كىنو تەسىراتى ۋە تارىمدىكى ھايات تەسۋىرلەنگەن ھۆججەتلىك فىلىم

بۇ يازمىدا ئىككى تېما بار:
1. نەچچە يىللار ئالدىدا ئىشلەنگەن بىر كىنو ھەققىدە.
2. گېرمانىيە بىرىنچى تېلۋىزىيە قانىلىدا كۆرسىتىلگەن تارىم ئويمانلىقىدىكى ھايات كۆرسىتىلگەن ھۆججەتلىك فىلىم

 

1. نەچچە يىللار ئالدىدا ئىشلەنگەن بىر كىنو ھەققىدە.

ھۆججەتلىك فىلىم سامسارا (samsara)، بۇ ئامىركىلىق رىژىسسورى رون فىرىكى ئىشلىگەن، يان-بايانسىز فىلىمكەن. بۇ فىلىمنى ھەقىقى بىر سەنئەت دەپ چۈشەندىم. كۆرۈپ بەلكىم ھەر خىل نەرسىلەرنى ھىس قىلارسىز. كۆپ تېمىلار چىقىدىكەن. كىشىنى ھەقىقەتەن كۆپ ئويلاندۇرىدىكەن. بۇ رىژىسسورنىڭ بەرەكە (baraka بەرىكەت) ناملىق ئوخشىشىپ كىتىغان يەنە بىر ھۆججەتلىك فىلىمىمۇ باركەن، تېخى كۆرۈش نىسىب بولمىدى، كېيىنچە ئايرىم يازارمىز. سامسارا سانسكرىتچە سۆز بولۇپ، ئۈزۈلمەس ئىقىن دېگەن مەنىسى باركەن، يەنى ھاياتنىڭ تۇغۇلۇش، ياشاش، ئۈلۈشتەك جەريانىلىرى توختىماي ئايلىنىپ تۇرىدۇ دېگەنلىكنى كۆرسىتىپ، بۇددا دىنىنىڭ ئاساسى ئىدىيەسىنى ئىپادىلەيدۇ. لېكىن فىلىمنىڭ مەزمۇنى كۆپ كەڭدەك بىلىندى. بۇ دىنىنى تەشۋىق قىلغان فىلىم ئەمەس، لىكىن روھ ئۈستىدە كۆپ ئىزدەڭەندەك تۇرىدۇ. پەستىكى فىلىم ئادرىسى، دىققەت، بۇ ھوزۇر ئۈچۈن ئىشلەنگەن كىنو ئەمەس، بەلكى ئۈچىنچى كۆزىمىز ئۈچۈن ئىشلەنگەن.

 

بۇ كىنونى سۆرەپ تارتىپ چىقىشىممۇ مۇنداق بىر نەچچە سەۋەبتىن:

