە مەدەنىيەت قاتلىمى جەھەتتە ھەممىدىن باي بىرى دىسەم ئارتۇق كەتمەس. بۇنداق بولۇشىنى بىزنىڭ ئىرق/ئېتنىك تەركىبىمىزنىڭ ئەسلىدىلا مۇرەككەپلىكى، ئىتقاد تارىخىمىزنىڭ ئالدى-كەينى بولوپ 6 خىل دىن ئىتقاتچىلىقىنى باشتىن كەچۈرگەنلىكى[11]، ياشىغان جايىمىزنىڭ مۇرەككەپ جۇغراپىيەلىك تۈزۈلۈشى شۇنداقلا ياۋرۇ-ئاسىيا قۇرۇقلۇقىدىكى ئىستىراتىگىيەلىك ئورنى (تارىختىكى يېپەك يولىنىڭ مەركىزى )، تۇرمۇش ئۇسۇلىمىزنىڭ كۆپ-خىللىقى (تېرىقچىلىق، باغۋەنچىلىك، چارۋىچىلىق، بىلىقچىلىق، ئوۋچىلىق)، ئىشلەتكەن يىزىقلىرىمزنىڭ كۆپلۈكى (ئاساسلىق يىزىقلاردىن ئورخۇن-يېنسەي/تۈرك-رونىك، قەدىمقى ئۇيغۇر، چاغاتاي، لاتىن) ، ھەم ئۆزگىرىشچان ھاۋا كىلىماتى قاتارلىق ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقارغاندەك تۇرىدۇ. بۇنىڭغا ئۇيغۇر باش كىيىملىرى، ئۇيغۇر ئۇسۇللىرى، ئەتلەس، گىلەملىرىنىڭ تۈر ۋە شەكىللىرىنىڭ كۆپ خىللىقى، ھەرخىل ئۇيغۇر تائاملىرى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ رەڭگارەڭ مەزمۇن بايلىقىغا ئىسپات بولوپ تۇرۇپتۇ. ئۆز نۆۋىتىدە، دەل مۇشۇ خىل مول مەزمۇن، بىزدە بۈگۈنكى كۈندە مەجبۇرى ئاسسىمىلياتسىيەگە قارشى كۈچلۈك بىر ئىممۇنېت كۈچنى ھازىرلىغاندەك تۇرىدۇ.

