فرانسىيە «ئۇيغۇرلارغا نەزەر» ژۇرنىلى، گېرمانىيە تۈركلىرى، دىپلوم سەتچىلىكى

بۇ يازمىدا ئۈچ كىچىك تېما بار:
1. ئوغۇز ژۇرنىلىغا مۇشتەرى بولۇڭ

2. گېرمانىيە تۈركلىرىنىڭ 50 يىلى

3. گېرمانىيە مائارىپ ۋە پەن-تەتقىقات مىنىستىرى ئانەتتې شاۋاننىڭ دوكتۇرلۇق ئۈنۋان سەتچىلىكى

تەپسىلى مەزمۇنلار:

1. ئوغۇز ژۇرنىلىغا مۇشتەرى بولۇڭ

فرانىسىيە ئوغۇز ئويۇشمىسىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن، ”ئۇيغۇرلارغا نەزەر“ پەسللىك ئۇنىۋېرسال ژۇرنىلىنىڭ خىزمەتلىرى تاماملىنىش ئالدىدا. ژۇرنالنىڭ تەپسىلاتلىرى ئورگان بېتىدە تەپسىلى چۈشەندۈرۈلگەن. مۇشۇنداق تەستە روياپقا چىققان، بىز ئۈچۈن ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور بولغان ژۇرنالنى ئەمەلىي ھەركىتىمىز بىلەن قوللىشىڭلارنى ئۈمد قىلىمەن. ئەسلى مەنبە ئېچىلمىسا، تۆۋەندىكى كۆچۈرۈلگەن مەزمۇننى كۆرۈڭ:
مەنبە:

http://www.oghouz.org/index.php?option=com_content&view=article&id=63&Itemid=170&lang=en

<<

دۇنيانىڭ ھەر يەر-ھەر بۇلۇڭىغا چېچىلىپ كەتكەن ھەر بىر مىللەتپەرۋەر ئۇيغۇرىمىزغا فرانسىيە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ئوغۇز ۋە ئۇنىڭ يېڭى ئۈچ تىللىق ژورنىلى «ئۇيغۇرلارغا نەزەر» تەھرىر كومېتېتى نامىدىن ئوتلۇق سالام يوللايمىز ۋە شۇنداقلا يېڭىدىن دۇنياغا كېلىۋاتقان ئەدەبىي ۋە ئىلمىي ژورنىلىمىزغا ئاكتىپلىق بىلەن مۇشتەرى بولۇش ئارقىلىق، مىللىتىمىزنى دۇنياغا ئىلمىي يوللار بىلەن تونۇتۇش خىزمىتىگە بىز بىلەن تەڭ ئىشتىراك بولۇشىغا مۇراجەت قىلىمىز.

مەقسىدىمىز پەقەتلا مىللىتىمىزنى فرانسۇز ۋە ئېنگىلىز تىلى كىشىلىرىگە تونۇتۇشلا بولۇپ قالماي، يەنە پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدىكى كەڭ ئۇيغۇرلارغا مەنىۋى زوق بېرىش، يۇرت سۆيگۈسىدە پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەر بۇلۇڭىغا چېچىلىپ كەتكەن ئۇيغۇر كۆچمەن ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۇرت سېغىنىشىدا چاڭقىغان يۈرەكلىرىگە مەلھەم بېرىش، يەنە شۇنداقلا قەلەم سەۋدالىرىنىڭ سېھىرلىق قۇرلىرىنى پۈتۈن ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىمىز بىلەن ئورتاقلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت.

ژورنال 40 بەتلىك بولۇپ، يېرىمى فرانسۇزچە ۋە بەزى ئېنگىلىزچە ماقالىلەردىن تەركىپ تاپىدۇ. قالغان يېرىمى ئۇيغۇرچە بولۇپ، ئۇيغۇرچە سەھپىلەر تۆۋەندىكىچە :

1. پەسىللىك خەۋەرلەر (دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پەسىل ئىچىدىكى ئاساسلىق مەدەنىي پائالىيەتلىرى)؛

