كەسىپ ئىگىلىرىگە چاقىرىق، قوللىشىڭلارغا مۇھتاجمىز

ئۇزۇندىن بىرى ۋەتەندىن نۇرغۇن ئىنى-سىڭىللىرىمنىڭ خەتلىرىنى تاپشۇرۇپ ئېلىۋاتىمەن، بەزى بالىلاردا نىمىنى ئوقۇش ئىنىق، بەزىلەردىن نىمە كەسىپتە ئوقۇش ھەم چەتتە نىمە كەسىپ ياخشى ئاقىدۇ دىگەندەك سۇئاللارنى تولا كۆرىمەن. كۆپىنچە ۋاقىتلاردا تولۇق جاۋاب بىرەلمەيمەن، ماڭىمۇ ھەممىدىن ئۆز كەسپىم بەكىرەك ئىنىق.

ھەممىمىز بىلىمىز، قىزىقىش بولمىسا بىر نەرسىنى داۋاملىق ئوقۇش كۆپ تەسكە توختايدۇ. كۆزىتىشىمدە ئۆز قىزىقىشى بويىچە ئوقۇغان بالىلار يەنىلا ئاز. بۇنىڭ بىر سەۋەبى كۆپىنچە ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا كەلگۈسى كەسپى ئىنىقسىز، كەسىپلەرگە بولغان چۈشەنچىسى بەكلا قاراڭغۇ. ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىمۇ خىلى بار بۇنداق ئىنىقسىزلىقلار، تاللىغان كەسپىدىن پۇشمان قىلغان ئوقۇغۇچىلارمۇ ئاز بولمايدۇ. چەتكە چىققاندىمۇ كەسىپ تاللاش سەۋەبلىك ئوقۇشىدىن قىينىلىپ قالىدۇ.

قىزىقىش تۇغۇلۇشىتىن بار بولمايدۇ، مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن يېتىلىدىغان ئىشكەن. گېرماندەك دۆلەتلەردە ئالىي مەكتەپ پروفىسسورلىرى يىلدا مەلۇم ۋاقىت چىقىرىپ ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە بىرىپ قىزىقارلىق تەجىربىلەرنى ئىشلەپ كەلگۈسىدە نىمىدە ئوقۇشنى بىلمىگەن بالىلارغا بىر كۆزنەك ئىچىپ بىرىپ كىلىدۇ. شۇ ئوقۇغۇچىلارمۇ چوڭ تەجىربىخانىلارغا، ئۇنىۋېرسىتېتلارغا كىلىپ زىيارەتلەرنى قىلىپ كىتىدۇ. شۇڭلاشقىمۇ كۆپىنچە نىمىس ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش مۇددىئاسى، قىزىقىشى ناھايتى ئىنىق.

بىزمۇ ئۆز ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا بالدۇر كۆزنەك ئىچىپ بىرىش، ئۇلارنى ئۆز كەلگۈسىنى بالدۇر پىلانلاشقا مۇۋەپپەق قىلىش ئۈچۈن كىچىك بولسىمۇ تۆۋەندىكىدەك ئىشلاردىن باشلىماقچىمىز:

1. ۋەزىپە:
ۋەتەندىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاش، ھەم ئۇلارنى كەسىپ تاللاشتا بالدۇر بىر تونۇشقا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، شۇنداقلا چەتكە چىقىپ ئوقۇشنى پىلان قىلغان بالىلارغىمۇ پايدىسى بولسۇن ئۈچۈن، بىر ئېلكىتاب تۈزۈشنى ئويلاشقان ئىدۇق. بۇنىڭ ئۈچۈن چەتئەلدە ھەر خىل كەسىپتە ئوقۇۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۆز كەسپىنى ئاممىباب زاغرا تىلدا چۈشەندۈرگەن، ھەم شۇ كەسپىنىڭ ھازىرقى تەرەققىيات ئەھۋالى، كەلگۈسى يۈزلىنىشى، ئەھمىيىتى، جەمئىيەتنىڭ شۇ كەسىپكە بولغان ئىھتىياجى قاتارلىق مەزمۇنلاردا قىسقىچە چۈشەندۈرۈش خاراكتېرلىق ماقالە يېزىپ بەرگەن بولسا، بىز ئۇنى ئېلكىتاب ھەم يانفونلاردا ئوقۇغىلى بولىدىغان ئەپ (app) قىلىپ ئىشلەپ تارقىتىشنى ئويلىشىۋاتىمىز، شۇنداقلا مەلۇم تور بەتلەرگىمۇ قويىمىز. ئېلكىتاب ھەقسىز بولىدۇ. ماقالە شەكلى: ماقالە تېمىسى، ئاپتور، ئاپتورنىڭ ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورگىنى، ماقالە مەزمۇنى.

ماقالىڭىزنى تۆۋەندىكى ئادرىسقا ئەۋەتىڭ:
barat.qurbanjan@gmail.com

پىكىر-تەكلىپلىرىڭلارنى قارشى ئالىمىز. بولسا بىر قوللاپ بەرگەن بولساڭلار! مىسال ئۈچۈن تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى كۆرۈپ باقساڭلار بولىدۇ:

http://achinuq.org/?p=236

ياكى

http://bbs.izdinix.com/ShowPost.aspx?ThreadID=52186

2. ۋەزىپە:

ئوتتۇرا، باشلانغۇچ، ئالىي مەكتەپلەردە ئىمكاننىڭ بارىچە سەييارە لېكسىيە سۆزلەش، قىزىقارلىق تەجىربىلەرنى ئىشلەش. ھەم لېكسىيەنى قوللايدىغان ئورۇنلاردا شۇ خىلدىكى ئېلمى لېكسىيەلەرنى قىلىش. بۇ يەردە ئاساسلىقى كەسىپ تاللاش، ھازىرقى مۇھىم كەسىپلەر، قانداق بىلىملەرنىڭ ھەممىدىن لازىم بولىدىغانلىقى قاتارلىقلار. نادىر پەننى كارتونلارنى، چۈشەندۈرۈش فىلىملىرىنىڭ ئۇيغۇرچە خەتلىكىنى ئىشلەش، ياكى شۇنداق فىلىم ئىشلەيدىغان قېرىنداشلىرىمىزغا پۇلىنى كىلىشىپ ئىشلىتىش.

