تەۋسىيە: ئىزگۈلۈك مالائىكىسى

ئىلاۋە: ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەشھۇر ئالىمى، تالانتلىق ئەدىبى، تۆھپىكار باغۋىنى، مول مېۋىلىك پروفېسسورى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتىمىن 1933 – يىلى 9 – ئاينىڭ 28 – كۈنى ئاتۇشنىڭ مەشھەدكە تۇتاش باغېرىق كەنتىدىكى ئوقۇمۇشلۇق ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ 1995 – يىلى 2 – ئاينىڭ 27 – كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇ ھاياتىدا «فارابى ۋە ئۇنىڭ پەلسەپە سىستېمىسى»، «ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى»، «غەربىي يۇرت تاشكېمىر سەنىتى»، «قۇتادغۇبىلىك خەزىنىسى»،«ئۇيغۇر مۇقام خەزىنىسى»، «قارلىق تاغ شەجەرىسى»، «قەدىمكى مەركىزىي ئاسىيا»، «سەۋدالىق تە’ئەججۈپنامىسى»، «يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت»، «ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى»، «ئا’ئىلە» … قاتارلىق بىباھا ئەسەرلەرنى يازغان بولۇپ، «ئىزگۈلۈك مالا’ئىكىسى» ناملىق بۇ ئەسىرىمۇ ئالىمنىڭ يەنە بىر كاتتا ئەسىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئەسەر ئالىمنىڭ ئەسلىمە خاراكتېرلىك ئىككى ئەسىرىنىڭ بىرسى بولۇپ، ئۇنىڭدا ئالىم ئايالى رەنا مەخسۇت بىلەن تونۇشۇش ۋە ئا’ئىلە قۇرۇش، شۇ جەرياندا بىر – بىرىگە ھەمدەم بولۇپ ئورتاق ئىزدىنىش، خەلقنىڭ مەنىۋى بايلىقىنى قېزىش جەريانىدىكى سەمىمىي قوللاشلارنى ئەڭ تىپىك مىساللار ئارقىلىق بايان قىلغان بولۇپ، ئۇ بۇ ئەسەرنى يېزىش سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق يازىدۇ:
«مەن، مېنىڭدىن يەتتە ياش كىچىك ۋە ماڭا 37 يىلدىن بېرى ئەڭ سۆيۈملۈك كىشى بولۇپ كېلىۋاتقان ئاجايىپ ئايال جىنس ئۈستىدە يېشىم 60 قا كىرگەندىن كېيىنلا بىر قىسسە يېزىش قارارىغا كەلدىم. دەرۋەقە، مەن ئۇنىڭ نۇرانە گۈل ھۆسنىنى دەسلەپ كۆرگىنىمدىن كېيىنلا ئۇ ھەقتە لىرىكىلار، ھۆرمەت خاتىرىلىرى، كېيىنچە رۇبا’ئىيلار ۋە ئېپىزوتلۇق ئەسلىمىلەر يازغانىدىم. 20 ياشتىن كېيىنكى ئوتلۇق ياشلىق لىرىكىلىرى، ئۇنىڭدىن كېيىنكى ھېكمەتلىك ئوتتۇرا ياشلىق رۇبا’ئىيلىرى بىلەن بۇ قىسسە يىلتىزداش بولسىمۇ، ئەمما يېشىم 60 قا كىرگەندىن كېيىنكى بۇ قىسسە ئۆز مەنىۋى خەزىنىسىنىڭ تاۋلانغانلىقى بىلەن ئايرىلىپ تۇرسا كېرەك. كىشىلەر ھەمىشە قانداقتۇر 18 – 20 ياش بىلەن 30 ياشتىن ئىلگىرىكى مەزگىللەرنى ئىشىق – مۇھەببەت دەۋرى دېيىشىپ كۆڭەن، ئەمەلىيەتتە ياشانغاندىن كېيىنكى يىللاردىكى مۇھەببەتكە ئۇنى تەڭلەشتۈرگىلى بولمايدۇ. ‹قاپقارا قۇندۇز چاچلار› بىلەن ‹ئەتىر بەرگىدەك يۇمران يۈزلەر› ئورنىغا ئاقارغان چاچ ۋە ئەجىر قورۇقلىرى چۈشكەن يۈز ئالماشقان. ئەمما، بۇ ئاقارغان چاچ ۋە قورۇق چۈشكەن يۈز ئىنسان قەلبى، خاراكتېرى، ئەجرى ۋە قىممىتىنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك باھا نامىسى بىلەن تامغىلانغان. مەن ‹ ئىزگۈلۈك مالا’ئىكىسى›نى يېزىشقا تۇتۇندۇم. بۇ مەن ئۈچۈن ئۆز – ئۆزۈمنى تېخىمۇ ياخشى چۈشەڭىنىم، ئۆزۈمنىڭ ئىنساننى چۈشىنىش، ئىزگۈلۈك جاۋاھىراتلىق بىلەن تولغان خەزىنە قەلب، ئۈلگىلىك ئايال جىنسنى تېخىمۇ ياخشى چۈشەڭىنىمنىڭ ئۇچقۇنى بولۇش بىلەن بىللە، ئۇ يەنە مېنىڭ بۇ قىسسىدە تەسۋىرلىگەن ئالىيجاناب روھىيەت نامايەندىسىگە بولغان ئىنسانىي مىننەتدارلىق، مەجبۇرىيەت – بۇرچۇمنىڭ بىر ئاز بولسىمۇ ئىپادىلىنىشىدىن يانغان يالقۇن!
دەرۋەقە، ئۇ پەرزەنتلىرىمنىڭ، ئەسىرلەر داۋامىدا ئالەمگە كۆز ئاچىدىغان نەۋرە – چەۋرىلىرىم ۋە ئۇلارنىڭ چەۋرە – ئەۋرىلىرىنىڭ پاك نەسەبتىن ئىلھاملىنىپ، پاك نەسەبتىن پەخىرلىنىپ، پاك نەسەبنى داۋاملاشتۇرۇشى ئۈچۈن ئەڭ ياخشى مىراس!»
ئالىمنىڭ ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەن ھايات سەرگۈزەشتلىرى گەرچە نۇرغۇن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ھامان ئۈمىدۋار ياشىغان. چۈنكى، ئۇنىڭغا مەدەت – ئىلھام بېرىپ تۇرغان پاك قەلب ئىگىسى، بالىلىرىنىڭ ئانىسى، ئۆزىنىڭ ئۆمۈرلۈك ھەمراھى بولغان رەنا مەخسۇت ھاياتقا، مۇھەببەتكە بولغان ئىشەنچىسىنى كۈنسايىن ئاشۇرۇپ بارغان.
قايسىدۇر بىر ئەدىب «مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ھەر بىر ئەرنىڭ كەينىدە ئۇنى قوللاپ كېلىۋاتقان جاپاكەش ئايالى بولىدۇ» دېگەنىكەن. دەرۋەقە، ئالىمنىڭ «ئىزگۈلۈك مالا’ئىكىسى» دېگەن بۇ ئەسىرىدىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، ئۇنىڭ قىسقىغىنا ئىجادىيەت ھاياتىدا نۇرغۇنلىغان تەتقىقات نەتىجىلىرىنى روياپقا چىقىرالىشى بىر تەرەپتىن، ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئايالىنىڭ قوللىشىدىن، ئەمەلىي شارا’ئىت يارىتىپ بېرىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.

«ئىزگۈلۈك مالا’ئىكىسى»دە ئالىمنىڭ مۇھەببەت سەرگۈزەشتىسى ناھايىتى پاساھەتلىك بىلەن بايان قىلىنغان. ئۇنىڭدىن ئالىمنىڭ تۇرمۇشتىكى مۇھەببەت – نىكاھ ئىشلىرىغا بولغان قارىشىنى بىلىۋېلىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشىش بىلەن بىللە مۇھەببەت سەۋەبلىك يارىتىلغان ئىلمىي ئەمگەكلەرنىڭ قىممىتىگە بولغان تونۇشىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇرالايمىز. ئالىم مۇھەببەت سەۋەبلىك چوڭ تاللاشقا، يەنى بۇ يەردە قېلىپ ياخشى كۆرگەن ئادىمى بىلەن تۇرمۇش قۇرۇش ۋە بۇ يەرنىڭ جاپالىرىنى تارتىش؛ يەنە بىرى ئانىسى بىلەن چەت ئەلگە چىقىپ كېتىپ باياشاتلىق تۇرمۇش كەچۈرۈشتىن ئىبارەت تاللاشقا دۇچ كېلىدۇ. ئەنە شۇنداق تاللاش ئالدىدا ئالىم ئانىسىنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ خاتىرجەم ھايات يولىنى تاللىماستىن، ئۆزىنىڭ ئىنسانىي تۇيغۇسىنى قەدىرلەشنى ھەممىدىن ئەلا بىلىپ، «كۈسەن قىزى» رەنا مەخسۇت بىلەن توي قىلىش مەقسىتىدە ئۈرۈمچىدە قېلىشنى قارار قىلىدۇ. ئانىسى ئىلاجسىز 1962 – يىلى 4 – ئايدا بۇ «ئەنسىز يىللاردىكى ئاشىق – مەشۇقلار»نىڭ تويىنى قىلىپ قويۇپ، دۇنيالىقتىكى يالغۇز ئوغلىنى تەقدىرگە تاپشۇرۇپ، بىشەككە قايتىپ كېتىدۇ ۋە ئوغلى بىلەن ئىزچىل خەت ئالاقىسى قىلىپ تۇرىدۇ … كىم بىلسۇن، ئالىمنىڭ ئاشۇ تاللىشى ئاخىرقى ھېسابتا بۇ ئىككى ئاشىق – مەشۇق ئۈچۈنلا ئەمەس، ئەڭ مۇھىمى پۈتۈن خەلق ئۈچۈن ئەڭ پايدىلىق بولدى. مۇبادا ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتىمىننىڭ رەنا مەخسۇتقا بولغان مۇھەببىتىنىڭ ئورنىنى چەت ئەلگە چىقىشقا بولغان ھېرىسمەنلىك ئىگىلەپ كەتكەن بولسا، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان قىممەتلىك ئەسەرلەر يېزىلمىغان، يېزىلسىمۇ ھازىرقىدەك چوڭقۇرلۇققا ئېرىشەلمىگەن بولاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتىمىننى ئۆز مۇھەببىتى ئارقىلىق ئانا ۋەتەندە چىڭ تۇتۇپ قالالىغان رەنا مەخسۇتقىمۇ قايىل، ئەلۋەتتە!

قېنى «ئىزگۈلۈك مالا’ئىكىسى» ناملىق بۇ ئەسەرنى ئوقۇپ باققايسىلەر.

ئىزگۈلۈك مالا’ئىكىسى
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتىمىن

ئىزگۈ مۇھەببەت

ئەمەل شۆھرەت دېسەڭ قاشىڭدا ھازىر،
باياشات روزىغار باشىڭدا نازىر.
يېشىڭ ئون يەتتىدە، تۇتما قولۇمنى،
ئەمەس شاھزادە مەن، كۈلپەتلىك تاھىر.

1 – باب. تەقدىر

قايسى قۇياشنىڭ نۇرى ئۇ،
قەلبىمگە بەخش ئەتكەن باھار.
قايسى باھارنىڭ گۈلى ئۇ،
تۆككەن مۇھەببەتتىن ئىپار.