باي بولىمەن دەيدىكەن، ھامان سېتىشى كېرەك شۇ شېركەتلەر، قانچە كۆپ ساتسا شۇنچە ياخشى. شۇڭا بۇنى ماركىس كاپىتالىزم دېدى. ھازىرغىچە ئۆزگەرگىنى يوق. قانچە كۆپ پايدا ئالسىڭىز شۇنچە ياخشى. 29-33-يىللىرىدىكى ئىقىتىسادى بۆھراننىڭ سەۋەبى دەل شۇنداق قارغۇلارچە ئىشلەپچىقىرىشتىن بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن پىلانلىق قىلىشنى ئەركىن بازارغا ئەكىرىپ شۇنداق كىرىزىسلەرنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولدى. كۈلكىلىك يىرى، ئىنساننىڭ تويماس نەپسى، شۇ بۆھراندىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن چەكلىمە سىياسەتلەرنى، ۋاقتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، يەنە شۇ كاپىتالىستلارنىڭ تەكلىپى بىلەن پەيدىنپەي بوشاشتۇردى. شۇڭلاشقا، مەلۇم دەۋرىيلىكتە بۇ بۆھرانلارنى داۋاملىق كۆرۈپ تۇرۋاتىمىز. ئەڭ يېقىنقىسى 2008 دىكى بۆھران. ئەمەلىيەتتە بۇ بۆھراننىمۇ نۇرغۇن كىشىلەر ئالدىن پەرەز قىلغان، ھەتتا ھۆكۈمەتكە تەكلىپ بەرگەن. لېكىن قىسقا ۋاقىتتا جانلانغان بازارنى، پايدىنى كۆزدە تۇتقان ھوقۇق بېشىدىكىلەر ھىچ ھەرىكەت قىلمىدى، ئاقىۋەتتە يەنە شۇ ئوتتۇرا ھال ئورۇندىكى كىشىلەر ھەممىدىن بەك زىيانغا ئۇچرىدى. بۇ بۆھرانغا ياخشى قارىسىڭىز، تېگى تەكتى يەنىلا شۇ ئاچكۆزلۈكتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ھەممە ئادەم نەتىجە يارىتىشقا ئالدىرايدۇ. بۇنىڭلىق بىلەن، كەلگۈسىدىكىلەرنىڭ رىزقىسىغا توپا سالىدۇ. خۇددى جۇڭگۇدىكىدەك، 8% ئىشىشلا بولىدىكەن، بارلىق مۇھىت بۇلغىنىش ئەھۋالللىرى تامامەن نەزەردىن ساقىت قىلىنىدۇ.

بۇ مۇھىت بۇلغىنىشلار ئىلىپ كىلىدىغان زىيان بىلەن ھىچكىم ھىسابلاشمايدۇ. شۇ بۇلغىنىشنىڭ دەردىنى تاتقانلار ئاز يىلدىلا ھۆكۈمەتكە ئارتۇق يۈك بولىدۇ، داۋالىنىش، سۇغۇرتا چىقىملىرى كۆپىيىپ، بانكىلارغىمۇ بېسىم شەكىللەندۈرىدۇ. ياش ئەمگەك كۈچلىرى تاپقان قىممەت ياشانغانلارنى بىقىشقىلا ئەمەس، بەلكى سالامەتلىك سەۋەبلىك بالدۇر ئىشلەش ئىقتىدارىدىن قالغان، ياكى پېنسىيەگە چىقىپلا كېسەل كارۋىتىدا يىتىپ قالغانلار ئۈچۈن خەجلىنىدۇ. بۇ يەردە مۇھىت بۇلغىنىشى سەۋەبلىك بولىدىغان تەبئى ئاپەتلەرنى كۆزدە تۇتمىدۇق. دېمەك ئىشىنچە قىممەت بولمىغان ئىكەن، ”تەرەققىيات“ دىگەندىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. ”سېجىل تەرەققىيات“ دىگەن ئۇقۇم ئەسلى مۇشۇنداق نەرسىلەرنىڭ ئالدىنى ئىلىش مەقسىدىدە چىققان ئىدى، لېكىن ھىچكىمنىڭ شۇ بويىچە ئىش قىلۋاتقىنىنى كۆرمىدۇق.

