بوۋام ھەققىدە يىزىلغان ئەسەر: غالجاتلىق توقىلەك سەردار

تۇيۇقسىز كەڭساي مۇنبىرىدىن بوۋام ھەققىدە يىزىلغان بۇ ئەسەر ئۇچراپ قالدى، بۇنچىلىك تەلەيلىك بولامدۇ كىشى. بوۋام ھەققىدە يىزىلغان بولغاچقا، يۈزۈمنى قىلىن قىلىپ، يوللىغۇچىنىڭ رۇخسىتىنىمۇ ئالماي كۆچۈرۋالدىم. ئەسەرنىڭ تىلىغا قارىغاندا قازاقىستاندا يىزىلىپتۇ،  تارانچىلار ”ژ“ ھەرىپىنى شۇنداق كۆپ ئىشلىتىدۇ ”ي“ ھەرىپىنىڭ ئورنىغا، بەلكىم رۇسچە يىزىقتىن بىۋاستە ئۆزگەرتىلگەن بولسا كېرەك. توقىلەك بوۋام ھەققىدە پارچە-پۇرات خىلى بىلەتتىم يۇرت چوڭلىرىدىن، شۇڭا بۇرۇنلا تۆۋەندىكىدەك جەمەت دەرىخىنى قۇرۇپ چىققان ئىدىم، بۇ ئەسەر مەن ئۈچۈن تىپىلماس يازما بولدى. ئاساسى مەزمۇندىكى چوڭ ۋەقەلەر رەھمەتلىك مومام دەپ بەرگەن بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشاشكەن! 

كۆپ كىشىلەر، ھەتتا موماممۇ بوۋىسىنىڭ ئىسمىنى سىسا دەپ ئاتايتتى، ماڭا سەل غەلىتە بىلىنگەن، كىيىن بىر مىھماندارچىلىقتا يۇرتتىكى خاتىرە تۇتۇپ يۈرىدىغان بوۋىمىزدىن سىسا نىڭ ئەسلى ئەركىلەتمە ئىسمى ئىكەنلىكى، كىيىن شۇ بويىچە ئومۇملاشقانلىقى، ئەسلى ئىسمىنىڭ ئىمرەمزە ئىكەنلىكىنى بىلدىم. ئۇ ئاكىمىز جەمەت تارىخىدىكى ئىسىملارنىڭ ھەممىسىنى يىزىۋالغان ئىكەن بىر كىچىك خاتىرىسىگە. بۇ ئەسەردىمۇ سىسا دەپ ئاپتۇ.

ئىلى سۇلتانلىقى قۇرۇلغان مەزگىللەردە بەزىلەر چاپچالدىكى شىبەلەرنىمۇ قىرىپ تاشلاشنى ئوتتۇرغا قويىدىكەن، قوزغىلاڭ جەريانىدىكى شىبەلەرنىڭ ياردىمىنى كۆزدە تۇتۇپ توقىلەك بوۋىمىز ئارىغا چۈشۈپ ئەلىخاننى بۇ ئىشتىن توسىۋالغان ئىكەن. شۇڭا چوڭلاردىن چاپچالدىكى قىرى كىشىلەر توقىلەك بوۋىمىزنى بەك ھۆرمەت قىلىدۇ دەپ ئاڭلىغان ئىدىم.

جەمەت دەرىخىمىز:

http://achinuq.blogbus.com/logs/75591186.html

غالجاتلىق توقىلەك سەردار
(تارىختىن ئۇچۇر)

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

XIX ئەسىردە ئۇيغۇر ناھىيەسىنىڭ غالجات يېزىسىدا توقىلەك ئىسىملىق باتۇرنىڭ ياشىغانلىغىدىن ئۇنىڭ ژۇتداشلىرى ياخشى خەۋەردار. ئۇ كىچىگىدىنلا خەلىقنىڭ مۇڭ – مۇختاجىغا يېتىدىغان، تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ژۇتىغا كۆيۈنىدىغان، ھەممىگە بىردەك غەمخورچى بولۇشنى خالايدىغان ئىنسان بولۇپ ئۆسكەن. توقىلەك ژۇتىدىكى موللىلارنىڭ قولىدا كونىچە ئوقۇپ، ساۋاتىنى چىقارغان. تىرىشچان ژىگىتنىڭ ژۇت باشقۇرۇشقا لايىق تەشكىلاتچانلىق قابىلىيىتىنى بايقىغان بەلدىكى ئۇيغۇر ژۇتلىرىنىڭ ئاقساقاللىرى ۋە دىنىي زاتلار ئۇنى غالجات يېزىسى بولغان غالجات شاڭيۇلىقىغا شاڭىيۇ قىلىپ بەلگۈلەيدۇ. ئۇ دەۋىردە غالجات شاڭيۇلىقىنىڭ تەركىۋىگە ئۇدۇتا يېزىسىدىن جاغىستايغىچە بولغان ئارىلىقتىكى 20دىن ئوشۇق مەلە كىرەتتى.