تەقدىر كارامىتىنى باشلاشتىن بۇرۇن بېشارىتىنى يەتكۈزسە كېرەك. 1955 – يىلى يىگىرمە ئىككى ياشقا تولغانلىقىمنى خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈش بىلەن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن شى’ئەن شەھىرىنىڭ غول رەستىسى «شەرقىي چوڭ بازار» (دۇڭ داجې)دىكى بىر سۈرەتخانىغا كىردىم. كىم بىلسۇن، چاپلاپ قويۇلغان نۇسخا سۈرەتلەر ئارىسىدا مېنىڭ تۇنجى قېتىم بۇ شەھەرگە 1950 – يىلى ئون يەتتە يېشىمدا غەربىي شىمال بەش ئۆلكە ئوقۇغۇچىلار قۇرۇلتىيىغا كەلگەن چېغىمدا چۈشكەن سۈرىتىم كۆزۈمگە چۈشتى. سۈرەتكە مەن قەشقەرنىڭ سىپتا ئىشلەڭەن بادام دوپپىسىنى كىيىپ چۈشكەنىدىم. كۆزۈم مېنىڭ سۈرىتىمگە يانمۇيان قىلىپ قويۇلغان بىر قىزنىڭ سۈرىتىگە چۈشتى. بۇ ئون ئۈچ ياشلاردىكى ئۇيغۇر قىزىنىڭ سۈرىتى ئىدى. مەن بۇ چاغدا غەربىي شىمال ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەلسەپە ئاسپىرانتى بولۇپ، ئوقۇشنى تاماملاشقا بىر قانچە ئايلا قالغانىدى. بېشىغا شەپكە كىيىپ، بوينىغا پى’ئونېر گالستۇكى تاقىغان بۇ نارەسىدە قىزنىڭ كىملىكىنى، قەيەردىلىكىنى، بۇ سۈرەتكە قاچان چۈشكەنلىكىنى سۈرەتخانىدىكىلەردىن سوراش ئەپسىز ئىدى. قىزىقى، شۇنچە كۆپ مەنزىرىلەر ئارىسىدا ھەر ئىككىمىز سوزۇق رومبا شەكىللىك دېرىزە مەنزىرىسى ئالدىدا سۈرەتكە چۈشكەنىكەنمىز.
شۇ يىلى مەن ئوقۇشنى تاماملاپ، ئانا مەكتىپىم شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا (ئۇ چاغدا «شىنجاڭ ئىنستىتۇتى» دەپ ئاتىلاتتى) قايتتىم.
ئاجايىپ تەقدىر مۆجىزىلىك بېشارىتىنى يەنە كۆرسەتتى. 1955 – يىلىنىڭ كۈز پەسلى. ئۈرۈمچىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىدىكى باراقسان ئۇلانباي سايلىقى شەرقىي تۆپىلىككە جايلاشقان «قىزىل تۇرنا»(خۇڭيەنچى) كۆلىدە چۆمۈلۈۋاتاتتىم. بىردىن بىر قىزنىڭ پۇتى تارتىشىپ قالدىمۇ، ئېھتىمال، ئىلگىرىكى ئەركىن سۇ ئۈزۈش ئىقتىدارىنى يوقىتىپ، سۇغا بىر چۆكۈپ، بىر لەيلەپ ئازابلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم. ئۇنى مەندىن بۇرۇن قىرغاقتىكى بىر قانچە يىگىت كۆرگەن ۋە سۇغا سەكرەشكەنىدى. مەن ئۇلاردىن بۇ قىزغا خېلىلا يېقىن ئارىلىقتا بولغانلىقىم ئۈچۈن ئۇنى قۇتۇلدۇرۇپ، قىرغاققا ئېلىپ چىقتىم. ئۇ ئۈستىگە غۇجمەك – غۇجمەك قىلىپ تۈرۈپ تىكىلگەن قىزىل ئايالچە سۇ ئۈزۈش كىيىمى كىيگەن، چېچىنى ئارقىسىغا چىلگىدەك تۈگۈۋالغان بولسىمۇ، خەتەرلىك جىددىيلىكتە چېچى ئات يايلىدەك چۇۋۇلۇپ كەتكەن ئۇيغۇر قىزى ئىدى. ئۇ تېخى سۇغا چۆكۈپ تۇنجۇقۇپ قالمىغاچقا تېزلا ھوشىنى يىغىپ، نېمىدىندۇر قورۇنۇپ، تېزلا قۇچىقىمدىن تۇرۇپ:
_ سىزگە رەھمەت، ئاۋارە قىلدىم، _ دەپلا يىراقلاپ كېتىپ قالدى. مەن ئۇنى بىر يەردە كۆرگەندەك قىلدىم. ئۇ كىمدۇر، ئۈرۈمچىگە يېقىندا كەلگەندەك قىلغانلىقىغا قارىغاندا، مەن ئۇنى قەيەردە ئۇچراتتىم، دەپ ئويلىدىم. ئۇ كۆرۈڭۈدەك ئارىلىقتا كىيىملىرىنى كىيىپ شەھەر تەرەپكە قاراپ يۈرۈپ كەتتى. مەن ئۇنىڭ يىراقتىكى شولىسىنى ئۇ كۆزۈمدىن غايىپ بولغۇچە كۆزىتىپ تۇردۇم. ئۇ غايىپ بولغاندا، ئۇنى شى’ئەندىكى سۈرەتخانىدا مېنىڭ سۈرىتىم يېنىدا غايىبانە سۈرەت ئارقىلىق كۆرگەنلىكىم بىردىنلا ئېسىمگە چۈشتى. تىزىمغا بىر شاپىلاق ئۇردۇم: «ئەتتەڭ، نېمىشقا مەن سىزنى كۆرگەن» دېمىگەندىمەن! دەرۋەقە، ئارقىسىدىن سوكۇلداپ بېرىشنىڭ ئورنى يوق ئىدى. يېنىمدىكىلەر ماڭا ئولىشىپ ياشلاردا بولىدىغان چاقچاقلىرىنى قىلىشتى.
ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتتى. دۆلەت ۋەزىيىتىدە مۇھىم ئۆزگىرىش يۈز بەردى. 1957 – يىلى يازلىق تەتىلدىن يىغىلغاندىن كېيىن مەكتىپىمىزدە ھەممە ئىدارە – كارخانىلارغا ئوخشاش «ئىستىل تۈزەش» نامىدا ئاتالغان «ئوڭچىللىققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى» باشلاندى. ھەرىكەتنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا «ماتېرىيال ئۆگىنىش» ئېلىپ باردۇق. فاكۇلتېتلار بىر قانچە تۈركۈملەرگە بۆلۈڭەنىدى. قايسىدۇر خاسىيەتلىك بىر كۈن تەقدىر ئۆزىنىڭ بېشارىتىنى يەنە بىر قېتىم كۆرسەتتى. بىزنىڭ گۇرۇپپىمىزغا يېڭىدىن بېيجىڭ ئۇسسۇل ئىنستىتۇتى ئاسپىرانتلار سىنىپىنى تاماملاپ كەلگەن ياش مۇ’ئەللىمەنى تونۇشتۇرۇپ ئۆگىنىش باشقۇرىدىغان كادىر كىرىپ كەلدى.
نېمىسىنى ئېيتاي: دۇنيادا گۈزەللىك ئاجايىپ تەمتىرەتكۈچى جەزىبە ۋە شەرتسىز تەسلىم قىلغۇچى قۇدرەت – ھە! ئەمما، گۈزەللىكلەر ئىچىدە يەنە گۈزەللىك بولىدۇ. ئۇ خۇددى ئالدىمدىن دىدار پەردىسىنى سىيرىپ چىققان مۇشۇ ساھىبجامالدەك كىشىنى ئەقلىي مۇھاكىمە ۋە زېھنىي كۆزىتىش ھوقۇقىدىن بىردىنلا مەھرۇم قىلىدۇ. بۇ ياش مۇ’ئەللىمە قولۇمدا يەر يېرىلىپ، زەمبىرەكلەر ئېتىلىپ كەتكەندىمۇ چۈشمەس جاھىل قەلەمنى ئىختىيارسىز چۈشۈرۈۋەتتى. مەن ئۇنىڭ، ئۇنىڭ جامالىدا تاۋلىنىپ تۇرغان ياراتقۇچى ئىجادىيىتىنىڭ ئەڭ كامال ھۈنەر ماھارىتىگە سىنچىلاپ قاراشقا چارىسىزلا قالدىم. ئۇنىڭغا قاراش مۇمكىن ئەمەس، پەقەت بىر قېتىملا ۋە بىرىنچى قېتىمدىلا تۇيۇقسىز قاراپ، گۈزەللىك سېخىيلىقىنىڭ ئۇنىڭدىكى ئەپسۇنكار گۈلشىنىدىن ھەيرانلىق ۋە بى’ئاراملىققا چۆمۈشتىن باشقا يولۇم يوق ئىدى …
ئۇ بېشىغا ئالما ئۇرۇقى رەڭدار دۇخاۋىغا ئاق سېرىق زەر باسقان دوپپا كىيگەن، ئۈستىگە توق كەرشىنىۋاي كاستۇم – يوپكا كىيگەن، پۇتىغا قارا ئارا پاشنىلىق توپلەي كىيگەن، ئىككى ئۆرۈم ئۇزۇن قۇندۇز چېچى ئوشۇقىغا چۈشكەن، گۈل يۈز، ئاھۇ كۆز، ئۆزىنى تۇتقان، خۇش پىچىم قىز ئىدى. مەن ئۇ ئىشىكتىن كىرىپ بىر ھازادىن كېيىنلا ئۇنى تونۇۋالدىم. ئۇنىڭ ئويۇلۇپ تۇرغان ئويناق قارا قۇمچاق كۆزىدە ئۇنىڭمۇ مېنى باشقىلارغا قارىغاندا پەرق قىلغانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان ساددا، ئەمما راستچىل تۇيغۇ تەبەسسۇم جىلۋىسىدىن بىلىنىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ ئارىمىزغا كىرىشى بىلەن ئىنستىتۇتىمىزنىڭ سەنەت فاكۇلتېتى ئۇسسۇل كافېدراسى پۈتۈن تەركىبىي بىلەن بىزگە قوشۇلۇپ كەتتى.
مەن شۇ كۈنى پەقەت ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ رەنا ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ بېيجىڭ ئۇسسۇل مەكتىپىدىن ئىلگىرى شى’ئەندە غەربىي شىمال سەنەت مەكتىپىنى تاماملىغانلىقىنى بىلدىم. ئۇ شى’ئەندىكى سۈرىتى بىلەن ئىككى يىلدىن ئىلگىرىكى كۆل بويىدىكى ھالىتىدىن تولغان بولۇپ، يېشى ئون يەتتىگە كىرگەنىدى.
ئۇزۇن قىلىپ، قاتار قويۇلغان ئۈستەلدە ئۇ مەن بىلەن ئۇدۇل ئولتۇرۇپ توختىماي خەت يازاتتى. بۇ چاغدا ئۇ ئۈستىدىكى كاستۇمىنى يېشىۋەتكەن بولۇپ، بەدىنىنى نەقىشلەڭەن ھالرەڭ كوپتا يېپىپ تۇراتتى.
تەقدىر يەنە چاقچىقىنى قىلدى. دەم ئېلىش ۋاقتى شۇنچە قىسقا بولسىمۇ، يېنىمدىكى كەسىپداشلىرىم ئۇنى چۆرىدىۋالدى. قازاق يىگىتى بايتۇرسۇن ئۇنىڭ بېشىدىكى زەر باسقان دوپپىسىنى ئېلىپ مېنىڭ بېشىمغا كىيدۈرۈپ قويدى. قىيا – چىيا كۆتۈرۈلدى. مەن نېمە دېيىشنى بىلمەي قالدىم. رەنانىڭ كەسىپداشلىرى بىلەن مېنىڭ دوستلىرىم:
_ ياراشتى!
_ ساڭىلا لايىق ئىكەن!
_ سېنىڭلا ئىكەن! _ دېيىشىپ كېتىشتى. بەزىلىرى دوپپىنى بېشىمدىن ئېلىپ كىيىپ باقماقچى بولۇشقىنىدا، رەنانىڭ زەينەپ ئىسىملىك ياش ئوقۇتقۇچىسى، ھازىرقى ھەدە دېمەتلىك كەسىپدىشى:
_ لايىقى تېپىلدى، ھەركىم كىيىۋەرسە بولمايدۇ، _ دەپ بېشىمدىكى دوپپىنى ئېلىپ رەنانىڭ ئۆسكىلەڭ قۇندۇز چېچى ئۈستىگە قوندۇرۇپ قويدى.

بېشارەت بەرگۈسى تەقدىرى – قىسمەت،
ئۇنى بۇنياد قىلۇر ھىممەت – جاسارەت.
مۇھەببەت تەڭرىسى ئاتقاي ساداق – ئوق،
ئىزىدىن غۇنچە بوپ كۆكلەر مۇھەببەت.

2 – باب. رەنا _- ئاق ئەتىرگۈل

ئاتاڭ كۈنمۇ، ئاناڭ ئايمۇ،
ياراتقان غۇنچە جىسمىڭنى.
قويۇپتۇ ئۇستا قۇرانداز،
ئاتاپ «رەنا» ئى ئىسمىڭنى.

يول باسقانسېرى ئېچىلىدۇ ۋە كېڭىيىدۇ. سۆيگۈ يولىمۇ خۇددى شۇنداق. رەنا بىر قانچە كۈن ئىچىدە بىتاب بولۇپ يېتىپ قالدى. بىلمەيمەن، نېمە ئۈچۈندۇر ئۇنى ئىككى كۈندىن بېرى كۆرەلمىگەنلىكىمگە بى’ئاراملىق ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالدىم. ئاخىر ئارىمىزدىكى يېشى چوڭراق گۇرۇپپا باشلىقى ئابدۇلھېلىم ئاكىنى ئېلىپ رەنانىڭ ئۆيىگە ئۇنىڭ كېسىلىنى يوقلىغىلى باردۇق. ئۇ ئاتىسى قاۋۇل ئاخۇن، ئانىسى توختىخان ئاچا بىلەن بىر ئا’ئىلىدە تۇراتتى.
قاۋۇل ئاخۇن ئاتا ئۆرە بوي، كېلىشكەن، ئاق كۆڭۈل، بەش ۋاق ناماز كىشى بولۇپ، كېيىنكى يىللاردا رەنانىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۇ كىچىكىدە «شۆتاڭ» دەپ ئاتىلىدىغان مەكتەپتە ئوقۇغان بولۇپ، كېيىنچە سوۋېت – شىنجاڭ سودا شىركىتى «ساۋ – سىن تورىك»دە بىرىنچى ئەۋلاد تېرە – موي ئىشچىسى بولغان ۋە مويكا قۇرۇلغاندا پرىيۇمچىك بولۇپ ئىشلىگەن. سالاپەتلىك، شەپقەتچان، مەرد بۇ كىشى رەنانىڭ ئوقۇمۇشلۇق بولۇپ يېتىلىشى ئۈچۈن تولىمۇ كۆڭۈل بۆلگەن. توختىخان ئاچا قاۋۇل ئاخۇن ئاتىدىن خېلىلا ياش بولۇپ، ئىللىق چىراي، خۇش پىچىم، مېھماندوست ۋە مېھرىبان ئاياللىقى بىر قاراشتىلا كىشىنى سۆيۈندۈرەتتى. ئۇلار سىرتقى ئۆيدە، كاڭ – سۇپا ئۈستىدە ئولتۇرغان يەرلىرىدىن قوزغىلىپ بىزنى كۈتۈۋېلىشتى. بىز بىر ئاز پاراڭلاشقاندىن كېيىن، ئابدۇلھېلىم ئاكىنىڭ ئىشارىتى بىلەن مەن ئىلگىرىرەك ئىچكىرىكى ئۆيگە كىرىپ كەتتىم. بۇ رەنانىڭ خاس ئۆيى بولۇپ، ئاتا – ئانىسى بويىغا يېتىپ قالغان بۇ يېگانە پەرزەنتىگە بۇ ئۆينى چىرايلىق گىلەم ۋە جاھازىلار بىلەن ياسىداقلاپ بەرگەن. ئۆيگە تىزىپ قويۇلغان چىرايلىق قىزىل قونچاقلار بىلەن بالىلار تېلفۇنى، گۈل سېۋىتى قاتارلىق ئويۇنچۇقلار رەنانىڭ تېخى ئۆسمۈرلۈك روھىيىتىدىن ئايرىلىپ كەتمىگەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇراتتى. شېرىن ئۇيقۇغا كەتكەن رەنانىڭ كارىۋىتى يېنىغا كەلدىم. ئۇ بەدىنىنى قىزىل دۇردۇن يوتقاندا ياپقان ھالەتتە كارىۋاتتا ياتاتتى. بىتاپلىقتا بىسەرەمجان ياتقان كىشىلەردىن تۈپتىن پەرقلىق بولغان بۇ خۇش چىرايلىق يېتىش ماڭا ئۇنىڭ ئۆز – ئۆزىنى قەدىرلەش تۇيغۇسىنى چۈشەندۈردى. ئۇنىڭ يېنىدا زۇكام دورىلىرى تۇراتتى. رەنا كۆزىنى ئېچىپ ئورنىدىن قوزغالماقچى بولغانىدى، مەن ئۇنىمىدىم. ئىككى ئېغىز ھال سوراش گېپىنى تولىمۇ ئوڭايسىزلىقتا ئېيتتىم – دە، سىرتقى ئۆيگە چىقتىم.
_ دېمىدىممۇ ئۇيقۇدا، دەپ، _ دېدى ئابدۇلھېلىم ئاكا.
_ مەن ئويغىتاي، _ دەپ قوزغالدى توختىخان ئاچا.
بىز ئۇنىمىدۇق ۋە خوشلىشىپ چىقىپ كەتتۇق.
رەنا تېزلا ساقىيىپ كەتتى. مەن ئۇنى ئۇلارنىڭ ئۇسسۇل دەرسخانىسىدىن تاپتىم. دەرسخانا «قىزىل بىنا»نىڭ غەرب تەرىپىدىكى بىرىنچى قەۋەتتە ئىدى. ئۇدۇل تام پۈتۈنلەي ئەينەك بىلەن شولىلاندۇرۇلغان، ئاستى تاختايلىق بۇ سىنىپتا رەنا ئۆزى يالغۇز خەت يېزىۋاتاتتى. ئىشىكتىن كىرىشىم بىلەن ئۇ تۇنجى قېتىم دوستانە ئىلتىماس قىلدى:
- قېرىنداش قەلەم سۇنۇپ كەتتى، ئۇچلىيالمىدىم، _ دېدى. مەن ئۇنىڭ قولىدىكى قەلەمنى قەلەمتىراچ بىلەن ئۇچلاپ بەردىم.
_ ئەجەب ياخشى ئەينەك ئىكەن بۇ، قېنى بىللە «سۈرەتكە» چۈشۈۋالايلى، _ دېدىم مەن، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئەينەكتە كۆرۈنۈش ئۈچۈن. ئۇ ئۈستىگە نېپىز ئاق ناۋاترەڭ كۆڭلەك كىيگەن، بېشىغا ئەينى يىللارنىڭ ئادىتى بويىچە ئاق چىمەن دوپپا كىيگەنىدى. مېنىڭ ئۈستۈمدە ئاق كۆڭلەك، كەرشىنىۋاي شىم، ئۆزۈم يالاڭ باش ئىدىم. راستچىل ئەينەك ئىككىمىزنى ئىككىمىزگە ئەينەن كۆرسىتىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ بويى مەندىن زىلۋا ۋە يىگىرمە سانتىمېتىرچە پاكارراق بولۇپ، ئىككىمىز غايىدىكىدەك يىگىت – قىز ئىدۇق.
_ ئۆمرۈمدە مۇنداق چوڭ، مۇنداق كۆڭۈللۈك ۋە ئۇنتۇلغۇسىز سۈرەتنى كۆرمىگەنىدىم، _ دېدىم مەن. ئۇ:
_ شۇغىنىسى بۇ سۈرەتنى سۈرەتخانىدىن ئېلىپ كەتكىلى بولمايدۇ، _ دېدى.
مەن ئۇنىڭ يېنىدا ئۇزۇن تۇرۇشنى بىزەڭلىك دەپ ھېسابلىدىم ئېھتىمالىم، ئۇنىڭدىن ئايرىلىش ئالدىدا:
_ ئۇنداقتا بۇ سۈرەتخانىغا پات – پات كېلىپ سۈرەتكە چۈشۈپ تۇرسام بولغۇدەك،_ دېدىم.
_ مەرھەمەت! _ دېدى ئۇ سىنىپ ئىشىكى بوسۇغىسىدا مېنى ئۇزىتىپ.

