ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئىتاليەدە ماگسترلىقتا ئوقۇش پۇرسىتى

ئەسكەرتىش: پەستىكى يىڭى قوشۇلغان مەزمۇنغا دىققەت قىلىڭ!

ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئىتاليەدە ماگسترلىقتا ئوقۇش پۇرسىتى

يوللىغۇچىلار:

كامىرىنو ئۇنىۋېرسىتېتى كاندىدات دوكتۇرلىرى ئوبۇلقاسىم ئىمىن، مەرزىيە مەمەت قاتارلىقلار

 

كامىرىنو ئۇنىۋېرستېتى (Università degli Studi di Camerino ) ئىتاليەدىكى تارىخى ئەڭ ئۇزۇن ئۇنىۋىرستىتلارنىڭ بىرى بولۇپ بولۇپ(http://web.unicam.it/international/welcome/index.asp) گەرچە كۆلىمى كىچىك بولسىمۇ ئەمما تەبئىي پەن تۈرلىرى بويىچە ئىتاليدە خىلى كۈچلۈك ئۇنىۋېرستېتىتلارنىڭ بىرى بولۇپ ھىسابلىندۇ. بۇ ئۇنۋېرسىتېت يىقىنقى يىللاردىن بىرى بىر قانچە ماگىسترلىق پروگراممىسىنى ئىنگلىزچە ئىلىپ بىرىۋاتقان بولۇپ ھەر يىلى بۇ پروگراممىلارغا خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىپ كىلۋاتماقتا.
مۇناسىۋەتلىك پروفىسسورلارنىڭ قىتىلىشى بىلەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئۇنۋېرسىتېتنىڭ گىئولوگىيە ۋە كومپيۇتېر كەسىپلىرىدە ماگستىر پروگراممىسىدا ئوقۇش پۇرسىتى بىرىلگەن بولۇپ بۇ چەتئەلدە ئوقۇش ئارزۇسى كۈچلۈك ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئىنتايىن ياخشى بىر پۇرسەت بولۇپ ھىساپلىندۇ.
ماگستر پروگراممىلىرىغا ئائىت قىسقىچە ئۇچۇرلار:
گىئولوگىيە كەسپىدىكى ماگستىرلىق پروگراممىسىنىڭ نامى Geo-Environmental Resources and Risks بولۇپ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پەن-تىخنىكا مەكتىپى، گىئولوگىيە فاكۇلتىتىدا ئىلىپ بىرىلدۇ. بۇ پروگرامما گىرمانىيەنىڭ مىيۇنخىن ئۇنىۋىرسىتىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىلىپ بىرىلدۇ. ئوقۇغۇچىلار ئىككى ئۇنىۋېرسىتېتتا بىر يىلدىن ئوقۇسا بولىدۇ ھەم ئىككى ئۇنىۋېرسىتېتتىن ماگسترلىق ئۈنۋانى ئالالايدۇ. ئۇندىن باشقا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئىقتىسادى ياردىمى بىلەن قىسقا مۇددەت ياۋروپادىكى باشقا ئۇنىۋېرسىتېتلاردا( چارلىز پىراگ ئۇنۋېرىسىتېتى (چىخىيە)، خېلېسېنكى ئۇنۋېرىسىتېتى (فىنلاندىيە)…) ئوقۇپ كىلىش پۇرسىتى بولىدۇ. (بۇ پروگراممىغا ئائىت ئۇچۇرلارنى تۆۋەندىكى بەتلەردىن تەپسىلى كۆرۈڭ:

http://www.unicam.it/geologia/teaching/guida_LM-GRR_eng_2012-131.pdf

كومپيۇتېر كەسپىدىكى ماگسترلىق پروگراممىسى ئۇچۇر ۋە ماتېماتېكا فاكۇلتىتىدا ئىلىپ بىرىلدىغان بولۇپ پروگرامما نامى كومپيۇتېر تېخنىكىسى (Computer Science). بۇ پروگرامما ئىسلاندىيە ۋە شۋىتسارىيەدىكى ئىككى ئۇنىۋېرسىتېت بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىلىپ بىرىلدۇ. ئوقۇغۇچىلار ئۆزىنىڭ كىيىنكى يۆنىلىشگە ئاساسەن ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئىقتىسادى ياردىمى بىلەن بۇ ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ بىرىگە بىرىپ بىر يىل تۇرسا بولىدۇ ھەم ئىككى ئۇنىۋېرسىتېتتىن ماگستىرلىق ئۈنىۋانى ئالالايدۇ. (بۇ پروگراممىغا ئائىت ئۇچۇرلارنى تۆۋەندىكى بەتلەردىن تەپسىلى كۆرۈڭ:

http://www.cs.unicam.it/home/

http://www.cs.unicam.it/images/guida%20classe%20lm18_eng.pdf)

ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن قويۇلدىغان تەلەپلەر تۆۋەندىكچە:
1. چوقۇم كەسپى دەرسلەردە نەتىجىسى ياخشى بولغان بولىشى، تىرىشچان، جاپاغا چىدايدىغان،ئوقۇش مۇددىئاسى ئىنىق ھەم گېئولوگىيە ياكى كومپيۇتېر كەسپىگە كۈچلۈك قىزىقىشى بار بولغان بولىشى كىرەك.
2. گېئولوگىيە كەسپىگە ئىلتىماس قىلغۇچىلار چوقۇم گېئولوگىيە، موھىت ئىلمى،موھىت ئىنجىنىرلىقى دىگەن كەسىپلەردە ئوقۇغان ۋەياكى گېئولوگىيە، جۇغراپىيە، مىنىرالوگىيە، پېترولوگىيە قاتارلىق دەرسلەر ئۆتۈلگەن كەسىپتە ئالي مەكتەپ دىپلومى ئالغان بولىشى كىرەك. ئۇندىن باشقا ماتېماتېكا، فىزىكا، خىمىيە(ئانئورگانىك) قاتارلىق پەنلەردىن پۇختا ئاساسى بار بولىشى كىرەك.
3. كومپيۇتېر كەسپىگە ئىلتىماس قىلغۇچىلار چوقۇم كومپيۇتېر، يۇمشاق دىتال لايھىيەلەش، ئۇچۇر تىخنىكىسى دىگەندەك كومپيۇتېر ھەم پروگرامما تۈزۈش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەردە ئوقۇغان بولىشى، پروگرامما تىللىرىدىن ئاز دىگەندە بىرىگە پۇختا بولىشى، يۇمشاق دىتال لايھىيەلەش ياكى شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلارغا قاتناشقان تەجىربىسى بولىشى كىرەك. ئۇنىدىن باشقا ماتېماتېكا، فىزىكا پەنلەردىن بەلگىلىك ئاساسى بولىشى كىرەك.
4. ئىنگلىز تىلدىن ياخشى ئاساسى بولىشى كىرەك. ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئەڭ تۆۋەن دىگەندە ئالي مەكتەپ ئىنگلىز تىلى ئىمتىھانلىرى(CET-4,6) دىن ياخشى نەتىجە ئالغان بولىشى شەرت. ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ TOEFL ياكى IELTS نەتىجىلىرنىڭ بولىشى ھازىر تەلەپ قىلىنمايدۇ، بىراق قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە كىلىپ بىر يىلغىچە چوقۇم IELTSئىمتىھان نەتىجىسىنى كورسىتىش كىرەك.
ئەگەر سىز بۇ ئوقۇشقا قوبۇل قىلىنىپ كامىرىنو ئۇنۋىرسىتىدا ئوقۇپ قالسىڭىز تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە پايدىلىق شارائىتلاردىن بەھرىمەن بولالايسىز:
1. ئىقتىسادي جەھەتتىن كامىرىنو ئۇنىۋېرسىتېتىدا ھەر يىلى نەتىجىسى ياخشى، ئىقتىسادى قىيىنچىلى بار ئوقۇغۇچىلارغا بىرىلدىغان ئوقۇش مۇكاپاتى (Borsa di Studio) بار بولۇپ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئىقتىسادى ئەھۋالىغا ئاساسەن بۇ مۇكاپاتقا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ئەگەر بۇ مۇكاپاتقا ئىرىشەلىسىڭىز بىر يىللىق (ئىككى ئايلىق يازلىق تەتىلنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) ھەقسىز ياتاق، تاماق بىلەن تەمىنلىنىدۇ. ئائىلە ئىقتىسادىدا ئالاھىدە قىيىنچىلىق بار ئوقۇغۇچىلار ھەر يىلى 1600 ياۋرو ئەتراپىدا مۇكاپات پۇلىنى ئېلىش ئىمكانىيتى بار. بۇ مۇكاپات بىلەن ھىچقانچە قىينالماي ئوقۇيالايسىز. بۇ مۇكاپاتنى ئوقۇشقا كىرگەندىن باشلاپ ئىلتىماس قىلىشقا بولىدۇ. ئۇندىن باشقا ئەلاچى ئوقۇغۇچىلار مۇكاپاتى(Grant for excellent students) دىگەن يەنە بىر مۇكاپات تۈرى بار بولۇپ يۇقارقى ئوقۇش(Borsa di Studio) مۇكاپاتىغا ئىرىشەلمىگەن، ئەمما نەتىجىسى ياخشى ئوقۇغۇچىلار بۇ مۇكاپاتتىن بەھرىمەن بولالايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە كامىرىنو كىچىك شەھەر بولۇپ تۇرمۇش خىراجىتى تۆۋەن، شۇڭا تەتىل مەزگىلدىمۇ سىزگە كۆپ ئىقتىسادى بىسىم بولمايدۇ.
2. ئىتالىيە تەرەققى قىلغان دۆلەت بولۇپ مائارىپى ئىلغار، ئوقۇتۇش سۈپىتى ھەم تەتقىقات شارائىتى ياخشى. سىز ئىككى يىللىق ماگسترلىقنى ياخشى نەتىجە بىلەن پۈتتۈرسىڭىز ھەر قانداق بىر دۆلەتتىن دوكتۇرلۇق ئوقۇش پۇرسىتى تاپالايسىز.
3. ئىتالىيەگە چىقىش باشقا دۆلەتلەرگە قارىغاندا ئاسان، ئەلچىخانىدا قويۇلدىغان تەلەپلەر يۇقىرى ئەمەس ھەم ئاساسى جەھەتتىن ۋىزا ئالالايسىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىتالىيە ياۋروپا ئىتپاقىغا ئەزا دولەت، بۇ سىزنىڭ كىيىنكى ئوقۇش ياكى تۇرمۇش پىلانلىرىڭىزغا پايدىلىق شارائىتلارنى ئىلىپ كىلىشى مومكىن.
يۇقارقى تەلەپلەرگە ئۇيغۇن كىلدىغان ھەم چەتئەلدە ئوقۇش ئارزۇسى بار، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ياكى بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ بىز بىلەن ئالاقىلشىشنى ئۈمىد قىلمىز.
ئىلتىماس قىلىشقا كىرەكلىك ماتىرىياللار:
ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئۆزىنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى(CV)، ئالي مەكتەپ نەتىجە قەغىزى (سايىلەنگەن نۇسخىسى)، ئالي مەكتەپ ئۈنۋانى(سايىلەنگەن نۇسخىسى)، ئىنگىلىزچە سەۋىيە ئىسپاتى، ھەم نىمە ئۈچۈن بۇ كەسىپتە ئوقۇماقچى بولغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ يازغان بىر پارچە ئىلتىماس خىتى (motivation letter)نى ئىنگلىزچە يىزىپ تۆۋەندىكى ئادرىسلارغا ئەۋەتسە بولىدۇ:

گېئولوگيە كەسپىگە ئىلتىماس قىلىدىغانلار : geounicam@gmail.com

كومپىيۇتېر كەسپىگە ئىلتىماس قىلىدىغانلار: compunicam@gmail.com

فىزىكا كەسپىگە ئىلتىماس قىلىدىغانلار: physicsunicam@gmail.com

ئىتالىيە ئەلچىخانىسنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ئىتالىيەگە ئوقۇشقا كىلىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئىتالىيەنىڭ بېيجىڭ ياكى شاڭخەيدىكى ئەلچىخانىسىغا بېرىپ ئالدىن تىزىملىتىشى كىرەك. بۇ يىلقى ئالدىن تىزىملىتىش ۋاقتى 2-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 3-ئاينىڭ 14-كۈنىگىچە بۇلۇپ مۇشۇ ئوقۇشقا قىزىقىدىغانلار 2-ئاينىڭ 15دىن بۇرۇن بىزگە ئىلتىماسنى يوللاپ بولىشى كىرەك.

2013-01-20

 

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،
‹ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئىتاليەدە ماگسترلىقتا ئوقۇش پۇرسىتى ›تېمىسىدىكى ئۇقتۇرۇش بىر قانچە تور بەتلەردە ئىلان قىلىنغاندىن كىيىن ھەر قايسى كەسىپلەردە ئوقۇش قىزغىنلىقى يۇقرى بۇلۋاتقان دوستلارنىڭ بەس-بەستە سۇرىغان سۇئاللىرىنى ۋە ئەۋەتكەن ماتىرىياللىرىنى تاپشۇرۇپ ئالدۇق . كۆپىنچە دوستلارنىڭ ماتىرىياللىرى تەلەپ بۇيىچە تەييارلىنىپ ئەۋەتىلگەن بولسىمۇ ، ئەمما بىر قىسىم دوستلار يەنىلا ماتىرىياللىرىنى ئۆلچەم بۇيىچە تەييارلىيالمغان ۋە ياكى تەييارلاشتا بەزى قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىغان . مۇشۇ سەۋەپلىك بىز سۇرالغان سۇئاللارنى ۋە ئەۋەتىلگەن ماتىرىياللاردىكى كۆرۈلگەن سەۋەنلىكلەرنى خۇلاسىلەپ ، دوستلارنىڭ پايدىلنىشى ئۈچۈن تۈۋەندىكى بىر قانچە نوقتىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇشنى لايىق تاپتۇق . ۋاقىپ بولغايسىلەر .
مەكتەپنىڭ ۋە ھەر قايسى كەسىپلەرنىڭ تۇنۇشتۇرلۇشى تېمىمىزدا خېلىلا تولۇق بېرىلگەن بۇلۇپ مۇناسىۋەتلىك تور بەتلەرمۇ قۇشۇپ يوللانغان . بۇ توغرىسىدا ئىلخەتكە خەت يېزىپ سۇئال سۇراشتىن بۇرۇن تېمىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئوقۇپ چىقىشىڭلارنى ۋە مۇناسىۋەتلىك تور بەتلەردىن كۆرۈپ بېقىشىڭلارنى سۇرايمىز .بۇ ئەھۋالدىمۇ يەنىلا سۇئالىڭلار بۇلۇپ قالسا جاۋاپ قايتۇرۇشقا ھەر ۋاقىت تەييارمىز .
ئىلتىماس قىلىشقا كىرەكلىك ماتىرىياللارغا كەلسەك ، بۇ ماتىرىياللار مۇناسىۋەتلىك پىراففىسسورلارغا سۇنۇپ بېرىلىدۇ . شۇڭا دوستلارنىڭ ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشىنى سۇرايمىز. ئالدى بىلەن تەلەپ قىلىنغان ماتىرىياللارنىڭ تۇلۇق بۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىڭ (كۆرۈلگەن مەسىلىلەردىن مىسال : تەرجىمھالغا توفۇدا كىنىشكەم بار دېيىلگەن ئەمما كىنىشكە سايىلنىپ ئەۋەتىلمىگەن ، ۋەھاكازالار . ).