3. ۋەزىپە:

ئىمكان يار بەرسە، مەلۇم كۈتۈپخانا ياكى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئورگانلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ تەجىربە كۆرسىتىش، مودېل ياساش، ئاددى تېخنىكىلارنى ئۆگىتىشنى ئاساس قىلغان ئەنجۈمەن قۇرۇش. ئەگەر شۇ خىلدىكى پائالىيەت سورۇنلىرى بولسا ئۇلارغا قوشۇلۇپ ئىشلەش. يېتەكلەش ئوبيېكتى ئاساسلىقى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بولىدۇ.

ئەڭ ئاساسى مەقسەت ئوقۇغۇچىلارغا قىزىقىش تۇرغۇزۇش، ئۇلارنىڭ قىزىقىشلىرى ئاساسىدا چوڭقۇرلاپ ئۆگىنىشى ئۈچۈن ياردەم قىلىش (ماتېريال، تېخنىكا، پۇل).

ھازىرچە 1-ۋەزىپىنى ئاساس قىلىمىز.

ئاخىرىدا ھەممىڭلارنىڭ نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەيمىز، يېڭى يىلىڭلار قۇتلۇق بولسۇن!

oghuzkb
20.03.2013
ئۇلم

بۇ يازما ئۇنىۋېرسال كاتېگورىيىسىگە يوللانغان. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈشلىۋېلىڭ.

كەسىپ ئىگىلىرىگە چاقىرىق، قوللىشىڭلارغا مۇھتاجمىز ئۈچۈن 12 ئىنكاس بار

  1. بىلنۇر مۇنداق يازغان:

    نورۇز بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن !ناھايىتىمۇ ئەھمىيەتلىك بىر ئىشقا تۇتۇش قىپسىز ، بىز ۋەتەندىكى قېرىنداشلارمۇ كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە قوللايمىز.

  2. بەگمۇراد مۇنداق يازغان:

    بۇ تىمىنى بەك ياخشى يىزىپسىز ، مەن لىنۇكىس سىسىتىمىلېرىدىن ئۇيغۇرئىكىسنى تەشۋىق قىلىپ باقايمۇ يا دەپ ئويلاپ، بىر ئۈندىدار تۇپى قۇردۇم ئەمما باشقىلارنىڭ قىزغىنلىق يوق.

    • ئاچىنۇق مۇنداق يازغان:

      ئىشلەتكۈچىلەر كۆپەيگەنسىرى تەسىرىمۇ كۈچىيىدۇ. ھازىر تەشۋىق قىلۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز خىلى بار. ئالدىرماي قەدەمنى چىڭ ئىلىپ ماڭساق، ھامان بىر نەتىجىسىنى كۆرىمىز. ياپوندىكى غەيرەت توختى ئاكىمىز باش بولۇپ تەرجىمىچىلىكتە خىلى كۆپ مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلدى، لېكىن يەنىلا كۆپ پىدائىيلارغا مۇھتاج تەرجىمە قىلىشتا :)

  3. بەگمۇراد مۇنداق يازغان:

    تىخىمۇ كۆپ كىشىلەر ئۇبۇنتۇنى ئشلىتىش ئۇمۇملىشارمۇ مەسلەن قوش سىستىما قىلىپ ئىشلىتىش دىگەندەك، ئالما كومپىيۇتىر ئىىلشەتكۈچىلەرمۇ شۇنداق قىلىدىكەنغۇ بىر مەزگىل ئىشلەتكەندىن كىيىن كۈنەلمەي win7 بىلەن قوش سىستىما قىلىپ ئىشلىتىدىكەن.

    • ئاچىنۇق مۇنداق يازغان:

      كۆپىنچە كىشىلەر شۇنداق قىلىدۇ، بولۇپمۇ يىڭى باشلىغاندا شۇنداق قىلغان ياخشى. ھەر سېستىمىنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ئالاھىدىلىكى بار.

  4. سەبىرقادىر مۇنداق يازغان:

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم ، بالىلارنىڭ غېمىنى قىلىپ ئۇيۇشتۇرۇۋاتقان بۇ پائالىيەتنى قوللايمەن . قىزىقىش ۋە يول تاللاش ھەققىدە شەخسەن يەكۈنلىگەن كۆزقاراشلىرىم بار ئىدى ، مۇشۇ پۇرسەتتە يېزىپ ئەۋەتىشنى كۆڭلۈمگە پۈكۈۋاتىمەن .
    ئۇندىن باشقا ياسىماقچى بولغان كىتاپچىنى ئۈلگۈرۈش ئەھۋالى بۇيىچە قىسىملارغا بۈلۈپ تەييەرلاش زۈرۈرمۇ قانداق ؟ توپلانغانلىرىنى ئامالنىڭ بارىچە كىتاپخانلارنىڭ ئوقۇشىغا ۋاختىدا سۇنۇشنى ئۈنۈملۈك ئۇسۇل دەپ قارايمەن . توپلامغا تەييارلاش ئىشلىرىدا ئادەم كۈچى كېرەك بولسا مەن جان-پىدالىق بىلەن قاتنىشىمەن .
    بۇ تۇلىمۇ مۇھىم بىر تىما بوپتۇ . مۇشۇ پىكىرنى قوللايدىغان قېرىنداشلارنىڭ كۈچىنى ئايىماسلىقىغا تىلەكداشمەن .
    ھەممىمىزدە بىرلا غەم – بالىلارنىڭ غېمى . بىز بالىلار ئۈچۈن ياشاۋاتىمىز …

    • ئاچىنۇق مۇنداق يازغان:

      ۋائەلەيكۇم ئەسسالام! قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت، ھازىرچە بىرەر ماقالە كەلمىدى. قولۇم بوشىغاندا قايتىدىن بىر سۈيلەپ چىقىمەن!