دوستلىرىم بىلەن رەنانىڭ دوستلىرى بىزگە خەيرخاھلىق قىلىدىغان بولۇشۇپ قالدى. ئۇلاردىن بىر قانچىسى يىگىت – قىز بولۇشۇپ مەن بىلەن رەنانى ئېلىپ ئەينى يىللاردىكى بۈك – باراقسان ئۇلانباي ئورمانلىقىغا سەيلىگە چىقتۇق. ئۇ چاغلاردا ئۈنالغۇ (ماگېنتافون) بولمىغاچقا، تەمبۇر ئېلىۋالدۇق. يېتەرلىك سامسا، ئىچىملىك ۋە دالادا پىشۇرۇش ئۈچۈن كاۋاپقا لازىملىق نەرسىلەر ۋە فوتو ئاپپارات ئېلىۋالغانىدۇق. سەيلىمىز سايىلىق دەرەخلەر تېگىدە، چىملىق ئارىسىدىكى سۈزۈك بۇلاق بويىدا كۆڭۈللۈك بولاتتى. مەن بىلەن رەنا تۇغما ئادىتىمىز بويىچە ئوچۇق، ئەمما كەم سۆز ئىدۇق. مەن يىگىتلىكىمگە ئېلىپ تولىمۇ ئېچىلىپ – يېيىلىپ كېتىشنى، گەپ بىلەن ماختىنىپ سورۇننى ئىگىلىۋېلىشنى، كۆز ئالدىمدا تۇرغان ماختاپ كۆكلەرگە ئۇچۇرۇشنى ۋە بىرەر ئىلمەك ياكى مەنىسىدە ئىشقىي ئىبارىلەر يوشۇرۇنغان تەكەللۇپ گەپلىرىنى قىلىشنى ئەرلىك قەدىر – قىممىتى ۋە كىشىلىك پەزىلىتىگە لايىق بولمىغان چاكىنىلىق دەپ قارايتتىم. ئۇ چاغلاردا «يامانتاغ» باغرىدا تېخى تۆمۈر يول يوق ئىدى. بىز تاغ باغرىغا چىقتۇق، تاشلار ئارىسىدا مۆكۈشمەك ئويناشتۇق. بىر چاغلاردا بى’ئولوگىيە فاكۇلتېتىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا پالى’ئانتولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئۈچۈن بىزنى پروفېسسور جۇ بۇ تاغلىققا ئېلىپ چىققانىدى. مەن ئارىلاپ قىياق، ئادراسىمانلار ئۆسكەن بۇ تاشلىق تاغدىن ئۆتۈۋېتىپ، رەنانى تۆۋەندىن تارتىۋالدىم ۋە قولۇمنى تاش تىلىۋەتتى. رەنا «ۋىيەي» دەپ ئەيمىنىپ كەتتى ۋە كىچىك ئاپاق قولياغلىقىدا قاناپ قالغان قولۇمنى چىڭ تېڭىپ قويدى. بۇ «كىچىككىنە قۇربانلىق» بىلەن «كىچىككىنە پىداكارلىق» ئۆزىنىڭ تۇنجى ئىپادىسىدە قان بىلەن باشلاندى ۋە پاكلىق بەلگىسى بولغان ئاپاق قولياغلىقى بىلەن تامغىلاندى. شۇنىسى خاتىرە قىممىتىگە ئىگە، رەنانىڭ ئاق ياغلىقىدا، ئۇ بىخەۋەر بىر رىشتە _ ئۇنىڭ قۇندۇزدەك بىر تال چېچى ماڭا ئۆمۈرلۈك ھەدىيە بولۇپ قالغانىدى.
ئۇلانبايدىن قايتىشىدا ئۇدۇل يول بىلەن كېتىشنى ئويلاپ يولغا چىقتۇق. ئۇ چاغلاردا ئۈرۈمچى دەرياسى تېخى ساقلانغان بولۇپ، ئادەتتە ئۇ يەر – بۇ يەردە تارقاق سۇلار ئاقاتتى، كەلكۈن كەلگەندە ھەتتا ماشىنا، ئات – ھارۋىلارمۇ ئۆتەلمەي، كۆۋرۈكلەرنى سۇ يالاپ، قاتناش قىيىنچىلىقى ھاسىل بولاتتى. قىش كۈنلىرى ھازىرقى جەنۇبىي شىنخۇ’ئا يولى ۋە ئۈرۈمچى دەرياسى بويى مۇز بىلەن قاپلىناتتى، مەكتەپ ئۇدۇلىدا مۇز ئۈستىدە كانكى تېيىلىپ چوڭ كۆۋرۈككىچە مۇز تېيىلىپ ئوينايتتىم. شې’ئىرلىرىم ئارىسىدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى كۆلى ئۈستىدە قىشتا كانكى ئويناۋاتقان بالىلار ۋە ياشلارنى كۆرۈپ، ياشلىق چاغلىرىمدا كانكى ئوينىغانلىقىمنى ئەسلەپ يازغان بىر شې’ئىرىم بارلىقى ئېسىمدە.
بىز تارىلىپ ئېقىۋاتقان ئۈرۈمچى دەرياسىدىن ئۆتكەندە ئوغۇللار قىزلارنى يۈدۈشكە توغرا كەلدى. نېمە ئۈچۈندۇر ھەممىسى ئىككىمىزنى تاشلاپ قويۇپ سۇغا كىرىپ كېتىشتى. مەن شىمىمنى ئېگىز تۈرۈپ، رەنانى ھاپاش قىلىپ ئۆتۈشۈمگە توغرا كەلگەنىدى. ئەمما، رەنا ئۆز غۇرۇرىغا ئېلىپ مەن بىلەن يانمۇيان سۇ كېچىپ ئۆتتى. نېمە ئۈچۈندۇر، قىرغاقتىكى دوستلىرىمىز سۇغا تاش ئېتىپ، يۈرۈشىمىزنى قىيىنلاشتۇراتتى. مەن سۇغا يىقىلىپ چۈشمەسلىككە ھەرىكەتلىنەتتىم. ئاخىر قىرغاققا چىقتۇق، بىراق بالىلار بىزنى شۇ ھالەتتە ئىككى گۈلخان ئارىسىدىن ئۆتمىگىچە قويۇپ بېرىشمىدى.

3 – باب. تۇنجى مۇھەببەت دەپتىرى

ۋىسال گۈلىنى كۆرسەتتى تەقدىر،
تىنچ قەلبىمگە يېقىپ مۇھەببەت.
ھىجران يولىنى ئۇ ئاچتى ئاخىر،
سۆيگۈ ئوتىنى كۈچەيتىپ ھەيۋەت.

تاڭدىكى تۇمان ۋە ياكى سەھەر ئۇيقۇلۇقىدىكى شېرىن چۈشتەك ۋىسال كۈنلىرى ئۇزۇن بولمىدى. «ئىستىل تۈزەش» دەپ ئاتالغان ھەرىكەت دولقۇنى بىلەن تەڭلا شىنجاڭ يېزىلىرىدا تۆۋەن كوپىراتىپلارنى ئومۇميۈزلۈك ئالىي كوپىراتىپلارغا كۆتۈرۈش ھەرىكىتى باشلاندى. مېنى ما’ئارىپ نازارىتى ئاپتونوم رايونلۇق ئىستىل تۈزەشكە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ مەكتىپىمىزدىكى «نۇقتىغا چۈشكەن ۋەكىلى» سالاھىيىتى بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىغا بېرىشىمنى ئۇقتۇردى. ئۇ ماڭا مېنىڭ يېزا خىزمىتى تەجرىبەمنىڭ يوقلۇقى، بۇ مۇھىم چېنىقىش پۇرسىتى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە جېكىلىدى. شۇنداق قىلىپ مېنى دوستلىرىم قەشقەرگە ئۇزاتتى. ئۇلارنىڭ «يوللۇق سوۋغا»لىرى ئارىسىدا رەنانىڭ ئۈستىگە خەنزۇچە «چىڭنىيەن»(ياشلىق) دېگەن خەت يېزىلغان قېلىن خاتىرە دەپتىرى بار ئىدى. مەن بۇ سوۋغىدىن ھېچقانداق غەيرىي مەنە تاپالمىدىم. تاپقىنىم، پەقەت رەنانىڭ پاكلىقى ۋە دوستانە ھېسسىياتى ئىدى، خالاس. بۇ دانالىق ئىدى!
يولغا چىقتۇق. ئەينى يىللاردىكى جەنۇبىي شىنجاڭ تاشيولى تولىسى توپىلىق يول ئىدى. مەن قارا يۈك ماشىنىسى _ زىس ئاپتوموبىلىنىڭ ئەڭ ئارقىسىدىكى بۇلۇڭدىن ئورۇن ئالدىم. بۇ قۇيۇنتاز ئىچىدە پۈكلىنىپ ئولتۇرۇش دېگەنلىك ئىدى. بۈگۈرنىڭ «كەمبەغەللەر مەھەللىسى» دېگەن يېرىدىكى دەڭدە بىرىنچى قېتىم پارتىيە – ئىتتىپاق ئەزالىرى يىغىنى ئېچىلدى. ھەممىمىز قايتا تىزىملاندۇق. قەشقەرگە بارغاندىن كېيىن تاغام ئابدۇكېرىم ئىبراھىمنىڭ جانان كوچىسىدىكى تارغىنە ئۆيىگە كىرىپ، ئاران بىر كۈن قونالىدىم. ئاتا – ئانىلىرىم سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ فرۇنزى (بېشكەك) شەھىرىگە چىققاندا مەسلىھەت بويىچە قويۇپ كەتكەن بىر كىشىلىك پاسپورت تاغامدا ئىدى. مەن بىر قانچە كىشى بىلەن مارالبېشىغا تەقسىم قىلىندىم. ئۇ يەردىن مەخمۇتجان ئاكا ئىسىملىك كىشى باشچىلىقىدا مەن، قۇربان مەمتېلى، ئىككى خەنزۇ كادىر جەمىي بەشىمىز سېرىقبۇيا رايونىغا تەقسىم قىلىندۇق. ئىش ئورنىمىز شاكال ئاۋات بازار – كەنتى بولدى. ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي مەخمۇتجان ئاكا كېسەل سەۋەبىدىن ئۈرۈمچىگە قايتىپ، يېشىم باشقىلاردىن كىچىك بولسىمۇ، بۇ خىزمەت گۇرۇپپىسىغا مېنى مەسۇل قىلىپ قويدى. مەن چېچىمنى چۈشۈرۈۋېتىپ پۈتۈنلەي قەشقەر – دولان يېزىلىرىدىكى يەرلىك ئۇيغۇر يىگىتى قىياپىتىگە كىرىپ ئىشقا كىرىشىپ كەتتىم. بۇ ئىشلار ئۆز يولىدا. قولۇمغا ھەر كۈنى رەنانىڭ خاتىرە سوۋغىسىنى _ ياشلىق دەپتىرىنى ئالاتتىم. تۇنجى ئىللىق بېشارەتلەر تىزمىسى، يىراقلىق ۋە ۋاقىت، ھىجران ئازابى، سېغىنىش تۇيغۇلىرى مېنىڭ تېخى ھېچقانداق سۆيگۈ _ مۇھەببەتتىن سۇ ئىچمىگەن بوز قەلبىمگە كۈچلۈك لەززەت سېلىشقا باشلىدى. كۆزۈمگە قىزلارنىڭ قولياغلىققا چىگىلگەن غورىلىرى، ئۆرۈكلىرى، چوكانلارنىڭ قىزىل بوياپ دېرىزىگە قويۇپ قويغان تۇخۇملىرى كۆرۈنمەيتتى. بەزىدە ئاتلىق ئورمانلىق – توغراقلىق يەكەن ۋادىسىدا، بەزىدە شور توپىلىق يولدا، بەزىدە چەكسىز كەتكەن بۇيىزارلىقتا، قىسقىسى ئادەم يوق جاڭگالدا «رەنا!» دەپ ۋارقىرايدىغان، مەجلىس ئۈستىلى ئۈستىدە بولسا سالاپەتلىك مۇھاكىمە يۈرگۈزىدىغان بولدۇم. دەرۋەقە، مېنى مانا مۇشۇنداق ئىككى پارچىغا تىلىپ تاشلىغانلىقىنى رەنانىڭ ئۆزىمۇ بىلمەيتتى.
رەنانىڭ خاتىرە دەپتىرىگە تېخى رەسمىي مۇھەببەت ئىزھار قىلمىغان ھالەتتىكى قەلبىمنى يېزىشقا كىرىشتىم. خاتىرە دەپتەرنىڭ بىرىنچى بېتىدە رەنانىڭ زەينەپ سابىت بىلەن چۈشكەن سۈرىتى چاپلانغانىدى. مەن ئۈچۈن بۇ دا’ئىمىي ۋىسال پېشايۋىنى ۋە نىگار جاھاننامىسى ئىدى. مەن بۇ ئاجايىپ مەپتۇنكار سۈرەتكە قاراپ قانچىلاپ ئەپسۇنكار تىلەكلەر بىلەن رەناغا سالامەتلىك ۋە بەخت تىلىگەنلىكىمنى ئۇنتالمايمەن. مەن خاتىرە دەپتەرنىڭ ئىككىنچى بېتىگە بىر دانە ئاق ئەتىرگۈلنى ۋە رەنانىڭ مەن ئۇنىڭ بىلەن يامانتاغ ئېتىكىگە چىققاندا قولۇم قاناپ رەنا تېڭىپ قويغان قولياغلىقىدا قېپقالغان بىر تال چاچنى قەغەزگە ئاۋايلاپ ئوراپ چاپلاپ قويغانىدىم. ھازىر ئويلىسام، بۇ بىر ئەپسۇنكار دەستۇر بولۇپ قالغان ۋە ئۇنىڭ قەلبىدىمۇ مەن توغرۇلۇق ئويلانمىسا بولمايدىغان ئىللىق ھېسداشلىق تۇيغۇسىنى چېلىقتۇرغان بولسام كېرەك. مەن دوستلارغا بېغىشلاپ بىر قانچە قېتىم خەت يازدىم. بۇ خەتتە ئۇلارنىڭ ناملىرىنى، بولۇپمۇ رەنانىڭ مۇبارەك ئىسمىنى ئاتايىن ئوتلۇق نەپەستە تىلغا ئالدىم، ئۇنتۇلماس كۆڭۈللۈك كۈنلەرنى قەيت قىلدىم. ئەمما، رەناغا ئاتاپ مۇھەببەت خېتى يېزىشقا يۈكلەڭەن ھېسسىياتىم ئامالسىز ئىدى …
مەن سېرىقبۇيىدا ئىككى يىل تۇرۇپ قالدىم. بۇ مەزگىلدە رەنانىڭ مەن ئۇنىڭ بىلەن تونۇشۇشتىن ئىلگىرىكى ئەھۋاللىرىنى ئەسكە ئالدىم.
رەنا ئۆزىنىڭ ئالتە ئايلىق چېغىدا ئاتا- ئانىسى بىلەن بىللە كۇچادىن ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىپ كەلگەنىكەن. «ياڭخاڭ» مەھەللسىدە ئۆسۈپ چوڭ بولغان. بۇ ئۇيغۇر، ئۆزبېك، تاتار، رۇسلار توپلاشقان مەدەنىيەتلىك رايون ئىدى. رەنا ئارىلىقتا ئاتىسى كۇچاغا مويكا تەسىس قىلىپ بېرىش خىزمىتىگە بارغاندا كۇچادا ئوقۇش يېشىغا تولۇپ بىر يىل ئوقۇغان، كېيىن باشلانغۇچ مەكتەپ تەربىيىسىنى ئۈرۈمچىدە داۋاملاشتۇرغان. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۈرۈمچى قىزلار مەكتىپىدە ئوقۇغان. ئازادلىقتىن كېيىن، ئۇ غەربىي شىمال سەنەت ئىنستىتۇتىنىڭ شىنجاڭ فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا تاللانغان. بۇ فاكۇلتېت شىنجاڭ ئىنستىتۇتىنىڭ سەنەت فاكۇلتېتى بولۇپ، ئۈرۈمچىگە يۆتكەلگەندە «جۇڭگو ئوقۇغۇچىلار – ياشلار ۋەكىللەر ئۆمىكى» تەركىبىگە تاللىنىپ ۋارشاۋادا ئۆتكۈزۈلگەن 5 – نۆۋەتلىك دۇنيا ياشلار – ستۇدېنتلار فېستىۋالىغا قاتناشقان. ئۇ مانجۇلى – ئامورىسكى ئارقىلىق تۆمۈر يول بىلەن كەڭ سىبىرىيە ئورمانلىق رايونى ۋە ئورال تاغلىرىنىڭ شەرقىي – غەربىي قاناتلىرىنى بېسىپ ئۆتۈپ موسكۋا – لېنىڭراد شەھەرلىرىدە بولغان. موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە جۇڭگو كونسۇلخانىلىرىدا دۆلەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن كەچلىك سەنەت نومۇرلىرىدا «داپ ئۇسسۇلى»نى ئويناپ، ئەينى زاماندىكى مولوتوپ، مالىنكوف قاتارلىق سوۋېت رەھبەرلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن. فېستىۋال تاماملىنىپ ۋەكىللەر قايتقاندىن كېيىن، «جۇڭگو ئېكسكۇرسىيە ئۆمىكى» تەركىبىگە لى شىخەن (جۇڭگو سەنەت ئاكادېمىيىسى رە’ئىسى، پۇبلىست)، زەينەپ سابىتلار بىلەن تاللىنىپ، دانىيە، ئىسلاندىيە دۆلەتلىرىنى زىيارەت قىلغان. ئاندىرىسون مۇزېيى، ئاتلانتىك ئوكيان، ئىسلاندىيە ۋولقان تېغى، ئارىشاڭ بۇلاقلىرىنى زىيارەت قىلغان. دانىيە پادىشاھى، خانىشى ۋە ھازىرقى ئايال پادىشاھ مەلىكە قىزى بىلەن بالېت ئويۇنىنى تاماشا قىلغان. ئۇ كوپېنھاگېن ۋادىسىدىكى «ساھىبجامال بېلىقىز» ھەيكىلى ئالدىدا بۇ رىۋايەتتىكى پاك قىزنىڭ غۇرۇرلۇق – ۋىجدانلىق ئوبرازىدىن قاتتىق تەسىرلەڭەن ۋە بۇ ھەيكەل ئالدىدا سۈرەتكە چۈشكەن. كېيىنچە ئۇ بېيجىڭ ئۇسسۇل ئىنستىتۇتىدا، ھازىرقى شۇ مەكتەپنىڭ مۇدىرى، پروفېسسورى لۇي يىشىڭ قاتارلىق ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئوقۇغان. ئۇ چەتەل ئاسپىرانتلىرى بىلەن بىر سىنىپتا تەلىم ئالغانىدى. مەن ئۇنىڭ بېيجىڭ ئۇسسۇل مەكتىپىگە ئوقۇشقا بېرىش ئالدىدا ئۇنى شاپتۇل چېچىكى يۇڭ رومالدا يىراقتىن كۆرگەن بولساممۇ، ئۇنىڭ بىلەن ئۇ بېيجىڭ ئۇسسۇل مەكتىپىنى تاماملاپ قايتقاندىن كېيىن رەسمىي تونۇشقانىدۇق.
مارالبېشىدىن قايتتۇق. پۈتۈن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى خىزمەت قوشۇنى دەرھال تەلتۆكۈس تەركىب بويىچە ئۈرۈمچىگە كېلىپ، ئۆز ئورۇنلىرىمىزغا تىزىملاتتۇق، دوستلىرىمىز بىلەن ئۇچراشتۇق. ئەمما، نېمىشقىدۇر ئۇلارنىڭ روھىيەتلىرى جىددىي، گەپ – سۆزلىرى ئېھتىياتچان ئىدى. مەن رەنا بىلەن ئۇنىڭ ئۆيىدىمۇ، مەكتەپ بىناسىدىمۇ ئۇچرىشالمىدىم. ئەھۋالنى مىرزا’ئەخمەت بىلەن مۇھەممەت نىزامىدىندىن خالىي ئورماندا ئىگىلىگەنىدىم.