1855-ژىلى غالجات يېزىسى روسسىيا بىلەن جۇڭگونىڭ چېگراىسى بولۇپ بەلگۈلەنگەندىن كېيىنمۇ ئۇ غالجات يېزىسىنىڭ شاڭيۇسى بولۇپ ئىشلەيدۇ ۋە كۆپ ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. ئۆزىنىڭ يېقىن سەبدىشى ئاققوزا مىراپ بىلەن بىرلىكتە چېگارىدىكى بۆدۇتە ئۆستىڭىدىن سەككىز ئېرىق ئېچىپ، غالجاتقا سۇ ئېلىپ كېلىدۇ. خىتاي بىلەن روسسىيا ئوتتۇرىسىدىكى سودىنى جانلاشتۇرۇش ئۈچۈن چېگرادىكى بۆدۈتە مەلىسىدە باجخانا ئاچقۇزغانمۇ شۇ توقىلەك بولغان.
شۇنداقلا ئۆز شاڭىيۇلىغىدىكى يېزا – مەلىلەر ئارىلىغىدىكى ھارۋۇ بىلەن قاتنايدىغان يوللارنى ياسىتىپ، ئۇنى «چاپان يول» دەپ ئاتىغان. خەلىقنىڭ تۇرمۇش – ئەھۋالىنى ياخشىلاش ئۈچۈن غۇلجا شەھىرىنىڭ سودىگەرلىرى بىلەن كېلىشىپ، غالجاتتا بىر قاتار دۇكانلارنى ئاچقۇزغان، 1860 – ژىلى غالجاتقا چوڭ مېچىت سالدۇرۇپ، ئۇنى دىنىي مەدرىسىگە ئايلاندۇرۇشقىمۇ كۆپ كۈچ چىقارغان. يەنە شۇ توقىلەكنىڭ تەشەببۇسى بىلەن مىسىردىن، تۇركىيەدىن دىنىي كىتاپلار كەلتۈرۈلۈپ، بالىلار دىنىي تەلىم – تەربىيە ئالغان. كېيىنەرەك شۇ مېچىتنىڭ يېنىدا بىر ژىللىق مەكتەپ ئېچىپ، ژۇت بالىلىرىنى يېڭىچە ئوقۇتۇشقا كىرىشكەن.
ئەزەلدىن تەكەسلىك قالماقلار ھەر ژىلى كۈزدە سېمىز توپاق، ئۆكۈزلىرىنى غالجاتقا ھايداپ كېلىپ، بۇغداي، ئارپا، تېرىق، كۆمۈقوناقلارغا تېگىشەتتىكەن. ئۇلار موشۇ ياخشى خوشنىدارچىلىقنى بۇزۇپ، 1868 – ژىلى داباچى رەھپەرلىگىدە غالجاتقا بېسىپ كىرىپ، بۇلاڭچىلىق قىلىدۇ. غالجاتلىقلارمۇ بوش كەلمەي، قالماقلارغا قارشى تۇرىدۇ. قالماقلار ھەر بىر ئۆيگە بېسىپ كىرىپ، ساڭلاردىكى ئاشلىقنى تاغالارغا قاچىلاپ، ئۆكۈزلىرىگە ئارتىپ، قالماق كۈرەگە، تېكەسكە، ئاغىياسقا ئەۋەتىشكە باشلايدۇ. شۇ ۋاقىتتا توقىلەك ژۇتىدىكى بۆكى، باقاش، توقى، ئاققوزا كەبى باتۇرلار بىلەن قالماقلارغا قارشى جەڭ قىلىدۇ.
ئۇ دەرھال غۇلجىدىن مىلتىق ۋە ئوق،دورا ئالدۇرىدۇ. توقىلەك سەپداشلىرى بىلەن ئۇستىلىق بىلەن جەڭ قىلىپ غەلبە قىلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ ئابرويى ئۆسۈپ، خەلىق ئۇنى «سەردار» دەپ ئاتاشقا باشلايدۇ. كۆپ ئۆتمەي، گېنېرال –مايور كولپاكوۋسكىي كۈچلۈك ئەسكىرى بىلەن چېگارىغا يېقىنلىشىدۇ. غۇلجىدىن ئەلىخان سۇلتان بەلدىكى توقىلەككە ئۇيغۇر ژىگىتلىرىدىن لەشكەر قۇرۇش بۇيرۇغىنى بېرىدۇ. توقىلەك ھەر بىر ئۇيغۇر يېزىسىدىن ياش ژىگىتلەرنى ژىغىشقا باشلايدۇ. ھەر بىر ژۇتتىن بىر باتۇرنى شۇ ژۇتتىكى لەشكەرگە رەھبەر قىلىپ بەلگۈلەيدۇ. باتۇرلار غالجات يېزىسىنىڭ يېنىدىكى گۈلمەت ئاچىلى سېيىدىن يوغان تاشنى كۆتىرىپ، تۆپىگە چىقىش ئارقىلىق بىر بىرىنى سىنايدۇ.
بۇ سىناقتا 7 باتۇر ئوزۇپ چىقىدۇ. ئۇلار كەتمەنلىك تايلاق (روزى) باتۇر، داردامتۇلۇق باقاش، كىچىك-ئاچىنۇقىلىق مەمەروزى (كۆك)، قارىتاملىق بۆكى بىلەن باقاش، غالجاتلىق ئاكا-ئۇكىلار توقى (بۆك) ھەم توقىلەكنىڭ ئۆزى. توقىلەك باتۇرلارنىڭ كۆكسىگە غۇلجىدىن ياسىتىپ ئەكەلگەن كۈمۈچ بەلگۈنى قادايدۇ. ئاندىن ئۇلارنىڭ ھۆرمىتىگە غالجاتنىڭ يېنىدىكى توختىۋاي دېگەن مەلىگىچە بەيگە ئۇيۇشتۇرۇپ، ھەر بىر باتۇرغا بىردىن يورغا ئات سوغا قىلىدۇ.
