quotes from myself/ خاتېرەمدىن ئۈزۈندىلەر

 .(in English) World should stay as colorful as it is, any kind of forceful assimilation is inhuman, and only demise human wisdom!!!

## Its a part of conversation with a friend in Facebook, we were talking about our endangered culture. Really pissed by the facts, what happening in my motherland. fighting against assimilation, protecting our colorful and unique culture is not merely nationalism as some people say. If you do it in a right way, it is indeed a humanitarian act! Because diversity inspires human thoughts.

2.شۇنداق بىلىملىك بولغىنكى تەبىئەت ساڭا نىمە ئۈچۈن دەپ سۇئال قويالمايدىغان بولسۇن.

##تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ بىرىنچى يىللىقىدا، كىچىسى ئۆيگە ئات ھارۋىدىدا پاخال توشىۋاتقاندا خاتىرەمگە يازغان ئىدىم. كىچە يۇلتۇزى ساناقسىز، جىمجىت، غايىلەر كەلگۈسىگە چەكسىز تەلپۈنەتتە شۇ چاغلاردا. ھازىر بىلدىمكى، تەبىئەتنىڭ مەزمۇنى ھەقىقەتەن چەكسىزلىك بىلەن ئىبارىلىنىدىكەن…

 

 

3. بۆرە، توغراق، خانتەڭرى—ماڭا مۇشۇلارلا يىتىپ ئاشىدۇ.

## گىرمانيەگە كىلىپ ھىس قىلغان. بىر ئادەم ئۈچۈن مەلۇم روھى تېرەكلەر لازىم بولىدىكەن، بولوپمۇ يالغۇزلۇق، جاپالىق مۇھىتلاردا قالغاندا بەل قويىۋەتمەسلىك ئۈچۈن ئۆز روھىيىتىڭىزدىن مەلۇم كۈچ ئىزدەيدىكەنسىز. بۆرە مىللىتىمىزنىڭ قەدىمى تۇتىمى، ئۇنىڭ تۇتىم بولوشىنىڭ ھەم سەۋەبى بار. بۆرە ناھايتى ئەقىللىق ھايۋان، بىر مىسال: دەريادىن ئۆتۈشكە توغرا كەلگەن ئانا بۆرە ئۆز كۈچۈكلىرىنى ئامان ئىسەن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئۆلگەن كالا(ياكى باشقا ھايۋان؟)نىڭ دوۋسىقىنى ئەكىلىپ ئاغزى ئوچۇق قىسمنى ئۆزى چىشلەپ سۇ كىرگۈزمەستىن، قالغان قىسمنى كۈچۈكلىرىگە چىشلىتىپ بىرلا قىتىمدا ئۆتۈپ كەتكەن ئىشلار بولغانكەن.بۆرە يەنە ناھايتى ئىنتىزامچان، ئوۋ قىلغاندا توپ قىلىدۇ، ھەممە ۋەزىپىنى بۆلىشىۋىلىپ ئىستىراتىگىيەلىك ئوۋلايدۇ، ئەگەر يول باشچى بۆرە ھاڭدىن سەكرىسە، باشقا بۆرىلەرمۇ ئەگىشىپ سەكرەيدۇ. بۆرە يەنە كۆندۈرمەك ئەڭ تەس ياۋايى ھايۋان، بۇنى چارۋىچىلار بەك بىلىدۇ. بۆرە ئوۋ قىلغاندا باشقا گۆشخۇر ھايۋانلارغا قارىغاندا ئەڭ ۋاز كەچمەيدىغىنى، بىر نەرسىگە ئىرىشمىگىچە بولدى قىلمايدۇ. قەھىرمانلىقنى ئۇلۇغلىغان ئاتا-بوۋىلىرىمىز بەلكى بۆرىنىڭ مۇشۇ خۇسيەتلىرىگە كۆرە ئۇنى ئۇلۇغلاپ تۇتىم قىلغان بولوشى مۇمكىن. دىمەك بىر ئۇيغۇر پەرزەنتى بولوش سۈپىتىم بىلەن مەندىمۇ شۇنداق روھ بولوشى كىرەك. بولوپمۇ پۇتبول ئوينىغاندا؛-)