  5. سەبىرقادىر مۇنداق يازغان:

    بۇ يازما ئۇبۇنتۇ ئاساسىدا ئۆزلەشتۈرۈلگەن ئۇيغۇرئىكىس مەشغۇلات سېستىمىسىنى تۇنۇشتۇرۇپ كىلىۋاتقان
    http://www.qutgeg.com غا خاس مەزمۇندا تەييارلانغان . تورداشلارنىڭ بەھىرلىنىشى ئۈچۈن بۇ يەرگىمۇ
    چاپلاپ قويدۇم .
    توغرا -خاتانى كۆرسىتىپ قويغايسىزلەر …

    ئۇيغۇرئىكىسنى بىلگەندىن – ھازىرغىچە ئۈستىلىمگە تىزلەتمە قۇرۇۋېلىشنى ئويلاپ باققىنىم ئىسىمدە يوق ، تېخى ئەسلىدىكى سىنبەلگۈلەرنىمۇ بىر قىسقۇچقا قىسىپ قۇيىمەن . نىمشقا دىگەندە مىنىڭ قىلىدىغان ئىشىم ئىنىق ، پەقەت مائۇسىمنى ئىكرانىمنىڭ ئوڭ يېنىغا يېقىنلاتساملا ، ماڭا دائىم لازىم بۇلىدىغان نەرسىلەر بار ، ئۈسىتىم كۇپبۇشلۇق ئۈنىمىدە تەڭشەلگەن ، ئىنتايىن چىرايلىق رەسىم چاپلانغان .
    قارشى ئېلىش سۆزلىرى بار ، ئويلاپ باقسام مەن كومپىيۇتىرنى ئويۇنچۇق قاتارىدا
    ھىس قىلىپ باقماپتىمەن ، مەن كومپىيۇتىرنى ئېچىشتىن ئاۋال ، مەن ئۇ يەردە نىمىش قىلىمەن دىگەن مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋالىمەن ، ئاندىن پىلان بۇيىچە ئىشىمنى باشلايمەن ، شۇنداق قىلمىسام ئالەم كىچە بۇلىدۇ ، ئىشىم تۈگىمەيدۇ ، راسىتمنى دىسەم ، ئۇبۇنتۇ سېستىما رايۇنىدىكى ساندۇقلارنىڭ نىمىگە ئىشلىتىلىدىغانلىقىنىمۇ بىلىش زۈرىرىيىتگە ئۇچرىماپتىمەن ، نىمە لازىم بولسا ، ئىزدەيدىغان يەرگە ئىسمىنى يازسا تېپىپ بىرىدىكەن ، بۇ سېستىما ۋاقىتنى تىجەيدۇ ، دىققەتنى چاچمايدۇ ، بەك قۇلايلىق ، بۇلۇپمۇ تور كۆرگۈچ پىرۇگراممىلارنى ياخشى باشقۇرۇپ بىرىدۇ ، ئىنتايىن تىنىچ ، كۈنۈۋالسىڭىزلا ھەممىنى ئايرىيالايسىز …سىزگە چۇقۇم ماس كىلىدۇ ئۇيغۇرۇم …خەيىر ، ۋاقىت ھەممىدىن قىممەت ، چۈنكى ۋاقىت يۇقالسىلا بار بولمايدۇ ،چۈنكى ۋاقىت جىسىم ئەمەس تۇتقىلىمۇ بولمايدۇ ، كىلىدۇ – كىتىدۇ -كەلمەيدۇ .
    ئۇ بەلكىم شۇنىڭ ئۈچۈن قىممەتمىكىن . لېكىن ۋاقىت شۇنداق نەرسىكەنكى ئۇنىڭغا باھانى ھەركىم خالاپ بىرەلەيدىكەن . شۇنىڭغا سەل قارىمايلىكى ، بىز ئىشنى تىز تاماملاپ ، ئارام ئېلىشقا مۇھتاج ، بىزنىڭ پەدىنىمىز قانچە ساغلام بولسا ۋاقىتتىن شۇنچە كۆپ بەھىرلىنەلەيمىز .ۋاقىت بىلەن ئەقىلنىڭ ماس كىلىشى تەرەققى قىلغانغا باراۋەر .دىمەك ۋاقىت راستىنلا قىممەت ، ئۇ بىزگە ئۇخلىغاندىمۇ لازىم بۇلىدۇ ، ئادەم چۈش كۆرگەندىمۇ ئەقىلنىڭ كونتىرولىقىدا بولىدۇ .لېكىن ۋاقىتقا مۇھتاج ،ۋاقىت زادى نىمىدۇ ؟
    يازمام شىئىرغا ئوخشاپ قالدى ، گەپكە كەلسەم ، كومپىيۇتىردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى خالىغۇچى ئۇيغۇر ئۈچۈن ئۇبۇنتۇ ئەڭ ياخشى تاللاشتۇر ، كومپىيۇتېر ئۇيۇنچۇق ئەمەس ، ئۇ بىزگە مەنپەئەت بىرەلىشى كېرەك .بىزگە زىيان سالماسلىقى كېرەك . لېكىن بىزنىڭ شۇنداق تاللاش ھۇقۇقىمىز باركى ، ئەڭ ياخشى مۇھىتنى تېپىش .بۇ مۇھىت مىنىڭچە ئۇيغۇرئىكىس ئۇبۇنتۇ بوپ قالغۇسى ، ئۇيغۇرئىكىس بالىلارغا ئانىمىزنىڭ تىلىنىڭ قىممىتىنى ئۇلايدىغان ئاچقۇچ بولغۇسى . بەلكىم …
    مۇشۇ توغرىدۇر…ئۇيغۇرئىكىسنى بىر سىناپ كۈرۈڭ ، ئەگەر سىز يازغۇچى بولسىڭىز . رەسسام بولسىڭىزمۇ ۋە ياكى ئارتىس ، ئۇقۇغۇچى – مۇئەللىم بولۇڭ ، ياكى باشلىق دۆلەت كادىرى ، تەپەككۇرىڭىزنى ساقلاش ئۈچۈن ئۇبۇنتۇنى تاللاڭ . سىزمۇ چۇقۇم كۈنۈپ قالىسىز ، لېكىن ئۇيۇنغا ئەمەس …
    خەيىرلىك ھايات ، ئارام ئالاي .
    2013 -يىل سەپەر ئېيىنىڭ 19 -كۈنى ، كىچە .