1871- ژىلى كولپاكوۋسكىي بىلەن توقىلەكنىڭ ئەسكەرلىرى دوۋۇن، داردامتۇ، كەتمەن يېزىلىرىنىڭ ئارىلىقىدا جەڭ قىلىدۇ. ئۇ جەڭ ھەققىدە ئالىم ئوكتيابر جامالدىنوۋنىڭ 1988- ژىلى «جازۇش» نەشرىياتىدا بېسىلغان «ئۇيغۇر خەلىق قوشاقلىرى» ناملىق توپلىمىدىكى «كېگەن سوقۇشى» سەرلەۋھىلىك ماقالىدىن كۆپلىگەن مەلۇماتلارنى ئېلىشقا بولىدۇ. ئەلاخان سۇلتان، سادىر پالۋان ۋە توقىلەك سەردارنىڭ بىللە چۈشكەن رەسىمى موسكۋادىن تېپىلدى. دېمەك، بۇ سۈرەت ئۇلارنىڭ ئىلى ۋىلايىتىدە بىللە پاالىيەت ئېلىپ بارغانلىغىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ رەسىمنى ھازىر تالغىر ناھىيەسىنىڭ بېساغاش يېزىسىدا ئىستىقامەت قىلىۋاتقان چەۋرىسى دەۋلەت غوجامبەردىېۋ تېپىپ ماڭا ئېلىپ كەپتۇ.
توقىلەكنىڭ ئەۋلادىمۇ ۋەتەنپەرۋەر، مىللەتپەرۋەر بولۇپ يېتىلىدۇ. ئۇنىڭ ئىسلامباي، يولداشۋاي، مەسە، سېسا، غوجامبىر ھاجى كەبى بەش ئوغلى ۋە گۈلباھارەم ئىسىملىق بىر قىزى بولغان. ئۆز ۋاقتىدا ژۇت قېرىلىرى بىلەن سۆھبەتلەشكىنىمدە، ئۇلار توقىلەكنىڭ ئىككىنچى ئوغلى يولداشۋاينىڭ چوڭ ئوغلى مۇخپۇل خونىخاينى مەركەز قىلغان بولۇسلۇقنى باشقۇرغانلىغى ھەققىدە بىر ئاز مەلۇماتلارنى ئالغانمەن. بۇ توغرىلىق ئۇنىڭ ئوغلى – ھازىر تالغىر ناھىيەسىنىڭ تۇزدباستاۇ يېزىسىدا تۇرىدىغان ئالمساخانمۇ كۆپ نەرسىلەرنى ئېيتىپ بەردى. مۇخپۇل بولۇس كەمبەغەل دېخانلارنىڭ غەمخورچىسى بولغان. ئابدۇرۇسۇل، جەپا، ۋايىت، ھېمىت ئىسىملىق بالىرىمۇ توقىلەك بوۋىسىنىڭ يولى بىلەن مېڭىپ، مىللىي غۇرۇرى كۈچلۈك ئىنسانلاردىن بولۇپ يېتىلگەن. ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىلىم ئېلىشقا تەلپۇنگەن. كەنجىسى ھېمىت توقۇلەكوۋ بىلىم ئىزدەپ، ئاتا – ئانىسىنىڭ چېگرانىڭ ئۇ تەرىپىدە قالغانلىغىغا قارىماي، 1930- ژىللىرى تاشكەنتكە كېلىپ، ئىنستىتۇتتا ئوقۇغان ۋە موسكۋادا بىر ئاۋتوترانسپورت باشقارمىسىنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇلۇق ۋەتەن ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ، مايور ئۇنۋانى بىلەن قايتىپ كېلىدۇ.
توقىلەكنىڭ ئوغۇللىرىدىن سېسا كەتمەن بولۇسى بولۇپ سايلانغان. سېسەنىڭ شېرىپ، مۇنار، مۆھىي ئىسىملىق پەرزەنتلىرى بولغان. شۇلار ئىچىدىن مۇنارنىڭ پەرزەنتلىرى بىلەن نەۋرىلىرى شائىرلىق قابىلىيىتكە ئېگە. بولۇپمۇ مەخسۇت مۇناروۋ ۋە ئۇنىڭ ئوغۇل-قىزلىرى شېئىر توقۇشقا مايىللىغى تۈپەيلى غالجاتلىقلار ئارىسىدا ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىدۇ. ئەندى توقىلەكنىڭ يەنە بىر ئوغلى غوجامبىرنىڭ نەۋرىسى قۇتلۇق غوجمبەردىېۋ تارىخقا بەك قىزىقىدۇ. ئۇ تۈگمەن ئوتتۇرا مەكتىۋىدە تارىخ پەنىنىڭ مۇئەللىمى بولۇپ ئىشلەپ ژۈرۈپ، بوۋىسى توقىلەك ھەققىدە كۆپلىگەن ھۆجەتلەرنى توپلاپ كىتاپ يازدى. توقىلەك كۈيوغلى بىلەن مەككىگە بېرىپ قايتىپ كېلىۋېتىپ، تۈركىيادە ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ تارىختا ئۆچمەس ئىزى قالدى. جاسۇر ژۇتداشلىرىمىزنىڭ ھاياتى كېلەچەك ياشلىرىمىزغا ئۈلگە بولغۇسى.