2. ئەدەبىيات گۈلزارى ( نەسرىي ۋە شېئىرىي ئەسەرلەر) ؛

3. ئىلمىي مۇھاكىمىلەر ( ئىلمىي ئەسەرلەر، تەتقىقات ماقالىلىرى)

4. تارىخ ۋە ئەنئەنە ( ئۇيغۇر تارىخى ۋە ئۆرپ – ئادەتلىرىمىز توغرىسىدىكى ئەسەرلەر)؛

5. فرانسىيەدە ھايات (فرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئوقۇش ۋە تۇرمۇش توغرىسىدىكى ماتېرىياللار ۋە باشقا جەھەتلەردىكى ياردەم ئۇچۇرلىرى )؛

6. بىر كىتاپ بىر دۇنيا ( ئۇيغۇرلارغا ئائىت يېڭى كىتاپلار ۋە ئاپتورلىرى )؛

ژورنال گەرچە فرانسىيەدىن نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلسىمۇ، ئەمما بۇ تۇنجى ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئىلمىي كۆپ تىللىق ژورنال بولغانلىقى ئۈچۈن، پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئۇيغۇرلارغا ۋە ئۇيغۇرلارغا قىزىقىدىغان بارلىق ئېنگىلىز ۋە فرانسۇز تىلىدىكى كىشىلەرگە تارقىتىلىدۇ. ژورنالغا مۇشتەرى بولۇشىڭىزمۇ مىللىتىمىزنى تونۇتۇش ئىشلىرىغا قوشقان تۆھپىڭىزدۇر. چۈنكى سىزنىڭ ياردىمىڭىزسىز، ژورنىلىمىز ئالغا باسالمايدۇ ۋە ئۇيغۇرپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرى قاناتلىنالمايدۇ.

تۆۋەندە مۇشتەرىلىك تۈرلىرى ۋە باھاسى تەپسىلى بېرىلدى. ئاكتىپ قوللىغىنىڭىز ئۈچۈن ئالدىن تەشەككۈرىمىزنى بىلدۈرىمىز.

ھۆرمەت بىلەن : فرانسىيە ئوغۇز ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى .

مۇشتەرىلىك ئادىرىسىمىز: mushteri@oghouz.org

تور ئادىرىسىمىز: http://www.oghouz.org

>>

رەسمى بىسىلىشى ئۈچۈن مۇشتېر 400 گە يېتىشى كېرەككەن. كۆپىرەك تەشۋىق قىلىپ قويارسىلەر… ۋاقىت ئاز قالدى، يەنە بىر ھەپتىدىن كېيىن ساننى تاپشۇرىدىكەن. ئەگەر توردىن پۇل تۆلىيەلمىگەنلەر بولسا، بانكا ئارقىلىق ئەۋەتسەڭلارمۇ بولىدۇ، بانكا ئۇچۇرى تۆۋەندىكىچە:

ئىسىم:
Assoc. Oghouz

بانكا كودلىرى:
IBAN:
FR7618206001676500015838582

:BIC (SWIFT code)
AGRIFRPP882

ئادرىسى:

Maison des Association
13 Rue Frederick Lemaitre
75020 Paris
2. گېرمانىيە تۈركلىرىنىڭ 50 يىلى

تۈركىيە تۈركلىرىنىڭ گېرمانىيەگە ”مىھمان ئىشچى“ بولۇپ كەلگىنىگە 50 يىل بوپتۇ (2011 دىن بىرى). شۇ سەۋەبلىك بۇ ھەقتە خىلى كۆپ ھۆججەتلىك فىلىملەر ئىشلىنىپتۇ. گېرمانىيەگە كەلگەن كۆپ قىسىم تۈركلەر ئاناتولىيەدىن كەلگەن ئىكەن، شۇڭلاشقا بۇلارنىڭ ئارىسىدا خىلى كۆپ ساندا ئالەۋىلەر ۋە كۇردلار بار. شۇڭلاشقىمۇ، ئالەۋى مەدەنىيەت مەركەزلىرىنى، كۇرد تەشكىلاتلار پائالىيەتلىرىنى ئۇچرىتىپ تۇرىسىز. كۆپ سانلىق كۇردلار يەنىلا مىللەتچىلىكنى ئاساس قىلماي دىننى ئاساس قىلىپ ياشايدىكەن.