قوشۇمچە: تىنىچ ئوكياندا يوقىلىپ كەتكەن مۇ قۇرۇقلۇقى ۋە ئۇيغۇر دۆلىتى ھەققىدىكى سەپسەتىلەر، ئۇيغۇرلار بىلەن ياپونلار، ئۇيغۇرلار بىلەن ۋىنگىر (مەغيار)، ئۇرال مىللەتلىرى ھەققىدىكى يىقىن تۇققاندارچىلىق ھەققىدىكى نەزەرىيىلەرگە تازا ئىشىنىپ كەتمىدىم. سەۋەب: بۇ نەزىريىلەرنىڭ ئىلمىيلىكى بەكلا تۆۋەن. ئەگەر راستىنلا 6~10 مىڭ يىللار ئىلگىركى تارىخقا قارىساق، نۇرغۇن مىللەتلەر ئوخشاش بىر بولوپ چىقىدۇ. ئىسلام دىنىدىمۇ بىز ئادەم ئاتا بىلەن ھەۋۋا ئانىنىڭ ئەۋلاتلىرى. بەزىلەر بۇلاردىكى تەڭرىزىم دىنى ئورتاقلىقنى ئىسپات قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە قۇياش، ئايغا ئوخشاش تەبىئەت ھادىسىلەر ئىنساننى ئەڭ بۇرۇن قىزىقتۇرغان شەيئىلەر، شۇڭلاشقىمۇ تەڭرىزىم ئىتقاتچىلىقى ئافرىقىدىكى قەبلىلەردىن تارتىپ جەنۇبى تىنچ ئوكيان ئاراللىرىدىكى مائۇرىلاردىمۇ بار. بۇ خىل تۇققاندارچىلىق نەزەريىسى بىلەن باشقىلارنىڭ تەسەللىسىگە ئىرىشىش، ئۇلاردىن بىر خىل ياردەم تەلەپ قىلىش ياكى ئۇلارنىڭ ئىتراپ قىلىشىنى تاما قىلىش تازا ئاقمىسا كېرەك. ھازىرقى دۇنيادا ھىچكىم ئاجىزنى كۆزگە ئىلمايدۇ. ئەگەر سىز كۈچلۈك بولسىڭىز ھەممە ئادەم سىزنى تۇققان تارتىدۇ. ئۇنداق بۇرۇننى قويۇپ تۇرايلى، مىلادىيدىن كىيىنكى تارىخىمىزدا، ۋە شۇ تارىخ ياراتقان مەدەنىيىتىمىزدە قانچىلىك پەخىرلەنسەك ئەرزىگۈدەك مەزمۇن بار. مۇساپىر بولمىغۇنچە مۇسۇلمان بولماس دەيدىكەن، ئەگەر سىز ھىچ ئۇيغۇر ياشىمايدىغان باشقا بىر مەدەنىيەت ئىچىدە تۇرۇپ كەلسىڭىز ئاندىن ئۆز مىللەت مەدەنىيىتىڭىزدىن شۇنداق پەخىرلىنىدىغان بولىسىز. ئا. ئۆتكۈرنىڭ “مەن ئاق بايراق ئەمەس”، ئادىل تۇنىيازنىڭ “قەشقەردىكى يەرشارى” ناملىق شىئىرلىرىنى چوڭقۇر مەنتىقىلىرى بىلەن چۈشىنىسىز. ئۇيغۇرلىقىڭىزدىن ئۇستىخان-يىلىكلىرىڭىزگىچە پەخىرلىنىسىز. ئەلۋەتتە پەخىرلىنىشلا كۇپايە قىلمايدۇ، ئۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇش زۆرۈر…ئەپسۇسلىنارلىقى، 15-ئەسىرلەردە  دىڭىز يوللىرىنىڭ ئىچىلىشى يىپەك يولىغا ئوخشاش قۇرۇقلۇق يولىنىڭ تاشلىنىپ قىلىنىشغا سەۋەبچى بولدى دە ئۇچۇر ئالمىشىش ۋە مەدەنىيەت مەركىزى دىڭىز بويلىرىغا يۆتكىلىپ كەتتى. بۇ سەۋەبلىك 18-ئەسىرلەرگە كەلگەندە بىكىنمىلىكتە قالغان خەلقمىز مەدەنىيەت تەرەققىياتىدا شۇنچىلىك كۆپ ئارقىدا قالدى.  خەيرىيەت، 21 -  ئەسىر بىلەن باشلانغان ئۇچۇر دەۋرى مەدەنىيەت ئالمىشىشتا ئۇزۇن مەزگىل يېتىم قالغان خەلقىمىزگە يەنە بىر پۇرسەت بىرىپ تۇرۇپتۇ. مىسالەن: شۆھرەت مىتالىپوۋ، ساھىبجامال دۆلەت، ئەركىن سىدىققا ئوخشاش سانى نەچچە يۈزدىن ئاشىدىغان ئالىملىرىمىز بۈگۈنكى كۈندە دۇنيانىڭ ئەڭ ئالدىدىكى ئىلمى ژۇرناللاردا ماقالىلەر ئېلان قىلىپ، قايتىدىن ئۇيغۇرنىڭ دۇنيا ئىلىم-پېنىگە تۆھپىسىنى قوشۇشنى باشلىۋەتتى، ھەم ياش ئالىملىرىمىزمۇ ئۈزۈلمەي چىقىۋاتىدۇ. دېمەك ھازىرقى كۈندە، قانداق قىلىپ ئۆزىمىزدىكى مول مەزمۇنلۇق رەڭگا-رەڭ مەدەنىيىتىمىزنى ئاساس قىلىپ، ئۇنى بىيىتىپ يىڭىچە قىياپەتتە باشقا مەدەنىيەتلەرگە خىرىس قىلىش، ھەم شۇ ئارقىلىق كىملىكىمىزنى ساقلاش مەسىلىلىرى دىققىتىمىزنىڭ ئەڭ مەركىزىدىن ئورۇن ئىلىشى كېرەكتۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزگىنىڭكىنى، ھەم ئۆزىمىزنىڭكىنىمۇ ياخشى ئۆگىنىشكە توغرا كىلىدۇ.

