مەكتەپ تور بىتىدە شەخسى تور بەت ئىچىش ۋە مەكتەپتىكى دېتاللارنى يىراقتىن ئىشلىتىش

لاتىنچىسى بۇ بەتتە:

http://achinuq.blogbus.com/logs/58977936.html

گېرمانيەدىكى ئۇنۋېرسىتېتلارنى مىسالغا ئالايلى:

ئادەتتە مەكتەپ ئىچىدە كۆپلىگەن كومپيۇتېرخانىلار بولىدۇ، لىنۇكس سىستىمىسىنىڭ ئوقۇتۇشتىكى ئارتۇقچىلىقى كۆزدە تۇتۇلغاچقا كۆپىنچە كومپيۇتېرخانىلار لىنۇكىس سىستىمىسى ئىشلىتىدۇ، ئاز قىسمى ۋىندوۋس ئىشلىتىدۇ. ئادەتتە رەسمى ئوقۇغۇچى بولوپ مەكتەپكە تىزىملىتىپ كىرگەندىن كىيىن سىزگە بىر شۇ كومپيۇتېرلارنى ئىشلەتكەندە كېرەك بولىدىغان ئابۇنت ئىسمى ۋە پارول/شىفىر بىرىدۇ (username, password)، بۇ ھەم سىزگە بىرىلگەن مەكتەپ ئېلخەت ساندۇقىڭىزدىكى تىزىملىتىش ئىسمى ۋە پارولى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ . بىرىلگەن شۇ ئابۇنت نامى بىلەن ئىنتېرنېتكە ئۇلانغان شۇ كومپيۇتېرلارنى خالىغانچە ئىشلىتەلەيسىز (ۋاقت چەكلىمىسى يوق)، بۇ كومپيۇتېرلار تورغا ئۇلانغان (سۈرئىتى راۋرۇس تېز)، بولۇپمۇ لىنۇكىس سىستىمىسدىكى كومپيۇتېرخانىلاردا مەكتەپ يۇنىكس مۇلازىمەتتېرگە قاچىلانغان ھەر قانداق دېتالنى ئىشلىتەلەيسىز. چوڭ تىپتىكى باھاسى ناھايتى قىممەت بولغان مەتلەب، ئانسيس، مەيپل، ۋولفرام ماتېماتېكا (matlab, ansys, maple, wolfram mathematica)دىن تارتىپ ھەقسىز جنۇپلوت (gnuplot) قا ئوخشاش دېتاللاردىن تارتىپ قاچىلانغان. قانچىلىك ئۈگىنىمەن دىسىڭىز شۇنچىلىك مۇمكىنچىلىك يارىتىپ بىرىلگەن. ھەر بىر تىزىملىتىپ كىرگەندە مەيلى قايسى كومپيۇتېرنى ئىشلىتىڭ، پەقەت ئۆزىڭىزنىڭ بوشلۇقىغىلا كىرىسىز، باكلاۋىر، ماگىستىر ئوقۇغۇچىلارغا 200 MB بوشلۇق بىرىلگەن. بۇ بوشلۇقنى خالىغانچە ئىشلىتەلەيسىز. دوكتۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئادەتتە 10 GB بىرىلگەن بولىدۇ (باشقا مەكتەپلەردە پەرىقلەر بولوشى مۇمكىن). بۇ بوشلۇقنى بۇ كومپيۇتېرلاردا ئىشلىگەن تاپشۇرۇقلارنى ساقلاشقا، ئۆزىڭىزنىڭ شەخسى ھۆججەتلىرىنى ساقلاشقا، مەكتەپ بىتىدە ئاچقان تور بىتىڭىزنىڭ ھۆججەتلىرىنى قويۇشقا، ھەم شەخسى كومپيۇتېرىڭىزدا ئۆيدە تاپشۇرۇق ئىشلىگەندە مۇھىم ھۆججەتلەرنى قويىدىغان زاپاس بوشلۇق سۈپىتىدە ھەم ئىشلىتەلەيسىز. ئادەتتە بۇ بوشلۇق پەقەت 200 MB بىلەنلا چەكلەنمىگەن، قىسقا ۋاقىتتا ھۆججەت بىر تەرەپ قىلغاندا نەچچە ھەسسە چوڭ ھۆججەتلەرنىمۇ ۋاقىتلىق قويالايسىز.