بۇ 50 يىلدىن بىرى، گېرمانىيە زىمىنىدا يوقلۇقتىن بارلىققا كەلگەن تۈركلەر ھازىرقى كۈندە نوپۇسى 3 مىليوندىن ئاشقان، گېرمانىيە نوپۇسىنىڭ 4 % نى تەشكىل قىلغان گۇرۇپپىغا ئايلاندى. ئەلبەتتە بۇ گېرمان ۋەتەنداشلىقىنى ئالمىغان تۈركلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ (مەڭگۈلۈك ۋىزا، ۋاقىتلىق ۋىزا بىلەن تۇرىدىغان تۈركلەرمۇ ئاز ئەمەس)، دېمەك ئومۇمى سان 3 مىليوندىن كۆپ بولۇشى مۆلچەرلىنىدۇ. ھەم نوپۇسى نىسبەتەن تىز كۆپىيۋاتقان بىر گۇرۇپپا. بۇ 50 يىلدا تۈركلەر گېرماننىڭ ھەممە ساھەلىرىگە كىرىپ بولدى. كۆپچىلىكى يەنىلا ئاددى مۇلازىمەت كەسىپلىرى، زاۋۇتتىكى قارا ئىشچىلار بولسىمۇ، ھازىر تۈركلەر تەتقىقات يۇرتلىرىدا، سەنئەت كىنوچىلىق ساھەسىدە، مىليونىرلار قاتارىدا، ئەڭ مۇھىمى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىمۇ بار. مىسالەن، 1994-يىلى، لەيلا ئونۇر بىلەن جەم ئۆزدەمىر تۇنجى بولۇپ گېرمانىيە دۆلەت مەجلىسىگە كىردى. شۇنىڭدىن كىيىن تۈركلەردىن گېرمانىيە سىياسى مۇنبىرىگە كىرۋاتقانلار ئۈزۈلمىدى. ھەر ساھەدىكى بىر قەدەر كۆزگە كۆرۈنگەن تۈركلەردىن: يەرلى ئاكا-ئۇكىلار (Crytek شېركىتى قۇرغۇچىلىرى)، فاتىھ ئاكىن (رىژىسسور)، پۇتبولچىلاردىن مەسۇت ئۆزىل، ھالىل ئالتىنتوپ، نۇرى شاھىن، ھاكان بالتا، سەردار تاشچى، ئىلكاي گۆندوغان…؛ ناخشىچىلاردىن تاركان، كۇل ساۋاش، ئالەۋ لەنز قاتارلىقلار؛ تۈركىيە گۈزىلى لەيلا، گېرمانىيە گۈزىلى ئاسلى بايرام… ھىسابتا، مۇشۇ كۈندە سىز تۈركلەرنى گېرمانىيەنىڭ ھەممە ساھەسىدە دىگۈدەك كۆرىسىز. شتۇتگارتتىكى ئايرۇدۇرۇم ئاڭلىتىشىدا تۈركچىمۇ بار. ئاپتۇبۇس قاتارلىق ئاممىۋى قاتناش ۋە باشقا ئورگانلاردا تۈركچە چۈشەندۈرۈشلەرنىمۇ كۆرىسىز. كۆپ ساندىكى مەھسۇلاتلاردا تۈركچە چۈشەندۈرمە بار.

1961-يىلىدىن باشلاپ غەربى گېرمانىيەگە كىلىشكە باشلىغان تۈركلەر 64-يىلىلا تۈركچە رادىئو ئىستانىسسى قۇردى، 71-يىلى تۈركچە گىزىت – ژۇرنال تارقىتىلدى. 73-يىلى گېرمانىيە تۈركىيەدىن ئىشچى قوبۇل قىلىشنى توختاتتى. شۇ چاغدىكى تۈركلەرنىڭ سانى بىر مىليونغا يىقىنلاشقان. 90-يىلى TRT گېرمانىيە تۈركچە تىلىۋىزىيە قانىلى تارقىتىشقا باشلىدى.