8% بويىچە ئىشىش دىگەن نىمە؟ خەلق ئۈچۈن، بۇ توختىماستىن سېتۋىلىش دىگەن گەپ، قانچە كۆپ ھەم قانچە كۆپ قېتىم سېتۋالسىڭىز شۇنچە ياخشى، تىلمىش دىگەندەك شۇ يۇسۇندا سوتسىيالىستىك بازار ئىگلىكىگە تۆھپە قوشقان بولىسىز. زور كۆلەمدە ئىشلەپچىقىرىسىز، ھەم كەڭ بازاردا بار كۈچىڭىز بىلەن ساتىسىز (بۇنىڭ ئۈچۈن مىلىڭىز ھەم ئەرزان بولۇشى كېرەك). خەلقارا بازار كاساتلىشىۋىدى، ھۆكۈمەت ئىچكى ئىھتىياجنى ئارتۇرۇشقا كۈچەۋاتىدۇ. مىسالەن، ئاپامدەك ھۆكۈمەت خىزمەتچىسىگە ئەگەر مەلۇم ماركىدىكى ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنە سېتۋالسا، ھۆكۈمەت ئاتچوت قىلىپ بىرىدۇ. ھەجەب ياخشى ئىشكەن بۇ دەيدۇ. ئەمەلىيەتتە شۇ ھۆكۈمەتنىڭ پۇلى دەل شۇ پۈتۈن خەلق تۆلىگەن باجدىن كىلەتتى. دېمەك ھۆكۈمەت مەلۇم شېركەتلەرنى يۆلەۋاتىدۇ. (بۇ يەردە بىر قوشۇمچە سۇئال: نىمىشقا مەلۇم شېركەتلەر؟ نىمىشقا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئارمان شېركىتى، ئېرپان شېركىتى يوق؟ بۇ تەڭسىزلىك ئەمەسمۇ؟ ) گەپنى قايتۇرۇپ كەلسەك، يەنىلا خەلقنىڭ سېتۋىلىش كۈچىنى خەلق ئۆزىنىڭ پۇلىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ئاشۇرۇش.

بۇ يەردىكى ئەڭ خەتەرلىك نەرسە، شۇ مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىشقا سەرىپ قىلىنغان، ياندۇرغىلى بولمايدىغان بايلىق، ئېنىرگىيە، مۇھىت بولغىنىش. ھازىر كىشىلەر لازىم بولمىسىمۇ بەك تېز يانفون ئالماشتۇرىدۇ. پۈتۈن دۇنيا مىيقىياسىدا ئىشلىنىدىغان يانفونلارنىڭ سانى كىشىنى چۆچۆتىدۇ. بىر مىسالغا: يانفون ئۈچۈن ئالاھىدە مېتاللارنى ئىشلىتىمىز، دېمەك شۇ مېتاللار ھەر تۈرلۈك كانلاردىن چىقىدۇ، كان ئېچىشتا يەر كېرەكتىن چىقىدۇ، ئەڭ يامىنى مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئەھۋالدا، مېتال ئايرىشقا ئىنتايىن زەھەرلىك خىمىيىۋى دورىلار ئىشلىتىلىنىدۇ. ئاقىۋەت شۇ دورىلار يەنە مۇھىت بۇلغايدۇ. ئاندىن يەنە بىرمۇنچە ئىنىرگيە سەرپ قىلىنىپ ياسىلىدۇ. يۆتكىلىدۇ، قولىمىزغا تىگىدۇ. ئاز ئىشلىتىپ يەنە تاشلايمىز، باتارىيەگە ئىشلىتىلگەن خىميەلىك دورىلا يەنە بىرىپ مۇھىتنى بۇلغايدۇ. كۆپىنچە يانفونلارنى ئەڭ بولمىغاندا 5 يىل ئىشلەتكىلى بولىدۇ. لېكىن مودا سەۋەبلىك بەك ئاز كىشىلەر 5 يىل ئىشلىتىدۇ. قولىدا ئايفون 4س بولسا، مودا قوغلىشىپ، (خۇددى مۇنۇ كىنودىكى سۈپەتلەنگەن كىشىلەرنىڭ ئەخمىقانىلىقى تۈپەيلى) ئايفون 5 نى ئالىدۇ.