,ئاسىم قاسىم
تارىخچى
مەنبە ئىگىسى، Emeren

بۇ توقىلەك بوۋىمىز ھەققىدە غۇلجىدىكى ئەۋلاتلىرى يازغان قىسقا پارچە:

”توقىلەك شاڭ بەگ:لەقىمى پالۋان،  تۇغۇلغان جايى ئىنىق ئەمەس، كىيىنكى ئۆمرىنى غالجاتتا ئۆتكۈزگەن. 1864 -يىلى ئىلى دېھقانلار قوزغىلىڭى كۆتۈرۈلگەندە، ئىلىنىڭ جەنۇبىدىكى دولانا، كەتمەن، غالجات، خونخاي(ئەسلى خۇنخار) قاتارلىق 12 يۇرتتىن توپلانغان قوزغىلاڭچىلارنى ئەڭ يىقىن دوستى ئاققۇزا مىراب بىلەن تەشكىللەپ ۋە قۇراللاندۇرۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن چاپچالدىكى شىبەلەرگە خىزمەت ئىشلەپ قوزغىلاڭچىلارنى قوللاشنى ئىشقا ئاشۇرغان، ھەمدە مۇڭغۇلكۈرەدىكى چىڭ قوشۇنلىرىنىڭ ئىلى جاڭجۈن مەھكىمىسى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، ئۇلارنى ياردەمسىز قويۇپ، سادىر پالۋان قاتارلىق قوزغىلاڭچىلارنىڭ بايانداي قەلئەسىنى 2 -قىتىم مۇھاسىرىگە ئىلىشتا زور تۆھپىلەرنى قوشقان.