تۈركلەرنىڭ سانىغا ئەگىشىپ مەسچىتلەرمۇ كۆپىيىشكە باشلىدى. بۇرۇنقىدەك ئاددى بىنالار ئىچىدىن ئورۇن ئىلىشتىن، مەخسۇس مىنارىتى بار مەسچىتلەر سىلىندى. مەن تۇرغان شەھەردە 150 مىڭ نوپۇس بار، تەخمىنەن 30 مىڭى تۈرك، شەھەردە جەمئىي ئالتە مەسچىت بار. ھازىرقى كۈندىمۇ مۇتلەق كۆپ ساندىكى تۈركلەر بۇرۇنقى غەربى گېرمانىيە رايونىدا ياشايدۇ. يىڭى ناتىسىسلار ئاساسلىقى نامرات شەرقى گېرمانغا تارقالغان، لېكىن ئۇ تەرەپتە تۈركلەر بەك ئاز.

بەزىدە بۇ دۆلەت يەنە ئىقتىسادى كىرىزىسكە ئۇچرىسا تىغ ئۇچىنى تۈركلەرگە قارىتارمىكىن دەيمەن. بۇ بەلكىم ئورۇنسىز بولۇشىمۇ مۇمكىن، چۈنكى ياشلارنىڭ نىسبىتىدىكى تۈركلەر خىلىلا يۇقۇرى، نىمىسلار كۆپىنچە توي قىلىپ پەرزەنىتلىك بولۇشتىن يىراق، نىمىسلارنىڭ ئاساسى نوپۇسى قېرىلىشىپ كەتتى. ئەگەر مۇشۇ پىتى كىتىۋەرسە گېرمانىيە تۈركلەر دۆلىتىگە ئايلىنىپ قىلىشى مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ، 3-، 4- ئەۋلات تۈركلەرنىڭ خاراكتېر ۋە مىجەزى نىمىسقا يىقىن (كۆپ سانلىقى). نىمىسلىشۋاتىدۇ دىسەكمۇ بولىدۇ. بۇنىڭغا قارىشى، نۇر جاماسىگە ئوخشاش ئورگانلار گېرماندىكى تۈركلەر ئاچقان مەكتەپلەرنىڭ سانىنى كۆپەيتىۋاتىدۇ. تېخى يىقىندىلا شىتۇتگارتتىكى ئۈچ قەۋەتلىك مەكتەپ كىچىك كىلىپ قىلىپ، يىڭىدىن زامانىۋى ئۇسلۇبتا چوڭ بىنا سالدى، ھەم ئوقۇشنى ئالدىمىزدىكى مەۋسۇمدا باشلىماقچى.

3. گېرمانىيە مائارىپ ۋە پەن-تەتقىقات مىنىستىرى ئانەتتې شاۋاننىڭ دوكتۇرلۇق ئۈنۋان سەتچىلىكى

بۇ يىقىنقى يىللاردىن بىر چىققان ئىككىنچى سەتچىلىك. 2009-يىلى خىرىستيان سوتسىيال بىرلەشمىسىگە ۋەكىللىك قىلغان كارل گۇتېنبېرگ مەركېلنىڭ ئىچكى كابېنتىدا دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى بولغان، ھوقۇق تۇتۇپ بىر يىلغا يەتمەي، دوكتۇرلۇق ماقالىسىدىكى كۆچۈرمىچىلىك سەۋەبلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەن ئىدى. بۇ يىل ئوخشاش پارتىيەدىن كىلىپ چىققان شاۋاننىڭمۇ دوكتۇرلۇق ماقالىسىدىن چاتاق چىقىپ، دوكتۇلۇق ئۈنۋانىنى بەرگەن ئۇنىۋېرسىتېت شاۋان خانىم دوكتۇرلۇق ماقالىسىدە پايدىلانغان بەزى مەنبەلەرنى تولۇق كۆرسەتمىگەن دەپ ئۈنۋانىنى تارتىۋاپتۇ. ئەلبەتتە شاۋان خانىم ئاخىرىغىچە ئىلىشىدىغىنىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، جامائەت بىسىمى سەۋەبلىك تەخىتتىن چۈشۈشى پەرەز قىلىنماقتا. ھەر ھالدا بۇ ئىككى ئاداش ئىجتىمايى پەنچىكەن، بولمىغاندا بىزدەك تەبئى پەنچىلەرنىڭ كۈنىگە تەس بولاتتى، نىمىلا دەيلى بۇ ئىككى سەتچىلىك ئەسلىدە نامى ئۇلۇغ گېرمان دىپلومىنىڭ ئابرۇيىنى خىلىلا يەرگە ئۇردى. ئەمدى كۈنىمىز تەس بولسا، مۇشۇ ئىككىسىنى تىللاپ يۈرىدىغان ئوخشايمىز.

