خىتاي دىگەننىڭ نەرى خاتا؟

خىتاي دىگەننىڭ نەرى خاتا؟

بۇنى دىمەكچى بولغىنىغا بەك ئۇزۇن بولدى، ئېسىمنى بىلگەندىن تارتىپ خىتاي سۆزىنى ئىشلىتىپ كەلدىم، ئاتا-بوۋام شۇنداق ئاتايدىكەن، مەنمۇ شۇنداق ئاتاپ كۆندۈم.

بىر كۈنلەردە تۇيۇقسىزلا بۇ گەپ بەزىلەر نەزىرىدە دىگىلى بولمايدىغان گەپكە ئايلىنىپ قالدى، سەۋەبىنى ھازىرغىچە چۈشەنمەيمەن. نەرى خاتا؟ يامان گەپمۇ؟ ئەمسە نىمىشقا روسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر ھۆكۈمەت ھەم خەلق تىلىدا خىتاي سۆزىنى ھازىرمۇ ئىشلىتىدۇ؟ ئەجىبا ئۇلار دىسە گەپ يوق، بىز شۇنداق دىسەك گەپ بارمۇ؟ ئەگەر بۇ سۆز يامان گەپ بولسا، پۇتىن بېيجىڭدا زىيارەتكە بارغاندا جۇڭگۇ دۆلەت باشلىقلىرى ئالدىدا يۈزمۇ-يۈز تۇرۇپ كىتاي (Кита́й، خىتاي سۆزىنىڭ روسچە تەلەپپۇزى) دىيەلەيدۇ؟

مۇڭغۇللارمۇ (تاشقى مۇڭغۇلىيە) خىياتاد دەيدىكەن، ھونگىرلار بولسا كىناياك، دۆلەتنى كىناي دەيدىكەن. ھازىرغا قەدەر دۇنيادىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى دۆلەت ياكى مىللەتلەر خەنزۇ سۆزى ئىشلەتمەيدۇ، بەلكى بىردەك ئومۇملاشقان چىن سۆزىنى ئىشلىتىدۇ، مۇشۇ سۆزنى سۆز يىلتىزى قىلىدۇ (كىن، ھىن، چىنى دىگەندەك)، ئىنگىلىز تىلىدا چاينىز دەپ ئوقۇيدۇ. پەقەت يىقىنقى يىللاردىلا بەكىرەك مىللەت ئايرىغان ھۆججەتلەردە خان چانيىز دەپ ئالىدىغان بولدى، لىكىن ئادەتتىكى ئەھۋالدا چاينىز سۆزى جۇڭگۇلۇق ھەم خىتاي مىللىتىنى كۆرسىتىپ كىلىۋاتىدۇ. توغرىسىنى ئىيتقاندا، دۇنيادىكى ھىچقانداق بىر مىللەت خىتايلارنى ئۇلار ئۆزلىرىنى ئاتىغاندەك خەن دەپ ئاتىمايدۇ. تارىختا نۇرغۇن ئىسىملار شۇنداق مۇقىملىشىپ قالغان بولىدۇ. ئەگەر ئۆزگەرتىشكە تىگىشلىك بولسا، ھەممە ئۆزگەرتسۇندە!!!

گېرمانلارمۇ شۇنداق ئادەتتە، ئىسپان، تۈرك، فرانسوزلار بۇلارنى ئالىمان دەپ ئاتايدۇ، ئىتالىيانلار باشقىچە (تەدەسكو دىگەندەك)، فىنلاندىيەلىكلەر باشىقچە، روسلار باشقىچە ئاتايدۇ، نىمىسلار ئۆزلىرىنى بولسا دويىچ دەپ ئاتايدۇ، ھىسابتا پەقەت نىمىس تىللىق خەلقلەرلا ئۆزلىرىنى دويىچ دەپ ئاتىغاندىن باشقا، ھىچقانداق باشقا بىر مىللەت دويىچ دەپ ئاتىمايدۇ. باشقا خەلىقلەرنىڭ بۇلارنى شۇنداق ئايرىم سۆزلەردە ئىپادىلىشىدە، پەقەت ئەينى زاماندا ئۆزلىرىگە خوشنا ياشىغان گېرمان تىللىق قەبىلىلەرنىڭ ئىسمى بويىچە ئومۇملىشىپ قالغان، ئەمدى ھازىرقى كۈندە ھەممىسى ئۆزگەرتىشى كېرەكمۇ؟ ئۆزگەرتكىنىنى كۆردۇقمۇ؟