ھەدىستە “ئۆزىنى قۇتقۇزمىغان قەۋىمنى ئاللاھمۇ قۇتقۇزمايدۇ” دىيىلگەنىكەن!… … تىرىشچانلىق خاراكتېرىمىزگە ئايلانغۇسى!

پايدىلىنىلغان مەنبەلەر:

[1]http://www.plosone.org/article/info:doi/10.1371/journal.pone.0057754

[2]http://www.scs.uiuc.edu/~mcdonald/WorldHaplogroupsMaps.pdf

[3]http://www.hunnen.speyer.de/en/ausstellung.htm

[4] http://www.ncbi.nlm.nih.gov/pubmed/18355773

[5]ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن، <<قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا>> 100-بەت

[6]http://www.allempires.com/، http://en.wikipedia.org/wiki/Scythians

[7]The Horse, the Wheel, and Language: How Bronze-Age Riders from the Eurasian Steppes Shaped the Modern World by David W. Anthony

[8]ئىمىن تۇرسۇن، <<تارىمدىن تامچە>>

[9]دۇنيا جۇغراپىيەسى مەلۇم بىر سانى، http://www.nationalgeographic.com/

[10] James A. Millward، Eurasian Crossroads: A History of Xinjiang

[11]http://achinuq.blogbus.com/logs/63618518.html

[12] تارىخ/تىلشۇناسلىق ساھەسىدە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇۋاتقان دوستۇم ئەخمەتجان خوجا بىلەن بولغان پاراڭلار

رەسىم ۋە خەرىتىلەر:

1. دۇنيا ھاپلوگرۇپ (ئەجداد ئىزى گىن تىپلىرى) ئەھۋالى، ئۇيغۇرلارغا قارايدىغان بولساق، مۇتلەق ئۈستۈنلۈككە ئىگە گۇرۇپپا يوق، ئاق ئېرىقتىكىلەرنىڭ نىسبىتى سەل يۇقۇرى

2. گېن تېپى سىلىشتۇرمىسى، قىزىل رەڭ خىتاي، قارا رەڭ ئافرىقىدىكى يورۇبالار، كۆك رەڭ ئۇيغۇرلار، كۈلرەڭ مەركىزى ياۋرۇپالىقلار. [4] مەنبەدىن.

3. خەرىتە، توخارلارنىڭ كۆچۈشى. [7] مەنبەدىن

4. رەسىم، ساكلارنىڭ پائالىيەت رايونى. مىلادىدىن ئىلگىركى 1-ئەسىرلەر. بۇ خەرىتىدە شەرقى چىگرىسى تازا توغرا بولمىغاندەك قىلىدۇ، ساك يادىكارلىقلىرىغا ئاساسلانغاندا شەرقى قىسمى ئالتاي تاغلىرى، جۇڭغار بويلىرىنى ھەم ئۆز ئىچىگە ئىلىش كىرەك

5. يايلاق قەۋىملىرىنىڭ پادىشاھ ياكى قەھىرمانلىرىنىڭ قەبىرلىرى

6. بازىرىكتىن (Pazyryk) تېپىلغان ساك قەبرىسى ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن بۇيۇملار. مەنبە:

Margaret Oliphant, The Atlas of The Ancient World

7. ئۇكرائىنادىكى تولستايا موگىلا دىن تىپىلغان ساكلارغا مەنسۇپ بويۇنغا ئىسۋالىدىغان زىننەت بۇيۇمى، مىلادىدىن بۇرۇنقى 4-ئەسىرلەرگە تەۋە. يۇقۇرى قىسمىدا ئىنسان ھاياتى، تۆۋەن قىسمىدا ياۋايى ھايۋانلار تەسۋىرلەنگەن.