تارىختىكى مەشھۇر شەخىسلەردىن ۋىلباي يولداشۇۋ كىچىك چىغىدىلا توقىلەك بوۋىمىزغا ئۆگەي ئوغۇل بولوپ بارىدۇ. توقىلەك بوۋىمىزمۇ ئۇنى ئۆزنىڭ بەش ئوغلى قاتارىدا كۆڭۈل قويۇپ ياخشى تەربىيلەپ ئۆستۈرۈپ چوڭ قىلىدۇ. كىيىن توقىلەك بوۋىمىز كىچىك ئوغلى غوجامبىرنى ئېلىپ مەككىگە بارىدۇ، شۇ سەپىرىدە توقىلەك بوۋىمىز ئاغرىپ ۋاپات بولىدۇ.“

بۇ يازما ئۇنىۋېرسال كاتېگورىيىسىگە يوللانغان. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈشلىۋېلىڭ.

بوۋام ھەققىدە يىزىلغان ئەسەر: غالجاتلىق توقىلەك سەردار ئۈچۈن 18 ئىنكاس بار

  1. قىسمەت مۇنداق يازغان:

    ماڭا «قەيسەر يۈرەك»فىلىمىدا ۋىللىيام تۇنجى جەڭدە غەلبە قىلغاندا ھېلقى باتۇر بىر بوۋاينىڭ «hero’s son» دەيدىغان گىپى بەك يارايدۇ. ئەجداد،جەمەت تارىخىنى بىلىش بەك مۇھىم .
    قانچىلىك غورورلانغانسىز ، ئاچىنۇق .

  2. niyazdixan مۇنداق يازغان:

    ئەلاخان سۇلتان، سادىر پالۋان ۋە توقىلەك سەردارنىڭ بىللە چۈشكەن رەسىمى تورغا يوللانغانمىكىنا؟ ئەلاخان پالۋاننىڭ رەسىمىنى كۆرگەن. توقىلەك سەردارنىڭ رەسىمىمۇ بۇ يەردە باركەن. سادىر پالۋاننىڭ رەسىمىنى بىر كۆرۈپ باقساق بولاتتىكەن.

    • ئاچىنۇق مۇنداق يازغان:

      1866-1877 -يىللار بولغان ئىكەن، فوتوسۈرەت بولۇشىمۇ مۇمكىن. بەك قىزىقىپ قالدىم، تىپىلىپ قالسا جاھان ئىش بولاتتى! سىزدە ئەلاخاننىڭ رەسىمى بارما؟ بولسا ئەۋەتىپ بىرەمسىز؟ رەھمەت!

      • niyazdixan مۇنداق يازغان:

        ئەلاخاننىڭ رەسىمى مەندە يوق. غۇلجىدا خالمۇرات قېيۇمبەگ دېگەن بالىنىڭ دۇكىنىدا كۆرگەنتىم. چوڭ رامكىلىق رەسىمكەن. دۇبۇلغا-ساۋۇتلارنى كىيىپ چۈشكەن. مەن سوراپ باقاي. بېرىپ قالسا ئەۋەتىپ بېرىمەن.

        • ئاچىنۇق مۇنداق يازغان:

          رەھمەت قېرىندىشىم، ئۇ دۇكان قەيەردە، ئادرىسىنى دەپ بەرگەن بولسىڭىز، غۇلجىغا بارغاندە ئىزدەپ باقاي :)

          • niyazdixan مۇنداق يازغان:

            ئەلاخان پالۋاننىڭ رەسىمنى سوراپ ئالدىم. سىزگە ئەۋەتىپ بېرەي. قانداق ئەۋەتىمەن.

          • ئاچىنۇق مۇنداق يازغان:

            بەك ياخشى بولدى. ئېلەكترونلۇق نۇسخىسى بولسا ئېلخەت ئادرىسىمغا يوللاپ بىرىڭ: barat.qurbanjan@gmail.com. ئەگەر ئەسلى نۇسخىسى بولسا، غۇلجىغا بارغاندا سىزدىن كوپى قىلۋالاي. كۆپتىن-كۆپ رھمەت سىزگە!

