ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى كېچىلىكى
ھەر يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى قىلىپ بېكىتىلگەن ئىدى. بۇ يىل بۇ مەدەنىيەت بايرىمىمىزنى تىخىمۇ جانلىق كەيپىياتتا ئىلىپ بىرىش ئۈچۈن بېيىجىڭدا تۆۋەندىكىدەك پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ، ئەگەر بېيجىڭدا تونۇشلىرىڭلار بولسا بۇ خوشخەۋەرنى يەتكۈزۈپ قويارسىلەر، تۆۋەندىكىسى بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋەرسىتىتىدىكى ئۇيغۇر بالىلار ئىشلىگەن بايرام باغىقى. بۇ پائالىيەتنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىلىپ بىرىلىشىنى چىن كۆڭلۈمىزدىن تىلەيمىز!!!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،ئۇستازلار ھەم ساۋاقداشلار ،
بەكمۇ كۆركەم يارىشىپتۇ باشقا كىيگەن دوپپاڭلار .
ئۇيغۇر دېگەن نامىمىزغا گۈلتاج بوپتۇ دوپپىلار ،
چېھرىمىزدىن نۇر ياغدۇرغان ھەم راھەت بەرگەن دوپپىلار .
ئېسىل ئەخلاق ئەنئەنىمىزنىڭ جۇلاسى ھەم ئەركىسى ئۇ،
ئەجەپ ياراشتى بەستىمىزگە بېرىپ سالاپەت دوپپىلار .
ئاتا – بوۋىلار ئىجادى ھەم داۋامى ،مىراسى ئۇ،
بىزگە بەركەت ،ئەلۋەتتە ئۇ بىزگە دۆلەت دوپپىلار .
بار ئىدى دەپ مېنىڭ دوپپام پەخىرلىنىپ يۈرەلەيمىز ،
دوستلار ئارا كىيىپ دوپپا خۇشال ئويناپ كۈلەلەيمىز .
ئەتتىگەن ،كەچ ،باھار ھەم يازدا كىيەلەيمىز ،
شۇندىلابىز تاپتۇق قۇدرەت ،ئاشتى قىممەت دوپپىمىز .
كوچىلاردا ،مەكتەپلەردە دوپپا كىيگەن ئوغۇل – قىزلار ،
نېمىدېگەن چىرايلىق ھەم جۇلالىقتۇر بالىلىق چاغلار .
قەدىرلەيلى دوپپىمىزنى تاشلىمايلى گۆدەك بالىلار ،
تاشلىنىپ قالمىسۇن ،تا ئەبەدكە دوپپىلار.
ۋائەلەيكۇم ئەسسالام! ئەجرىڭىز ئۈچۈن رەھمەت!
ئۆز ئىجادىيىتىمنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان «دوپپا مەدىنىيەت »بايرىمىغا بېغىشلايمەن.