http://vm.kemsu.ru/en/skyth/skyth-pectoral.html

8. ساكلارغا ئائىت تاش بالباللار، مىلادىنىڭ ئالدى كەينىدىكى يىللارغا تەۋە. رەسىمدىكىسى مۇڭغۇلكۈرەدە تېپىلغانلىرى

9.  ساك، توخارلارغا تەۋە بۇيۇملار چىققان جايلار، بۇنىڭدىن 3500 دە 3900 يىللار ئىلگىرى دەۋىرلەر. [7] مەنبەدىن

10. ھونلارنىڭ تەسىر دائىرسى، مىلادىدىن ئىلگىركى (?)2500- يىللاردىن مىلادى 3- (?)ئەسىرلەرگىچە

11. ھون تەڭرىقۇتى تاجىسى، مىلادىدىن بۇرۇنقى 200-300 -يىللار

12. ھونلار ئىشلەتكەن ئات بۇيۇملىرى، ياۋرۇپادىن تېپىلغان، 5, 6- ئەسىرلەرگە تەۋە. [3] مەنبەدىن

13. كۆك تۈركلەر تەسر دائىرسى، 6، 8- ئەسىرلەر.

كۆكتۈركلەر  552-745 ،      ئۇيغۇر ئورخون    745-840

14. ئۇيغۇر خانلىقلىرى،

قاراخانىيلار،  ئىدىقۇت (قوچۇ، قاراخوجا دەپمۇ ئاتىلىدۇ)،  كەڭسۇ (ھازىرقى گەنسۇ دائىرسى)    850-1250

مەنبە: بىرىتانىيە قامۇسى 26-توم

15. ئورخون مەڭگۈ تاشلىرى، ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە تېكلەنگەن، 8- ئەسىرلەر

16. يېڭدىن بايقالغان ئۇيغۇر شەھىرى، ئۇيغۇر ئورخون خانلىقىغا تەۋە بولۇشى مۇمكىن

17. ئالمالىقنى مەركەز قىلغان چاغاتاي خاقانلىقى (1225- 1687)

18. قىسقا داۋام قىلغان جۇڭغار خانلىقى، كۆك چىگرا ئىچىدىكىسى جۇڭغارلارنىڭ تەسىر دائىرىسى, 1750-يىلى، بۇ جۇڭغارلارنىڭ ئەڭ كۈچلۈك مەزگىلى

19. 1820-يىلىدىكى مانجۇ-چىڭ ئىمپېريىسىنىڭ زىمىنى، بالقاش كۆلى ئاستىدىكى كەڭ زىمىنلارنى كىيىنچە تەڭسىز شەرىتنامىلەر بىلەن چارروسىيەگە سىتۋەتكەن.

20. قاراخانىيلار ئىزلىرى، 12- ئەسىرگە تەۋە، ئۈرگەنىج

21.  تۇغلۇق تۆمۈرخان مازىرى، قورغاس

 

سۈرەتلەرنىڭ چوڭ نۇسخىلىرىنى تۆۋەندىكى ئادرىستىن كۆرۈڭلار:

http://www.flickr.com/photos/48781240@N06/sets/72157633140514973/

باشقا مەنبەلەر:

”ئوغۇزنامە“، مەڭگۈ تاش پۈتۈكلىرى، ”تۈركى تىللار دىۋانى“… …

تۇرغۇن ئالماس، قۇربان ۋەلى، ھاجى نۇرھاجى، ۋ.ۋ. بارتولد ئاپتورلىقىدىكى كىتابلار

ئا. مالياۋكىن ”9، 10- ئەسرلەردىكى ئۇيغۇر دۆلەتلىرى“

ئابدۇقەييۇم خوجا، ”دىيارىمىزدىن تېپىلغان قىسمەن يادىكارلىقلار ھەققىدە“

The Uyghurs: Strangers in Their Own Land by Gardner Bovingdon

http://s155239215.onlinehome.us/turkic/70_Dateline/71_Huns/hun_dateline_1_En.htm

http://www.face-music.ch/nomads/uiguren_de.html

http://dienekes.blogspot.de/

http://www.nature.com/news/science-on-the-silk-road-taste-for-adventure-1.11178

http://history.docuwat.ch/videos/china/chinas-tocharian-mummies/?channel_id=0 

 

ئەسلى يېزىلغان ۋاقتى:

2010-يىلى، ئوغۇز ئىيىنىڭ 7،8-كۈنلىرى موڭغۇلكۈرە

ئۆزگەرتىلگەن ۋاقتى:

2013- يىل 3- ئاي، ئۇلم

oghuzkb قەلىمى

بۇ يازما ئۇنىۋېرسال كاتېگورىيىسىگە يوللانغان ھەم , دەپ خەتكۈشلەنگەن. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈشلىۋېلىڭ.