##توغراق— بۇ ھەقىقەتەن ئالاھىدە بىر دەرەخ، زادى قانچىلىك ئۇزۇن ياشايدىغانلىقى ئىنىق ئەمەس، كىشىلەرنىڭ دىيىشىچە ئاز دىگەندىمۇ مىڭ يىل ياشارمىش. سۇ بولماسلىق سەۋەبلىك قارىماققا قۇرۇپ كەتكەندەك بىر تۈپ توغراق سۇ كەلگەن ھامان يەنە يىڭىۋاشتىن كۆكلەيدىكەن. تەكلىماكاندىكى ئىنتايىن قۇرغاق، تىمپىراتۇرا ئۆزىگىرىش ناھايتى چوڭ بولىدىغان، شۇنداق ناچار مۇھىتتا ياشايدىغان بۇ ھاياتلىققا ئەڭ ماس كىلىدىغان سۆز—چىداملىق، ھەر قانچە قۇم بوران كەلسىمۇ ئىگىلمەستىن تۇرىدىغان مەغرۇر جىسمى. شۇ زىمىدا ياشىغان ئىكەنمىز، بىزدىمۇ خۇددى توغراققا ئوخشاش چىداملىق بولوشىمىز كىرەك. شۇڭا دەيمەن خەقلەرگە: ”ئۇنتۇپ قالماڭلار، توغراق بىزنىڭ سىمۋولىمىز“ دەپ.

##خانتەڭرى— بۇ چوققىنىڭ تۆۋەندىكى رەسمىنى كۆرسىڭىزلا، بوۋىلىرىمىزنىڭ نىمىشقا بۇ چوققىنى شۇنداق ئاتىغانلىقىنى ئەجەبلەنمەيسىز. رەسىمنى كۆرگەندىن كىيىن ئابدۇرىھىم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ”مەن ئاق بايراق ئەمەس“ دىگەن شىئىرىنى ئوقۇڭ، ھەممە مەزمۇن شۇ يەردىن چىقىدۇ. ئۇ شانلىق تارىخنىڭ سىمۋولى ھەم شاھىدى، دەل شۇ چوققىنىڭ ئالدىدىكى تېكەس جىلغىسىدا كۆك تۈركلەرنىڭ خانى ئىستەمى قاغان ئوردا تىكىپ پايتەخىت قىلغان. ئۇ چوققا سىزگە بىر خىل ئىگىلمەس روھ، ئىلاھى گۈزەللىك بىلەن بىرلەشكەن قەھىرماننىڭ سىماسىنى بىرىدۇ. ئۇنىڭ ئاشۇ پىچاق بىسىدەك ئۆتكۈر قىرلىرى ھەم ئۆلمەس شائىرىمىزغا ئىلھام بولغان بولوشى مۇمكىن. تەبئى، ئۇنىڭدىكى ئۆتكۈرلۈك، ئۇنىڭدىكى مەغرۇرلۇق بىزدىمۇ بولوشى كىرەك! شۇ جايدا توغۇلۇق چوڭ بولغان ماڭا ئوخشاش بىر ئۇيغۇر پەرزەنتى ئۈچۈن ئۇ ھەم ۋەتەننىڭ سىمۋولى.

 

بۇ يازما ئىنگلىزچە / English, ئۇنىۋېرسال, چەتئەلدە ئوقۇش كاتېگورىيىسىگە يوللانغان. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈشلىۋېلىڭ.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong> <img src="" alt="" class="" width="" height="">

https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_bye.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_good.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_negative.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_scratch.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wacko.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yahoo.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cool.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_heart.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_rose.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_smile.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_whistle3.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_yes.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_cry.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_mail.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_sad.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_unsure.gif 
https://achinuq.org/wp-content/plugins/wp-monalisa/icons/wpml_wink.gif