بۇ خەۋەرنىڭ يەنە بىر مۇھىم يېرى، گېرماندىكى دىمۇكراتىيەنىڭ دەرىجىسىنى ھىس قىلدۇرسا، يەنە بىر جەھەتتىن ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ كۈچىنىمۇ نامايەن قىلىپ قويدى. كۆپ ساندىكى ئەھۋالدا، مائارىپ ئورگانلىرى بىلەن ھۆكۈمەت ئورگانلىرى تۇتۇشۇپ قالسا، كۆپىنچە ۋاقتلاردا مائارىپ ئورگانلىرى يىڭىپ چىقىدۇ.

 

oghuzkb

2013- يىل 2-ئاينىڭ 7-كۈنى

ئۇلم

بۇ يازما ئۇنىۋېرسال كاتېگورىيىسىگە يوللانغان. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈشلىۋېلىڭ.

فرانسىيە «ئۇيغۇرلارغا نەزەر» ژۇرنىلى، گېرمانىيە تۈركلىرى، دىپلوم سەتچىلىكى ئۈچۈن 8 ئىنكاس بار

  1. ساتتار مۇنداق يازغان:

    بولسا توردا مۇشتەرى بولۇش نىڭ قەدەمباسقۇچلىرىنى سېنغا ئىلىپ يوللاپ قويغان بولساڭ لا مۇشتەرى بولۇش باھاسى ئېنىقراق خەلىق پۇلىمۇ يا فىرانسىيەنڭىڭ پۇلىمۇ.

    • ئاچىنۇق مۇنداق يازغان:

      قىزىققىنىڭىز ئۈچۈن رەھمەت. بەكلا ئالدىراش بولغاچقا سىن ئىشلەشكە ھازىرچە ۋاقتىم يەتمەيدۇ. ئەگەر سىز ۋەتەندە بولسىڭىز، يەنىلا بانكىدىن پۇل ئەۋەتىشكە مەجبۇر بولۇشىڭىز مۇمكىن. ئۇنداقتا سىز 30 ياۋرۇ قىممىتىدىكى خەلىق پۇلىنى ياۋرۇغا ئالماشتۇرۇپ (خەلىق پۇلى ئەۋەتسىڭىزمۇ بولۇشى مۇمكىن، ئۇلار فرانسىيەدە ئالماشتۇرالايدۇ) بانكىغا كىرىپ يازمىدا بەرگەن باكا ئۇچۇرلىرىنى كۆرسەتسىڭىزلا بانكا خادىملىرى ياردەم قىلىپ توشۇقۇزۇپ بىرىدۇ. پۇلنى ئەۋەتكەن ھۆججەتنى (بانكا بىرىدىغان كۆتەك دەمدۇق) كۆپەيتىپ، ئۇنى يۇقاردا بەرگەن ئىكىنچى رەسىمدىكى ئۇچۇرلارنى توشقۇزغان قەغەز بىلەن قوشۇپ (ئادرىسقا چوقۇم پوچتا ئادرىسىڭىز بولۇشى كېرەك، ئېچكىردە بولسىڭىز خىتايچە يىزىلغان بولۇشى كېرەك دىگەندەك) شۇ رەسىمدىكى شۇلارنىڭ فرانسىيەدە تۇرۇشلۇق ئادرىسىغا ئەۋەتىۋەتسىڭىز بولىدۇ. ئادەتتە بۇنچىلىك خەت ئۈچۈن خەلق پۇلىدا 6 سومدەك تۆلەيسىز ئادەتتىكى پوچتىدىن ئەۋەتسىڭىز.