ئالي مەكتەپ نەتىجە قەغىزى (سايىلەنگەن نۇسخىسى) : ئىنگىلىزچە نۇسخىسى بۇلىشى ۋە چۇقۇملا مەكتىپىڭىزنىڭ تامغىسى چۈشىشى كېرەك . (پىراففىسسورلارنىڭ كۆپىنچە ھاللاردا دىققەت قىلىدىغىنى مۇشۇ ، سىزنىڭ تاللىنىش-تاللىنالماسلىقىڭىزغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ . بۇنىڭ چۇقۇم ئېنگىلىزچە نۇسخىسى لازىم بۇلىشىدىكى سەۋەپمۇ مۇشۇ . )
ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئۆزىنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى(CV، ئېنگىلىزچە).
ئالى مەكتەپ ئۈنۋانى(سايىلەنگەن نۇسخىسى ، تەرجىمە قىلىش ھاجەتسىز ، كىنىشكىڭىز قانداق بولسا شۇ بۇيچە سايىلەڭ .)
ئىنگىلىزچە سەۋىيە ئىسپاتى(سايىلەنگەن نۇسخىسى ، تەرجىمە قىلىش ھاجەتسىز ، كىنىشكىڭىز قانداق بولسا شۇ بۇيچە سايىلەڭ .)
نىمە ئۈچۈن بۇ كەسىپتە ئوقۇماقچى بولغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ يازغان بىر پارچە ئىلتىماس خىتى .(motivation letter ، ئېنگىلىزچە)
ئەگەر سىزنىڭ باشقا ئىناۋەتلىك كېنىشكىللىرىڭىز بولسىمۇ سايىلەپ قۇشۇپ قۇيۇڭ، پايدىسى بۇپ قالا . (سايىلەنگەن نۇسخىسى ، تەرجىمە قىلىش ھاجەتسىز ، كىنىشكىڭىز قانداق بولسا شۇ بۇيچە سايىلەڭ .)
يۇقىرىدا ئېيتىلغان ماتىرىياللارنى ماس ھالدىكى ئىلخەت ئادرىسلىرغا ئەۋەتسىڭىز بولىدۇ .
يەنە بىر گەپ ئەلچىخانىغا بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرۇش توغرىسىدىكى گەپلەر پەقەتلا سىزنىڭ ماتىرىيللارنى دىيىلگەن مۆھلەتتە ئەۋەتىشىڭىز ئۈچۈن بېرىلگەن . مۇنداقلا پايدىلىنىپ قويسىڭىز بۇلىدۇ ، ئىچكىرلەپ نىمە گەپتۇ دەپ ئويلىنىپ ۋاقتىڭىزنى ئىسراپ قىلماڭ . ئەگەر سىز تەلەپكە لايىق بۇلۇپ ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇپ ئالسىڭىز ئاندىن بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرىدىغان گەپ . ئەلۋەتتە ۋاقتى كەلگەندە ئۇ توغرىسىدىكى ئۇچۇرلار سىزگە ئايرىم ئۇقتۇرىلىدۇ ئىنشائاللا . ھەممىڭلارغا ئۇتۇق تىلەيمىز .
تورداشلارغا :
‹ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئىتاليەدە ماگسترلىقتا ئوقۇش پۇرسىتى ›تېمىسىدىكى مەزمۇنلار تورداشلار تەرىپىدىن باشقا تورلارغىمۇ يوللىنىپتۇ ، ئەلۋەتتە بىزمۇ كۆپلىگەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ ياخشى پۇرسەتتىن خەۋەر تېپىشىنى ۋە قولدىن بەرمەسلىكىنى ئۈمۈد قىلىمىز ، شۇڭا تورداشلارغا سەمىمىي رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز .Unicam team
بۇ يازما ئۇچۇر-خەۋەر, تەۋسىيەلىك ئەسەرلەر, چەتئەلدە ئوقۇش كاتېگورىيىسىگە يوللانغان. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈشلىۋېلىڭ.

ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئىتاليەدە ماگسترلىقتا ئوقۇش پۇرسىتى ئۈچۈن 21 ئىنكاس بار

  1. بىلگار مۇنداق يازغان:

    بۇ خۇش خەۋەرنى رۇخسىتىڭىزنى ئالمايلا بەكتۇردا ئېلان قىلىۋەتتىم .

  2. قىسمەت مۇنداق يازغان:

    ياخشى پۇرسەت .
    تەۋەككۈل قىلاي ، ئىنشائاللاھ.

  3. قەيسەر مۇنداق يازغان:

    دىپلۇم ۋە نەتىجە قەغىزىنى ئېنگلىزتىلىغا تەرجىمە قىلىش كېرەكمۇ ؟

  4. قەيسەر مۇنداق يازغان:

    رەخمەت ! مۇمكىن بولسا ئېلخەت ئارقىلىق ئايرىم ئالاقىلاشساق بولارمۇ ؟بەزىدە جىددى ئالاقىلشىدىغان ۋاقىتتا ئىنكاس شەكىلدە خەت قالدۇرسام سەل ۋاقىت كەتكۈدەك .مۇمكىن بولسا ئېلخەتتە خەت يازغان بولسىڭىز. مەن ھەممە نەرسىنى تەييار قىلدىم ئەمدى شۇ بۇگۈن قوشۇلغان يېڭى رەڭلىك تەلەپكە ئاساسەن پەنلەرنىڭ چۈشەندۇرلىشىنى قىلۋاتىمەن . ( بۇنى ئىنكاس شەكىلدە ئاشكارلىمىسىڭىز ) رەھمەت !

  5. قەيسەر مۇنداق يازغان:

    ئەۋەتىۋەتتىم سىلەرنىڭ ئادېرىسقا . نەتىجە قەغىزىمدە 50 پەننىڭ نەتىجىسى بار . مەن ھەممىنى ئېنگلىزچە چۈشەندۈرەمدىم ؟ چۈشەندۈرۈشتە مەسلە يوق . نوقتىلىق چۈشەندۈردىغان پەن بارمىكىن دەيمەن .

    • ئاچىنۇق مۇنداق يازغان:

      سۇئاللار بولسا يازمىدا بىرىلگەن ئېلخەت ئادرىسلارغا خەت يىزىپلا سوراڭلار، ھەممە رەسىميەتنى شۇلار بىلىدۇ. شەخسەن مەن گېرمانىيەدە تۇرىمەن، بۇ پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى يازما ئاپتورلىرى بىلىدۇ. سىزگە ئۇتۇق تېلەيمەن!

  6. غايە مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
    بۇ خوش خەۋەرنى ئاڭلاپ،مەنمۇ ئىلتىماس قىلىش تەييارلىقىنى باشلىۋەتتىم.مىنىڭچە كۆپچىلىكنىڭ قانداق سۇئالى بولسا ئىنكاس شەكلىدە سورىسا ۋە جاۋاپ يوللىسا،بۇ باشقا ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئۈچۈنمۇ ياخشى بولىدۇ.