4 – باب. خىسلەتلىك ئېكران ۋە خاسىيەتلىك كارىكاتۇرا

سۆيگۈ يولىدا بىر چېچەك،
جەننەت مىسالى بەزىدە.
ئامەت قۇشى كۈلگەن چېغى،
گۆھەر ئاقار كۆز ياشىدە.

كەچ كۈزگە يېقىنلىسىمۇ، ھاۋا ئىسسىق تەپتىدىن يانمىغانىدى. مەن چۈشتىن كېيىن رۇس كۇلۇبى (ھازىرقى دوستلۇق دوختۇرخانىسى)دىكى كىنو ئېلانىغا يېقىنلاپ كەلدىم. يېزىدا كىنو كۆرمىگىنىمگە يېرىم يىلدىن ئاشقانىدى. تەنھا بېلەت سېتىۋالدىم -دە، زالنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇردۇم. ئەتراپىمدا ئادەم تازا زىچ بولمىغاچقا، ئالدىنقى قاتاردا، ئوتتۇرا قاتارلاردا بوش ئورۇن يوق دېيەرلىك ئىدى. ئۇ زامانلاردا ئا’ئىلە تېلېۋىزورلىرى بولمىغاچقا ئادەملەر كىنوخانىغا باس – باس كىرىشەتتى.
بىر چاغدا يېنىمغا رەنانىڭ تۇرسۇنخان دېگەن دوستى كېلىپ:
_ سىزنى چاقىرىدۇ، يېنىدا بىر كىشىلىك ئورۇن بوش، _ دېدى.
مەن دەرھال سەزدىم. كىم چاقىرىدۇ، دېيىشنىڭ ئورنى يوق ئىدى. تۇرسۇنخانغا ئەگىشىپ ئوتتۇرا قاتارنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى ئورۇندا ئولتۇرغان رەناغا كۆزۈم چۈشتى. ئۇ ئۈستىگە قارا تور، كالتە يەڭ ئېسىل كوپتا كىيگەن بولۇپ، چېچىنى كەينىگە يېرىم ھالقا قىلىپ ئورۇۋالغانىدى. ئادەم لىق تولغان بۇ ھېيىقىشلىق مەيداندا ئۇ مەن بىلەن قىسقا، ئەمما مەزمۇنلۇق دىدارلاشتى.
_ مۇشۇ يەردە ئۇچرىشىدىغان بولدۇق- دە، ھەممىسىدىن خەۋەر تاپتىم، _ دېدى ئۇ. مەن ئۇنىڭ ئۇنى ئىزدەپ ئىزدەپ يۈرگىنىمنى ئۇققانلىقىنى بىلدىم. دەرھال سەھنە قاراڭغۇلىشىپ، كىنو باشلىنىپ كەتكەچكە ئارتۇق پاراڭلىشىشقا بولمىدى.
ئۇ مېنىڭ ئوڭ تەرىپىمدە، تۇرسۇنخان سول تەرىپىمدە ئىدى. مەن ئىلاجى بار، ئۇنىڭ نېپىز كىيىملىرى، يالىڭاچ يۇمران بىلەكلىرىگە تېگىپ كەتمەسلىك ئۈچۈن ئۆزۈمنى ئۇنىڭدىن يىراقلاشتۇرۇشقا تىرىشاتتىم. ئۇ قانداقتۇر نازۇك ئۇچقۇر تۇيغۇ رىتىمىغا قارشى ئەخلاقىي ئاڭ ھەرىكىتى ئىدى. ئۇ مېنىڭ نەزىرىمدە ئۆزىنى خېلىلا ئەركىن، مەغرۇر، سالاپەتلىك تۇتاتتى. ئۇ ئارىلاپ – ئارىلاپ مەندىن كىنودىكى بەزىبىر ۋەقەلىككە ئىزاھات، ناخشىلارغا ئىزاھات سورايتتى. تەسىرلىنىپ كەتكەندە بىلىكىنى قىمىرلىتىپ، ئۆز ھېسسىياتلىرىنى ئىپادىلەيتتى. بۇ ھىندىستاننىڭ «سەرگەردان» ناملىق مەشھۇر كىنو فىلىمى بولۇپ، ئۇنىڭ كېيىنكى ئېيتىپ بېرىشىگە قارىغاندا، ئۇ بۇ فىلىمنى ئون نەچچە قېتىم كۆرگەن. ئۇ، بۇ كىنودىكى لازىنىڭ يامغۇرلۇق كوچىدا تۇغۇلغىنى، نەسەب جەھەتتىكى قانداشلىق قاراشلىرى ئاسارىتىدىن بولغان پاجى’ئەلەر، ئىجتىما’ئىي خارلىق – ھاقارەت قاتارلىق كۆرۈنۈشلەردىن يىغلايتتى. مەن رەنانىڭ مۇھەببەت كىنولىرىنى ئىجتىما’ئىي تۇرمۇش نۇقتىسىدىن كۆزىتىدىغانلىقىنى بىلدىم.
ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگىنىمدىن كېيىن، بۇ شەھەردە سىياسىي ھاۋا پۈتۈنلەي جىددىيلىشىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي ئاتالمىش «چوڭ خەتلىك گېزىت»(دازىباۋ) دېگەن «كەشپىيات» مەيدانغا چىقتى. ئىسمى – جىسمى نامەلۇم «ئاپتومات»، «بىگىز»، «كىرپە» دېگەندەك قەلەم ئىگىلىرى ئۆزى خالىغان ئادەملەر ئۈستىدىن دازىباۋ، كارىكاتۇرىلارنى سىزىپ چاپلىغىلى تۇردى. رەنا بىلەن ئىككىمىز ئاتايىن چېتىشتۇرۇلۇپ يېزىلغان بىر پارچە چوڭ قىزىل قەغەز بىنا ئىشىكى ئالدىغا چاپلاندى. بۇ مېنى كۆرەلمىگەنلەر بىلەن رەناغا كۆز تاشلاپ يۈرگەنلەرگە بولۇپ بەردى. دوستلىرىم ئۈستىدىمۇ دازىباۋلار چىقتى.
مەن رەنانىڭ بۇ چاپلانمىنى كۆرۈپلا يىغلاپ ئۆيىگە قايتقانلىقىنى ئاڭلاپ، ئىچىم ئېتىلدۇرغان قوماچتەك بولۇپ كەتتى. ئىختىيارسىز ئۇنىڭ قورۇسىغا بېرىپ قالغانىدىم. ئۇ چاغدا ئۇ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى كۆلى ئايىغىدىكى بىر قەۋەتلىك ئا’ئىلە قورۇسىدا تۇراتتى. مەن ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرىشكە جۈرەت قىلالمىدىم ۋە ئۇنى شۇ قورۇدىكى باشقا بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆيىگە چاقىرتتىم. ئۇ مېنى كۆرۈشى بىلەنلا ئۆز دوستىنى كۆرگەندەكلا يىغلاپ كەتتى. ئۇنى ئورۇندۇقتا ئولتۇرغۇزۇپ، ئۇنىڭ يېنىدا ئۆرە تۇرۇپ، چوڭ پاكىت سۆزلەپ ئۇنى تىنجىتماقچى بولدۇم. ئۇ بېشىنى تۆۋەن سېلىپ، تىنىمسىز كۆز يېشى تۆكۈپ يىغلايتتى. ئۇنىڭ قۇندۇز چاچلىرى سىيلىق تارالغان، قاتتىق ئۆرۈلۈپ، دولىسىغا ئېشىپ تۈگۈنچەكلەڭەچكە، ئۇنىڭدىن ئون سەككىز ياشلىق بۇ ئاجايىپ ساھىبجامالنىڭ خۇش پۇرىقى گۈپۈلدەپ دىماغقا ئۇرۇلۇپ تۇراتتى. يالتىراق چاچلار ئۆز سېھرىي بىلەن كۆڭلۈمنى غىدىقلايتتى. ئەمما، مەن ئۆز تۇيغۇلىرىمنى، ئۇ ھەتتا ئوتلۇق گۈلخان ھارارىتى ھاسىل قىلغاندىمۇ، بولمىغۇر ئۇششاق ھەرىكەتلەر بىلەن پەسلەشتۈرۈشنى نومۇس كۆرەتتىم.
مەن قانچە چوڭ پاكىتلار سۆزلىگىنىم بىلەن رەنانىڭ قىزلىق مەسۇمە تۇيغۇلىرىدىن يامراپ چىققان تۇنجى ھاقارەتلىنىشكە قاراتقان پىغانلىق كۆز ياشلىرىنى توختىتالمايتتى. بۇ، ئاق ئەتىرگۈلنىڭ تۇنجى يامغۇر – يېشىنغا يولۇقۇشى، ئۇنىڭ قارا قۇمچاق كۆز گۆھەرلىرىنىڭ تۇنجى ئەلەم ياشلىرىدا چايقىلىشى ئىدى. گەرچە بۇ قېتىملىق كۆز يېشى ۋە ئۇنىڭغا سەۋەبچى بولغان ھاقارەتنامە ئىككىمىزنىڭ تېخى شەرەتلەشمىگەن سۆيگۈ ھېسسىياتلىرىمىزنى كۈچەيتكەن ۋە ئۇنى جاما’ئەت ئالدىدا ئېلان قىلىش رولىنى ئۆتىگەن بولسىمۇ، مەن ھازىرغىچە بۇ مەنزىرىدىن لەرزىگە كېلىپ تىترەيمەن.
ھازىر ئويلىغىنىمدا، مەن رەنانىڭ كۆز يېشى بىلەن بىللە، ئۇنىڭغا ھەمرا بولۇپ يېشىم ئاتمىشقا كىرگۈچە كۆپ قېتىم كۈلۈپ تۇرغان، چەكچىيىپ تۇرغان قىياپەتتە ئاچچىق – ئاچچىق ھەسرەتلىنىپ يىغلىدىم. «ئەرلىك يىغىسى _ شىرنىڭ نالىسى، كۆرۈنمەيدۇ ياش تامچىسى، ساقايمايدۇ ئۇنىڭ يارىسى» دېگەن سۆز بار. ئەمما، ماڭا نىسبەتەن رەنا تېخىمۇ كۆپ يىغلىدى. ئۇ، مەن ئۈچۈن ھەممىدىن كۆپ، ھەممىدىن ئاچچىق، ھەممىدىن كۆيۈنۈپ لەختە – لەختە يىغلىدى. مەن كۇھىقاپ ئاغزىدا ياكى جەھەننەم ئىشىكى ئالدىدا تاش يۈرەك بولۇۋالساممۇ، رەنانىڭ كۆز يېشى ئالدىدا تېرىقتەك تىترەپ، سىمابتەك قۇيۇلىمەن! مېنى ھاقارەتلىك سۆزلەر، ھېچقانداق كۈچ ئىككىلەندۈرەلمەس ئىدى. ئەمما، رەنانىڭ يىغىسى مېنى تەسلىم قىلدۇرىدۇ. مەن ئۆزۈمنى يىغا – زارسىز مۇھىتقا ئېرىشتۈرەلمىدىم. ئەكس ھالدا، مەن رەناغا كىشىلىك كۆز ياشلىرىنىڭ نورمىسىدىن ھالقىپ ئاجايىپ ئېغىر كۆز ياشلىرى ئېلىپ كەلدىم! مەن ئۇنىڭ كۆز ياشلىرى ئالدىدا توپان سۈيىدە تەڭرىدىن ئىنايەت تىلىگەن نوھتەك، ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سورايمەن. ھەيدەر خارازىمى:

«نېچۈندۇر ئىزگۈلۈكنىڭ،
كۆزلىرى نەم يارالغاندۇر».

دەپ يازغانىدى. پاكلىق، ۋىجدان، غۇرۇر تۈپەيلى «ئىزگۈ مالا’ئىكە»نىڭ قەلبى ھەققانىيەت ۋە ئار- نومۇس جەۋھەرلىرى بىلەن چايقالغان كۆز ياشلىرىغا پەيۋەس ئىدى.
بۇ قېتىملىق ھاقارەتنامىگە ئۇلىنىپ رەنانىڭ نامىغا دازىباۋ ياكى كارىكاتۇرا چىقمىدى. مېنىڭ ئۈستۈمدە ئاندا – ساندا چىققان دازىباۋلار بارغانسېرى پۈتۈن مەكتەپ بويلاپ، مەخسۇس ماڭا قارىتىلغان بىر يۈرۈش دازىباۋلار تىزمىسىغا ئايلىنىشقا باشلىدى. مەن رەنالارنىڭ ئۆگىنىش گۇرۇپپىسىدىن ئايرىلىپ «مەسىلىسى بارلار» گۇرۇپپىسىدا ئۆگىنىدىغان بولدۇم.

مەن رەنانى ھەر كۈنى ئۇنىڭ ئۆيىگە، مېنىڭ ئاشخانىغا قاتنايدىغان يولىمىزدىكى سېمونت ئىستولبا يېنىدا ئۇچرىتاتتىم. ئۇنىڭمۇ دەل شۇ پەيتكە توغرىلاپ يولغا چىقىشىنى بىلمەيمەن. ئەمما، مەن ئىچىمگە بىر ئوچۇم چۈمۈلە سېلىۋالغاندەكلا، ئورنۇمدا تۇرالمايتتىم. ئالەمنىڭ مالەم بولۇشى ماڭا مۇھىم ئەمەستەك قىلاتتى. مۇھىمى، ئۇنى ھەر كۈنى بىر قېتىم كۆرۈپ، خۇش تەبەسسۇم سالاملىشىش ئىدى …