گەپنىڭ قىسقىسى، خەلقئارادا بەزى دۆلەتلەردە ھۆكۈمەت تىلىدا ئىشلىتىلىپ كىلۋاتقان خىتاي سۆزىنى ئۇيغۇر دىسە بولمايدىغان نەرى بار؟ ئەگەر بولمايدۇ دىسە، ماڭا بىر سەۋەبىنى كۆرسىتىپ بەرسۇن! ئەگەر بەك ئۆزگەرتىمىز دىسەك خەنلەر دىسەك بولىدۇ، نىمىشقا خەنزۇ دىگۈدەكمىز، مىللەت سۆزى تىلمىزدا بار سۆزغۇ؟! ئەگەر ئۇلار بىزدىن مۇشۇنداق ئاتاشنى تەلەپ قىلسا، بىزمۇ ئۇلاردىن ”ۋېيۋۇئىر“ ئەمەس ئۇيغۇر دەپ ئۆلچەملىك دىيىشنى تەلەپ قىلساق بولىدۇ.

شۇڭا مەندىن خىتاي سۆزىنى ئىشلەتمەڭ دەپ ئېلتىماس قىلماڭ. يا تارىخ، يا قانۇندىن ئىككى تامچە بىلمەيدىغان، مىڭسى يۇيۇلغانلار، ماڭقۇرتلار، ياكى ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن جاھاننىڭ رەپتارىغا بىقىپ ياشاۋاتقان ئىككى توك-توك ئادەمنىڭ قۇرۇق ھەيۋىسىدىن، ئۇلارمۇ ئۆزلىرىمۇ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ بىرەلمەيدىغان سۆزنى ئىشلىتىشتىن قورقمايمەن.

ئاتا-بوۋام شۇنداق ئاتاپتىكەن، مەنمۇ شۇنداق ئاتايمەن، مىنىڭ پەرزەنىتلىرىممۇ (ئاللاھ خالىسا) شۇنداق ئاتايدۇ.

oghuzkb

2013-01-27

Ulm

بۇ يازما ئۇنىۋېرسال كاتېگورىيىسىگە يوللانغان. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈشلىۋېلىڭ.

خىتاي دىگەننىڭ نەرى خاتا؟ ئۈچۈن 14 ئىنكاس بار

  1. سەردار مۇنداق يازغان:

    شۇنداق، سىز دىگەندەك «خىتاي» سۆزىنىڭ ھىچقانداق خاتالىقى يوق. «خىتاي» سۆزىمۇ ھىچبىر تىلىغانلىقنى ياكى كەمسىتكەنلىكنى ئىپادىلىمەيدۇ. ئەگەر خاتا بولسا ئىشەنچىلىك سەۋەب كۆرسەتسۇن ياكى قانۇن تۇرغۇزۇپ «خىتاي» دېگەنلەرنى ئاپىرىپ سولىسۇن..مانا مۇشۇنداق ئاددى. نى نى ساقچى ئورۇنلىرىكى كىشىلەردىن تارتىپ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ھەم كۆپلىگەن كىشىلەر شۇنداق «خىتاي» دەپ ئاتايدۇ. ھېچقانداق سەلبى مەنىسىز يوق. ئۆزبېكلەر، روسلار، قىرغىز…..لار «كىتاي» دەيدۇ، مەن «خىتاي» دەيمەن. تۈركلەر «چىن» دەيدۇ…دېگەندەك…
    بەزىبىر كىشىلەر ئۆزىنىڭ گىپىدىن ئۆزى قورقۇپ شۇنداق بوپ قالغان چېغى ۋا…