  7. Uyunicam Team مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،
    ‹ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئىتاليەدە ماگسترلىقتا ئوقۇش پۇرسىتى ›تېمىسىدىكى ئۇقتۇرۇش بىر قانچە تور بەتلەردە ئىلان قىلىنغاندىن كىيىن ھەر قايسى كەسىپلەردە ئوقۇش قىزغىنلىقى يۇقرى بۇلۋاتقان دوستلارنىڭ بەس-بەستە سۇرىغان سۇئاللىرىنى ۋە ئەۋەتكەن ماتىرىياللىرىنى تاپشۇرۇپ ئالدۇق . كۆپىنچە دوستلارنىڭ ماتىرىياللىرى تەلەپ بۇيىچە تەييارلىنىپ ئەۋەتىلگەن بولسىمۇ ، ئەمما بىر قىسىم دوستلار يەنىلا ماتىرىياللىرىنى ئۆلچەم بۇيىچە تەييارلىيالمغان ۋە ياكى تەييارلاشتا بەزى قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىغان . مۇشۇ سەۋەپلىك بىز سۇرالغان سۇئاللارنى ۋە ئەۋەتىلگەن ماتىرىياللاردىكى كۆرۈلگەن سەۋەنلىكلەرنى خۇلاسىلەپ ، دوستلارنىڭ پايدىلنىشى ئۈچۈن تۈۋەندىكى بىر قانچە نوقتىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇشنى لايىق تاپتۇق . ۋاقىپ بولغايسىلەر .
    مەكتەپنىڭ ۋە ھەر قايسى كەسىپلەرنىڭ تۇنۇشتۇرلۇشى تېمىمىزدا خېلىلا تولۇق بېرىلگەن بۇلۇپ مۇناسىۋەتلىك تور بەتلەرمۇ قۇشۇپ يوللانغان . بۇ توغرىسىدا ئىلخەتكە خەت يېزىپ سۇئال سۇراشتىن بۇرۇن تېمىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئوقۇپ چىقىشىڭلارنى ۋە مۇناسىۋەتلىك تور بەتلەردىن كۆرۈپ بېقىشىڭلارنى سۇرايمىز .بۇ ئەھۋالدىمۇ يەنىلا سۇئالىڭلار بۇلۇپ قالسا جاۋاپ قايتۇرۇشقا ھەر ۋاقىت تەييارمىز .
    ئىلتىماس قىلىشقا كىرەكلىك ماتىرىياللارغا كەلسەك ، بۇ ماتىرىياللار مۇناسىۋەتلىك پىراففىسسورلارغا سۇنۇپ بېرىلىدۇ . شۇڭا دوستلارنىڭ ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشىنى سۇرايمىز. ئالدى بىلەن تەلەپ قىلىنغان ماتىرىياللارنىڭ تۇلۇق بۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىڭ (كۆرۈلگەن مەسىلىلەردىن مىسال : تەرجىمھالغا توفۇدا كىنىشكەم بار دېيىلگەن ئەمما كىنىشكە سايىلنىپ ئەۋەتىلمىگەن ، ۋەھاكازالار . ).
    ئالي مەكتەپ نەتىجە قەغىزى (سايىلەنگەن نۇسخىسى) : ئىنگىلىزچە نۇسخىسى بۇلىشى ۋە چۇقۇملا مەكتىپىڭىزنىڭ تامغىسى چۈشىشى كېرەك . (پىراففىسسورلارنىڭ كۆپىنچە ھاللاردا دىققەت قىلىدىغىنى مۇشۇ ، سىزنىڭ تاللىنىش-تاللىنالماسلىقىڭىزغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ . بۇنىڭ چۇقۇم ئېنگىلىزچە نۇسخىسى لازىم بۇلىشىدىكى سەۋەپمۇ مۇشۇ . )
    ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئۆزىنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى(CV، ئېنگىلىزچە).
    ئالى مەكتەپ ئۈنۋانى(سايىلەنگەن نۇسخىسى ، تەرجىمە قىلىش ھاجەتسىز ، كىنىشكىڭىز قانداق بولسا شۇ بۇيچە سايىلەڭ .)
    ئىنگىلىزچە سەۋىيە ئىسپاتى(سايىلەنگەن نۇسخىسى ، تەرجىمە قىلىش ھاجەتسىز ، كىنىشكىڭىز قانداق بولسا شۇ بۇيچە سايىلەڭ .)
    نىمە ئۈچۈن بۇ كەسىپتە ئوقۇماقچى بولغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ يازغان بىر پارچە ئىلتىماس خىتى .(motivation letter ، ئېنگىلىزچە)
    ئەگەر سىزنىڭ باشقا ئىناۋەتلىك كېنىشكىللىرىڭىز بولسىمۇ سايىلەپ قۇشۇپ قۇيۇڭ، پايدىسى بۇپ قالا . (سايىلەنگەن نۇسخىسى ، تەرجىمە قىلىش ھاجەتسىز ، كىنىشكىڭىز قانداق بولسا شۇ بۇيچە سايىلەڭ .)
    يۇقىرىدا ئېيتىلغان ماتىرىياللارنى ماس ھالدىكى ئىلخەت ئادرىسلىرغا ئەۋەتسىڭىز بولىدۇ .
    يەنە بىر گەپ ئەلچىخانىغا بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرۇش توغرىسىدىكى گەپلەر پەقەتلا سىزنىڭ ماتىرىيللارنى دىيىلگەن مۆھلەتتە ئەۋەتىشىڭىز ئۈچۈن بېرىلگەن . مۇنداقلا پايدىلىنىپ قويسىڭىز بۇلىدۇ ، ئىچكىرلەپ نىمە گەپتۇ دەپ ئويلىنىپ ۋاقتىڭىزنى ئىسراپ قىلماڭ . ئەگەر سىز تەلەپكە لايىق بۇلۇپ ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇپ ئالسىڭىز ئاندىن بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرىدىغان گەپ . ئەلۋەتتە ۋاقتى كەلگەندە ئۇ توغرىسىدىكى ئۇچۇرلار سىزگە ئايرىم ئۇقتۇرىلىدۇ ئىنشائاللا . ھەممىڭلارغا ئۇتۇق تىلەيمىز .
    تورداشلارغا :
    ‹ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئىتاليەدە ماگسترلىقتا ئوقۇش پۇرسىتى ›تېمىسىدىكى مەزمۇنلار تورداشلار تەرىپىدىن باشقا تورلارغىمۇ يوللىنىپتۇ ، ئەلۋەتتە بىزمۇ كۆپلىگەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ ياخشى پۇرسەتتىن خەۋەر تېپىشىنى ۋە قولدىن بەرمەسلىكىنى ئۈمۈد قىلىمىز ، شۇڭا تورداشلارغا سەمىمىي رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز . مۇمكىن بولسا باشقا تور بەتتىكى بۇ تېمىنىڭ ئايىغىغا يۇقىرىدا دېيىلگەن تۇلۇقلىما گەپلەرنى چاپلاپ قۇيۇشىڭلارنى سۇرايمىز . ھەممىڭلارغا رەھمەت .