زىيادە كېيىم-كېچەككە بىرىلىش: كېيىم خام ئەشياسى ئۈچۈن سەرپ قىلىنىدىغان پاختىنى مىسال ئالايلى، ئۆزبىكىستاننىڭ پاختىسى بەك ياخشى. دۇنيا ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن، ئۇلار ئامۇ-سىر دەريا ۋادىلىرىدىكى يەرلەرنى ئامال بار كىڭەيتىۋاتىدۇ، لېكىن زىيادە كۆپ ئىشلەپچىقىرىش يەرنى قۇملاشتۇرۋاتىدۇ، ھەم سۇ قەھەتچىلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرۋاتىدۇ. ئەمدى شۇ پاختىنى كىيىم قىلىش ئۈچۈن رەڭ بىرىسىز، جۇڭگۇدىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى زاۋۇتلار چەكلەنگەن خىميەلىك دورىلارنى رەڭ بىرىشكە ئىشلىتىدۇ. بۇ خىميەلىك دورىلار زاۋۇتتىن كېرەكسىز سۇ تەركىبىدە چىقىپ مۇھىتنى بىر بۇلغىسا، بىز سېتۋىلىپ يۇيغاندا يەنە بىر مۇھىت بۇلغايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئازىراق پۇل خەجلەپ بۇ كېرەكسىز سۇلارنى تازلىغىلى، ئازايتقىلى بولىدۇ، لېكىن پايدا ئازايغاچقا كىشىلەر يەنىلا كونا يولدا قىلىۋىرىدۇ.

دېمك بىز قانچە كۆپ كېيىم ئالماشتۇرساق، شۇنچە مۇھىت بۇلغاشقا تۆھپە قوشقان بولىدىكەنمىز. باشقا كۈندىلىك بۇيۇملارمۇ ئوخشاش. مېنىڭ پۇلۇمغۇ، ئۆزەم خەجلىدىم، خەقنىڭ نىمە كارى دەيمىز. ئەپسۇس، كەلگۈسىدە مۇشۇ تۇپراقتا ياشايدىغانلارنىڭ رىزقىنى دەل شۇنداق ئورۇنسىز ئېستىمال سەۋەبلىك قوشۇپ يەۋاتقىنىڭىز خىيالىڭىزغا كېرىپ چىقمايدۇ. بىلسىڭىز شۇ كېيىن دەردىنى تارتىدىغانلار سىزنىڭ پەرزەنتىڭىز، سىزنىڭ نەۋرىڭىز بولۇشى مۇمكىن.

يېتەرلىك قاقشىدۇق. ئەلۋەتتە، مەن شەخسەن بەك ئۈمدۋار ئەمەسمەن كېلەچەككە، ھەم بۇ پىكىرلەر بىلەن كەيپىياتىڭىزنى بۇزۇپ قويغىنىمغا ئۆزۈرلۈكمەن. شۇنداقتىمۇ بىز ئۆز ھەركتىمىز بىلەن كۆپ ئىشلارنى ياخشىلاشقا ئىمكانيىتىمىز بار. مىسالەن زىيادە رەڭلىك كىيىملەرنى ئامال بار ئاز كىيىش، كېيىمنى يىرتىلىپ كەتكۈچە كىيىش، يانفوننى ياكى باشقا نەرسىلەرنى ھەقىقەتەن ئېھتىياجىمىزغا يەتمىگەندە ئاندىن ئالماشتۇرۇش. ھەم ئېھتىياج بولمىسا ئالماسلىق. ما ئاياقنى ئالدىنقى ھېيتتا كىيگەنتىم، ما ھېيىتتا يىڭى ئاياق ئالمىسام بولمايدۇ دىگەندەك گەپلەر بىزدە ئاز ئەمەس. پۇل كەتسىمۇ ياخشى سۈپەتلىكنى ئېلىپ ئۇزۇن مەزگىل ئىشلىتىش مۇھىت ئۈچۈن ئەڭ ياخشى تاللاشلاردىن بىرى. ئوخشاش قائىدە: ئەگەر جۇڭگۇدا لەھەڭ قانات شورپىسىغا ئېھتىياج بولمىسا، ھىچكىم تىنىچ ئوكيان، ھىندى ئوكيانلاردىكى لەھەڭلەرنىڭ قانىتىنى كېسىپ ئىلىپ ئۇلارنى تېرىك دىڭىزغا تاشلىمايتتى. بىز قانچە كۆپ ئېستىمال قىلدۇق، 8% ئىشىشقا تۆھپە قوشىمىز يۇ، كەلگۈسىدىكىلەرنىڭ پۇتىغا پالتا چاپىمىز. ئەمەلىيەتتە ياۋرۇپادا، كۆپىنچە كىشىلەر بەكلا ئاددى-ساددا يۈرىدۇ. بولۇپمۇ نىمىسلار بەك شۇنداق، بۇلارنىڭ قولىدا ھازىرغىچە رەڭسىز ئىكرانلىق يانفونلارنى ئۇچرىتىسىز. ماشىنىسى كونىراپ بىر يەرگە بارمىغۇچە ھەم ئالماشتۇرمايدۇ. ئەمسە نىمىسلار پۇلنى نەگە خەجلەيدۇ؟ بۇلارنىڭ خوشاللىق مەنبەسى نىمە؟ تەنھەركەت بىلەن ساياھەتكە! دۇنيانىڭ نەرىدىلا بولسا مۇشۇ خەق ساياھەت قىلىپ يۈرگەن. ھەرخىل چىنىقىش، تەنھەرىكەتكە ياتىدىغان كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى، ھەرخىل تەنھەركەت كۇلۇبلىرى ماڭدامدا بىر ئۇچرايدۇ. شۇ تاماق بىلەن كېيىنىشكە بەك كۈچەپ كەتمەيدۇ، بەك ئاددى تاماقلىرى. مۇشۇ تەرەپلىرى ئۈگىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ دەپ ئويلايمەن. ساياھەت ئەقلنى، بىلىمنى ئۆستۈرسە، تەنھەركەت سالامەتلىكىمىزگە ياخشى.