    ھەممىمىز بىر ئىشلارنى قىلىۋاتىمىز ، بىر مەقسەتكە يەتمەكچى ، ئەشۇ مەقسەتكە يىتىش ئۈچۈن تىرىشىشىمىز مۇمكىن .ئەڭ توغرا ، ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلنى تاللاپ ، ئەڭ تىز ۋاقىتتا ئىرىشىش توغرىمۇ ؟ بىز كۈپىنچە ، ۋاقىتىنىڭ مۇھتاج قىلىشىغا ئۇچرايمىز ، ئۇنىڭغا بولغان مۇھتاجلىقنى ئازلىتىش ئۈچۈن ئەڭ توغرا تاللاش بۇلىشى كېرەك .ياخشى تۇرمۇش ئۈچۈن پۇل كېرەك بولىدۇ . پۇل بولسا باشقىلاردا بار ياخشى نەرسە بىزدىمۇ بار بولىدۇ . پۇلنى قانچە تىز ، قانچە كۆپ تېپىپ ، ياخشى ئىشلارنى ئەڭ كۆپ قىلالىغان ئادەم ھەقىقى ئادەممىكىن دەيمەن ، ئەلۋەتتە خاتادىن خالى ھالدا …
    باشقىلارنىڭ يۈز قەۋەتلىك بىناسى بولسا ، بىزنىڭ قاچان بار بولىدۇ ، ياكى بىزنىڭ ئۇنداق بىنالارغا خۇشىمىز يوقمۇ ، ماشىنىچۇ ، ياخشى يىمەكلىك ، ياخشى ئىستىمالچۇ …..ئەتراپىمىزدىكى تىلەمچىك قىلىۋاتقانلار كىملەر ،ئۇلارنىڭ باشقا تاللىشى يوقمۇ ، ئۇلارنىڭ شۇ ھالىتى ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ روھىيىتىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ ، بىز ئۇنداق يامان كۈن كۈرىۋاتقان كىشىلەرنىڭ بولماسلىقىنى ئۈمىد قىلمىدۇقمۇ ؟ بىز تىلەمچىلەرگە پۇل بەرگىلى بەك ئامراقمۇ ؟ بۇ بىر ئامالسىزلىق دەپ تۇرايلى ، ئەمىلىيەتتە بىز پۇل بەرگەن تىلەمچىنىڭ كېيىنكى قېتىمدا ئالدىمىزغا ئۇچراپ تۇرىشىنى ئۈمىد قىلمايمىز . بۇنداق ھالەت بىزگە ياخشى
    كەيپىيات بەخىش ئەتمەيدۇ .پۇلنىڭ مۇھتاجلىقىدىن قۇتۇلۇشقا توغرا كەپ قالىدىكەن .قانداق قىلاي ، پۇل بولمىسا تېخىمۇ بولمايدىغان ئوخشايدۇ …
    ھازىرقى كىرىمىم بىلەن بولغاندا ، مىنىڭ بۇ ئۆمرۈمدە ياخشى ئۆيۈم بۇلىشى ناتايىن .
    شۇڭا مەن ۋاقىتنىڭ مۇھتاجلىقىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ، ئەڭ توغرا ئۇسۇلنى تاللىشىم كېرەك .قانداق ئۇسۇل ئاڭ توغرا ، ئەڭ تىز پۇل تېپىشقا پايدىلىق بولسا ،شۇ ئۇسۇلنى ئىشلىتىش كېرەك .مەيلى نىمە ئىش قىلىڭ ، ئۈنىمىگە ئىرىشىڭ .بىز بۇ ئالەمدىكى نۇقۇل ھەركەتچان نەرسىلا ئەمەس …بىز قۇلىمىزدىن قانچىلىك كەلسە شۇنچىلىك ياراتساق بۇلىۋىرىدۇ .ئىنسانلارنىڭ ئورتاق بەخىتلىك تۇرمۇش كۈچۈرىشىنى
    ئويلايدىغان بەندىلەر ، ئۇزى قىلغان ھەر بىر ئىشنىڭ ھىساۋاتى بۇلىدىغىنىغا ئىشىنىدىغان كىشىلەر كىملەر …پۇلنى ياخشى ئىشلىتىش ئۈچۈن تېپىۋاتامسىلەر …
    ۋاقىتنى قانچە كۆپ ئىشلىتەلىسەك ، ئۈنۈم يارىتالىساق ئادەملىكىمىزنىڭ شۇنچە كۆپ مەنىسى بۇلىدۇ . بىرىلگەن ۋاقىتنى ئەڭ كۆپ نەرسىلەرنى يارىتىپ ،ئەڭ كۆپ ئىنسانلارغا ياخشى كۈن قالدۇرىغان ئادەملەر ياخشى ئادەملەر ئەمەسما …
    بۇ يەردە مۇنداق بىر=فورمىلا چىقىدىكەن :
    نوختا – -يول – -ئۇسۇل—ۋاقىت–مەبلەغ–نىشان .

    بۇ فورمىلىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىپادە بولغان ۋاقىت ھەممىنى بەلگۈلەيدۇ. چۈنكى بىزنىڭ ۋاقىت يارىتىدىغان قۇدرىتىمىز يوق .شۇڭا بىزنى ئۇنى ئىسراپ قىلماسلىقىمىز كېرەكتۇر …

    ئۇيغۇر شائىرى لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ۋاقىت ھەققىدىكى مۇنۇ شىئېرىنى بىر ئەسلەپ باقاي ، نىمە دەيدىكىن …

    يىللارغا جاۋاپ
    لۇتپۇللا مۇتەللىپ
    ۋاقىت ئالدىراڭغۇ ساقلاپ تۇرمايدۇ،
    يىللار ۋاقىتنىڭ ئەڭ چوڭ يورغىسى.
    ئاققان سۇلار، ئاتقان تاڭلار قايتىلانمايدۇ،
    يورغا يىللار ئۆمۈرنىڭ يامان ئوغرىسى.