    • چىچەك مۇنداق يازغان:

      تۈرۈكلەرنىڭ چىن دىيشى فىرانسوسلارنىڭ شىن ديشدىن كەلگەمكىن. شىنۋا-شنۋاز (ئەر-ئاياللىق ئايىرىلغان)ديىلدۇ، شىن چنىلار دۆلتى دىگەن مەنىدەhttp://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wink.gif

      • چىچەك مۇنداق يازغان:

        فىرانسوسلاردىن كەلدىمكى ديشىمدىكى سەۋەپ، ھارىز ياشلار مەكتەپنى مەكتەپ دىمەستىن ئىكول(école )دەمىش،مەكتەپ دىسە مەتو ئاڭلنامىش،يەنە تۇللۇق ئوتتۇرنى لىسى(lycée ) دىيشلىردىنلا شۇنداق ھىس قىپ قالدىم.
        گەپ چەتنەپ كەتتى،ئەمما پىروبلەملەر(مەسلە) ، پىرەنسەز(مەلىكە) دەپ ئاتاشلىرنى كۆرسەم ھەيران قالمەن ھاھا ،خۇددى بىز خەنچىنى سۈيئستمال قىلۋالغاندەك.

        • ئاچىنۇق مۇنداق يازغان:

          چالىقۇشى رومانىدا قىززىق يەرلەر بار، بەزەن مەمۇرىيلارنىڭ شۇنچىلىك ياۋرۇپاغا خۇمارلىقى، ”ياۋرۇپا، ياۋرۇپا“ دەپ ۋارقىئاراپ قويىدىغان. راست، ھەتتا كەچۈرۈڭ دېگەن سۆزنىمۇ پاردون دەيدىغۇ. تەرەققى قىلغانلاردىن ئۈگىنىش خاتا ئەمەس، لىكىن بۇ ئۆزىنى ئۇنتۇپ قىلىش دېگەنلىك ئەمەستە. :)

      • ئاچىنۇق مۇنداق يازغان:

        بەلكىم! يەنە بىر ئېھتىماللىقى: تۈركلەر بۇرۇنلا بىلىشى مۇمكىن، چۈنكى ئوغۇز تۈركلىرى بۇرۇن ئالتاي تاغلىرى ئەتراپىدىن كۆچكەن. يەنە بىر ئېھتىماللىق، ئەرەبلەردىن ئالغان بولۇشى مۇمكىن. مۇستاپا كامالدىن بۇرۇن تۈرك تىلى بەكىرەك ئەرەب تىلى تەسىرىگە ئۇچرىغان، چۈنكى ئوسمان ئېمپىريەسىنىڭ كۆپ قىسمىدا ئەرەبلەر ياشىغان، يەنى بۈگۈنكى سۈئىريە، مىسىر، ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ بىر قىسمى ۋە ئىراق قاتارلىقلار

  2. aral52 مۇنداق يازغان:

    مانا ماۋۇ تارىخى كىتاپتىكى يازمىچە ئىسپات..كىتاپنىڭ 108 بېتىگە قاراڭ..يەنە بىر كىتاپ پات ئارىدا چىقىدۇ.
    http://bbs.misranim.com/forum.php?mod=viewthread&tid=101028&page=1#pid1510160

  3. ھەنەفي مۇنداق يازغان:

    ھا ھا ھا ھا قىزىپ كىتىپتىغۇ بۇ سورۇن مۇنداق گەپلەرمۇ با دەيلى تىخى نىم بوپتۇ خىتاي دىسە يا تىللىغان گەپبولمىسا ئۆزلىرىدىن ئۆزلىرى خۇدۇك بوپكىتىدىكە باللا ھوي بىزنىمۇ ۋېيۋور دىمەك تىخى بالاڭزا دەيدىغۇ بىز يھش باللارنى دىسىغۇ مەيلى ئوتتۇر ياشتىن ھالقىغانلارنىمۇ شۇنداق دەيدىغۇ خىتاينى تۇنۇمىغان چاغدا خىتاي دەيمىز تۇنۇشۇپ بولغاندىن كىيىن ئىسمىنى دەيمىز خىتايلارمۇ شۇ تۇنۇمىغان چاغدا بالاڭزا دەيدۇ تۇنۇشۇپ بولغاندىن كىيىن خىتايلارمۇ بىزنىڭ ئىسمىمىزنى چاقىردۇغۇ شۇ بىىر ئاددى ئىشقۇ بۇ لىكىن مۇشۇنداق ياخشى بىلوگنى قۇرۇپ ياخشى مەزمۇنلارنى ياخشىئەسەرلەرنى يوللاۋاتقان قېرىندىشىمغا مالىملىق قىلىپ ئانداق دەڭ مانداق دەڭ دەپ] ئىش ئۈگۈتۈشمە ھە دەپ قۇياي يا گەپقىلىپ سىياسەتتىن چىقىپ كىتىپتىمۇ يە ئاچچەغىم كىلىۋاتىدۇ بولدى . ئۆزۈمنى بىسىۋالاي

  4. ئىبرايىم مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قۇربانجان ئاكا، ئەھۋالىڭىز ياخشىمۇ؟ ئوقۇش ھەم خىزمەتلىرىڭىز ئالدىراشمۇ؟ ئۈستىدىكى ئۇلىنىشتا قالدۇرۇلغان ئادىرىستىكى كىتابنى چۈشۈرۈۋالاي دىسەم تور دىسكىسى نورمال ئېچىلمايدىكەن، شۇڭا چۈشۈرگىلى بولمىدى، ئەگەر مۇمكىن بولسا بىر نۇسخا چۈشۈرۈپ ئەۋەتىپ بىرەلەسىزمۇ؟201011151957@mail.bnu.edu.cn ياكى ibrayim@mail.bnu.edu.cn مۇشۇ خەت ساندۇقىغا يوللاپ بەرسىڭىز بوپتىكەن، سىزنى ئاۋارە قىلدىم، رەھمەت. ئوقۇش ھەم خىزمەتلىرىڭىزگە ئۇتۇقلۇق، تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ھەم بەخىت تىلەپ ئىنىڭىز ئىبراھىم.

    • ئاچىنۇق مۇنداق يازغان:

      ۋائەلەيكۇم ئەسسالام ئىنىم، ياخشى تۇردىڭىزمۇ؟ مەنمۇ ياخشى ئاللاھقا شۇكرى. قايسى ئۇلىنىشنى كوزدە تۇتقىنىڭىزنى بىلەلمەي قالدىم. سىزگىمۇ ھەم ئۇتۇقلار تىلەيمەن. :)

  5. ئىبرايىم مۇنداق يازغان:

    ئۈستىدىكى aral52 قىرىندىشىمىز قالدۇرغان ئۇلىنىشتىكىنى دىگەنتىم، قىرىشىپ يۈرۈپ ئاخىرى چۈشۈرۈۋالدىمhttp://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_smile.gif

  6. چېقىلغان نۇر مۇنداق يازغان:

    خىتاي ئەسلى بىر مىللەت ئىكەن .يەنى موللا مۇسا سايرامىنىڭ تارىخى ھەمىدى ناملىق كىتابىنىڭ ئاخىرىدىكى ئىزاھاتىغا قارالسۇن.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong> <img src="" alt="" class="" width="" height="">

https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_bye.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_good.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_negative.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_scratch.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wacko.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yahoo.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cool.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_heart.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_rose.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_smile.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_whistle3.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yes.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cry.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_mail.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_sad.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_unsure.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wink.gif