فرانسىيەلىكلەرنى بۇرۇن بەك مودىغا ئېتبار بىرىدۇ دەپ ئويلاپتىكەنمەن، ئۆتكەندە ئاغىنەم بىلەن پارىژ شەھەر مەركىزىدىكى ئاممىۋى كۈتۈپخانىدا بىر ھەپتە ئۈگىنىش قىلىپ باشقىچە تەسىراتتا بولدۇم، كۈزىتىشلەردىن ئۇلارنىڭمۇ نىمىسلاردىن كۆپ پەرىقلەنمەيدىغىنىنى ھىس قىلدىم، كېيىملىرى ئاددى ھەم كونا، ئۈرۈمچىدىكى قىز ئوقۇغۇچىلارنى ئاپىرىپ كۆرسىتىپ قويساق، بىزنىڭكىلەر ئۇلارنىڭ كېيىملىرىنى، گىرىمسىز چىرايلىرىنى زاڭلىق قىلىپ ھىرىپ قىلىشى مۇمكىن. بەلكى بۇ يەردىكى شۇ مودىغا ئېتبار بىرىدىغانلار يەنىلا شۇ ئاز سانلىق بايلار بولۇشى مۇمكىن.

خۇلاسە شۇ، ئاددى-ساددا ياشايلى ئامال بار. كۈندىلىك خوشاللىقمىزنى كېيىم كېيىش، مەلۇم نەرسىلەرنى سېتۋىلىش دىگەندەك نەرسىلەرگىلا مەركەزلەشتۈرۋالماي، باشقا نەرسىلەردىن ئىزدىسەكمۇ بولىدۇ. بىردىن-بىر تاللاش ئەمەسقۇ؟ ئەمەلىيەتتە، ئىسلام دىنى دەل مۇشۇ تەرەپلەردىن ئاجايىپ ماس كىلىدۇ. ئەگەر يېشىل-تىنچىلىق، ياكى يەر-شارىنى قۇتقۇزۇش جەمئىيەتلىرىنىڭ قىلۋاتقىنىغا قارىسىڭىز، دىنىمىز بىلەن شۇنداق بىردەكلىككە ئىگە.

بەلكىم بۇ ئۆزگىرىشلەرمۇ تەبئى، نورمال تەرەققىيات، ھەممە ئىشلار ئۆز يولى بىلەن ھەل بولىدۇ دەيدىغانلار چىقىشىمۇ مۇمكىن. قانچە ئويلىساممۇ، بۇ خىل تەبئەتكە بولغان بۇزغۇنچىلىقنىڭ ئىنساننى كەلگۈسىدە ھاڭغا ئىتتىرمەيدىغانلىقىغا چىن پۈتۈشكە ئاجىزلىق قىلىمەن.