5 – باب. ئۇ ماڭا ئىشەندى

ماڭا قارىتا كۈرەش باشلاندى.
قىزىل بىنانىڭ ئۈچىنچى قەۋىتىدىكى زال، تاملارغا، قىزىل قەغەزلەرگە ئەڭ ئاخىرقى قەھرى – قاباھەتلىك شو’ئارلار _ «يوقالسۇن!» دېگەن سۆزلەر يېزىپ چاپلانغانىدى. دەل پىتنە – ئىغۋا رومانتىكىسى تەسەۋۋۇر چۇلۋۇرىنى قويۇۋەتكەن جايدا ھەممىسىنىڭ مەنتىقىغا ئىسيان قىلىشىنى كۆرۈشكە بولاتتى.
مەكتەپ پارتكومىنىڭ سېكرېتارىنى ئۇ يەردە كۈرەش قىلىۋاتاتتى. ئارقىدىن مېنىڭ سەھنىگە چىقىشىم تەلەپ قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن سېكرېتار سادىرنىڭ ئورنىغا مەن چىقتىم.
تېخى يىگىرمە بەش ياشقا كىرمىگەنىدىم. ماڭا ئىككى نەرسە كۈچ ئاتا قىلىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ بىرى، ھەققانىيەت بولۇپ، مەن ئۇششاق – چۈششەككە ئېتىبار قىلماسلىق، نادانلىققا سۈكۈنات قىلىش، تۆھمەتنى كەسكىن رەت قىلىش پوزىتسىيىسىنى تاللىغانىدىم. بۇ ھەققانىي روھ مەندىن سەۋر – تاقەتنى، تەھلىل ۋە مەنتىقىنى تەلەپ قىلاتتى. يەنە بىرى، رەنانىڭ مۇشۇ مەيداندا بارلىقى، ئۇنىڭ مېنى تۇنجى قېتىم دۈشمەنلىك نەزىرىمدىكى قورشاپ ھۇجۇم قىلىش شارا’ئىتىدا كۆزىتىش ئىدى. بۇ بىر ئېغىر مەسۇلىيەت ۋە ئار – نومۇسلۇق سىناق ئىدى. مەن قانداقتۇر سوراقچىلارنىڭ «سىناق»لىرىغا ئەمەس، بەلكى رەنانىڭ سىناقلىرىغا جاۋاب بېرىشىم كېرەك ئىدى. بۇ ئەرلىك بۇرتلىرىنى كۆرسىتىدىغان، ئىششىق لىرىكىلىرىغا تايىنىدىغان، پۇلپەزلىك ياكى قارا كۈچ كۈچىنى كۆز – كۆز قىلىدىغان سىناق ئەمەس، ئۆزىنىڭ خەلق ۋە ھەققانىيەت بىلەن بولغان ۋىجدانىي ئالاقىلىرىنى ئىپادىلەيدىغان ئەرلىك سىنىقى ئىدى. بۇ دەل رەنانىڭ غۇرۇرى كۆزىتىپ تۇرغا گىر چېكىتى ئىدى. رەنانىڭ مۇشۇ مەيداندا بارلىقىنى دەسلەپ ناتوغرا ھېس قىلدىم. ھالىم يامان قالغاندا، ئۇ مەندىن «مەندىن چەتنەپ كېتەر، ئوتى يوق ئوچاققا كىم قاراپ ئولتۇرىدۇ» دەپ ئويلىغانىدىم. كىم بىلسۇن، كۈرەش جەريانى ئۇنىڭ مېنى چۈشىنىش، ماڭا ھېسداشلىق، دىلكەشلىك ھەتتا روشەن ۋە كەسكىن ھامىيلىق جەريانى بولدى. مەن بۇنى سەزگىنىمدىن كېيىن، رەنانىڭ بۇ مەيداندا بارلىقى ماڭا ئەقىل – ھېسسىيات ئارىلاشقان بىر مەدەت بولدى. مەن ھاياتىمدا نۇرغۇن قېتىم مۇنداق سىياسىي – ئىجتىما’ئىي بۆھرانغا سۈنىي، زورمۇزور يوسۇندا دۇچ كەلدىم. بۇلارنىڭ ھەممىسىدە رەنا ماڭا دا’ئىمىي ئىلھامچى ۋە روھىي تىرەك بولدى. بۇ ئىزگۈ مالا’ئىكىسى بولمىغاندا، مېنىڭ نوھ كېمەم توپان كەلكۈنلىرىدە غەرق بولۇپ كېتىشى كۆرۈنۈپ تۇرغان ئىش ئىدى.
مۇشۇ كۈنلەردە مەن بۇ ھەرىكەتكە ۋە ئۇنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىغا پۈتۈنلەي شۈبھى بىلەن قاراشقا باشلىدىم. ئۇلار مېنى ئەمەس، ئۆزلىرىنى ئاشكارا پاش قىلىشقا تۇتۇنغانىدى. بىراق بۇنداق ئەسەبىيلىك رەنانىڭ تاقىتىنى تاق قىلدى. ئۇ باشتىلا مېنىڭ بۇ مەيداندىكى ھامىيلىق ۋە ئىزاھات سۆزلىرىمنى باشقىلارنىڭ يالغان – ياۋىداقلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ، «ئۇنىڭ سۆزىنىڭ يولى بار، ئۇ ئېيتقان پاكىتلارنىڭ قايسى بىرى خاتا؟» دەپ چىقتى. ئۇ دەرھال ھەققانىي ئاڭ ئىگىلىرىنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشتى. ئەمما، چۈشكۈرسىلا تىترەپ كېتىدىغان بەزى مېخانىزملار «ئەرز» قىلدى. مەسۇل خادىم بۇ قىزنىڭ سۆزى ۋە جاسارىتىدىن ئىككىلىنىپ تۇرغان ياش مۇ’ئەللىملەر بىلەن كۈرەشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن قوشۇلغان ئوقۇغۇچىلاردا كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلىپ قويمىسۇن، دەپ ئويلىدى ۋە ھېلىقى «ئەرزىيەتچى»لەرگە:
-_ يولداش رەنا كىچىك، شىنجاڭدىكى سىنىپىي كۈرەشتىن خەۋەرسىز. ئۇنىڭ كاللىسىدا تېخى ياۋروپا تەسىرى قۇرۇغىنى يوق. يولداش رەنا ئىشچى ئا’ئىلىسىدىن كېلىپ چىققان. بىز ئۇنى باشقا يول بىلەن تەربىيىلىۋالىمىز،_ دەپ ئۇلارنى قايتۇردى ۋە رەنا بىلەن سۆزلىشىپ كۆرۈش ئالدىدا بىر كارىكاتۇرا چىقارغۇزدى.
كارىكاتۇرا رەنانىڭ ئۈستىگە ئالما ئۇرۇقى رەڭلىك بىلەن چېكىم – چېكىم گۈللۈك كوپتا كىيدۈرۈلگەن، ئىككى ئۆرۈم چېچى بىلەن يوپكىسىنىڭ پېشى ئۇچۇپ تۇرغان بولۇپ، ئوڭ قولى ئالىقانلىرى ئېچىلغان پېتى ئالدىغا سوزۇلغان كۆرۈنۈشتە سىزدۇرۇلغان. كارىكاتۇرىغا: «ئابدۇشۈكۈردە مەسىلە يوق!» دېگەن خەت يېزىلغانىدى.
مەن رەنادىن تەسىرلەندىم. يىغلاڭغۇ ھالدا مەسىلە تاپشۇرغانلار بىلەن دوستلۇقتىن بىر دومىلاپلا «ئاكتىپ» بولۇۋالغان ئادەملەرگە قارىغاندا بۇ كىچىككىنە تۇمۇچۇق ئاڭلىق، جاسارەتلىك، ناھەققە ئۆلسىمۇ تىز پۈكمەس غەيۇر تەبى’ئەت ئىنسان ئىدى.

بۇ ئارىدا سوۋېتتىن ئاتا – ئانام كەلدى. ئۇلار مەندەك يالغۇز ئوغلىنى ئېلىپ كېتىش ياكى ئۆزلىرى يۆتكىلىپ كېتىش ئۈچۈن ئايروپىلاندا مەن بىلەن ئۈچ كىشىلىك كېلىپ – كېتىش بېلىتىنى ئېلىپ كەلگەنىدى. ئۇلارنى سەيپىدىن ئەزىزى، ئابدۇللا زاكىروف قاتارلىقلار ئۇلار چۈشكەن ئۆيگە كېلىپ يوقلاشتى. مەن ئۇ چاغلاردا رەنانى باشلاپ كېلىپ، ماختىنىپ ئۇلارغا كۆرسەتكۈم كەلدى. ئەمما، نېمە چارە؟ تېخى بىر – بىرىمىزگە رەسمىي ئېغىز ئېچىپ رازىلىق بىلدۈرۈشمىگەن تۇرساق، بۇ يولسىزلىق بولماسمىدى! ئۇلار مېنى ئېلىپ كېتەلمىدى. مەن ئۇنىمىدىم. مەن بۇنداق ھالەتتە سىرتقا چىقىپ كېتىشنى نامەردلىك ھېسابلىدىم. ئىچكى روھىيىتىمدە رەنانى ناگان – ناگاندا، يىراق – يېقىندا كۆرۈپ تۇرۇش شاراپىتىدىن ئايرىلىپ قېلىشنى خالىمايتتىم. ئاتا – ئانام ئەينى زاماندا باياشات ھېسابلانغان ئەلگە قايتتى. مەن رەنانىڭ قەدەم ئىزلىرىغا تەلپۈنۈپ، بوينىغا تاقاق سېلىنغان مەھبۇستەك ئوت قايناۋاتقان زېمىندا قالدىم.
پۈتۈن ئەلدە يامرىغان «پولات تاۋلاش» ھەرىكىتى. مەكتىپىمىز ئىككى قىسىمغا بۆلۈنۈپ شىسەن(غەربىي تاغ)دە دۇڭسەن(شەرقىي تاغ)گە ماكانلاشتى. مەن دۇڭسەننىڭ «شور بۇلاق جىلغا»(چەنچۇ’ئەڭۇ) دېگەن يېرىدىكى بىر گەمىدىن _ سېكرېتار سادىرنىڭ يېنىدىن ئورۇن ئالدىم. دەسلىپىدە گەمە قازدىم، رودا كولىدىم، كېيىنچە ئۈچ مېتىر تېرەنلىكتىكى «پېچ» دەپ ئاتىلىدىغان توساقلىق ئازگال كولىدىم.
رەنا ئايال – قىز ئوقۇتقۇچىلار قاتارىدا ئەمگەك قىلاتتى. ئەتىگەنلىك گىمناستىكا، شورلۇق سۇدا يۈز يۇيۇش، ئۇماچ ناشتىلىق، پاختىلىق چاپان ياكى يىرتىق جۇۋىلار كىيىپ، زەمبىل، جوتۇ، گۈرجەك بىلەن ئىشقا چىقىش، كەچلىك تەربىيە ياكى «مەسىلە سادىر قىلغانلار»نى كۈرەشكە تارتىش … مەشغۇلات شۇ ئىدى.
مەن ناگان – ناگاندا رەنانىڭ تاغ باغرىدا جوتۇ چېپىۋاتقان ياكى زەمبىل توشۇۋاتقانلىقىنى كۆرەتتىم. نېمىسىنى دېسەم بولار: ئۇ ئەركىن شېرىن بولالمىغىنىدەك، مەنمۇ تاغنى تالقان قىلىۋېتىدىغان پەرھات ئەمەس ئىدىم.
ناھايەت، باھار مەزگىلىدە ھەممىمىز قەھرىتان سوغۇقتا پىيادە مېڭىپ مەكتەپكە قايتتۇق. شۇنچە ئەمگەكتىن رەنامۇ يۈك – تاقلىرىنى يۈدۈپ پىيادە قايتتى. بىر قازان قىلغۇدەك چويۇن چىقمىدى، ئەمما بۇ گۈزەل جىلغا بۇلىغان كەپىدەك ۋەيرانە سىياققا چۆمۈپ قالدى.

كۈنلەرنىڭ بىرى قىزىل بىنا كارىدورىنى رەنا يۇيۇۋاتاتتى. ئۇ بارغانسېرى ماڭا يېقىنلاپ سۈرۈلۈپ كېلەتتى. مەن ئۇنىڭدىن ئەيمىنەتتىم، باشقا دوستلىرىمدەك ئۇنىڭغا سۆزلىگۈم يوق ئىدى. ئۇ يەنىلا يېقىنلىدى. مەن ئۇنىڭ ھال سوراش ئىستىكىنى ھېس قىلدىم ۋە بۇ يەردىن يىراقلاپ كەتتىم.

1959 – يىلىنىڭ ماي ئېيى. ماڭا چارە ئېلان قىلىندى. چارە: «ئوڭچى قالپىقى كىيگۈزۈش، پارتىيىدىن چىقىرىش، خىزمەت سىتاجىنى ساقلاپ قېلىش، ئەمگەك بىلەن تەربىيىلىنىشكە ئەۋەتىش» دېگەنلەر ئىدى. بەزى لوقمىچىلار چىقىشتى ۋە «‹ئەشەددىي›دېگەن سۆز قوشۇلماپتۇغۇ؟» دېيىشتى.
مېنى بىر موڭغۇل كادىر يۈك – تاقلىرىمنى ئۆزۈمگە ئارتقۇزۇپ جاما’ئەت خەۋپسىزلىك نازارىتىگە ئېلىپ بارماقچى بولدى. مەن كىتاب ئىشكابىمنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇ يەردىكى تىزىلغان كىتابلارغا بىر قۇر قارىدىم – دە، كۈلدۈم. يۈك – تاقلىرىمنى يۈدۈپ، ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىمدا مېنى قارشى ئالغان، پى’ئونېرلار گالستۇكى تاقىغان قىزىل بىنا ئىشىكىدىن چىقىۋېتىپ ئۇنىڭغا يېنىشلاپ قارىدىم.

تۇرۇپمەن ئوت ئارا تەنھا ئېچىپ ھەر يانۇ بارىمنى،
بى’ئارلار ياغ چاچۇر تەرك ئەتمىكىمگە ئىختىيارىمنى.
تۇتۇپ خەنجەر، ئوقۇپ ئەپسۇن، كۆمۈپ تۇزاق يېپىلمىشتۇر،
مالامەتتە لەھەڭلەر غەرق ئېتەلمەي قەد – قىيارىمنى.
ھوقۇش كۆزلەر قارالمىشتۇر توقۇپ پىنھاندا مىڭ ئىغۋا،
ئېكەكلەپ چىشلىرىنى كەسكىلى سەۋرى – چىنارىمنى.

مېنى باشلاپ ماڭغان موڭغۇل كىشى جاما’ئەت خەۋپسىزلىك نازارىتىگە ئېلىپ باردى. ئارقىدىنلا «يېڭى ھايات ماشىنىسازلىق زاۋۇتى»غا ئېلىپ باردى. ئۇ يەردە بوينۇمغا نومۇر يېزىلغان تاختا ئېسىپ ئۇدۇل ۋە ياندىن مەھبۇسلۇق سۈرىتىگە تارتتى. كىنودىكى قىسمەتلەر بېشىمغا چۈشتى. شۇ كۈنىلا بۇ يىغىۋېلىش لاگېرى يۈزلىگەن «ئوڭچى» نامىدا ھاقارەتلەڭەن يۇقىرى قاتلام زىيالىيلار بىلەن تولغانىدى.
شۇنىسى يەڭگىل چۈشتىكى، بۇ كۈنلەردە رەنا مەكتەپتە يوق ئىدى. ئۇلارنىڭ مەكتىپىمىزدىكى سەنەت فاكۇلتېتى «شىنجاڭ سەنەت ئىنستىتۇتى» بولۇپ، ئۈرۈمچىنىڭ غەربىدىكى «سەنپەڭۇ» جىلغىسىغا _ تۆمۈريول بويىغا كۆچۈپ كەتكەنىدى.
مەن شۇنىڭدىن باشلاپ يىگىرمە ئىككى يىل بۇ قالپاقتىن خالىي بولالماي ئەمگەك قىلدىم.

6 – باب. مەكتۇپ

تاغلار تەۋرەپ يۈتتىمۇ زېمىن،
يا ئاسمانغا چىقتىڭمۇ غايىب؟
جان – جەھلىگە سوقۇنغان ئېقىن _
بولۇر ئاخىر شۇ سۆيگۈ غالىب!

«دوستلىرىم» قېپقالغان مىراسلىرىم _ كىتابلىرىم، نەرسە – كېرەكلىرىمگە ئىگە بولۇشقاندەك، رەناغىمۇ يېقىنلىشىش ئۈچۈن بەس – بەسكە چۈشكەنىدى. ئېلىشىپ قالغان، قازا قىلغان، ئۆي – ئوچاقلىق بولۇپ بۈگۈنكى كۈدە نەۋرە كۆرۈشكەن بۇ «شاھ»، «ماتكا»، «چىللىك»لار ئۈستىدە بۇنىڭدىن ئارتۇق توختىلىش ھاجەتسىز بولسا كېرەك. بۇ رەنانىڭ ساھىبجاماللىقىنىلا ئەمەس، كىشىلەرنىڭ گۈزەللىككە تەلپۈنۈش روھىيىتىنىلا ئەمەس، يەنە دوستلۇقنىڭ ئۇلۇغۋار تۇغى ئاستىدىكى قەلبلەرنىڭ ھەر خىللىقىنى كۆرسىتەتتى. ھەيرانمەن، تەقدىر ئۇنىڭغا شۇنچە كۆپ ئاشىق ئاتا قىلدى، ئەمما زامان دەھشەتلىرىنىڭ پاناھسىز دەشتىدە يۈرگەن، ھاقارەتلەڭەن مەن مىسكىڭە بىر تەڭداشسىز مۆجىزىنى مەشۇق قىلغانىدى. بۇ رەنانىڭ ئۆزىگە تېخى سۆيگۈ ئىزھار قىلمىغان ئاددىي ئىنسانغا بولغان پاك مايىلدارلىقى ۋە سەمىمىي خەيرخاھلىقى ئىدى! تەقدىر زارلانغۇچىلارغا ئۆز سوۋغىسىنى ساقلايدىغانلىقىغا ئىشەندىم. مەن مەۋجۇدلۇقى بىلەن يوقلۇقى ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدىغان ئەركىنلىكتىن مەھرۇم بولدۇم. ئەمما، ئۆمۈر دولقۇنلىرىدا ماڭا نۇر ياغدۇرۇپ تۇرىدىغان گۆھەرگە مۇيەسسەر بولدۇم!
رەنا ئۆزىگە يۇيۇپ تارىنىپ كۆرۈنۈش ئۈچۈن ئالدىرىغان، ئۆزىگە شېرىن ئىشقىي مەكتۇپلىرى سۇنغان، ئۆزىنى كىنو – تانسىلارغا تەكلىپ قىلغان كامىران يىگىتلەر ھەققىدە باش قاتۇرمىدى. ئۇنىڭ كۆزىدە زېمىن تەھدىتىگە چۆككەن كىمدۇر بىرىنى ئىز – دېرەك قىلىدىغان پانۇس چىراغ بىر دەقىقىمۇ ئۆچۈپ قالمىدى. ئاجايىپ دۇنيا، رەڭگارەڭ ئىنسانلار …