  8. غايە مۇنداق يازغان:

    پاسپورت بولمىسىمۇ بولامدۇ؟

    • ئاچىنۇق مۇنداق يازغان:

      بۇ سەل تەس ئىش، يازمىدىكى ئادرىسقا خەت يىزىپ سوراپ بىقىڭ. پاسپورت ھەل بولغىچە ۋاقىت ئۆتۈپ كىتىدۇ كۆپىنچە ھاللاردا

  9. چايكا مۇنداق يازغان:

    ئۆزىنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى(CV، ئېنگىلىزچە)دىن بىرەر نۇسخا يوللاپ قويساڭلار بوپتىكەن ، ئەگەر مەندەك يېزىپ باقمىغانلاغا پايدىسى تىگىپ قالار، رەھمەت !!!

  10. چايكا مۇنداق يازغان:

    نىمە ئۈچۈن بۇ كەسىپتە ئوقۇماقچى بولغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ يازغان بىر پارچە ئىلتىماس خىتى .(motivation letter ، ئېنگىلىزچە) دىنمۇ بىرەر پارچە يوللاپ قويساڭلار، كۆپىنچىمىز مۇنداق خەتلەرنى يېزىپ باقمىغان ، ئەگەر سىلەر يازغان ياكى سىلەر پايدىلانغان ماتىرياللار بولسا بىزنىڭ (motivation letter)نى ياخشى ھەم باشقىلارغا يارىغۇدەك يېزىشىمىزغا چوڭ پايدىسى بولغان بولاتتى، رەھمەت سىلەرگە!!!

  11. چايكا مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم!! سەل-پەل مەتۇ سۇئالىمدىن بىرسى بار ئېدى سىلەردىن سوراپ باقسام ، (سايىلەنگەن نۇسخىسى) دېگەن نېمە دېگەن گەپ، http://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_unsure.gifhttp://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_unsure.gifhttp://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_unsure.gif

    • ئاچىنۇق مۇنداق يازغان:

      ۋائەلەكۇم ئەسسالام!

      سايىلەنگەن نۇسخا دىگەن ئەسلى نۇسخىدىكى ھۆججەتنىڭ ئېلېكترونلاشقان نۇسخىسىنى كۆرسىتىدۇ، خىتايچە بۇنى 扫描, ئىنگىلىزچە scan دەيمىز.

      Motivation letter (personal statement), CV (resume) نىڭ شەكىللىرىنى بەيدۇ ياكى گۇگىلدىن ئىزدىسىڭىزلا بىرمۇنچە چىقىدۇ، تۆۋەندە دوكتۇر ئەركىن سىدىق ئەپەندى قۇرغان مەرىپەت تورىدىن ئۇلىنىش بەردىم، ياخشىسى يەنە ئاز ئىزدىنىپ ئاندىن يىزىڭ، ھەر خىل شەكىللىرى بار. ئەڭ مۇھىمى، مەقسىدىڭىز ئىنىق، ئۆز كەسپىڭىزگە پىششىق، كەلگۈسى پىلانىڭىز ئىنىق بولغىنى بەك مۇھىم، شۇنى گەۋدىلەندۈرۈشكە تىرىشىڭ. قىسقىچە تەرجىمھالنى يازغاندا، ئىنىق، يىغىنچاق، مۇھىم نۇقتىلارنى ئىنىق قىلىشقا تىرىشىڭ.
      http://meripet.com/Main/Sample_Resume.htm
      http://meripet.com/Main/PersonState.htm