”يەڭ، ئىچىڭ، ئامما ئىسراپ قىلماڭ، ئاللاھ ئىسراپ قىلغانلارنى سۆيمەس“

 

2. گېرمانىيە بىرىنچى تېلۋىزىيە قانىلىدا كۆرسىتىلگەن تارىم ئويمانلىقىدىكى ھايات كۆرسىتىلگەن ھۆججەتلىك فىلىم

تۆۋەندىكى گېرمانىيە بىرىنچى قانىلىدا قويغان بىز ھەققىدىكى ھۆججەتلىك فىلىمكەن. ماڭا بەك يارىدى. نىمىسچە بىلىدىغانلارمۇ كۆپىيىپ قالدى بىزدە، تىلىنى بىلمىسەڭلارمۇ كۆرۈپ بىقىڭلار. تاشقورغان، قەشقەر، مۇزتاغ چوققىسى، ئاقسۇ ئارال، بايىنبۇلاق يايلىقى ئاساسى زىيارەت مەركەزلىرى بوپتۇ. فىلىمدە بايىنبۇلاقنىڭ ئورنىنى خەرتىدە خاتا قىلىپ قويۇپتۇ. باشقا تەرەپلەردە ئاساسەن خاتالىق ئاز ياكى يوقنىڭ ئورنىدا.

http://player.youku.com/player.php/sid/XNTIyMzkwOTg0/v.swf

بۇ يازما ئۇنىۋېرسال كاتېگورىيىسىگە يوللانغان ھەم , دەپ خەتكۈشلەنگەن. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈشلىۋېلىڭ.

كىنو تەسىراتى ۋە تارىمدىكى ھايات تەسۋىرلەنگەن ھۆججەتلىك فىلىم ئۈچۈن 9 ئىنكاس بار

  1. يۇرتۇم مۇنداق يازغان:

    كۆكلەمگە يېزىڭە ھەي مانى
    بولمىسا مەن كۆچۈرۋالىمەن .
    ئاۋۇ ئاشقۇن دىنىي پەلسەپەدىن بەك زېرىكتىم .
    يەنىلا مۇشۇنداق ئەسەرلەر تېتىيدۇ .

  2. بەگمۇراد مۇنداق يازغان:

    ئاچىنۇق ئەپەندى سىزنىڭ يازمىلېىرىڭىز ئىزچىل ھالدا يىڭىچە مۇلاھىزە، يىڭىچە ئۇقۇم ۋە بازار قانونىيتى ،ئىلىم -پەن ،ئىلىكتىرون دىگەندەكلەر مەزمونلار ئارقىلىق مىنى شۇنداقلا نۇرغۇن تورداشلېرىمىزنى قىزىقتۇرۇپ كىلىۋاتىدۇ. كىچىكىنە بىر ئىش سىز تەۋسىيە قىلغان ماۋۇ كىنونى بىر ئاغنەم بىلەن كۆرگەنتىم ، تۇيۇقسىز تازا نورمال بولمىغان كۆرۈنۈش چىقتى بەك ئېغىرمۇ ئەمەس ، ئىشقىلىپ مەن بۇنداق يېرى ئازراقمۇ چىقمايدۇ دەپ ئويلاپتىكەنمەن.

    • ئاچىنۇق مۇنداق يازغان:

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!