بىز «يېڭى ھايات ماشىنىسازلىق زاۋۇتى»دا بىر ئاي تۇرۇپ قالدۇق. بۇ زاۋۇتنىڭ «سەنپەڭۇ» يولى بويىدا ياۋا قارىياغاچلىق ئارىسىدا تېرىغۇ يەر بار بولۇپ، بىزنى گۇرۇپپىلار بويىچە ئېتىزدا ئىشلەشكە ئېلىپ چىققانىدى. مەن يول ياقىسىدا ئىشلەۋاتاتتىم. بۇ يەنە شىنجاڭ سەنەت ئىنستىتۇتىغا قاتنايدىغان يول ئىدى. قايسى ئىزغىرىن شامال ئۇچۇر قىلدى، بىلمىدىم. يۇقىرىدىن رەنا چۈشۈپ كېلىۋاتاتتى. ئۇ شەھەرگە كېتىۋاتسا كېرەك. مەن ئالدىراپ قالدىم. يېنىمدىكى باراقسان ۋە بىر – بىرىگە غول تاشلىشىپ تۇرغان ئۈچ تۈپ قارىياغاچنىڭ ئۈستىگە چىقىۋالدىم. رەنا ئۈستىگە ھاۋارەڭ گۈللۈك كۆڭلەك كىيگەن ۋە قۇندۇز چاچلىرىنى گەجگىسىگە تۈرۈۋالغان، بېشىغا ئاياللارچە چىمەن دوپپا كىيگەنىدى. ئۇنىڭ پۇتىدىكى ئېگىز پاشنىلىق توپلەي شېغىللىق يولدا تاقىلداپ تۇراتتى. ئۇ دەرەخ تۈۋىگە كېلىپ توختىدى. ئېتىزدا ئىشلەۋاتقانلارغا بىر – بىرلەپ كۆز سېلىپ چىقتى. ئۇ مېنىڭ مۇ ئەتراپتىكى «ئوڭچى»لار ئارىسىدا بولۇشۇم مۇمكىنلىكىنى كوچا پاراڭلىرى، مەھبۇسلارنىڭ ئۇرۇق – تۇغقانلىرىدىن ئاڭلىغانىدى. مەن ئۇنى ئېنىق، ھەتتا يالتىراپ تۇرغان چاچلىرىغا قادىغان چاچ قىسقۇچلىرىغىچە ئېنىق كۆرۈۋالالىدىم. ئۇ يولدىن يەنە بىر قىسىم مەكتەپداشلىرى يېقىنلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، يولغا چۈشۈپ شەھەرگە راۋان بولدى. ئۇ يىراقلاپ كەتكەندىن كېيىن مەن دەرەختىن چۈشتۈم. نېمىشقىدۇر دەرەخكە چىقىش ۋاقتىدىكى چاققانلىقىم يوق، ئۆزۈم خېلىلا ئېغىرلاپ قالغانىدىم. دىلىمغا شې’ئىر ياماشتى:

سابا سىيلار مېنىڭ ھەققىم ئۈچۈن گۈل غۇنچە زىبانى،
ۋاپادار مېھرىلە تەڭرىم ھەمىشە ئاسرا رەنانى.
نېتەي باشىمدا مىڭ كۈلپەت، بىراق ئەل كۈلپىتى ئۇل ھەم،
مۇكاپات مەخسۇدى قىلغىل دىلى ئوتى ئىشقى شەيدانى.

تەقدىر مېنى بۇ ناھەق ئوقۇبەت بىلەن تاۋلىماق بولۇپ، قايناملىق مەكتەپتىن ئايرىشتىن ئىلگىرى، رەنانى پۈتۈن فاكۇلتېت ۋە ئۇنىڭغا خېرىدار بولۇۋاتقانلار تۈركۈمىدىن ئايرىۋەتتى. ئارقىدىنلا ئۇ «بوستانلىقتىكى تەنتەنە» فىلىمىدە باش رول ئېلىش ئۈچۈن شاڭخەيگە كەتتى. ئۇ قايتىپ كېلىپلا غۇلجىغا، ئۇنىڭدىن كېيىن قەشقەرگە تۇرمۇش ئۆگىنىش ۋە خەلق سەنەتچىلىرىدىن ئەنەنىۋى مىللىي ئۇسسۇل مىراسلىرىنى توپلاش ئۈچۈن كېتىپ قالدى. ئۇلار «شىنجاڭ سەنەت ئىنستىتۇتى»دىن «شىنجاڭ ئۇسسۇل تىياتىر مەكتىپى» بولۇپ ئايرىلىپ، ئايرودروم يېنىدىكى يىراق «ئەرگۇڭ» كوچىسىغا كۆچۈپ كەتتى. بۇ ھادىسىلەر تاكى مەن جازا لاگىرىدىن بوشاپ چىققۇچە ئىككى يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشتى. يەنە شۇ تەقدىر مەن بوشىنىپ چىقىش ھارپىسىدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنى «ئەرگۇڭ»غا يۆتكىدى. بۇ مەكتەپ رەنانىڭ مەكتىپى بىلەن بىر چوڭ قورۇدا ئىدى.
بىزنى تېز ئارىدا ئالتايغا، شىگوبى _- غەربىي دەشتى چۆلگە يۆتكىدى. مەن غەربىي دەشتى چۆلگە تەقسىم قىلىنغانىدىم. بۇ يەردە بىر ياز، بىر قىشنى ئۆستەڭ چېپىش بىلەن ئۆتكۈزدۇق.
بۇ ئاچارچىلىق ھەممە يەرنى قاپلاپ كەتكەن، ئاھالە قارىياغاچ تەڭگىسىنى يەيدىغان، ئاھالە تۇرمۇشى ئۇماچ – بوتقا سەۋىيىسىدىنمۇ تۆۋەنلەپ كەتكەن ئاپەتلىك يىللار ئىدى. بىز بۇ يەردىن ئىلىغا _ كۈنەس قارا بۇغراغا يۆتكەلدۇق. ماشىنىمىز يانغا دومىلاپ كەتتى، تەقدىر مېنى شۇ پېتى ساقلىدى. ئۆستەڭ چاپتۇق. ئاجىز بەدەنلىرىم قىران يىگىتلىك يېشىغا لايىق زورايغانىدى. بىر قېتىمدا بۇ قۇمساق زېمىندىن يىگىرمە بىر كۇب مېتىر تۇپراق قازغىنىم ئېسىمدە. ئەمگەك – ھالاللىق مەكتىپى، سالامەتلىك خەزىنىسى نېمە ئۈچۈندۇر ماڭا بۇنداق شەكىلدە ئاتا قىلىندى.
رەنادىن خەت تاپشۇرۇۋالدىم. بۇ ئۇنىڭ تۇنجى خېتى بولۇپ، سىم توساقلىرى ئېچىپ تەكشۈرۈشلەر ئارقىلىق ماڭا تەگدى. رەنانىڭ كېيىنكى ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۇ قەشقەردە خەلق سەنەتچىلىرىدىن ئۆگىنىۋاتقاندا بىر ياشانغان ئايال رەنانىڭ بىر خىزمەتدىشىغا قاراپ:
_ بۇ بالام، ئەجەب شۈكرىللاغا ئوخشايدىكەن، ۋاي بىچارە شۈكرىللا، ۋاي بىچارە شۈكرىللا … _ دەپتۇ.
رەنا دەرھال ئۇ ئايالغا يېقىنلىشىپ:
_ ئۆزلىرى كىم بولىدىلا؟ ئابدۇشۈكۈرنى قانداق بىلىلا؟ _ دەپ سوراپتۇ. ئۇ ئايال ئۆزىنىڭ ئانام ھەمراخاننىڭ قەدىناس دوستى ئىكەنلىكىنى، يالغۇز ئوغلى مېنىڭ ئەھۋالىمنى، يېقىندا چەت ئەلدىكى ئانامدىن ئۇنىڭغا مېنى يوقلاپ قويۇش توغرىسىدا خەت ۋە مېنىڭ ھازىرقى ئادرېسىمنى ئالغانلىقىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ؛ ئۆيىگە ئېلىپ بېرىپ ئا’ئىلەمنىڭ سۈرەت ئالبوملىرىنى كۆرسىتىپ مېھمان قىپتۇ. مەن بۇ ئايال _- نىياز خېنىمنى كېيىنكى چاغلاردا قەشقەرگە بارغىنىمدا زىيارەت قىلدىم. رەنا بارغان چاغدا ئۇ كىشى ئالەمدىن ئۆتكەنىكەن.
رەنانىڭ خېتىنى ئېلىپ ھاڭ – تاڭ بولۇپ كەتتىم. قويۇن دەپتىرىمگە دەپتىرىمگە چاپلىۋالغان ئۇنىڭ سۈرىتىنى قولۇمغا ئېلىپ، ئۇزاق قارىدىم، خارلىق – ھاقارەتكە تولغان روھىيىتىم كۆزۈمگە ياش تۇمانلىرى تىزغاندا ئاۋايلاپ كونۋېرتنى ئاچتىم. كۆز ئالدىمدا دانە – دانە تىزىلغان ئالتۇن قەلەم ئىزلىرى جىلۋىلەندى.
خەتتە ئۇزۇنغىچە ئادرېسىمنى بىلمىگەنلىك، ئاخىر نىيازخېنىم ئارقىلى ئادرېسىمنى تاپقانلىق تىلغا ئېلىنغاندىن كېيىن، مەندىن قىزغىن ھال سورىغان ۋە ئۆز ئادرېسىنى _ يېڭىدىن يۆتكەلگەن «ئەرگۇڭ» ئۇسسۇل مەكتىپىنى ماڭا مەلۇم قىلغان. رەنانىڭ تۇنجى خېتىدىن سۇ يالاپ تۇرغان بۇ ئالماس قىيانىڭ بەر قۇۋۋەتتەك تۇرغانلىقىنى، ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئۆز ئورنۇمنى سەزدىم. بۇ خەت مەن ئۈچۈن يېڭى بىر قىتەنىڭ تېپىلىشىدىنمۇ زور خۇشاللىق ئىدى.
رەنانىڭ خېتى ماڭا ئىلھام بېغىشلىدى. مەن ئۇنىڭ ئادرېسىغا خەت يازدىم. خەت مىننەتدارلىق ئىبارىلىرىدىن باشقا، ئۇنىڭ خېتىدىن سۈبھىلىك تاڭ يورۇقىنى كۆرگەنلىكىم، بۇ ھاقارەتلىك كۈنلەردە سۆيۈملۈك بىر قېرىندىشىم، سىڭلىمنىڭ بارلىقىدىن ئۆزۈمنى يەڭگىل ھېس قىلىشقا باشلىغانلىقىمنى ئىزھار قىلغانىدىم. ئەلۋەتتە، خەتتە قەلبىمدىكى ھېسسىياتلىرىمنى:

تونۇردىن قىسقۇچتا چوغلار ئالغاندەك،
گۈلخانچى قەلبىمدىن جۈملىلەر تىزدىم.
بەتلەرنى قوقاسلار كۆيدۈرمىسۇن، دەپ،
مىسرالار ئۈستىگە ياشلار تېمىزدىم.

دەپ يازغۇم بار ئىدى. ئۇنداق قىلالمىدىم.
رەناغا خەتنى سېلىپ بولۇپ، ئاپامدىن خەت تاپشۇرۇۋالدىم. بۇ مۇسبەتلىك قان ياشلىرى بىلەن تولغان خەت ئىدى. خەتتە 1961 – يىلى 11 – ئايدا دادامنىڭ قازا قىلغانلىقى ۋە ئاپامنىڭ مەرسىيە غەزىلى يېزىلغانىدى. كۆزۈم قاراڭغۇلاشتى. گېلىم سىقىلىپ، جاھان تارىيىپ كەتتى. ھۆڭرەپ يىغلاشنىڭ يولى يوق. ئۆزۈمنىڭ قۇدۇق گۇمباق ئالدىغا كېلىپ قالغانلىقىمنى بىلمەي قالدىم.
قەدىرلىك دادام، ئۇنىڭ شېڭ شېسەي تۈرمىسىدە ئۆتكەن كۈنلىرى، ئۇنىڭ ياۋاش – رايىش قىياپىتى كۆز ئالدىمغا كېلىۋالغانىدى. ئۇنى قەشقەردە مەنسەپدار بولغان دوستلىرى سىغدۇرۇشمىدى. ئۇ چەت ئەلدە سېتىۋالغان قورۇسىدا ئوغرىلىق – بۇلاڭچىلىققا يولۇقتى. ئۇ ئەگىپ ئۇچقان بۈركۈتتەك ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كېلىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە كەلگىنىدە، رەقىبلىرى ئۇنىڭ پۇت تىرىگۈدەك ئورۇن قويمىدى، ئۇ ئەللىك ياشتىن ھالقا – ھالقىماي كۆز يۇمدى. ئاپامنىڭ تەزىيە شې’ئىرى مۇنداق يېزىلغان:

«بۇ ئىسيان چۆلىدە قالدىم، نە قىلارىمنى بىلەلمەسمەن،
تۆكۈپ ياشىم ئۇنىڭ ئەنھارىغا بوي بويلىتالماسمەن.
پەلەكنىڭ زۇلۇمى ۋەيران ئەيلىدى تۇرمۇش باھارىمنى،
بۇ يالغۇزلۇقتا نە ئىمكان قىلارنى ئەسلىيەلمەسمەن.
پۈكۈلدى قامىتىم – قەددىم، بېشىمغا چۈشتى مۈشكۈل تاغ،
قولۇمنى كۆككە كۆتۈرسەممۇ تۇتارغا قول تاپالماسمەن.
ۋۇجۇدۇم دۇتىدىن يەتسە جاھان ئايۋانىغا ئاھىم،
ئۆلۈم ھىجرانىدىن ئۆزگە ۋىسالنى ياد ئېتەلمەسمەن.
ئىلاجىڭ شۇنچە ھەمراھى، ساڭا يوق ۋەسلىنىڭ رايى،
كۆرۈڭەن مەنزىلىمگە بىر ئۆمۈر ماڭسام يېتەلمەسمەن».

ئانچە كېچىكمەي بوشاندۇق. خۇشاللىقتىن پىيادە مېڭىپ قارا بۇغرا دەرياسىنى كېزىپ توققۇزتاراغا كەلدۇق. بۇ دۇنيالىقىمىز ئۆشنىمىزدىلا ئىدى. بىز بىللە بوشانغان ۋە ھازىرغىچە ئىخلاسمەنلىك جاينامىزىدا ساداقەت بىلەن ئولتۇرغان دوستۇم، غەمگۈزارىم ئابدۇكېرىمنىڭ توققۇزتارا ئاشلىق ئامبىرىدىكى بىر تۇغقىنىنىڭ ئۆيىگە چۈشتۇق. ئەتىسى مەھبۇسلۇق لاگىرىدىكى ئىككى ئۇيغۇر، بىر قازاق ئەترەت باشلىقى _ ساقچى كادىرى بىزنى بىرسىنىڭ ئۆيىگە مېھمانغا تەكلىپ قىلدى. ئۇلار: «ئىككى يىلدىن ئاشقان مەزگىلدە بىر قانچىڭلارنىڭ بۇ گازارمىغا لايىق ئەمەس، بىزگە ئۇستاز بولغۇدەك پاك، ئۈمىدۋار، ھەقىقىي ئادەم ئىكەنلىكىڭلارنى بىلىپ يەتتۇق. سالاھىيەت پەرقى تۈپەيلى بۇ ھەقىقىي سۆزلىرىمىزنى ئېيتىشقا ئامالسىز قالدۇق. ئاخىر بار مەسلىھەت ئارقىڭلاردىن يېتىپ كەلدۇق» دېيىشتى.
بىز ئاشلىق توشۇيدىغان ماشىنىلارغا چىقىۋېلىپ، ئىلى دەرياسى _ ياماتۇ ئۆتكىلىدىن ئۆتۈپ، غۇلجا شەھىرىگە يېتىپ كەلدۇق. مېنىڭ قولۇمدا سوۋېتقا _ ئاتا – ئانام قېشىغا كېتىش تونۇشتۇرۇشۇم بار ئىدى. نېمە ئۈچۈندۇر كۆزۈم ئۈرۈمچى تەرەپتە ئىدى. سوۋېتقا كېتىش تونۇشتۇرۇشىنى ساقچىغا كۆرسەتكىنىم يوق. ئەكس ھالدا ئۇنىڭ ئارقىسىغا بۇ شې’ئىرنى يېزىپ قويدۇم:

چەكسەم جاپا چەككەندىمەن يولۇڭدا ئەزىز جانان،
چەكمىدىممەن پۇشايمان بىلەن ئاچچىق ھەسرەتنى.
چىن سۆيگۈنىڭ ئەسلىي سىرى ماڭا ئالىقاندەك ئايان،
ئۆمۈر تارازىسىدا ئۆلچىگەچ مۇھەببەتنى.

7 _ باب. ۋىسال ۋە رىشتە ئەييامى

ۋىسال ئەييامى دەپ ھىجران چېكەر جان،
ۋىسال جەننەت، جەھەننەم مىسلى ھىجران.
نە قىلسۇن رىشتىسىز سۆيگۈ جاھاندا،
نە پۈتسۇن رىشتىسىز تەقدىرى ئىنسان.