  3. مېھمان مۇنداق يازغان:

    ۋاھ، نېمىدىگەن تەلەي بۇ سىزدىكى، http://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_good.gif ھەسەت قىلىپ قېلىۋاتىمەن جۇمۇ (ھەممە چىشىنى چىقىرىپ ھىجايغان چىراي ئىپادىسى)
    ئاچىنۇق ئاكا، ئۆزەمچە كاللامدىكى خام خىياللىرىمنى تەسەۋۇرۇمدىكى سىز بىلەن سېلىشتۇرۇپ خېلى كۆپ ئورتاقلىقلارنى بايقىدىم. تەجرىبىلىرىڭىزنى داۋاملىق بىز بىلەن ئورتاقلىشىپ، يول كۆرسىتىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
    ھە راست، جەمەت خاتىرىڭىزدىكى (رەسىمنى كۆزدە تۇتتۇم) ئىسىملار ئۇيغۇرچە بولۇپ كەتكەن بولسا تېخىمۇ ئوبدان بولامدىكىن دەپ ئويلاپ قالدىمغۇ http://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wink.gif

    • ئاچىنۇق مۇنداق يازغان:

      رەھمەت ئىنىم! ئەڭ پەستىكى رەسىمنى دەمسىز؟ ئۇ مەخسۇس جەمەت نەسەبنامىسى تۈزىدىغان توردىكى بىر دېتالدىن پايدىلنىپ ئىشلەنگەن رەسىم، ئۇ دېتالنىڭ ئۇيغۇرچىسى يوق. لېكىن بەك ئەتراپلىق تۈزۈلگەن دېتالكەن. سىلەرمۇ سىناپ بىقىڭلار، ئائىلە ئۇچۇرلىرىنى ساقلاشقا بەك ئەپلىك، بۇ ئادرىسى:
      http://www.familyecho.com/

      ئۇيغۇرچە نەسەب تور بىتى:
      http://www.neseb.org/login.php

  4. مەلەك مۇنداق يازغان:

    بىر كىنو ۋە ياكى تارىخى رومانلاردىكى قەھرىمانلارغا ھەۋەس قىلغاندەك تۇيغۇدا ئوقۇپ تۈگەتتىم ، راستىنلا بەك تەلەيلىككەنسىز

  5. ئەمەرەن مۇنداق يازغان:

    مۇبارەك بولسۇن، ئالاقىلىشايلى ھە! http://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_mail.gif

    • ئاچىنۇق مۇنداق يازغان:

      كۆپتىن-كۆپ رەھمەت سىزگە ئاكا! مۇشۇ ئەسەر يوللانغان ئەسلى تور ئارقىلىق سىز بىلەن تونىشۋالدىم. ئەگەر سىز شۇ بلوگىڭىزغا كۆچۈرۈپ قويمىغان بولسىڭىز، بىلمەيلا يۈرەتتىمكەن. ئالاقىلىشىپ تۇرايلى ئاكا، ھەممە ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇقلار تېلەيمەن! يىڭىلىقلار بولسا ئۇچۇر بىرىشنى ئۇنۇتمىغايسىز ئاكا! راست، تور-بەت بلوگلىرىڭىزدىن بىر نەچچىسى بار ئىكەن، ماڭا بىرنى تەۋسىيە قىلسىڭىز، مەن بلوگىمدا مۇقىم ئۇلانمىسىنى قوشۇپ قوياي دىگەن ئىدىم :)

  6. ئەمەرەن مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇەلەيكۇم قۇرۋانجان، مانا مىنىڭ يىنىمدا ئاچىنوقىلىق ھاكىمجان ئولتىرىدۇ. دۇگامەتنىڭ ئانا تۇخۇم ئەۋلادى!!! Skypede ئالاقىلىشارمىز.

    Essalamueleykum Qurwanjan, mana mining yinimda Achinoqiliq Hakimjan oltiridu. Dugametning ana tuxum ewladi!!! Skypede alaqilisharmiz. http://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yahoo.gif

    • ئاچىنۇق مۇنداق يازغان:

      Essalamu eleykum aka,

      méni bek xosh qilwettingiz aka, rehmet sizge. etidin bashlap gérmaniyening bashqa bir shehride heptilik élmi yighingha qatinishimen. sizler bilen kiler hepte axiri körüshüshke bolarmu? hazirche yekshenbe ya shenbe künige békitsek, iniq waqitni sizler qarar qilinglar. jawabingizni kütimen

  7. niyazdixan مۇنداق يازغان:

    http://www.nazimi.cn/post/25.html
    toqulek palwan toghruluq yene bir maqale

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong> <img src="" alt="" class="" width="" height="">

https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_bye.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_good.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_negative.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_scratch.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wacko.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yahoo.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cool.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_heart.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_rose.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_smile.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_whistle3.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yes.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cry.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_mail.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_sad.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_unsure.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wink.gif