  12. گۈلسۈم مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم مۇئەللىم قانداق ئەھۋالىڭىز؟تىنىڭىز سالامەتمۇ؟مەن سىزنىڭ قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتىنىڭ كومپىيوتىر فاكولتىتىدىكى ئوقۇغۇچىڭىز گۈلسۈم بولىمەن.سىز شۇ قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتىدا بىر يىل خىزمەت قىلىپلا ئىتالىيەگە ئوقۇشقا چىقىپ كەتكەن ئوبۇلقاسىم مۇئەللىم بولامسىز؟2007-يىلى سىز بىزگە(普通物理)دەرىسىنى بىر مەۋسۇم ئۆتكەن .شۇ ۋاقىتتا سىز مىنىڭ چەتئەلدە ئوقۇش ئىستىكىكىمنى تۇرغۇزغانتىڭىز.مەن 2010-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ باشقا خىزمەت قىلماي ئوقۇش تەييارلىقىنى قىلدىم .ئاللاھقا شۈكرى بۇ يىل پاسپورتىمنى بىجىرەلىدىم .تور ئارىلاۋىتىپ تۇيۇقسىز سىزنىڭ ئىسمىڭىزنى ئۇچرىتىپ قېلىپ بەك خوش بولدۇم .مۇئەللىم ، مەن ماتىرىيالىمنى ھازىرئەۋەتسەسممۇ ئۈلگۈرەلەمدىم؟ ئىمكانىيەت ير بەرسە تىزراق جاۋابىنى بەرسىڭىز.رەھمەت ……..

    • ئاچىنۇق مۇنداق يازغان:

      ۋائەلەكۇم ئەسسالام سىڭلىم!
      مەن شۇ مۇ’ئەللىمىڭىزنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى بىرگە ئوقۇغان ساۋاقدىشى بولىمەن. ئىنكاسىڭىزنى ئوبۇلقاسىمغا يەتكۈزۈپ قوياي. سىزگە ئۇتۇق تېلەيمەن!

      سالاملار بىلەن
      ئاچىنۇق

  13. رامىلە مۇنداق يازغان:

    ئەسسالام-ئەلەيكۇم ،مەن قانۇن كەسپىدە ئۇقۇيمەن ،كىلەر يىلى ئۇقۇش پۈتتۈرەتتىم ،چەتئەلدە ماگىستىر ئاسپىرىرانىتلىقتاھەقسىز ئۇقۇيدىغان ئۇچۇرلارغا ئۇزاقتىن بىرى دىققەت قىلىپ كەلسەم ھەممىسى تەبىئى پەن كەسىپلىرىكەن ،شۇنىڭ بىلەن سەل ئۈمۈدسىزلىنىپ قالدىم ،ئەجىبا ئىجدىمائىي پەن كەسىپلرنىڭ ھەقسىز ئۇقۇش تۈرلىرى يوقمىدۇ ياكى ئىلتىماس قىلىش تەسمىدۇ ؟ بىر مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز …؟

    • ئاچىنۇق مۇنداق يازغان:

      ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!

      ئىجتىمائىي پەندە ئوقۇش ھەقىقەتەن تەسرەك. چۈنكى بۇ خىل كەسىپلەر تىلغا بەكرەك تايىنىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن ئوقۇش ياردەم پۇللىرى ئازراق بولىدۇ. لېكىن بۇ مۇمكىن ئەمەس دېگەنلىك ئەمەس. سىز بولسا كۆپرەك ئۇچۇر ئىگەللەڭ. شەخسەن تۈركىيەنى ۋە ياۋروپادىكى ئوقۇش بەدەل پۇلى ئالمايدىغان دۆلەتلەرنى تەۋسىيە قىلىمەن. مىسالەن گېرمانىيىدە بەدەل پۇلى ئالمايدۇ، تۇرمۇش پۇلىڭىزنى ئۆزىڭىز كۆتۈرىسىز. لېكىن بۇنداق قانۇن كەسپىدە ئىجتىمائىي كەسىپلەرنى ئاساسەن نېمىس تىلىدا ئۆتىدۇ، تىل ئۆگىنىمەن دەپ خىلى ۋاقىت ئىسراپ بولىدۇ. ئەڭ ياخشىسى، ھەم بەدەل پۇلى تۆلىمەيدىغان، ھەم دەرىس ئىنگىلىز تىلىدا ئۆتۈلىدىغان پروگرامما تېپىش. ئىشەنچىڭىز بولسا، ئامېرىكا كانادا دېگەندەك دۆلەتلەردە ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئىلتىماس قىلىڭ، بۇنىڭ ئۈچۈن GRE, TOEFL نەتىجىلەر لازىم بولىدۇ.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong> <img src="" alt="" class="" width="" height="">

https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_bye.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_good.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_negative.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_scratch.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wacko.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yahoo.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cool.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_heart.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_rose.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_smile.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_whistle3.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yes.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cry.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_mail.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_sad.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_unsure.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wink.gif