      ئالدىڭلاردا ئۆزۈرلىكمەن. راستىنلا سىلەر دىگەندەك، شۇنداق ئېسىل مەزمۇنى بار بىر كىنوغا پاشا قونغاندەكلا شۇندا بىر يېرى بار. لېكىن مۇشۇ ماتېرىيالىزىم دۇنياسىدىكى ساراڭلىقنى، بەسلىشىشنى بۇنىڭدەك ئوچۇق ئىپادىلىگەن باشقا بىر كىنو تاپالمىغاچقا مۇشۇ كىنونى تىلغا ئىلىشقا مەجبۇر بولدۇم. پەقەت ئويلىغىنىم، كىنودىكى ئىپادىلەڭەن ئاساسى مەزمۇندىن ئىبرەت ئىلىشنى ئاساس قىلسىكەن دەيمەن كىشىلەرنى. ئەگەر، مۇشۇنىڭدەك كىشىنى بەك قايىل قىلىدىغان يەنە بىر كىنو بولسا، تەۋسىيە قىلساڭلار، مەن ئۆزگەرتىپ قويسام. مۇشۇ تېمىنى يازغاندىمۇ كاللامدا شۇنداق زىددىيەت بولغان ئىدى. توغرا چۈشىنىشىڭلارنى سورايمەن!

  3. بەگمۇراد مۇنداق يازغان:

    سامسارا بەك ئىسل فىلىمكەن، بۇرۇنراق كۆرمىگىنىمگە پۇشايمان قىپ قالدىم. ئامىركىلىق رىژىسور ئىشلىگەن دەپسىز ئەمما جوڭگوغا ئىجابىي باھا بېرىپتۇ.

    • ئاچىنۇق مۇنداق يازغان:

      بەزى گەپلەرنى بەك غەلىتە قىلىسىلەر چۈشىنىكسىز. ”ئامېركىلىق دەپسىز ئەمما جۇڭگۇغا ئىجابىي باھا بېرىپتۇ“، بۇ يەردىكى لوگىكىنى چۈشەنمىدىم. بۇنداق ئومۇملاشتۇرمايلى، ھۆكۈمەت بىر گەپ، خەلق ئايرىم گەپ. ئامېركىلىقنىڭ ھەممىسى جۇڭگۇغا ئۆچ ئەمەس، ھەتتا جۇڭگۇ دېسە چاپان سېلىپ ئۆلەپ بېرىدىغان ئامېركىلىقلارمۇ كۆپ. ھەم بۇ فىلىمدە جۇڭگۇغا ئىجابىي باھا بەرگەن بىرەر جايى يوق دەپ بېلىمەن. بۇ فىلىم سىياسىدىن تاشقىرى، پەقەت ئىنساننىڭ ھازىرقى ھاياتى ئومۇملاشتۇرۇپ كۆرسىتىلگەن بىر فىلىم. سىز بۇ فىلىمدىن قانداق مەنا چىقىرىمەن دېسىڭىز شۇنداق مەنا چىقىدۇ. مېنىڭ ھىس قىلىشىمچە رىجىسسور ئۆزىنىڭ باھاسىنى قوشمىغان، بىتەرەپ نۇقتىدا تۇرۇپ بىزگە ئىنساننى ھەم ئىسان بىلەن تەبئەت مۇناسىۋېتىنى كۆرسىتىپلا بەرگەن.

      • بەگمۇراد مۇنداق يازغان:

        بەلكىم مىنىڭ بەزى چۈشەنچىلېرىمدا خاتالىق بۇلىشى مۇمكىن ، مەن ئامىرىكىقلارنى جوڭگۇنى جوڭگولۇقلارنى پەقەتلار ياراتمايدۇ. كۆزگە ئىلمايدۇ دەپ قارايتتىم. ئەمما ماۋۇ رىجىسور جوڭگونىڭ فۇجىيەن قاتارلىق زاۋۇتلار كۆپ ئورۇنلاشقان جايلاردىكى مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش ھالەتلېرىنى بەكلا ئوبدان تەسۋىرلەپتۇ بۇنى كۆرۈپ جوڭگوغا بولغان ھۆرمىتىم ئاشتى.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong> <img src="" alt="" class="" width="" height="">

https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_bye.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_good.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_negative.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_scratch.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wacko.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yahoo.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cool.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_heart.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_rose.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_smile.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_whistle3.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yes.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cry.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_mail.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_sad.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_unsure.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wink.gif