    ئوغرىلاپلا قاچىدۇ ئارقىغا يانماي،
    بىر-بىرىنى قوغلىشىپ، يورغىلىشىپ.
    ياشلىق بېغىدا بۇلبۇللار قانات قاقماي،
    يوپۇرماقلار قۇيۇلىدۇ پورلىشىپ.

    ياشلىق ئادەمنىڭ زىلۋا بىر چېغى،
    تولىمۇ قىسقا ئۇنىڭ ئۆمرى بىراق،
    يىرتىلسا كالىندارنىڭ بىر ۋارىقى،
    ياشلىق گۈلىدىن تۆكۈلىدۇ بىر تال يۇپۇرماق.

    يىللار شامىلى يەلپۈنىدۇ، ئىزلار كۆمۈلىدۇ،
    يوپۇرماقسىز دەرەخ بىچارە-بولىدۇ قاخشال.
    يىللار سېخى قۇرۇق كەلمەيدۇ ئەكىلىپ بېرىدۇ،
    قىزلارغا قورۇق، ئەرلەرگە ساقال.

    بىراق يىللارنى تىللاش توغرا كەلمەيدۇ،
    مەيلى ئۆتىۋەرسۇن، ئۆزىنىڭ يولى.
    ئادەملەرمۇ ۋاقىتنى قولدىن بەرمەيدۇ،
    چۆللەرنى بوستان قىلغان ئادەملەر قولى.

    يىللارنىڭ قوينى كەڭ، پۇرسىتى نۇرغۇن،
    تاغدەك ئىشلار يىللار بىلەن ئۆرە تۇرىدۇ.
    قاراب باق ئاخشامقى بوۋاق كىچىككىنە تۇرسۇن،
    تۈنۈگۈن ئۆمىلەپ، ھە… بۈگۈن مېڭىپ يۈرىدۇ.

    كۆرەشچان بالىلار قوغلىشىپ يىللار،
    كۆرەش نەۋرىلىرىنى چوقۇم تاپىدۇ.
    ئاخشام بەخىت ئۈچۈن قۇربان بولغانلار،
    قەبرىسىنى يادلاپ گۈللەر ياپىدۇ.

    مەيلى ساقال سوۋغا قىلسا قىلسۇن يىللار،
    مەنمۇ تاۋلىنىمەن يىللار قوينىدا.
    ئىجادىم شېئىرىمنىڭ ئىز تامغىسى بار،
    ئالدىمدىن قېچىپ ئۆتكەن ھەر يىل بوينىدا
    قېرىماسمەن كۆرەشنىڭ كەسكىن چېغىدا،
    شېئىرىم يۇلتۇز بولۇپ يانار ئالدىمدا.

    ئۆلۈم پەستە قېلىش كۆرەشنىڭ داۋانلىق تېغىدا،
    چىدام غەيرەتنىڭ يەڭگىنى ھەريان يادىمدا.
    ئېسىلارمەن مىلتىق ئېتىپ تاۋلانغان قولغا،
    يېپىشارمەن بايراق بىلەن ئالغا ئاتلىغان يولغا.

    كۈرەش باياۋانىدا ھارماسمەن ئەسلا،
    كۈرەش بىلەن كىلىپ چىقىمىز كەڭ غالىب يولغا.
    يىللار مەيدەڭنى تۇتۇپ قاقاقلاپ كۈلمە،
    ئالدىڭدا قىزىرىشتىن ئارتۇق كۆرىمەن ئۆلۈمنى.
    قېرىتىمەن دەپ ئارتۇق كۆڭۈل بۆلمە،
    ئاخىرقى جەڭگە ئاتاپ قۇيارمەن ئوغلۇمنى.

    يىللار دېڭىزى دولقۇنلۇق بولساڭمۇ،
    ئۇپقۇنلىرىڭنى يارىدۇ بىزنىڭ كاراپ.
    يىلنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قورقىتىپ باقساڭمۇ،
    ئىجاد يىللارنى قېرىتىدۇ دەپ بېرىمىز جاۋاب

    يادقا ئازراق بىلىدىكەنمەن ، تەپسىلى بىر ئۇقۇپ چىقاي ئۇنىمە دەپتۇ ،
    ئەگەر شۇ شائىرىمىز بۈگۈنكى كۈندە ياشاۋاتقان بولسا قانداق قىلار ئىدى ؟
    ئۇيغۇرئىكىس ئۇبۇنتۇنى تاللىماي قېلىشى مۇمكىنمۇ …
    مەن سىنى ياخشى بولغانلىقىڭ ئۈچۈنلا ئىشلىتىۋاتىمەن ، ھەرگىزمۇ خاتا تاللىۋالمىدىم ….. باشقىلارمۇ ھامان سىنى تاللايدۇ … چۈنكى سەن ياخشى …

    ۋاقىتنى قەدىرلەي ، ئۈزۈمنى قەدىرلەي دىسىڭىز ئۇيغۇرئىكىسنى تەۋىسسىيە قىلىمەن . ئۇيغۇرئىكىس ئۇبۇنتۇ ياخشى …

    يېزىلغان ۋاقىت : 2013 – يىل 18 – ئىيۇن

  6. سەبىرقادىر مۇنداق يازغان:

    ئۇيغۇرئىكىس ياكى ئۇبۇنتۇنى ئىشلىتىۋاتقىنىمغا يېرىم يىلدىن ئېشىپ قاپتۇ ،بۈگۈن ئۈزەمنىڭ ھازىرقى بىلىشىم بۇيىچە قانچىلىك ئىشلىتەلىگىنىمنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىپ باقاي دەيمەن ، ھىس قىلىشىمچە مەن خېلى تىز ئۈگنىۋالغاندەك قىلىمەن ، چۈنكى ۋىندوۋىسنى ئىشلەتكەن ئون نەچچە يىلدا مەندە كومپىيۇتىرغا نىسبەتەن بۇنچىلىك قىزغىنلىق ، بۇنچىلىك چۈشەنچە پەيدا بولمىغان ھەمدە كومپىيۇتېر توغرىسىدا بىرەر يازمىنىمۇ يازالمايتتىم .دىمەك مەن ئۇيغۇرئىكىسنىڭ پايدىسىنى كۆرگەن ئوخشايمەن ،