مانا، قايغۇ – شادلىققا بىپەرۋا ئاۋات ئاستانە!
مەن بىر يىل ئىلگىرى چۆچەكتىن ياڭخاڭ مەھەللىسىگە كۆچۈپ كەلگەن چوڭ تاغام _ دادامنىڭ ئاكىسىنىڭ ئۆيىگە ئورۇنلاشتىم. ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي دوستۇم ئابدۇكېرىم مەن ساقلاپ كەلگەن، مارالبېشى، كۈنەسلەردە يېنىمدىن ئايرىمىغان رەنانىڭ سۈرىتىنى ئېلىپ ئۇنىڭ مەكتىپىگە چىقتى ۋە ئۆزى كۆرمىگەن بۇ قىزنى ئۇچرىغان بىرى ئارقىلىق تاپتۇرۇپ، بۇ سۈرەتنى ئۇنىڭغا كۆرسىتىپ:
_ سىزگە مۇشۇ خاتىرە دەپتەرنىڭ ئىگىسى مېنى ئەۋەتتى، _ دەپتۇ. سۈرەت چاپلانغان خاتىرە دەپتەرگە مېنىڭ رەناغا يازغان خۇپىيانە بىر تالاي شې’ئىرلىرىم كۆچۈرۈلگەنىدى.
ئابدۇكېرىم ئۈرۈمچى «سەنشىخاڭزا» بىلەن «نەنمېن»مەھەللىلىرى ئارىسىدىكى ئۆيىگە رەنانى باشلاپ كەلدى. ئۇنىڭ ياش ئايالى تاماققا تەمشەلگەنىدى. رەنا بۇ يېڭى ئا’ئىلىگە مۇناسىپ سوۋغىلارنى ئېلىپ كەلگەنىدى.
ئۇ ئۈستىگە يېشىل پەلتو كىيگەن بولۇپ، ياغاچ پەلەمپەي بىلەن چىقىدىغان ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى بۇ ئىككى ئېغىزلىق ئۆيگە خۇددى باھار توزىدەك ئۇچۇپلا كىردى. ئۇ زامانلاردا قىزلاردا ئۇپا – ئەڭلىك سۈرۈش ئادىتى يوق ئىدى. تەققاسسىز گۈزەللىك بىلەن قوشۇلغان ئاتەشىن سېغىنىش تۈپەيلى ئۇنىڭ ۋىسالى ماڭا ھەر قانداق بېھىش بېغى ۋە جەننەت پەرىزاتلىرىدىن بىقىياس قىممەتلىك كۆرۈندى. مەن ئۇنى ئىچكىرىكى ياسىداق ئۆي ئىشىكىدە كۈتۈۋالدىم. ئابدۇكېرىمنىڭ ئاق دىل، كۆيۈمچان ئايالى ئۇنىڭ يېشىڭەن پەلتوسىنى قولىغا ئالدى.
_ شۇنداق قىلىپ يەنە ئۇچراشتۇق، مانا، _ دېدىم مەن چايقىلىپ تۇرغان ھېسسىياتلىرىمنى ئەدەپ بىلەن تىزگىنلەپ.
_ مەنمۇ بۇ خۇش خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئۇدۇللا ئۇچۇپ كەلدىم، _ دېدى رەنا سەل ھاسىراپ. مەن مەپتۇنلۇق ئىلكىدە ئىككىنچى سۆزنى تاپالماي قالدىم ۋە ئۇنىڭ نىگارىغا يېنىپ _ يېنىپ قاراشقا جۈرەت قىلالماي بېشىمنى ئېگىپ ئولتۇردۇم …
ئابدۇكېرىم تۇغما پىداكار ۋە سۆزمەن ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ رەنانىڭ مەكتىپىگە قانداق چىققانلىقى، ئۇ دەرستىن چىققۇچە قانداق ساقلاپ تۇرغانلىقى، رەنا ئۇنى كۆرۈپ: «مېنى ئىزدەمسىز، مېنى» دەپ ھەيران بولغانلىقى، سۈرەتلىك خاتىرە دەپتەرنى قولىغا ئېلىپ ئالدىراپ قالغانلىقىنى، بىردەمدىلا ئۆيىگە كىرىپ دەرۋازا ئالدىدا ئۇنىڭغا يېتىشكەنلىكىنى، ئاپتوبۇستىكى پاراڭلارنى ئاشكارىلاپ، رەنانىڭ يۈزىنى ئاناردەك قىزارتىۋەتتى. ئەگەر ئابدۇكېرىم بولمىسا، بىز خېلىغىچە پاراڭ تېمىسى تاپالمىغان ياكى «خېتىمنى ئالدىڭىزمۇ؟»، «ئۆي ئىچى قانداق؟» دېگەن «ئېلىپ، بە، تە، سە»لىك ئىبارىلەردىن چىقالمىغان بولاتتۇق.
بىرىنچى ۋىسال شۇنداق ئۆتتى.

مەن تاغامنىڭ ئادرېسىغا كەلگەن رەنانىڭ بىر پارچە مەكتۇپىنى تاپشۇرۇۋالدىم. مەكتۇپتا رەنا مېنىڭ دادامنىڭ قازا قىلغانلىقى ۋە مېنىڭ ئاپام يېنىغا _ سوۋېتقا چىقىپ كېتىدىغانلىقىم توغرىسىدا ئابدۇكېرىمنىڭ ئۆيدە ئېيتقانلىرىمنى بىر قۇر تىلغا ئېلىپ، «بۇ سىزنىڭ ئانا قەلبىنى قەدىرلىگىنىڭىز، مەن ئەرزىمەس قەلب ئىگىسى بولساممۇ، سىزگە بەخت تىلەيمەن، ئۆز يۈرىكىمنى دەپ مېھرىبان ئانىمىزنىڭ يۈرىكىنى ئازابقا سالغۇم يوق» دەپ يازغانىدى. بۇ چاقماق – سېھىرلىك ئىشارەت ئەينى يىللاردا مەندەك ماكانسىز، زەلىل(خار) كىشى ئۈچۈن سۇلايمان تەختىدىن ئۇلۇغ بىر سىما ئىدى. رەنا ئۆز خېتىدە يەنە مۇشۇ جۈمە كۈنى چۈشتە ئابدۇكېرىمنىڭ كىچىك پەرزەنتىگە ئاتاپ توقۇغان پوپايكىنى ئۇنىڭكىگە ئېلىپ كىرىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. مەن ئۈچۈن يولمۇ، ئىشىكمۇ ئوچۇق ئىدى، يول سوراش، ئىشىك چېكىش ھاجەتسىز ئىدى.

قېرىشقاندەك تاغام مېنى يالغۇز قىز نەۋرىسى بىلەن چېتىپ قويۇشنى ئارزۇ قىلاتتى. ئۇ «سەندىن ئىنىمنىڭ پۇرىقى كېلىدۇ» دەيتتى. نەۋرە سىڭىل بىلەن بىللە كىنو كۆرۈشكە بېلەت ئېلىپ كېلەتتى. دوستلىرىمنى مېھمان قىلىپ ماڭا نەسىھەت قىلىشنى جېكىلەيتتى، ئاخىر مەست ھالەتتە قولىغا پىچاق ئېلىپ، ئارقىدىن مېنى قۇچاقلاپ، قانداشلىق ھەققى دەپ يىغلاپ كەتكەنىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ساقال چۈشۈرسەم، سىرتقا چىقسام، مەن بىلەن كۆرۈشكىلى قىزلار كەلسە رەنجىپ كېتىدىغان بولدى.

رەنا ئابدۇكېرىمنىڭ ئۆيىگە كېلىدىغان جۈمە كۈنى. يانچۇقۇمغا ساقال ئالغۇچنى سېلىپ، يولدا قۇرۇق غىداپ مېڭىشتىن باشقا ئامال يوق ئىدى. ئاخىر رەنا ئولتۇرغان ئۆيگە كىرىپ كەلدىم. بۇ قېتىم ئابدۇكېرىم بىلەن نۇرنىساخان بىزنى مېھمان قىلىپ بولۇپ، سىرتقى ئۆيگە بىر باھانە بىلەن چىقىپ كەتتى. بىر ئازدىن كېيىن ئابدۇكېرىمنىڭ ئاۋازىمۇ ئاڭلانمىدى.
- بۇ خەتنى شۇنداق يازدىڭىزمۇ؟ _ دېدىم مەن.
_ ئون ھەسسە ئارتۇق يېزىشىم مۇمكىن ئىدى، _ دېدى رەنا يەرگە قاراپ. ئۇ بۇ قېتىم ئۇزۇن قارا چاچلىرىنى ئىككى ئۆرۈۋالغان بولغاچقا، ئۇنىڭ يوتىسىدا جىلۋىلىنىپ تۇراتتى.
_ نېمىشقا ئون ھەسسە ئارتۇق يازمىدىڭىز؟ _ دېدىم مەن گەپ كوچىلاپ.
- سىزنى دانا ھېسابلاپ … _ دېدى ئۇ.
ئىككىمىز يېقىن، يانمۇيان ئولتۇرۇشقانىدۇق.
_ ئۇنداقتا مەن قالىمەن، چەت ئەلگە كەتمەيمەن، ئاپامنى ئېلىپ كېلىپ بىللە ياشايمىز، بۇ قارارىم بولامدۇ؟ _ دېدىم مەن. ئۇ چىراغدەك يورۇپ كەتتى ۋە:
_ راستتىنلىما؟ _ دەپ كۆزۈمگە تىكىلدى.
_ ئەر سۆزىدىن، شىر ئىزىدىن يانماس! _ دېدىم _ دە، ئۇنىڭ ئالىقىنىنى تۇتتۇم. بۇ ئۇنىڭ تېنىگە تۇنجى قول تەگكۈزۈشۈم ئىدى. مېنىڭ ئالىقىنىمنىڭ يېرىمىدەك كىچىك بۇ يۇمران ئالىقان ئۆمۈرلۈك ئېرىشكەن بەختىمنىڭ بىرىنچى شاھىدىدەك ھاياجانلىق تىترىمەكتە ئىدى. بىز كۆرپىدە ئولتۇرغىنىمىزدا ئارقىمىزغا ئېگىز قىرلاپ تىزىلغان، ئۈستىگە ئەدىيال يېپىلغان يوتقان – كۆرپە، ياستۇق – تەكىيلەرنى ئەستىن چىقارغان بولساق كېرەك، تەقدىر كارامىتى بىلەن ئۇلار ئىككىمىزنىڭ ئۈستىگە غۇلاپ بىزنى كۆمۈپ تاشلىغانىدى.
_ مۇشۇ تۇرقى يەر تەۋرەپ، قىيامەت قايىم بولۇپ كەتسىمۇ ئورنۇمدىن تۇرغۇم يوق،_ دېدىم.
_ ساراڭ! ئۇنداق قىلماڭ، سەت تۇرىدۇ، ئورۇننى يىغىۋېتەيلى، _ دېدى رەنا. بىز ئورۇننى يىغىۋاتقاندا ئابدۇكېرىم كىرىپ كېلىپ:
_ پەيزىڭلار بار! – دېدى.
_ ئورۇن – كۆرپەڭلارنىڭ پەيزى بار ئىكەن، يۆلەڭەننى بېسىۋالىدىغان، _ دېدىم مەن.

شۇنداق قىلىپ ۋىسال بېغىدا مۇھەببەت رىشتىسى تىكلەندى. مەن شۇ كۈنى كەچتە مۇنداق بىر شې’ئىر يازدىم.

«ساراڭ» دېدىڭ مۇھەببىتىڭ تاشقاندىن،
يۈرىكىڭدىن سۆيگۈ بىلەن سۆزلىدىڭ.
ساراڭ بولدۇم يالقۇنىڭ تۇتاشقاندىن،
مەنمۇ كۆيۈپ، ساڭا سۆيگۈم سۆزلىدىم.

«ساراڭ» دېدىڭ، كېسەل يۇقتى تىلىڭدىن،
ئامراق ھېسسىڭ ئۆتۈپ كەتتى تېنىمدىن.
قاچما، كەلگىن، مەجنۇنلۇقۇم، جىلىمدىن،
ئىشەن ساڭا ئوت ئاشىقمەن جېنىمدىن.

مەن ئاپامغا خەت يازدىم. ئۇ ئۈرۈمچىگە كېلىشكە تەرەددۇت قىلدى. مەن يەنە بىر قانچە قېتىم ئابدۇكېرىملارنىڭ ئۆيىدە رەنا بىلەن ئۇچراشتىم. بۇ چاغدا ھەر كۈنى دېگۈدەك ئۇنىڭغا خەت يازاتتىم. ھەر بىر خەتلىرىمدە رەنا _«نازى»غا ئاتاپ شې’ئىرلار يازاتتىم. ئۇ كۆز ئالدىمدا كۆككە قانات كېرىپ كۆتۈرۈۋاتقان، ئارقىدا قۇياش قۇياش نۇرانە چاقناۋاتقان ئالتۇن سۇمۇرۇغقا ئوخشايتتى. بىز شۇ يىلقى قىشلىقى شەھەر سىرتىدىكى ئېدىرلاردا ئاپاق دالا قار ئۇچقۇنلىرى ئىچىدە تارتىشىپ، سورۇلۇشۇپ، قوغلىشىپ ئوينىشاتتۇق.

ئاق قار ئەمەس چېچىلىپ تۇرغان،
ئۇ سامادىن تۆكۈلگەن غۇنچە.
دالا ئەمەس بىز دەسسەپ يۈرگەن،
ئۇ پەرىلەر قەسىرى گۈل غۇنچە.

مالا’ئىكە ئۆزۈڭ، ئەي دىلبەر،
نىجات بېرىپ سامادىن چۈشكەن.
قاناتلىرىڭ بىباھا گۆھەر،
مەن روھىڭدىن نەپەس سۈرگەن تەن.

بەلكى شۇدۇر ئۆمۈر راھىتى،
ئۇندىن ئۆزگە جەبىرلىك ئالەم.
كۆرۈنمىگەي كۈلپەت ھەيۋىتى،
قۇدرەت بولغاي مۇھەببەتكە جەم.

مەن ئانا مەكتىپىمگە خىزمەتكە چۈشتۈم. ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەش بىكار قىلىنغان بىلەن «ئوڭچى» قالپىقى بىكار قىلىنمىغاچقا، ئوقۇتقۇچىلىق ئەمەس، كۇتۇپخانىدا كىتابلارنى تۈرگە ئايرىش بىلەن شۇغۇللاندىم. ما’ئاشىم بېرىلمەي، تۇرمۇش پۇلى تاكى 1979 – يىلىغىچە ئون سەككىز يىل قىرىق يۈ’ئەن بولدى. رەنا بىلەن بولغان ئالاقىمىز ئەتراپقا تارقالدى. بەزىلىرى رەناغا «قالپىقى بار كىشىگە تەگمە» دېسە، بەزىلىرى ماڭا «بۇ گۈزەل سەنەتچى بىلەن ئوينىۋال، توي قىلما»، «ئوينىۋېلىپ، تاشلاپ سايوزىغا چىقىپ كەت» دېيىشتى. بەزى قىزلار سوۋېت پاسپورتى گۆھەر بولغان بۇ يىللاردا ماڭا «ئاتا – ئانىلىرىمىز بىللە ئۆتكەن، رەنا سىزگە بىزدەك ۋاپا قىلامتى؟» دېيىشتى. ئەمما، بۇ خەۋەردىن روھلانغانلارمۇ كۆپ بولدى.
ئانچە كېچىكمەي ئاپام كەلدى. ئۇ پېشقەدەم دوستى رازىخان ئانىمىزنىڭ ئۆيىگە چۈشتى. ئۇ بۇ قېتىممۇ مېنى ئېلىپ كېتىشكە كەلگەنىدى.

8 – باب. ئانامنىڭ ئاخىرقى دىدارى

مۇھەببەتسىز ئاتا – ئانا يوق،
ۋە ئۇلارسىز بولماس مۇھەببەت.
پەرزەنت زوقى ئەڭ سۆيۈملۈك زوق،
پەرزەنت _- شادلىق، تۇرمۇش مۇشەققەت.

ئانام _ مەن ئۇنى ئاپام دەپ ئۆسكەنمەن. ئانام كېلىشتىن بۇرۇن قەھرىتان قىشتا مېنى رەنانىڭ دوستى رەھبەر ئىسىملىك قىز ئۆيىگە چاقىرىۋالدى. بۇ قىزنىڭ ئاتا – ئانىلىرى رەنانىڭ ئاتا – ئانىلىرى بىلەن خۇددى تۇغقانلاردەك ئارىلىشىپ ياشايتتى. كەچكى پەيتتە باشلانغان مېھمانچىلىقىمىز ئۇيقۇ ۋاقتىغىچە داۋاملاشتى. رەنا ماڭا ئاتاپ ئەينى زاماندا ئومۇملاشقان ئۈستى ماشىنىدا سىرىلغان قارا قىشلىق چاپان، كۆڭلەك قاتارلىق كىيىملەرنى ئالغاچ كەلگەنىدى. مەن تاغاملار دارۋازىنى تاقاپ سوراققا تارتىشىدىن ئەندىشە قىلغاچقا، بالدۇرراق ئۆيگە قايتماقچى بولدۇم. رەنا مېنى ئۇزىتىپ قار قۇيۇلۇپ تۇرغان كوچىغا چىقتى. ئىككىمىز بىللە بىر ئاز ماڭدۇق.
_ بولدى، قايتىپ كىرىپ كېتىڭ، _ دېدىم مەن. ئۇ:
_ زېرىكتىڭىزمۇ؟ _ دېدى ئايرىلىشقا قىيماي.
_ ياق، ھاۋا سوغۇق، ئۆي يىراقلاپ قالدى، _ دېدىم مەن.
_ ھېچبىر … _ دېدى ئۇ. مەن ئۇنى ئارقىمىزغا يېنىپ رەھبەرنىڭ ئۆيىگىچە ئەكېلىپ قويۇپ قايتماقچى بولدۇم. تۇيۇقسىز ئۇ ماڭا ئېسىلىپ ئىككى مەڭزىمگە ئىككىنى سۆيۈپ قويۇپ، غايىپ بولدى. بۇ تۇنجى سۆيۈش ئىدى. ئۆزۈمنى يوقىتىپ قويۇشقا تاس قالدىم، ئۆمرۈمدە كۆرۈلمىگەن تۇيغۇ ئىچىدە خۇددى مەستتەك تار كوچىنىڭ گاھ ئۇ يېقىدا، گاھ بۇ يېقىدا دەلدەڭلەپ قالدىم. قۇلىقىمدا ئۇنىڭ «ھېچبىر» دېگەن سۆزى تەكرار – تەكرار شىۋىرلاپ تۇراتتى. شۇ كۈنى كەچتە بۇ شې’ئىرنى يازدىم:

شاتۇتىنىڭ تىلى چىققاندەك،
تاتلىق تىلىڭ ئاڭلاندى _ «ھېچبىر … »
«ھېچبىر» دېدىڭ ھېچ ئۇقمىغاندەك،
ھەر «ھېچبىر»دا بىر ئاپقۇر مېھىر.