1، يىراقتىن باشقۇرۇش

يۇقىردا مەكتەپ سىستىمىسىدىكى كومپيۇتېرلاردا Matlab كە ئوخشاش سىزگە مۇھىم دېتاللارنى ئىشلىتىش مۇمكىنلىكىنى ئىيتتۇق، لىكىن سىز دائىم مەكتەپتە بولالمايسىز. ئۇ دېتاللارنى سىتۋىلىپ ئىشلىتەي دىسىڭىز بەك قىممەت، شىفىرى يىشىلگەن دېتالنى ئىشلىتىش ھەم قانۇنسىزلىق. كىرەك يوق، ئەگەر ئازىراقلا ئىش قىلسىڭىز شۇ دېتاللارنى ئۆيدىلا تۇرۇپ يىراقتىن ئىشلىتەلەيسىز. قانداق ئىشلىتىش سىسىتمىڭىزغا باغلىق. يەنى ئەگەر ئۆيدىمۇ لىنۇكس سىستىمىسى ئىشلەتسىڭىز، كۆپ ئاسان: ئالدى بىلەن سىستىمىدىكى ”ssh-config“ دىگەن ھۆججەتنى ئىچىپ (ئادەتتە سىستىما يىلتىز ھۆججەت قىسقۇچىنىڭ /etc بۆلىكىدە بولىدۇ) ، شۇ ھۆججەتتىكى ”x11 forwarding no“ دىگەن قۇردىكى ”No“ نى ”yes“ كە ئۆزگەرتىپ قويىسىز. ئاندىن سىستىمىدىكى كومماندا كۆزنىكىنى (command terminal) ئاچىسىزدە تۆۋەندىكىدەك بۇيرۇق بىرىسىز:

ssh -X abunét-ismi@login.rz.uni-ulm.de

بۇ يەردىكى ئابۇنت-ئىسمى سىزنىڭ مەكتەپتىكى كومپيۇتېرلارغا كىرگەندە ئىشلىتىدىغان ئىسمىڭىز شۇ. @ بەلگىسىنىڭ ئارقىسىدىكى ”login.rz.uni-ulm.de“ پەقەت مەن تۇرغان ئۇنىۋېرسىتېت ئۇلم دىكى مۇلازىمەتتىرنىڭ ئادرىسى، بۇ ئادرىس ھەر مەكتەپتە ئايرىم بولىدۇ، بۇ ئۇچۇر مەكتىپىڭىزنىڭ تور بىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك جايغا يىزىلغان بولىدۇ، بۇ ئادرىس بىزنىڭ مەكتەپتە تۆۋەندىكى بەتتە بىرىلگەن:

 

 

 

 

 

 

ئەگەر مەكتەپ تور بىتىدىن بۇ ئۇچۇرلارنى تاپالمىسىڭىز، ئۇدۇللا مەكتەپتىكى مەخسۇس كومپيۇتېرغا مۇناسۋەتلىك مەسىلىلەرگە جاۋاب بىرىدىغان ئۇچۇر ئۈستىلىدىكى(information desk) ئوقۇغۇچىلاردىن سورىسىڭىز بولىدۇ، ئۇلار بەكلا قىزغىن ياردەم بىرىدۇ. خوش، ئەمدى يۇقارقى كوماندىنى ئۆز ئەھۋالىڭىز بويىچە تۈزىتىپ بەرگەندىن كىيىن، كوماندا كۆزنىكىدە بۇيرۇقنى ئىجرا قىلسىڭىز، تۇنجى قىتىمدا سىزگە مەلۇم ئۇچۇرنى قۇبۇل قىلىش-قىلماسلىق ھەققىدە سۇئال سورايدۇ، ”yes“ لا دەپ جاۋاب بىرىسىز. ئاندىن سىزدىن پارول سورايدۇ، يەنە شۇ مەكتەپتىكى كومپيۇتېرلارنى ئىشلەتكەندىكى پارولنى ئىشلىتىسىز (بەزى مەكتەپلەردە ئايرىم بولۇشىمۇ مۇمكىن، بىلۋالغاندىن كىيىن ئۆزگەرتىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ، لىكىن چوقۇم مۇرەككەپ قىلىڭ). تەليىڭىز بولسا ئەمدى سىز ئۆيىڭىزدە تۇرۇپلا مەكتەپتىكى بوشلۇقىڭىزغا كىردىڭىز دىگەن گەپ. ئابىيامقى Matlab دېتالىنى ئەمدى ئاچالايسىز، ھەم خالىغانچە ئىشلىتەلەيسىز. لىكىن ئۆزگەرتكەن ياكى يىڭىدىن قۇرغان نەتجىلەر شۇ مەكتەپتىكى بوشلۇقىڭىزدا ساقلىنىدۇ. ”scp“ كوماندىسى ئارقلىق ئۆز كومپيۇتىرىڭىزغا خالىغان ۋاقىتتا كۆچۈرۋالالايسىز. ئىسڭىزدە بولسۇن، Matlab بۇ يەردە يەنىلا مەكتەپتىكى كومپيۇتېردا ئىجرا قىلىنۋاتقان بولىدۇ، سىز پەقەت يىراقتىن باشقۇرىسىز ۋە نەتجىسىنى كۆرەلەيسىز. تىخىمۇ ئىنىق بولسۇن ئۈچۈن تۆۋەندىكى سىن ھۆججىتىنى ئىشلەپ youtube قا چىقىرىپ قويدۇم.