    ۋىندوۋىسنى قانداق ئۈگەنگىنىم ئىسىمدىن مەڭگۈ چىقمايدۇ ، خەڭسۇچىنى ئازراق بىلگەچكە ھەرھالدا جاپادا بولسىمۇ ئىشلىتىپ يۈرگەن ئىدىم .ئىككى يىل بۇلاي دەپتۇ ، تور ئارىلاۋېتىپ ، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر ئۇقۇغۇچىلارنىڭ تور بېتىدىن لىنۇكىس
    سېستىمىسىنى ئىشلىتىش تەشەببۇسىنى كۆرۈپ بۇ قانداق سېستىمىدۇ ، نىمە ئەۋزەللىكى باردۇ – دەپ ، قىزىلبايراق كومپىيۇتېر بازىرىدىن قاچىلاش دىسكىسىنى ئىزلىدىم . ‹خۇڭماۋزى ›دىگەن بىر سېستىما دىسكىسىنى تاپتىم ۋە قاچىلىدىم ، نەچچە كۈندىن كېيىن ، ئۇبۇنتۇنى توردىن چۈشۈردۈم ، ئۇيغۇرچىنى ugubuntu.com دىن ئۈگىنىپ قاچىلىدىم ، ئۇچاغدا ئۈيۈمدە تور يوق ئىدى. يانفۇنۇمنى ئۇبۇنتۇغا ئۇلىساملا تورغا چىقالىغىنىمدىن بەك خۇشال بوپ كەتكەن ئىدىم . ئارىدا بىرمەزگىل باشقا ئىشىم چىقىپ قېلىپ ، كومپىيۇتېردىن ئايرىلىپ قالدىم . مۇشۇ يىلنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ بۈگۈنگىچە قەدەر يېرىم يىلچە ۋاقىتتا ، خېلى كۆپ بىلىشلەرگە ئىگە بولىۋالغاندەك تۇيغۇغا كىلۋاتىمەن .

    تۈۋەندە تورداشلارغا كومپىيۇتىرىمنىڭ تەپسىلاتىنى بايان قىلاي ، يەنە نىمە ئىشىم چالا قاپتۇ ، مەسلىھەت بەرسەڭلار .

    مەندە ئىككى كومپىيۇتېر بار ، بىرسى ئۈستەل كومپىيۇتىرى ، دەسلەپكى ھالىتى 200 سومغا توختىغان .يەنە بىرى خاتىرە كومپىيۇتېر 650 سومغا ئالدىم .
    ئۈستەل كومپىيۇتىرىم ئائىلەمدىكىلەر ئۈچۈن تېلۋىزورنىڭ ئورنىنى ئېلىۋاتىدۇ .
    ئالتە ياشلىق بالاممۇ خالىغان فىلىملەرنى كۈرەلەيدۇ .تۈركىيەنىڭ تەرجىمە قىلىنىپ ئۈلگۈرمەيۋاتقان فىلىملىرىنى تەرجىمە قىلىنماستىن كۈرۈۋالىمىز . ئۇيغۇرچە تېلۋىزور پىرۇگراممىلىرىنىمۇ شۇنداق قۇلاي كۈرەلەيمىز .ئادەتتە مەن گۇگىلنىڭ كروم تور كۆرگۈسىنى ئىشلىتمەن . توركۆرگۈنى ئىلخەت تىزىمىمغا تىزىملىۋالغان. دائىم ئىشلىتىدىغان ئۇلانمىلار توركۆرگۈ كۆزنىگىمنىڭ ئۈستىدە كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ . ئۈزەمگە مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئۇلانمىنى ماس كىلىدىغان تۈرى بۇيىچە ساقلاپ قۇيىمەن . مۇشۇ كومپىيۇتىرىمدىكى توركۆرگۈنىڭ ھالەتلىرى خاتىرە كومپىيۇتىرىمدا ھەم باشقا كومپىيۇتىرلاردىمۇ ئوخشاش ئىشلەيدىكەن. يەنى ، كروم توركۆرگۈنى ئېچىپ ، بار بولغان تىزىملىكىمدە تىزىمغا كىرسەملا بولىدىكەن .
    توركۆرگۈچىمنىڭ ئۇلانمىلار رايۇنىدا بىرنەچچە خىل لۇغەت ، چ چ ، ئۈندىدار ، بۇلۇت بوشلۇق ، ئىملا تەكشۈرگۈچ … ۋە دائىملىق پايدىلىندىغان ئۇلىنشلار بار .
    گۇگىلنىڭ ئىزدەش كۆزنىگىدىن ئۇيغۇرچە مەزمۇنلارنى ئاسانلا تېپىۋالىمەن . خەتلەر ئۆلچەملىك . ئۇيغۇرئىكىسنىڭ ئۈزىدىكى خەت – ئالاقە قۇرالىدىن پايدىلىنىپ ، چ چ ۋە ئىلخەتلىرىمنى ئىشلىتەلەيمەن . چ چ دا ئۇيغۇرچە خەت ماڭمىغانلىق سەۋىۋىدىن
    ھازىر باشقىچە ئۇسۇلنى ئىزدەۋاتىمەن . ئىلخەتلىرىم ئۇيغۇرچە بىلەن ئۇبدان چىقىشىپ قالدى .
    ئۇيغۇرئىكىستىن پايدىلىنىپ ، دوستلىرىمنىڭ خاتىرە سۈرەتلىرىنى سىنغا ئايلاندۇرۇپ ئەۋەتكەن ئىدىم ، بەك خۇشال بولۇشتى .
    ئۇيغۇرئىكىسنىڭ يېزىق بىرتەرەپ قىلىدىغان قۇرالى ۋىندوۋىسنىڭكىدىنمۇ ياخشى ئىشلەيدىكەن .تۇلۇقلىغىلى بولىدىغان قىستۇرمىلىرىمۇ كۆپكەن ھەم تىلى ئۇيغۇرچە بولغاچقا بەك قۇلايلىق بىلىنىۋاتىدۇ .
    بەزىدە بالام ئۈچۈن ئۇيۇنلارنىمۇ ئوينىشىپ بىرىمەن . ئۇيۇن دىگەنمۇ يەتكۈچە كۆپكەن.
    3D ئۈنىمىنى قوزغىتىۋالدىم ، كومپىيۇتىرىمنىڭ قاتتىق دىتاللىرى ياخشى بولمىسىمۇ ، سۈرئىتى ئاستا كەپمۇ قالمىدى .نەچچە مىڭ سوملۇق كومپىيۇتىرىم بولغان بولسا
    قانچە ياخشى ئىشلەر بولغىيتتى .
    لازىملىق پىرۇگراممىلارنى سېستىمىنىڭ ئۈزىدىكى يۇمشاق دىتال مەرگىزىدىن ئاسانلا قاچىلىغىلى ھەم ئىشلەتكىمىز كەلمىسە ئۈچۈرگىلى بولىدۇ . تىپ -تىنىچ تاماملىنىدۇ . بۇ يەردە بولمىغاننى توردىن ئىزدەپ ، تەييار بۇيرۇق جۈملىسىنى تېرمىنالغا كۈچۈرپ
    چاپلىساملا ئىش تامام ياكى deb ھۆججىتىنى چۈشۈرۈپ قاچىلايمەن . بىر مىنۇتمۇ ۋاقىت كەتمەيدۇ . تىز چۈشىدۇ – تىز قاچىلىنىدۇ .
    باشقىلارغا سېستىما قاچىلىتىمەن ، سېستىمامنى ئوڭشىتىمەن دەپ يۈرىدىغان ۋاقىتلىرىم كەتكەن ئوخشايدۇ . تېخى باشقىلارغا سېستىما قاچىلاپ بىرەلەيدىغان
    بوپ قاپتىمەن .مەنغۇ ئەقىللىق ئەمەس ، مۇھىمى ئۇيغۇرئىكىسنىڭ ئۇيغۇرچە بولغىنى ماڭا شۇنداق پايدا يەتكۈزدى . بىرەر تاللاشنى خاتا بېسىپ قۇيۇپ ، كومپىيۇتىرنى بۇزۇپ قۇيارمەنمۇ دىگەن ئەندىشىدىن قۇتۇلدۇم . شۇنى ئىتىراپ قىلدىمكى ، دەسلەپكى كومپىيۇتىرنى ئۇيغۇرلار ياساپ چىققان بولسىمۇ ئوخشاشلا بولىدىكەندۇق . شۇنداق بوپ قالغان بولسا ، بىزمۇ باشقىلارنى ئۇيغۇرچىنى ئۈگىنىشكە مەجبۇر قىلىدىغان ھىلە – مىكىرلەرنى ئىشلىتەرمىدۇق .