تارىخىمىز ھەققىدە چۈشەنچىلىرىم ئۈچۈن 10 ئىنكاس بار

  1. مۇھەممەدئەمىن مۇنداق يازغان:

    ئۇزۇن ماقالىلەرنىڭ سول تەرىپى ئېگىز-پەس ھەرە چىشىدەك چىقىۋالىدىكەن، بۇنىڭ ئۈچۈن
    http://achinuq.org/wp-content/themes/twentyten/style.css نىڭ 447-قۇرىدىكى margin-bottom: 24px;
    نى
    margin-bottom: 24px;
    text-align: justify;
    قىلىپ ئۆزگەرتىپ قويسىڭىز بولغۇدەك.

  2. شىرئەلى مۇنداق يازغان:

    قاراقۇرۇم، كوئىنلۇن تاغلىرى ئىككسى بىر بولسا كېرەك ، قاراقۇرۇمنى دىيەلمەي كۈنلۇن دىسە «ئاقىل» تەرجىمانلار شۇ بويىچە كوئىنلۇن دىگەن بولىشى مۇمكىن.

    • Leglek مۇنداق يازغان:

      مېنڭچە ئۇنداق ئەمەس ،چۈنكى 17-رەسڭمدە قارا قۇروم تاغلىرى تۇرفاننىڭ شىمال تەرىپىدە ئىكەن، ناۋادا كوئىنلون ئۇ خەرىتىدە سىزىلغان بولسا خوتەننىڭمۇ جەنۇبىغا توغرا كەلگەن بولاتتى.

      • Leglek مۇنداق يازغان:

        http://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cry.gifhttp://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wacko.gifۋاي ئاللا ،قارا قورۇم بىلەن قارا قورام تاغلىرى دىگەن ئككى ئۇقۇمكەنغۇ،بىلمەپتىمەن ،ئۆزرىلەر!!!http://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yes.gif

  3. بەگمۇراد مۇنداق يازغان:

    سىزنى تىخى تەبئىي پەن بىلەنلا شۇغۇللىنىدۇ دەپ ئويلىسام تارىخ دىگەندەك ئىجتىمائىي پەنلەردىكى ئىزدىنىشڭىز ۋە بىلىمىڭىزمۇ يەتكۈچە بارئىكەن. بىزنىڭ بىلىملېرىمىز ھىچنىمە ئەمەسكەن شۇننىڭغا قارىغاندا .

  4. ئاچىنۇق مۇنداق يازغان:

    ھەممىڭلارغا رەھمەت! :)

  5. elijan مۇنداق يازغان:

    http://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yahoo.gif
    kop rexmet sizge. bu materiyalning manga kop paydisi bolidu.

  6. قايتما: ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ جىدىلى |

  7. ئوغۇزمۇرات مۇنداق يازغان:

    يازمىنىڭ مەقسىتى ئۈچۈن بىر ئىنكاس

  8. ئالىپ ئارسلانشاھ مۇنداق يازغان:

    بۇ بىلوگنى تاساددىپىي بايقاپ قالدىم خۇشاللىق پەلەككە يەتتى بۇ ماقالە ماڭا قاراڭغۇ نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى بىر ئېغىز گەپ ئاپىرىن يېڭى يازمىلاردىن زوق ئالغاچ تۇرايلى

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong> <img src="" alt="" class="" width="" height="">

https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_bye.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_good.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_negative.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_scratch.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wacko.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yahoo.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cool.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_heart.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_rose.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_smile.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_whistle3.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yes.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cry.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_mail.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_sad.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_unsure.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wink.gif