      ياكى بولمىسا شۇ ئۇچۇرلانى يازغان خەتكە پۇلنى سىلىپ ئەۋەتسىڭىزمۇ بولىدۇ، لېكىن خەتنىڭ يۈتۈپ كىتىش ئەھۋالىمۇ بومايدۇ دىگىلى بولمايدۇ. (مەن شەخسەن پۇل شۇنداق ئاز بولغاندا چەتتىن ۋەتەنگە كونۋىرتقا سىلىپمۇ ئەۋەتىپ باققان بىر نەچچە قىتىم، چۈنكى ئاز پۇلنى بانكا ئارقىلىق ئەۋەتكەندە ئەۋەتىش ھەققىلا خىلى بىر يەرگە بارىدۇ). پەيپالدىن پۇل ئەۋەتىش ھەققىدە مەن بۇرۇن بىر تېما يازغان، ئەگەر سىزدە پەيپال بولسا، شۇ تېمامنى كۆرۈپ باقارسىز.

      قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت!
      سالاملار

  2. ئۆمەر مۇنداق يازغان:

    ئاۋال ئىشلىرىڭلار ئۇتۇقلۇق بولسۇن …. ئۇنىڭدىن كىيىن دەيدىغىنىم، مېنىڭچە ۋەتەندىكى كۆپىنچە مىللەت سۆيەرلەر بۇ ئىشىڭلارنى قوللايدۇ ھەم چوقۇم مۇشتەرى بولغۇسى بار، لىكىن سىلەر دېگەندەك خەلقئارالىق پۇل -مۇئامىلە ئىشلىرىنى كۆپىنچىلەر بىلمەسلىكى مومكىن، شۇڭا مېنىڭ تەكلىپىم، سېلەر ۋەتەن ئىچىدىن بىرەر ۋاكالەتچى بىكىتسەڭلار، بىز پۇلنى شۇ كىشىنىڭ بانكا كارتىسىغا يوللاپ بەرسەك ئۈنۈمى ياخشى بولۇشى مومكىن ئىدى ……شەخسەن مېنىڭ بەكمۇ مۇشتەرى بولغۇم بار، لىكىن پۇلى قانداق تۆلەشنى ھېچ بىلمەيمەن ….. پايپال دېگەننىغۇ ئەسلا ……. قېنى ئويلىنىپ باقارسىلەر …… ئاللاى يولۇڭلارنى ئوچۇق قىلسۇن …..http://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_rose.gif

  3. Miradil مۇنداق يازغان:

    ھۆرمەتلىك قۇربانجان،
    ياخشىمۇسىز؟ مەن سىزنىڭ بۇ ئەسىرىڭىزنى مىسرانىم مۇنبىرىدە سىزنىڭ نامىڭىزدا ئىلان قىلسام بولارمۇ؟بۇنىڭدىن ۋەتەنداشلىرىمىزمۇ خەۋەردار بولپۇ قالسۇن دەيمەن.

    ھۆرمەت بىلەن
    مىرئادىل.ئەخەت
    Dresden, Germany

  4. يولۇچى 007 مۇنداق يازغان:

    مېنىڭمۇ بەكمۇ مۇشتەرى بولغۇم بار، لىكىن پۇلى قانداق تۆلەشنى بىلمىدم

    • ئاچىنۇق مۇنداق يازغان:

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
      مۇشۇ تېمىدىكى ئېلخەت ئادرىسىگە خەت يىزىپ مەسلىھەت سوراپ بىقىڭ، بىر ئامال قىلالىشى مۇمكىن، بۇ ئېلخەت ئادرىسى:

      mushteri@oghouz.org

      سالاملار بىلەن
      ئاچىنۇق

  5. يولۇچى 007 مۇنداق يازغان:

    كەچۈرۈڭلا قېرىنداشلا ئىملايىم توغرا يېزىلماپتۇ !

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong> <img src="" alt="" class="" width="" height="">

https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_bye.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_good.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_negative.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_scratch.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wacko.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yahoo.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cool.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_heart.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_rose.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_smile.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_whistle3.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yes.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cry.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_mail.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_sad.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_unsure.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wink.gif