    كومپىيۇتىر مەن ئۈچۈن دەرىسخانا بوپ قالدى ، ماڭا دىپلوم كېرەك ئەمەس ، لېكىن ئىھتىياجىم چۈشكەننى ئۈگىنىۋىرىمەن . باشقىلارغا خۇشامەت قىلىپ ياكى ھارام مال بىرىپ خىزمەت ئىزدەيمەن دەيدىغان غېمىم يوق . يوللىرىمدا تۇسالغۇلار كۆپ بولسىمۇ ، يۇچۇقلار يەنە بار – خېلى نۇرغۇن . توغرا يول – ھەقىقەت ھامان غالىپ كىلىدۇ .كىچىككەن بولساممۇ ئۈگىنىشنى قايتىدىن باشلىۋالغىنىمدىن كۆڭلۈم خۇشال .
    ئەزىز قەلىبداشلار ، سىلەر بالىلارغا نەسىھەت قىلىشنى ئۇنۇتماڭلار ، ئۈگىنىشنى چىڭ تۇتقاي ، كىچىككەن ئىشتىن ياخشى نەتىجە چىقىشى قىيىن . ئۈگەنسۇن ، دۇنيادىكى ئۈزىگە لازىم بولغان ھەرقانداق تىلنى ئۈگەنسۇن . ئۈگىنىشنىڭ بىر شەرتى بولسۇنكى ، ئەڭ مۇھىم بولغاننى ، ئەڭ ئەسقاتىدىغاننى چىڭ تۇتۇپ ئۈگەنسۇن .
    شۇنداق بىر گەپنى دىگۈم كەلدى ، تىل بىلەن بىلىمنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا پەرىقلەندۈرۈشىمىز كېرەك . باشقىلارنىڭ تىلىنى بىلىش – ئۇلارنىڭ بىلىمىنى بىلگەنگە باراۋەر ئەمەس . بىلىمنى بىلىۋېلىش ئۈچۈن ، بىلگۈچىنىڭ تىلىنى ئۈگىنىمىز ، ياكى بىلگۈچى بىزنىڭ تىلىمىزنى ئۈگىنىپ ، بىلىمىنى بىزگە ئۈگىتىدۇ .
    قانداقتۇر ھەممە نەرسىلەرنىڭ ئىسمى ۋە ئىزاھلىرىنى ئۈزىنىڭ تىلىدا خاتىرلەپ ،
    بىلەلىسەڭ پايدىلان دىگۈچىلەر نۇرغۇن پايدىدىن ، ياخشى نەتىجىلەردىن مەھرۇم قالغۇسى . بىز باشقىچە تېخىمۇ توغرىراق يول تۇتالايمىز . تەپەككۇر قىلايلى ،
    بىرنىيەتتە ئىگىلىك يارىتايلى ، ئۈزىمىزنىڭ پۇلىمىزنى ئۈزىمىز خەجلەيلى .
    خەقكىمۇ ئۈزىنىڭكىنى خەجلەشنىڭ دۇرۇسلىقىنى ئۈگىتەيلى .
    ئاخىرىدا خۇلاسەم ، كومپىيۇتىر ھەقىقى دەرىسخانا ، ئىنتېرنىت ئاقىل مۇئەللىم ، دىپلوم ئۆزىمىزنىڭ قۇلىدا . قورىقمايلى ، ئۇيغۇرئىكىس ئۇبۇنتۇ ھەممىمىزگە قۇلايلىق ئېلىپ كەلگۈسى . ئۈزىمىزدىن باشلاپ بالىلارغىچە تىرىشايلى .
    ۋىندوۋىسمۇ ياخشى . ئىككى نەرسە بولۇپ ، بىرسىنى تاللا دىسە ئەڭ ياخشىسىنى تاللاش كىرەك ، تاللاپ بولالمىغاندا ھەرئىككىلىسىنى تاللاش كېرەك ، ھامان بىرسى ماس كىلىدۇ . مەن ھەم شۇنداق قىلىۋاتىمەن . كومپىيۇتېرنىڭ ئالدىدىكى مەشغۇلاتىمنىڭ ئەڭ مۇھىم قىسمىنى ئۇيغۇرئىكىس ئۇبۇنتۇدا مۇۋاپپىقىيەتلىك ئورۇنداپ كىلىۋاتىمەن .
    باشقىلار ئون يىللار بۇرۇن ئىشلىتىپ ، تۇرمۇش سەۋىيىسىگە ماس كەلمىگەچ بىزلەرگە تاشلاپ بەرگەن بۇ نەرسە نىمكەش بولسىمۇ شەك يوق . بىزنىڭ ھاجىتىمىزدىن چىقالىدى . كەلگۈسىدە بىزنىڭمۇ ‹ ئىزتاپ › ماركىلىق كومپىيۇتىرىمىز ئۈيىمىزگە ئۇيغۇرچە سالاملار بىلەن كىرگۈسى . ئۈيىمىزنى كاشىلا قىلىپ تۇرىۋاتقان ئەسكى دىلبۇزۇرنىڭمۇ ئۆمرى ئۈتەي دىدى . بىزمۇ دەۋىرگە يىتىۋالىمىز .