ئاپام كېلىپ ئانىلىق مېھرى بىلەن مېنى ئېلىپ كېتىش ھەققىدە كۆپ نەسىھەتلەر قىلدى. دادامنىڭ ئۆلۈمى، ئۆزىنىڭ بىر مۈشۈكتىن باشقا ھېچنېمىسى يوق يالغۇزلۇق، ئەتە – كەچتىن قورقىدىغانلىقى، ماڭا بىر مىنىستىرنىڭ قىزىنى كېلىشىپ قويغانلىقى ھەققىدە سۆزلەپ، تۆت قىرىغا سېرىق يىپەكتە ئەلىشىر نەۋا’ئىنىڭ بېيىتى نەقىش قىلىنغان ئۆزبېكچە ئەتلەس بەل رومىلىنى شۇ قىز ئەۋەتتى، دەپ كۆرسەتتى. مەن ھۆرمەت ئىچىدە ئۇنىڭ بىلەن كېچىلەپ سۆزلىشىپ، ئاخىرى ئانىلىق شەپقىتىگە ئېرىشتىم. بىراق، ئاپام رەنانى كۆرۈشنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالدى. مەن رەنانى رازىخان ئانىنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كەلدىم. ئاپام رەنا بىلەن مېھرىبان ئانىدەك كۆرۈشتى، ئۇنىڭغا قىلچە «مېنى ئوغلۇمدىن ئايرىماقچى بولغان قىز» دېگەندەك سۆز – چىراي كۆرسەتمىدى. ئۇنىڭ چاچلىرىنى خۇددى ئۆز چېچىمۇ – ئەمەسمۇ دېگەندەك يەشتۈرۈپ تاراپ قويدى، كېچىسى قوندۇرۇپ قېلىپ يېنىغا ئېلىپ ياتتى. ئاپام دوختۇر، جەمىيەتچى ۋە شا’ئىرە ئىدى. ئەتىسى ماڭا:
_ رەنا بىر قانچە گۈزەلنىڭ بەدەن ۋە ھۆسنىنى بىر گەۋدە قىلغان چىرايلىق زىبا قىز ئىكەن. ئەقىل ۋە ئەدەپ، كىشىلىك پەزىلىتىدە كامىل ئىكەن. سىزنىڭ سۆزىڭىز، ئۇنىڭ يۈزى مېنى قايىل قىلدى. توي قىلايلى، مەنمۇ قايتىپ كېلىپ نەۋرىلىرىمنى كۆرەي، _ دېدى. رازىخان ئانا ۋە ئۇنىڭ قىزلىرى روھلىنىپ كەتتى.
_ شۈكرىللانى ئۆز بالامدەك كۈتۈپ ئۆستۈرگەنىدىم، قاچان، قەيەردە توي قىلاركىن، كۆرۈشكە نېسىپ بولارمۇ؟ دەپ ئويلايتتىم. ئىنشا’ئاللا، بۇ كۈڭىمۇ نېسىپ بولىدىغان بولدۇم، _ دېدى رازىخان ئانا.

رەنا بىلەن كونىراپ كەتكەن «ۋېلىس» ماركىلىق جىپ ماشىنىغا چىقىپ ئۈرۈمچى يېڭىشەھەر رايونى ئىشخانىسىغا بېرىپ نىكاھ قەغىزى كەستۈرۈۋالغىنىمدا، قانچىلىك «زەپەر تەنتەنىسى»گە چۆمگەنلىكىمنى تەسۋىرلىيەلمەيمەن. بۇ ئامەت ماڭا خۇددى چۆچەكلەر ياكى قەدىم – قەدىم زامانلاردىكى ھېكايە داستانلاردىكىدەك تولىمۇ ئەپسۇنكار ئىدى. قولۇمدا قىزىل نىكاھ قەغىزى، قېرى شوپۇر ھەيدىگەن، ئۇ چاغلاردا رەنالارنىڭ مەكتىپىنىڭ بىردىنبىر پىكاپ ماشىنىسى بولغان كونا «ۋېلىس»دا كېتىۋاتقىنىمنى مەن ئالەم كېمىسىدە يۇلتۇزلار ئارا ئۇچقان كوسماناخلاردىن ھۇزۇر سېزەتتىم. بۇ كۈنلەر يۈزلىگەن گۈللۈك پىكاپلار بىلەن توي مەرىكە كارۋىنى ھاسىل قىلغان بولۇشى يىگىتلەردە بولۇشى تەبى’ئىي بولسىمۇ، بۇ ئەقىل ھېسسىيات بىلەن يۇغۇرۇلغان شاد – ھۇزۇر كەيپىياتى ئۇ يىگىتلەردە بولۇشى ھېلىمۇ، كەلگۈسىدىمۇ ناتايىن!
رازىخان ئانام باشلىغان قىز سورىغۇچى ئەلچىلەر رەنانىڭ رەنانىڭ ئاتا – ئانىسىدىن رازىلىق ئالغاندىن كېيىن، مېنىڭ ۋە رەنانىڭ يېقىنلىرى توي تەرەددۇتىغا كىرىشتى. ئادەم كۆكسىگە توشقان يۈرىكى ئورنىتىۋالغان بەزى ئادەملەر، خۇددى ئېقىن سۇدىكى لوجىلاردەك سۆرىلىپ چىقىشتى.
_ بىز ساڭا كۆيۈنىمىز، ئاداش. توينى ئەل قاتارى توي زالىدا ئۆتكۈزمەي، ئۆيدە ئۆتكۈزگىنىڭ ياخشى،_ دېدى ئۇلاردىن بىرى.
__ بىز ئىنچىكە ئويلىدۇق. سېنى كۆپ كىشى تونۇيدۇ، تويغا كۆپ ئادەم توپلىشىپ كەتسە، بېشىدا قالپىقى يوق يولداشلارنىڭكىدىن كۆپرەك كىشى كەلسە، تەسىرى ياخشى بولماسمىكىن دەيمىز،_ دېدى يەنە بىرى.
_ بۇ مەن ئوڭچىنىڭ نىكاھ مۇراسىمىلا ئەمەس، يەنە رەنانىڭ تويى؛ ھەر ئىككىمىزنىڭ ئاتا – ئانىمىز ۋە تۇغقان، دوستلىرىمىزنىڭمۇ مۇھىم ئىشى. ئۇلارغا مەن خىزمەت ئىشلىيەلمەيمەن،_ دېدىم مەن. ئۇلار تويغا تەييارلىغان يېمەكلىكلەر بىلەن مېھمان بولۇپ چىقىپ كېتىشتى.

توي تەييارلىقى قانداق بولغانلىقىنى ئەسلىيەلمەيمەن. توينى رەنا ئۆزى ۋە دوستلىرى تەييارلىدى، دېگىنىم تۈزۈك. توي زالىغا ئادەم لىق تولدى. ئۇلار ئۈچ يىلدىن ئىلگىرىكى كۈرەش يىغىنىغا قاتناشقۇچىلاردىن ھەسسە، ھەسسىلەپ كۆپ بولدى. ئۇلارنىڭ چاقىرىلغىنىدىن چاقىرىلمىغىنى، مەكتەپ ئىچىدىكىلەردىن مەكتەپ سىرتتىكىلىرى كۆپ بولدى. تويغا مۇ’ئاۋىن رە’ئىس، گېنېرال مۇھەممەت ئىمىنوف، كۆپلىگەن يازغۇچى، شا’ئىر، سەنەت ئۇستازلىرى كېلىشتى. بىر تۈركۈم سەھنە سەنەتچىلىرى ئۆزلۈكىدىن كېلىشكەنىدى. ئابدۇگۇل ئاكامنىڭ سۇنىيى، ئەمەت ئۆمەر ئاكىنىڭ قىزىقچىلىقى، قەمبەر خانىم، مەريەم ناسىرنىڭ ئۇسسۇلى، رابىيە مۇھەممەتنىڭ ناخشىسى، ئابلا ھامۇتنىڭ ئاكاردىيونى، قۇربان ئىبراھىمنىڭ راۋابى بۇ توينى «خەلق تويى» پەللىسىگە كۆتۈرگەنىدى. ئاپەتتە تەڭ يىقىلغان يۈرەكلەرگە ھەممە نەرسە ئايان ئىدى. ئۇلار تاكى كەچكى سا’ئەت تۆتكىچە مەشرەپ قىلىشتى. كەچتە ئۇلارنىڭ بىر قىسمى ئۆزلىرى تونۇشلارنى تېپىپ قونۇشۇپ، ئەتىسى ئۆيدە يەنە بەزمە ئۇيۇشتۇرۇپ بېرىشتى.
توي كېچىسى ئاپام، رازىخان ئانام، ئايشەم خېنىم قاتارلىق پېشقەدەملەر رەنانىڭ ئانىسى بىلەن بىللە قوندى.
ئەتىسى ئاپام رازىمەنلىك بىلەن رەنانى چىڭ قۇچاقلاپ سۆيۈپ، قولىدىكى ئۈزۈكنى:
_ توي ئۈزۈكىنى سوقتۇرۇشقا ئۈلگۈرمىدىم. مەن ئوغلۇمنى يۇلۇپ ئېلىپ كېتىمەن دەپ يولغا چىققاچقا، توي تەرەددۇتى قىلالمىدىم. تويىڭىزغا بىر ئالتۇن ئۈزۈك، بىر پىكاپ مېنىڭ بوينۇمدا،_ دەپ سۆزلەپ تۇرۇپ رەنانىڭ سىنچىلىقىغا سېلىپ قويدى (دەرۋەقە، 1982 – يىلى مەن رەنا بىلەن فرونزى شەھىرىگە بارغاندا، ئۇنىڭدىن سەككىز يىل ئىلگىرى _ 1975 – يىلى قاراقچى قولىدا قازا قىلغان ئاپام بۇلانغاندىن كېيىنمۇ تېلېۋىزور كەينىگە تىقىپ قويغان تويلۇق نۇسخىسىدا ئىشلەڭەن ئالتۇن ئۈزۈك ساقلىنىپ قالغانىدى. ئاپام يەنە بىر پىكاپ ئېلىشقا يېتىپ ئاشقۇدەك پۇلنى ئامانەت بانكىسىغا قويغان بولۇپ، بىز رەنا نامىغا كىچىك ماشىنا ئېلىپ ھەيدەپ قايتتۇق).

ئاپام تۇيۇقسىز كېتىدىغان بولۇپ قالدى. سوۋېت باش كونسۇلخانىسى پاسپورتلۇقلارنى تېزدىن قايتىپ كېتىشكە تەۋسىيە قىلىپ مۇددەت بەلگىلەپ بەرگەن.
رەنا بىلەن ئىككىمىز ئۇنى جىپ ماشىنىدا ئۈرۈمچى ئايرودرومىغا ئۇزاتتۇق. ئاپام رەنانى سۆيۈپ باغرىغا باسقاندا رەنا قولىدىكى بارلىق ئۈزۈكلىرىنى ئاپامغا سوۋغا – يوللۇق تۇتتى. ئاپام ئۇنىمىغانغا قويمىدى. بۇ ئۈزۈكلەر ئاپام قازا قىلغاندىن كېيىن، قالغان ئۆي – بىساتلىرى قاتارىدا قولىمىزغا تەگدى. تەقدىر قولىدىكى ئۈزۈكلەرنى ئۇ ئىككىسىنىڭ قولىغا، ئۇنىڭدىن كېيىن ھازىر نىكاھلانغان ئىككى ئوغلىمىزنىڭ ئاياللىرى _ كېلىنلىرىمىز قولىغا رىشتە قىلدى.

ئاپام ئايروپىلانغا چىققاندا رەنا بىلەن ئىككىمىز كۆز يېشى قىلدۇق. كېيىن بىر – بىرىمىزنىڭ يېشىنى سۈرتۈشتۇق. كىم بىلسۇن، ئانچە كېچىكمەي ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى يىرىكلەشتى، چېگرا تاقالدى. ئاپامنىڭ ۋەتەڭە قايتىپ كېلىش غايىسى خۇددى يالتىراپ يوقالغان ھەسەن – ھۈسەندەك غايىپ بولدى. ئۇ ئۆز مەكتۇپلىرى بىلەن ئاھۇ – زارغا تولغان شې’ئىرلىرىدا پەرياد چېكىپ قالدى. مەن «مەن چەت ئەلگە باغلانغان ئۇنسۇر» قاتارىدا تەكرار ھاقارەت، ئۆي – خەت ئاختۇرۇش ۋە تەرتىپكە ئۇچراپ تۇردۇم. شۇنداقتىمۇ ۋىسال ئۈمىدى قەلبلىرىمىز كۆكىدە ئۆز جىلۋىسىنى جۇلالاندۇرۇپ تۇراتتى. كىم بىلسۇن، ئايرودرومدا قۇچاقلىشىش ئاخىرقى ۋىسال بولۇپ قالغانىدى …
مەن ئاپامنى ئۇزىتىپ قايتىشتا بىر پارچە شې’ئىر يازغانىدىم، ئاپامنىڭ شې’ئىر مىراسلىرىدىن مۇنداق بىر پارچە غەزەل يازغانلىقى مەلۇم بولدى:

كۆزۈم ئارقىدا قالدى، كەتكىنىمدە ئۇشبۇ دەرگاھتىن،
چىدىيالماي داد ئېتىپ قەلبىم جۇدا بولغاندا بەرنادىن.
بېشىمدا جەبرىلىك كۈلپەت، نەسبى بولسىمۇ غۇربەت،
يۈسۈپۈم قالدى كەناندا كۈلۈپ مەغرۇر تەمەننادىن.
ئۆزۈم يالغۇز دىلىم غەمناك، غەزەلدىن ئۆزگە يوق دىلبەر،
بە’ئەينى نۇر كەبى ئۆتمەكلىكىم قىسمەتمۇ دەريادىن.
سىياھ بىرلە كۆزۈم ياشى ماڭا ئۈلپەت مەلەك گويا،
ئاقار سىنەمدە بىر چەشمە ھېسابسىز دۈرى مەنىدىن.
شۈكۈرۈم، ياخشى قال ئەلدە، سېنى قەلبىڭگە تاپشۇردۇم،
ۋەتەننىڭ خاكى ھەمراھى شىپالىق ئىبن سىنادىن.

(داۋامى بار)

بۇ يازما ئۇنىۋېرسال كاتېگورىيىسىگە يوللانغان. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈشلىۋېلىڭ.

تەۋسىيە: ئىزگۈلۈك مالائىكىسى ئۈچۈن 3 ئىنكاس بار

  1. yemek tarifleri resimli مۇنداق يازغان:

    thank you

  2. كالامى مۇنداق يازغان:

    بۇ سەل بۇرۇن بۇ ماقالىنى كۆرۈپ ئازراق بەزى ئۆزەم دېققەت قىلغان نۇقتىلارنى ئايرىپ خاتىرە قالدۇرۇپ قويغانىدىم ،https://mp.weixin.qq.com/s?__biz=MzA3NTkyMTQ0Ng==&mid=2698940685&idx=3&sn=1a2ddf8844175cc12e70e3084f1b7c91&chksm=ba4310448d349952c92066e70442b1617aeea6b3012c0eb6d289ed8b6ed6ff34f13dce46e803&mpshare=1&scene=1&srcid=1223z8hZduwf6PPcbRrNM6bW&pass_ticket=dGKq%2FcE7nIRspcM0UaHJz3Qi%2BjIyyPUb3permJ%2Feg43uaZ2VpirRXM8b1Nc4ru2z#rd

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong> <img src="" alt="" class="" width="" height="">

https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_bye.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_good.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_negative.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_scratch.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wacko.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yahoo.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cool.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_heart.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_rose.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_smile.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_whistle3.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yes.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cry.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_mail.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_sad.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_unsure.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wink.gif