ياكى تۆۋەندىكى ئادرىسلاردىن كۆرۈڭ:

http://v.youku.com/v_show/id_XNTAxMTU2NDk2.html

http://v.youku.com/v_show/id_XMzc5NzE4NTQ4.html

بىلىپ تۇرۇپتىمەن، كۆپىنچىڭلار ۋىندوۋس ئىشلىتىسىلەر. يۇقارقى ئۇسۇل ۋىندوۋس تا ئاقمايدۇ. لىكىن ۋىندوۋستىمۇ ئوخشاش ئىشنى قىلغىلى بولىدۇ، شۇنىسى سەل ئاۋارچىلىق. بۇنىڭ ئۈچۈن سىز كومپيۇتىرىڭىزغا putty بىلەن cygwin دېتالىنى قاچىلىشىڭىز كىرەك. قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن دېتاللارنى ئازىراق تەڭشەيسىز، قانداق تەڭشەش تۆۋەندىكى ھۆججەتتە رەسىملىك قىلىپ ئىنىق كۆرسىتىلگەن(ھۆججەت ئادرىسى). شۇ بويچە قىلسىڭىزلا بولىدۇ. مەن بۇنى سىناپ باققان، تەس ئەمەس. ھۆججەتنى تەرجىمە قىلىپ يۈرمىدىم، ئەگەر سۇئاللار بولسا سورىسىڭىزلا بولىدۇ. ئەگەر دېتال ئىشلەتمەيمەن، پەقەت شۇ بوشلۇقىمغا كومپيۇتېرىمدىن ھۆججەت يۆتكەيمەن ياكى مەكتەپتىكى بوشلۇقىمدىن ئۆيدىكى كومپيۇتېرىمغا ھۆججەت چۈشۈرىمەن دىسىڭىز ئاسانىراق. بۇنىڭ ئۈچۈن يۇقارقى دېتاللارنى قاچلىماستىن پەقەت winscp دىگەن دېتالنى قاچىلىسىڭىزلا بولىدۇ. كىرىش ئۇسۇلى يۇقارقىغا ئوخشىشىدۇ، پەقەت ئۇلىنىش كۆزنىكىدىكى بىرىنچى قۇرغا مەكتىپىڭىزدىكى مۇلازىمەتتېرىنىڭ ئادرىسىنى، (يۇقارقى مىسالدىكى ”login.rz.uni-ulm.de“ دەك) ئاستىدىكى قۇرغا ئابۇنت ئىسمىڭىز بىلەن پارولنى بىرىپلا كىرسىڭىز بولىدۇ، خۇددى رەسىمدىكىدەك:

 

 

 

 

 

 

 

 

 

2، مەكتەپ بوشلۇقىڭىزدا شەخسى تور بەت قۇرۇش

دىققەت قىلغان بولسىڭىز، ئابىيام بىز مەكتەپتىن بەرگەن بوشلۇقىڭىزدا شەخسى تور بەت قۇرغىلى بولىدىغىنىنى ئىيتقاندۇق، ئەمدى بۇنى قانداق قىلىش توغىرسىدا سۆزلەيمىز.
1. لىنۇكس سىستېمىدا:
مەكتەپتىكى لىنۇكس سىستېمىدىكى كومپيۇتېرغا تىزىملىتىپ كىرگەندىن كىيىن ”home“ دىگەن مۇندەرىجە ئىچىگە يىڭى بىر ھۆججەت قىسقۇچ قۇرۇسىز ھەم ئىسمنى ”public_html“ دەپ قويىسىز. ئەگەر سىز html بىلەن ئازىراق تونۇش بولسىڭىزلا ئىشلىرىڭىز ئاسان بولىدۇ. ئۆزىڭىز ئىشلىگەن تور بەت ھۆججىتىنى (html, xml…) شۇ يىڭى قۇرغان ھۆججەت قىسقۇچقا قويىسىز. قائىدە بويىچە ئانا html ھۆججىتىنىڭ ئىسمى چوقۇم ”index.html“ بولوشى كىرەك. بۇ ئىشلارنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن شۇ ھۆججەتلەرنى ئىنتېرنېتتىكى باشقىلارنىڭ كۆرەلىشى ئۈچۈن بۇ ھۆججەت قىسقۇچىنىڭ قولۇپىنى يىشىۋىتىشىڭىز كىرەك. بۇنى شۇ ھۆججەت قىسقۇچنىڭ ”properties/属性“ دىگەن يىرىدىكى ”permission“ قىسمىنى مۇۋاپىق ئۆزگەرتىسىڭىزلا بولىدۇ. يۇقارقىلارنى كومماندا قۇرىدا قىلىش بەك ئاسان، رىتى بويىچە:

1.cd .. ##بۇ كۇماندا ئارقىلىق بارلىق قوللانغچىلار بار تىزىملىككە كىرىسىز
2. chmod +x, بوشلۇقتىن كېيىن ئابۇنت-ئىسمىنى يازىسىز ## بۇ بۇيرۇق سىزگە دىتال ئىشلىتىش ھوقۇقى بىرىدۇ
3. cd ئابۇنت-ئىسمى ##ئۆزىڭىزنىڭ ”home“ مۇندەرىجىڭىزگە كىرىسىز
4.mkdir public_html ## ھۆججەت قىسقۇچنى قۇرۇسىز، يەنى public_html ئاتلىق
5.chmod 711 public_html ## قۇرغان public_html ھۆججەت قىسقۇچىدىكى ھۆججەتلەرنى باشقا قوللانغۇچىلارمۇ كۆرەلەيدىغان ھوقۇق بىرىدۇ
6. ئەمدى توربەت ھۆججەتلىرىڭىزنى بۇ public_html قىسقۇچىغا كۆچۈرۈڭ
7. ئىش تامام. ئەمدى خالىغان تور بەت كۆرگۈچنى ئىچىپ مەكتەپ تور ئادرىسىنىڭ ئارقىسىغا ”~ئابۇنت-ئىسمى“ نى قوشۇپ ”enter“ كۇنۇپكىسىنى چەكسىڭىزلا ئۆزىڭىزنىڭ تور بىتىنى كۆرەلەيسىز. مىنىڭكىدە مۇنداق:

http://www.uni-ulm.de/~bkuerban

ئالدىدىكىسى مەكتىپىمىزنىڭ تور ئادرىسى. كەينىدىكى bkuerban مىنىڭ ئابۇنت ئىسمىم.

 

يۇقارقى ئىشلارنى ئۆيىڭىزدە تۇرۇپمۇ قىلالايسىز، لىنۇكىس ئىشلەتسىڭىز باشتا چۈشەندۈرۈلگەن ”ssh -l ئابۇنت-ئىسمى@مەكتەپ-مۇلازىمەتتىر-ئادرىسى“ بويىچە تىزىملىتىپ كىرىپ يۇقارقى 5 قەدەم بويىچە كىرسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئەگەر ۋىندوۋس كومپيۇتىرىدا قىلىمەن دىسىڭىز ئۇسۇل تۆۋەندىكىچە:
1. (start–>run–>cmd  (开始->运行->cmd
2.ftp mektep-mulazimettir-adrisi(yuqarqi misaldiki ”login.rz.uni-ulm.de“)
3.cd ..
4. chmod +x abunt-ismi
5.cd abunt-ismi
6. mkdir public_html
7. chmod 711 public_html
8. tor bet höjjetlringizni boshluqingizgha köchürüng, ”put“ yaki ”mput“ buyruqni ishletsingiz bolidu. höjjetliringizni ”public_html“ munderijisige qoyung,ftp buyruqi:“put“ or ”mput“
9. ئىش پۈتتى، ئالدىنقى ئابزاسىتىكى لىنۇكىس سىستىمىدىكى ئۇسسۇلنىڭ 7-قەدىمىنى تەكرارلاڭ

 

oghuzkb

2010-يىل 1-ئاي


بۇ يازما ئۇنىۋېرسال كاتېگورىيىسىگە يوللانغان. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈشلىۋېلىڭ.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong> <img src="" alt="" class="" width="" height="">

https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_bye.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_good.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_negative.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_scratch.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wacko.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yahoo.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cool.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_heart.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_rose.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_smile.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_whistle3.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yes.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cry.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_mail.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_sad.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_unsure.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wink.gif