    ئۇبۇنتۇ توغرۇلۇق دىيىشكە تىگىشلىك سۆزلىرىم تۈگەيدىغاندەك ئەمەس ،
    نىمىشقا شۇنداق كۆپ سۆزلەپ كىتىشىمنىڭ سەۋىۋىنى قەلىبداشلار چۈشىنىۋاتقاندۇ . ياخشى كۆرسەتمىلىرىڭلارغا تەقەززا بۇلۇپ يازمامنى بۈگۈن مۇشۇ يەردە توختىتاي .
    خەيىر ، سالاملىشىپ تۇرايلى .

    2013/6/21

  7. ئۆزلۈك مۇنداق يازغان:

    ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئىشقا تۇتۇش قىلىپسىز، ھەقىقەتەنمۇ بىر ئادەمنىڭ بىلىش دائىرىسى چەكلىك بولغاچقا. كەسىپكە نىسبەتەن شۇ كەسىپنى ئوقۇغان ئادەمنىڭ چۈشەنچىسى چوڭقۇرراق بولىدۇ. مەنمۇ بىر يىلنىڭ ئالدىدا كىتابخانا ئېچىش ئىشلىرى بىلەن نۇرغۇن بالىلارنىڭ سۇئاللىرىغا دۇچ كەلدىم. ھەقىقەتەنمۇ نۇرغۇن بالىلاردا قايسى كەسىپتە ئوقۇش، ئۆزىنىڭ قىزىقىشىنى قايسى جەھەتلەردىن بايقاش قاتارلىقلار كەمچىل. مۇشۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش مەقسىتىدە مەنمۇ سىتودىنتلار تۇرمۇشىنى ئاساس قىلىپ بىر مۇنبەر ئاچقان، لېكىن ئارىلىقتا ۋاقىت چىقىرالماي، تېمىلارنى يېڭىلاپ تۇرۇشقا ۋە كەسىپ ئەھلىلىرى بىلەن ئۇچرىشىشقا ئىمكانىيەت بولمىدى، شۇڭا سىزدىن سوراپ بېقىشنى لايىق تاپتىم. ماقالە ئەۋەتىدىغانلار چىقىۋاتامدۇ؟ ناۋادا ماقالە ئەۋەتىدىغانلار ئاز بولسا ئېلان- تەشۋىقاتنى كۈچەيتسەك، مەنمۇ بىلوگىڭىزدىكى بىر نەچچە تېمىنى ئۇلىنىش قىلىپ قويدۇم، خالىسىڭىز مۇشۇ تېمىنى ئۈندىداردىمۇ تارقىتىپ، ئېلىكتاب تۈزۈش ئىشىنى تېزراق باشقا ئېلىپ چىقساق ….

    • ئاچىنۇق مۇنداق يازغان:

      رەھمەت! ھەقىقەتەن بەك ئەھمىيەتلىك ئىش بولار ئىدى. تولىمۇ ئەپسۇس، ھازىرغىچە ماقالە تاپشۇرۇپ ئالمىدىم. بۇنداق ئىشتا ”يۇمشاق-قاتتىق“ ۋاستىلەرنى ئىشلىتىپ بەكىرەك سۈيلىگەندە بىر ئىش بولىدۇ. ئالدىراشلىقتا مەنمۇ ھىچكىمنى سۈيلىيەلمىدىم. ۋاقتنىڭ تۈزۈك بەركىتى يوق. ئاللاھ خالىسا بولۇپ قالار، ياخشى قوللاشقا مۇھتاج بولىۋاتىمەن.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong> <img src="" alt="" class="" width="" height="">

https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_bye.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_good.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_negative.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_scratch.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wacko.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yahoo.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cool.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_heart.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_rose.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_smile.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_whistle3.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yes.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cry.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_mail.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_sad.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_unsure.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wink.gif